kudiratjan يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 01:01 PM
سەۋىت ئىتپاقى زامانىسدا ئوكرائىنا سەۋىت ئىتپاقىنىڭ بى ...
.
قىرىمنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى تاتارلاردۇر .تاتارلارنى بىلىدىغانسىلەر ؟ئۇلار تۈركى مىللەت .
بىر پارچە زىمىندا مىڭ يىل ئولتۇرۇپمۇ بۇ يەر مىنىڭ دىگىلى بولمىسا كۈلكىلىك بولمامدۇ؟
تاتارلار بىز بىلەن قان -قېرىنداش ! ئۇلار تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئاۋال جەدىتچىلىك نى يولغا قويغان (غەرىپچە مائارىپنى ئەڭ بۇرۇن يولغا قويغان) مىللەت، شۇنداقلا تۇرك دۇنياسىدا غەرپچە مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىسلام مائارىپى بىلەن غەرپچە مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە، ئەڭ بۇرۇن ھەركەت قىلغان مىللەت.
بىزگە ،يەنى ئۇيغۇرلارغا غەرپچە مائارىپنى ئەكىرگەنلەر شۇلار .بۇنى بىلمەكچى بولساڭلار شىنجاڭ مائارىپ تارىخىنى كۆرسەڭلار بۇلۇدۇ.
(تارىختىكى ئاستىراخان خانلىقى ،قازان خانلىقى، قىرىم خانلىقى تاتارلار قۇرغان خانلىقلاردۇر.(ھېچ بولمىسا ئاساسلىق رول تۇتقۇچىلار تاتارلاردۇر)
سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندا قىرىم ئوكرائىنانىڭ قولىدا قالدى .ئورنى ئىتايىن مۇھىم بولغان بۇ بىر پارچە زىمىن بۈگۈنكى كۈندە روسلارنىڭ كۆزىنى قىزارتتى.چۈنكى قىرىمغا ئىگە بولغانلىق قارا دېڭىزغا ئىگە بولغانلىق ،بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە روسلارنىڭ قارا نىيەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەركەت بوشلىغى كەڭەيدى دىگەن گەپ ،بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خەلقارا ئىشلاردا ئورنىڭ ئۆستى دىگەن سۆز،بۇ يەنە خەلقارادىكى سىياسى سودىلاردا قولۇڭدا چوڭ بىر كوزىر بار بولدى دىگەن سۆز.دوسلار ئويلاپ بېقىڭلار بۇ يەرنى تارتىۋېلىش ئەرزىمدىكەن ؟ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ. ئۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولمىش تاتارلار بولسا بۈگۈنكى كۈندە ئاز سانلىق سانىلىدۇ ،شۇڭا ئۇلار لىۋىنى چىشلىمەكتىن باشقا ئامالى يوق.
ئەگەر روسلارنىڭ قولىدىن مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن مىللەتلەر دىققەت قىلمىسا ،روسلار قولىدىن چىقىپ كېتىپ باشقا بىرەر جۇمھۇرىيەتكە تەۋە بۇلۇپ كەتكەن بىرەر پارچە زىمىننى مۇھىم دەپ قارىسا ،ئەنە ئاشۇنداق تارتىۋالىدۇ . كۆرىۋاتىمىز روسلارنىڭ كۈچى بارا - بارا ئەسلىگە كىلىۋاتىدۇ .چۈنكى يېڭى مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن بارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە نۇپۇسنىڭ مەلۇم سانىنى روسلار تەشكىل قىلىدۇ.ئۇلارمۇ نامايىش قىلىش،ۋە كۈچ كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىپ بىز روسىيەگە قوشىلىمىز دىسە، خۇددى ھازىرقىدەك كىم نىمە دىيەلەيدۇ .ھەتتە بىزدەك ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ مۇنبەردە ئىنكاس يېزىپ ئامېرىكا،ياۋرۇپا نىمە ئىش قىلىدۇ بۇ ئىشقا ئارلىشىپ دىگەندەك.مەنچە بولسا روسلار قىرىمدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك چۈنكى بۇ يەردىكى ئاتالمىش نۇپۇسنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغۇچى روسلار سۈنئى پەيدا قىلىنغان ،بۇلۇپمۇ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان تەشكىللىك پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەركەتنىڭ نەتىجىسى.
مەن ئومۇمى جەھەتتىن بايان قىلىپ قويدۇم ،دوسلار ئىزدەنمەكچى بولسا بۇ توغرىدا ماتىرياللار تۇلۇق.