arkzada يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 12:53 AM
مانا مۇشۇ ئىددىيە بولمايدۇ. كىم سىزگە ساقچىخانىغا ئاپ ...
ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئىككى تەرەپنى ساقچىخانىغا ئاپارسا، ئەڭ كۆپ تەنبىھ ئاڭلايدىغىنى ئۇيغۇر، ھەتتا گۇناھسىز بولسىمۇ؟ زادى ئىددىيەمدىن ئۆتمەيدۇ.
خەنزۇ گۇناھكار بولسىمۇ، ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ يۈرەكلىك ھالدا تەنبىھ بەرگىنىنى ئاشكارا كۆرۆپ باقمىدىم.
مەن مىسال قىلغان پۇجاڭزا ئاتقان ئىشتىمۇ گۇناھ ئەلۋەتتە خەنزۇدا ئىدى. پوجاڭزىنى قالايمىقان ئىتىشمۇ جەمىئەت ئامانلىقىغا خىلاپ تۇرسا. گىدىيىپ تۇردىغۇ شۇ ۋاقىتتا.
مىنى بىكاردىن - بىكار ئۇرغان خوجىلىق شىركىتىنىڭ بۆلۆم باشلىقىمۇ، ساقچىلار ئالدىدا گىدىيىپ تاماكا چىكىپ تۇرغان، ساقچى ھىچقانداق تەنبىھ بىرەلمىدى.
شۇنىڭدىن بۇيان ياللانما ساقچىلارغا ئىشەنمەس، ئۇلارنىڭ ساقچىلىق ھوقوقىنى ھۆكۆمەت خادىملىرىنى قوغداش ئۈچۈنلا، ساقچى كىيىمى كىيگەنلىكىنى ھىس قىلدىم.