مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: مەتنياز

تاللاش تىرىشىشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 11:38:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
               

             154101g7kc7nlg5eq3hlg0.jpg

  


         

       5.تاللىشىڭز خاتا بولسا بارلىق ترىشچانلىقىڭىز بىكار بولىدۇ

بەلكىم دوستلار تاشپاقا بىلەن توشقاننىڭ يۈگرەش مۇسابىقىسىگە چۈشكەن مۇنداق بىر ئاڭلاپ باققان بولىشى مۇمكىن .توشقان مۇسابىقىگە چۈشكەندىن كىيىن ئۆزىدىن بەكمۇ مەغرۇرلىنىدۇ ،تاشپاقىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ ،مۇسابىقە داۋامىدا توشقان يولنىڭ يىنىدا ئۇخلاپ قىلىپ تاشپاقىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ .توشقان مۇسابىىقە قائىدىسىگە قايىل بولمايدۇ ،مەن ئەجىبا بۇ قىرى تاشپاقىغا يىڭىلىپ قالارمەنمۇ ،دەپ ئويلايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن توشقان يىنىدىكى تىلفۇننى قولغا ئىلىپ تاشپاقىغا تىلفۇن قىلىدۇ .ئۇ تىلفۇندا تاشپاقىغا مۇنداق دەيدۇ :تاشپاقا ،سەن مەن بىلەن يەنە بىر قىتىم مۇسابىقىگە چۈشۈشكە پىتىنالامسەن .تاشپاقا جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ ،مۇسابىقىگە چۈشسەم چۈشتۈم ،كىم كىمدىن قورۇقۇپتۇ .ئىككىنجى كۈنى تاشپاقا سانتاناسىنى ھەيدەپ مۇسابىقە مەيدانىغا يىتىپ كەپتۇ .ئۇ ماشىىندىن چۈشۈپ توشقان بىلەن كۆرۈشۈپتۇ .ئۇزاققا قالماي مۇسابىقە يەنە باشلىنىپتۇ ،بىر ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭ توشقان ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كىىتىپتۇ .توشقان بەك تىز  يۈگرەپ تاشپاقىنى بەكمۇ كەينىدە قالدۇرۇپتۇ .ئارقىسىغا قارىسا تاشپاقا كۆرۈنمەپتۇ ،توشقان يولنىڭ يىرىمىغا كەلگەندە يولنىڭ يىنىدىكى چىرايلىق بىر باغچىنى كۆرۈپ قاپتۇ .ئۇ ئۆزىگە تاشپاقا بەكلا كەينىمدە قالدى ،مەن بۇ باغچغا كىرىپ بىردەم سەيلە قىلىپ چىقاي دەپ يۈرۈپ كىتىپتۇ ،ئۇ باغچىغا كىرىپ ئاداشلىرى بىلەن  يەپ ئىچىپ تازا ئويناپتۇ ،ئويناپ سەل ھارغان بولسا كىرەك يەنە ئۇخلاپ قاپتۇ ،ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ قارىسا تاشپاقا ئاللقچان ئاخرقى نوختىغا يىتىپ بىرىپ توشقاننى ساقلاپ تۇرغانكەن .توشقان مۇشۇنداق يەپ ئىچىپ ئويناپ يۈرۈپ ئۆزنىڭ نىشانىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ ،ئىككىنجى قىتىملىق مۇسابىقىدە يەنە تاشپاقىغا ئۇتتۇرۇپتۇ .توشقان قاتتتق پۇشايمان قىپتۇ ،مەن راستىنلا تاشپاقىنى يىڭەلمەيمەنمۇ ؟،مەن نىمە ئۈچۈن بۇ ھالەتكە كىلىپ قالدىم ،مەن مۇشۇنداق ئالەمدىن ئۆتۈپ ئەۋلادلىرىمنىڭ يۈزىنى تۆكەمدىم ،ياق ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ،مەن چوقۇم تاشپاقىنى ئۇتۇپ ئۆزۈمنىڭ بىر يۈگرەش ماھىرى ئىكەنلىكمنى ئىسپاتلىمىسام بولمايدۇ دەپ ئۆز –ئۆزىگە پىچىرلاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن توشقان يەنە تاشپاقىنى ئىزدەپ 3-قىتىملىق مۇسابىقىگە چۈشۈپتۇ .مۇسابقە باشلىنىپتۇ ،توشقان كۆڭلىدە مەن بۇ قىتىم چوقۇم تاشپاقىنى يىڭىمەن دەپ ئويلاپتۇ ،يەنە بىر ئوق ئاۋازى بىلەن توشقان ئوقتەك تىز يۈگرەپتۇ ،بۇ قىتىم توشقان ئۇخلاپمۇ قالماپتۇ ،ئاداشلىرى بىلەن يەپ ئىچىپ ئويناپمۇ يۈرمەپتۇ ،ئۇ ئاخىرقى نوقتىغا يىتىپ بىرىپ دەستە –دەستە گۈل ۋە ئالىقىش سادالىرىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ ،تىىرنىر يەنە جاكارلاپتۇ ،بۇ 3- قىتىملىق مۇسابىقىدە يەنە تاشپاقا غەلبە قىلدى .
نىمە ئۈچۈن؟ توشقان بالدۇر ئاخىرقى نوقتىغا يىتىپ كەلگەن تۇرسا يەنە نىمە ئۈچۈن تاشپاقا غەلبە قىلىدۇ ؟تاشپاقا بىلەن تىرنىر نىڭ مۇناسىىتى بارمىدۇ ؟ياكى تىرنىر خاتا جاكارلاپ قويغانمىدۇ ؟
توشقان بۇ مۇسابىقە نەتىجىسىگە قايىل بولماپتۇ .شۇنىڭ بىلەن توشقان تىرنىرنى ئىزدىمەكچى بولۇپ مىڭىپتۇ ،بۇ ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى كىشلەر توشقانغا :توشقان تىىنىر نىڭ جاكارلىغنى خاتا ئەمەس ،سەن ئەۋاتتىن بەك تىز يۈگرەيمەن دەپ بىشىڭىنى ئىچىڭگە تىقىپ يۈگۈردۈڭ ،مۇسابىقە يۆنىلىشى خاتا بولۇپ قالدى ،سەن مۇسابقە قائىدىسىگە خلاپلىق قىلدىڭ .شۇڭلاشقا بۇ مۇسابىقىدە يەنىلا تاشپاقا غەلبە قىلدى .
توشقان بەكلا قايغۇرۇپتۇ ،ئۈچ قىتىم مۇسابىقىگە چۈشۈپ ئۈچ قىتىم ھەممىدە تاشپاقىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ .
تاشپاقا ئۈچ قىتىم توشقانغا پۇرسەت بىرىپتۇ .ئەمما توشقان بۇ پۇرسەتنى ئوبدان قەدىرلىمەپتۇ ،توشقان ئارقىمۇ ئارقا مەغلۇپ بوپتۇ.
ناھايتىمۇ ئەقىل ئىدراكلىق ئوقۇرمەن ،سىز بۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن قانداق پەرەز قىلغان ئىدىڭىز ؟ئەلۋەتتە توشقان ئۇتۇپ چىقىدۇ دەپ ئويلىغانمىدىڭز؟ئەپسۇس ،توشقان يەنە مەغلۇپ بولدى .بۇ 4-قىتىم توشقان تاشپاقىنى يەنە ئىزدەپ يەنە مۇسابىقىگە چۈشۈپتۇ ،ئالدىنقى قىتىمدىكى ئاچچىق ساۋاقلارنى قاتتىق يەكۈنلەپتۇ ،يولدا ئۇخلاپمۇ قالماپتۇ ،يەپ ئىچىپ ئويناپمۇ يۈرمەپتۇ ،يۆنىلىشنى خاتامۇ تاللىماپتۇ ،بىر كۈچەپلا ئاخرقى نوقتىغا يىتىپ كەپتۇ ،نەتىجىدە توشقان يەنە ئۇتتۇرۇپتۇ ،ئوقۇرمەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىشنى خالامسىز ؟
تاشپاقا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تونۇپ يىتىپ ھازىرقى ئىلغار قاتناش قورالى بولغان سانتاناسىنى ھەيدەپلا مۇسابىقگە چۈشۈپتۇ ،توشقان گەرچە ئالدىنقى قىتىمقى ئاچچىق ساۋاقىلىرنى يەكۈنلەپ ئۆزىدىكى توغما يۈگرەش قابىليىتىگە تايىنىپ تاشپاقا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپتۇ ،ئۇ جەمىئەتنىڭ تەرەقىقىياتىدىن ،ئىلغار ئۇچۇر تىىنىكا ۋاستلىرىن پايدىلنىشنى ئۇقماپتۇ .چۈنكى بۇ قىتمقى مۇسابىقىنىڭ قائىدىسى بويىچە مۇشۇنداق ئىلغار تىخنىكا قاتناش قوراللىرنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلىدىكەن .لىكىن توشقان بۇلاردىن پايدىلنىشقا سەل قاراپتۇ .
توشقان نىمە ئۈچۈن 4-قىتىملىق مۇسابىقىدە يەنە مەغلۇپ بولدى ؟سەۋەبى ئىنتايىن ئاددى ،چۈنكى ئۇلارنىڭ تاللىشى ئوخشاش ئەمەس ،تاللىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن تاشپاقا يەنە غەلبە قىلدى ،توشقان بولسا يەنە مەغلۇپ بولدى ،بۇ ھىكايە يەنە تىخمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا تاللاش تىرىششقا قارىغاندا تىخمۇ مۇھىملىقىنى تونۇتۇپ بەردى .
ھۆرمەتلىك تورداش دوستۇم ،سىز« توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ يۈگرەش مۇسابىقىسى»دىگەن بۇ ھىكايىدىن نىمىلەرنى ھىس قىلدىڭىز ؟ھاياتىڭىزغا قانداق ئىلھام ئالدىڭىز ؟
سۇئال سىزگە قالدى ،ئويلىنىش يەنە سىزگە  
ئاخىرى يەنە داۋاملىق يوللىنىۋاتىدۇ ..............






      

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 11:42 AM  


بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 11:43:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


154101g7kc7nlg5eq3hlg0.jpg



6.بىر ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشڭىزدا تاللاشنىڭ ئىگەللىگەن نىسپىتى تىرىششتىن چوڭدۇر


بۇرۇن بىر تىشچان يىگىت ھەر دائىم يىنىدىكى كىشلەردىن تىخمۇ كۈچلۈك بولىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن .ئۇزۇن ۋاقىت تىرىشىپ ئىزدىنىپمۇ بىرەر ئىشتا ياخشىراق نەتىجگە ئىرىشالمەپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت بىر ئۆلىمانى ئىزدەپ تەلىم بىرىشنى تەلەپتۇ .ئۆلىما تاغىدىن ئوتۇن كىسىپ ئەكىلىدىغان 3 بالىنى ئىزدەپ تىپىپ ئۇلارغا دەپتۇ :سىلەر بۇ يىگىتنىمۇ سىپىڭلارغا قوشۇۋىلىڭلار ،سىلەر بىلەن بىللە ئوتۇن تىرىپ ئەكەلسۇن.بۇ تىرىشچان يىگىت ۋە 3 ئوتۇنچى بالا بىللا تاغقا ئوتۇن كەسكىلى چىقىپتۇ .ئۇلار تاغدىن قايتىپ كەلگەندە ئۆلىما ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋاپتۇ ،تىرىشچان يىگىت تەرلەپ پىشىپ ئاران تەستە ئىككى تال ئوتۇن ئىلىپ كەپتۇ .
ئىككى بالا ئەپكەشتە ئوتۇن كۆتۈرۈپ مىڭپتۇ ،يەنە بىرسى بولسا ئۇلارنىڭ كەينىدە مىڭىپ ئەپكەشتىن چۈشۈپ قالغان ئوتۇنلارنى تىرىپ مىڭپتۇ .ئۇلار مۇشۇنداق مىڭىپ ئۆلىمانىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپتۇ .ئەپكەشتە ئوتۇن كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىكىسى بىر –بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ ،ئارقىدىنلا ،ئۇستاز ،بىز يەنە بىر قىتىم تىرىپ كىلەيلى دەپتۇ .تىرشچان يىگىت ئۆتۈنۈپ دەپتۇ ،مەن دەسلەپتە 6 باغلام ئوتۇن كۆتۈرگەن ئىدىم ،يىرىم يولغا كەلگەندە زادىلا بولالماي ئىككى باغلامنى تاشلىۋەتتىم ،بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن پەقەتلا بولالمىدىم ،يەنە ئىككى باغلامنى تاشلىۋەتتىم .مەن ئاخردا ئاران بۇ ئىككى باغلامنى ئىلىپ كىلەلىدىم .ئۇستاز ،ماڭا ئىشنىڭ ،مەن راستىنلا تىرىشتىم .
ھەممنىڭ كەينىدە ماڭغان بالىنىڭ ئەھۋالى قانداقتۇ ؟ئۇنىڭغا قاراپ باقايلى ،ئۇ دەسلەپتە ئاران ئىككى باغلام ئوتۇن تەرگەن ،يولدا كىتىۋىتىپ ئەپكەشتىن چۈشۈپ قالغان ئوتۇنلارنى تىرىپ ماڭغان شۇنداقلا بۇ تىرىشچان يىگىت تاشلىۋەتكەن بۇ تۆت باغلام ئوتۇننىمۇ يىغىۋالغان .شۇنداق قىلىپ ئۇ جاپا تارتمايلا ئەڭ كۆپ ئوتۇن تىرىپ كەلگەن .
ئۆلىما ئەڭ ئاخىردا كەلگەن بۇ بالىنىڭ بۇ قىلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇن بوپتۇ .
بۇ ئۆلىما تىرشچان يىگىتنىڭ مۆرىسىنى شاپاللاپ تۇرۇپ دەپتۇ :ھەممە ئادەم ئۆزنىڭ ئويلىغنى بويىچە يول ماڭىدۇ ،ئەلۋەتتە بۇ خاتا ئەمەس ،بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى ،ئۇنىڭ تاللىشنىڭ توغرا ياكى خاتا بولىشىدا .ھەي ،تىرشچان يىگىت ،سىز چوقۇم ئىسىڭىزدە ياخشى تۇتۇڭ ،تاللاش تىرىششقا قارىغاندا تىخمۇ مۇھىم ،سىزنىڭ بىر ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشڭىزدا تاللاشنىڭ ئىگەللىگەن نىسپىتى تىرىششنىڭ ئىگەللىگەن نىسپىتىدىنمۇ چوڭدۇر .

ھۆرمەتلىك تورداش دوستۇم بۇ  ھىكايىدىكى بۇ تىرىشچان  يگىت  سىزنىڭچە نىمىنى خاتا قىلغاندۇ ؟ئەگەر سىز بولغان بولسىڭز قانداق قىلاتتىڭز ؟

سۇئال سىزگە قالدى ،ئويلىنىش يەنە سىزگە   

ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىۋاتىدۇ     .............






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 11:44 AM  


بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104860
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-3-15
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 12:45:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ماقالىنى تەرجىمە قلىپ كۆپچىلىككە سۇنۇپسىز، كۆپ رەھمەت! ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭ قىغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104860
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-3-15
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 12:46:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ماقالىنى تەرجىمە قلىپ كۆپچىلىككە سۇنۇپسىز، كۆپ رەھمەت! ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭ قىغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 02:41:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىل ياشتا ئەمەس ، باشتا دەپتىكەن ئاتا -بوۋىلىرىمىز!
  
مەسلىھەتنى چېچى ئاقارغانلاردىن ئەمەس، قەلبى ئاقارغانلاردىن سورا!

ئوقۇغۇچى ۋاقتىڭىزدىلا ، مۇشۇنداق سەرخىل كىتابلارنى ئوقۇپلا قالماي، يەنە بۇ لارنى بىزلەرگە ھەم بەھىر قىلغىنىڭىزغا ئاپىرىن!
بۇ تېمىڭىزدا دىيىلگەندەك، تاللاش -تىرىشىشتىن مۇھىم!
سىز بۇ يولنى ئاقىلانىلىق بىلەن تاللىۋاپسىز!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghurbufet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 02:43 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 09:38:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،داۋامىغا تەشنامىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5286
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7872
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 11:05:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغۇچىنىڭ   ئەجرىگە   رەھمەت .
نۇقۇل  ھالدا    كىتاب  ئوقۇپ  قۇيۇشنىڭلا   ئەھمىيتى   يوق  .
مۇھىمى  :  مۇشۇلارنى ئەمەلىيتىمىزگە   تەدبىقلىساق ئىددىيە  ،  تۇمۇشىمىزدا
ئاز  ـ  تۇلا   ئۆزگىرىش   بولۇپ  قالسا   ئەجەب  ئەمەس...

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103087
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-2-2
ئاخىرقى: 2014-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 08:50:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم ! رەھمەت !  

[/cئۆلۈم يېتەرلىك نەسىھەت!!!olor]

ئوتتۇرھال ئەزا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89341
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-12-30
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 04:34:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەر يوللاپسىز !ياراتقان ئىگەم مېھنىتىڭىزنىڭ ئەجىرنى بەرسۇن،ئەقلىڭىزگە ئەقىل بەرسۇن!

شۇكىرى اللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 08:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋر يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 04:34 PM
ياخشى ئەسەر يوللاپسىز !ياراتقان ئىگەم مېھنىتىڭىزنىڭ ئ ...

بەرگەن باھايىڭىزغا رەھمەت قىرىندىشىم .

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش