چۈش قاتىلى
فانتازىيىلىك ھېكايە
ساقچى مۇرات كۈندە كىرىدىغان ئاشخانىسىدا ياردەمچىسى ئەسقەر بىلەن تاماق يەۋاتىدۇ.
-مۇراتكا، يېقىندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتتىغۇ؟
-شۇنى دېگىنە، زامان ئۆزگىرىپ بۇ ئۇيغۇر خەقنىڭ پىسخىكىسى ئاجىزلاپ كەتتىمۇ، كىچىك ئىشلارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆلىۋالغان كىشىلەرنىڭ ھەممسىى ئۆلىۋىلىشتىن بۇرۇنقى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە كەيپىياتى ئىنتايىن ناچارلىشىپ، خۇددى بىر بېسىم باردەكلا يۈرۈپتىكەن.
-بۇنىڭ كەينىدە بىرەر ئىش بارمىدۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن؟
-قانداق دەيسەن؟
-ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆلۈشتىن بۇرۇن باشقىلار بىلەن زىدىيەتلىشىپ باقمىغان، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك خىزمەت، ئائىلە شارائىتى شۇنداق ياخشى تۇرسا، تېخى ئۇلارنىڭ ئىچىدە 2036-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر ئېلىپ ئەليۇلئەلا بولغان ئۇكىمىز دىلشاتمۇ بار. ئويلاپ بېقىڭە، بۇ گۇمانلىق ئەمەسمۇ؟
-تولا گۇمان قىلساڭ چارچاپ كېتىسەن، ئەجىبا بىرى قەستلىگەن بولسا ئۇلار ئۆزى بىلەن ئۆزى بىنادىن چۈشۈپ كېتەمدۇ؟ ئۆيىدە گازدىن زەھەرلىنىپ قالامدۇ؟ كېلىۋاتقان ماشىنىغا ئۆزىنى ئاتامدۇ؟ ئويۇننى تولا ئويناپ كېتىپسەن جۇمۇ.
-ۋاي ياق ئاكا، ئۇنداقمۇ ئەمەس، بىراق شۇ سەل چىگىش ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن.
-ئارتۇق ئويلىۋالما، ھە راست، يېڭى ئويۇن چىقىپتىمىشقۇ؟ قارلۇق شىركىتى بازارغا ساپتۇ، ئويناۋاتامسەن؟ بىزنىڭ بەگزادىمۇ كۈندە بېشىغا قالپاقنى كېيىۋىلىپ، كارۋاتتا ئوڭدىسىغا يېتىپ ئويناپ كېتىدۇ ئۇ ئويۇننى.
-ياق، كەچتە ئىشتىن يېنىپ دېسكىسىنى سېتىۋالماقچىتىم. تەشۋىقاتىدىن قارىغاندا پەيزى ئويۇندەك قىلىدۇ.
-توردا ئوينامدىكەنسىلەر؟
-ھەئە، ھېلىقى مېڭە ماگىنت دولقۇنىنى قوبۇللايدىغان دوبۇلغىنى كېيىپ، تەقلىدى دۇنيادا ئوينايدىكەنمىز.
-نېمە مەزمۇن باركەن؟
-ئوغۇزخاننىڭ قىلغان جەڭلىرى، ئۇرۇشلىرى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنىپتۇ، بىز ئەسكەر سۈپىتىدە ئوغۇزخان بىلەن بىللە جەڭ قىلىدىكەنمىز.
-قارلۇق شىركىتى يەنە بىر ياخشى ئويۇن چىقىرىپتۇ-دە، ئۆتكەندە بازارغا سالغان ‹بۈيۈك سەئىدىيە› دېگەن ئويۇنمۇ بەك بازار تاپقان، بىز قېرىغاندا ئۇنداق ئويۇن ئويناشمۇ تەسكەن، يەنىلا سىلەردەك ياشلار ئوينىسا بولغۇدەك. قوپە، ئىشقا چىقايلى.
ئىككىسى دۇئا قىلىپ، كارتا سۈركەپ ھېسابات قىلغاندىن ئىشىك ئالدىدا توختاتقان ماشىنىسىغا چىقتى. ماشىنا ھېچقانداق شاۋقۇن چىقارماستىنلا پەيدەكلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى.
مۇرات 20يىللىق پېشقەدەم ساقچى، خىزمەت تارىخىدا نۇرغۇن خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان. ئالدىدىن قېچىپ قۇتۇلغان جىنايەتچى يوق. ئەمما ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاددىيلا تەپەككۇر قىلىدۇ، چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىشنى خالىمايدۇ، ئېنىقى ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
ئەسقەر خىزمەتكە يېڭىلا چۈشكەن ياش، ناھايىتى قىزغىن، ئەمما ئەمەلىي تەجرىبىسى يوق، مۇرات ئۇنى ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيلەش ئۈچۈن يېنىدا ئېلىپ يۈرىدۇ. ھەرقانداق ئىشقا گۇمان بىلەن قارايدۇ، كومپيۇتېر، ئويۇن دېسە جېنىنى بېرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ساقچى بىرگە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، يۇقاردا ئاڭلىغىنىڭلاردەك يېقىندىن بۇيان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كېتىپ جەمئىيەتنى خېلى ساراسىمگە سالدى، ئاتاقلىق ئەدىبلەر، ئالىم ئۆلىمالار مەكتەپلەردە، تېلىۋىزورلاردا نۇتۇق سۆزلەپ كىشىلەرگە ھاياتىنى قەدىرلەش، ئۈمىدۋار ياشاش ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ، لېكىن ھېچ پايدىسى بولمىغاندەكلا….
مۇرات ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، ئوغلىنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چېكىۋىدى، سادا كەلمىدى، ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئېچىپ قارىۋىدى، ئوغلى بېشىغا ئويۇن دوبۇلغىسىنى كېيىۋىلىپ كارۋاتتا سوزۇلۇپ ياتاتتى.
-ئەخمەتجان!، قوپە بالام.
بالىدىن جاۋاب قايتمىدى. مۇرات جىددىيلىشىپ بېرىپلا دوبۇلغىنى بالىنىڭ بېشىدىن ئېلىۋەتتى. بالا چۆچۈپ سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى:
-دادا، بىز ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىۋاتاتتۇق، مانا ئەمدى زاپاس قوشۇن بولۇپ قالىدىغان بولدۇم، سەنمۇ-زە.
-توۋلىسام گەپ قىلمايسەن، جىددىيلىشىپ قالدىم، تاماق يېدىڭمۇ؟
-ھەئە
مۇرات ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان تەييار تاماقنىڭ قۇتىسىنى كۆرۈپ سۆزلەپ چۈشۈپ كەتتى:
-پۇل بولغاندىكىن ئاشخانىغا چۈشۈپلا تاماق يەپ چىقساڭ بولمامدۇ؟ كۈندە قارىسا تەييار تاماقنى يەيدىكەنسەن، بىكارغا نەچچە ئاي ساقلىغىلى بولىدۇ دەپ چىقىرىپ قويمايدۇ ئۈستىگە.
شۇنداق دېگىنىچە ‹ئامىنە› تەييار لەغمىنىنىڭ قۇتىسىنى ئېلىپلا ئەخلەت سېۋىتىگە تاشلىۋەتتى.
-تۇرە، چوڭ ئاناڭنىڭكىگە بېرىپ كېلىمىز.
بالا دومسايغان پېتى ئورنىدىن تۇرۇپ دوبۇلغىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ چاپىنىنى كەيدى.
مۇراتقا ئۆچ بىر زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ ئۆچ ئېلىشى بىلەن ئەخمەتجان كىچىك تۇرۇپلا ئانىسىز قالغان، مۇرات نەچچە يىلدىن بېرى ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ ئۇنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەخمەتجاننىڭ ھەممىسىنى تەل قىلىپ بېرىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەخمەتجاننىڭ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە يەنە تولدۇرۇلمىغان ئورەكلەر باردەك….
ئاتا بالا ئىككىسى كوچىدا كېتىپ بارماقتا، ئەخمەتجان نېمىگىدۇر بىسەرەمجان، چۆچۈگەن قۇشتەك ئۇياق-بۇياققا قارايتتى، تۇيۇقسىز توختاپ دادىسىغا دېدى:
-دادا، ھازىر بىر ئىش بولىدىغاندەك قىلىدۇ
-نېمە ئىش؟ نېمە بولدۇڭ؟
ئەخمەتجان غايىب بىر كۈچنىڭ تەسىرىدە يولنىڭ ئوتتۇرىسغا قاراپ يۈگۈردى، مۇرات ئۇنى تۇتىۋىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى، ياندىن كېلىۋاتقان بىر تاكسى بالىنى سوقۇپ ئۇچۇرۋەتتى…..
تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى
داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈرخان1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-25 12:40 AM