مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: مەتنياز

تاللاش تىرىشىشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 10:03:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 11:05 PM
يوللىغۇچىنىڭ   ئەجرىگە   رەھمەت .
نۇقۇل  ھالدا    كىتاب  ئ ...

بەك توغرا دىدىڭىز ،ئوقۇپ  ھە مۇشۇ توغرا گەپ دەپ قويۇپ  ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسەتمىسەك ،بۇ ئوقۇمىغان بىلەن باراۋەر.
بۇ كىتابنى نەشىر قىلسا بولغىدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 10:06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن چىقماپتىغۇ ساۋاقدىشىم،ئىشىڭىز چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ ھە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104120
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 08:59:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق  ياخشى  ،  مەنمۇ  بۇرۇن  كۆرگەن  مۇشۇ  كىتاپنى  ،  تەرجىمە  قىلغۇچىغا  ئاپىرىن  ،  
بۇ  كىتاپ   تەرجىمە  قىلىنىپ  بەك  ياخشى  ئىش  بوپتۇ .  مەنمۇ  ساقلىۋالدىم  ،  كىتاپخانىلارغا  كىرسە   نۇرغۇن  ياخشى  كىتاپلار  بار  خەنزۇچە  ئىنگىلىزچە  كىتاپلار ،  شۇلارنىڭ  ھەممىسى  تەرجىمە  قىلىنسا  دەپ  ئويلايتىم  .  ھازىر  كىنو  تەرجىمانلىرى  كۆپىيىپ  كىتاپ  تەرجىمانلىرى  ئازىيىپ  كىتىپ  بارىدۇ  .  بولسا  شۇنداق  مەشھۇر  ياخشى  ئەسەرلەرنى  ئۆز  تىلىمىزغا   تەرجىمە  قىلىۋالساق ،  بىزنىڭ  مەشھۇر  ئەسەرلىرىمىزنىمۇ  چەتئەل  تىللىرىغا  تەرجىمە  قىلىپ  تارقىتالىساق  بەك  ياخشى  ئىش  بولاتتى ...   ،  تەرجىمە  قىلغۇچى ۋە  ياردەملەشكۈچىلەرگە  ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن ،   بارىكاللا  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 05:12:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        154101g7kc7nlg5eq3hlg0.jpg

      7.  سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ
مۇھىم
نەرسە نىمە ؟

بىزنىڭ ھاياتىمىز ناھايتىمۇ چەكلىك ،بىز چوقۇم ھاياتىمىزنى تولۇق چۈشىنىشمىز ،ھاياتمىزدا نىىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشمىز لازىم .
بىر داڭلق پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى ئەڭ ئاخىرقى دەرسىنى مانا مۇنداق ئۆتكەن .ئۇ دەرسخانىدا بىر ئەينەك بوتۇلكىنى چىقىرىپ ساۋاقداشلارغا كۆرسەتكەن .يەنە ئىككى رەخت خالتىنى چىقارغان .بۇ رەخىت خالتىنىڭ بىرىگە ياڭاق ،يەنە بىرىگە بولسا نىلۇپەر ئۇرۇقى قاچىلانغانكەن .بۇ فىراپىسور كۆپچىلىككە مۇنداق دەپتۇ :مەن بۈگۈن سىلەرگە بىر تەجىربە ئىشلەپ بىرەي ،مەن بۇ تەجىربىنى ياش ۋاقتىمدا كۆرگەن ئىدىم ،بۇ تەجىربىنىڭ نەتجىسى ھازىرغا قەدەر شۇنداق ئىنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .مەن ھەر دائىم بۇ تەجىربە نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىمەن .مەن كۆپچىلىك ھەممەيلەننىڭ بۇ تەجىربە نەتىجىسىنى مەڭگۈ ئىسىدە چىڭ تۇتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلمەن .پەستە ئولتۇرغان ساۋاقداشلار فىراپىسورنىڭ بۇ دىگىننى ئاڭلاپ تىخمۇ ھەيران قاپتۇ .بۇ پەلسەپە دەرسىدىمۇ تەجىربە ئىشلەمۇ ؟بىر خالتا ياڭاق بىلەن بىر خالتا نىلۇپەر ئۇرۇقىنى نىمە قىلىدىغاندۇ ؟
فىراپىسور بىر خالتا ياڭاقنى ئەينەك بوتۇلكا ئىچىگە توشقىچە قاچىلاپتۇ .بۇ ۋاقىتتا بۇ فىراپىسور ساۋاقداشلاردىن سوراپتۇ :ساۋاقداشلار بۇ ئەينەك بوتۇلكا توشتىمۇ ؟
پەلسەپە ئۆگەنگەن بۇ ساۋاقداشلار ھەرخىل مۇلاھىزە قىپتۇ .ئەگەر يەنە ياڭاق قاچىلاشقا توغرا كەلسە ئۇ ئەينەك بوتۇلكا ئاللقاچان توشتى .فىراپىسور يەنە بىر خالتا نىلۇپەر ئۇرۇقىنى چىقىرىپتۇ .ئەينەڭ بوش قالغان يەرلىرىنى بۇ نىلۇپەر ئۇرۇقى بىلەن تولدۇرۇپتۇ .فىراپىسور پەستە ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە سوراپتۇ .ساۋاقداشلار بۇ تەجىربىدىن سىلەر قانداق پەلسەپە يەكۈنىنى چىقاردىڭلار؟
پەستە ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلار بىردىن بىردىن پىكىر بايان قىپتۇ .
بەزىلەر ،بۇدۇنيادا مۇتلەق توشتى دەيدىغان ئىنىقلىما يوق .بەزىلەر بۇ تەجىربە خۇددى بۇلۇتتىكى سۇنى سىقىپ چىقارغانغا ئوخشايدۇ .سىزبۇلۇتنى بەكرەك سىقسىڭىز ،جىقراق سۇ چىقىدۇ ،يەنە بەزى ساۋاقداشلار مۇنداق پىكىر بايان قىپتۇكى ،بۇدۇنيادا بوشلۇقنى چىكى يوق .ئەڭ ئاخىردا فىراپىسور پىكىر بايان قىپتۇ ،سىلەرنىڭ بايان قىلغان پىكىرىڭلار ھەممىسى ئورۇنلۇق ،بىراق ھىچقايسىڭلار مەن ئارزۇ قىلغان قىلغان جاۋاپنى بىرەلمىدىڭلار .سىلەر يەنە ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلاپ بىقىڭلار .ئەگەر بىز ئاۋۋال ياڭاقنى قاچىلماي ئەكىسچە نىلۇپەر ئۇرۇقىنى قاچىلغان بولساق ،ئەينەك قۇتا توشقاندىن كىيىن ماۋۇ بىر خالتا ياڭاقنى قاچىلىغىلى بولامتى ؟
سىلەر ئويلاپ كۆرۈڭلار ،بىزنىڭ ھاياتمىز بەزى ۋاقىتتا مۇشۇ تەجىربىگە ئوخشايدۇ ئەمەسمۇ .بىزنى ھەر دائىم ئۇششاق چۈششەك ئىشلار بەكمۇ ئاۋارە قىلىدۇ .ئەمما ئەڭ ئاخىرغا بارغاندا بىز ئۆزىمىز بەكمۇ مۇھىم دەپ قارىغان ئىشنى قىلىشقا ۋاقتىمىز چىقمايدۇ .نەتىجىدە بىز شۇنچە كۆپ قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىۋىتىمىز .شۇڭلاشقا مەن كۆپچىلىكنىڭ بۇ تەجىربە نەتجىسىنى چوقۇم ئىسىدە تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان .ئەگەر بۇ ئەينەك قۇتىغا ئاۋۋال نىلۇپەر ئۇرۇقىنى قاچىلىساق ،ئەينەك قۇتا توشقاندىن كىيىن بىز بۇ بىر خالتا ياڭاقنى بۇ ئەينەك قۇتىغا قاچىليالمايمىز .
سىنىپ ئىچى جىمجىتلىققا چۆمدى ،ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر ئويلىنىشقا كىرىشىپ كەتتى .
راسىت ،بىز ئەمەليى تۇرمىشىمىزدا ،بىز ئىنسانلارنى مۇنداق بىر كەمچىلىكىنى كۆرۈپ تۇرىمىز ،كىچىك ئىشلار ئۈچۈن مۇھىم ئىشتىن مەھرۇم قالىدىغان .گەرچە بىز ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى بىلسەكمۇ ئۇنى ئتىبارغا ئالماسلىق سەۋەبىدىن ئۇنى كەتتۈرۋىتىمىز .
بىزنىڭ ھاياتىمىز ئىنتايىن چەكلىك ،بىز چوقۇم ئۆزىمىزنى چوڭقۇر دەرىجىدە چۈشۈنۈپ يىتىشىمىز ،ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشمىز لازىم .


8.كىشلىك ھايات بىر

تاللاش ئويۇنى                  


مۇۋاپىقيەتنىڭ ئۆزى بىر تاللاش ،چۈنكى سىز ئاۋۋال جاپاغا چىداپ ئىزدىنىشنى ،تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنى تاللدىڭىز ،ئەڭ ئاخردا بىرىپ مۇۋاپىقيەت سىزنى تاللىدى .ئەمما ئادەتتىكى كىشلەر بۇ تاللاشنى ئىلىپ بارالمايدۇ .ئىككىلنىپ تۇرغاندا سىزنى مەغلۇبىيەت تاللاپ قىلىش مۇمكىن .
كىشلىك ھايات ئۇزۇن بىر جەريان .سىز ئورنىڭزدىن تۇرغاندىن باشلاپ نۇرغۇن تاللاشقا دۇچ كىلىسز ،مەسلەن ئەتتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ قايسى كىيىمنى كىيىش ،قانداق ناشتا قىلىش ،چۈشتە نەگە بىرىش ،نەدە نمە تاماق يىيىش ،دىگەندەك .قىزلارنىڭ تاللىشى ئوغۇللارغا قارىغاندا تىخمۇ كۆپ بولىدۇ .قىزلار توي قىلىشنى ئويلاشقاندا زادى قايسى ئەر ئۆزىگە بەك ماس كىلىدۇ ،قايسى خاراكتىردىكى ئەر بىلەن بىر قەدەر ياخشى چىقىشىپ ئۆتەلەيمەن دىگەندەك .مەن ئۈسىتىدە تىلغا ئالغان بۇ تاللاشلار مەيلى چوڭ بولسۇن ،مەيلى كىچىك بولسۇن ،بىزنىڭ كىشلىك ھاياتىمىزغا ناھايتىمۇ زور تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلەلەيدۇ .بىر نى تاللاپ بولسىڭىز ،يەنە بىر تاللاشقا دۇچ كىلىسىز .قاتلاممۇ قاتلام توغرا تاللاشلاردىن ئۆتەلىسىڭىز ،سىز چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئىرىشەلەيسىز .لىكىن بىردىن بىردىن خاتا تاللاپ ماڭسىڭىز ،سىزنىڭ كىشلىك ھاياتىڭىز مەڭگۈلۈك مەغلۇپ بولىشى مۇمكىن .بىز كىشلىك ھاياتىمىزدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم خاتا تاللاشنىڭ نىسپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشىمىز لازىم .بىز ئەڭ ھاياتمىزدا يەتمەكچى بولغان نىشانىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىمزى لازىم .بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل زور تاللاش .
بەزىلەر كۈندىلىك تۇرمۇش خىز مىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ،خۇشال خورام ئۆتىشىنى ،بەكمۇ ئۈمۈد قىلىدۇ ،ئەمما بىر قىسىم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان خىزمەتنى قىلىدۇ .بەزىلەر تەن سالامەتلىكىنىڭ تىخمۇ ساغلام بولىشنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىدۇ ،ئەمما چىقىپ ھەركەت قىلىپ بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ۋاقتى چىقمايدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بەدىنى ئاجىزلىششقا قاراپ يۈزلىنىدۇ .بۇ مۇ بىىر خىل تاللاش .
كۆپچىلىك مۇنداق بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يتىش كىرەككى تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەرقانداق بىر نەتىجە دەل سىزنىڭ تاللىشىڭىزدۇر .سىز بىر تاللاش ئىلىپ بارغاندا ،سىز مەغلۇپ بولامسىز ياكى مۇۋاپىقيەت قازىنامسىز ؟خۇشال ىورام يۈرەمسىز ياكى قاتتىق ئازاپلىنامسىز ؟سىز باي بولۇش يولىغا يۈزلىنەمسىز ياكى نامراتلىق ھالىتىدە تۇرۇۋىرەمسىز ؟
سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر قىتىملىق تاللىشىڭىز ئارقىلىق كىشلىك ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز .





9.پاراسەتلىك ھالدا
             خىزمەت قىلىش


           مۇۋاپىقىيەت
             قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى





مۇنداق بىر ماقال تەمسىل بار ،ئەركىشى يولنى خاتا تاللاپ قىلىشتىن ،ئايال كىشى جۈپتىنى خاتا تاللاپ قىلىشتىن قورقىدۇ دەيدىغان .توغرا ،بەزىلەر ئىنتايىن بەك تىرىشىپ ئىزدىنىدۇ ،ئەمما تىرىشىپ ئىزدەنگەنلىك چوقۇم مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇ دىگەنلك ئەمەس .مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى دەل تاللاشتۇر .شۇڭلاشقا بىز تاللاش تىرىششتىن تىخمۇ مۇھىم دەيمىز .ئەگەر سىزنىڭ باشتىكى تاللىشىڭىز خاتا بولسا ،سىزنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىڭىز بىكار بولىدۇ .ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە قىزىپ چىقىپ دانالىق بىلەن تاللاش لازىم .ھازىرقى بۇ ئۇچۇر ،رىقابەت دەۋىردە ،ئاقىللىق بىلەن خىزمەت قىلىش مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى .
بىر ساياھەتچى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىگە ساياھەتكە بىرىپتۇ ،ۋە داڭلىق رەسسام بىجياسونى كۆرۈپ قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرماقچى بوپتۇ .بىجياسو پەقەت ئۈچ مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپلا بۇ ساياھەتچىنڭ رەسىمىنى سىزىپ بوپتۇ .
ساياھەتچى :نەچچە پۇل ئالىسىز ؟
بىجياسو :5000فىرانىك
ساياھەتچى :5000فىرانىك ؟
بۇ ساياھەتچى ئىنتايىن ھەيران بولغان ھالدا سوراپتۇ :سىز پەقەتلا ئۈچ مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىزپ بولدىڭىز ،نىمىشكا ئۇنچىۋالا بەك كۆپ ھەق ئالىسىز ؟
بىجياسو :ياق ............مەن بۇ رەسىمنى سىزىشقا ئۈچ مىنۇت ئەمەس مەن بىر ئۆمۈر ۋاقتىمنى سەر قىلدىم .
بىلىم ئىقتىسادى تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن كىشلەر بىلىمنىڭ قىمممىتىنى ھەقىقى دەرىجىدە تونۇپ يەتتى .ئەنە شۇ كەلگۈسىنى پەرەز قىلغۇچى جىياتو فۇلىنىڭ «كۈچنىك يۆتكىلىشى »دىگەن تىمىدا مۇنداق بىر يەكۈننى ئوتتۇرغا قويىدۇ .بىلىم چوقۇم زورلۇق كۈچ ،پۇل مال ئۈستىدىن غالىىپ كىلىدۇ دىگەن .
مەن كىم ؟بۇ قاراشقا ئىنتايىن ئاددى بىر سۇئال ،ئەمما بۇ سۇئالنى سىز ئۆزىڭىزدىن سوراپ باققانمۇ ؟ئۇنىڭ جاۋابىغا قارىتا سىز چوڭقۇر ئويلىنىپ باققانمۇ ؟ئويلىنىپ باقمىغان ،شۇنداقلا بۇ سۇئالنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ باقمىغان بولسىڭز ،مەن سىزگە بۇ سۇئالنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ بىقىشىڭىزنى شۇنداقلا بۇ سۇئال توغرۇرلۇق چوڭقۇر ئويلىنىپ بىقىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن .
ئافىرقىنىڭ بىر چوڭ يايلىقىدا بۆكەن بىلەن شىر بىللە ياشايدىكەن .ھەر كۈنى ئەتتىگەندە بۆكەن ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ بىرىنجى قىلىپ ئويلايدىغنى مەن چوقۇم ئەڭ تىز يۈگرەيدىغان شىردىنمۇ بەكرەك يۈگرەلىشىم كىرەك ،بولمىسا مەن شىرغا يەم بولىمەن .
بۇ ۋاقىتتا شىر كۆزىنى ئىچىپ ئويلايدىغنى مەن ئەڭ ئاستا يۈگرەيدىغان بۆكەندىن تىزرەك يۈگۈرشۈم كىرەك ،بولمىسا مەن ئاچ قىلىپ ئۆلىمەن .تۇرمۇش ناھايتىمۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتۈپتۇ .
تەبىئەتنىڭ تەبىئى تاللىنىش قانۇنيىتى بويىچە بۇ يايلاقتىكى ھورۇن بۆكەن شىرلارغا يەم بوپتۇ، ھورۇن شىرلار بولسا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتىپتۇ .
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ،ئايلار ئۆتۈپتۇ ،يىللار ئۆتۈپتۇ،يايلاقتا مۇشۇنداق ھىكايىلەر تەكرارلىنىپتۇ ،
ھەر كۈنى ئەتتىگەندە قۇياش كۆككە كۆتۈرۈلگەندە بۆكەن بىلەن شىر رىقابەتكە چۈشۈپتۇ .
بۆكەن :مەن ساڭا ھەرگىز يەم بولمايمەن .
شىر:مەن چوقۇم سىنى ئوزوقلۇق قىلىشىم كىرەك ،بولمىسا مەن ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتىمەن .
بىر جوڭگولۇق ئوقۇغۇچى بىر غەرپلىك ساۋاقدىشىغا يۈگوڭنىڭ تاغىنى يۆتكىشى دىگەن ھىكايىنى سۆزلەپ بەرگەندە ،ئۇنىڭ ساۋاقدىشى بۇ ھىكايىگە ئىشەنمىگەننى قىلىپ باش لىڭىشتىپتۇ ۋە مۇنداق ئويلاپتۇ ،شۇنچە جاپا تارتىپ بۇ تاغنى يۆتكىگىچە باشقا ياققا بىر ئۆي سىلىپ كۆچۈپ كەتسە بولمامدۇ ؟
تىرىشچانلىق ئىنتايىن مۇھىم ،لىكىن ھازىرقى بۇ بىلىم ئىقتىسادى دەۋىردە ،كىشلەر ئاستا ئاستا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتى ،ئۇ بولسىمۇ تىرىشپ خىزمەت قىلىش نەتىجە قازىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ،پاراسەت ۋە ئەقىل ئىدراك بىلەن خىزمەت قىلىش مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى .تاللاش تىرىششتىن تىخمۇ مۇھىم .
تاللاش سىلىشتۇرۇشقا دۇچ كىلىدۇ ،تاللاش ھوقۇق تەڭپۇڭلىقىغا دۇچ كىلىدۇ ،تاللاش ھۆكۈم قىلىشقا دۇچ كىلىدۇ .تاللاشنىڭ ئۆزى ئەسلىدە ئاقىللىق بىلەن تىرىشش .
سىزنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىڭىز بەختلىكمۇ ؟
سىز ياخشى بولغان كىشلىك ئالاقىنى قۇرۇپ چىقالىدىڭىزمۇ؟
سىز ھازىرقى خىزمىتىڭىزدىن ئۇتۇق قازىنىشڭىزغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ ؟
سىز قازانغان ئۇتۇقلىرىڭىزدىن پەخرلىنەمسىز ؟
سىز تەن ساغلاملىق بىلەن پىسخكا ساغلاملىقنىڭ ئوخشاشلا تەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلىدىڭىزمۇ؟
سىزنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىڭىز خۇشالمۇ ؟
سىز ئۆزىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟ئۆزگىنىچۇ؟
سىز تاللاشقا دۇچ كەلگەندە ئىككىلەنمەي تىزدىن قارار چىقىرالامسىز ؟
بۇ تۇراقسىز ئۆزگىرىۋاتقان بۇ دۇنياغا يۈزلەنگىنىڭىزدە،سىز ئەسلىدىكى خىزمەت ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ يىڭى خىزمەت ئۇسۇلىغا تىزدىن كۆنەلەمسىز ؟
سىز بۇ ھاياتىڭىزدا يۈزلىنىدىغان تاللاش بەكلا كۆپ ،بىز مۇنداق بىر نوقتىنى ئۆزلەشتۈرىشىمىز لازىمكى ،ئەقىل ئىدراكىلىق بىلەن تاللاش ،ئەقىل ئىدراكلىق بىلەن خىزمەت قىلىش مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى .







10.مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى

يۆنىلىشىڭىزنى بەلگىلەڭ .




بۇرۇن بىر چىۋىن بۇ قىسقىغىنا ھاياتىدىكى بارلىق كۈچىنى ئىشلىتىپ ئۆينىڭ دىرىزىسىدىن يوچۇق تىپىپ چىكىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ ،ئۇ ئارام ئالماي ئۇيان ئۇچۇپتۇ،بۇيان ئۇچۇپتۇ ،،ئەمما بۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتەلمەپتۇ ،ئۇنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى ئۇنىڭغا ئۈمۈد ئىلىپ كىلەلمەپتۇ ،كۈلكىلىل يىرى شۇكى ،بىز تىرىشچانلىقنى قۇدۇق قازغانغا ئوخشىتىمىز ،ئەمما چىۋىن ھەرقانچە قىلسىمۇ بۇ دىرىزىنىڭ ئەينىكىنى تىشىپ چىقىپ كىتەلمەيدۇ دە .
قارىغاندا بۇ چىۋىن شۇ دىرىزە تۈۋىدە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرسا كىرەك .
لىكىن بۇ ئۆينىڭ يەنە بىر تەرىپىدە 10 مىتىرمۇ كەلمەيدىغان ئارلىقتا ئىشىك كەڭ كۇشا ئىچقلىق تۇرغانكەن ،ئۇ ئىشلەتكەن كۈچنىڭ 10 قىسمىنى ئىشلەتكەن بولسا بۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتەلەيدىكەن ،نىمىدىگەن ئاددى ھە ،لىكىن بۇ چىۋىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشنى خالىماپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن بارلىق تىرىشچانلىقى بىكار بولۇپ دىرىزە تۈۋىدە ئۆلۈپ قاپتۇ .ھەي،نىمىشقا بۇ چىۋىن باشقا ئۇسۇللارنى سىناپ باقمايدىغاندۇ ؟ئەجىبا ئۆزىنىڭ بۇ تاللىغان نىشانى توغرىمىدۇ ؟
ئەگەر سىناپ باققان بولسا ھازىرقىدەك ئەھۋالغا قالمىغان بولاتتى ئەمەسمۇ .زادى نىمە سەۋەپ بۇ چىۋىن شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ،ئۇنى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئەكىلىپ قويدى ؟
بىز ئىككىلەنمەي ئىيتالايمىزكى چىۋىن تاللىغان يول ئۆزىگە نىسپەتەن توغرىدۇ ،لكىن ئۇنىڭ تاللىغان يولى ئۆلۈم يولىدۇر .
ئەگەر سىز مانا بۇ چىۋىنگە ئوخشاش يۆنىلىشىڭىز خاتا بولۇپ ھەر قانچە تىرىشسىڭىزمۇ ،ئۆزىڭىز ئىرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزگە ئىرىشەلمەيسىز ،يەتمەكچى بولغان نىشانىڭىزغا يىتەلمەيسىز .
سىزمۇ تۇرمىشىڭىزدا مانا مۇشۇ چىۋىنگە ئوخشاش نۇرغۇن تىرىشچانلىق سەرپ قىلىپ ئاقىۋەت ھىچنىمىگە ئىرىشەلمىگەن ،شۇ بارلىق تىرشچانلىقىڭىز بىكار بولغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ ؟
بۇ ھىكايىدىن شۇنداق بىر يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى بىز مۇۋاپىقيەت قازىنىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم بىزنىڭ تاللىغان يۆنىلىشمىز توغرا بولىشى كىرەك .



11.ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى


قۇتقۇزۋىلىڭ .


نۇرغۇن كىشلەر ھەر دائىم ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ .لىكىن يەنىلا ھەر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى يەنە شۇ يىڭى باشتىن تەكرارلاپ ماڭىدۇ .بەزىلەر بىر يەرگە بىرىپ ئۆزىنىڭ ماڭغان يۆنىلىشنىڭ خاتالىقىنى ھەقىقەتەن بىلسىمۇ ئەمما بۇ يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ قۇدىرتى يوق .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم ھەر قانچە تىرىشسىمۇ ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىغا يىتەلمەيدۇ .كۆپلىگەن كىشلەر يىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەس رىتىمدىكى تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ئەنە شۇ ئۆزگەرمەس رىتىمدىكى تۇرمۇش خزمەتكە سەرپ قىلىدۇ .
بۇ بىر نەچچە يىلدا دۆلىتىمىزدە ئىشتىن قالغانلار كۈنسىرى كۆپىيۋاتىدۇ .بەزىلەر ئىشتىن قىلىپ دەرت پەريات چىكىدۇ .ئەمما بىز ئەتراپىمىزنى كۈزىتىدىغان بولساق ،بەزى بىر قىسىم كىشلەر ئىشتىن قالغاندىن كىيىن تىرىشىپ ئىزدىنىپ ئىگىلىك يارىتىپ تىخمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىرىشۋاتىدۇ ،بۇلار ئىشلار ئەكىسچە ئىشتىن قىلىپ تولىمۇ خۇشال بولىدۇ ،ئەگەر ئۇلار ئىشتىن قالمىغان بولسا  بىر ئۆمۈر ئەنە شۇ ئۆزگەرمەس رىتىمدىكى تۇرمۇشنى كەچۈرىدۇ ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا بەلكىم ياخشىلنىش بولمىغان بولاتتى .ئۇلار ئىشتىن قىلىپ ئۆزنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتتى ،بۇرۇنقى قىلىپتىن قىچىپ چىقتى .
ئەگەر سىزنىڭچە بولسا ئۆزگىرىش يەنە نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟
كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ قارىشچە ،ئۇلارغا نىسپەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،كۆپلىگەن بايلىق مال دۇنيا توپلاش .سىزنىڭچە بۇلارنىڭ ئويلىغىنى توغرىمۇ خاتامۇ؟
مەن ئىنقلا دەيمەنكى سىزمۇ مىليونىر بولۇشنى ئويلاپ باققانغۇ دەيمەن .لىكىن سىز ئويلاپ باققان تۇتۇپ نىمىشقا يەنە ھازىرقى ھالىتىڭىزدە تۇرىسىز ؟
سەۋەپ شۇكى ،سىز بىر تەرەپتىن مىليونىر بولۇشنى ئويلاپ يەنە بىر تەەرپتىن ئۆز-ئۆزىڭىزگە: ھازىچە مۇشۇمۇ يىتەرلىك ،مەن ھەرقانچە تىرىشساممۇ ھامان مىليونىر بولالمايمەن .كىينچە بىر گەپ بولا دەپ ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىگەن بولشىڭىز مۇمكىن .
سىز نىمىشقا ئاشۇ ئىشنى ئويلىغان كۈندىن باشلاپ تىرىشمايسىز ؟سىز نىمىشقا تىرىشپ ئەڭ ئاخرغىچە چىداپ باقمايسىز ؟
تىرىشىڭ ،ئىزدىنىڭ ،ئۆزىڭىزگە ئىشنىڭ ،بىر ئىشنى قلماقچى بولۇپ ئويلايدىكەنسىز ،شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تىرىشىڭ ،ئىزدىنىڭ ،ئەڭ ئاخرغىچە چىداپ غەيرەت قىلىڭ .  


12.كىشلىك ھاياتنىڭ تۆت خىل

چارىكى             

4444.jpg






ھازىر جەمىئەتتە ياشاۋاتقان كىشلەرنى يۇقىرى مۇئاشلىقلار ،ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار،سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار،مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ئىبارەت  تۆت خىل چارەككە بۆلۈشكە بولىدۇ.

كىشلەر ئىگىلىك تىكلەيمەن دەيدىكەن بۇ تۆت خىل چارەكتىن چەنتەپ كەتمەيدۇ .سىز تاپقان بىر سىنىت پۇلمۇ مۇشۇ تۆت خىل چارەكنىڭ بىرسىدىن كىلىدۇ .

تۆت خىل چارەكنىڭ ئىنىقلمىسى ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق پايدىسىز تەرەپلىرى
بىز سول تەرەپ يۇقىردىكى چارەكنى نىمە دەپ ئاتايمىز ؟بىز بۇنى E چارەك دەپ ئاتايمىز ،يەنى بىز يۇقىردا تىلغا ئالغان يۇقىرى مۇئاشلىقلار چارىكىدۇ .
ئىنىقلىمىسى :
باشقىلار تەرىپىدىن ياللىنىپ ئىشلىتىلىپ ئۆزىنىڭ ئەمگەك كۈچىنى سەرپ قىلىپ تۇرمۇش پۇلىنى تاپقان كىشلەر توپىدۇر ،يەنى يۇقىرى مۇئاشلىقلار.
پايدىلىق تەرەپلىرى : بۇلارنىڭ مۇئاشى ئىنتايىن تۇراقلىق ،شۇڭلاشقا بۇلارنىڭ ئارتۇقچە غىمىمۇ يوق ،ئۇنى سىتىۋالايمىكى ،بۇنى سىتىۋالايمىكى دەيدىغان ئارتۇقچە غەممۇ يوق .
ئۇلارنىڭ بۇ كەسپى ئىنتايىن تۇراقلىق ،ھەر ئايدا 30 كۈن توشسىلا مۇئاشىنى ئىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىيالايدۇ .
پايدىسىز تەرەپلىرى :
نىسپەتەن ئەركىن ئەمەس ،ئەگەر سىز بۇ چارەكتىكى كىشى بولسىڭىز ئىجادى تەپەككۇرىڭىزنى جارى قىلدۇرالمايسىز ،ئۆزىڭىزنىڭ نۇرغۇن نىيەتلىرىڭىزنى ئەمىللەشتۈرەلمەيسىز
سىز ھەر دائىم باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ئىش قىلىسىز ،ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرالمايسىز .
سىزنىڭ سەرپ قىلغنىڭىز ۋە  ئىرىشكىنىڭىز تەڭپۇڭ بولماسلىقى مۇمكىن .
بىز سول تەرەپ ئاستىدىكى چارەكنى ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چارىكى دەيمىز .قىسقارتىپ S چارەك دەيمىز .ئۇنداقتا ئەركىن كەسەپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دەپ نىمىگە ئىيتىمىز ؟
بۇ نى بىز شەخسەن ئۆزى يالغۇز ئىگىلىك  تىكلىگەن كىشلەر توپى دەيمىز ،مانا بۇلار ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردۇر.


پايدىلىق تەرەپلىرى :


نىسپەتەن ئەركىن ،ئۆزىڭىزنىڭ نىيىتىڭىزنى ،يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى ،ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنىڭىز بويىچە جارى قىلدۇرالايسىز .
بۇ چارەكتىكى كىشلەرنىڭ سەرپ قىلغنى بىلەن ئىرىشكىنى نىسپەتەن تەڭپۇڭ ھالەتتە بولىدۇ .
پايدىسىز تەرەپلىرى :
تەۋەككۇلچىلىقى بىر قەدەر ئىغىر ،مۇقىم تۇراقلىق ئەمەس ،ئىشلىسە ئىقتىساد بار ،ئىشلىمىسە يوق .
ئۇ مۇنداق ئۈچ تەرەپنىڭ كونىتىروللىقىغا ئۇچۇرشى بىر قەدەر ئىغىر .بىرىنجىسى تىخنىكىنىڭ كونتىروللىقىغا ئۇچۇرشى بىر قەدەر ئىغىر .سىزمۇ بايقىدىڭىزمۇ يوق ،ئاساسەن ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىقتىسادى بىر قەدەر ياخشى كىشلەردۇر ،ئىگىلىك تىكلىشى بىر قەدەر يەخشى كىشلەردۇر،ئىگىلىك تىكلىشى ياخشى ،شۇنداقلا مەلۇم بىر تخنىكىنى ياخشى ئىگەللىگەن كىشلەردۇر .
كىشلىك ئالاقە ئامىللىرنىڭ كونتىروللىقى بىر قەدەر ئىغىر .بۇ چارەكتىكى كىشلەرنىڭ ئالاقە دائىرسى بىر قەدەر كەڭ دائىردە بولىدۇ ،ئەگەر بۇ كەڭ دائىردىكى كىشلىك ئالاقە بولمايدىكەن ئۆزىنىڭ بۇ تىكلىگەن ئىگىلىكىنى ياخشى قىلالمايدۇ ،كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ،كىشلىك ئالاقە بىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىمىزدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم .
ياشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرشىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك .ئارتىسلار ،مودىللار شۇنداقلا تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشلەرنىڭ ياشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرشى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ .

               
ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى چارەكنى بىز سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چارىكى دەپ ئاتايمىز .قىسقارتىپ B چارەك دەپ ئاتايمىز .ئۇنداقتا بىز سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دەپ نىمىگە ئىيتىمىز ؟بۇنداق كىشلەر بىر شىركەتنى ياكى بىر كەسىپنى ئاساس قىىلىپ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىدىغان كىشلەر دۇر.
مەن بىر مىسال كەلتۈرەي ،مەن ئەتە بىر شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغىلى بارىمەن .مەن بولسام بۇ تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغان شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى .مەن سىزدى سوراپ باقسام مەن ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىمۇ ياكى سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىمۇ؟
چۈنكى مەن بىر شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغان باش دىرىكتور ،سىزنىڭچە مەن ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىمۇ ؟مەن سىزگە ئىيتسام سىز ئنىقلىما بىرىشنى ئۆگىنىڭ .مەن بىر شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغان باش دىرىكتور ،مەن ئەلۋەتتە ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولىمەن ،نىمە ئۈچۈن ؟چۈنكى مەن بىر ئىگىدارلىق قىلغۇچى ،پەقەتلا ۋاقىتلىق ئىگىدارلىق قىلغۇچى ،ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەس .سودا تىجارەت ئىگىدارلىق قىلغۇچىلىرى بولسا ئۇزۇن مۇددەت شۇغۇللىندىغان كىشلەردۇر .،بۇنداق كىشلەرنىڭ ياخشىمۇ ياكى ياخشى ئەمەسمۇ ؟ئەلۋەتتە ياخشى ،چۈنكى بۇ چارەكتىكى كىشلەر ھەقىقى دەرىجىدە ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ياراتتى .
بۇ چارەكتىكى كىشلەر ئىرىشىدىغان پايدا ئازمۇ كۆپمۇ؟ئەلۋەتتە كۆپ ،بۇنداق كىشلەر تىزلا نام ئاتاققا ئىرىشەلەمدۇ يوق ؟ئەلۋەتتە ئىرىشەلەيدۇ .بۇ تۈردىكى كىشلەر باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەت قىلىنامدۇ يوق ؟ئەلۋەتتە ھۆرمەت قىلىنىدۇ .
بۇ تۈردىكى كىشلەر ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ياردەم پۇل مال ياردەم قىلالامدۇ يوق ؟جەمىئەتتىكى ئىشسىز كىشلەر گە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرەلەمدۇ يوق ؟
مەن يۇقىردا دەپ ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى بۇ تۈردىكى كىشلەر ئەلۋەتتە قىلالايدۇ .
پايدىسىز تەرەپلىرى شۇكى بۇ تۈردىكى كىشلەرنىڭ مۇۋاپىقيەت قازىنىش نىسپىتى نىسپەتەن تۆۋەن بولىدۇ .
مەن بىر مىسال كەلتۈرەي .مەسلەن ،دەسلەپتە 100 شىركەت تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىشقا كىرىشكەن بولسا 5يىلدىن كىيىن 90پىرسەنتى ۋەيران بولۇپ ئىشتىن توختىشى مۇمكىن .نىمەن ئۈچۈن دىگەندە كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا خاتالىق كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن .ھازىر ئاران 10 شىركەت قالدى ،بۇلار يەنە رىقابەت باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ،يەنە 5 يىلدىن كىيىن بىر قىسىم شىركەتلەر يەنە مەغلۇپ بولۇپ تاقىلىپ قىلىشى مۇمكىن .چۈنكى بۇ ۋەيران بولغان بۇ بىر قىسىم شىركەتلەر سىىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانمىغان بولىشى مۇمكىن .بىز بۇ يەردە سىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى دەپ تىلغا ئالدۇق ،ئۇنداقتا سىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى دەپ نىمىگە ئىيتىمىز ؟
سىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى دىگىنىمىز ،ئادەم كۈچى ،مالىيە كۈچى ،ماددى كۈچ ،شۇنداقلا زاپاس ساقلاش ،ئىمپورت قىلىش ،ئىكىسپورت قىلىش ،ئىشلەپ چىقىرىش قاتارلىق يەتتە تەرەپتە سىستىمىلىق باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ .ئەگەر بىر شىركەت ياخشى بولغان سىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانمىغاندا بۇ شىركەت ئۇزاق قەد كۆتۈرۈپ تۇرالماسلىق مومكىن .بىر شىركەت تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن چوقۇم سىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كىرەك .
بىز ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى چارەكنى مەبلكەغ سالغۇچىلار چارىكى ياكى مەبلەغ سالغۇچىلار توپى دەپ ئاتايمىز ,قىسقارتىپ I چارەك دەيمىز.
ئىنىقلىمىسى :
بۇ تۈردىكى كىشلەر پۇلنى ماڭدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتسادى كۈچىنى ئاشۇرغۇچىلاردۇر ،يەنى مەبلەغ سالغۇچىلاردۇر .
بۇ تۈردىكى كىشلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ھەقىقى تۈردە كىشلىك ھاياتىنىڭ قىممىتىنى يارىتالايدۇ .
بۇ تۈردىكى كىىشلەر ئۇچرايدىغان يايدىسىز تەرەپلىرى بارمۇ يوق ؟ئەلۋەتتە بار ،نىمە دىگەندە ،بۇ تۈردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى بىر قەدەر يۇقىرى ،شۇڭلاشقا ئۇنڭغا كىرەكلىك بولغان مەبلەغ سوممىىسىمۇ ئىنتايى يۇقىرى .كۆپلىگەن كىشلەر بۇنداق كۆپ مەبلەغنى چىقىرىشى بەكمۇ ئاسان .ئاسان ئەمەس .




13.بەختلىك تۇرمۇشتىكى


20 ئىش


u=2909690454,1055336100&fm=21&gp=0.jpg



1.قەلبىڭىز ھەر دائىم تىنىچ ھالەتتە تۇرسۇن
2.ھەر دائىم ھاياتىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىڭ ،تىرشىڭ ،ئىزدىنىڭ ،چۈنكى سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز دەل ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا .
3.كۆپرەك ۋاقىت ئاجىرتىپ ئائىلە ئەزالىرىڭىز بىلەن مۇڭدىشىڭ ،سىردىشىڭ ،ئۆزئارا چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈڭ .
4.ۋقتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىڭ ،شۇندىلا سىزدە مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ
5.ھىرىپ چارچغاندا ئارام ئىلىشقا ،ئۆزىڭىزنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە دىققەت قىلىڭ .
6.دوسىت تۇتۇشقا ئەھمىيەت بىرىڭ ،ھەر كۈنى ئادىراشچىلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىپ دوستلىرىڭىز بىلەن بولغان  ئالاقىنى ئۈزۈپ  قويۇشتىن ساقلىنىڭ .
7.ساغلام بولغان ئىستىمال ئادىتىڭىزنى يىتىلدۈرۈڭ ،بۇ ئەڭ مۇھىم تۈرنىڭ بىرىدۇر .
8.سىز مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كىيىن ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلاشنى ئۇنۇتماڭ .
9.ھەر دائىم كۆڭلىڭىزنى خۇشال خورام ،ئوچۇق تۇتۇڭ .
10.ئىقتىسادى بىسىمغا ئۇچۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا پەرزەنىتلىرىڭىزنىڭ تەربىيلىنىشگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈڭ .
11.توپلىغان ئىقتىسادىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىڭىزدىن ئوشۇق بولالاىسا ئىقتىسادىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى ھەر قايسى ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ .
12.بىر ئاز ۋاقىت ئاجىرتىپ ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئىلىپ مەنزىرلىك ساياھەت ئورۇنلىرىغا بىرىپ ئايلىنىپ مىڭىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇڭ .
13.ئىقتىسادچىل بولۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ،باشقىلارغا ھەرگىزمۇ قەرزدار بولۇپ قالماڭ .
14.ئاندا ساندا ھەر خىل سوۋغات بۇيۇملىرىنى سىتىۋىلىپ كىلىپ ئائىلىڭىزدىكىلەرنى خۇش قىلىپ تۇرۇڭ .
15.ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ياخشراق تۇرالغۇ سىتىۋىلىڭ
16ياخشىراق بىر ماشىنا سىتىۋىلىڭ ،بەزى ئىشلاردا ھەرگىزمۇ ※بىخللىق قىلماڭ
17ئىقتىسادىڭىز مۇستەققىل بولسۇن ،راۋاجىلنىپ گۈللەنسۇن .
18بەزى ۋاقتلادا قىممەترەك بولسىمۇ پەرزەنىتلىرىڭىز ياخشى كۆرگەن بۇيۇملارنى سىتىۋىلىپ بىرىشنى ئۇنۇتماڭ .
19ئىھتىياجىڭىز بولمىسا بەزى بۇيۇملار ھەر قانچە ئەرزان بولسىمۇ سىتىۋالماڭ ،بۇنى سىتىۋىلىش ئارتۇقچە ئىقتىساد قىلىشتۇر .
20ئۆزىڭىز تەڭ دىمەتلىك كىشلەردىن تىخمۇ ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تىرىشىڭ .





   ئاخرى داۋاملىق يوللىنىۋاتىدۇ ....................................


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-5 05:42 PM  


بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 05:46:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahgulum129213 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 10:06 PM
بۈگۈن چىقماپتىغۇ ساۋاقدىشىم،ئىشىڭىز چىقىپ قالغان ئوخ ...

شۇنداق ساۋاقدىشىم ،تۈنۈگۈن سەل ئالدىراش بولۇپ قىلىپ يوللىيالمىغان ئىدىم .مەن ھەمكارلاشقۇدەك ئادەم تاپالمىدىم ،ھەممىنى ئۆزۈم يالغۇز بىر ئادەم تەرجىمە قىلىپ ئۆزۈم يالغۇز كومپىيوتىرغا ئۇرغان بولغاچقا يوللىنىش سۈرئىتى  بىر قەدەر ئاستا بولىۋاتىدۇ ،مەن بۇنى باشلىغانكەنمەن ئاللا خالىسا پات ئارىدا پۈتتۈرۈشكە تىرىشىمەن .

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 05:47:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahgulum129213 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 10:06 PM
بۈگۈن چىقماپتىغۇ ساۋاقدىشىم،ئىشىڭىز چىقىپ قالغان ئوخ ...

ئوقۇپ تەنقىدى پىكىرلەرنى بەرگەيسىز ..

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 06:37:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەتنياز يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 05:46 PM
شۇنداق ساۋاقدىشىم ،تۈنۈگۈن سەل ئالدىراش بولۇپ قىلىپ  ...

ھە دىمىسىمۇ سىز يالغۇز بوپ قالدىڭىز،ئۇنداقتا ئىككى كۈندە بىر يوللاڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 06:41:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەتنياز يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 05:47 PM
ئوقۇپ تەنقىدى پىكىرلەرنى بەرگەيسىز ..

ياخشى چىقىۋاتىدۇ،ئىملا خاتالىقى ئلگىركىگە قارىغاندا خېلىلا ئازلىدى.
مېنىڭچە بۇ كىتابنى نەشىر قىلسىڭىز ياخشى بولاتتى،شۇنىڭغا بىر ئۇرنۇپ بېقىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 07:23:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىزگە پۇرسەت بار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 07:34:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahgulum129213 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 06:37 PM
ھە دىمىسىمۇ سىز يالغۇز بوپ قالدىڭىز،ئۇنداقتا ئىككى ك ...

مەنمۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن .مەن ھەممىنى ئۇرۇپ بولساملا نەشىريات بىلەن ئالاقلىشىپ باقىمەن .

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش