مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: سۈرخان1

چۈش قاتىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 02:51:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 02:46 PM
شۇنداق..

مېنىڭ تونۇدۇڭمۇيا ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 06:02:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋايجان، نىمانداق قورقۇنۇچلۇق، پەن - تېېخنىكىنىڭ چەكتىن ئاشقان تەرەقىياتىنىڭ مەھسۇلىمۇ نىمە بۇ.  ئېيتماقچىمۇ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، كېيىنچە بىر نىمە دىمەك تەس جۇمۇ . داۋامىنى تېزرەك يوللارسىز.

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ياقۇپجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 06:43:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغاتەشنامىز

ھايات ساڭاكۈلۈپ باقمىسا،سەن ھاياتقاكۈلۈپ باق..ئاچچىق كۈلسەڭمۇمەيلى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 07:02:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
WENAS@ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 06:02 PM
ۋايجان، نىمانداق قورقۇنۇچلۇق، پەن - تېېخنىكىنىڭ چەكتى ...

ئۈندىدارغا jilweنى قوشۇپ، quxkatili01دىن باشلاپ ئەۋەتىپ، داۋامىنى ھەرۋاقىت كۆرەلەيسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 07:03:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسقەر جان ئۈزگەن ئىدى. باشتا ئوغلى، كەينىدىن ھەمراھى پىشكەللىك ئۇچرىدى، مۇراتنىڭ كاللىسى قايمۇقۇپلا كەتتى.
مۇرات سالپايغان ھالدا ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى. كاللىسىدا ئەخمەتجاننىڭ ۋە ئەسقەرنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى بىنورمال ئالامەتلەر فىلىم لىنتىسىدەك قايتا قويۇلدى، ئەجىبا بۇنىڭ كەينىدە بىرەر ئويۇن بارمىدۇ؟ قانداقلارچە ساپمۇساق ئىككى ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ؟ بۇنىڭدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئارقىسىدىمۇ بىرەر سىر بارمىدۇ؟
مۇرات تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن تەپەككۈر يولىدىن چىقىپ پىكىر قىلماقتا، بەلكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭ بېشىدا يۈز بەرمىگەن بولسا ئۇ مەڭگۈ ئاددى تەپەككۈر ئىچىدە ياشاپ ئۆتۈپ كېتەرمىدى؟ ئۇ ئىلگىرى ئۆزىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئارخىپ بۆلۈمىگە ماڭدى.
-يېقىنقى 1يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش دېلولىرىنىڭ بارلىق ئارخىپلىرىنى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىنى ئالاقىلىشىش ئادرېسىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئالىمەن.
ئارخىپ بۆلۈمى مەسئۇلى ياسىن ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ مۇراتتىكى بۇنداق جىددى كەيپىياتنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتىدۇ، گويا ئالدىدا تۇرغىنى مۇرات ئەمەس باشقا ئادەمدەكلا.
مۇراتنىڭ سەل ئاچچىقى كېلىپ قالدى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى بېسىۋىلىپ بايىقى گەپنى يەنە بىر تەكرارلىدى.
-مۇراتكا، يېرىم سائەت ئىچىدە سىز دېگەن بارلىق ئارخىپلارنى تېپىپ ئىشخانىڭىزغا يەتكۈزۈپ بېرەيلى-دېدى ياسىن دۇدۇقلىغان ھالدا.
مۇرات سائىتىگە بىر قارىۋىتىپ ياسىنغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئىشخانىسىغا چىقىپ كەتتى.
بىر چاغدا ياسىن مۇراتنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى قاقتى،مۇراتكا، سىز دېگەن ئارخىپلارنى ئەكەلدىم، مۇرات سائىتىگە يەنە بىر قارىۋىتىپ، خىزمەت ئۈستىلىنى ئىشارە قىلدى. ياسىن ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى، كەينىدىن يەنە 2ياش ساقچى بالا بىر قۇچاقتىن ئارخىپلارنى كۆتۈرۈپ كىرىشتى.
-نېمانچە جىق ئارخىپلار بۇ؟
-ئۆتكەن بىر يىل ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش دېلولىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن يىل بولدى ئاكا، ھېساپلاپ كەلسەك ئۆتكەن 5يىل ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلارنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ چىقىدۇ.
مۇراتنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.
-بولدى، سىلەر چىقىپ ئىشىڭلارنى قىلىۋىرىڭلار.
3كۈن بولدى، تازلىق ئۆيىگە چىقىپ كىرگىنىدىن باشقا مۇراتنىڭ ئىشخانسىىدىن بىر قەدەم ئاتلىغىنىنى ھېچكىم كۆرمىدى، تاماقنىمۇ ئىشخانىدا يېدى، ئارىلاپ تېلىفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ كىملەر بىلەندۇر ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سۆزلىشىپ كېتەتتى. مۇرات ئاخىرى ئىشخانىسىدىن چىقتى، باشقا خىزمەتداشلار ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ھەيران قېلىشتى، بۇرۇنقى ئېغىر بېسىقلىقتىن ئەسەرمۇ يوق، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئۆزىگە خاس بولمىغان جىددىيلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى.  ئۇ تېز قەدەم ئېلىپ ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
-نېمە دەيسەن؟ سۈيقەست؟-ھەيرانلىق بىلەن سورىدى ئىدارە باشلىقى.
-ھىم، شۇنداق. بۇلتۇر جەمئىي يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش دېلوسى  436قېتىم، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشتىن ئاۋۋالقى مەزگىللەردە ھەممىسىدە ئوخشاش ھالدا نېۋروزىيە )ئۆزىنى مەجبۇرلاش(كېسىلى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن،  شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش ھادىسسىمۇ ناھايىتى تۇيۇقسىز، ئاڭسىزلارچە يۈز بەرگەن. مەن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەن بىرمۇبىر ئەھۋاللاشتىم، قارىغاندا بۇنىڭ كەينىدە راستىنلا بىر سىر بار ئوخشايدۇ.
ئىدارە باشلىقى بىردەم جىمىپ كەتتى، ئۇ ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ مۇرات ياكى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى، ياكى ئوغلىنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىشىشى قاتتىق تەسىر قىلىپ كەتكەنلىكتىن ئالىجوقا سۆزلەۋاتامدۇ بىلىپ بولمايتى، بىراق مۇراتنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭغا ئايان، ئۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىغانلاردىن ئەمەس. لېكىن بىر ئويلىسا ئۇنىڭ بايىقى سۆزلىرى تازا چەك باسمايدىغاندەك.


تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى

ئۈندىدارغا jilweنى قوشۇپ، quxkatili01دىن باشلاپ ئەۋەتىپ، داۋامىنى ھەرۋاقىت كۆرەلەيسىز

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 07:18:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 08:16:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور دۇنياسىدا سۈرخاننى تونۇمايدىغان ئادەم يوق جۇما  !!  دوپپىلىق شۈرەكنى نەدە كۆرسەڭلار سۈرخانكەن دەپ ئويلىساڭلار بولىدۇ  !!  ئەممازە ماۋۇ ھېكايىنى شەمشەر تورىغا باغلاپ ئالامەت بىر يېڭىچە ئىدىيە چىقىپتۇ!!  ئاقبۈركۈتكىمۇ يوللىمامسىلەر  ئاقبۈركۈت بەك قاغجىراپ قاپتۇ مىسرانىمنى يوقلىمايدىغانلار ئوقۇسۇن !!  شەمسى ئەپەندىم كۆرسە سىمىغىدا كۈلۈپ قويار

كارتون تەرجىمە قىلىشقا يەنە كىم ياردەم بېرىدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 08:54:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 07:18 PM
كىم سېز تونمۇدۇم ؟؟

مەن سۈرخان،

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 10:22:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 12:57:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

-ئۇنداقتا سەن ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟
-ماڭا ئالاھىدە تەكشۈرۈش ھوقۇقى بەرسەڭلا بولدى، ئۆزۈم يالغۇز بېرىپ تەكشۈرىمەن.
ئىدارە باشلىقى بىر ھازا تۇرىۋالدى، بۇنداق ھوقۇقنى پەۋقۇلاددە ئەھۋال ئاستىدا بېرىشكە بولاتتى، بىراق بۇ ئىشنى پەۋقۇلاددە ئەھۋال قاتارىدا كۆرمەيمۇ بولمايتى. ئۇ كومپىيۇتېرىغا بارمىقىنى بېسىپ تەكشۈرۈتكۈزگەندىن ئازغىنە مەشغۇلاتنى قىلىۋەتتى، مۇراتنىڭ كۆكرىكىدىكى ئىزنەكنىڭ ئۈستىدىكى يېشىل چىراغ قىزىلغا ئۆزگەردى.
-تەكشۈرىشىڭ ئۇتۇقلۇق بولسۇن
-ئاللاھ دېگىنىڭنى بەرسۇن.
مۇرات ساقچى ماشىنىسىنى قوزغىتىپ، ئاپتوماتىك يول باشلاش قۇرۇلمىسا قارلۇق شىركىتىگە ئاپىرىش بۇيرۇقىنى بېرىپ، ئورۇندۇققا يۆلەنگىنىچە كۆزىنى يۇمدى، 3كېچە كۈندۈز ئارخىپ كۆرۈپ بەك چارچاپ كەتكەن ئىدى.
ماشىنا شەھەر سىرتىغا جايلاشقان قارلۇق شىركىتى باش شىتابىغا كەلدى، كۆلىمى ئۈرۈمچىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان شىركەت باش شىتابى ئالدىدا بىرقانچە ماشىنا ئادەم پوستتا تۇرىۋاتاتتى.ئۇلار مۇراتنى، مۇراتنى كۆكرەك ئىزنىكى ئۈستىدىكى قىزىل چىراغنى كۆرۈپ ئادەتتە قاتمۇقات سوئال ۋە تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئاندىن شىركەت خىزمەتچىسى بولمىغان كىشىلەرگە ئېچىلىدىغان ئىشىكنى دەرھال ئېچىۋەتتى ۋە مۇراتتىن:
-باشلىق، سىزگە كىمنى چاقىرىپ بەرسەم بولاركىن؟
-ئويۇن ئېچىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى كېرەك. مۇرات شۇنداق دەپلا ماشىنىنى قوزغىتىپ شىركەت دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتى.
ئالاھىزەل بىرەر كېلومىتىر ماڭغاندىن كېيىن ئاساسى بىناغا يېتىپ كەلدى، بىنا ئالدىدا بايا قاراۋۇل ماشىنا ئادەملەردىن ئېلخەت تاپشۇرىۋىلىپ مۇراتنى ساقلاپ تۇرغان ئويۇن بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى،شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى قارلۇق شىركىتى ئىنتېرنىت مۇلازىمەت بۆلۈمى مەسئۇلى نۇرمۇھەممەت قارلۇقنىڭ ئوغلى نۇرزات قارلۇق تۇراتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇراتكا، قايسى شامال سىزنى ئۇچۇرتۇپ كەلدىكىن؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام ئوغلۇم، داداڭ سالامەتمۇ؟
-خۇداغا شۈكرى، قەدىر ئەھۋال، ئۆتكەن ھەپتە ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغىلى كەتكەن، تېخى قايتىپ كەلمىدى. بىرەر ئىش بولدىمۇ قانداق؟
-سەن بىلەن ئايرىم سۆزلىشىدىغان ئىشلار بار.
مۇرات شۇنداق دېگىنىچە نۇرزاتنى بېلكىدىن تارتىپ بىنا ئىچىگە كىرىپ كەتتى، قاتمۇقات ئىشكلەردىن ئۆتكەندىن كېيىن نۇرزاتنىڭ ئازادە ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى.
-بىرەر نەرسە كەلتۈرەيمۇ؟ زەپە چاي ياكى قارا چاي دېگەندەك
-ھازىر ئۇنىڭغا ھەپىلەم يوق ئوغلۇم، سەندىن بىلمەكچى بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار
نۇرزات گاڭگىراشلىق ئىلكىدە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.


تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى

ئۈندىدارغا jilweنى قوشۇپ، quxkatili01دىن باشلاپ ئەۋەتىپ، داۋامىنى ھەرۋاقىت كۆرەلەيسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش