sawda571 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 06:35 PM
دوسلار ھەر خىل پاراڭلار بولىۋېتىپتۇ،مەن بىلگىنىمنى س ...
ھازىرقى تاتارلارنىڭ ئەجدادى بۇلغار ۋە قىپچاق تۈركلىرى.چىڭگىزەكلەر باستۇرۇپ كېلىشتىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ئۇلار ۋولگا دەرياسى بويىدا بۇلغارخانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. بۇلغار ۋە قىپچاق تۈركلىرى چىڭگىزەكلەرگە قارشى رۇسلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقان.ئۇ چاغلاردا چىڭگىزەكلەر تاتار دەپ ئاتىلاتتى،شۇڭا ئۇلارنىڭ قۇرغان خانلىقى تاتار دەپ ئاتىلىپ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان بۇلغارلار تاتار دەپ ئاتىلىپ قالغان.بۇلغارلار ۋولگا دەرياسى بويىدا ئەسلىدىن ياشاپ كېلىۋاتقان خەلق.رۇسلار ۋولگا دەرياسى بويىغا كۆچۈپ كىرگەنگە تېخى بەش يۈز يىل بولمىدى.
ئەگەر تاتارلاردا ئۆچى بولغاچقا يامان مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ دېسەك ئۇ چاغدا رۇسلارنىڭ ئافغانلار،كاۋكازلار،فىنلاندىيىلىكلەردە نېمە ئۆچى بار ئىدى؟؟
تاتارلارغا،كاۋكاز مۇسۇلمانلىرىغا،ئافغانىستانلىقلارغا قىلغان مۇئامىلىسى پەرقلەنمەيدىغۇ؟؟
ئافغانىستاندا رۇسلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن قىلمىشلىرى دۇنيانى چۆچۈتكەن.خەرىتىگە قارىساق ئافغانىستان رۇسلاردىن بەك يىراقتا.
دېمەك،رۇسلار ئۆزى بېسىۋالماقچى بولماقچى بولغان زېمىندىكى خەلقنى يوقىتىشقا ئادەتلەنگەچكە تاتارلارغىمۇ شۇ مۇئامىلىنى قىلغان.
تاجاۋۇزچىلار ئوخشاش بولمايدۇ.
ئوسمان تۈركلىرى،ئەنگىلىيە،ئەرەب ئىمپېرىيىسى دېگەندەكلەر بېقىندۇرغان زېمىندىن بايلىق ئالسىلا قانائەت قىلغان،بېقىندۇرۇلغان يەرلىك خەلقنى يوقىتىمەن دېمىگەن.
روسىيە،موڭغۇل ئىمپېرىيىسى تامامەن باشقىچە،يەنى بايلىقنى بۇلاپمۇ قانائەتلەنمەي بېقىندۇرۇلغۇچىلارنى زادى يوقىتىۋەتمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ. سەن ئۆل،مەن ياشا ئىدىيىسى.
روسىيە ئىشغال قىلغان قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازلارنىڭ تەقدىرى بىلەن ئەنگىلىيە ئىگىلىگەن ھىندىستانلىقلارنىڭ تەقدىرىنى سېلىشتۇرساڭلار ئوخشىماسلىقنى بايقايسىلەر.تاتارلارنىڭ بايلىقى يوقىلىپلا قالماي،سانىمۇ ئازلاپ كەتكەن.ھىندىستانلىقلار بايلىقىدىن ئايرىلسىمۇ لېكىن تاتارلاردەك قىرغىننى باشتىن كەچۈرمىگەن.
ئەرەبلەر بويسۇندۇرغان ئىسپانىيە ۋە مەغرىب بىلەن چىڭگىزەكلەر بويسۇندۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيانى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار. ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ قانچىلىك تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.ئەرەبلەر دىن تارقاتسا،جىزيە يىغسا قانائەت قىلغان.يەرلىك خەلقنى قىرمىغان،يوقىتىمەن دېمىگەن.
ئەگەر ھىندىستان رۇسلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسا قانداق كۈنگە قالار بولغىيىتتى؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hatem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-15 01:34 PM