ئەمدى « قۇسۇش » نۆۋىتى كىمگە كەلدى ؟
بوزقىر تەرجىمىسى
[ بېيجىڭ خەۋىرى ] چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ چىشەن ئۆزىدىن ئىلگىرى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان خې گوچاڭ بىلەن رەسمىي سۆزلىشىپ ، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ھارام تاپاۋىتىنى « قۇسۇپ » ، تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ ماسلىشىشقا بۇيرۇشنى تەلەپ قىلغان.
چەتئەل تاراتقۇلىرى نەقىل ئالغان ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، ۋاڭ چىشەن ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى ، ھارام تاپاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك دېلونى ۋە چېتىشلىق سوممىنى خې گوچاڭغا ئەينەن ئۇقتۇرغان ھەم ئۇنىڭدىن ئوغلىغا تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ ماسلىشىپ ،تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى بۇيرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئۆتكەن ئايدا مەركەز كارخانىسى بولغان خۇا رۇن گۇرۇھىنىڭ سابىق لېدىرى سوڭ لىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن سىرىتقى دۇنيادىكىلەرنىڭ نەزىرى خې گوچىياڭ جەمەتىدىكىلەرگە تىكىلگەنىدى. نىشان ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى خې جىنتاۋنىڭ ئۈستىگە مەركەزلىشىپ قالغانىدى. 2010-يىلى 2-ئايدا خۇا رۇن گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدىكى بىركارخانا « كۆمۈر پادىشاھى» دەپ نام ئالغان شەنشىدىكى داڭلىق باي جاڭ شىنمىڭ بىلەن دېيىشىپ ، پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى باھادا جاڭ شىنمىڭنىڭ نامىدىكى كۆمۈر كاننى سېتىۋالغان.بىر مۇخبىر سوڭ لىننىڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىق قىلىپ ، 5 مىليارت يۇەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئەھۋالىنى ھەقىقى ئىسمى بىلەن پاش قىلغان .
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، سوڭ لىن كۆمۈر كاننى يۇقۇرى باھادا سېتىۋېلىشتا خې فامىلىلىك بىر سودىگەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنكەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، ۋاڭ چىشەن سوڭ لىن تەكشۈرۈلۈشتۈن بۇرۇنلا خې گوچاڭ بىلەن سۆزلەشكەن. بۇ ج ك پ نىڭ خې گوچاڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ بۇ دېلوغا چېتىلىپ قالغانلىقىغا ئائىت بىۋاستە دەلىل-ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈرۈپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما، خې گوچاڭنىڭ بۇ دېلوغا چېتىلىپ قېلىش ئېھتىمالى زور ئەمەسكەن . شۇنداقلا جەمەتىدىكىلەرنى ئاقلاپ بولۇشىمۇ قىيىن ئىكەن. ئالاقىدار ئورگانلار خې گوچاڭنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن ئايرىم- ئايرىم ھالدا كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھەتتا ئۇلارنى تەكشۈرۈش دائىرسىگە كىرگۈزگەن.دائىرلەر ھازىرغىچە بۇ دېلونى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە بىرەر قارارغا كېلەلمەيۋېتىپتۇ.
http://www.zaobao.com/news/china/story20140506-339998
http://bbs.gxsd.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=942083