SULTANSTAN يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 09:26 PM
سىزگە رەھمەت ، تەلىم بىرىشكە كۆپ ئاجىزمەن . لىكىن سىزگ ...
سىز بىلمەيدىغان جىياڭ جىيېشى (4-قىسىم)
شۇكۈنى كەچتە جىيەڭ جىيېشى كۈنختىگە مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى يازدى: بۇ – ئەنگىليە جاھانگىرلىرىنىڭ ئەپتى بەشرىسىنىڭ چوڭ ئاشكارىلىنىشى!. چىرچىل دىگەن بۇ ئەبلەخ ، نۇمۇسسىز ، لۇكىچەك!.
1943- يىلىدىكى قاھىرە يىغىنىغا چىرچىلمۇ قاتناشتى.
ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىياڭ جىيېشى ۋە سۇڭ مېيلىڭ بىلەن كۇرۇشكىلى باردى ، كوپچىلىك ، چىرچىلنىڭ كوڭلىدە پوشايمان بولسا كېرەك ، شۇڭا ، سوڭ مېيلىڭدىن سورىدى – جىياڭ جىيېشى ئىنگىلىزچە بىلمەيتتى – سوڭ مىيلىڭدىن سورىدى: سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەن چىرچىل ناھايىتى ئەسكى ئادەممۇ ئەمەس؟ .
چىرچىل سەن دىگۇچە مەن دەۋالاي دىگەندەك سوڭ مېيلىڭدىن : سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەن چېرچىل ناھايىتى ئەسكى ئادەممۇ –ئەمەسمۇ ؟ دەپ سورىدى.
مەن بۇنى سوڭ مېيلىڭغا قىيىن سوئال چىقارغانلىق دەپ قارايمەن . سوڭ مېيلىڭمۇ جىياڭ جىيېشىغا ئوخشاش چىرچىلنى ياخشى كورمەيتتى ، بىراق ، بۇ دىپلۇماتىيە سۇرۇنى بولغاچقا ، سوڭ مېيلىڭ ھەرقانچە بولسىمۇ ، توغرا ! ، سىز ئەسكى ئادەم -دەپ جاۋاپ بىرەلمەيدۇدە ! . بۇنداقتا بولمايدۇدە ! ، سوڭ مېيلىڭ باشقىچە گەپ قىلىپ ، خاتا ، چىچىل ئەپەندىم سىز ياخشى ئادەم دىسىمۇ بولمايدۇ دە!
شۇڭا سوڭ مېيلىڭ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن جاۋاپ بىرىپ: ئوزلىرى قانداق قارايلا؟-دەپ چىرچىلنىڭ ئۇزىگە جاۋاپ بىرىشكە قايتۇرۇپ بەردى.
مەن شۇڭا بۇ مەسلىنى مىسالغا ئېلىش ئارقىلىق دەيمەن : جىياڭ جىيېشىنىڭ ئەنگىليە كۇنا جاھانگىربولغاچقا ، ئەنگىليەگە نىسبەتەن تۇنۇشىنى نىسبەتەن ئۇچۇق دىيىشكە بۇلىدۇ.
ئەمدى ئامىرىكا توغرىسىدا ، جىياڭ جىيېشىنىڭ ئامىرىكىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىمىز.
جىياڭ جىېشى بىلەن ئامىرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى سوزلەشتە سېدىۋېن توغرىسىدا سوزلەشكە توغرا كىلىدۇ.
ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىتتىپاقداشلار جۇڭگۇ ئۇرۇش رايۇنى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۇرۇش رايۇنىنى قۇرغان ،جۇڭگۇ ئۇرۇش رايۇنىنىڭ دائىرىسى جۇڭگۇ ۋە بىرما ، تايلاند قاتارلىق شەرقى جەنۇبى ئاسيا رايۇنى بولغان . روزۋېلىت جىياڭ جىيېشىنى جۇڭگۇ ئۇرۇش رايۇنىنىڭ قۇماندانى قىلىپ ، جىياڭ جىيېشىغا سىتىۋېننى سەنمۇجاڭلىققا سەپلەپ بەرگەن.
شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى ئىككى ئادەمنىڭ ھەمكارلىقى ناھايىتى ياخشى بولمىغان. كىيىن جىياڭ جىيېشىنىڭ ناھايىتى ئاچچىغى كىلىپ سىتىۋىننى ئامىرىكىغا قوغلىۋەتمەك بولغان، ئۇنى سەنمۇجاڭ بولغىلى قويماسلىقنى ئويلىغان. بۇ جەرىيان بىر قەدەر ئەگىرى تۇقاي.
Dawami bar