شىركىتىڭىزنىڭ ۋاكالەتچىلىرى نىمە ئۈچۈن يىللىق ۋەزىپىنى ئاشۇرۇشنى خالىمايدۇ؟
نۇرغۇنلىغان مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ ھەربىر يىڭى يىللىق سىتىش ۋەزىپىسى چوقۇملا ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ. بۇ بەلكىم ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى تىزرەك نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن ،بەلكىم بازار ئىگىلەش نىسپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن ۋە بەلكىم شىركەتنىڭ پايدىسىنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن .
شىركەتنىڭ ماللىرىنىڭ تىزرەك سىتىلىشى تۆۋەندىكى ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنىڭ ئىپادىسىدە بەكرەك رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ.شىركەتلەر كۆپ ھاللاردا توختاۋسىز يىڭى ۋاكالەتچىلەرنى تەرەققى قىلدۇرغاندىن سىرىت يەنە ئۆزىنىڭ كونا ۋاكالەتچىلىرىگە توختاۋسىز خىزمەت ئىشلەپ ،ئۇلارنىڭ سىتىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،ئۆزىنىڭ سىتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش كويىدا بولىدۇ.بۇ چاغدا سىز بەلكىم بۇ شىركەتنىڭ سىتىشقا مەسئۇل رايۇن دىرىكتورى بولسىڭىز ،ئۆز رايۇنىڭىزدىكى كونا خىرىدارلىرىڭىزغا مالنى تىخىۇ كۆپ سىتىش تەلپىنى قويۇشىڭىز مۇمكىن.شۇنداقلا ئۇلارغا بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز مۇنداق ياخشى،ئۇنداق ياخشى،بۇ يىل مۇنداق يىڭى مەھسۇلاتىمىز چىقىدۇ ،ئۇنداق يىڭى مەھسۇلاتىمىز چىقىدۇ ،شىركىتمىز بۇ يىل بازارغا سالىدىغان مەبلەغ ۋە ئىتىبارلارنى كۆپەيتىدۇ،ھازىر بازار ئەھۋالىمىز ئۇنداق ياكى مۇنداق دىگەنلەرنى دىيىشىڭىز مۇمكىن ۋە ۋاكالەتچىلەر ئالدىدا ئۇلارنىڭ سىتىش مىقدارى ئاشسا ،مالنى كۆپلەپ كىرگۈزسە ئۇلارنىڭ سودىسى ئىشىپ بازاردىكى ئورنى يۇقىرىلاپ ،كۆلىمى چوڭىيىپ ،پايدىسى ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەيسىز. ئۇلارغا مەھسۇلاتنىڭ سىتىلىشى ئاشسا شىركەتكىمۇ ۋاكالەتچىگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىسىز.
قىسقىسى ۋاكالەتچىلەرگە گەپ مۇشۇنداق چىرايلىق ئىيتىلىدۇ،ۋەدىلەر بىرىلىدۇ. لىكىن بۇ چاغدا كۆپ ھاللاردا سىزنىڭ ئاڭلايدىغىنىڭىز تۆۋەندىكىدەك جاۋاپلار ئىچىدىكى بىرسى بولۇشى مۇمكىن:
بازار بەك بوش.
سودا قىلماق تەس بولۇپ كەتتى،
ۋەزىپە بەكلا ئىغىركەن قاراپ باقارمىز .
ئالدىنقى يىلى ئامبارغا بىسىۋالغان ماللارنى تىخى سىتىپ بولالمىدىم.
مەن مال بىرىدىغان دۇكانلار ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ مىلىمىزنى كۆپ كىرگۈزۈۋالغان سىتىپ بولالمىدى.
بو يىلمۇ ئۆتكەن يىلدىكىدىن كۆپ ساتقۇم بار ،لىكىن مىنىڭمۇ قىيىنچىلىقىم كۆپ .
ئىشقىلىپ نىمىلا دىىمىسۇن ،ۋاكالەتچىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئىنىق،يەنى بۇيىلقى سىتىش ۋەزىپەمنى ئاشۇرما،مەن ئۇنىمايمەن دىمەكچىلا خالاس.ھەتتا بەزى ۋاكالەتچىلەر قوپال قىلىپلا‹مىنىڭ ساتالايدىغىنىم مۇشۇنچىلىك ،ئەگەر بۇنچىلىك سىتىشىمغا رازى بولمىساڭلار باشقا ۋاكالەتچى تىپىڭلار ›دەپلا گەپنى ئۈزۈشى مۇمكىن .
ئەگەر شىركىتىڭىز داڭلىقراق شىركەت بولۇپ ماركىڭىز نوچى ،مەھسۇلاتىڭىز خىل ،مەبلىغىڭىز يىتەرلىك ،كۈچلۈك شىركەت بولسا ۋاكالەتچىگە بىسىم سىلىپ ئۇنى بۇ يىلقى يىڭى ۋەزىپىنى چوقۇم ئورۇنلاشقا قىستىيالايسىز .لىكىن بازاردىكى ھەممە كارخانا بۇنداق نوچى بولۇشى ناتايىن. بولۇپمۇ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلاردا ۋاكالەتچىگە بىسىم سالغۇدەك كوزۇر بەكلا ئاز ياكى يوق.بولۇپمۇ چوڭراق ۋاكالەتچىلەرنىڭ سىزنىڭ دىگىنىڭىزگە كۆنۈشى بەكلا تەس.بۇنداق ئەھۋالدا سىز چوڭ ۋاكالەتچىلەرنى كايىل قىلىش ئۈچۈن شىركەتتىكى سەللىسى يوغانراق بىرسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلماقتىن باشقا چارە يوق .
ئەلۋەتتە بەزى ۋاكالەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمايمەن دىگىنى بىر خىل قەستەنلىك.ئۇ بۇنداق دىيىش ئارقىلىق شىركەتتىن تىخىمۇ كۆپ ئىتىبارغا ئىرىشىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن،شىركەت بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى بەزى تارىختىن قىلىپ قالغان مەسلىلەرنى ھەل قىلىۋالماقچى بولۇشىمۇ مۇمكىن ،ھەتتا بەزى ۋاكالەتچىلەر بەزى كەسپى خادىملاردىن ئۆچ ئىلىش مەقسىتىدە مۇشۇنداق قەستەنلىكنى قىلىشى مۇمكىن.
ئەمما ئۇمومەن قىلىپ ئىيىتقاندا نۇرغۇن ۋاكالەتچىلەر يەنىلا سىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشنى خالىمايدۇ.
ئەسلى قائىدە بويىچە قارىساق شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىلىرى مال سىتىشنى كەسىپ قىلغانلار بولۇپ مالنى قانچە كۆپ ساتسا پۇلنى شۇنچە كۆپ تىپىشى كىرەك،چۇنكى ئۇلارمۇ شۇ پۇلنى دەپ سودا قىلىدۇ دە؟
ئەگەر بىز يۇقىرىدىكى قىزىلغا بويالغان كۆز قارش بويىچە ۋاكالەتچىلەرنى تەتقىق قىلساق ،ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشنى خالىمىغان ۋاكالەتچىنى پەقەت يۇزەكى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سىزنىڭ ۋاكالەتچىنى چۈشىنىشىڭىز يىتەرلىك ئەمەس ياكى پەقەتلا ئۆز مەيدانىڭىزدا تۇرۇپلا چۈشەنگەن بولىسىز .
ھەقىقەتەن ۋاكالەتچىلەر مال سىتىش ئارقىلىق جان باقىدۇ ،بۇ راسىت.مالنى كۆپرەك سىتىپ پۇلنى جىقراق تىپىشنى ئويلايدۇ ،بۇمۇ راسىت. لىكىن كۆپ ھاللاردا ۋەزىپىنىڭ ئىشىشى ئۇلارنىڭ پايدىسىنىڭ ئىشىشىدىن دىرەك بەرمەي ئەكسىچە ۋاكالەتچىگە نۇرغۇن مەسلە ئىلىپ كىلىدۇ. بۇ مەسلىلەر ياخشى ھەل قىلىنمىسا زىيىنى ھەتتە مال ساتقاندىكى پايدىسىدىنمۇ ئىشىپ كىتىشى مۇمكىن . شۇڭا نۇرغۇن ۋاكالەتچىلەر ئادەتتە سىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئىشىشىنى خالىمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىش لازىم ؟سەۋەبى نىمە ؟ئەگەر سىز سىتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان كەسپى خادىم بولسىڭىز بۇنى چوقۇم ھەل قىلىشىڭىز كىرەك.
تۆۋەندىكىلەر ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان سىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەر . بىز بۇلارنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ باقايلى:
(داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ)