مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: orkixi

روسىيە قىرىمغا ئەسكەر چىقىرىپ مۇداپىئە قىلىۋاتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102582
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 06:35:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائەت يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 06:14 PM
ئۇرۇش بولمىسا ياخشى لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرۇش بول ...

دوسلار ھەر خىل پاراڭلار بولىۋېتىپتۇ،مەن بىلگىنىمنى سىلەرگە سۆزلەپ بىرەي ئۆزىڭلار ھۆكۈم قىلىڭلار .
قىرىمنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى تاتارلاردۇر .تاتارلارنى بىلىدىغانسىلەر ؟ئۇلار تۈركى مىللەت.
بۇنداق دىسەم بەزىلەر تاتارلار چىڭگىزخان ئىستىلاسىغا ئەگىشىپ، ئاندىن ھازىرقى زىمىنلىرىغا  بارغان دىيىشى مۇمكىن . توغرا ئۇ دىگەن ئاز كەم مىڭ يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىش ،ئۇنىڭ ئۈستۈگە ئۇ چاغدىكى تاتارلار بىلەن ھازىرقى تاتارلاردا روشەن پەرق بار . چىڭگىزخانغا ئەگشكەن تاتارلار روشەن ھالدا موڭغۇل ئېرىقىغا مەنسۇپ سېرىق تەنلىك  بولسا، بۈگۈنكى تاتارلار پۈتۈنلەي تۈرۈكلەشكەن روشەن ياۋرۇپا ئېرىقىغا مەنسۇپ  بىر ئاق تەنلىك مىللەت .بۇ  ئاز كەم مىڭ يىلدىن بۇيان روسلار بىلەن ،تۈركلەر بىلەن ئۆز ئارا قىز بىرىپ قىز ئېلىشىپ، ئۆز ئارا تويلۇشۇپ قويۇق ئالاقىدە بولغانلىقنىڭ نەتىجسى. ئەگەر ھەممە ئادەم ئاشۇنداق مىڭ يىلنىڭ ئالدىدىكى زىمىنلىرىغا قايتىدىغان ئىش بولسا ھەممە ئىنسانلار ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانسا بۇلۇدۇ.بىر پارچە زىمىندا مىڭ يىل  ئولتۇرۇپمۇ بۇ يەر مىنىڭ دىگىلى بولمىسا كۈلكىلىك بولمامدۇ؟
تاتارلار بىز بىلەن قان -قېرىنداش ! ئۇلار تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئاۋال جەدىتچىلىك  نى يولغا قويغان (غەرىپچە مائارىپنى ئەڭ بۇرۇن يولغا قويغان) مىللەت، شۇنداقلا تۇرك دۇنياسىدا غەرپچە مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىسلام مائارىپى بىلەن غەرپچە مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە، ئەڭ بۇرۇن ھەركەت قىلغان مىللەت.
بىزگە ،يەنى ئۇيغۇرلارغا غەرپچە مائارىپنى ئەكىرگەنلەر شۇلار .بۇنى بىلمەكچى بولساڭلار شىنجاڭ مائارىپ تارىخىنى كۆرسەڭلار بۇلۇدۇ.
يېقىندىكى گەپنى ئېيتساق، سابىق سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ئاتالغان مىللەتلەر بىر بىرنى تالاق قىلىشىپ ئۆي ئايرىپ چىقىشتى. بۇنىڭ بىلەن 15 يېڭى جۇمھۇرىيەت پەيدا بولدى،بىراق تاتارلار ئۆي ئايرىيالمىدى.نىمىشقا شۇنداق بۇلۇدۇ؟
( 1 ) تارىختا تاتارلار، روسلارنى 1500- يىلىدىن 1540- يىلىغىىچە 40 يىل تاتار خانلىقىغا قۇشۇۋېلىپ باشقۇرغان . ئەلۋەتتە بېقىندۇرغۇچى مىللەت بېقىنغۇچى مىللەتكە 500 يىلنىڭ ئالدىدا قانداق مۇئامىلىدە بۇلىدىغانلىغى ھەممىزگە ئايان. روسلار بۇ نۇمۇسلۇق تارىخىنى ھەرگىز ئۇنتمىغان، ئۇلار 500 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ تاتارلارنى بوش قويۇۋەتمىدى.بىچچارە تاتارلار  مۇشۇ جىنايىتى  تۈپەيلىدىن، سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدا بارلىق مىللەتلەرنىڭ جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرىلىۋاتسا (ھەتتا نۇپۇسى يۈزمىڭ چىقمايدىغان مىللەتلەرنىڭمۇ) تاتارلار شۇنچە تەستە  تاتارىستان ئاپتونوم رايونىنى قۇرالىدى.
( 2 ) تاتارلار ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نىمىسلار بىلەن بىرلىشىپ روسلارغا ئوت ئاچقان.تاتارلاربۇ مەزگىلدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،  ئەسلى نىمىسلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، روسلار تەرىپىدىن يوق قىلىنغان ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىغان بولسا كېرەك . بىراق تارىخ پاجىئەنى نىمىسلارنىڭ (گېرمانىيەنىڭ) پىشانىسىگە يازدى .شۇنىڭ بىلەن تاتارلار سىتالىن تەرىپىدىن ۋەتەن خائىنى ،ئۇرۇش مەزگىلىدە دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلەر سانىلىپ يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىندى .شۇنىڭ بىلەن تاتارلارنىڭ ئەسلى زىمىنلىرىدىكى نۇپۇسى شالاڭلاشتى، بۇنىڭ ئورنىنى روسلار ۋە ئوكرائىنلار تولدۇردى.
بۇ خۇددى دۆلىتىمىزدىكى مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىنى قۇرۇپ نەچچە يۈز يىل سەلتەنەت سۈرۈپ بىرەر ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭمۇ بولمىغىنىدەك بىر ئىش ...............................................
بۈگۈنكى كۈندە ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىللىرى تەجرىبىخانىلاردا ساقلىنىدۇ،ھەتتا يوقىلىپ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىللىرىمۇ تېپىلىدۇ.بىراق دۆلىتىمىزدە مۇزېيغا قۇيۇش ئۈچۈن بولسىمۇ بىرەر مانجۇنىڭ جەسىدىمۇ تېپىلمايدۇ......................چۈنكى شەرقى شىمالنى 50 يىل ئاچتۇق ئەمەسمۇ ،(ھازىر بولسا غەربى شىمالنى ئېچىۋاتىمىز).
تارىختىكى ئاستىراخان خانلىقى ،قازان خانلىقى، قىرىم خانلىقى تاتارلار قۇرغان خانلىقلاردۇر.(ھېچ بولمىسا ئاساسلىق رول تۇتقۇچىلار تاتارلاردۇر)
(ھەممىڭلارغا ئايان سەلتەنەتلىك يۈز يىل فىلىمىدىكى خانىش ھۈررەم قىرىمدىن كەلتۈرۈلگەن).
يۇقۇرىدا دىگىنىمىزدەك جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندا قىرىم ئوكرائىنانىڭ قولىدا قالدى .ئورنى ئىتايىن مۇھىم بولغان بۇ بىر پارچە زىمىن بۈگۈنكى كۈندە روسلارنىڭ كۆزىنى قىزارتتى.چۈنكى قىرىمغا ئىگە بولغانلىق قارا دېڭىزغا ئىگە بولغانلىق ،بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە روسلارنىڭ قارا نىيەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەركەت بوشلىغى كەڭەيدى دىگەن گەپ ،بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خەلقارا ئىشلاردا ئورنىڭ ئۆستى دىگەن سۆز،بۇ يەنە خەلقارادىكى سىياسى سودىلاردا قولۇڭدا چوڭ بىر كوزىر بار بولدى دىگەن سۆز.دوسلار ئويلاپ بېقىڭلار بۇ يەرنى تارتىۋېلىش ئەرزىمدىكەن ؟ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ. ئۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولمىش تاتارلار بولسا بۈگۈنكى كۈندە ئاز سانلىق سانىلىدۇ ،شۇڭا ئۇلار لىۋىنى چىشلىمەكتىن باشقا ئامالى يوق.

روسلار بەلكىم   پۇشايمان قىلسا، ئاللابۇرۇن مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لاتۋىيە،لىتىۋا ،ئىستونىيەدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ جۇمھۇرىيەتتىنمۇ مەسىلە تېپىپ قايتىدىن بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئىشىگىنى كەڭەيتىشىمۇ مۇمكىن.
ئەگەر روسلارنىڭ قولىدىن مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن مىللەتلەر دىققەت قىلمىسا ،روسلار قولىدىن چىقىپ كېتىپ باشقا بىرەر جۇمھۇرىيەتكە تەۋە بۇلۇپ كەتكەن بىرەر پارچە زىمىننى مۇھىم دەپ قارىسا ،ئەنە ئاشۇنداق تارتىۋالىدۇ . كۆرىۋاتىمىز روسلارنىڭ كۈچى بارا - بارا ئەسلىگە كىلىۋاتىدۇ .چۈنكى يېڭى مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن بارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە نۇپۇسنىڭ مەلۇم سانىنى روسلار تەشكىل قىلىدۇ.ئۇلارمۇ نامايىش قىلىش،ۋە كۈچ كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىپ بىز روسىيەگە قوشىلىمىز دىسە، خۇددى ھازىرقىدەك كىم نىمە دىيەلەيدۇ .ھەتتە بىزدەك ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ مۇنبەردە ئىنكاس يېزىپ ئامېرىكا،ياۋرۇپا نىمە ئىش قىلىدۇ بۇ ئىشقا ئارلىشىپ دىگەندەك.مەنچە بولسا روسلار قىرىمدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك چۈنكى بۇ يەردىكى ئاتالمىش نۇپۇسنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغۇچى روسلار سۈنئى پەيدا قىلىنغان ،بۇلۇپمۇ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان تەشكىللىك پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەركەتنىڭ نەتىجىسى.
مەن ئومۇمى جەھەتتىن بايان قىلىپ قويدۇم ،دوسلار ئىزدەنمەكچى بولسا بۇ توغرىدا ماتىرياللار تۇلۇق.

دەرۋىش

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20051
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10627 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 07:26:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوباما روسىيەنىڭ «بەدەل تۆلەيدىغانلىقى»نى ئەسكەرتتى

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىققىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بېيجڭ ۋاقتى 13-مارت سەھەر سائەت 4تە ئوباما ئاق سارايدا ئوكرائىنا زۇڭتۇڭى ئاسىنوك بىلەن كۆرۈشتى .
     ئوباما : « روسىيەنىڭ قىرىمغا تاجاۋۇز قىلىشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ، ئەگەر روسىيە ئوكرائىنادىكى ھەركىتىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن ، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر روسىيەنى قىستاپ ئېغىر بەدەل تۆلىتىدۇ » دېدى .
ئوباما ئاسىنوك بىلەن ئاپىراتقا قاراپ تۇرۇپ :« بىز ئۇكرائىنا بىلەن بىرگە تۇرىمىز . » دېدى .
       ئوباما قىرىمنى ، قايتىدىن روسىيەنى رەسمىي ئەرىز قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
       ئوبامانىڭ قوللىغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئوكرائىنا زوڭتۇڭى ئاسىنوك ، روسىيەگە ھەرگىز تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
  مەنبە : سۇمرۇغ تورى (ئوغلانى)
http://news.bagdax.cn/international/2014/0313/1713.html

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102582
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 08:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
orkixi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 07:26 PM
ئوباما روسىيەنىڭ «بەدەل تۆلەيدىغانلىقى»نى ئەسكەرتتى
...

بىزنىڭ بەزى تورداشلىرىمىز داۋاملىق ئامېرىكىنى تىللايدىكەن ،بىلمەي تىللامدىغاندۇ ياكى جۇڭگۇنىڭ تەشۋىقات ماتىرياللىرىغا ئالدىنامدىغاندۇ ۋە ياكى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى تۈپەيلىدىن تىللامدىغاندۇ بىلمىدىم .بەلكى ھەممىسى باردۇ.
بىراق ئۇنۇتمايلىكى،  ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ كۈچلۈك قوللىشى، ھەتتا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ بىۋاستە ئارلىشىشى  بىلەن تىتونىڭ جەندىسى ،ئىشىكنى چىڭ تاقاپ چوڭ مىللەت كىچىك مىللەتنى جايلايدىغان، ئاتالمىش سوتسىيالىزىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدكى ھۆكۈرگەك بالىسى يۇگۇسلاۋىيەنىڭ قولىدىن بوسنىيە-گىرىتسوگىۋىنانى،كېيىن كوسۇۋۇنى مۇستەقىل دۆلەت قىلىۋەتكەن . بۇنىڭ بىلەن بىز تىللاۋاتقان ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا، ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتىنى پەيدا قىلدى .بەلكىم بۇنىڭ كەينىدە ھەر خىل مەنپەئەتلەر باردۇر بىراق ھېلىقى داشقازاندىن ئىككى مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتىنى ئايرىپ چىقىقىنى ھەقىقەت .
سىياسى دىگەن ئاجايىپ بىر قانلىق  دۇنيا .ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغانلار مەنپەئەت ئالىدۇ .پايدىلىنالمىغانلار زار يىغلايدۇ ،ئاخىرى بېرىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئەمەس،ئۆزىنىمۇ قۇتقۇزالمايدىغان ھالغا قالىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
orkixi + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دەرۋىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81740
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3463
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2012-6-18
ئاخىرقى: 2014-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 08:17:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇن ،مىلتىق بىلەن ئېلىپ بولماس قالغان كۈڭۈلنى

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20051
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10627 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 08:18:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aman768 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 08:17 PM
ئالتۇن ،مىلتىق بىلەن ئېلىپ بولماس قالغان كۈڭۈلنى

بۇ گىپىڭىزنى تەپسىلىيراق شەرھىلەپ باقسىڭىز .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4751
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1479 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 08:55:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ خەبەردە ئۇكىرائىنەنىڭ ئاران ئالتە مىڭ ئەسكىرى ئۇرۇش قىكالايدۇ.بەش ئالتە ئۇرۇش ئايرۇپىلانى بار دەيدا.بۇرۇن ئۇكرائىنانىڭ سابىق پىرزدىنتى تىمۇشىنكو ئارمىيەنى قۇدىرەت تاپقۇزماي ساياھەت قىلدۇرۇپ يۈرگەن بولغىيمىتى.



ئامىركىغا ئىتتتتتتىراز بىلدۈرىمەن.ئۇ باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارلاشتى.تەڭرىم زىمىننى تىخى ياراتماستىنلا ئۇكرائىنا رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكى ھەقىقى پاكىت تۇرسا.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103659
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 11:30:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kudiratjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 01:01 PM
سەۋىت ئىتپاقى زامانىسدا ئوكرائىنا سەۋىت ئىتپاقىنىڭ بى ...

قىرىمنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى تاتارلاردۇر . تاتارلارنى بىلىدىغانسەن ؟ ئۇلار تۈركى مىللەتتتۇر . دۆت ئىشىك .
بۇندىن كىيىن ئىنكاس يازغاندا كاللاڭغا نىمە كەلسە شۇنى يېزىپ بىلەرمەنلىك قىلما ، روسلارغا يانباسقۇدەك سىنىڭ قايسى جەمىتىڭ رەس بولغۇيتتى ؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102582
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 11:44:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 08:55 PM
ئاۋۇ خەبەردە ئۇكىرائىنەنىڭ ئاران ئالتە مىڭ ئەسكىرى ئۇ ...

سىز دەپ قۇيۇڭ ئىچكى ئىشىغا ئارلاشمىسۇن.شۇنداق قىلسا ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر ئاسانلا جايلىيالايدۇ ئەمەسمۇ؟

سىزنىڭ ماۋۇ يازمىڭىزنى مۇنداق ئۆزگەرتسەك قانداق ،چۈنكى پىكىرىڭىزنى تېخىمۇ ئۇچۇق ئىپادىلەشكە پايدىسى باركەن.

يەنى تەڭرىم زىمىننى تىخى ياراتماستىنلا ئۇكرائىنا رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكى ھەقىقى پاكىت تۇرسا.دەپ يېزىپسىز.


يۇقارقى يازمىڭىزنى مۇنداق ئۆزگەرتىپ يېزىڭ .ئىسانلار پەيدا بۇلۇپ ئۆڭكۈرلەردە ياشاۋاتقاندا ئىپتىدائى مايمۇنسىمان ئوكرائىنلارنى(ئوكرائىن مىللىتىگە ئايلانماقچى بولغان مايمۇنلارنى)  ،ئىپتىدائى مايمۇنسىمان روسلار(روسلارغا ئايلانماقچى بولغان مايمۇنلار) باشقۇرغان .
قانداق سىزدىمەكچى بولغاننى شۇنداق دىسەك تېخىمۇ ئوبرازلىق بۇلامدىكەن.

دەرۋىش

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6721
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7029 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 12:01:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روسىيە بىلەن ئامىركا ئۇرۇش قىلسا دۆلىتىمىزمۇ ئارىلىشامۇ؟جوڭگۇ  روسىيە ھەر ئىككىلىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا بولغانكىن ئارىلىشىپ قالامۇ يا

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36393
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3107
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2011-4-4
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 01:08:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستۇم ئىزچىل  كاللىڭىز تازا جىرىڭ جىرىڭ ئەمەسكەن  قېرىمنىڭ  60% تى روس تۇرسا  قانداقمۇ ئادىل بولىدۇ ،  باشقىلا ئارلاشمىسا بىر-بىر لەپ يۇتىۋالسا بولامتىيە

ھەرقانداقداق مىللەت نىڭ ئوغۇللىرى ۋىجدانىنى يوقاتماي تۇرۇپ ، قېزلىرى ئىپپېتىنى يوقاتمايدۇ.ئوغلۇڭنى باشقۇرماي تۇرۇپ قىزىڭنى ئادەم قېلىمەن دىمە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش