مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: سۈرخان1

چۈش قاتىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 08:55:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mirzadam يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 10:30 PM
داۋامىنى يوللىۋېتىڭە ما بىزنىڭ  يۇرتتا ھازىر ئۈندىدار ...

تولۇق نۇسخىسى
چۈش قاتىلى
ھېكايە
ئاپتورى سۈرخان

ساقچى مۇرات كۈندە كىرىدىغان ئاشخانىسىدا ياردەمچىسى ئەسقەر بىلەن تاماق يەۋاتىدۇ.
-مۇراتكا، يېقىندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتتىغۇ؟
-شۇنى دېگىنە، زامان ئۆزگىرىپ بۇ ئۇيغۇر خەقنىڭ پىسخىكىسى ئاجىزلاپ كەتتىمۇ، كىچىك ئىشلارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆلىۋالغان كىشىلەرنىڭ ھەممسىى ئۆلىۋىلىشتىن بۇرۇنقى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە كەيپىياتى ئىنتايىن ناچارلىشىپ، خۇددى بىر بېسىم باردەكلا يۈرۈپتىكەن.
-بۇنىڭ كەينىدە بىرەر ئىش بارمىدۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن؟
-قانداق دەيسەن؟
-ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆلۈشتىن بۇرۇن باشقىلار بىلەن زىدىيەتلىشىپ باقمىغان، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك خىزمەت، ئائىلە شارائىتى شۇنداق ياخشى تۇرسا، تېخى ئۇلارنىڭ ئىچىدە 2036-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر ئېلىپ ئەليۇلئەلا بولغان ئۇكىمىز دىلشاتمۇ بار. ئويلاپ بېقىڭە، بۇ گۇمانلىق ئەمەسمۇ؟
-تولا گۇمان قىلساڭ چارچاپ كېتىسەن، ئەجىبا بىرى قەستلىگەن بولسا ئۇلار ئۆزى بىلەن ئۆزى بىنادىن چۈشۈپ كېتەمدۇ؟ ئۆيىدە گازدىن زەھەرلىنىپ قالامدۇ؟ كېلىۋاتقان ماشىنىغا ئۆزىنى ئاتامدۇ؟ ئويۇننى تولا ئويناپ كېتىپسەن جۇمۇ.
-ۋاي ياق ئاكا، ئۇنداقمۇ ئەمەس، بىراق شۇ سەل چىگىش ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن.
-ئارتۇق ئويلىۋالما، ھە راست، يېڭى ئويۇن چىقىپتىمىشقۇ؟ قارلۇق شىركىتى بازارغا ساپتۇ، ئويناۋاتامسەن؟ بىزنىڭ بەگزادىمۇ كۈندە بېشىغا قالپاقنى كېيىۋىلىپ، كارۋاتتا ئوڭدىسىغا يېتىپ ئويناپ كېتىدۇ ئۇ ئويۇننى.
-ياق، كەچتە ئىشتىن يېنىپ دېسكىسىنى سېتىۋالماقچىتىم. تەشۋىقاتىدىن قارىغاندا پەيزى ئويۇندەك قىلىدۇ.
-توردا ئوينامدىكەنسىلەر؟
-ھەئە، ھېلىقى مېڭە ماگىنت دولقۇنىنى قوبۇللايدىغان دوبۇلغىنى كېيىپ، تەقلىدى دۇنيادا ئوينايدىكەنمىز.
-نېمە مەزمۇن باركەن؟
-ئوغۇزخاننىڭ قىلغان جەڭلىرى، ئۇرۇشلىرى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنىپتۇ، بىز ئەسكەر سۈپىتىدە ئوغۇزخان بىلەن بىللە جەڭ قىلىدىكەنمىز.
-قارلۇق شىركىتى يەنە بىر ياخشى ئويۇن چىقىرىپتۇ-دە، ئۆتكەندە بازارغا سالغان ‹بۈيۈك سەئىدىيە› دېگەن ئويۇنمۇ بەك بازار تاپقان، بىز قېرىغاندا ئۇنداق ئويۇن ئويناشمۇ تەسكەن، يەنىلا سىلەردەك ياشلار ئوينىسا بولغۇدەك. قوپە، ئىشقا چىقايلى.
ئىككىسى دۇئا قىلىپ، كارتا سۈركەپ ھېسابات قىلغاندىن ئىشىك ئالدىدا توختاتقان ماشىنىسىغا چىقتى. ماشىنا ھېچقانداق شاۋقۇن چىقارماستىنلا پەيدەكلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى.
مۇرات 20يىللىق پېشقەدەم ساقچى، خىزمەت تارىخىدا نۇرغۇن خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان. ئالدىدىن قېچىپ قۇتۇلغان جىنايەتچى يوق. ئەمما ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاددىيلا تەپەككۇر قىلىدۇ، چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىشنى خالىمايدۇ، ئېنىقى ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
ئەسقەر خىزمەتكە يېڭىلا چۈشكەن ياش، ناھايىتى قىزغىن، ئەمما ئەمەلىي تەجرىبىسى يوق، مۇرات ئۇنى ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيلەش ئۈچۈن يېنىدا ئېلىپ يۈرىدۇ. ھەرقانداق ئىشقا گۇمان بىلەن قارايدۇ، كومپيۇتېر، ئويۇن دېسە جېنىنى بېرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ساقچى بىرگە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، يۇقاردا ئاڭلىغىنىڭلاردەك يېقىندىن بۇيان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كېتىپ  جەمئىيەتنى خېلى ساراسىمگە سالدى، ئاتاقلىق ئەدىبلەر، ئالىم ئۆلىمالار مەكتەپلەردە، تېلىۋىزورلاردا نۇتۇق سۆزلەپ كىشىلەرگە ھاياتىنى قەدىرلەش، ئۈمىدۋار ياشاش ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ، لېكىن ھېچ پايدىسى بولمىغاندەكلا….
مۇرات ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، ئوغلىنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چېكىۋىدى، سادا كەلمىدى، ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئېچىپ قارىۋىدى، ئوغلى بېشىغا ئويۇن دوبۇلغىسىنى كېيىۋىلىپ كارۋاتتا سوزۇلۇپ ياتاتتى.
-ئەخمەتجان!، قوپە بالام.
بالىدىن جاۋاب قايتمىدى. مۇرات جىددىيلىشىپ بېرىپلا دوبۇلغىنى بالىنىڭ بېشىدىن ئېلىۋەتتى. بالا چۆچۈپ سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى:
-دادا، بىز ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىۋاتاتتۇق، مانا ئەمدى زاپاس قوشۇن بولۇپ قالىدىغان بولدۇم، سەنمۇ-زە.
-توۋلىسام گەپ قىلمايسەن، جىددىيلىشىپ قالدىم، تاماق يېدىڭمۇ؟
-ھەئە
مۇرات ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان تەييار تاماقنىڭ قۇتىسىنى كۆرۈپ سۆزلەپ چۈشۈپ كەتتى:
-پۇل بولغاندىكىن ئاشخانىغا چۈشۈپلا تاماق يەپ چىقساڭ بولمامدۇ؟ كۈندە قارىسا تەييار تاماقنى يەيدىكەنسەن، بىكارغا نەچچە ئاي ساقلىغىلى بولىدۇ دەپ چىقىرىپ قويمايدۇ ئۈستىگە.
شۇنداق دېگىنىچە ‹ئامىنە› تەييار لەغمىنىنىڭ قۇتىسىنى ئېلىپلا ئەخلەت سېۋىتىگە تاشلىۋەتتى.
-تۇرە، چوڭ ئاناڭنىڭكىگە بېرىپ كېلىمىز.
بالا دومسايغان پېتى ئورنىدىن تۇرۇپ دوبۇلغىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ چاپىنىنى كەيدى.
مۇراتقا ئۆچ بىر زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ ئۆچ ئېلىشى بىلەن ئەخمەتجان كىچىك تۇرۇپلا ئانىسىز قالغان، مۇرات نەچچە يىلدىن بېرى ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ ئۇنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەخمەتجاننىڭ ھەممىسىنى تەل قىلىپ بېرىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەخمەتجاننىڭ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە يەنە تولدۇرۇلمىغان ئورەكلەر باردەك….
ئاتا بالا ئىككىسى كوچىدا كېتىپ بارماقتا، ئەخمەتجان نېمىگىدۇر بىسەرەمجان، چۆچۈگەن قۇشتەك ئۇياق-بۇياققا قارايتتى، تۇيۇقسىز توختاپ دادىسىغا دېدى:
-دادا، ھازىر بىر ئىش بولىدىغاندەك قىلىدۇ
-نېمە ئىش؟ نېمە بولدۇڭ؟
ئەخمەتجان غايىب بىر كۈچنىڭ تەسىرىدە يولنىڭ ئوتتۇرىسغا قاراپ يۈگۈردى، مۇرات ئۇنى تۇتىۋىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى، ياندىن كېلىۋاتقان بىر تاكسى بالىنى سوقۇپ ئۇچۇرۋەتتى…..
مۇرات كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن ھاڭ-تاڭ قالدى، ئادەملەر ئولىشىشقا باشلىدى، مۇرات ئەخمەتجاننى قۇچاقلىغىنىچە يانچۇقىدىن يانفونىنى چىقىرىپ 120گە تېلىفون قىلدى، يېقىن ئەتراپتىكى قۇتقۇزۇش ماشىنا پونكىتىدىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دەرھاللا يېتىپ كەلدى، مۇرات ئەخمەتجاننى ماشىنىغا سېلىپ سېستىرالارنىڭ ھەمراھلىقىدا دوختۇرخانىغا ماڭدى…..
مۇرات جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيى ئالدىدا ئۇيان ماڭماقتا، ئەخمەتجان قانداقلارچە ماشىنا ئالدىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؟ تۈگىمەس سوئاللار ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇردى.
ئەسقەر كەلدى، مۇراتنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ كۆڭلى بۇزۇلدى. سول قولى توختىماي يوتىسىنى يىنىك شاپىلاقلايتتى:
-مۇراتكا، قانداق بولۇپ...
-تۇيۇقسىزلا يۈز بەردى، نېمە بولغىنىنى مەنمۇ ئۇقمۇدۇم.
-سىزچە بۇنىڭ بۇرۇن يۈز بەرگەن دېلولار بىلەن باغلىنىشلىقى بارمىدۇ؟
مۇرات ئەندىكىپ ئەسقەرگە قارىدى، ئاندىن بېشى پەسكە ساڭگىلىدى، راست شۇنداقمىدۇ؟ ئەگەر راستلا شۇنداق بولسا قانداق بىر غايىپ كۈچ كىشىلەرنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشقا سالغاندۇ؟
ئۇ ئەسقەرنىڭ قولىغا قاراپ:
-نىمانداق شۇك تۇرالمايسەن؟
-بىلمەيمەن.-ئەسقەر شۇنداق دەپ سول قولىنى يانچۇقىغا سېلىۋالدى. لېكىن قولى يەنە يانچۇقىدا مىدىراپ تۇراتتى.
دوختۇرلار ئەخمەتجاننى كارۋاتقا سېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىدىن ئېلىپ چىقتى. مۇرات ئالدىغا يۈگرەپ باردى.
-بالىڭىزنىڭ ھاياتى ساقلاپ قېلىندى، بىراق قاچان ھوشىغا كېلىشى ئېنىق ئەمەس. كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ.
مۇرات ئەسقەرگە قاراپ دېدى:
-يۈرە، بۇ دېلونى زادى پاش قىلمىساق بولماپتۇ.
ئىككىسى دوختۇرخانا ئالدىغا توختىتىپ قويغان ماشىنىسىغا چىقتى، مۇرات ماشىنىنى يەردىن كۆتۈرگەچ ماشىنىغا سەپلەنگەن كومپىيۇتېرغا بۇيرۇق بەردى:
-ماڭا مۇشۇ يېرىم يىلدىن بېرى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلارنىڭ ئارخىپىنى يەتكۈزۈپ بەر.
مۇرات ئوغلى ۋە نۇرغۇنلىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن بۇ دېلونى بىر باشقا ئېلىپ چىقىشنى نىيەت قىلدى.
3ھەپتە ئۆتتى، دېلودا ئىلگىرلەش يوق، ئەخمەتجان بولسا يەنىلا ھۇشسىز ياتقان پېتىچە. مۇراتنىڭ جەھلى تېخىمۇ تۇتتى.
بىر كۈنى مۇرات بىلەن ئەسقەر ئەخمەتجاننى يوقلاپ كەلدى، مۇرات ئەخمەتجاننىڭ قولىنى تۇتقىنىچە كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش ئاققۇزدى:
-بالام، داداڭ يارىماسكەن، مەن سېنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشىڭغا قاراپ تۇردۇم، مەن بىر يارىماسكەنمەن....
ئەسقەر مۇراتنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ:
-مۇراتكا، ئۆزىڭىزنى ئەيپلىمەڭ، بۇنىڭ ئەخمەتجانغا پايدىسى يوق. بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقايلى، ئەخمەتجان ئۈچۈن بولسىمۇ ئىرادىلىك بولۇڭ.
ئىككىسى كارىدورغا چىقتى، ئەسقەرنىڭ يوتىسىغا شاپىلاقلىشى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئېغىر ئىدى. مۇراتنىڭ ئىچى سىقىلدى:
-ئۇكا، قولۇڭنى كېسىپ يانچۇقىڭغا تىقىۋالە.
-بىلمىدىم ئاكا، ئۆزى بىلەن ئۆزى شۇنداق بولۇپ كېتىدۇ.
-قاچاندىن بېرى شۇنداق؟
-قارلۇقنىڭ ‹ئوغۇزخان› دېگەن ئويۇننى ئوينىغاندىن باشلاپ شۇنداق.
ئەسقەر شۇنداق دېگىنىچە لىفىت ئالدىغا كېلىپ تۇيۇقسىزلا، مۇراتكا، بىر ئىش بولىدىغاندەكلا دېگىنىچە جايىدا تۇرۇپلا قالدى، مۇرات ئەنسىزلىككە چۈشتى:
-نېمە بولدۇڭ؟
ئەسقەر گەپ سۆزسىزلا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ دوختۇرخانا دېرىزىسىدىن ئۆزىنى پەسكە ئاتتى.
ئەسقەر جان ئۈزگەن ئىدى. باشتا ئوغلى، كەينىدىن ھەمراھى پىشكەللىك ئۇچرىدى، مۇراتنىڭ كاللىسى قايمۇقۇپلا كەتتى.
مۇرات سالپايغان ھالدا ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى. كاللىسىدا ئەخمەتجاننىڭ ۋە ئەسقەرنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى بىنورمال ئالامەتلەر فىلىم لىنتىسىدەك قايتا قويۇلدى، ئەجىبا بۇنىڭ كەينىدە بىرەر ئويۇن بارمىدۇ؟ قانداقلارچە ساپمۇساق ئىككى ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ؟ بۇنىڭدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئارقىسىدىمۇ بىرەر سىر بارمىدۇ؟
مۇرات تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن تەپەككۈر يولىدىن چىقىپ پىكىر قىلماقتا، بەلكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭ بېشىدا يۈز بەرمىگەن بولسا ئۇ مەڭگۈ ئاددى تەپەككۈر ئىچىدە ياشاپ ئۆتۈپ كېتەرمىدى؟ ئۇ ئىلگىرى ئۆزىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئارخىپ بۆلۈمىگە ماڭدى.
-يېقىنقى 1يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش دېلولىرىنىڭ بارلىق ئارخىپلىرىنى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىنى ئالاقىلىشىش ئادرېسىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئالىمەن.
ئارخىپ بۆلۈمى مەسئۇلى ياسىن ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ مۇراتتىكى بۇنداق جىددى كەيپىياتنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتىدۇ، گويا ئالدىدا تۇرغىنى مۇرات ئەمەس باشقا ئادەمدەكلا.
مۇراتنىڭ سەل ئاچچىقى كېلىپ قالدى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى بېسىۋىلىپ بايىقى گەپنى يەنە بىر تەكرارلىدى.
-مۇراتكا، يېرىم سائەت ئىچىدە سىز دېگەن بارلىق ئارخىپلارنى تېپىپ ئىشخانىڭىزغا يەتكۈزۈپ بېرەيلى-دېدى ياسىن دۇدۇقلىغان ھالدا.
مۇرات سائىتىگە بىر قارىۋىتىپ ياسىنغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئىشخانىسىغا چىقىپ كەتتى.
بىر چاغدا ياسىن مۇراتنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى قاقتى،مۇراتكا، سىز دېگەن ئارخىپلارنى ئەكەلدىم، مۇرات سائىتىگە يەنە بىر قارىۋىتىپ، خىزمەت ئۈستىلىنى ئىشارە قىلدى. ياسىن ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى، كەينىدىن يەنە 2ياش ساقچى بالا بىر قۇچاقتىن ئارخىپلارنى كۆتۈرۈپ كىرىشتى.
-نېمانچە جىق ئارخىپلار بۇ؟
-ئۆتكەن بىر يىل ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش دېلولىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن يىل بولدى ئاكا، ھېساپلاپ كەلسەك ئۆتكەن 5يىل ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلارنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ چىقىدۇ.
مۇراتنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.
-بولدى، سىلەر چىقىپ ئىشىڭلارنى قىلىۋىرىڭلار.
3كۈن بولدى، تازلىق ئۆيىگە چىقىپ كىرگىنىدىن باشقا مۇراتنىڭ ئىشخانسىىدىن بىر قەدەم ئاتلىغىنىنى ھېچكىم كۆرمىدى، تاماقنىمۇ ئىشخانىدا يېدى، ئارىلاپ تېلىفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ كىملەر بىلەندۇر ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سۆزلىشىپ كېتەتتى. مۇرات ئاخىرى ئىشخانىسىدىن چىقتى، باشقا خىزمەتداشلار ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ھەيران قېلىشتى، بۇرۇنقى ئېغىر بېسىقلىقتىن ئەسەرمۇ يوق، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئۆزىگە خاس بولمىغان جىددىيلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى.  ئۇ تېز قەدەم ئېلىپ ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
-نېمە دەيسەن؟ سۈيقەست؟-ھەيرانلىق بىلەن سورىدى ئىدارە باشلىقى.
-ھىم، شۇنداق. بۇلتۇر جەمئىي يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش دېلوسى  436قېتىم، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشتىن ئاۋۋالقى مەزگىللەردە ھەممىسىدە ئوخشاش ھالدا نېۋروزىيە )ئۆزىنى مەجبۇرلاش(كېسىلى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن،  شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش ھادىسسىمۇ ناھايىتى تۇيۇقسىز، ئاڭسىزلارچە يۈز بەرگەن. مەن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەن بىرمۇبىر ئەھۋاللاشتىم، قارىغاندا بۇنىڭ كەينىدە راستىنلا بىر سىر بار ئوخشايدۇ.
ئىدارە باشلىقى بىردەم جىمىپ كەتتى، ئۇ ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ مۇرات ياكى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى، ياكى ئوغلىنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىشىشى قاتتىق تەسىر قىلىپ كەتكەنلىكتىن ئالىجوقا سۆزلەۋاتامدۇ بىلىپ بولمايتى، بىراق مۇراتنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭغا ئايان، ئۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىغانلاردىن ئەمەس. لېكىن بىر ئويلىسا ئۇنىڭ بايىقى سۆزلىرى تازا چەك باسمايدىغاندەك.
-ئۇنداقتا سەن ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟
-ماڭا ئالاھىدە تەكشۈرۈش ھوقۇقى بەرسەڭلا بولدى، ئۆزۈم يالغۇز بېرىپ تەكشۈرىمەن.
ئىدارە باشلىقى بىر ھازا تۇرىۋالدى، بۇنداق ھوقۇقنى پەۋقۇلاددە ئەھۋال ئاستىدا بېرىشكە بولاتتى، بىراق بۇ ئىشنى پەۋقۇلاددە ئەھۋال قاتارىدا كۆرمەيمۇ بولمايتى. ئۇ كومپىيۇتېرىغا بارمىقىنى بېسىپ تەكشۈرۈتكۈزگەندىن ئازغىنە مەشغۇلاتنى قىلىۋەتتى، مۇراتنىڭ كۆكرىكىدىكى ئىزنەكنىڭ ئۈستىدىكى يېشىل چىراغ قىزىلغا ئۆزگەردى.
-تەكشۈرىشىڭ ئۇتۇقلۇق بولسۇن
-ئاللاھ دېگىنىڭنى بەرسۇن.
مۇرات ساقچى ماشىنىسىنى قوزغىتىپ، ئاپتوماتىك يول باشلاش قۇرۇلمىسا قارلۇق شىركىتىگە ئاپىرىش بۇيرۇقىنى بېرىپ، ئورۇندۇققا يۆلەنگىنىچە كۆزىنى يۇمدى، 3كېچە كۈندۈز ئارخىپ كۆرۈپ بەك چارچاپ كەتكەن ئىدى.
ماشىنا شەھەر سىرتىغا جايلاشقان قارلۇق شىركىتى باش شىتابىغا كەلدى، كۆلىمى ئۈرۈمچىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان شىركەت باش شىتابى ئالدىدا بىرقانچە ماشىنا ئادەم پوستتا تۇرىۋاتاتتى.ئۇلار مۇراتنى، مۇراتنى كۆكرەك ئىزنىكى ئۈستىدىكى قىزىل چىراغنى كۆرۈپ ئادەتتە قاتمۇقات سوئال ۋە تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئاندىن شىركەت خىزمەتچىسى بولمىغان كىشىلەرگە ئېچىلىدىغان ئىشىكنى دەرھال ئېچىۋەتتى ۋە مۇراتتىن:
-باشلىق، سىزگە كىمنى چاقىرىپ بەرسەم بولاركىن؟
-ئويۇن ئېچىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى كېرەك. مۇرات شۇنداق دەپلا ماشىنىنى قوزغىتىپ شىركەت دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتى.
ئالاھىزەل بىرەر كېلومىتىر ماڭغاندىن كېيىن ئاساسى بىناغا يېتىپ كەلدى، بىنا ئالدىدا بايا قاراۋۇل ماشىنا ئادەملەردىن ئېلخەت تاپشۇرىۋىلىپ مۇراتنى ساقلاپ تۇرغان ئويۇن بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى،شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى قارلۇق شىركىتى ئىنتېرنىت مۇلازىمەت بۆلۈمى مەسئۇلى نۇرمۇھەممەت قارلۇقنىڭ ئوغلى نۇرزات قارلۇق تۇراتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇراتكا، قايسى شامال سىزنى ئۇچۇرتۇپ كەلدىكىن؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام ئوغلۇم، داداڭ سالامەتمۇ؟
-خۇداغا شۈكرى، قەدىر ئەھۋال، ئۆتكەن ھەپتە ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغىلى كەتكەن، تېخى قايتىپ كەلمىدى. بىرەر ئىش بولدىمۇ قانداق؟
-سەن بىلەن ئايرىم سۆزلىشىدىغان ئىشلار بار.
مۇرات شۇنداق دېگىنىچە نۇرزاتنى بېلكىدىن تارتىپ بىنا ئىچىگە كىرىپ كەتتى، قاتمۇقات ئىشكلەردىن ئۆتكەندىن كېيىن نۇرزاتنىڭ ئازادە ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى.
-بىرەر نەرسە كەلتۈرەيمۇ؟ زەپە چاي ياكى قارا چاي دېگەندەك
-ھازىر ئۇنىڭغا ھەپىلەم يوق ئوغلۇم، سەندىن بىلمەكچى بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار
نۇرزات گاڭگىراشلىق ئىلكىدە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
مۇرات ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن بارلىق ئەھۋاللارنى، شۇنداقلا ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۆلىۋىلىشتىن بۇرۇنقى كۆرۈلگەن بىنورمال ئەھۋاللارنى سۆزلەپ كېلىپ ئاخىرىدا:
-ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىدە يەنە بىر ئوخشاشلىق بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئوخشاشلا قارلۇق شىركىتى بازارغا سالغان ئويۇننى ئوينىغان، مەن بايا دېگەن بىنورمال ئەھۋاللار ئويۇننى ئويناپ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن سېزىلگەن، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.
نۇرزات تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدى، بۇ نېمە بولغىنى ئەمدى؟
-ئوغلۇم، دېگىنە، بۇ نەرسەڭلار بىلەن باشقىلارغا بۇيرۇق بېرىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرگۈزگىلى بولامدۇ؟
بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ ئېنىقىنى دېگەندە بۇنداق ئەھۋالنىڭ سادىر بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، مۇمكىن دېگەن تەقدىردىمۇ شىركەتنىڭ بۇنداق قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇنى چاقچاق دېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا بۇگەپلەرنى قىلىۋاتقىنى ئۇزۇن يىللىق ساقچى شۇنداقلا دادىسىنىڭ يېقىن بۇرادىرى تۇرسا؟
نۇرزات بىردەم جىمىپ كەتتى، ئويۇن دۇبۇلغىسى ياكى ئويۇن پروگراممىسىغا بىرەر سى ھۈنەر ئىشلەتكەنلىك ئىھتىماللىقىمۇ بارمىدۇ؟ ئۇ بۇ ئىشقا سەل قارىسا بولمايتتى، شىركەتنىڭ ئابرۇيى بىرياقتا تۇرسۇن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا چېتىلىدىغان ئىشتە بۇ؟
-مۇراتكا، مەن ئويۇن ئېچىشنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىنى، ئەسۋاپ ۋە ئويۇنلارنى شۇنداقلا قاتناشقان ھەربىر خادىمغا قارىتا مەخپى تەكشۈرۈش قىلىپ باقاي، گەرچە بۇندان قىلىشىم شىركەت تۈزۈمىگە خىلاپ بولسىمۇ شۇنداق قىلماي بولمايدۇ، لېكىن ئالدى بىلەن پەخرىدىنكامدىن تەكشۈرۈش ھوقۇقى ئېلىشىم كېرەك، بۇنىڭغا بىرئاز ۋاقىت كېتىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئەڭ تېز سۈرئەت ئىچىدە سىزگە رازى قىلارلىق جاۋاب بېرىشكە تېرىشىمەن.
-بولىدۇ، ئەمىسە مەن خەۋىرىڭنى كۈتىمەن.
ئىككەيلەن ئىشخانىدىن چىقتى، بىنادىن چىقىش ئالدىدا رەتلىك كېيىنگەن بىر يىگىت ›ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم‹ دېگىنىچە مۇراتقا قولىنى ئۇزاتتى، مۇرات ئۇنىڭغا قول سۇندى، يىگىتنىڭ ئالقىنىدا قەغەزدەك بىر نەرسە بارئىدى، تەجرىبىلىك مۇرات چاندۇرمايلا قەغەزنى ئالدى.
مۇرات ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ شىركەتتىن ئايرىلدى، ئۇنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كېيىن نۇزات پەخرىدىن قارلۇقتىن ئالاھىدە تەكشۈرۈش ھوقۇقى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا ماڭدى.
مۇرات ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسىغا بۇيرۇق بېرىپ قويۇپ، بايىقى ناتونۇش يىگىت بەرگەن قەغەزنى ئاچتى:
-مۇراتكا، بۈگۈن نېمە سەۋەب بىلەن شىركەتكە كەلگىنىڭىزنى بىلىمەن، مەندە سىزگە لازىملىق ئۇچۇرلار بار، كەچتە ھەرەمباغ تاماقخانىسىنىڭ ئايرىمخانىسىدا مېنى كۈتۈڭ.
مۇرات ھەيران قالدى، ئەجىبا شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا قارا قول بارمىدۇ؟ ئىشلار نېمانچە مۇرەككەپلىشىپ كەتتى ئەمدى؟ھازىر ئۇنىڭ ئۈمىدى نۇرزات ۋە بۇ ناتونۇش يىگىتكە باغلانغان ئىدى، ئۇ ئىچىدە ئاللاھتىن بۇ دېلونى تېزرەك پاش قىلىشىنى تىلىدى.
شەھەرگە كىرگىچە كەچمۇ بولۇپ قالدى، ئۇ ماشىنىنى ھەرەمباغ تاماقخانىسى تەرەپكە ھەيدىدى، ۋە بىر ئايرىمخانىنى دېيىشىپ قويۇپ ھېلىقى ناتونۇش يىگىتنى ساقلىدى. تاقەتسىزلەنگىنىدىن بولسا كېرەك، ئارىلاپ بېلىكىدىكى سائىتىگە قاراپ قوياتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ يانفونى سايرىدى، تېلىفون قىلغۇچى نۇمۇرىنى مەخپىيلەشتۈرگەنمۇ قانداق، نۇمۇرى كۆرۈنمىدى
-مۇراتكا، بۇ مەن، بىز چۈشتە قارلۇقنىڭ بىناسىدا كۆرۈشكەن
-كېلىپ بولالمىدىڭىزغۇ ئۇكا؟ سىزنى ساقلاۋاتىمەن
-مەن شەھەرگە بارىدىغان يولدا. بىرى كەينىمگە چۈشىۋالدى، ئۇنى ئىزىقتۇرىۋىتەلمەيۋاتىمەن.
-كىم كەينىڭىزگە چۈشتى؟
-ھېلىقى…ئويۇن بۆلۈمىدىكى ئاخىرقى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئوسمان، مەن بۈگۈن سىزگە دەل ئۇ توغۇرلۇق.......
›گۇم‹ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تېلىفون ئۈزۈلدى، كەلگەن نۇمۇر كۆرۈنمىگەچكە قايتۇرۇپ ئۇرۇشقا ئىمكان يوق ئىدى، ئۇ دەرھال ماشىنىسىنى قوزغىتىپ شەھەر سىرتىدىكى يولغا قاراپ ماڭغاچ نۇزاتقا تېلىفون قىلدى
-ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇراتكا، سىزگە تېلىفون قىلاي دەپ تۇرغان، مەن بەزى…
-بالام، قالغان گەپنى سەل تۇرۇپ دېيىشەيلى، بىز بىنادىن چۈشكىچە بىز بلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ھېلىقى يىگىت ئېسىڭدىمۇ؟
-شۇنداق، ئېسىمدە
-ئۇ يىگىت ماڭا بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزمەكچى بولغان، بىراق تېلىفونىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى، مەن ھازىر شەھەر سىرتىغا قاراپ ماڭدىم، ئۇ ئوسمان ئىسىملىك بىرىنى تىلغا ئالغان، ئۇ كىم؟
-مەن دەل مۇشۇ ئىش ھەققىدە سىزگە تېلىفون قىلماقچى ئىدىم، ئوسمان ئويۇن بۆلۈمىدە ئاخىرقى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل، مەن تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ  ئويۇنغا بەزى يامان نىيەتلىك كودلارنى قوشىۋەتكەنلىكىنى بايقىدىم.
-ھېلىقى يىگىت ئوسماننىڭ ئۆزىنىڭ پىيىغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتقان، دېمەك ئوسمان ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويغانلىقىنى ھېس قىلغان چېغى، مەن دەرھال ئۇنى قولغا ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتەي، ئۇنىڭ كىملىك نۇمۇرىنى ماڭا ئەۋەتىپ بەر.
مۇرات شۇنداق دەپ تېلىفوننى قويدى، ھايال ئۆتمەي نۇرزاتتىن كەلگەن ئېلخەت ماشىنىنىڭ ئىكرانىدا كۆرۈندى، مۇرات ماشىنىدىكى ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى بىلەن باش شىتابقا مۇشۇ كىملىك نۇمۇرىدىكى ئادەمنىڭ ماشىنىسىنىڭ ۋە ئۆيىنىڭ ئاپتوماتىك قۇلۇپىنى تاقاش، ھەرقايسى چارلاش ئەترىتىگە شۇ كىشىنى قەيەردە كۆرسە قولغا ئېلىش ھەققىدە بۇيرۇق يەتكۈزدى.
مۇرات شەھەر سىرتىغا چىقىپ ئانچە ماڭمايلا يولنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆردى، ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ تەرتىپ ساقلاۋاتقان قاتناش ساقچىسىدىن نېمىش بولغانلىقىنى سورىدى
-قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ماشىنا ئېغىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپتۇ، ئۆلگۈچىنىڭ بوينىغا بىرى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرىۋىتىپتۇ. ھادىسە سادىر قىلغۇچى قېچىپ كەتكەن، بىز ھازىر ئىزدەۋاتىمىز-دەپ جاۋاب بەردى قاتناش ساقچىسى.
مۇرات يۈگرەپ ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كەلدى، ماشىنىدا ياتقىنى دەل ئۆزىگە ھېلىقى قەغەز پارچىسىنى بەرگەن يىگىت ئىدى.
-قاتناش ھادىسسىمىكەن ياكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشمىكەن؟
-ئاۋۋال ماشىنىنى كەينىدىن سوقۇپ يەرگە چۈشۈرىۋىتىپ، كېيىن ئۆلگۈچىنىڭ بوينىغا پىچاق ئۇرۇپ جېنىنى ئاپتۇ.
چۈشىنىشلىك، دېمەك گۇماندارنىڭ ئوسمان بولغانلىقىدا شەك يوق ئىدى.
شۇ ئەسنادا قارشى تەرەپتىن نۇرزات ماشىنىسى بىلەن يېتىپ كەلدى ۋە ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق بىئارام بولدى.
مۇراتنىڭ يانفونى سايرىدى، تېلىفون ساقچى ئىدارىسى باش شىتابىدىن كەلگەن ئىدى.
-مۇرات، سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە ئوسماننىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئاپتوماتىك قۇلۇپىنى تاقىدۇق، ئوسمان ھازىر ئۆينىڭ ئىچىدە، ساقچىلار ئەتراپنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ باشقا ئاھالىلەرنى چېكىندۈردى، تېزدىن كەل.
مۇرات نۇرزاتنى ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا سېلىپ ئالاھىدە تېز سۈرئەت بىلەن ئوسماننىڭ تۇرالغۇسىغا كەلدى ۋە بۇيرۇق بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى، ئوسمان ئۆيدىكى كىرىسلودا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك پۇتىنى ئالماپ ئولتۇراتتى.
-سېزىلىپ قالىدىغىنىمنى بىلەتتىم، بىراق پەرىزىمدىكىدىن كۆپ بالدۇر بولۇپ قالدى، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنىڭ يېرىمىمۇ تۈگىمىگەن ئىدى
ئوسمان مۇرات ۋە نۇرزاتنى كۆرۈپ گېپىنى باشلىدى. مۇرات باشقا ساقچىلارغا ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇشنى تاپىلاپ نۇرزات بىلەن بىللە ئوسماننىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى.
-ھەيران قالغانسىلەر؟ تېخنىكا تەرەققىياتى داۋاملىق تۈردە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىمىزنىمۇ ھېچكىم توسالمايدۇ، بۈگۈن بەلكىم مەن تۈگىشەرمەن، بىراق كەينىمدە يەنە يۈزلەپ، مىڭلاپ ئوسمانلار چىقىدۇ. بىز ھامان بىر كۈنى ئۇلۇغۋار پىلانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
-سىلەرنىڭ پىلانىڭلار مۇشۇ شەكىلدە ئادەم ئۆلتۈرۈشما؟-تاقەتسىزلىك بىلەن سورىدى نۇرزات.
-بىزنى ئادەتتىكى قاتىللار بىلەن بىر قاتاردا قويما، بىز ئۇلاردىن كۆپ ئۈستىن تۇرىمىز، ئۆلگەنلەر پەقەت پىلانىمىز ئۈچۈن تەجرىبە بويۇمى خالاس.
-زادى قانداق قىلدىڭ؟-مۇرات ئۆزى قىزىقىدىغان مەسىلىنى سوراشقا باشلىدى-ئۇ كىشىلەرنى زادى قانداق ئۆلتۈردىڭ؟
-ئادەم مىڭىسى غايەت زور قاتتىق دېسكا، ئۇنىڭدىن ئۇچۇر ئوقۇغىلى بولۇپلا قالماي، ئۇچۇر يازغىلىمۇ بولىدۇ. مېنىڭ قىلغىنىم ئاددىلا بىر ئىش، يەنى باشقىلارنىڭ كاللىسىغا بۇيرۇق يازدىم خالاس،  ئۇلارنى يوشۇرۇن ئېڭىغا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ تەسۋىرىنى دەۋرىلەندۈرۈپ قويۇپ بەردىم، ئۇ تەسۋىرنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ھالاك قىلغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم ئېلىمىنتنىمۇ كەم قىلمىدىم ئەلۋەتتە، بۇ دەۋرىلىك داۋاملاشقانسىرى ئۇلاردىكى بېسىم ئېشىپ بارىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ شۇ مۇھىت ئىچىگە كىرگەندە يوشۇرۇن ئېڭىغا سىڭدۈرۈلگەن ھەرىكەت بۇيرۇقى قوزغىلىدۇ، نەتىجىدە سېنىڭ ئوغلۇڭغا ئوخشاش…
ئوسماننىڭ گېپى تۈگىمەيلا مۇرات ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر مۇشت ئۇردى. ئوسمان ھىجارىغىنىچە ئۆزىنى غالىپلاردەك ھېس قىلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى.
-بىلسەڭلار ھازىرقىسى بىر پەقەت سىناق خالاس، تېخىمۇ زور ئىشلار ئالدىڭلاردا سىلەرنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، بۇ ئىشلارنى مېنىڭ كۆرەلمەسلىكىم تۇرغانلا گەپ، بىراق مېنىڭ قېرىنداشلىرىم قالغان پىلانلارنى داۋاملىق يۈرگۈزىدۇ.
مۇراتقا ھەممە ئىش ئايدىڭ بولدى، يەنە شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى ئوسمان يالغۇز ئەمەسكەن، ئۇنىڭ يەنە شېرىكلىرى باركەن.
-قېرىنداشلىرىم دېگىنىڭ كىملەر؟
-ھېلىمۇ جىق نەرسىنى ئاشكارلىۋەتتىم، ئاشكارلىۋەتتىم دېسەممۇ بولماس، شۇنداقمۇ نۇرزات؟ سەن ھەممىنى بىلدىڭ شۇنداققۇ؟
نۇرزات بايىلا تېخى بىلدى، ئوسمان خىزمىتىدىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنى، ئويۇن پروگراممىسىغا نۇرغۇن كودلارنى يېزىۋەتكەن،بۇ كودلار ئويۇن دۇبۇلغىسىنىڭ ئىچىدە ئىجرا بولۇپ ئويۇنچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى.
ئۇ ئالدىدا تۇرغان بۇ ئادەم سۈرەتلىك مەخلۇقتىن يىرگەندى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىپەرۋالىق قىلغىنىغا ئۆكۈندى. بىراق نېمىلا قىلغان بىلەن كېچىككەن ئىدى.
ئوسمان ئاستاغىنا ئورنىدىن تۇردى
-مەندىن ئەمدى يىپ ئۇچى ئالالايمەن دەپ ئويلىماڭلار، دىليارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيۈمدىكى مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىسپاتلارنى يوق قىلىۋەتتىم، ئىشخانىدىكى ئىسپاتلارمۇ نەۋاخ بىر تەرەپ بولۇپ بولغان، ئەمدى بىردىنبىر ئىسپاتنى يوق قىلىدىغان پەيت كەلدى.
ئۇ شۇنداق دەپلا بارمىقىغا سېلىۋالغان ئۈزۈكنىڭ كۆزىدىن ماياقچىلىك نەرسىنى ئېلىپ يۈتىۋالدى، مۇرات بىلەن نۇرزات ئۇنى توسۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى، نەچچە سىكۇنت ئۆتە-ئۆتمەي ئۇنى كۆزلىرى چانىقىدىن ئېتىلىپ چىققۇدەك دەرجىدە پولتىيىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىققىنىچە ئۆلۈپ قالدى…
نۇرزات ئۇنىڭ بارمىقىدىكى ئۈزۈكنى ئالدى، ئۈزۈك ئۈستىدە ئۆز ئارا گىرەلەشتۈرۈلگەن سىزغۇچ ۋە سىركول بەلگىسى تۇراتتى، مۇرات بۇنى كۆرۈپ يادىغا ئەينى ۋاقىتلاردا گۈدۈك مىكرو بلوگىدا ھە دەپ ماسون پارىڭىنى قىلىدىغان فىردون ۋە سۈرخانلار يادىغا چۈشتى، ئۆزى ئەينى چاغدا بۇنداق تەشكىلات ياكى ئادەم مەۋجۇت ئەمەس دەپ ئۇلارنى زاڭلىق قىلاتتى، ھالا بۈگۈن ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.
قانۇن دوختۇرلىرى، نەق مەيدان ساقچىلىرى كېلىپ ئۆي ئىچىدىن ئىسپات ئىزدەشكە باشلىدى، مۇرات بىنا ئالدىدا بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە ئولتۇراتتى. گەرچە قاتىلنى تاپقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ پەقەت بىر پىچكا ئىكەن، يەنە كېلىپ پىچكا شاھمات تاختىسىدىدەك 8تاللا ئەمەس بولىشى تۇرغانلا گەپ، ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.
نۇرزات ئۇنىڭ يېنىدا نېمە قىلىشنى، نېمە دېيىشنى بىلمەي ئۆرە تۇراتتى.
مۇرات بېشىنى كۆتىرىپ يانفونىنى چىقىرىپ ئىدارە باشلىقىغا تېلىفون قىلدى:
-باشلىق، ماڭا ئەڭ مۇنەۋۋەر تېخنىكتىن بىرقانچىسى لازىم، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا.
مۇرات گېپىنى دەپ بولۇپ نۇرزاتقا قاراپ، بالام، سەن ئوسماننىڭ شىركەتتە ئىشلەتكەن كومپىيۇتېرىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ يېقىنقى 5يىلدىكى بارلىق ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ مېنىڭ ئىشخانامغا يەتكۈزۈپ بەرگىن، مەن بۇنىڭ ئاخىرىنى چىقارماي قويمايمەن.
نۇرزات بېشىنى لىڭشىتىپ شۇ زامات شىركەت تەرەپكە  مۇرات بولسا دوختۇرخانا تەرەپكە ماڭدى.
نەچچە كۈندىن بۇيان ھوشسىز ياتقان ئەخمەتجان دادىسىنىڭ كېلىشىگە ئۈلگۈرۈپ كۆزىنى ئاچقان ئىدى، ئۇ مۇڭلىنىپ تۇرغان دادىسىغا قاراپ كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇشقا باشلىدى. مۇرات ئۇنىڭ كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتتى
-دادا، نېمىش بولغىنىنى بىلمەيمەن…
-بولدى سۆزلىمە بالام، ھەممىسى ئېنىق بولدى، ئەمدى بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر ئاخىرلىشىدۇ، ئەمدى قايتا يۈز بەرمەيدۇ، ساڭا ۋەدە بېرەي-دېگىنىچە ئەخمەتجاننىڭ قولىنى يۈزىگە يېقىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئەخمەتجان دوختۇرخانىدىن چىقتى، مۇرات ئۇنى يىتىلىگىنچە دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن چىققىنىدا ئۆزلىرىنى ساقلاپ تۇرغان نۇرزات ۋە نۇرمۇھەممەت ئاتا-بالىنى كۆردى.
-ئىشلار جايىغا چۈشتى مۇراتكا-دەپ گەپنى باشلىدى نۇزات ھەممەيلەن ماشىنىغا جايلىشىپ يولغا چىققاندىن كېيىن-ئويۇن پروگراممىسىنىڭ كودلىرىنى قايتىلاپ تەكشۈردۇق، بۇرۇن بازارغا سېلىنغان ۋە سېتىلىپ بولغان ئويۇن دېسكىلىرىنىڭ ھەممىسنى يىغىۋىلىپ كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق، بىراق شۇ…
مۇرات نۇرزاتنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، كۆز ئالدىدىن ئەسقەر ۋە باشقا نۇرغۇن ئۆزىنى ›ئۆلتۈرىۋالغان‹لار ئۆتتى…
نۇرمۇھەممەت گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكىدى:
-ئوسماننىڭ باشقا شېرىكلىرىچۇ؟
-سۇ كىرمەيدىغان يوچۇق يوقكەن، ئۇ ئۆزىچە ھەممە ئىسپاتلارنى يوق قىلىۋەتتىم دېگەن بىلەن، ئۆز مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرىۋىتەلمەيدۇ-دە، بىز ئۇنىڭ مېڭىسىنى يېرىپ ئېلىپ، ئىچىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئالدۇق، شۇ بويىچە تەكشۈرۈپ بۇ تەشكىلاتقا ئالاقىدار مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالدۇق. ئۇلار جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلاملارغا سىڭىپ كىرىپ بوپتۇ، ھەتتا بىرقانچىسى بىلەن نەچچە يىل بىر ئىدارىدە ئىشلەپتىمەن دېگىنە. خۇداغا شۈكرى، ئەمدى ھەممىسى ئاخىرلاشتى شۇنداقمۇ ئوغلۇم؟-مۇرات ئەخمەتجاننى چىڭ قۇچاغلىدى.
-شۇنداق، قارا چۈشنىڭ ھەممىسى ئاخىرلاشتى. دېدى نۇرمۇھەممەت ئۈمىدۋارلىق بىلەن.
ماشىنا تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. يول توسۇلۇپ قالغان ئىدى، نۇرزات دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ قاتناش ساقچىسىدىن سورىدى؟
-ئالدى تەرەپتە نېمە ئىش بولدى؟
-بىرى بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋىلىپ، بىر ماشىنىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشۈپتۇ.
ماشىنىدىكىلەرنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى
-نېمە بولۇپ ئۆزىنى تاشلىۋاپتۇ؟
-ۋاي، ئاشىق مەشۇقلارنىڭ جېدىلى بولمامدۇ، ئايرىلىشىپ كەتكىنىگە چىدىماي ئۆزىنى تاشلىۋاپتۇ.
مۇرات ئۇھ! دەپ ئۆزىنى كەينىگە تاشلىدى، قالغان ئۈچەيلەن ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ كۈلۈشمەكتە ئىدى.

تامام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 08:55:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىروزە يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 10:45 PM
بىشىنى يوللىغاندىن كېيىن ئاخىرىنىمۇ يوللىۋىتىڭە، بى ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش