مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: مەتنياز

تاللاش تىرىشىشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32721
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 12:49:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىلغان ئىشىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم، بىر كىتابنى تەرجىمە قىلىشقىمۇ ناھايىتى كۆپ ئەجىر كېتىدۇ. تورداشلار نامىدىن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن!  ياردەم لازىم بولسا ئىزدىسىڭىزلا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104553
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 03:11:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا تارتىپسىز

ئويۇڭ يەتكەن يەرگە قولۇڭمۇ يېتىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 07:00:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  بوپتۇ     .  كۆپ    تەشەككۇر   

بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10288
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 09:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىندىشىم، يەنە ئاخىرى يوققۇ ؟   قاچان   يوللايسىز ؟

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 10:50:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز قالدى ،قىرىندىشىم .

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 09:37:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاللاش تىرىشىشقا قارىغاندا تىخمۇ مۇھىم -تولۇق قىسمى



كىرىش سۆز



بايلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى

ئەگەردە سىز كەلگۈسىنى پەرەز قىلالىسىڭىز قانداق قىممەت يارىتىشنى ئويلايسىز ؟مۇشۇ قىممەتنى يارىتىش ئۈچۈن قانچلىك كۈچ چىقىرالايسىز ؟
ئەگەر كەلگۈسىنى پەرەز قىلالىسىڭىز قايسى پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇشنى ئويلايسىز ؟پاي چىكى سىتىۋىلىپ قولدىن چىقىرىپ ئىقتىساد يارىتىدىغان ۋاقىتتا قولدىن چىقىرۋەتمەي  ئەكىسچە زىيان تارتقان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟قولىڭىزدا ياخشى تۇتۇشقا تىگىشلىك بولغان پۇرسەتنى ئەكىسچە ياخشى تۇتماي ياخشى پۇرسەتنى قولىڭىزدىن كەتتۈرۋىتىپ ئازاپلىنىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟سىز ھاياتىڭىزدا  مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت يەنە كىلەرمۇ دەپ پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟
ئۇيقۇدىن ئويغىنىڭ !بۇ دەۋىر سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا قىممەت يارىتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .شۇڭا دوستۇم ،دەرھال ھەركەتلىنىڭ ،پۇرسەتنى قولىڭىزدا چىڭ تۇتۇڭ .
ئەلۋەتتە ھەممەيلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ،ھەر 10 يىلدا بىر قىتىم زامانغا ماسلىشىدىغان دەۋىر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇلۇغۋار كەشپىياتلار بارلىققا كىلىۋاتىدۇ .70-يىللىرىدا بولسا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ،80-يىللىرىدا بولسا سىنغا ئىلىش ئاپپاراتى ،90-يىللىرىدا بولسا تور تىخنىكىسى بارلىققا كىلىپ كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى .70~80-يىللرىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن ،تىرىشقان بىر قىسىم كىشلەر ھازىرغا كەلگەندە ئاللىقاچان مىليونىر شەخىسكە ئايلاندى ،ھازىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن ،تىرىشقان ،ئۆزىنىڭ ھاياتلىق قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلار كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىششى مۇمكىن .
دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئامىركىلىق ئىقتىسادشۇناس باۋلۇ  پىرسى ئىلگىرى مۇنداق پەرەز قىلىپ 2010 –يىلغا بارغاندا ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرلىپ ئامىركىنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن ھەر يىلى 100 مىليارد دوللار قىممەت ئىلىپ كىلەلىشى مۇمكىن دىگەن .بۇ قىممەت ئاساسلىقى كۆپچىلىكنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلەپ چىقىرىلغان تىخمۇ ساغلام ،تىخمۇ گۈزەل بولغان ،قىرىشنى كىچىكتۈرىدىغان شۇنداقلا ھەرخىل كىسەللىك ئالامەتلەردىن ساقلايدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن كىلىدىگەن، شۇنداقلا بۇنداق ئىقتىسادى ئۈنۈم غايەت زور سۈرئەت بىلەن ئىششىقا باشلىغان .بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىك زادى نىمىدۇ ؟نىمىشقا شۇنچە تىز ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتالايدىغاندۇ؟
بۇنڭدىكى سەۋەپ شۇكى بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتنى قۇرغۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ  تاللىشنىڭ توغرا بولىشى ،شۇ ۋاقىتتىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىدىن ئىبارەت .نىمە پۇرسەت دىگەندە ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چقىرىش تولىمۇ يىڭىلىق بولغاچقا كىشلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتقا بولغان قىزىقىشى تولىمۇ يۇقىرى بولغان ،شۇنداقلا كىشلەرنىڭ بۇنداق مەھسۇلاتقا بولغان ئىھتىياجى كۈنسىرى ئىشىپ بارغان .شۇنداق قىلىپ تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرلىشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن .بۇ شىركەتنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان .
تاللاش  تىرىششقا قىرىغاندا تىخمۇ مۇھىم ،سىزنىڭ تاللىشىڭىز توغرا بولسا شۇنداقلا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزلۈكسىز تىرىشسىڭىز ھاياتىڭىزدا تىخمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازىنالايسىز
پۇرسەت غەنىمەت ،دەرھال ھەركەتلىنىڭ .ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى قىممىتىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىڭ .












    مۇندەرىجە                          





1.مۇۋاپىقيەت سىزنىڭ تاللىشىڭىز تەرىپىدىن بەلگىلنىدۇ        .
2.تىرىشش خۇددى قۇدۇق قازغانغا ئوخشايدۇ                     
3.سىز ئەپكەشتە يىراقلاردىن سۇ ئەكىلىپ ئىچەمسىز ۋە ياكى پۇرسەت بولسا يىنىڭىزدىن قۇدۇق قازامسىز ؟                  
4.ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىغا يۈكسەك قىزىقىش پەيدا قىلىڭ .         
5.ئەگەر سىزنىڭ تاللىشىڭىز خاتا بولسا بارلىق تىرىشچانلىقىڭىز بىكاردۇر .
6.بىر ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتا تاللاشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى تىرىشىشنىڭ دەرىجىستىن مۇھىمدۇر  
7.سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە نىمە ؟
8.كىشلىك ھايات بىر مەيدان تاللاش ئويۇنى
9.پاراسەتلىك ھالدا خىزمەت قىلىش نەتىجە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى
10.مۇۋاپقىيەت قازىنىشتىكى يۆنىلىشىڭزىنى بەلگىلەڭ
11.ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزۋىلىڭ .
12.كىشلىك ھاياتنىڭ تۆت چوڭ چارىكى   
13. بەختلىك تۇرمۇشتىكى 20 ئىش
14.سىز يۈزلىنىدىغان رەزىل ئەمەليەت ؟
15.ئەگەر بىر كۈنى پۇلدىن غەم قىلمىسىڭز،ئۇنداقتا سىز .....
16.تەپەكۇرىڭىز  توغرا بولمىسا ناھايتى پاراسەتلىك بولوپ كەتسىڭىزمۇ يەنىلا نەتىجە قازىنالمايسىز .
17.ئويلاش ئۇسۇلى  تىرىششقا قارىغاندا تىخمۇ مۇھىم
18.تەپەككۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كىشلىك ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ
19.پۈتۈن دىققەت ئىتىبارىڭىزنى خاتا نىشانغا توغۇرلاش بەكمۇ خەتەرلەك
20.قورشاۋ تىمى يوق سودا ئىنىستىتوتى
21.ئالاقە تورىڭىزنى قۇرۇپ چىقىڭ
22.كىشلىك ھاياتنىڭ قەدىر قىممىتى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى تىپىۋىلىڭ
23.پىسخىلوگىيىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەغدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ              
24.سىز چوقۇم ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز                                   25.ئىنسانلارنىڭ تارىخى ئارزۇ ئەمەلگە ئاشىدىغان تارىخ                           26.مۇۋاپىقىيەت ۋە بايلىقنىڭ ھەممىسى ئارزۇ قىلىشتىن كىلىدۇ                   27.سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى باشقىلار ئوغۇرلاپ قاچمىسۇن                       28.ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىسىز                    ؟

29.ئارزۇ پىلانى تۈزۈشنىڭ ئۈچ چوڭ باسقۇچى                       
30.ئارزۇ قوللانمىڭىزنى لاھىلەپ چىقىڭ                           
31.ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىڭ   

خاتىمە                                                               







1.مۇۋاپىيەت سىزنىڭ تاللىشىڭىز تەرىپىدىن بەلگىندۇ      

بۇرۇن ئۈچەيلەن ئىغىر جىنايەت بىلەن تۈرمىگە كىرىپ قاپتۇ ۋە ھەممىسى ئوخشاشلا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلىپتۇ ،ئۇلارئايرىم –ئايرىم ھالدا ئامىركىلىق،فىرانسىيەلىك ،يەھۇدى ئىكەن .تۈرمە باشلىقى بۇ ئۈچەيلەنگە ھەر بىرنىڭ بىردىن تەلپىنى ئورۇنداپ بىرىدىغانلقىنى ئىيتىپتۇ.بۇ ئۈچەيلەن بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ خۇش بولۇپ كىتىپتۇ.تۈرمە باشلىقى بۇ ئۈچەيلىەنگە قانداق تەلىپى بولسا بىردىن تەلىپىنى ئورۇنداپ بىرىدىغانلىقنى ئىيتىپتۇ .ئامىركلق تاماكا چىكىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن ،شۇڭلاشقا ئۈچ يىشىك تاما تەلەپ قىپتۇ ،تۈرمە باشلىقى ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداپ ئۇنىڭغا ئۈچ يىشىك سىگار ئەكىلپ بىرىپتۇ .فىرانسىيەلىك رومانتىك تۇرمۇشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن ،شۇڭلاشقا ئۇ چىرايلىق بىر پەرى قىزچاقنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىشنى تەلەپ قىپتۇ ،تۈرمە باشلىقى بۇنىڭ تەلىپنى ئورۇنداپ ئۇنىڭغا چىرايلىق بىر قىز تىپىپ ئەكىلىپ بىرىپتۇ ،شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بۇ قىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۆتۈپتۇ .تۈرمە باشلىقى يەھۇدىغا قاراپ بىر تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇشنى ئىيىتپتۇ ،يەھۇدى دەپتۇكى مىنىڭ تەلىپىم ئىنتايىن ئاددى ،ماڭا پەقەت تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلغىلى بولىدىغان بىر تىلفۇن بولىسلا بولاتتى دەپتۇ ،تۈرمە باشلىقى بىر ئاز ھەيران بولىسمۇ يەنىلا ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداپ ئۇنىڭغا بىر تىلفۇن ئەكىلىپ بىرىپتۇ .ئۈچ يىلمۇ بىردەمدىلا توشۇپتۇ ،بۇ ئۈچەيلەننىڭ يۈرمە ھاياتىمۇ ئاخىرلىشىپتۇ ،تۈرمىدىن بىرىنجى بولۇپ ئىتىلىپ چىققىنى ئامىركىلىق ئىكەن ،ئۇ بۇرنىنىڭ ئىككى تۆشۈكىگە بىردىن ئىككى سىگارەتنى قىستۇرۇپ قاتتىق ئاۋازدا ماڭا چاقماق كىرەك ،چاقماق ......................دەپ توۋلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ ،ئەسلىدە ئۈچ يىل ئالدىدا سىگارەت تەلەپ قىلغاندا ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرىدىغان چاقماقنى ئۇنتۇپ قالغانكەن ،بۇ ئۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ھەر كۈنى بىچارىلەرچە ماڭا چاقماق كىرەك توۋلاپ چىقىپتۇ .ئىككىنجى بولۇپ چىققىنى فىرانسىيەلىك .بۇ فىرانسىيەلىك قولىدا بىر بالىنى كۆتۈرگەن ،ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ ئەكىرىپ بەرگەن قىز بىر بالىنى ئەگەشتۈرۈپ ئارقىمۇ ئارقىدىن چىقىپتۇ .ئەڭ ئاخىردا چىققىنى بولسا يەھۇدى ئىكەن .ئۇ تۈرمىدىن ناھايتىمۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن چىقىپتۇ ،بەلكىم تۈرمە ھاياتىغا تىخى قانمىغان بولسا كىرەك .بۇ يەھۇدى تۈرمە باشلىقنىڭ ئالدىغا كىلىپ تۈرمە باشلىقنىڭ قولىنى چىڭ سىقمداپ تۇرۇپ ئونىڭغا دەپتۇ :سىزنىڭ ماڭا بەرگەن بۇ تىلفۇنىڭزغا كۆپ رەھمەت ،بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا بىر مىنۇتمۇ قولۇمدى چۈشۈپ باقمىدى ،بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ھەر كۈنى بۇ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىپ كىلىۋاتىمەن .مىنىڭ سودا ئىشلىرىم بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق ،ئەكىسچە بۇرۇنقىغا قارىغاندا 200 پىرسەنىت ئاشتى ،مەن سىزگە رەھمىتىمنى بىللدۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئىسىل ماشىندىن بىرنى سوۋغا قىلاي دەپتۇ .ئارقىدىنلا سودا ھەمكارلاشقۇچىسىغا تىلفۇن قىلىپ بىر ئىسل ماشىندىن بىرنى ئەكەلدۈرۈپ ئاچقۇچىنى تۈرمە باشلىقنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كىتىپ قاپتۇ.

توردىشىم بۇ كىچىك ھىكايىدىن نىمىنى ھىس قىلدىڭىز ،ئەلۋەتتە بۇ ھىكايىدىن مۇنداق بىر ھەقىقەتنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ .سىزنىڭ تاللىشىڭىز قانداق بولسا ئىرىشىدىغان نەتىجىڭىز مۇ شۇنداق بولىدۇ ،بىز ھازىرقى تۇرمۇشىمىز دەل بىزنىڭ ئۈچ ئاۋۋالقى تاللىشىمىز تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن .ئەلۋەتتە ،ئاللاھ بىزگە ئۆمۈر بەرسە ،بىزنىڭ ھازىرقى تاللىشىمىز بىزنىڭ ئۈچ يىلدىن كىيىنكى تۇرمۇشىزمىنى بەلگىلەپ قويۇشى مۇمكىن .بىز ھازىر تاللاش ئىلىپ بارغاندا ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلارغا تايىنىپ تاللىشىمىز ،جەمىئەتنىڭ ئەمەليى ئەھۋالىنى چۈشىنىشمىز لازىم .بىز دەل مۇشۇنداق قىلغاندىلا پارلاق بولغان كەلگۈسىمىزنى يارىتالايمىز .بىلىشىمىز كىرەككى ،بىزنىڭ كىشلىك ھايات پەقەت ئۈچ كۈن .تۈنۈگۈن ،بۈگۈن ،ئەتە ،سىزنىڭ تۈنۈگۈنىڭىز بۈگۈنىڭىزنى بەلگىلدى ،سىزنىڭ بۈگۈنڭىز سىزنىڭ ئەتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ .

ئوقۇرمەن  دوستۇم ناۋادا سىز بۇ ئۈچەيلەننىڭ بىرسى بولۇپ قالغان بولسىڭز نىمە تەلەپ قىلغان بولاتتىڭىز ؟نىمە ئۈچۈن ؟سۇئال سىزگە قالدى ،ئويلىنىش يەنىلا سىزگە .











2.تىرىشىش خۇددى قۇدۇق قازغانغا ئوخشايدۇ


بىز ھەر بىرەيلەننىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق ئارزۇ ئارمانلىرمىز بار ،ئىنسانلار ئارزۇ ئارمانلىرى ،غايە ئىستەكلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن تولىمۇ ئۇلۇغدۇر،ئارزۇ ئارمىنى غايە ئىستىكى يوق كىشلەر بولسا جەمىئەت تەرىىپىدىن شاللىۋىتلگەن كىشلەردۇر .بىز ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغۋار غايە ئىستەكلىرىمىزنى ،ئارزۇ ئارمانلىرمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتمىز ،توختىماي تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتمىز .
ھازىرقى جەمىئەت بولسا تىرىشچانلىق روھى تولىمۇ زۆرۈر ،پەقەتلا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى ،ئەلۋەتتە بۇنىڭغا مىنىڭ قارشى پىكىرىم يوق .ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ تىرىشسا چوقۇم بىر نە■تىجىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ .ئەمما بۇ يەردە ھەممەيلەن ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلە شۇكى ،بىزنىڭ ئۈلۈكسىز ئىزدىنىپ تىرىشىپ ئىرىشكەن نەتىجىمىز چوقۇم ياخشى نەتىجە بولارمۇ ؟
مەن دەيمەنكى بۇنداق بولىشى ناتايىن ،دىمەكچى بولغىنىمنى ئنىق قىلىپ ئىيتقاندا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ،توختىماي تىرىشش ئارقىسىدا ئىرىشكەن نەتىجىمز چوقۇم ياخشى نەتىجە بولىشى ناتايىن .21-ئەسىردىكى بۈگۈنمىز بولسا ئۇچۇر دەۋرى ،رىقابەت دەۋرى ،ئەگەردە سىز بۇ جەمىئەتتە كۈچلۈك بىر شەخىسكە ئايلىنىمەن دەيدىكەنسىز ،چوقۇم سىز مۇھىم بولغان بىر تاللاشقا دۇچ كىلىسىز .تاللاش تىرىششقا قارىغاندا تىخمۇ مۇھىم ،تىرىشش يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ يەتمەكچە بولغان نىشانىزمنى بىكىتىپ بولغاندىن كىيىن بولغىنى ياخشى .
تۆۋەندە بىز بىر كىچىك ھىكايە ئارقىلىق تاللاشنىڭ مۇھىملىق دەرجىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشۈنۈپ يىتەيلى .
بۇرۇن بىر ئادەم ۋى دۆلىتىدىن چۇ دۆلىتىگە بىرىش ئۈچۈن ئاتلانماقچى بوپتۇ .نۇرغۇن ئاشلىق ،ھارۋىلارنى تەييارلاپتۇ ،ئۆزىگە بولسا بىر ئارغىماق ئاتتىن بىرنى تەييارلاپتۇ ،يەنە نۇرغۇنلىغان تىخنىكىلىق ھارۋىكەشلەرنى تەكلىپ قىپتۇ .ھەممە تەييارلىقلىرى پۈتۈپ بولغاندىن كىيىن يولغا چىقىپتۇ .بۇ ئادەمنڭ يەتمەكچە بولغان چۇ دۆلىتى ۋى دۆلىتىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە ،لىكىن بۇ ئادەم ۋى دۆلىتىدىن شىمالغا قاراپ چىپىپ يۈرۈپ كىتىپتۇ ،تىخنىكىلىق ھارۋىكەشلەرمۇ بۇ ئادەمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مىڭىپتۇ .ئارغىماق ئاتقا مىگەن بۇ ئادەم ئۈزلۈكسىز شىمالغا قىراپ يۈرۈۋىرىپتۇ .ئۇ كىتىۋىتىپ بىر يولۇچىغا ئۇچراپ قاپتۇ ،بۇ يولۇچى  ئارغىماق ئاتقا مىنگەن بۇ ئادەمدىن نەگە بارىدىغانلىقنى سوراپتۇ .ئارغىماق ئاتتىكى ئادەم ئاتتىن چۈشمەيلا ئۈنلۈك ئاۋازدا مەن چۇ دۆلىتىگە بارىمەن دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .يولۇچى ئۇنىڭغا ئەسكەرتىپتۇ :سىز چۇ دۆلىتىگە بارماقچى بولسىڭىز جەنۇپ تەرەپكە مىشىڭىز كىرەك ،ھازىر سىز شىمالغا قاراپ يۈرۈۋىتىپسىز ،سىزنىڭ تاللىغان يۆنىلىشىڭىز خاتا بولۇپ قاپتۇ .ئارغىماق ئاتتىكى بۇ ئادەم يولۇچىنىڭ شۇنداق چىرايلىق ئەسكەرتكىننى ئىلىككە ئىلىپمۇ قويمايلا دەپتۇ :ھىچقىسى توق ،مىنىڭ بۇ ئارغىماق ئىتىمنىڭ يۈرىشى بەكمۇ تىز .يولىمۇ ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن تىخمۇ جىددىلىشىپتۇ .ۋە ئارغىماق ئاتنىڭ ئالدىنى يەنە توسۇپ دەپتۇ:سىزنىڭ تاللىغان يۆنىلىشىڭز خاتا بولغانكەن سىزنىڭ بۇ ئارغىماق ئىتىڭىزنڭ يۈرۈشى قانچىلىك تىز بولشىدىن قەتئنەزەر سىز چۇ دۆلىتىگە يىتىپ بارالمايسىز .بۇ ئارغىماق ئاتقا مىنگەن ئادەم يەنە بىپەرۋالىق بىلەن دەپتۇ:مىنىڭ ئىلىۋالغان يول خراجىتم يىتەرلىك قانداق ماڭسام بارغىچە يىتىدۇ .يولۇچى يەنە ئارغىماق ئاتنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇنىڭغا نەسھەت قىلىپ دەپتۇ :سىزنىڭ يول خراجىتىڭىز قانچىلىك كۆپ بولشىدىن قەتئىنەزەر سىزنىڭ تاللىغان يۆنىلىشىڭىز خاتا بولغانكەن ،سىز بۇ يول خراجىتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋىتىسىز ،سىز يەنىلا چۇ دۆلىتىگە يىتىپ بارالمايسىز .چۇ دۆلىتىگە ناھايتىمۇ ئارزۇ قىلغان ئارغىماق ئاتتىكى بۇ يىگىت يەنە بۇ يولۇچىنىڭ دىگەنلىرىگە پىسەنىت قىلماي يەنە دەپتۇ :بۇنىڭ نەرى تەس ،مىنىڭ نۇرغۇن تىخنىكىلق ھارۋىكەشلىرىم بار ،ئۇلار ماڭا يىتەكچى بولالايدۇ .يولۇچى ئاخىرى بولالماي ئاخرى ئارغىماق ئاتنىڭ ئالدىنى بوشىتىپتۇ ۋە بۇ ۋى دۆلىتىدىن چۇ دۆلىتىگە بارماقچى بولۇپ يولغا چىققان ،ئارغىماق ئاتقا مىنىۋالغان بۇ يىگىتكە قاراپ ئۇھسىنىپتۇ.بۇ ۋى دۆلىتىدىن چۇ دۆلىتىگە قاراپ يولغا چىققان ئارغىماق ئات مىنگەن بۇ يىگىت باشقىلارنىڭ شۇنچە نەسھەت قىلىشلىرىنى پەقەتلا ئاڭلىماپتۇ ،ئۇ مىنىڭ ئارغىماق ئىتىم يول يۈرىشى تىز ،يول خراجتىم كۆپ ،نۇرغۇن تىخنىكىلىق ھارۋىكەشلىرىمدىن ئىبارەت ئەۋزەل شارائىتلىرىم بار دەپ قاراپ خاتا يۆنىلىشكە قاراپ مىۋىرىپتۇ .ئەلۋەتتە ئۇنىڭ شارائىتى قانچىلىك ئەۋزەل بولىشىدىن قەتئنەزەر ئۇ چۇ دۆلىتىدىن بارغانسىرى يىراقلاپ ماڭدۇ خالاس ،چۈنكى ئۇ تاللىغان يۆنىلىش ئاللقاچان خاتا بولغان ئىدى .
بۇ بىر كىچىك ھىكايىدىن مۇنداق بىر ھەقىقەتنى كۆرۈۋىلىشا بولىدىكى ،بىز مەيلى قانداق ئىش قىلمايلى ،بىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىمزىنى توغرا تاللىشمىز ،يۆنىلىشنى توغرا تاللىشىمىز لازىم .بىزنىڭ يۆنىلىشىمىز توغرا بولسا ئەۋزەل شارائىتلاردىن ياخشى پايدىلنالايمىز .ئەگەر سىزنىڭ تاللىغان يۆنىلىشىڭىز خاتا بولسا شۇنداق ئەۋزەل شارائىتلار بولسىمۇ ئۇنى ئىسراپ قىلىۋىتىسىز خالاس .
شۇڭلاشقا ھەر قانداق بىر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭ تاللىغان يۆنىلىشىمىز توغرىمۇ خاتامۇ بۇ ھەقتە ياخشى ئويلاپ تەپەككۇر قىلىشمىز لازىم .  

ھۆرمەتلىك  ئوقۇرمەن دوستۇم ،سىز نىڭچە بۇ ئارغىماق ئاتقا مىنگەن بۇ يىگىت شۇ ماڭغانچە چۇ دۆلىتىگە يىتىپ بارالارمۇ ؟نىمە ئۈچۈن ؟سۇئال سىزگە قالدى ،ئويلىنىش يەنە سىزگە












3.سىز ئەپكەشتە يىراقلاردىن سۇ ئەكىلىپ ئىچەمسىز ۋە ياكى پۇرسەت بولسا يىنىڭىزدىن قۇدۇق قازامسىز ؟                  




بىز ئەڭ ئالدى بىلەن مۇنداق بىر كىچىك ھىكايىگە قاراپ باقايلى .
بۇرۇن بىر تاغدا ئىككى راھىپ ياشىغانكەن ،بىر راھىپ ھەر كۈنى ئەپكەشتە يىراقلاردىن سۇ ئەكىلىپ ئىچىپتۇ ،يەنە بىر راھىپ مۇنداق ھەر كۈنى سۇ توشۇپ ئەكەلسە ھىرىپ چارچاپ قالىدىغانلىقنى شۇنداقلا باشقا ئىشلارنى قىلغىلى ۋاقىت چىقارغىلى بولمايدىغانلىقنى ھىس قىلىپ يىتپ ،ئۇ بىر تەرەپتىن يىراقلاردىن سۇ ئەكەلگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆيىنىڭ يىنىدىن قۇدۇق قىزىشقا كىرىشىپتۇ .شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاخرى بىر كۈنى بۇ قۇدۇقنى قىزىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشنىپتۇ .5 يىل مۇشۇنداق دااملاشتۇرۇپتۇ .5يىلدىن كىيىن ئۇ مۇنداق دەپتۇ :مەن بۇ 5 يىل جەريانىداھەر كۈنى ئۆزۈمنىڭ ئۈگۈنىدىغان نەرسىلىرىمنى ئۈگۈنۈپ بولغاندىن كىيىن بۇ قۇدۇقنى قىزىشقا كىرىشتىم ،گەرچە ھەر كۈنى شۇنچىلىك ئالدىراش يۈرۈپ چارچىساممۇ ،ئەمما بۇ قۇدۇقنى قىزشىنى توختاتمىدىم ،قانچىلىك كولىيالىسام شۇنچىلىك كولىدىم ،ئاخرى بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ قۇدۇقنى كولاپ قۇدۇقتىن سۇ چىقاردىم ،مەن ھازىر ئىغىر ئەپكەشلەرنى كۆتۈرۈپ يىراقتىن سۇ ئەكەلمىسەممۇ بولىدۇ ،ئۆيۈمنىڭ يىنىدا قۇدۇق بار بولدى ،مەن ئەمدى تىخمۇ كۆپ ۋاقتىمنى دەرس تەكرارلاشقا سەر قىلالايمەن دەپتۇ.
كۆپچىلىك ئويلىنىپ باقايلى ،قۇدۇق قازمىغان ،دەرسلىرنى تەكرارلاپ بولغاندىن كىينكى ۋاقىتلىرىدا ئويۇن تاماششا بىلەنلا يۈرگەن ھىلىقى راھىپ كەلگۈسىدە ھىرىپ چارچىغاندا قانداق ھايات كەچۈرە؟قىرىپ ئاغرىقچان بولۇپ كۈچ مادارىدىن قالغان ۋاقتتا يەنە تاغدىن چۈشۈپ شۇ ئىغىر ئەپكەشنى كۆتۈرۈپ سۇ ئەكىلىپ ئىچەلەرمۇ ؟بۇ راھىپ تاغدىن چۈشۈپ سۇ ئەكىلەلمىسە ؟ئاخرىنى ئۆزىڭىز تەسەۋۋۇر قىلىپ بىقىڭ .
كۆپچىلىك ئويلىنىپ باقايلى ،ئەگەر كۈچ ماداردىن تولۇق قىلىپ سۇ ئەكىلىپ ئىچەلمىسە ئەلۋەتتە بۇ راھىپقا ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرماقتىن باشقا ئامال يوق .بۇ راھىپ ياش ۋاقتىدا ،كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ۋاقىتتا بىر قۇدۇق كولاپ قويمىغانلىقى ئۈچۈن قىرپ كۈچ مادارىدىن قالغان ۋاقىتتا پەقەتلا ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرماقتىن باشقا ئامال يوق.
ھىلىقى قۇدۇق كولىغان راھىپنىڭ تۇرمۇشى قانداقتۇ ؟بىز ئەمدى ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا قاراپ باقايلى .
ئەلۋەتتە بۇ راھىپ ئۆينىڭ يىنىدا قۇدۇقتىن بىرنى قىزىپ قويغاندىكىن قىرىپ ھالىدىن كەتكەن ۋاقىتتىمۇ ھىچقانداق جاپا تارتمايلا سۇ ئىچەلەيدۇ ،ئۇنىڭغا نىسپەتەن كۈچ مادارىدىن قالغاندا سۇ ئەكلىپ ئىچەلمەسلىكىدىن ئەندىشە يوق .چۈنكى سۇ ئۆيىنىڭ يىنىدىلا سۇ بار ئەمەسمۇ .

تورداش دوستۇم سىز بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن سىز ئەمدى ئۆزىڭىزدىن سوراپ بىقىڭ .سىزنىڭ ھازىرقى ياشاۋاتقان ھالىتىڭىز قايسى راھىپقا ئوخشايدىكەن .سىىز بۇ مەسىلىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەليى تۇرمۇشىغا تەقلىد قىلىپ تەھلىل قىلىڭ .
مەن تۆۋەندە كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى ،ھەر كۈنلۈك خزمەت ساھالىرىدە ،پاي چىكى بازارلىرىدا مۇشۇنداق ئىشلار ناھايتىمۇ كۆپ .بۇ ھىكايىدىكى راھىپنىڭ ئەپكەشتە سۇ ئەكلىشنى تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارغا بىرلەشتۈرسىڭىز چوقۇم نۇرغۇن ياخشى ئوقۇملارغا ئىرىشەلەيسىز  ،ئوقۇرمەن  سىز ئۇنتۇپ قالماڭ .سىز خىزمەتتن بىكار بولغاندا ئۆزىڭىزنىڭ بىر كىچىك قۇدۇقىنى قىزىپ چىقىڭ ،يەنى ئۆزىڭىزنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلكىڭىزنى تىخمۇ تەرەققى قىلدۇرۇڭ.
ئۇقۇرمەن سىز قىرىپ چارچىغاندا ،كۈچ مادارىڭىزدىن كەتكەندە يەنە جاپا تارتماي سۇ ئىچەلەمسىز ،ئۇنتۇپ قالماڭ دوستۇم ،دەرھال ھەركەتلىنىڭ ،چۈنكى سىزنىڭ بۈگۈنىڭىز سىزنىڭ كەلگۈسىڭزىنى بەلگىلەيدۇ .
بىز ھەممەيلەن توختىماي تىرىشۋاتىمىز ،ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتىمىز ،ئەلۋەتتە بىز ئەزەلدىن مۇشۇنداق تىرىشقۇچىلار،ئىزدەنگۈچىلەردىن بىز ،لىكىن يەنە نىمىشقا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى ئادەتتىكىچە ئۆتۈدىغاندۇ ؟نىمىشقا بىز يەنىلا ،ئىككى قولىمىز قۇرۇقلا يۈرىمىز ؟بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئاددى،چۈنكى بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاللىشىمىزدا چوقۇم بىر مەسىلە بار .
ئەنە شۇ ،بىز توغۇلۇپ ئىش ئۇققاندىن باشلاپ ئاتا ئانىمىز بىزگە مۇنداق دەيدۇ :بالام ياخشى ئوقۇغىن ،ياخش ئوقۇپ ،ياخشىراق بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتمىسەڭ بولمايدۇ ،ياخشىراق بىر تولۇق ئوتتۇرغا چىققاندىن كىيىن ،بالام تىخمۇ ياخشى ئوقۇ ،ياخشى ئوقۇپ ياخشىراق بىر ئاليى مەكتەپكە ئۆتمىسەڭ بولمايدۇ ،ئاليى مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن بالام ياخشى ئوقۇ ،ياخشى ئوقۇپ ياخشىراق خىزمەت تاپمىساڭ بولمايدۇ ،ياخشى خىزمەت تاپساڭ ئاندىن بەخىتلىك بىر ئائىلنى قۇرۇپ چىقالايسەن .
ئاتا ئانىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق مىنۇت سىكۇنىتتا بىر قىتىم ئەسكەرتىشى بىزنىڭ قۇلقىمىزدا داۋاملىق جاراڭلاپ تۇرماقتا ،ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەسكەرتىشى ئاللقاچان بىزنىڭ سۆڭەكلىرىمىزگە سىڭىپپ كەتكەن .
كۆپچىلىك سىلەر دەپ بىقىڭلار ،شۇنداقمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟بەلكىم مانا مۇشۇنداق تەربىيە ئاستىدا چوڭ بولغانسىز .
بىز مانا مۇشۇنداق تەربىيە ئاسىتدا چوڭ بولدۇق ،ياخشى ئۈگۈنۈپ ،ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتۇق ،ياخشى ئاليى مەكتەپكىمۇ ئۆتتۇق ،ياخشى خىزمەتمۇ تاپتۇق .لىكىن بىر ئاز خىزمەت قىلغاندىن كىيىن مۇنداق بىر كىرىزىس يۈز بەردى.بەزىلىرمىز نىڭ خىزمەت قىلىپ ئالغان بىر ئايلىق مۇئاشىمىز بىزنىڭ خەجلىشىمىزگە يەتمىدى ،يەنە بەزىلىرىمىز شىركەت ۋەيران بولۇش تۈپەيلى ئىشتىن بوشالدۇق ،جىددىلەشتۇق ،ئاھ ئۇردۇق .بەلكىم بىز بۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئۆمۈرۋايەت ئۆگۈنۈش دىگەننى ھەقىقى دەرىجىدە چۈشۈنۈپ يىتەلەيمىز .شۇنداقلا خىزمەتكە چىقىپ بولغاندىن كىيىنمۇ يەنە داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىمىز ،شۇنداقلا خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىپ چىقىشقا تىرىشىمىز .ئەنە شۇ دىڭىزدا خەتەرگە يولۇقۇپ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىرغاققا قاراپ توختىماي ئۈزگەنگە ئوخشاش ،بەزىلەر ئۈزۈش جەريانىدا بولالماي بەل قويۇۋىتىپ چۆكۈپ كىتىدۇ دە جەمىئەتنىڭ ئەڭ تىگى قاتلاملىرىغا كىرىپ كىتىدۇ .بىر ئۆمۈر ھەسرەتلىك تۇرمۇشنى ئۆتكۈزىدۇ .يەنە بەزىلەر بولسا قەيسىرانە ھالدا ئۈزۈپ چىقىپ ياخشى ئۇتۇقلارنى قازىنالايدۇ .
مەن دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىمەنكى ،سىزنىڭ مىليۇنىر بولالماسلىقىڭىزدىكى سەۋەپ مەبلەغنىڭ يوقلىقى ئەمەس ،پۇرسەتنىڭ يوقلىقى ئەمەس بەلكى ئەينى ۋاقىتتا سىزنىڭ شۇ ۋاقىتتا مىليۇنىر بولۇشنى تاللىمىغانلىقىڭىز ،شۇ مىليونىر بولۇشنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىڭىزدىندۇر ،شۇنداقمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ ؟

4.تاللىشىڭىزغا يۈكسەك قىزىقىش پەيدا قىلىڭ                  
ئامىركىلىق يۆخەن .فۇلىنىڭ مۇنداق بىر ھىكايىسى ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى ،فۇلىنىڭ ئائىلىسىدە 7 ئاكا ئۇكا ئاچا سىڭىل بار ئىكەن ،فۇلى 5 ياش ۋاقىتىدىن باشلاپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان ئكەن .ئۇنىڭ ئانىسىدىن ھەممەيلەن بەكمۇ پەخىرلىنىدىكەن .ئۇنىڭ ئانىسى ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى توغرۇرلۇق پاراڭلىشىدىكەن .ئۇ ھەر دائىم باللىرىغا مانا بۇ بىر ئىغىز گەپنى قىلىدىكەن :بىز ھەقىقەتەن نامرات ،لىكىن بىز تەڭىردىن ئاغىرنساق بولمايدۇ ،چۈنكى سىلەرنىڭ داداڭلار بۇ كەمبەغەل ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئىنتىلىشى يوق ئىدى .بۇ گەپلەر فۇلىنىڭ يۈرىكىگە بەكمۇ تەسىر قىلدى ،ئۇ ھەر دائىم باي كىشلەرنىڭ قاتارىغا كىرىشنى ناھايتمۇ بەك ئۈمۈد قىلاتتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ بايلىق توپلاپ ئۆزىنىڭ بۇ كەمبەغەل ئائىلە شارائىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىزدەندى ،مۇشۇنداق تىرىشىپ ئىزدىنىپ 12 يىلدىن كىيىن ئۇ كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقان بىر شىركەتنى تاپشۇرۋالدى ،شۇنداقلا شۇ دائىردىكى 7 شىركەتنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى .ئۇ ھەر قىتىم ئۆزىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىكى مەخپىيەتلىكىنى تىلغا ئالغاندا ،يەنە نەچچە يىل ئاۋۋالقى ئانىسىنىڭ گىپى بىلەن جاۋاپ بىرەتتى . ىز ھەقىقەتەن نامرات ،لىكىن بىز تەڭىردىن ئاغىرنساق بولمايدۇ ،چۈنكى سىلەرنىڭ داداڭلار بۇ كەمبەغەل ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئىنتىلىشى يوق ئىدى،ئۆيىمىزدە مۇشۇ ھالەتنى ئۆزگەرتكىدەك بىر ئىرادىلىك بىر سى چىقىمىدى .
فۇلى نەچچە باشقىلار باشقىلار تەرىپىدىن لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلنغاندا ئۇ مۇنداق دەيدۇ .گەرچە مەن باي كىشلەرنىڭ ئەۋلادى بولمىساممۇ ،ئەمما مەن ئۈزلۈكسىز تىشىپ بايلىق يارىتىپ باي كىشلەرنىڭ ئەجدادىغا ئايلىنىمەن .
ئەلۋەتتە فۇلىنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلغاندى ،ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ھاياتمغا بىر ئىلھام بولدى .مەنمۇ بۇ يەردە بارلىق كىشلەرگە شۇنى جاكارلايمەنكى ،مەن چوقۇم ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىمەن ،مەن چوقۇم ئائىلىمىزنىڭ بۇ كەمبەغەل ھالىتىنى ئۆزگەرتىمەن ،گەرچە مەن بىر نامرات كىشلەرنىڭ ئەۋلادى بولساممۇ ،ئەمما مەن تىرىشىپ باي كىشلەرنىڭ ئەجدادى بولۇشقا ئاتلىنىمەن .
ئەلۋەتتە ھەممەيلەن مۇنداق ھەقىقتەتنى چۈشىنىپ يىتەلەيمىز ،سىزنىڭ بىرەر ئىشقا بولغان قىزىقىشىڭىز ،ئىنتىلشىڭىز قانچە كۈچلۈك بولغانسىرى ،سىىزدە شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغان غايەت زور كۈچ پەيدا بولىدۇ.سىز بىر كۈنى ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە يىتەرلىك قىزىقىش ،ئىنتىلىش پەيدا بولغان ۋاقىتتا سىز ئۇچۇرغان بارلىق قىينچىلىق،مەغلۇبىيەت سىز ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ .سىزنىڭ شۇ شۇ قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزغا قىزىقىشىڭىز ،ئىنتىلىشىڭىز قانچە كۈچلۈك بولىدىكەن سىزنىڭ شۇ نى ئەمەلگە .ئاشۇرۇشقا بولغان ئىرادىڭىز شۇنچە زور بولىدۇ .

ئوقۇرمەن     دوستۇم ،سىزمۇ فۇلىغا ئوخشاش ،ماڭا ئوخشاش يۈكسەك ئىرادىڭىز بارمۇ ؟ھازىرقى ھالىتىڭىز نى تىخمۇ ياخشىغا ئۆزگەرتىشكە قىزىقامسىز  ؟سىزنىڭ  ھاياتىڭىزدىكى  ھەقىقى قىزىقىشىڭىز زادى نىمە ؟
سۇئال سىزگە قالدى ،ئويلىنىش يەنە سىزگە  






5.تاللىشىڭز خاتا بولسا بارلىق تىرىشچانلىقىڭىز بىكار بولىدۇ


بەلكىم دوستلار تاشپاقا بىلەن توشقاننىڭ يۈگرەش مۇسابىقىسىگە چۈشكەن مۇنداق بىر ھىكايىسىنى ئاڭلاپ باققان بولىشىڭلار مۇمكىن .توشقان مۇسابىقىگە چۈشكەندىن كىيىن ئۆزىدىن بەكمۇ مەغرۇرلىنىدۇ ،تاشپاقىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ ،مۇسابىقە داۋامىدا توشقان يولنىڭ يىنىدا ئۇخلاپ قىلىپ تاشپاقىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ .توشقان مۇسابىىقە قائىدىسىگە قايىل بولمايدۇ ،مەن ئەجىبا بۇ قىرى تاشپاقىغا يىڭىلىپ قالارمەنمۇ ،دەپ ئويلايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن توشقان يىنىدىكى تىلفۇننى قولغا ئىلىپ تاشپاقىغا تىلفۇن قىلىدۇ .ئۇ تىلفۇندا تاشپاقىغا مۇنداق دەيدۇ :تاشپاقا ،سەن مەن بىلەن يەنە بىر قىتىم مۇسابىقىگە چۈشۈشكە پىتىنالامسەن .تاشپاقا جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ ،مۇسابىقىگە چۈشسەم چۈشتۈم ،كىم كىمدىن قورۇقۇپتۇ .ئىككىنجى كۈنى تاشپاقا سانتاناسىنى ھەيدەپ مۇسابىقە مەيدانىغا يىتىپ كەپتۇ .ئۇ ماشىىندىن چۈشۈپ توشقان بىلەن كۆرۈشۈپتۇ .ئۇزاققا قالماي مۇسابىقە يەنە باشلىنىپتۇ ،بىر ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭ توشقان ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كىىتىپتۇ .توشقان بەك تىز  يۈگرەپ تاشپاقىنى بەكمۇ كەينىدە قالدۇرۇپتۇ .ئارقىسىغا قارىسا تاشپاقا كۆرۈنمەپتۇ ،توشقان يولنىڭ يىرىمىغا كەلگەندە يولنىڭ يىنىدىكى چىرايلىق بىر باغچىنى كۆرۈپ قاپتۇ .ئۇ ئۆزىگە تاشپاقا بەكلا كەينىمدە قالدى ،مەن بۇ باغچغا كىرىپ بىردەم سەيلە قىلىپ چىقاي دەپ يۈرۈپ كىتىپتۇ ،ئۇ باغچىغا كىرىپ ئاداشلىرى بىلەن  يەپ ئىچىپ تازا ئويناپتۇ ،ئويناپ سەل ھارغان بولسا كىرەك يەنە ئۇخلاپ قاپتۇ ،ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ قارىسا تاشپاقا ئاللقچان ئاخرقى نوختىغا يىتىپ بىرىپ توشقاننى ساقلاپ تۇرغانكەن .توشقان مۇشۇنداق يەپ ئىچىپ ئويناپ يۈرۈپ ئۆزنىڭ نىشانىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ ،ئىككىنجى قىتىملىق مۇسابىقىدە يەنە تاشپاقىغا ئۇتتۇرۇپتۇ .توشقان قاتتتق پۇشايمان قىپتۇ ،مەن راستىنلا تاشپاقىنى يىڭەلمەيمەنمۇ ؟،مەن نىمە ئۈچۈن بۇ ھالەتكە كىلىپ قالدىم ،مەن مۇشۇنداق ئالەمدىن ئۆتۈپ ئەۋلادلىرىمنىڭ يۈزىنى تۆكەمدىم ،ياق ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ،مەن چوقۇم تاشپاقىنى ئۇتۇپ ئۆزۈمنىڭ بىر يۈگرەش ماھىرى ئىكەنلىكمنى ئىسپاتلىمىسام بولمايدۇ دەپ ئۆز –ئۆزىگە پىچىرلاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن توشقان يەنە تاشپاقىنى ئىزدەپ 3-قىتىملىق مۇسابىقىگە چۈشۈپتۇ .مۇسابقە باشلىنىپتۇ ،توشقان كۆڭلىدە مەن بۇ قىتىم چوقۇم تاشپاقىنى يىڭىمەن دەپ ئويلاپتۇ ،يەنە بىر ئوق ئاۋازى بىلەن توشقان ئوقتەك تىز يۈگرەپتۇ ،بۇ قىتىم توشقان ئۇخلاپمۇ قالماپتۇ ،ئاداشلىرى بىلەن يەپ ئىچىپ ئويناپمۇ يۈرمەپتۇ ،ئۇ ئاخىرقى نوقتىغا يىتىپ بىرىپ دەستە –دەستە گۈل ۋە ئالىقىش سادالىرىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ ،تىىرنىر يەنە جاكارلاپتۇ ،بۇ 3- قىتىملىق مۇسابىقىدە يەنە تاشپاقا غەلبە قىلدى .
نىمە ئۈچۈن؟ توشقان بالدۇر ئاخىرقى نوقتىغا يىتىپ كەلگەن تۇرسا يەنە نىمە ئۈچۈن تاشپاقا غەلبە قىلىدۇ ؟تاشپاقا بىلەن تىرنىر نىڭ مۇناسىىتى بارمىدۇ ؟ياكى تىرنىر خاتا جاكارلاپ قويغانمىدۇ ؟
توشقان بۇ مۇسابىقە نەتىجىسىگە قايىل بولماپتۇ .شۇنىڭ بىلەن توشقان تىرنىرنى ئىزدىمەكچى بولۇپ مىڭىپتۇ ،بۇ ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى كىشلەر توشقانغا :توشقان تىىنىر نىڭ جاكارلىغنى خاتا ئەمەس ،سەن ئەۋاتتىن بەك تىز يۈگرەيمەن دەپ بىشىڭىنى ئىچىڭگە تىقىپ يۈگۈردۈڭ ،مۇسابىقە يۆنىلىشى خاتا بولۇپ قالدى ،سەن مۇسابقە قائىدىسىگە خلاپلىق قىلدىڭ .شۇڭلاشقا بۇ مۇسابىقىدە يەنىلا تاشپاقا غەلبە قىلدى .
توشقان بەكلا قايغۇرۇپتۇ ،ئۈچ قىتىم مۇسابىقىگە چۈشۈپ ئۈچ قىتىم ھەممىدە تاشپاقىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ .
تاشپاقا ئۈچ قىتىم توشقانغا پۇرسەت بىرىپتۇ .ئەمما توشقان بۇ پۇرسەتنى ئوبدان قەدىرلىمەپتۇ ،توشقان ئارقىمۇ ئارقا مەغلۇپ بوپتۇ.
ناھايتىمۇ ئەقىل ئىدراكلىق ئوقۇرمەن ،سىز بۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن قانداق پەرەز قىلغان ئىدىڭىز ؟ئەلۋەتتە توشقان ئۇتۇپ چىقىدۇ دەپ ئويلىغانمىدىڭز؟ئەپسۇس ،توشقان يەنە مەغلۇپ بولدى .بۇ 4-قىتىم توشقان تاشپاقىنى يەنە ئىزدەپ يەنە مۇسابىقىگە چۈشۈپتۇ ،ئالدىنقى قىتىمدىكى ئاچچىق ساۋاقلارنى قاتتىق يەكۈنلەپتۇ ،يولدا ئۇخلاپمۇ قالماپتۇ ،يەپ ئىچىپ ئويناپمۇ يۈرمەپتۇ ،يۆنىلىشنى خاتامۇ تاللىماپتۇ ،بىر كۈچەپلا ئاخرقى نوقتىغا يىتىپ كەپتۇ ،نەتىجىدە توشقان يەنە ئۇتتۇرۇپتۇ ،ئوقۇرمەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىشنى خالامسىز ؟
تاشپاقا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تونۇپ يىتىپ ھازىرقى ئىلغار قاتناش قورالى بولغان سانتاناسىنى ھەيدەپلا مۇسابىقگە چۈشۈپتۇ ،توشقان گەرچە ئالدىنقى قىتىمقى ئاچچىق ساۋاقىلىرنى يەكۈنلەپ ئۆزىدىكى توغما يۈگرەش قابىليىتىگە تايىنىپ تاشپاقا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپتۇ ،ئۇ جەمىئەتنىڭ تەرەقىقىياتىدىن ،ئىلغار ئۇچۇر تىىنىكا ۋاستلىرىن پايدىلنىشنى ئۇقماپتۇ .چۈنكى بۇ قىتمقى مۇسابىقىنىڭ قائىدىسى بويىچە مۇشۇنداق ئىلغار تىخنىكا قاتناش قوراللىرنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلىدىكەن .لىكىن توشقان بۇلاردىن پايدىلنىشقا سەل قاراپتۇ .
توشقان نىمە ئۈچۈن 4-قىتىملىق مۇسابىقىدە يەنە مەغلۇپ بولدى ؟سەۋەبى ئىنتايىن ئاددى ،چۈنكى ئۇلارنىڭ تاللىشى ئوخشاش ئەمەس ،تاللىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن تاشپاقا يەنە غەلبە قىلدى ،توشقان بولسا يەنە مەغلۇپ بولدى ،بۇ ھىكايە يەنە تىخمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا تاللاش تىرىششقا قارىغاندا تىخمۇ مۇھىملىقىنى تونۇتۇپ بەردى .
ھۆرمەتلىك تورداش دوستۇم ،سىز« توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ يۈگرەش مۇسابىقىسى»دىگەن بۇ ھىكايىدىن نىمىلەرنى ھىس قىلدىڭىز ؟ھاياتىڭىزغا قانداق ئىلھام ئالدىڭىز ؟

















6.بىر ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشڭىزدا تاللاشنىڭ ئىگەللىگەن نىسپىتى تىرىششتىن چوڭدۇر


بۇرۇن بىر تىشچان يىگىت ھەر دائىم يىنىدىكى كىشلەردىن تىخمۇ كۈچلۈك بولىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن .ئۇزۇن ۋاقىت تىرىشىپ ئىزدىنىپمۇ بىرەر ئىشتا ياخشىراق نەتىجگە ئىرىشالمەپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت بىر ئۆلىمانى ئىزدەپ تەلىم بىرىشنى تەلەپتۇ .ئۆلىما تاغىدىن ئوتۇن كىسىپ ئەكىلىدىغان 3 بالىنى ئىزدەپ تىپىپ ئۇلارغا دەپتۇ :سىلەر بۇ يىگىتنىمۇ سىپىڭلارغا قوشۇۋىلىڭلار ،سىلەر بىلەن بىللە ئوتۇن تىرىپ ئەكەلسۇن.بۇ تىرىشچان يىگىت ۋە 3 ئوتۇنچى بالا بىللا تاغقا ئوتۇن كەسكىلى چىقىپتۇ .ئۇلار تاغدىن قايتىپ كەلگەندە ئۆلىما ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋاپتۇ ،تىرىشچان يىگىت تەرلەپ پىشىپ ئاران تەستە ئىككى تال ئوتۇن ئىلىپ كەپتۇ .
ئىككى بالا ئەپكەشتە ئوتۇن كۆتۈرۈپ مىڭپتۇ ،يەنە بىرسى بولسا ئۇلارنىڭ كەينىدە مىڭىپ ئەپكەشتىن چۈشۈپ قالغان ئوتۇنلارنى تىرىپ مىڭپتۇ .ئۇلار مۇشۇنداق مىڭىپ ئۆلىمانىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپتۇ .ئەپكەشتە ئوتۇن كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىكىسى بىر –بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ ،ئارقىدىنلا ،ئۇستاز ،بىز يەنە بىر قىتىم تىرىپ كىلەيلى دەپتۇ .تىرشچان يىگىت ئۆتۈنۈپ دەپتۇ ،مەن دەسلەپتە 6 باغلام ئوتۇن كۆتۈرگەن ئىدىم ،يىرىم يولغا كەلگەندە زادىلا بولالماي ئىككى باغلامنى تاشلىۋەتتىم ،بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن پەقەتلا بولالمىدىم ،يەنە ئىككى باغلامنى تاشلىۋەتتىم .مەن ئاخردا ئاران بۇ ئىككى باغلامنى ئىلىپ كىلەلىدىم .ئۇستاز ،ماڭا ئىشنىڭ ،مەن راستىنلا تىرىشتىم .
ھەممنىڭ كەينىدە ماڭغان بالىنىڭ ئەھۋالى قانداقتۇ ؟ئۇنىڭغا قاراپ باقايلى ،ئۇ دەسلەپتە ئاران ئىككى باغلام ئوتۇن تەرگەن ،يولدا كىتىۋىتىپ ئەپكەشتىن چۈشۈپ قالغان ئوتۇنلارنى تىرىپ ماڭغان شۇنداقلا بۇ تىرىشچان يىگىت تاشلىۋەتكەن بۇ تۆت باغلام ئوتۇننىمۇ يىغىۋالغان .شۇنداق قىلىپ ئۇ جاپا تارتمايلا ئەڭ كۆپ ئوتۇن تىرىپ كەلگەن .
ئۆلىما ئەڭ ئاخىردا كەلگەن بۇ بالىنىڭ بۇ قىلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇن بوپتۇ .
بۇ ئۆلىما تىرشچان يىگىتنىڭ مۆرىسىنى شاپاللاپ تۇرۇپ دەپتۇ :ھەممە ئادەم ئۆزنىڭ ئويلىغنى بويىچە يول ماڭىدۇ ،ئەلۋەتتە بۇ خاتا ئەمەس ،بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى ،ئۇنىڭ تاللىشنىڭ توغرا ياكى خاتا بولىشىدا .ھەي ،تىرشچان يىگىت ،سىز چوقۇم ئىسىڭىزدە ياخشى تۇتۇڭ ،تاللاش تىرىششقا قارىغاندا تىخمۇ مۇھىم ،سىزنىڭ بىر ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشڭىزدا تاللاشنىڭ ئىگەللىگەن نىسپىتى تىرىششنىڭ ئىگەللىگەن نىسپىتىدىنمۇ چوڭدۇر .

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن   بۇ  ھىكايىدىكى بۇ تىرىشچان  يگىت  سىزنىڭچە نىمىنى خاتا قىلغاندۇ ؟ئەگەر سىز بولغان بولسىڭز قانداق قىلاتتىڭز ؟







7.سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە نىمە ؟

بىزنىڭ ھاياتىمىز ناھايتىمۇ چەكلىك ،بىز چوقۇم ھاياتىمىزنى تولۇق چۈشىنىشمىز ،ھاياتمىزدا نىىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشمىز لازىم .
بىر داڭلق پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى ئەڭ ئاخىرقى دەرسىنى مانا مۇنداق ئۆتكەن .ئۇ دەرسخانىدا بىر ئەينەك بوتۇلكىنى چىقىرىپ ساۋاقداشلارغا كۆرسەتكەن .يەنە ئىككى رەخت خالتىنى چىقارغان .بۇ رەخىت خالتىنىڭ بىرىگە ياڭاق ،يەنە بىرىگە بولسا نىلۇپەر ئۇرۇقى قاچىلانغانكەن .بۇ پىراپىسور كۆپچىلىككە مۇنداق دەپتۇ :مەن بۈگۈن سىلەرگە بىر تەجىربە ئىشلەپ بىرەي ،مەن بۇ تەجىربىنى ياش ۋاقتىمدا كۆرگەن ئىدىم ،بۇ تەجىربىنىڭ نەتجىسى ھازىرغا قەدەر شۇنداق ئىنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .مەن ھەر دائىم بۇ تەجىربە نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىمەن .مەن كۆپچىلىك ھەممەيلەننىڭ بۇ تەجىربە نەتىجىسىنى مەڭگۈ ئىسىدە چىڭ تۇتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلمەن .پەستە ئولتۇرغان ساۋاقداشلار فىراپىسورنىڭ بۇ دىگىننى ئاڭلاپ تىخمۇ ھەيران قاپتۇ .بۇ پەلسەپە دەرسىدىمۇ تەجىربە ئىشلەمۇ ؟بىر خالتا ياڭاق بىلەن بىر خالتا نىلۇپەر ئۇرۇقىنى نىمە قىلىدىغاندۇ ؟
فىراپىسور بىر خالتا ياڭاقنى ئەينەك بوتۇلكا ئىچىگە توشقىچە قاچىلاپتۇ .بۇ ۋاقىتتا بۇ فىراپىسور ساۋاقداشلاردىن سوراپتۇ :ساۋاقداشلار بۇ ئەينەك بوتۇلكا توشتىمۇ ؟
پەلسەپە ئۆگەنگەن بۇ ساۋاقداشلار ھەرخىل مۇلاھىزە قىپتۇ .ئەگەر يەنە ياڭاق قاچىلاشقا توغرا كەلسە ئۇ ئەينەك بوتۇلكا ئاللقاچان توشتى .فىراپىسور يەنە بىر خالتا نىلۇپەر ئۇرۇقىنى چىقىرىپتۇ .ئەينەڭ بوش قالغان يەرلىرىنى بۇ نىلۇپەر ئۇرۇقى بىلەن تولدۇرۇپتۇ .فىراپىسور پەستە ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە سوراپتۇ .ساۋاقداشلار بۇ تەجىربىدىن سىلەر قانداق پەلسەپە يەكۈنىنى چىقاردىڭلار؟
پەستە ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلار بىردىن بىردىن پىكىر بايان قىپتۇ .
بەزىلەر ،بۇدۇنيادا مۇتلەق توشتى دەيدىغان ئىنىقلىما يوق .بەزىلەر بۇ تەجىربە خۇددى بۇلۇتتىكى سۇنى سىقىپ چىقارغانغا ئوخشايدۇ .سىزبۇلۇتنى بەكرەك سىقسىڭىز ،جىقراق سۇ چىقىدۇ ،يەنە بەزى ساۋاقداشلار مۇنداق پىكىر بايان قىپتۇكى ،بۇ دۇنيادا بوشلۇقنىڭ چىكى يوق .ئەڭ ئاخىردا پىراپىسور پىكىر بايان قىپتۇ ،سىلەرنىڭ بايان قىلغان پىكىرىڭلار ھەممىسى ئورۇنلۇق ،بىراق ھىچقايسىڭلار مەن ئارزۇ قىلغان قىلغان جاۋاپنى بىرەلمىدىڭلار .سىلەر يەنە ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلاپ بىقىڭلار .ئەگەر بىز ئاۋۋال ياڭاقنى قاچىلماي ئەكىسچە نىلۇپەر ئۇرۇقىنى قاچىلغان بولساق ،ئەينەك قۇتا توشقاندىن كىيىن ماۋۇ بىر خالتا ياڭاقنى قاچىلىغىلى بولامتى ؟
سىلەر ئويلاپ كۆرۈڭلار ،بىزنىڭ ھاياتمىز بەزى ۋاقىتتا مۇشۇ تەجىربىگە ئوخشايدۇ ئەمەسمۇ .بىزنى ھەر دائىم ئۇششاق چۈششەك ئىشلار بەكمۇ ئاۋارە قىلىدۇ .ئەمما ئەڭ ئاخىرغا بارغاندا بىز ئۆزىمىز بەكمۇ مۇھىم دەپ قارىغان ئىشنى قىلىشقا ۋاقتىمىز چىقمايدۇ .نەتىجىدە بىز شۇنچە كۆپ قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىۋىتىمىز .شۇڭلاشقا مەن كۆپچىلىكنىڭ بۇ تەجىربە نەتجىسىنى چوقۇم ئىسىدە تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان .ئەگەر بۇ ئەينەك قۇتىغا ئاۋۋال نىلۇپەر ئۇرۇقىنى قاچىلىساق ،ئەينەك قۇتا توشقاندىن كىيىن بىز بۇ بىر خالتا ياڭاقنى بۇ ئەينەك قۇتىغا قاچىليالمايمىز .
سىنىپ ئىچى جىمجىتلىققا چۆمدى ،ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر ئويلىنىشقا كىرىشىپ كەتتى .
راسىت ،بىز ئەمەليى تۇرمىشىمىزدا ،بىز ئىنسانلارنى مۇنداق بىر كەمچىلىكىنى كۆرۈپ تۇرىمىز ،كىچىك ئىشلار ئۈچۈن مۇھىم ئىشتىن مەھرۇم قالىدىغان .گەرچە بىز ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى بىلسەكمۇ ئۇنى ئتىبارغا ئالماسلىق سەۋەبىدىن ئۇنى كەتتۈرۋىتىمىز .
بىزنىڭ ھاياتىمىز ئىنتايىن چەكلىك ،بىز چوقۇم ئۆزىمىزنى چوڭقۇر دەرىجىدە چۈشۈنۈپ يىتىشىمىز ،ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشمىز لازىم .

8.كىشلىك ھايات بىر تاللاش ئويۇنى                  

مۇۋاپىقيەتنىڭ ئۆزى بىر تاللاش ،چۈنكى سىز ئاۋۋال جاپاغا چىداپ ئىزدىنىشنى ،تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنى تاللدىڭىز ،ئەڭ ئاخردا بىرىپ مۇۋاپىقيەت سىزنى تاللىدى .ئەمما ئادەتتىكى كىشلەر بۇ تاللاشنى ئىلىپ بارالمايدۇ .ئىككىلنىپ تۇرغاندا سىزنى مەغلۇبىيەت تاللاپ قىلىش مۇمكىن .
كىشلىك ھايات ئۇزۇن بىر جەريان .سىز ئورنىڭزدىن تۇرغاندىن باشلاپ نۇرغۇن تاللاشقا دۇچ كىلىسز ،مەسلەن ئەتتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ قايسى كىيىمنى كىيىش ،قانداق ناشتا قىلىش ،چۈشتە نەگە بىرىش ،نەدە نمە تاماق يىيىش ،دىگەندەك .قىزلارنىڭ تاللىشى ئوغۇللارغا قارىغاندا تىخمۇ كۆپ بولىدۇ .قىزلار توي قىلىشنى ئويلاشقاندا زادى قايسى ئەر ئۆزىگە بەك ماس كىلىدۇ ،قايسى خاراكتىردىكى ئەر بىلەن بىر قەدەر ياخشى چىقىشىپ ئۆتەلەيمەن دىگەندەك .مەن ئۈسىتىدە تىلغا ئالغان بۇ تاللاشلار مەيلى چوڭ بولسۇن ،مەيلى كىچىك بولسۇن ،بىزنىڭ كىشلىك ھاياتىمىزغا ناھايتىمۇ زور تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلەلەيدۇ .بىر نى تاللاپ بولسىڭىز ،يەنە بىر تاللاشقا دۇچ كىلىسىز .قاتلاممۇ قاتلام توغرا تاللاشلاردىن ئۆتەلىسىڭىز ،سىز چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئىرىشەلەيسىز .لىكىن بىردىن بىردىن خاتا تاللاپ ماڭسىڭىز ،سىزنىڭ كىشلىك ھاياتىڭىز مەڭگۈلۈك مەغلۇپ بولىشى مۇمكىن .بىز كىشلىك ھاياتىمىزدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم خاتا تاللاشنىڭ نىسپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشىمىز لازىم .بىز ئەڭ ھاياتمىزدا يەتمەكچى بولغان نىشانىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىمزى لازىم .بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل زور تاللاش .
بەزىلەر كۈندىلىك تۇرمۇش خىز مىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ،خۇشال خورام ئۆتىشىنى ،بەكمۇ ئۈمۈد قىلىدۇ ،ئەمما بىر قىسىم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان خىزمەتنى قىلىدۇ .بەزىلەر تەن سالامەتلىكىنىڭ تىخمۇ ساغلام بولىشنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىدۇ ،ئەمما چىقىپ ھەركەت قىلىپ بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ۋاقتى چىقمايدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بەدىنى ئاجىزلىششقا قاراپ يۈزلىنىدۇ .    بۇ مۇ بىىر خىل تاللاش .
كۆپچىلىك مۇنداق بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يتىش كىرەككى تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەرقانداق بىر نەتىجە دەل سىزنىڭ تاللىشىڭىزدۇر .سىز بىر تاللاش ئىلىپ بارغاندا ،سىز مەغلۇپ بولامسىز ياكى مۇۋاپىقيەت قازىنامسىز ؟خۇشال ىورام يۈرەمسىز ياكى قاتتىق ئازاپلىنامسىز ؟سىز باي بولۇش يولىغا يۈزلىنەمسىز ياكى نامراتلىق ھالىتىدە تۇرۇۋىرەمسىز ؟
سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر قىتىملىق تاللىشىڭىز ئارقىلىق كىشلىك ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز .


9.پاراسەتلىك ھالدا خىزمەت قىلىش مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى

مۇنداق بىر ماقال تەمسىل بار ،ئەركىشى يولنى خاتا تاللاپ قىلىشتىن ،ئايال كىشى جۈپتىنى خاتا تاللاپ قىلىشتىن قورقىدۇ دەيدىغان .توغرا ،بەزىلەر ئىنتايىن بەك تىرىشىپ ئىزدىنىدۇ ،ئەمما تىرىشىپ ئىزدەنگەنلىك چوقۇم مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇ دىگەنلك ئەمەس .مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى دەل تاللاشتۇر .شۇڭلاشقا بىز تاللاش تىرىششتىن تىخمۇ مۇھىم دەيمىز .ئەگەر سىزنىڭ باشتىكى تاللىشىڭىز خاتا بولسا ،سىزنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىڭىز بىكار بولىدۇ .ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە قىزىپ چىقىپ دانالىق بىلەن تاللاش لازىم .ھازىرقى بۇ ئۇچۇر ،رىقابەت دەۋىردە ،ئاقىللىق بىلەن خىزمەت قىلىش مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى .
بىر ساياھەتچى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىگە ساياھەتكە بىرىپتۇ ،ۋە داڭلىق رەسسام بىجياسونى كۆرۈپ قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرماقچى بوپتۇ .بىجياسو پەقەت ئۈچ مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپلا بۇ ساياھەتچىنڭ رەسىمىنى سىزىپ بوپتۇ .
ساياھەتچى :نەچچە پۇل ئالىسىز ؟
بىجياسو :5000فىرانىك
ساياھەتچى :5000فىرانىك ؟
بۇ ساياھەتچى ئىنتايىن ھەيران بولغان ھالدا سوراپتۇ :سىز پەقەتلا ئۈچ مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىزپ بولدىڭىز ،نىمىشكا ئۇنچىۋالا بەك كۆپ ھەق ئالىسىز ؟
بىجياسو :ياق ............مەن بۇ رەسىمنى سىزىشقا ئۈچ مىنۇت ئەمەس مەن بىر ئۆمۈر ۋاقتىمنى سەر قىلدىم .
بىلىم ئىقتىسادى تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن كىشلەر بىلىمنىڭ قىمممىتىنى ھەقىقى دەرىجىدە تونۇپ يەتتى .ئەنە شۇ كەلگۈسىنى پەرەز قىلغۇچى جىياتو فۇلىنىڭ «كۈچنىك يۆتكىلىشى »دىگەن تىمىدا مۇنداق بىر يەكۈننى ئوتتۇرغا قويىدۇ .بىلىم چوقۇم زورلۇق كۈچ ،پۇل مال ئۈستىدىن غالىىپ كىلىدۇ دىگەن .
مەن كىم ؟بۇ قاراشقا ئىنتايىن ئاددى بىر سۇئال ،ئەمما بۇ سۇئالنى سىز ئۆزىڭىزدىن سوراپ باققانمۇ ؟ئۇنىڭ جاۋابىغا قارىتا سىز چوڭقۇر ئويلىنىپ باققانمۇ ؟ئويلىنىپ باقمىغان ،شۇنداقلا بۇ سۇئالنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ باقمىغان بولسىڭز ،مەن سىزگە بۇ سۇئالنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ بىقىشىڭىزنى شۇنداقلا بۇ سۇئال توغرۇرلۇق چوڭقۇر ئويلىنىپ بىقىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن .
ئافىرقىنىڭ بىر چوڭ يايلىقىدا بۆكەن بىلەن شىر بىللە ياشايدىكەن .ھەر كۈنى ئەتتىگەندە بۆكەن ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ بىرىنجى قىلىپ ئويلايدىغنى مەن چوقۇم ئەڭ تىز يۈگرەيدىغان شىردىنمۇ بەكرەك يۈگرەلىشىم كىرەك ،بولمىسا مەن شىرغا يەم بولىمەن .
بۇ ۋاقىتتا شىر كۆزىنى ئىچىپ ئويلايدىغنى مەن ئەڭ ئاستا يۈگرەيدىغان بۆكەندىن تىزرەك يۈگۈرشۈم كىرەك ،بولمىسا مەن ئاچ قىلىپ ئۆلىمەن .تۇرمۇش ناھايتىمۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتۈپتۇ .
تەبىئەتنىڭ تەبىئى تاللىنىش قانۇنيىتى بويىچە بۇ يايلاقتىكى ھورۇن بۆكەن شىرلارغا يەم بوپتۇ، ھورۇن شىرلار بولسا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتىپتۇ .
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ،ئايلار ئۆتۈپتۇ ،يىللار ئۆتۈپتۇ،يايلاقتا مۇشۇنداق ھىكايىلەر تەكرارلىنىپتۇ ،
ھەر كۈنى ئەتتىگەندە قۇياش كۆككە كۆتۈرۈلگەندە بۆكەن بىلەن شىر رىقابەتكە چۈشۈپتۇ .
بۆكەن :مەن ساڭا ھەرگىز يەم بولمايمەن .
شىر:مەن چوقۇم سىنى ئوزوقلۇق قىلىشىم كىرەك ،بولمىسا مەن ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتىمەن .
بىر جوڭگولۇق ئوقۇغۇچى بىر غەرپلىك ساۋاقدىشىغا يۈگوڭنىڭ تاغىنى يۆتكىشى دىگەن ھىكايىنى سۆزلەپ بەرگەندە ،ئۇنىڭ ساۋاقدىشى بۇ ھىكايىگە ئىشەنمىگەننى قىلىپ باش لىڭىشتىپتۇ ۋە مۇنداق ئويلاپتۇ ،شۇنچە جاپا تارتىپ بۇ تاغنى يۆتكىگىچە باشقا ياققا بىر ئۆي سىلىپ كۆچۈپ كەتسە بولمامدۇ ؟
تىرىشچانلىق ئىنتايىن مۇھىم ،لىكىن ھازىرقى بۇ بىلىم ئىقتىسادى دەۋىردە ،كىشلەر ئاستا ئاستا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتى ،ئۇ بولسىمۇ تىرىشپ خىزمەت قىلىش نەتىجە قازىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ،پاراسەت ۋە ئەقىل ئىدراك بىلەن خىزمەت قىلىش مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى .تاللاش تىرىششتىن تىخمۇ مۇھىم .
تاللاش سىلىشتۇرۇشقا دۇچ كىلىدۇ ،تاللاش ھوقۇق تەڭپۇڭلىقىغا دۇچ كىلىدۇ ،تاللاش ھۆكۈم قىلىشقا دۇچ كىلىدۇ .تاللاشنىڭ ئۆزى ئەسلىدە ئاقىللىق بىلەن تىرىشش .
سىزنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىڭىز بەختلىكمۇ ؟
سىز ياخشى بولغان كىشلىك ئالاقىنى قۇرۇپ چىقالىدىڭىزمۇ؟
سىز ھازىرقى خىزمىتىڭىزدىن ئۇتۇق قازىنىشڭىزغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ ؟
سىز قازانغان ئۇتۇقلىرىڭىزدىن پەخرلىنەمسىز ؟
سىز تەن ساغلاملىق بىلەن پىسخكا ساغلاملىقنىڭ ئوخشاشلا تەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلىدىڭىزمۇ؟
سىزنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىڭىز خۇشالمۇ ؟
سىز ئۆزىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟ئۆزگىنىچۇ؟
سىز تاللاشقا دۇچ كەلگەندە ئىككىلەنمەي تىزدىن قارار چىقىرالامسىز ؟
بۇ تۇراقسىز ئۆزگىرىۋاتقان بۇ دۇنياغا يۈزلەنگىنىڭىزدە،سىز ئەسلىدىكى خىزمەت ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ يىڭى خىزمەت ئۇسۇلىغا تىزدىن كۆنەلەمسىز ؟
سىز بۇ ھاياتىڭىزدا يۈزلىنىدىغان تاللاش بەكلا كۆپ ،بىز مۇنداق بىر نوقتىنى ئۆزلەشتۈرىشىمىز لازىمكى ،ئەقىل ئىدراكىلىق بىلەن تاللاش ،ئەقىل ئىدراكلىق بىلەن خىزمەت قىلىش مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى .













10.مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى يۆنىلىشىڭىزنى بەلگىلەڭ

بۇرۇن بىر چىۋىن بۇ قىسقىغىنا ھاياتىدىكى بارلىق كۈچىنى ئىشلىتىپ ئۆينىڭ دىرىزىسىدىن يوچۇق تىپىپ چىكىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ ،ئۇ ئارام ئالماي ئۇيان ئۇچۇپتۇ،بۇيان ئۇچۇپتۇ ،،ئەمما بۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتەلمەپتۇ ،ئۇنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى ئۇنىڭغا ئۈمۈد ئىلىپ كىلەلمەپتۇ ،كۈلكىلىل يىرى شۇكى ،بىز تىرىشچانلىقنى قۇدۇق قازغانغا ئوخشىتىمىز ،ئەمما چىۋىن ھەرقانچە قىلسىمۇ بۇ دىرىزىنىڭ ئەينىكىنى تىشىپ چىقىپ كىتەلمەيدۇ دە .
قارىغاندا بۇ چىۋىن شۇ دىرىزە تۈۋىدە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرسا كىرەك .
لىكىن بۇ ئۆينىڭ يەنە بىر تەرىپىدە 10 مىتىرمۇ كەلمەيدىغان ئارلىقتا ئىشىك كەڭ كۇشا ئىچقلىق تۇرغانكەن ،ئۇ ئىشلەتكەن كۈچنىڭ 10 قىسمىنى ئىشلەتكەن بولسا بۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتەلەيدىكەن ،نىمىدىگەن ئاددى ھە ،لىكىن بۇ چىۋىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشنى خالىماپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن بارلىق تىرىشچانلىقى بىكار بولۇپ دىرىزە تۈۋىدە ئۆلۈپ قاپتۇ .ھەي،نىمىشقا بۇ چىۋىن باشقا ئۇسۇللارنى سىناپ باقمايدىغاندۇ ؟ئەجىبا ئۆزىنىڭ بۇ تاللىغان نىشانى توغرىمىدۇ ؟
ئەگەر سىناپ باققان بولسا ھازىرقىدەك ئەھۋالغا قالمىغان بولاتتى ئەمەسمۇ .زادى نىمە سەۋەپ بۇ چىۋىن شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ،ئۇنى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئەكىلىپ قويدى ؟
بىز ئىككىلەنمەي ئىيتالايمىزكى چىۋىن تاللىغان يول ئۆزىگە نىسپەتەن توغرىدۇ ،لكىن ئۇنىڭ تاللىغان يولى ئۆلۈم يولىدۇر .
ئەگەر سىز مانا بۇ چىۋىنگە ئوخشاش يۆنىلىشىڭىز خاتا بولۇپ ھەر قانچە تىرىشسىڭىزمۇ ،ئۆزىڭىز ئىرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزگە ئىرىشەلمەيسىز ،يەتمەكچى بولغان نىشانىڭىزغا يىتەلمەيسىز .
سىزمۇ تۇرمىشىڭىزدا مانا مۇشۇ چىۋىنگە ئوخشاش نۇرغۇن تىرىشچانلىق سەرپ قىلىپ ئاقىۋەت ھىچنىمىگە ئىرىشەلمىگەن ،شۇ بارلىق تىرشچانلىقىڭىز بىكار بولغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ ؟
بۇ ھىكايىدىن شۇنداق بىر يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى بىز مۇۋاپىقيەت قازىنىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم بىزنىڭ تاللىغان يۆنىلىشمىز توغرا بولىشى كىرەك .


11.ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزۋىلىڭ .


نۇرغۇن كىشلەر ھەر دائىم ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ .لىكىن يەنىلا ھەر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى يەنە شۇ يىڭى باشتىن تەكرارلاپ ماڭىدۇ .بەزىلەر بىر يەرگە بىرىپ ئۆزىنىڭ ماڭغان يۆنىلىشنىڭ خاتالىقىنى ھەقىقەتەن بىلسىمۇ ئەمما بۇ يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ قۇدىرتى يوق .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم ھەر قانچە تىرىشسىمۇ ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىغا يىتەلمەيدۇ .كۆپلىگەن كىشلەر يىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەس رىتىمدىكى تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ئەنە شۇ ئۆزگەرمەس رىتىمدىكى تۇرمۇش خزمەتكە سەرپ قىلىدۇ .
بۇ بىر نەچچە يىلدا دۆلىتىمىزدە ئىشتىن قالغانلار كۈنسىرى كۆپىيۋاتىدۇ .بەزىلەر ئىشتىن قىلىپ دەرت پەريات چىكىدۇ .ئەمما بىز ئەتراپىمىزنى كۈزىتىدىغان بولساق ،بەزى بىر قىسىم كىشلەر ئىشتىن قالغاندىن كىيىن تىرىشىپ ئىزدىنىپ ئىگىلىك يارىتىپ تىخمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىرىشۋاتىدۇ ،بۇلار ئىشلار ئەكىسچە ئىشتىن قىلىپ تولىمۇ خۇشال بولىدۇ ،ئەگەر ئۇلار ئىشتىن قالمىغان بولسا  بىر ئۆمۈر ئەنە شۇ ئۆزگەرمەس رىتىمدىكى تۇرمۇشنى كەچۈرىدۇ ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا بەلكىم ياخشىلنىش بولمىغان بولاتتى .ئۇلار ئىشتىن قىلىپ ئۆزنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتتى ،بۇرۇنقى قىلىپتىن قىچىپ چىقتى .
ئەگەر سىزنىڭچە بولسا ئۆزگىرىش يەنە نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟
كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ قارىشچە ،ئۇلارغا نىسپەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،كۆپلىگەن بايلىق مال دۇنيا توپلاش .سىزنىڭچە بۇلارنىڭ ئويلىغىنى توغرىمۇ خاتامۇ؟
مەن ئىنقلا دەيمەنكى سىزمۇ مىليونىر بولۇشنى ئويلاپ باققانغۇ دەيمەن .لىكىن سىز ئويلاپ باققان تۇتۇپ نىمىشقا يەنە ھازىرقى ھالىتىڭىزدە تۇرىسىز ؟
سەۋەپ شۇكى ،سىز بىر تەرەپتىن مىليونىر بولۇشنى ئويلاپ يەنە بىر تەەرپتىن ئۆز-ئۆزىڭىزگە: ھازىچە مۇشۇمۇ يىتەرلىك ،مەن ھەرقانچە تىرىشساممۇ ھامان مىليونىر بولالمايمەن .كىينچە بىر گەپ بولا دەپ ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىگەن بولشىڭىز مۇمكىن .
سىز نىمىشقا ئاشۇ ئىشنى ئويلىغان كۈندىن باشلاپ تىرىشمايسىز ؟سىز نىمىشقا تىرىشپ ئەڭ ئاخرغىچە چىداپ باقمايسىز ؟
تىرىشىڭ ،ئىزدىنىڭ ،ئۆزىڭىزگە ئىشنىڭ ،بىر ئىشنى قلماقچى بولۇپ ئويلايدىكەنسىز ،شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تىرىشىڭ ،ئىزدىنىڭ ،ئەڭ ئاخرغىچە چىداپ غەيرەت قىلىڭ .  

12.كىشلىك ھاياتنىڭ تۆت خىل چارىكى            

ھازىر جەمىئەتتە ياشاۋاتقان كىشلەرنى يۇقىرى مۇئاشلىقلار ،ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار،سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار،مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ئىبارەت  تۆت خىل چارەككە بۆلۈشكە بولىدۇ.
كىشلەر ئىگىلىك تىكلەيمەن دەيدىكەن بۇ تۆت خىل چارەكتىن چەنتەپ كەتمەيدۇ .سىز تاپقان بىر سىنىت پۇلمۇ مۇشۇ تۆت خىل چارەكنىڭ بىرسىدىن كىلىدۇ .







تۆت خىل چارەكنىڭ ئىنىقلمىسى ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق پايدىسىز تەرەپلىرى

بىز سول تەرەپ يۇقىردىكى چارەكنى نىمە دەپ ئاتايمىز ؟بىز بۇنى ى چارەك دەپ ئاتايمىز ،يەنى بىز يۇقىردا تىلغا ئالغان يۇقىرى مۇئاشلىقلار چارىكىدۇ .
ئىنىقلىمىسى :باشقىلار تەرىپىدىن ياللىنىپ ئىشلىتىلىپ ئۆزىنىڭ ئەمگەك كۈچىنى سەرپ قىلىپ تۇرمۇش پۇلىنى تاپقان كىشلەر توپىدۇر ،يەنى يۇقىرى مۇئاشلىقلار.
پايدىلىق تەرەپلىرى : بۇلارنىڭ مۇئاشى ئىنتايىن تۇراقلىق ،شۇڭلاشقا بۇلارنىڭ ئارتۇقچە غىمىمۇ يوق ،ئۇنى سىتىۋالايمىكى ،بۇنى سىتىۋالايمىكى دەيدىغان ئارتۇقچە غەممۇ يوق .
ئۇلارنىڭ بۇ كەسپى ئىنتايىن تۇراقلىق ،ھەر ئايدا 30 كۈن توشسىلا مۇئاشىنى ئىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىيالايدۇ .
پايدىسىز تەرەپلىرى :
نىسپەتەن ئەركىن ئەمەس ،ئەگەر سىز بۇ چارەكتىكى كىشى بولسىڭىز ئىجادى تەپەككۇرىڭىزنى جارى قىلدۇرالمايسىز ،ئۆزىڭىزنىڭ نۇرغۇن نىيەتلىرىڭىزنى ئەمىللەشتۈرەلمەيسىز
سىز ھەر دائىم باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ئىش قىلىسىز ،ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرالمايسىز .
سىزنىڭ سەرپ قىلغنىڭىز ۋە  ئىرىشكىنىڭىز تەڭپۇڭ بولماسلىقى مۇمكىن .
بىز سول تەرەپ ئاستىدىكى چارەكنى ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چارىكى دەيمىز .قىسقارتىپ س چارەك دەيمىز .ئۇنداقتا ئەركىن كەسەپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دەپ نىمىگە ئىيتىمىز ؟
بۇ نى بىز شەخسەن ئۆزى يالغۇز  تىكلىگەن كىشلەر توپى دەيمىز ،مانا بۇلار ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردۇر.
پايدىلىق تەرەپلىرى :
نىسپەتەن ئەركىن ،ئۆزىڭىزنىڭ نىيىتىڭىزنى ،يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى ،ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنىڭىز بويىچە جارى قىلدۇرالايسىز .
بۇ چارەكتىكى كىشلەرنىڭ سەرپ قىلغنى بىلەن ئىرىشكىنى نىسپەتەن تەڭپۇڭ ھالەتتە بولىدۇ .
پايدىسىز تەرەپلىرى :
تەۋەككۇلچىلىقى بىر قەدەر ئىغىر ،مۇقىم تۇراقلىق ئەمەس ،ئىشلىسە ئىقتىساد بار ،ئىشلىمىسە يوق .
ئۇ مۇنداق ئۈچ تەرەپنىڭ كونىتىروللىقىغا ئۇچۇرشى بىر قەدەر ئىغىر .بىرىنجىسى تىخنىكىنىڭ كونتىروللىقىغا ئۇچۇرشى بىر قەدەر ئىغىر .سىزمۇ بايقىدىڭىزمۇ يوق ،ئاساسەن ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىقتىسادى بىر قەدەر ياخشى كىشلەردۇر ،ئىگىلىك تىكلىشى بىر قەدەر يەخشى كىشلەردۇر،ئىگىلىك تىكلىشى ياخشى ،شۇنداقلا مەلۇم بىر تخنىكىنى ياخشى ئىگەللىگەن كىشلەردۇر .
كىشلىك ئالاقە ئامىللىرنىڭ كونتىروللىقى بىر قەدەر ئىغىر .بۇ چارەكتىكى كىشلەرنىڭ ئالاقە دائىرسى بىر قەدەر كەڭ دائىردە بولىدۇ ،ئەگەر بۇ كەڭ دائىردىكى كىشلىك ئالاقە بولمايدىكەن ئۆزىنىڭ بۇ تىكلىگەن ئىگىلىكىنى ياخشى قىلالمايدۇ ،كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ،كىشلىك ئالاقە بىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىمىزدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم .
ياشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرشىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك .ئارتىسلار ،مودىللار شۇنداقلا تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشلەرنىڭ ياشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرشى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ .
ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى چارەكنى بىز سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چارىكى دەپ ئاتايمىز .قىسقارتىپ ب چارەك دەپ ئاتايمىز .ئۇنداقتا بىز سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دەپ نىمىگە ئىيتىمىز ؟بۇنداق كىشلەر بىر شىركەتنى ياكى بىر كەسىپنى ئاساس قىىلىپ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىدىغان كىشلەر دۇر.
مەن بىر مىسال كەلتۈرەي ،مەن ئەتە بىر شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغىلى بارىمەن .مەن بولسام بۇ تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغان شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى .مەن سىزدى سوراپ باقسام مەن ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىمۇ ياكى سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىمۇ؟
چۈنكى مەن بىر شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغان باش دىرىكتور ،سىزنىڭچە مەن ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىمۇ ؟مەن سىزگە ئىيتسام سىز ئنىقلىما بىرىشنى ئۆگىنىڭ .مەن بىر شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغان باش دىرىكتور ،مەن ئەلۋەتتە ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولىمەن ،نىمە ئۈچۈن ؟چۈنكى مەن بىر ئىگىدارلىق قىلغۇچى ،پەقەتلا ۋاقىتلىق ئىگىدارلىق قىلغۇچى ،ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەس .سودا تىجارەت ئىگىدارلىق قىلغۇچىلىرى بولسا ئۇزۇن مۇددەت شۇغۇللىندىغان كىشلەردۇر .،بۇنداق كىشلەرنىڭ ياخشىمۇ ياكى ياخشى ئەمەسمۇ ؟ئەلۋەتتە ياخشى ،چۈنكى بۇ چارەكتىكى كىشلەر ھەقىقى دەرىجىدە ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ياراتتى .
بۇ چارەكتىكى كىشلەر ئىرىشىدىغان پايدا ئازمۇ كۆپمۇ؟ئەلۋەتتە كۆپ ،بۇنداق كىشلەر تىزلا نام ئاتاققا ئىرىشەلەمدۇ يوق ؟ئەلۋەتتە ئىرىشەلەيدۇ .بۇ تۈردىكى كىشلەر باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەت قىلىنامدۇ يوق ؟ئەلۋەتتە ھۆرمەت قىلىنىدۇ .
بۇ تۈردىكى كىشلەر ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ياردەم پۇل مال ياردەم قىلالامدۇ يوق ؟جەمىئەتتىكى ئىشسىز كىشلەر گە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرەلەمدۇ يوق ؟
مەن يۇقىردا دەپ ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى بۇ تۈردىكى كىشلەر ئەلۋەتتە قىلالايدۇ .
پايدىسىز تەرەپلىرى شۇكى بۇ تۈردىكى كىشلەرنىڭ مۇۋاپىقيەت قازىنىش نىسپىتى نىسپەتەن تۆۋەن بولىدۇ .
مەن بىر مىسال كەلتۈرەي .مەسلەن ،دەسلەپتە 100 شىركەت تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىشقا كىرىشكەن بولسا 5يىلدىن كىيىن 90پىرسەنتى ۋەيران بولۇپ ئىشتىن توختىشى مۇمكىن .نىمەن ئۈچۈن دىگەندە كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا خاتالىق كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن .ھازىر ئاران 10 شىركەت قالدى ،بۇلار يەنە رىقابەت باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ،يەنە 5 يىلدىن كىيىن بىر قىسىم شىركەتلەر يەنە مەغلۇپ بولۇپ تاقىلىپ قىلىشى مۇمكىن .چۈنكى بۇ ۋەيران بولغان بۇ بىر قىسىم شىركەتلەر سىىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانمىغان بولىشى مۇمكىن .بىز بۇ يەردە سىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى دەپ تىلغا ئالدۇق ،ئۇنداقتا سىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى دەپ نىمىگە ئىيتىمىز ؟
سىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى دىگىنىمىز ،ئادەم كۈچى ،مالىيە كۈچى ،ماددى كۈچ ،شۇنداقلا زاپاس ساقلاش ،ئىمپورت قىلىش ،ئىكىسپورت قىلىش ،ئىشلەپ چىقىرىش قاتارلىق يەتتە تەرەپتە سىستىمىلىق باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ .ئەگەر بىر شىركەت ياخشى بولغان سىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانمىغاندا بۇ شىركەت ئۇزاق قەد كۆتۈرۈپ تۇرالماسلىق مومكىن .بىر شىركەت تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن چوقۇم سىستىمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كىرەك .
بىز ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى چارەكنى مەبلكەغ سالغۇچىلار چارىكى ياكى مەبلەغ سالغۇچىلار توپى دەپ ئاتايمىز .
ئىنىقلىمىسى :
بۇ تۈردىكى كىشلەر پۇلنى ماڭدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتسادى كۈچىنى ئاشۇرغۇچىلاردۇر ،يەنى مەبلەغ سالغۇچىلاردۇر .
بۇ تۈردىكى كىشلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ھەقىقى تۈردە كىشلىك ھاياتىنىڭ قىممىتىنى يارىتالايدۇ .
بۇ تۈردىكى كىىشلەر ئۇچرايدىغان يايدىسىز تەرەپلىرى بارمۇ يوق ؟ئەلۋەتتە بار ،نىمە دىگەندە ،بۇ تۈردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى بىر قەدەر يۇقىرى ،شۇڭلاشقا ئۇنڭغا كىرەكلىك بولغان مەبلەغ سوممىىسىمۇ ئىنتايى يۇقىرى .كۆپلىگەن كىشلەر بۇنداق كۆپ مەبلەغنى چىقىرىشى بەكمۇ ئاسان ئەمەس .











13.بەختلىك تۇرمۇشتىكى 20 ئىش
1.قەلبىڭىز ھەر دائىم تىنىچ ھالەتتە تۇرسۇن
2.ھەر دائىم ھاياتىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىڭ ،تىرشىڭ ،ئىزدىنىڭ ،چۈنكى سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز دەل ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا .
3.كۆپرەك ۋاقىت ئاجىرتىپ ئائىلە ئەزالىرىڭىز بىلەن مۇڭدىشىڭ ،سىردىشىڭ ،ئۆزئارا چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈڭ .
4.ۋقتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىڭ ،شۇندىلا سىزدە مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ
5.ھىرىپ چارچغاندا ئارام ئىلىشقا ،ئۆزىڭىزنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە دىققەت قىلىڭ .
6.دوسىت تۇتۇشقا ئەھمىيەت بىرىڭ ،ھەر كۈنى ئالھىراشچىلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىپ دوستلىرىڭىز بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈم قويۇشتىن ساقلىنىڭ .
7.ساغلام بولغان ئىستىمال ئادىتىڭىزنى يىتىلدۈرۈڭ ،بۇ ئەڭ مۇھىم تۈرنىڭ بىرىدۇر .
8.سىز مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كىيىن ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلاشنى ئۇنۇتماڭ .
9.ھەر دائىم كۆڭلىڭىزنى خۇشال خورام ،ئوچۇق تۇتۇڭ .
10.ئىقتىسادى بىسىمغا ئۇچۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا پەرزەنىتلىرىڭىزنىڭ تەربىيلىنىشگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈڭ .
11.توپلىغان ئىقتىسادىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىڭىزدىن ئوشۇق بولالاىسا ئىقتىسادىڭىزنىڭ بىر .قىسمىنى ھەر قايسى ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ .
12بىر ئاز ۋاقىت ئاجىرتىپ ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئىلىپ مەنزىرلىك ساياھەت ئورۇنلىرىغا بىرىپ ئايلىنىپ مىڭىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇڭ .
13.ئىقتىسادچىل بولۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ،باشقىلارغا ھەرگىزمۇ قەرزدار بولۇپ قالماڭ .
14.ئاندا ساندا ھەر خىل سوۋغات بۇيۇملىرىنى سىتىۋىلىپ كىلىپ ئائىلىڭىزدىكىلەرنى خۇش قىلىپ تۇرۇڭ .
15.ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ياخشراق تۇرالغۇ سىتىۋىلىڭ
16.ياخشىراق بىر ماشىنا سىتىۋىلىڭ ،بەزى ئىشلاردا ھەرگىزمۇ بىخللىق قىلماڭ
17.ئىقتىسادىڭىز مۇستەققىل بولسۇن ،راۋاجىلنىپ گۈللەنسۇن .
18.بەزى ۋاقتلادا قىممەترەك بولسىمۇ پەرزەنىتلىرىڭىز ياخشى كۆرگەن بۇيۇملارنى سىتىۋىلىپ بىرىشنى ئۇنۇتماڭ .
19.ئىھتىياجىڭىز بولمىسا بەزى بۇيۇملار ھەر قانچە ئەرزان بولسىمۇ سىتىۋالماڭ ،بۇنى سىتىۋىلىش ئارتۇقچە ئىقتىساد قىلىشتۇر .
20.ئۆزىڭىز تەڭ دىمەتلىك كىشلەردىن تىخمۇ ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تىرىشىڭ .







14.سىز يۈزلىنىدىغان رەھىمسىز ئەمەلىيەت              

ھەر بىرەيلەن ئەركىن ئازادە ،بەختلىك تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىمىز.لىكىن بەزى ۋاقىتتا  بۇ ئەمەليەت بىز نىڭ ئويلىغانلىرىمىز بىلەن ئانچە ئوخشاش ئەمەس،
ئامىركا سوغۇرتا شىركىتىنىڭ توپلىغان ماتىرياللىرىغا ئاساسلانغاندا ،ئەگەر سىز 40 ياش بولسىڭىز ،ھەر يىلى 40 مىڭ ئامىركا دوللىرىغا ئىرىشەلەيسىز .،سىز 66 ياشتا پىنسىيىگە چىقسىڭىز سىزنىڭ پىنسىيە ئايلىق مۇئاشىڭىز 1183 ئامىركا دوللىرى ،ھەر يىلى تەخمىنەن 14000ئامىركا دوللىرى بولىدۇ ،پەقەت سىز پىنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇنقى مۇئاشىڭىزنىڭ 35پىرسەنتىگە توغرا كىلىدۇ .
سىزگە ئامەت تىلەيمەن .سىز كەلگۈسىدە ھەر يىلى 25000دوللار پىنسىيە مۇئاشغا ئىرىششىڭىز ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ نەچچە پۇل ساقلاش كىرەكلىكىنى بىلەمسىز ؟سىز ھازىر بانكىدا 450 مىڭ دوللار ساقلىسىڭىز ئاندىن سىز يىتەرلىك ئۆسۈمگە ئىرىشەلەيسىز .ئەگەر سىز بۈگۈندىن باشلاپ 8000 دوللار ساقليالىسىڭىز ،كىيىن ھەر ئايدا900 دوللار ساقلىسىڭىزلا بولىدۇ ،بەلكى باجنى ئايرىۋەتكەندىن كىيىنكى كىرىمىڭىز .
كىشلەرنىڭ بەك جىددىلەشكەنلىكىدىن بەك ھەيران قالمىساقمۇ بولغىدەك ،ئەمەليەتتە 24 پىرسەنىت ئامىركىلقنىڭ قارىشچە ئۇلار پىنسىيگە چىققاندىن كىيىنكى ئۆتكۈزگەن كۈنلىرى بىر قەدەر ئەركىن ئازادە ھوزۇرلۇق بولىدىكەن .لىكىن 14 پىرسەنىت ئامىركىلىقنىڭ مۆلچەرلىششچە ئۇلارنىڭ پىنسىيدىن كىيىنكى مۇئاشى ئۇلارنىڭ نورمال تۇمۇش كەچۈرىشىگە يەتمەيدىكەن .29 پىرسەنىت ئامىركىلىق ئۇلار پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىنكى مۇئاشىنى مۆلچەرلەشكە ئامالسىزكەن.71 پىرسەنىت كىشلەرنىڭ مۆلچەرلىششچە داۋالاش چىقىمىنىڭ ئىشىشى ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئىشىشىدىن تىز بولىدىكەن .60 پىرسەنىت كىشلەرنىڭ پىنسىيە مۇئاشى نورمال خەجلەشكە يەتمەيدىكەن،49 پىرسەنىت ئامىركىلىق ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىكىدىن بەكلا ئەنسىرەيدىكەن .ئەگەر 100 نەپەر پىنسىيە چىققان ئىشچى بار دەپ پەرەز قىلساق ،1992 يىلى شۇغورتا شىركىتىنىڭ ئىگەللىشىگە قارىغاندا بىر ئىشچىنىڭ تۇرمۇشى باياشات ئۆتىدىكەن .4 نەپەر ئىشچىنىڭ ئىقتىسادى مۇستەققىل ئىكەن ،15 نەپەر ئىشچى يەنىلا خىزمەت قىلىۋىتىپتۇ ،80 نەپەر ئىشچى بەكلا نامرات بولۇپ ھۆكۈمەت ۋە باشقىلارغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن .ئۇنىڭدىن باشقا 50 پىرسەنىت پىنسىيگە چىققان ئىشچىنىڭ ھەر يىللىق پىنسىيە مۇئاشى 10مىڭ ئامىركا دوللرىغا يەتمەيدىكەن .50 ياشتىكى ئامىركىلىق ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئاران 2300 ئامىركا دوللىرى ساقلىيالايدىكەن ،ئەمما بەزى ئادەتتىكى كىشلەر ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 15مىڭ ئامىركا دوللىرى باشقىلارغا قەرزدار ئىكەن ،بۇلار ئولتۇراق ئۆي ۋە ماشىنا سىتىۋىلىش ئۈچۈن ئالغان قەرزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ،بۇ قەرزلەر نۇرمال تۇرمۇش خىراجىتنىڭ يەتمەسلىكىنى كەتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .شۇڭلاشقا ،ئەمەليەت تولىمۇ رەھىمسىز ،بىز يولۇققان بۇ مەسىللەر كۈنسىرى تخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ بىرىۋاتىدۇ .








15.ئەگەر پۇلدىن غەم قىلمىسىڭىز ئۇنداقتا سىز ....         
مەن سىزنىڭ قانداق ھىس تۇيغۇدا بولىدىغىنىڭزىنى بىلمەيمەن .
مەن سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىكى ھالىتىڭىزنى قانداق باھالايدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن.
سىز ھازىرقى قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزدىن رازى بولامسىز ،ھازىرقى خىزمىتىڭىزنى قانداق باھالايسىز ؟
سىزنىڭ ھازىرقى كەچۈرۋاتقان تۇرمۇشىڭىز ئارزۇيىڭىزدىكى بىلەن ئوخشاشمۇ ؟
بەلكىم كۆپىلگەن كىشلەر ئۆزىگە بەرگەن باھا بەكلا تۆۋەن بولىشى ياكى ئۆزىڭىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدسىزلىنىپ،يىڭى بولغان نەرسىلەرگە قاتتىق ئىنتىلىشى مومكىن.سىز  يۇقىردىكى  سۇئاللارنى باشقىلاردىن سورىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇلار،مىنىڭچە قىلغانلىرىم ئاساسەن يامان ئەمەس دەپ جاۋاپ قايتۇرىشى مۇمكىن .
سىزنىڭ ھالىتىڭىزنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرامسىز ؟
كىم بىلەن سىلىشتۇرىسىز ؟سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن سىلىشتۇرامسىز؟ياكى خوشنىلىرىڭىز بىلەن سىلىشتۇرامسىز ؟ياكى بولمىسا ئۆزىڭىز تەڭ دىمەتلىك كىشلەر بىلەن سىلىشتۇرامىسز؟
بەلكم ئۆزىڭىزنى بۇ كىشلەرگە سىلىشتۇرغان ۋاقىتتا بۇ كىشلەرمۇ ئۆزىڭىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ئۈمۈدسىزلىنىۋاتقان بولىشى مۇمكىن .
سىز بىلەمسىز ؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىزدىن قاتتىق ئۈمۈدسىزلىنىپ باشقىلارغا ئوتتەك ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقان ۋاقتىڭىزدا باشقىلار بەلكىم سىز ئىرىشكەن بۇ تۇرمۇشقمۇ ئىرىشەلمەي سىزگە ئوتتەك ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقان بولىشى مۇمكىن .
ئەگەر سىز بىر كۈنى پۇل مەسىلىدىن غەم قىلمىسىڭىز ،ئۇنداقتا سىز قانداقراق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايسىز ؟
سىز قانداقراق ئولتۇراق ئۆيلەردە ئولتۇرۇشنى ئويلايسىز ؟
قايسى شەھەردە؟
قايسى ماركىدىكى ماشىنلارنى ھەيدەشنى ئويلايسىز ؟
ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا قانچە پۇل ئىئانە قىلىشنى ئويلايسىز ؟
قايسى كەسىپكە مەبلەغ سىلىپ قوللاشنى ئويلايسىز ؟
قەيەرگە بىرىپ دەم ئىلىشنى ئويلايسىز ؟
سىزگە زادى قايسى دەرىجىدىكى تۇرمۇش كىرەك ؟
ئەگەر سىز ئەنە شۇ ئۆز كەسىدە مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارغا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىسىڭىز سىز ھازىر نىمە ئىشلارنى قىلىشىڭىز كىرەك ؟
ئەگەر سىزدە يىتەرلىك پۇل ۋە ۋاقىت بولسا باشقىىلارغا ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش كەچۈرەلەيسىز ،ئەگەر سىز بىر مىراسىور بولسىڭىز ،ئوخشاش بىر ۋاقىتتا پۇل ۋە ۋاقىتتن ياخشى پايدىلنالايسىز .
بۇ يەردە بىر ئاددى قائىدە بار ،بەلكىم كۆپلىگن كىشلەر بۇ قائىدىنى چۈشۈنۈپ يىتەلمەسلىكى مۇمكىن ،بۇ قائىدە بولسا مۇنداق :ئەگەر سىز باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىسىڭز  ،ئۇنداقتا سىز چوقۇم باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭىز كىرەك ،باشقىلار بىر ھەسسە تىرىشىپ ئىزدەنسە ،ئۇنداقتا سىز باشقىلاردىن 10 ھەسسە يۇقىرى بولغان تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز لازىم ،شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ ئەنئەنۋى تەپەككۇر قىلىش يولىڭىزدىن بۆسۈپ چىقىشىڭىز لازىم .بىز ھەممىمىز ئەڭ ئالدى بىلەن مۇنداق بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالىشىمىز لازىم .بەزىلەر ناھايتىمۇ بالدۇر خىزمەتكە بىرىپ بەكلا كەچ قايتىدۇ ،ھەر دائىم ئەنە شۇ ئىلكتىرۇنلۇق قوبۇللۇغۇچنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھەر خىل كىنو تىياتىر ۋە ئويۇنلار ئۆزىنى يوقتىپ قويىدۇ ،بەك ئۇزاق ئولتۇرسا بەلكىم باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى ئىچىگە كىرىپ كىتىشى مۇمكىن ،تىلفۇننىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى جىرىڭلىغان ياكى باشقىلار ئۇنى بىرەر ئىش بىلەن چاقىرغان ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىنىڭ ياشاۋاتقان بۇ ئەمەليەتتىكى تۇرمۇشىغا قايتىپ كىلىشى مۇمكىن .يىقىندا بىز ئىقتىساد مەسىلىسى توغرۇرلۇق نۇرغۇنلىغان پايدىسىز ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلدۇق .
سىز بىر پارچە گىزىت ،ژورنالنى قولىڭىزغا ئىلىپ قارايدىغان ياكى تىلىۋىزۇرنى ئىچىپ دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز ،بۇ ئۇچۇرلارنىڭ قىسقارتىلما بايانلىرىدىن خەۋەردار بولالايسىز .بۇ يامان ئۇچۇرلار ئاساسلىقى ،ئىقتىساد كىرىزىسى ،پۇل پاخاللىشىشقا دائىر ياكى بولمىسا پاي چىك بازارلىرىدىكى يامان ئۇچۇرلاردۇر .
بۇ يەردە يەنە مۇنداق بىر يامان ئۇچۇر بار ،نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر ئۆزىنىڭ پىنسىيە پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ .
داۋالاش راسخۇتى كۈنسىرى ئۆرلىمەكتە ،ئەمما كىشلەرنىڭ مۇئاشى ئۆزگەرمەي ئۆز پىتىچە تۇرماقتا ،يامان يىرى شۇكى بەزى ئىشچىلارنىڭ مۇئاشى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تىخمۇ تۆۋەن بولماقتا .شىركەتلەر يۈزلىنىدىغان خىيىم خەتەرنى پۈتۈنلەي ئىشچىلارغا ئارتىپ قويماقتا .نۇرغۇنلىغان ئىشچىلار ئۆزىنىڭ پىنسىيە پىلانىنى ئورۇنلاشقا يىتەرلىك كىرىم توپلىيالمايۋاتىدۇ .
سىز چوقۇم بىلىشىڭىز كىرەك ،بالدۇرراق بانكىدا پۇل ساقلاشنى ئادەت قىلىش ،شۇنداقلا مەبلەغ سىلىپ ئىقتىسادىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سىزنىڭ پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق ئاچقۇچى

16.ئەگەر تەپەككۇر يولىڭىز خاتا بولسا ناھايتى پاراسەتلىك بولسىىڭزمۇ پايدىسى يوق

بىر ئەما قاراڭغۇ كىچىدە پارقىراپ نۇر چىچىپ تۇرغان بىر پانۇسنى كۆتۈرۈپ يول يۈرۈپتۇ .ئۇياق بۇياققا مىڭىۋاتقان كىشلەر بۇ ئامانىڭ نۇ كۈچلۈك نۇر چاقناپ تۇرغان پانۇسنىڭ ياردىمىدىمۇ يەنىلا بەك تىمسىقلاپ ئالدىغا ئىلگىرلەۋاتقانلىقنى بايقاپتۇ .بەزىلەر بۇ ئەمانىڭ بۇ قىلىقى كۈلكىلىك بىلىنسە يەنە بەزىلەر بۇ ئەمانىڭ بۇ قىلىقدىن بەكلا ھەيران بولۇپتۇ .
بىر يولۇچى بۇ ئەمانىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرۈپ تاقەت قىلىپ تۇرالماي ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ :ئاكا ،سىىزنىڭ كۆزۈڭىز كۆرمەيدىكەن ھە ،سىزنىڭ كۆزۈڭىز كۆرمەي تۇرۇپ يەنە نىمىشقا بۇ پانۇسىنى كۆتۈرۋالدىڭىز؟ ،بۇ پانۇسنى كۆتۈرۋالغنىڭىزنىڭ  بىلەن سىزگە  پايدىسى بارمۇ ؟
ئەما بۇ يولۇچىنىڭ سورىغانلىرىغا ئەستايىدىل جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ :پايدسى بار ،ئەلۋەتتە پايدىسى بار ،نىمىشقا پايدىسى بولمىغىدەك ؟
       بۇ يولۇچى يەنە بۇ ئەمانىڭ يۈرىگە تىگىدىغان گەپتىن يەنە بىرنى قىپتۇ :سىزنىڭچە نىمىگە پايدىسى ،سىىز بەرىبىر كۆرەلمىسىڭىز .
كۈتۈلمگەن يەردىن ،بۇ ئەما مۇنداق بىر جاۋاپنى بىرىپتۇ :توغرا ،چۈنكى مەن سىلەرنى كۆرەلمەيمەن ،مىنىڭ بۇ پانۇسنى كۆتۈرۋالغىنىم سىلەردەك كۆزى كۆرەلەيدىغان كىشلەرگە ئەسكەرتىش بىرىش ،بۇ قارڭغۇدا سىلەرنىڭ مەن بۇ ئەمانى كۆرمەي سوقۇۋىتىپ ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلىنىش . ئەتراپقا جۇغلىشىۋالغان كىشلەر ئەمانىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ باشلىرنى لىڭىشتىپ ئەمانىڭ پاراسىتىگە قايىل بولغانلىقنى بىلدۈرۈپتۇ .ئەلۋەتتە بۇ ئەمانىڭ پانۇس كۆتۈرۋىلىشى بولسا بىر خىل ياخشى بولغان تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى .
سۇن ۋۇ كۇڭ ئۇستاز تۇتۇپ ماھارەت ئۈگەنگەن ۋاقتىدا ،ئۇستازى سەن 36خىل چوڭ ماھارەت ئۈگۈنەمسەن ياكى 72 خىل كىچىك ماھارەت ئۈگۈنەمسەن ،ئىككىستىن بىرنى تاللا دەپ تاللاشقا بۇيرۇپتۇ.سۇن ۋۇ كۇڭ كۆزلىرىنى چىمچقلىتىپ تۇرۇپ بەكمۇ ئۇزاق ئويلىنىپتۇ ،بۇ مايمۇن بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆردى بولغاي ،ئۇ ئاخىرى 72 خىل كىچىك ئۆزگىرىش ماھارىتى ئۈگۈنۈشنى تاللاپتۇ .شۇنىڭدىن باشلاپ ،بۇ مايمۇن ئۆزىدىن كۈچلۈك رەقىپكە يولۇقۇپلا قالسا دەرھال ،مۈشۈك ،بىلىق ،قۇرر دىگەنگە ئۆزگىرۋىلىپ جىنىنى ئاران ساقلاپ قاپتۇ ،باشقىلار بىلەن ئىلىشسا ھەر دائىم پاسسىپ ھالەتتە يۈرۈپتۇ ،ناۋادا ئەينى ۋاقىتتا 36 خىل چوڭ ماھارەت ئۆگەنگەن بولسا ئۇنىڭ ھازىرقى كۈنلىرى تخمۇ پارلاق بولغان بولاتتى .«غەرپكە ساياھەت» بۇ ھىكايىنى قايتا يىزىشقا توغرا كىلەمدۇ قانداق ؟  
بەزىدە بىر قىتىملىق خاتا تاللاش بىزنىڭ نۇرغۇن تەرەققى قىلىش يولىمىزنى توسۇپ قۇيىدۇ.ئويلىغان يولىمىز بىزنىڭ چىقىش يولىمىزنى بەلگىلەيدۇ .ئويلىغان يولىمىز توغرا بولسا بىزنىڭ ئەتىكى ھاياتىمىز تخمۇ پارلاق بولىدۇ .  
ئامىركىدىكى داڭلىق گىئولوگىك خۇا لەي شى «قزىلما بايلىقنى ئىزدەش پەلسەپىسى»دىگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان:قىزىلما بايلىق ئىزدەيدىغان يەر دەل بىزنىڭ چوڭ مىڭىمىزدىدۇر  .ئۇ يەنە مۇنداق بىر داڭلىق كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان .ئادەمنىڭ مىڭىسىدە ناھايتىمۇ كۆپ بولغان بايلىق ساقلانغان بولىدۇ ،تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بۇ بايلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىق بايلىقتۇر .
بىيجىڭنىڭ 2004 -يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى چىقارغان گىزىتىدە ،جوڭگودىكى داڭلىق شىركەت
TCL
مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسى2-قانىلى «ئۆزىگە جەڭ ئىلان قىلىش» پىروەىراممىسىدا تەسەۋۋۇر ئىنژىنىرى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئوقتۇرۇپتۇ .بۇ دۆلىتىمىزدىكى كىشلەر ئىلگىرى ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر خىل يىڭى خىلدىكى كەسىپ .بۇ خىل كەسىپ  
TCL
ئىشلەپ چىقارغان  يەنى (تىلىۋىزۇر ،رەسىمگە تارتىش ئاپپاراتى ،تىلفۇن ،كومپىيوتىر ،ھاۋا تەڭشىگۈچ )  قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئۈچۈن تىخمۇ مول بولغان تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرغا قويۇپ چىقىش ،تەسەۋۋۇر ئىنژىنىرى دەل ئىجادى تەپەككۇر ئىنژىنىرىدۇر .
ئىجادى تەپەككۇر بولسا ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ھەركىتىدكى ئەڭ مۇھىم تەپەككۇردۇر .
تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بىر پارچە خىزمەت ئىزدەش مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى .
ئەنگىليە بولسا يۇقىرى پاراۋانلىق ،يۇقىرى مۇئاش تۈزۈمىدىكى بىر دۆلەت ،خىزمەت تاپسىلا ،ئادەتتە كۆڭۈلدىكىدەك مۇئاشقا ئىرىشەلەيدۇ .لىكىن بۇ ئەنگىليەدە خىزمەت تاپماق بەكمۇ تەس .بىر 22 ياشلىق ئەنگىليەلىك ياش، گەرچە ئەنگىليەدىكى داڭلىق بىر مەكتەپنىڭ ئاخپارات كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولىسمۇ ،،بۇ كۈچلۈك رىقابەت ئاستىدا خىزمەت ئىزدەپ تۆت ئەتراپقا قاتراپ يۈرۈپتۇ .
بۇ ياش خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن پۈتۈن ئەنگىليەنى بىر قىتىم ئايلىنىپ چىقىپتۇ .
بىر كۈنى بۇ ياش يىگىت دۇنيادىكى داڭلىق گىزىتخانىنىڭ تەھرىر بۆلۈمىگە كىرىپتۇ .
ئۇ تولۇق غەيرەتكە كىلىپ ،ناھايتىمۇ بەك ھۆرمەت بىلدۈرگەن ھالدا ئادەم قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىمدىن سوراپتۇ :سىزدىن سوراپ باقسام ،سىلەرنىڭ بۇ يەرگە تەھرىر كىرەكمۇ ئ
بۇ مەسئۇل خادىم بۇ ياش يىگىتنىڭ ئۈستى بىشىغا بىر باشتىن قاراپ چىقىپ دەپتۇ :تەھىرىر كىرەك ئەمەس .
بۇ ياش يىگىت ئۇلاپ سوراپتۇ :ئۇنداقتا سىلەرگە مۇخبىر كىرەكمۇ ؟
قارشى تەرەپ يەنە جاۋاپ بىرىپتۇ :كىرەك ئەمەس
بۇ ياش يىگىت ھەرگىزمۇ بوشىشىپ كەتمەپتۇ :بەت ياساش ئىشچىسى ياكى كوررىكتور كىرەكمۇ ؟
قارشى تەرەپ ئاللىقاچان سەۋىر تاقەت قىلىپ تۇرالماي دەپتۇ:بىزگە ھەممىسى كىرەك ئەمەس ،بىزنىڭ خادىملىرىمىز ھەممىسى تولۇق .
بۇ ياش مىيىققىدە كۈلۈپ قويۇپ سومكىسىدىن بىر نەپىس ئىشلەنگەن  ئەسكەرتىش تاختىيىنى چىقىرىپ  قارشى تەرەپكە سۇنۇپ دەپتۇ :ئۇنداقتا سىلەر بۇ ئەسكەرتىش تاختىيغا بەكمۇ ئىھتىياجلىق ئىكەنسىلەر .
قارشى تەرەپ كىلىپ تاختاينى قولىغا ئىلىپ قاراپتۇ :تاختايغا مۇنداق يىزىلغان ئىكەن .،سان توشتى ،ئەمدى خادىم قوبۇل قىلمايمىز .
كۈتۈلمىگەن يەردىن بۇ ياشى يىگىتنىڭ بۇ ھەركەتلىرى بۇ مەسئۇل خادىمنى بەكلا ئويلاندۇرۇپتۇ ،بۇ مەسئۇل خادىم بۇ ياش يىگىتنىڭ پاراسەتلىكىگە بەكمۇ قايىل بولۇپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ھىچقانداق بۇ ياش يگىتكە باھالاش ئىلىپ بارمايلا خىز مەتكە قوبۇل قىلىپتۇ .بەخىتكە يارىشا ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بۆلۈمگە كىرىپتۇ .ئەمەليەت ئىسپاتلاپتۇكى ،گىزىتخانا بۇ ياش ★يىگىتنى خاتا تاللىماپتۇ .20 يىلدىن كىيى بۇ يىگىت بۇ گىزىتخانىنىڭ باش تەھرىرىگە ئايلىنىپتۇ .
پۇرسەت ئەنە شۇ تەييارلىقى بار ،پاراسەتلىك كىشلەرگە مەنسۇپتۇر .
بۇ ياش يىگىت ئورۇن ئالماشتۇرپ ئويلاش ئۇسۇلىدىن ياخشى پايدىلنىپ باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلالايدىغان  ياخشى پۇرسەتكە ئىرىشتى .
ئويلىغىنىڭىز خاتا بولسا ،ھەر قانچە پاراسەتلىك بولسىڭىزمۇ يەنىلا پايدىسى يوق .ياخشى تەپەككۇر قىلىش سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى تخمۇ پارلاق نۇرغا تولدۇرىدۇ .ھەر بىر خىل ياخشى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بولسا ھاياتلىق يولىمىزدىكى بىر نۇرلۇق چىراغ،ئۇ بىزنى توغرا بولغان مۇۋاپىقىيەت يۆنىلىشىگە باشلاپ بارىدۇ .
بىز ئاللىقاچان كونا تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىغا كۆنۈپ كەتكەن.تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىمىز ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالدى ،نۇرغۇن ئىشلارنى ئەقىلگە سىغدۇرالمايمىز،بەزىدە ئىچى تارلىق قىلىپ قويىمىز .
ئەمەليەتتە ،بۇ ۋاقىتتا سىز ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىزلا ھەممە ئىشلار ياخشى ھالەتكە قاراپ يۈزلىنىدۇ .







17.ئويلاش ئۇسۇلى  تىرىششتىن تىخمۇ مۇھىم            
80 -يىللىرىنىڭ بىشىدا ،يايما ئىچىپ تىجارەت قىلغان كىشلەر خىلى بىيىغان ،ئەمما نۇرغۇن كىشلەر بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمىغان ،ياخشى پۇرسەتنى مانا مۇشۇنداقلا قولدىن كەتكۈزۋەتكەن .
90 -يىللىرىنىڭ بىشىدا ،بەزى كىشلەر پاي چىكى سىتىۋىلىپ خىلىلا بىيىغان ،ئەمما يەنىلا نۇرغۇن كىشلەر بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ،ياخشى پۇرسەتنى يەنىلا مۇشۇنداقلا قولدىن كەتتۈرۈپ قويغان .
جەمىئەتنىڭ تەرەقىقياتىغا ئەگىشىپ ،بەزىبىر مۇقىم قانۇنيەتلەر ،كىشلەرنىڭ ئويلىغىندەك ئۆزگەرمىدى ،مەيلى سىز قوللاڭ ياكى قارشى تۇرۇڭ ،بۇ قانۇنيەتلەر يەنىلا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا .
80 -يىللىرىدا كىشلەر دىڭىزغا چۈشۈپ بىيىدى ،90 -يىللىرىدا كىشلەر پاي چىكى سىتىۋىلىپ بىيىدى ،ئەمدى سىز ھازىر قايسى ئۇسۇلدا بىيىشنى ئويلايسىز ؟
بىر قەدىمىيى يۇمۇر بار ،ھازىرقى دەۋىردە بۇنى بىز بىر مەسەل دىسەكمۇ بولىدۇ .
چاكى ئىسىملىك بىر  ئادەم بىلىق تۇتۇشنى ناھايتىمۇ بەك ياخشى كۆرىدىكەن ،ھەتتا بىلىق تۇتۇشنى دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر ئىشقا تەڭ قىلمايدىكەن .ھەر يىلى قىش كەلگەندە ،كۆل يۈزىنى بىر نەچچە ئاي قىلىن مۇز قاپلىغان  بولغاچقا ،ئۇ ئىنتايىن بەك ئۈمۈدسىزلىنىدىكەن .
بىر كۈنى ئۇنىڭ دوستى قىش ۋاقتىدىمۇ بىلىق تۇتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىيتىپ بىرىپتۇ .
چاكى بۇنى ئاڭلاپ ناھايتىمۇ بەك خۇشال بولۇپ كىتىپتۇ .ئەتىسى تاڭ يورىشى بىلەن تەڭ چاكى بىلىق تۇتۇشقا كىرەكلىك سايمانلىرىنى ئىلىپ بىلىق تۇتقىلى يۈرۈپ كىتىپتۇ .ئۇ بىر ئاز يول يۈرگەندىن كىيىن چوڭ بىر كۆلنىڭ يىنىغا كەپتۇ .ئۇ پالتىسىنى چىقىرىپ مۇزنى چوقۇپ كامار تىشىپتۇ ،ۋە كاماردىن قارماقنى تاشلاپ بىلىق چۈشۈشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ .ئىككى سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كىتىپتۇ ،ئەمما بىرمۇ بىلىق چۈشمەپتۇ .تۇيۇقسىز كەينىدىن كەلگەن بىر تۆۋەن ئاۋاز ئەتراپتىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپتۇ
بۇ يەردە بىلىق يوق !
چاكى بۇ ئاۋاز بىلەن كارى بولماپتۇ .داۋاملىق بىلىق چۈشۈشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ .،تەخمىنەن بىر سائەتتىن كىيىن بۇ ئاۋاز يەنە تەكرارلىنىپتۇ .
بۇ يەردە بىلىق يوق
چاكى بىر نەچچە ئاي بىلىق تۇتمىغان بولغاچقا بۇ قىتىم ئاسانلىقچە بەل قويۋەتكىسى كەلمەپتۇ . يەنە قارماقنى تاشلاپ سەۋىرچانلىق بىلەن بىلىق چۈشۈشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ . يەنە نەچچە سائەت ئۆتۈپ كىتىپتۇ .بىلىق چۈشمەپتۇ ،ھىلىقى ئاۋاز يەنە  تەكرارلىنىپتۇ .چاكى بۇ قىتىم  بۇ ئاۋاز بىلەن كارى بولماي تۇرالماپتۇ .بۇ قىتىم بۇ ئاۋازنىڭ قەيەردىن كىلىۋاتقىنىغا دىققەت قىلىپتۇ ،تۇيۇقسىز كەينىگە قارىسا بىرەيلەن تۇرغۇدەك .چاكى تولىمۇ ھەيران بولۇپ بۇ ئادەمدىن سوراپتۇ ،سىز كىم ؟
ھىلىقى ئادەم مەن بۇ يەرنىڭ باشقۇرغۇچىسى ،مەن سىزگە نەچچە قىتىم سىزگە بۇ يەردە بىلىق يوق دەپ ئەسكەرتكەن ئىدىم ،لىكىن سىزنىڭ بۇ ئەسكەرتىشىم بىلەن كارىڭىز بولمىدى ،بۇ يەردە نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ دەپتۇ ۋە ئارقىدىنلا بۇ يەردىن ئايرىلىپتۇ .چاكى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقالماي داڭ قىتىپ تۇرۇپ قاپتۇ .
بۇ چاكىنىڭ مۇز ئۈستىدە بىلىق تۇتۇش دىگەن ھىكايىسى ،بۇ ھىكايدىكى چاكىنى ھازىرقى جەمىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ سىمۋولى دىيىشكە بولىدۇ ،چۈنكى جەمىتىمىزدە نۇرغۇن كىشلەر نىشاننى خاتا تاللاپ ئۆزىنىڭ ئىرىشمەكچى بولغان نەرسىسىنى ئىزدەيدۇ ، نۇرغۇن كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلغان بولسىمۇ،ئەمما ئاخردا ھىچنىمىگە ئىرىشەلمەيدۇ .چۈنكى بىز يەنىلا دەيمىز ،تاللاش تىرىشىشتىن تىخمۇ مۇھىم .


18.تەپەككۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كىشلىك ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ .

سىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىڭىز ئەڭ ئاۋۋال ھىس تۇيغۇلىرىڭىزدىن باشلىنىدۇ ،سىزنىڭ ھىس تۇيغۇلىرىڭىز سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز ئارقىلىق بەلگىلنىدۇ .ئوخشاش بولمىغان تەپەككۇر ،ئوخشىمغان كۆز قاراش ۋە پوزىتسىيەنى ھاسل قىلىدۇ ،ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراش ۋە پوزىتسىيە ئوخشاش بولمغان ھەركەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،ئوخشاش بولمىغان ھەركەت ،ئوخشاش بولمىغان نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئەگەر سىز ياخشى نەتىجە قازىنىمەن دەيدىكەنسىز ،چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال توغرا بولمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ ،بۇ سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت يولىغا مىڭىشىڭىزدىكى بىرىنجى قەدەم .
مىنىڭ بىر دوكتۇر دوستۇم ئۇ ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ كوچا ئايلىنىپتۇ .دوكتۇرنىڭ گىپى بويىچە ئيىتقاندا ئايالى تاكسغا ئولتۇرۇپ مىڭىشقا كۆزى قىيماپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ كوچا ئاپتۇبۇسغا ئولتۇرۇپتۇ .دوكتۇرنىڭ بويى ئىگىز بولغاچقا ماشىندا بىشىنى تىك تۇتۇپ تۇرالماپتۇ ،پۈتۈن يولدا بىشىنى ساڭگىلتىپ مىڭىپتۇ .لىكىن يەنىلا پىكىر يۈرگۈزۈشنى توختىتىپ قويماپتۇ .ئۇ دوستۇم ماڭا مۇنداق دىدى :مەن شۇ ۋاقتتا مۇنداق ئو يلاپ قالدىم ،ھەممەيلەن مۇۋاپىقيەت قازانماق تەس دەيدىكەن،ئەمما مەن شۇ ۋاقتتا ئويلىغىنىم مۇۋاپىقىەت قازانماسلىق ھەقىقەتەن تەسكەن .ئەمەليەتتە ،پەقەت بىز ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق ،ھەيران قىلارلىق ئىچىدە مۇنداق بىر ئىشنى بايقايمىز ،قىيىنچىلىق ئۈستىدە ياشاۋاتقان كىشلەر ھەقىقەتەنمۇ سەۋىر تاقەتلىك كىلىدىكەن،چىدامچانلقتىن ئىبارەت ئىسىل پەزىلەتكە ئىگە ئىكەن .ئۇلار مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغان ئەمەليەتكە چىداپ تۇتۇپ يۈزلىنىدىكەن.
كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ قارىشچە مۇۋاپىقىيەت ناھايتىمۇ تەس ،مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ ،مۇۋاپىقىيەت قازىنىش تولىمۇ ئازاپلىق ئىش ،شۇڭلاشقا بەزى كىشلەر مۇۋاپىقىيەتكە يۈكسەك ئىنتىلمەيدۇ .ئۇنداقتا مۇۋاپىقىيەتكە ئىنتىلمەسلىك بىر قەدەر ھوزۇرلۇق ،ئەركىن ئازادىلىكمۇ ؟
ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس ،ئەمەليەتتە مۇۋاپىقىيەتكە ئىنتىلمەسلىك تىخمۇ ئازاپلىق .
بەزى كىشلەر مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن،پۈتۈن ئۆمرىنىڭ بەخىت سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ ۋاقىتلىق جاپا مۇشەققەتكە چىداپ تۇرالمايدۇ ،شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز تىرىشمايدۇ ،ئەكسچە سەۋىر تاقىتى بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ ئازابىغا يۈزلىنىدۇ .ئىنتايىن نامراتچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشلەرنىڭ يۈزلىنىدىغان مەسلىسى ،تاماق يىيىش ،سوغۇقتىن ساقلىنىش ،ياشاش دىگەندەك چوڭ مەسىللەر  ،بۇ كىشلەرنىڭ ھايات-ماماتىغا تاقىلىدىغان چوڭ ئىشتۇر .ئۇلار ئۇچۇرغان تۇرمۇش بىسىمى كىچىكما ؟
ئەلۋەتتە كىچىك ئەمەس ،بۇ كىشلەر تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىگە ئىرىشىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىدۇ ،تىرىشىدۇ .ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ناھايتىمۇ زور،قانداقمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلى خۇشال بولسۇن.
مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى قوغلاشقان كىشلەر ،تىخمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشش ئۈچۈن ،تىخمۇ ياخشى ئورۇنغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن،تخمۇ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشش ئۈچۈن ،ھەر دائىم تىرىشىپ ئىزدىنىدۇ ،ھەر خىل جاپا مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدۇ .
سىز ھازىر يەنىلا مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئادەمنى بەكلا چارچىتىپ قويۇدىكەن دەپ ئويلامسىز ؟سىز ئىجادكارلىق روھىنى ،مۇۋاپىقىيەتكە ئىنتىلىشنى تاللىدىڭىزمۇ ؟ياكى ھازىرقى ئۆزىڭىزنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىڭىزدىن رازى بولۇپ ئەسلىدىكى ھالىتىڭىزنى ساقلاپ قىلىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟  مەيلى سىز قايسى خىلدىكى تۇرمۇشنى تاللاش ،ھەممىسى سىزنىڭ ھوقوقىڭىز .
سىز مۇۋاپىقىيەت قازىنىش توغرىسدا ئويلانغىڭىز كەلمىسە ئويلانمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،ئەمما سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بۇ سەۋەپلىك ئەركن ئازادە ئۆتمەيدۇ ،ئەگەر سىز مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى تاللىسىڭىز ،مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئىزدەنسىڭىز ،سىزنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىڭىىز تىخمۇ گۈزەل بولىدۇ .







19.پۈتۈن دىققەت ئىتىبارىڭىزنى خاتا نىشانغا توغرىللاش بەكمۇ  خەتەرلىك .

بىز پۈتۈن دىققەت ئىتىبارىمىزنى خاتا نىشانغا توغۇرلىساق ،بىز ئاسانلا خاتالىشىپ قالىمىز ،بۇۇنداق خاتالىشىش بىز نىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ناھايتى ئاسانلا يۈز بىرىدۇ .
تۆۋەندە بىز سىناق ئىلىپ بارىمىز ،سىز پۈتۈن دىققەت ئىتىبارىڭىزنى توغرا نىشانغا توغۇرلامسىز ياكى خاتا نىشانغا توغۇرلامسىز ،قىنى سىزمۇ قاراپ بىقىڭ .
تۆۋەندە 9 نوقتا بار،سىز تەكرارلانمىغان 4 تال تۈز سىزىق ئارقىلىق ئۇلاپ چىقالامسىز ؟



قانداقراق ،بىر ئاز قىيىنلىق دەرىجىسى بارمىكەن .سىز ھازىرغىچە مۇنداق سىناق سۇئالىغا ئۇچراپ باقمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن .قانداق ئۇلاشنى ئويلاپ تاپالىدىڭىزمۇ ؟
ئويلاپ تاپالماسلىقىڭىزمۇ ئىنتايىن نورمال ،كۆپلىگەن بۇ كىشلەر بۇ سىناق سۇئالىغا ئۇچۇرغاندا ھەممىسى ئامال تاپالمايدۇ .
نۇرغۇن كىشلەر كۆپ قىتىم سىناپ باققان بولسىمۇ ئاخىردا مۇۋاپىقىيەت  قازىنالماي ،داۋاملىق سىناپ بىقىشتىن ۋاز كەچتى .ئۇلارنىڭ ۋاز كىچىشىدىكى سەۋەبى شۇكى ،بۇ مۇمكىن بولمايدىكەن ،بۇ 9 نۇقتىنى تەكرارلانمىغان 4 تۈز سىزىق ئارقلىق ئۇلاپ چىققىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ .
مەن دەيمەنكى ،بۇ كىشلەرنىڭ مۇشۇنداق ئويلىشى ئىنتايىن نورمال ئەھۋال ،بۇ سىناق سۇئالى كىشلەرنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان مۇقىم ئويلاش ئۇسۇلىدىن بۆسۈپ چىقالايدىغان قابىليىتىنى سىنايدۇ.كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ،بەزى كىشلەر بىرەر ئىىش قىلىنى ئويلايدۇ ،ئەمما بۇ ئىشنى ئاخىرغا چىقىرالىشىغا كۆزى يەتمەي ۋاز كىچىدۇ .بەزىلەر ئازراق سىناپ بىقىپ ،كىچىككىنە قىينچىلىقا يولۇقسا دەرھال ۋاز كىچىدۇ .بەزى كىشلەرنىڭ قارىشچە ،بەزى نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىكەن ،ئۇلار بۇرۇنقى تەجىربە ساۋاقلارغا ئاساسەن بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى دەپ قارايدىكەن ،ھەتتا ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىكەن .سىز بەزى ئىشلارنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىسىڭىز ، ،ياكى ئويلىمىسىڭىز ،ئەنە شۇ كونا تەجىربە ساۋاقلاردىن بۆسۈپ چىقالمىسىڭىز ،بەزى ئىشلار ئەلۋەتتە مۇمكىن بولمايدۇ .
ئەمدى بىز بۇ ئويۇنغا قايتىپ كىلەيلى ،بۇ راستىنلا مۇمكىن بولماسمۇ ؟بۇ 9 نوقتىنى تەكرارلانمىغان  4 تال تۈز سىزىق ئارقىلىق ئۇلاپ چىققىلى بولماسمۇ ؟
بىز ئەزەلدىن بار بولغان ئويلاش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىپ يەنە بىر قىتىم ئويلاپ باقىلى .بىز نەزەر دائىرىمىزنى  كىڭەيتىپ ئىلگىرى ئويلىمىغان بوشلۇققا يۆتكەپ باقىلى ،شۇنداق قىلساق قانداق ئەھۋال يۈز بىرەر ؟
سىز مۇشۇنداق ئويلىسىڭز خۇشاللىق بولغان ھالدا بۇنىڭ جاۋابىغا ئىرىشەلەيسىز ،جاۋابى دەل تۆۋەندىكىدەك .


ئەگەر سىز ئەزەلدىن بار بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتمىسىڭىز ،سىز پۈتۈن دىققەت ئىتىبارىڭىزنى ئەنە شۇ خاتا نىشانغا توغۇرلىغان بولسىز .غەيرى ئەنئەنۋىدىكى كىشلەر ئۆزىنىڭ دىققەت قىلىدىغان مەركىزى نوقتىنى ئاسان ئۆزگەرتەلەيدۇ .ئۇلار تىخمۇ يىڭى بولغان ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەيدۇ .ئەنئەنۋى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىپ تاشلايدۇ .قىسقارتىپ دىگەندە ،ئۇلار ئۇلار ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ .بىز پەقەتلا ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلاش ئۇسۇلىنى قوللانساق تىخمۇ مول بولغان بىلىملەرگە ئىگە بولالايمىز ،شۇنداقلا ياخشى بولغان ھەل قىلىش ئۇسۇللىرنى تىپىپ چىقالايمىز .بىز تەپەككۇرىمىز نى توغرا نىشانغا توغۇرلىساق ،ئەزەلدىن بار بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتسەك ،نەزەر دائىرىمىزنى كىڭەيتسەك ،مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ يىڭى يوللىرنى تاپالايمىز .



20. قورشاۋ تىمى يوق سودا ئىنىستىتوتى               

بىز ياشاۋاتقان بۇ21- ئەسىر ئۆمۈر بويى ئۆگۈنۈشنى تەشەبۇس قىلىدىغان ئەسىر .بىۋاستە سىتىش كەسپى تەربىلەش ۋە ئۈگۈنۈشنى ئۈزلۈكسىز دداۋاملاشتۇرۋاتىدۇ .بارلىق ئىشچىلارغا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەڭ يىڭى بولغان تىخنىك بىلىملەرنى ئۈگۈتىۋاتىدۇ .مەيلى مەھسۇلاتقا دائىر ،ياكى تۈزۈم ،تىجارەت شەكى ،يەنە كىشلىك ئالاقە ،ئوزوقلىنىش ،ھۆسۈن تۈزەش قاتارلىق بىلىملەرنى ئىشچىلارغا توختىماي سىڭدۈرۋاتىدۇ . كىتاپ ۋە ئاۋازلىق ماتىرياللارنىڭ تارقىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ ،ھەر خىل تەربىلەش سىنىپلىرىنى ئىچىۋاتىدۇ ،تىخنىكا بىلىملىرى ئاجىز كىشلەر ئۈچۈن ياخشى بولغان ئۆگۈنۈش شارائىتلىرنى يارىتىپ بىرىۋاتىدۇ ،ئىشچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسنى موللاشتۇرۇش بىلەن تەڭ ،ئۇلارنىڭ تەبىئى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىۋاتىدۇ .كۆپلىگەن بىۋاستە سىتىش كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسنىڭ دىگۈدەك سىستىمىلىق تەربىلەش پىلانلىرى بار ،بۇ خىلدىكى مەڭگۈ ئۈگۈنۈش شەكلى ھازىرقى دەۋىرنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىگە ئالاھىدە ماس كىلىدۇ.
بىلىم تەغدىرنى ئۆزگەرتىدۇ ،ئۈگۈنۈش بىزنىڭ ھاياتىمىزنى تىخمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ .ئۆمۈرۋايەت ئۆگۈنۈشنى يۈكسەك تەكىتلەۋەتقان بۇ دەۋىردە ،بىۋاستە سىتىش كەسىپلىرى ھازىرقى دەۋىرنىڭ نەمۇنە ۋەكىلىگە ئايلىنىپ قالدى .بىۋاستە سىتىش كەسىپىدىكى تەربىلىگۈچىلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق ھىكمەتلىك سۆزى شۇكى :بىلىملىك بىر دىبىر ياخشلىق ،بىلىمسىزلىك بىردىنبىر رەزىللىك .ئۆگۈنۈشنىڭ ئۆرلەپ ئەخلاقنىڭ سىستىمىسىغا كىرگۈزۈلىشى بىۋاستە سىتىش كەسپىنىڭ ھازىرقى دەۋىردىكى ئالاھىدە بىر سىھرى كۈچى .بىۋاستە سىتىش كەسپى بىزنى پۈتۈنلەي يىڭى بولغان تەربىلەش پىلانى بىلەن تەمىنلىدى .
بىزنىڭ بۇ سودا ئنىستىىتوغا ئۆتۈپ ،بىرىلىپ ئۈگۈنۈپ
MBA
ئۇنۋانىنى ئىلىشمىزدىكى مەقسەت ،ئىشچى بولۇش ئەمەس بەلكى داڭلىق بىر كارخانچىغا ئايلىنىش .لىكىن ،ئۇلار كارخانچى ئۆزىدە چوقۇم مۇجەسسەم قىلىشقا تىگىشلىك بولغان سودا پائالىيىتى ئىھتىياجلىق بولغان ماھارەت ۋە ئىقتىدارنى ئۆگەتمەيدۇ .
ئەكىسچە ،ئۇلار بىزگە قانداق قىلغاندا بىر ياخشى ئىشچى بولغىلى بولىدىغان توغرىسىدىكى ماھارەتنى ئۆگۈتىدۇ .كۆپىلىگەن ئوتتۇرا قاتلامدىكى دىرىكتۇر ۋە ئوقۇتقۇچىلار شىركەت قۇرۇشقا دائىر بىلىملەرنى ئەسلا ئۇقمايدۇ ،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كارخانچى ئەمەس ،ئەكىسچە بىر ئاددى ئىشچى .كۆپلىگەن كىشلەر سودىغا دائىر بىلىملەرنى ياخشى ئىگەللىيەلمەي،جەمىئەتنىڭ سودا ساھەسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ .
بەزىلەر مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا شىركەتكە كىرىپ ئىشچى بولىدۇ .نۇرغۇنلىرى شۇ مۇقىم خىزمەت ئورنى ۋە ئازغىنە شۇ مۇئاشقا كۆنۈپ كىتىدۇ .يەنى ،ئۇلار سودىغا مۇناسىۋەتلك نەزىريىۋى بىلىملەرنى ياخشى ئىگەللىگەن بولسىمۇ ،لىكىن ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگىدەك سودا ماھارىتى يوق .ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆز ئالدىغا بىر شىركەت قۇرۇش ،نۇرغۇن بايلىق توپلاش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار .ئەگەر ئۇلار مۇئاشىنى ئالالمىسا ياشىيالمايدۇ ،ياشاشقا ئامالسىز قالىدۇ .ھەر خىل ماھارەت سىزنى بىر باي كىشىگە ئايلاندۇرىدۇ ،ساپ نەزەريىۋى بىلىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .بىۋاستە سىتىش كەسپىنى كىشلەرگە ياردەم بىرىدىغان سودا ئىنىستىىتوتى دىيىشكىمۇ بولىدۇ .
بىۋاستە سىتىش كەسپىدە سودىغا دائىر نۇرغۇن مۇھىم بىلىملەرنى ئۈگۈنەلەيمىز .مەسلەن :مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ پىسخولوگىيەسى ،رەھبەرلىك ئىقتىدارى ،ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ،ئالاقە قىلىش ئىقتىدارى ،قورقۇنچاقلىقنى  ،گۇماننى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش كەمچىل بولۇشنى يىڭىش ،مەبلەغنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ،نىشان بەلگىلەش ،مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا ئىنتىلىشقا دائىر بىلىملەر .
بىۋاستە سىتىش كەسپى بىزنى  پۈتۈنلەي يىڭى بولغان تەربىلەش پىلانى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي يەنە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا  قۇرۇلمىسىدىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى .
ئەقلى كۈچ تەربىيەسى :
ئەنئەنۋى تەربىيە ئاساسلىق ئەقلى كۈچ تەربىيەسىگە بەك كۆڭۈل ※※بۆلىدۇ ،ئوقۇش ،يىزىش ،ھىساپلاش ماھارىتىنى ئۈگۈتىدۇ ،بۇ يەنە بىلىش ماھارىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .ئەلۋەتتە بۇ بىلىملەر ناھايتىمۇ مۇھىم .ئەمما مەن ئەنئەنۋى تەربىيە ئۇسۇلىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن .مەن ھەر دائىم ،بۇ بىلىملەر ئىنسانلارنىڭ ھىسياتى ،ھەركىتى ،روھى ھالىتىگە ھەقىقى تەسىر كۆرسىتەلەرمۇ كۆرسىتەممەسمۇ دىگەنلەردىن گۇمانلىنىمەن .
ھىسيات تەربىيەسى :
ئەنئەنۋى سودا ساھەسىدە ،ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئىتراپ قىلمايدىغان پوزىتسىيە كەڭ دائىردە ئومۇملاشقان .ئەگەر سىز بىر قىتىم خاتالىق ئۆتكۈزۈپلا قالسىڭىز،شۇ زىمىتلا ئىشتىن بوشىتىلىسىز ،ياكى جازالاشقا ئۇچرايسىز .بىۋاستە سىتىش ساھەسىدە ،ئىشچىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئۈگۈنۈش ئارقىلىق خاتالىقىنى تونۇشقا ئلھاملاندۇرلىدۇ،ئەقىلى كۈچ ۋە ھىسيات جەھەتتە تخمۇ پىششىپ يىتىلىدۇ .خاتالىق ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ ئىلگىرلەش جەريانىمىزدىكى چوقۇم بىر بىسىپ ئۆتۈدىغان بىر جەريان ،چۈنكى بىزمۇ نەچچە قىتىم يىقىلىپ ،يىقىلغان يىرىمىزدىن ئۆمىلەپ يەنە تۇرۇپ چوڭ بولىمىز ئەمەسمۇ ؟
ھەركەت قىلىش تەربىيەسى :
كىشلەرنى يىڭى .ئىددىيلەرنى ئۈگۈنۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ،ئاكتىپ ھەركەت بىلەن خاتالىققا يۈزلىنىدۇ ،ۋە خاتالىقتىن تەجىربە ساۋاق ئىگەللەپ قايتا ئىزدىنىدۇ .بۇ تەربىيە پۈتۈنلەي ھازىرقى دەۋىرنىڭ مائارىپ قۇرۇلمىسىغا ئۇيغۇن كىلىدۇ .ئەگەر سىز بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ،سىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ھەركىتىنى ئۆزگەرتىڭ .بىۋاستە سىتىش كەسپىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى شۇكى ،ئۇ سىزنىڭ پىكىرىڭىز ۋە ھەركىتىڭىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ .
روھي جەھەتتىكى تەربىيە:
بىۋاستە سىتىش ساھەسىدىكى مۇۋاپىقىيەت  قازانغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ روھى جەھەتتىكى قابىليىتىنى قوزغىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ .ھەر دائىم ئاجىزلىقنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ،گۇمان ۋە قورقۇنچنى يىڭىشكە ئىلھاملانلادۇرىدۇ .بۇ بولسا كىشلىك ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان ئەڭ زور كۈچ .بىز كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە مۇنداق ئۈچ خىل كىشى بار ،بايلار،نامراتلار،ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەردىن ئىبارەت. بۇ نەتىجە زادى قانداق كىلىپ چىققان،ئەلۋەتتە بۇ نە■تجە دەل ئۆزىمىزنىڭ ئىش ھەركەتلىرىمىزدىن كىلىپ چىقىدۇ .سودا ۋە مەبلەغ سىلىش ساھەسىدە مۇنداق ئىككى خىل ھىسيات بار ،
ئاچكۆزلۈك ۋە قورقۇنىچتىن ئىبارەت .كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ باي بولالماسلىقىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ ئاچكۆزلىكى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ قورقۇنچاقلىقىدۇر .ئەگەر سىز باي بولۇشنى ئويلىسىڭز قەلبىڭىزدىكى قورقۇنۇچنى يىڭىڭ ،يۈرەكلىك ھالدا سىناپ كۆرۈڭ .
«فۇبۇسى»دىگەن ژورنالدا بايلار،ۋە نامراتلارغا مۇنداق ئىنقىلىما بەرگەن .
بايلار :يىللق كىرىمى 1 مىليۇن ئامىركا دوللىرىغا يەتكەن ۋە بۇنىڭدىن ئاشقانلار ئاندىن باي كىشى ھىساپلىنىدۇ .
نامراتلار:يىللىق كىرىم 25 مىڭ ئامىركا دوللىرغا يەتمەيدىغان كىشلەر نامرات كىشى ھىساپلىنىدۇ .
كىشلىك ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان تەلىم تەربىيە ۋە ئەنئەنۋى تەلىم تەربىيەنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرق مۇنداق ئىككى تەرەپتە ئىپادىلنىدۇ .
بىرىنجى:خاتالاشقان ئادەمنى جازالىماستىن بەلكى ئۇنى شۇ خاتالىقتىن تەجىربە ساۋاق يەكۈنلەشنى تەكىتلەيدۇ .
ئىككىنجى؛ئالدىنقىسى بولسا ئىنسانلارنىڭ روھى كۈچى ئىنسانلارنىڭ ئەقلى كۈچ ،ھىسيات ،ھەركەت قابىليىتى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا ياردەم بىرىدىغان زور كۈچ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ .
بىۋاستە سىتىش ساھەسىدىكى تەربىلەش پىلانى ۋە تەربىلەش قۇرۇلمىسى ئەنئەنۋى تەلىم تەربىيەنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى .بىزگە يىڭىچە ئىددىيە ۋە ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىنى ئاتا قىلدى .ئۇ سودا جەھەتتىكى ماھارىتىنى ئەمەليەتتە ناھايتىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى .ئەگەر مانا مۇشۇنداق بىر سودا ئىنىستىتوتى سىزگە ئوقۇش پۇرسىتى ئاتا قىلسا سىز بۇ مەكتەپكە كىرىپ بىلىم ئىلىشنى خالامسىز ؟تەغدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان پۇرسەت تىپىشنى خالامسىز ؟



21.ئالاقە تورىڭىزنى قۇرۇپ چىقىڭ                     
2002-يىلى بايلار شەرەپ تاختىسىغا تىزىلغان 30 شىركەتنىڭ قارىشچە پۇرسەت ئۇلار ئۈچۈن ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن .  لىكىن
ئەزالىرىغا نىسپەتەن ئىيتقاندا پۇرسەت ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تاللشىنىڭ MBA
※بىرىنجىسى ئىكەن .پۇرسەت ھەممىمىزگە ئىنتايىن مۇھىم ،كىشلىك ئالاقە قانچە ياخشى بولغانسىرى ،پۇرسەت تىخمۇ كۆپ بولىدۇ.
جوڭگونىڭ ئىچكىرى شەھەرلىرىدە
دولقۇنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشى بىر دەلىلىل ئىسپات.MBA
بۇ ئادەملەرنىڭ كىتاپ ئوقۇشى پەقەت ئۆزىگە توك قاچىلاش ئۈچۈنلا ئەمەس ،ئەڭ مۇھىمى يۇقىرى سۈپەتلىك كىشلىك ئالاقىنى بەرپا قىلىش ئۇنىڭدىن سودا پۇرسىتىگە ئىرىشش .،خافۇ سودا ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى ،كىتاپ ئوقۇشتىكى ھاسىلاتىنى خۇلاسىلىگەندە ،كىشلىك ئالاقە تورىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويغان .بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى كىشلىك ئالاقە تورىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ ،ئۇنداقتا بىۋاستە سىتىش ساھەسى قانداق بولار ؟
بىىۋاستە سىتىش بىر خىل مۇلازىمەت خاراكتىرلىك كەسىپ .بۇ كەسىپ نام چىقىرىمەن دەيدىكەن ئۈزلۈكسىز تىرىشپلا قالماي ،يەنە ئەقىل پاراسەتكە تايىنىشى كىرەك .بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئەقىل پاراسەت دىگىنىمىز بىر خىل مۇستەھكەم بولغان كىشلىك ئالاقە ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ .دانالىق بىلەن پىلانلاش ،ئەڭ زور دەرىجىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش .بىۋاستە سىتىش ساھەسىدە ،بىۋاستە ساتقۇچى تەنھا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ ،ئۆزى يالغۇز ھەر قانچە تىرىشسىمۇ ھەرگىز مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ ،چوقۇم كوللىكتىپنىڭ كۈچىگە تايىنىشقا مۇھتاج بولىدۇ .كوللىكتىپنىڭ تەشكللىنىشنى تىگى تەكتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا كىشلىك ئالاقە تورىنىڭ شەكللىنىشى .
بىۋاستە سىتىش شىركىتنىڭ تەربىلەش دەرسىدە ،بىز ھەر دائىم مۇنداق بىر ئىغىز گەپنى ئاڭلايمىز .كىشلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ پاجىئە  :ياخشى ئۇستاز تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئۈگەنمەسلىك ،ياخشى دوستى تۇرۇپ سىرداشماسلىق ،ياخشى پۇرسەت تۇرۇپ قەدىرلىمەسلىك .
بۇلاز بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى بىز چوقۇم ياخشى ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە ھەر قانداق بىر پۇرسەتنى ياخشى تۇتىشىمىز ،كىشلىك ئالاقىدىن ياخشى پايدىلنىشمىز ،مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچلار بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىپ تۇرىشىمىز لازىم .مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ئالاقە قىلىپ تۇرۇش كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ نەزىرىدە بىر قەدەر قىيننغا توختايدۇ .ھەر ھالدا بىز ھەممەيلەن ئادەتتىكى كىشلەردىن .،ئەتراپىمىزدىمۇ بىز تىلغا ئالغان مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار يوق .لىكىن ھەيران قالارلىق يىرى شۇكى ئاۋناسىنىڭ نەزىرىدە،مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ،ھەم ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئانچە قىيىنغا توختىمايدۇ .ئۇ مۇنداق دەيدۇ:مەن يىتەرلىك پۇلغا شەھەر ئەتراپىدىن بىر چىرايلىق داچا سىتىۋالىمەن ،مەن رازى بولغان ھالدا مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلمەن ،بىز بۇ گۈزەل داچىدا ھەمداستىخان بولىمىز .مەن مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن دوسىت بولۇش پۇرسىتىگە ئىرىشىمەن .بىۋاستە سىتىش ساھەسى بىزگە مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن ئۇچۇرشىش پۇررسىتىنى يارىتىپ بەردى .چۈنكى بىۋاستە سىتىش ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ كىلىش مەنبەسى بەكمۇ كەڭ دائىرلىك ،ھەم بۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ئالاھىدە خۇسۇسيەتكە ئىگە كىشلەردۇر .
ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلار تولىمۇ ھىسياتچان سەمىمي كىلىدۇ .بىۋاستە سىتىش ساھەسىنىڭ دوستلىرى ئاكتىپ ھالدا باشقىلار بىلەن سالاملىشىدۇ ،قول ئىلىشىپ كۆرىشىدۇ .سىزگە ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇپ سىز بىلەن پاراڭلىشىدۇ ،سىزگە ھەقىقى خۇشاللق ئىلىپ كىلەلەيدۇ .ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكىدىن تاشقىرى قىزغىن ،دەسلەپتە كىشلەر بۇلارنىڭ بىرەر مەقسىتى بارمىدۇ دەپ ئويلاپ ئۇلارنىڭ بۇنداق مۇئامىلىسىگە كۆنەلمەيدۇ .بىۋاستە سىتىش ساھەسىدىكى كىشلەر خىرىدارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى ئاللقاچان ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ بولغان .ئۇلارنىڭ قىزغىن ،دوستانە پوزىتسىيىسى چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ قىلغان مۇئامىلىسىدۇر .
يەنە بىر تەرەپتىن بۇ بىۋاستە سىتىش ساھەسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ھەممىسى قىزغىن ئۈگەنگۈچىلەردۇر ،پەقەت كەسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىلملا بولسا كەمتەرلەك بىلەن ئۈگۈنىدۇ ،كەمتەرلىك بىلەن باشقىلاردىن مەسلىھەت سورايدۇ . بۇلار مەيلى قانداق يىغىلىشلارغا قاتناشسۇن ،قانداق دەرس ئۆگەنسۇن،يىنىغا چوقۇم بىر ،خاتىرللەش دەپتىرى ،بىر تال قەلەم ئىلىۋالىدۇ ،خالىغان يەردە مۇھىم نوختىلارنى خاتىرللەپ ماڭىدۇ .
ئۇلارنىڭ بۇنداق ئادەت خاراكتىرى ئۇلارنىڭ تەرەققايتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .سىز ئۇلار بىلەن ئۇچراشسىڭىز ،مەن يۇقىردا تىلغا ئالغان نوقتىلارنى بايقاپ چىقالايسىز.بىۋاستە سىتىشقا قاتناشقان مىنىڭ كونا دوستلىرىم ،ئۇلار ئەسىلىدە ناھايتى ئىچى مىجەز بولۇپ كىشلىك ئالاقىگە ئانچە ماھىر ئەمەس ئىدى.بۇ كونا دوستلۇرۇم بىۋاستە سىتىشنىڭ تەربىلەشلىرىگە قاتناشقاندىن كىيىن ئوتتۇرغا چىقىۋىلىپ تەمتىرمەي لىكسىيە سۆزلەيدىغان ماھارەتنى ئىگىلىدى شۇنداقلا تىخمۇ ياخشى بولغان كىشلىك ئالاقە ئىقتىدارىنى ئىگىلىدى .
ئۈچنجىدىن ،بۇ بىۋاستە سىتىشتا مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ئۆزىنىڭ ناھايتىمۇ قىزغىن سۆيىدۇ .چۈنكى ئۇلار مۇنداق بىر نوقتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ،بىۋاستە سىتىشنىڭ ۋەكىلى ئەگەر تىرىشمىسا چوقۇم نەتىجىگە ئىرىشەلمەيدۇ .بىۋاستە سىتىشتىكى ئازرۇ ئارمانلىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇىمەن دەيدىكەن ،تىخمۇ كۆپ بولغان ئەمگەك ھەققىگە ئىگە بولىمەن دەيدىكەن ،كەسىپنى قىزغىن سۆيۈش ،خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇش ،ئۈزلۈكسىز تىرىششتىن باشقا ئۇسۇل يوقتۇر .
شۇڭلاشقا بىر بىۋاستە ساتقۇچى ،سىز قانداق ئادەمگە ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز ،شۇ خىلدىكى ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى تاللاڭ ،چۈنكى تاللاش تىرىششتىن تىخمۇ مۇھىم ،ئەگەر سىز مۇۋاپىقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم سىزدىن ياخشىراق مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىشلەر بىلەن ئالاقە قىلىڭ .شۇنداق قىلغاندا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى تىخمۇ ياخشى بولغان ئۇسۇللارنى تىپىپ چىقالايسىز ۋە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ياخشى شارائىتلىرغا ئىگە بولالايسىز .ئاكتىپ بولغان مۇھىتنى تاللاش مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى ،شۇڭلاشقا مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەمىسى بەكلا ئاكتىپتۇر .ئۇلار ھەر قانداق مەسىلە ۋە قىيىنچىلىق ئالدىدا ،پۈتۈن دىققەت ئىتىبارىنى شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قارىتىدۇ ،ئۇلار بۇ مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئۆزىنى چىنىقتۇرىدىغان ياخشى بىر پۇرسەت دەپ قارايدۇ .
سىزدىنمۇ مۇنەۋۋەر بولغان كىشلەر بىلەن بىللە يۈرۈشنى تاللاڭ ،بۇنداق قىلسىڭز سىزنىڭ ئۇلاردىن ئىرىشكىنىڭىز تىخمۇ كۆپ بولىدۇ.سىز مەغلۇپ بولغان ۋاقىتلاردا ئۇلار سىزگە ياردەملىشىپ مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىشىپ بىرىدۇ ،سىزنى ئالغا يىتەكلەيدۇ .چۈنكى مەغلۇبىيەت بولسا ۋاقىتلىق ،مۇۋاپىقىيەت بولسا ئۆمۈرۋايەت بىزگە ھەمراھ بولىدۇ ،ئوخشاشلا سىز مۇۋاپىقىيەت قازانغاندا بۇ كىشلەر سىزنى يەنە نىشان بەلگىلەش توغرۇرلۇق ئەسكەرتىدۇ ،چۈنكى ھاياتلىقىنىڭ ئەھمىيىتى توختىماي ئۆزىدىن ھالقىپ ئۆتۈش ئەمەسمۇ ؟
يەھۇدىلارنىڭ گىپى بىلەن ئىيتقاندا سىز ئەقىللىق ئادەم بىلەن يۈرسىڭىز سىز چوقۇم بىر كۈنى ئۇنىڭدىنمۇ ئەقىللىق بولغان ئادەمگە ئايلىنالايسىز .جەمىئەتشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە دوستنى خاتا تاللاش جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسى مەنبەسى .شۇنداق توغرا دەيدۇ ،بىز بىللە يۈرۈشنى تاللىغان دوسىت بۇرادەرلىرىمىز بەزىدە بىزنىڭ تەغدىرىمىزنى بەلگىلەپ قويىدۇ .بىز مەيلى قەيەردە بولمايلى قىلىۋاتقان ئىش ھەركەتلىرىمىز باشقىلارغا ئوخشاپ قىلىشى دەل بىز تاللىغان كوللىكتىپنىڭ كۈچىدۇر .
بىۋاستە سىتىش ساھەسىدە ،سىز ھەر دائىم مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىسىز ،توختىماي ئۆزىڭىزنىڭ قابىليىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز ،چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆز ئارا ياردەم بىرىش ،ئۆز ئارا ھەمكارلىششتەك ياخشى مۇھىتنى ياراتقان ،سىز بۇ مۇھىتتا ھورۇنلۇق قىلىشنى ئويلىسڭىز يىنىڭىزدىكى دوستلىرىڭىز سىزنى ئەسكەرتىدۇ ،سىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ .بىۋاستە سىتىشنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشى شۇ ھەر بىر ئەزانىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىششنىڭ نەتىجىسى .
شۇڭلاشقا ،سىز بىۋاستە سىتىش ساھەسگە كىرىپلا قالسىڭىز ،روھلۇق سەمىميى كىشلەر بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز ،كەسپىنى قىزغىن سۆيۈدىغان مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن دوسىت بولالايسىز ،بۇ تەرىقىسىدە ماڭسىڭىز سىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزدا ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ .
شۇڭلاشقا ،سىز بىر توپ مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن دوسىت بولسىڭىز ،سىز چوقۇم ئۇلارنىڭ مول بولغان بىلىم ۋە قابىليىتىنى ئۈگۈنۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز .
ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ ،تاللاش تىرىششتىن تىخمۇ مۇھىم ،سىز قانداق قانداق ئادەمگە ئايلىنىشنى ئويلىسىڭىز ،سىز چوقۇم شۇ خىلدىكى ئادەملەر بىلەن دوسىت بولۇشنى تاللاڭ .
ئەگەر سىز مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلسىڭىز ،مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن دوسىت بولۇشنى تاللاڭ ،سىز شۇندىلا تىخمۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە مۇۋاپىقىيەت قازىنالايسىز .








22.كىشلىك    ھاياتنىڭ قەدىر قىممىتى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىڭىز تىپىۋىلىڭ      

كىچىكتىن چوڭغىچە ،ھەربىر ئادەمنىڭ يۈرىكىدىك ئارزۇ ئارمىنى پەقەت بىرلا ئەمەس ،ھەممەيلەن ئالىم بولۇش ،سەنئەتچى بولۇش ،دوختۇر بولۇش ،دۇنيانى ئايلىنىش ،دۇنيانى قۇتقۇزۇش ،كۆپ دوسىت تۇتۇش دىگەندەك ئارزۇلارنى قىلىدۇ .
ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى ئەمەلىيەت ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس ،كۆپلىگەن كىشلەر بۇ رەھىمسىز ئەمەلىيەت ئالدىدا مەغلۇپ بولىدۇ .
بىز ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ ئارمالىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي ئەكىسچە نۇرغۇن ئازاپقا دۇچار بولىمىز .ئىشتىن بوشىتىلىش ،كەسىپتە مەغلۇپ بولۇش قاتارلىقلار .
بىز بۇنداق رەھىمسىز ئەمەليەتكە يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرمىزنى كىچىكلىتىمىز ياكى بولمىسا يوقىتىپ قويىمىز .ئەمما بىۋاستە سىتىش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ،بۇ ساھەدە كىشلەرنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرنى قايتىدىن نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ،ھەر بىر ئادەمگە كىشلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى قايتىدىن ئويلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ .يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرنۇپ قالغان ئارزۇ ئارمانلىرنى قايتىدىن نۇرلاندۇرۇشقا يىتەكلەيدۇ .
بىۋاستە سىتىش بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى ،سىز دوسىت تاللاش قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز سىز چوقۇم سىتىش ماھىرىغا ئايلىنالايسىز .
گەرچە ھەممە ئادەم بۇ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىنى ئەمەلەلگە ئاشۇرالىشى ناتايىن ،لىكىن كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە ھەر دائىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ .
بىز مۇۋاپىقىيەت ئىلمى ،تىجارەت ئىلمى ،پىسخىكا ئىلمى ،قايىل قىلىش ئىلمى ،ئالاقە قىلىش ئىلىمى قاتارلىق جەھەتتە تەربىلەيدۇ .ھەر بىر ئادەم كىشلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قەدىر قىممىتىنى قايتىدىن تونۇپ يىتىدۇ .
بۇ جەھەتلەردىن ئىلىپ ئىيتقاندا ،بىۋاستە سىتىش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى ئۈستىدىن غەلبە قىلىدۇ .ئارزۇ ئارمانلىرنىڭ ھەقىقى قىممىتنى تونۇپ يىتىپ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئىزدىنىدۇ .
بىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرمىز زادى نىمە ئۈچۈن بىردىن بىردىن بەرپات بولىدۇ ،نىمە ئۈچۈن بىۋاستە سىتىش ساھەسىدىكى كىشلەر ئۆزىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرنى ئارقا ئارقىدىن ئىشقا ئاشۇرالايدۇ .
بىز بۇ مەسىلىنى بىرلىكتە تەھلىل قىلىپ باقايلى .سىز پۈتۈن ھاياتىڭىزدا تىرىشىپ ئىزدىنىشنى نىيەت قىلسىڭىز چوقۇم نەتىجە يارىتالايسىز ،لىكىن،سىز ياراتقان بۇ نەتىجە ياخشى نەتىجىمۇ ياكى يامان نە■تىجمۇ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم .
سودا ئىشلىرىدا ئۆزىنى چىنىقتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇشۇنداق ھىسياتتا بولىدۇ .ئوخشاشلا تىرىشىپ خىزمەت قىلسا نىمىشقا مۇنداق ئاسمان پىلەك پەرقى چىقىدۇ ؟بۇ پەرقىنىڭ چىقىشى دەل سىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاللىشىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .چۈنكى بىز ھەر ۋاقىت تاللاش تىرىششتىن مۇھىم دەپ ئەسكەرتىپ كەلدۇق .تاللىغان يول .ئوخشاش بولمايدىكەن ئەلۋەتتە ئەڭ ئاخىرقى ئىرىشىدىغان نەتىجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .قىسقارتىپ ئىيتقاندا بىر ئادەمنىڭ تاللىغان كەسپى ئۆزىنىڭ خاراكترى ۋە ئىقتىدارىغا ماس كەلمىسە بۇ ئادەم بىر ئۆمۈر تىرىشىپ ئىزدەنسىمۇ يەنىلا ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك نەتىجىگە ئىرىشەلمەيدۇ .زادى قانداق تاللاش كىرەك ؟بىز زادى قانداق تاللىغاندا بىر ئۆمۈر تاللىغىنىمىز بىكارغا كەتمەيدۇ بىز بۇ مەسىللەرنى ئەتراپلىق تەھىلىل قىلىپ سىلىشتۇرۇپ ،ئىسپاتلاپ ئەڭ ياخشى بولغان قارارنى چىقىرايلى .بىۋاستە سىتىش كەسپى كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ  تەھىلىل  قىلىش ،سىلىتۇرۇش نەتىجىسىدە ئەڭ ئاسان مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولىدىغان كەسىپ بولۇپ چىققان .بىۋاستە سىتىش ساھەسى سىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق ياردەم قىلىدىكىن ،بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى .
ئەڭ ئالدى بىلەن بىۋاستە سىتىش ئالاھىدە شەرتلەرگە ئىھتىياجلىق ئەمەس .※
بىز خالىغان بىر گىزىتنى قولىمىزغا ئىلىپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشىغا قارىساق ،ھەر بىر خىزمەت ئورنىنىڭ نۇرغۇن قاتتىق شەرتلىرى بارلىقىنى بايقايمىز .ئەلۋەتتە خىز مەت ئىزدەپ كەلگۈچى بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىمىغان بولسا بۇ ئورۇنغا ئىرىشەلمەيدۇ دىگەن گەپ .
ئەگەر سىز بىر سودىغا مەبلەغ سالماقچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنۋانىڭىز ،كەسپى بىلىمىڭىز ،تەجىربىڭىزدىن سىرت يەنە نۇرغۇن ئىقتىساد شۇنداقلا كەڭ دائىردىكى جەمىئەت مۇناسىتى بار بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .
جەمىئەتنىڭ ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى كىشلەر ھەممسى پۇل تىپىۋاتىدۇ ،ئەمما پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەنە شۇ كەسىپ ئەھىللىرى تىپىۋاتىدۇ .كەسىپ ئەھلى ئەمەس كىشلەر ،كەسىپ ئەھلى كىشلىردەك كۆپ پۇل تاپالمايدۇ .بىز قانداق ئەنە شۇ كۆپ پۇل تاپىدىغان كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنالايمىز ؟
ئەلۋەتتە بىز كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئىزدىنىشمىز لازىم .ھەر ۋاقىت ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلىشىمىز لازىم .شۇنداق قىلساق ئۆزىمىزنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىمىزغا يىتەلەيمىز .
مىنىڭ ئىتالىيەنىڭ پىسا قاتلىمىسى ساتىدىغان دۇكان ئاچقۇم بار ،ئەمما مەن بۇ ئىتالىيەنىڭ پىسا قاتلىمىسىنى ياساشنى ئۇقمايمەن .
مىنىڭ ئەرلەر كىيىم كىچەك دۇكىنى ئاچقۇم بار ،لىكىن مەن ھىچ ئىشنىڭ ئىپىنى بىلمەيمەن .ھەر كۈنى مانا مۇشۇنداق ئويلايدىغانلارمۇ ئويلايدىغانلارمۇ ئەتراپىمىزدا ئاز ئەمەس.،دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر كەسىپنىڭ پۇرسىتى تىخنىكا ۋە بىلملەر بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك .
بەزىلەر دەيدۇ :مىنىڭ دوختۇر بولغۇم بار .بۇ پىكىر يامان ئەمەس .لىكىن سىز بۇ كەسىپنى تاللاشتىن بۇرۇن مانا بۇ نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىڭىز لازىم .بۇ كەسىنى ئۈگۈنۈش جەريانىدا يۈز بىرىدىغان ھەر خىل مەسىللەرگە تەييارلىق كۆرىشىڭىز شۇنداقلا 8يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ئوقۇش راسخوتىنى ھازىرلىيالىشىڭىز لازىم .چۈنكى بىر دوختۇر بولۇش نەچچە  ئۈچۈن ئۇنۋان ۋە كەسپى بىلىم ناھايتىمۇ مۇھىمدۇر .
بىۋاستە سىتىش ساھەسىدە ھەر خىل ئالاھىدە شەرتلەر يوق ،بىۋاستە ساتقۇچى بولۇش تەجىربە ۋە مەبلەغ تەلەپ قىلمايدۇ .جىنسى ،يىشى ،ئۇنۋانى ،تەجىربىسى ،ئائىلە كىلىپ چىقىشى قاتارلىق جەھەتتە سالاھىيەتكە چەك قويۇلمايدۇ .پەقەتلا سىز ئۈگۈنۈشنى خالىسىڭىز ھەممەيلەنگە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ پۇرسىتى ئوخشاش بولىدۇ .
بىز ئەمەليى تۇرمۇشىمىزدا مانا مۇنداق ئەھۋاللارغا دائىم يولۇقۇپ تۇرىمىز ،مەسلەن سىز يىقىندا چوڭ بىر سودا سارىيىغا بىرىپ نەرسە كىرەك سىتىۋالدىڭىز ،بۇ سودا سارايدىكى نەرسىلەر سۈپىتى ياخشى ھەم باھاسى بەكمۇ ئەرزان .سىز بۇ سۈپىتى ياخشى ھەم ئەرزان نەرسىلەرنى كۆرگەندىن كىيىن ،سىز سەۋىر تاقەت قىلىپ تۇرالماي بۇ يىڭى ئۇچۇرنى دوستلىرىڭىز ۋە خۇلۇم خوشىنىلىرىڭىزغا ئەسكەرتىسىز .سىزنىڭ دوستلىرىڭىز ،خۇلۇم خوشنىلىرىڭىز بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغاندىن كىين تولىمۇ قىزىقىپ بۇ سودا سارىيىغا بىرىپ نەرسە كىرەك سىتىۋالغىلى بارىدۇ .بىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ،بۇ چوڭ سودا ساراينىڭ نامى مانا مۇشۇنداق ئاشقان .
ئومۇملاشتۇرۇپ ئىيتقاندا ،ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئارمانلىرى بولىدۇ لىكىن نەچچە ئادەم ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى ؟بەزىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرمىز ئاخىردا بىرىپ قۇرۇق خىيالغا ئايلىنىپ قالدى ؟بىز نىمىشقا يەنىلا نامراتلىق ھالەتتە يۈرىمىز ؟ئازۇ ئارمانلارنىڭ ئەمەلگە ئىششى بىزنىڭ دەرھال ھەركەتلىنىشمىزگە مۇھتاج ،بىز ھەركەتلىنىشمىز تاللاشقا مۇھتاج ،بىۋاستە سىتىش ساھەسى سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىڭىزمۇ ؟،سىز ئەقىل پاراسەتلىك ئادەم ،سىز گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز ،سىىنىڭ تىخمۇ ياخىش بولغان تاللىشىڭىز بارمۇ ؟دەرھال ھەركەتلىنىڭ ،ھەركەت يۆنىلىشىڭىزنى دەرھال بىكىتىڭ .چۈنكى بىز يەنىلا دەيمىز ،تاللاش تىرشىشتىن تىخمۇ مۇھىم .

23.پىسخىلوگىيڭىزنى  ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەغدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ



بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن ،ئۇ بىر كۈنى مۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ ،چۈشىدە ،تاغلار گۆمۈرلۈپ چۈشكىدەك،دەريالار قۇرۇپ كەتكىدەك ،گۈللەر توزۇپ كەتكىدەك.پادىشاھ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى خانىشقا سۆزلەپ بىرىپتۇ .خانىش پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بىرىپ مۇنداق دەپتۇ :بۇ سەل ياخشى ئەھۋال ئەمەستەك قىلىدۇ ،تاغلار گۆمۈرلۈپ چۈشۈدىكەن .دەريانىڭ قۇرۇپ كەتكىنى بولسا خەلىق بىردەكلىكنى يوقاتقۇدەك .پادىشاھ دىگەن كىمە ،خەلىق دىگەن سۇ ،ئەگەر دەريا قۇرۇپ كەتسە ،كىمە دەريادا ئەمدى ماڭالمايدۇ ،گۈللەرنىڭ توزۇپ كەتكىنى بولسا ياخشى كۈنلەرنىڭ ئۇزۇنغا قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .پادىشاھ بۇلارنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ قارا تەرگە چۆمۈپتۇ ،ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ ،ۋە پادىشاھنىڭ كىسىلى كۈنسىرى ئىغىرلىشىپتۇ .بىر ۋەزىر پادىشاھنى يوقلىماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا يىنىغا كىرىپتۇ ،پادىشاھ ۋەزىرگە كۆرگەن چۈشلىرىنى ئىيتىپ بىرىپتۇ .بۇ ۋەزىر ئاڭلاپلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىپتۇ .ۋە پادىشاھقا دەپتۇ :پادىشاھ ئالىيىلىرى ،بۇ ناھايتىمۇ ياخشى ئەھۋال ئىكەن ،دەريانىڭ گۆمۈرلۈپ چۈشكىنى بۇنىڭدىن يۇرت تىنىچ ئامان بولىدىكەن .دەريانىڭ قۇرۇپ كەتكىنى بولسا ئەجدىھانىڭ ئەمدى بىشنى كۆتۈرگىننى كۆرسىتىدۇ ،پادىشاھ ئالىيلىرى ،سىلى ھەقىقى ئەجدىھانىڭ پەرزەنتى ئىكەنلا ،گۈللەر توزۇپتۇ ،گۈل توزىغاندا ئاندىن مىۋىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ ،پادىشاھ ئالىيلىرى ،پۈتۈن بەدەنلىرى ئەمدى يىنىكلەپ ،پات ئارىدا ساقىيىپ كىتىدىكەنلا .
قارىغاندا ،ھەر قانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرەپلىمىكى بار ئىكەن ،مەسىلە دەل  ئىش بىجىرگۈچى شۇ  ئىشقا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشتا .
كۈچلۈكلەر شەيئىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا ،ئۇنىڭ پاسسىپ تەرىپىگە قارىمايدۇ ،پەقەتلا ئۇنىڭ ئاكتىپ تەرىپىگىلا قارايدۇ .ئەگەر كۈچلۈكلەر قولىنى كىسىۋىلىپ قان چىقىپ كەتسە ،بەختكە يارىشا بىلىكىم ئۈزلۈپ كەتمىدى دەپ ئويلايدۇ ،ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ بىر پۇتى ناكا بولسا ،بەختكە يارىشا مەن ئامان قالدىم ،ئۆلۈپ كەتمىدىم .كۈچلۈكلەر ھەر كۈندىكى يىڭى ھاياتىغا زور ئۈمۈدۋارلىق بىلەن قارايدۇ ،كۈچلۈكلەر ھەر بىر كۈننى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى دەپ قاراپ قاتتىق قەدىرلەيدۇ .
ئىلگىرى بىر دانىشمەن مۇنداق دىگەن :سىزنىڭ پىسخىلوگىيڭىز سىزنىڭ ھەقىقى خوجايىنىڭىز .
بىر ئۇلۇغ زات مۇنداق دىگەن : سىز ھاياتلىقنى ئالدىڭىزغا سىلىپ ماڭىسىز ،ياكى بولمىسا ،ھايات سىزنى ئالدىغا سىلىپ ماڭىدۇ .سىزنىڭ پىسخىلوگىيىڭىز كىمنىڭ مىنىلىدىغان ئات ،كىمنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ .
بىۋاستە ئىگىلىك تىكلەش داۋامىدا ،كىشلەر ھەرخىل قىينچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ ،ھەتتا بەزىدە جاننى ئالىدىغان زەربىلەرگە ئۇچرايدۇ .بۇ ۋاقىتتا ،ئوخشاش بولمىغان پىسخىلوگىيە ئوخشاش بولمىغان تەغدىرنى بەلگىلەيدۇ .
بىۋاستە سىتىش خادىملىرنىڭ ھازىرلىغان پىسىلوگىيەسى قانداقتۇ ؟
تۆۋەندە بىز بىۋاستە ساتقۇچى ھازىرلىغان 5 خىل پىسخىلوگىيە بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى .
ئۈگۈنۈش پىسخكىسى  :ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگۈنىدۇ (كەمتەرلىك بىلەن ئۈگۈنىدۇ ،باشقا ساھەلەردە قانچىلىك مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدىن قەتئنەزەر ،مۇنداق بىر گەپكە ئىشىنىدۇ :ئۆتمۈش كەلەۈسىگە ۋەكىلىك قىلالمايدۇ ،كەمتەرللىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ ،مەغرۇرلۇق كىشىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ .قىيىن ئىش يوق ئادەمگە ،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە )
يىراقنى كۆرۈش پىسخىكسى :ئۇزاقنى كۆرلمىگن كىشى قايغۇ ھەسرەتكە يىقىن تۇرىدۇ .ھەر گىزمۇ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بىرىلمەستىن ،ئۇزۇن مۇددەتلەك پىلانى بولىدۇ ،ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋاپىقىيتنىڭ باشلىنىش ،غەيرەت جاسارەتلىك بولۇپ مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئاڭ ئاخىرقى نوقتىسىغا يىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئىنىق پىلان بولۇش كىرەك ،ھەم بۇ پىلاننى باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئىجرا قىلىش كىرەك .
ئاددى پىسخىلوگىيە :ھەر كۈنى سۆزلەيدۇ ،ھەر كۈنى ئويلايدۇ ،ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلىدۇ .ھەر كۈنى 8 سائەت ،6 سائەت ،2 سائاەت دەپ چىداپ ماڭىدۇ ،ئادەتتىكى خىزمەت قىلغانغا ئوخشاش  ھەر كۈنى مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ .
خوجايىنلىق پىسخىكىسى :بىرىنجىدىن چۈشۈنۈشنى ،تونۇشنى ،ئۇچۇرشىشنى ،شىركەتكە كۆڭۈل بۆلۈشنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ .ئىككىنجىدىن بارلىق بارلىق مەسىللەرنى ھەل قىلىدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلايدۇ .ئۈچۈنجىدىن باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنسا يەنىلا كەڭ قورساقىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ .بىخەتەر بولغان ئامبار زاپىسى بار بولىدۇ .
مىننەتدارلىق پىسخكىسى :ئاتا ئانىسىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ،دوستىغا مىننەتدارلىقنى بىلدۈرىدۇ ،شىركەتكە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ،كۆپچىلىككە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ،ئىشقىلىپ بارلىق مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈشكە ئەرزىيىدىغان كىشلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ .










24.سىز چوقۇم ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز


يىقىندا مۇنداق بىر ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم ،بۇ ماقالىنى بىز باستىر يازغانكەن :
5 يىل بۇرۇن ،مەن پاراۋانلىق خىزمىتى بىلەن جەنۇپتىكى يىزىلارغا باردىم .مىنىڭ قىلىدىغىنىم ھەممەيلەننى ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىيەلەيدىغان ئىقتىدارنىڭ بارلىقىغا ئىشەندۈرۈش ،شۇنداق كىشلەرنى ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش .
مەن ئادو دەپ ئاتىلىدىغان يىزىغا كەلگەن ۋاقىتتا ،ھۆكۈمەت ماڭا ياردەملىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋانلىقىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان 25 ئائىلىنى چاقىرىپ ئەكەلدى .مەن ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ چىقتىم ئۇلاردىن سورىغان بىرىنجى سۇئالىم بولسا :سىلەرنىڭ قانداق ئارزۇيىڭىلار بار؟
ھەممەيلەن ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراشتى ،خۇددى مەن بىر تاشقى پىلانىتتىن كىلىپ قالغان ئادەمدەك .
ئۇلارنڭ ئارىسىدىكى بىر تۇل خوتۇن جاۋاپ بەردى .«چۈش ؟بىز ئەزەلدىن چۈش كۆرمەيمىز .چۈش كۆرسەكمۇ بىز يەنىلا باي بولالمايدىكەنمىز ».
مەن ئۇلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردۈم :ئارزۇ ئارمىنى بولغىنى چۈش كۆرۈش ئەمەس.سىلەر نىمىگە ئىرىششنى ئارزۇ قىلىسىلەر ؟سىلەر قانداق بىر ئىشنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىسىلەر ،مانا بۇنى بىز ئازۇ ئارمان دەيمىز .
قىزىل بۇرۇنلۇق تۇل خوتۇن يەنە سۆزلىدى :،مەن سىز تىلغا ئارزۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن .مەن ھازىر پەقەتلا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغلىۋىتىشنىلا ئويلايمەن ،چۈنكى ئۇلار ھەر دائىم مىنىڭ ئۆيۈمگە بۆسۈپ كىرىپ مىنىڭ بالامنى چىشلىۋالىدۇ .كۆپچىلك ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى .
مەن دىدىم :ھە،سىز بىرەر ئۇسۇل چارە ئويلاپ باقتىڭىزمۇ يوق ؟
قىزىل بۇرۇنلۇق تۇل خوتۇن :مەن بىر مۇستەھكەم ئۆي ياساشنى ئويلىشىۋاتىمەن ،بۇنداق بولغاندا ياۋايى ھايۋانلار ئىشىكتىن بۆسۈپ كىرەلمەيدۇ ،مەن خاتىرجەم ھالدا سودامنى قىلالايمەن.
مەن سورىدىم :قايسىڭلار مۇداپىئە ئىشىكى ياساشنى ئۇقۇسىلەر؟
پەستە ئولتۇرغان كىشلەر ئارىسىدىن پاقىرباش پۇتى ئاقساق بىر كىشى جاۋاپ بەردى :مەن نەچچە يىل ئالدىدا ئۆز ئالدىمغا بىر ئىشىك ياساپ باققان ئىدىم .ھازىر بەلكىم ياسىيالماسلىقىم مۇمكىن .بىراق مەن بىر سىناپ باقاي .
ئارقىدىنلا مەن كۆپچىلىكتىن يەنە نىمە ئارزۇيۇڭلار بار دەپ سورىدىم .
بىر يالغۇز  ئانا سۆزلىدى :مەن ئاليى مەكتەپكە بىرىپ كاتىپلىقنى ئۈگۈنەيمىكى دەپ ئويلىشىۋاتىمەن .لىكىن مىنىڭ 6 ياشلىق ئوغلۇمغا غەمخورلۇق قىلغۇدەك ئادەم يوق .
مەن كۆپچىلىكتىن سورىدىم :كىم بۇ 6 ياشلىق بالىغا غەمخورلۇق قىلالايدۇ ؟
ياشانغا ئىگە چاقىسىز بىر ئايال سۆزلىدى :مەن ئىلگىرى باشقىلارغا ياردەملىشىپ كىچىك باللىرىغا قارىشىپ بەرگەن ،مەن ئۇ كىچىك بالىغا غەمخورلۇق قىلالايمەن .
مەن ئۇ پاقىرباشقا ماتىريال ۋە ئەسۋاپ سايمان سىتىۋالغىلى ئازراق پۇل بەردىم .،ھەممەيلەن تارقىلىپ كەتتى.
بىر ھەپتىدىن كىيىن بۇ نامرات كىشلەرنى قايتىدىن يىغىپ ئەكەلدىم .
مەن ھىلىقى تۇل خوتۇندىن سورىدىم :پاقىرباش سىزنىڭ ياۋايى ھايۋانلاردىن مۇداپىيەلىنىدىغان ئىشىكىڭىزنى ياساپ  بولدىمۇ ؟
تۇل خوتۇن :مەن ئەمدى  ھەر كۈنى بالامغا قاراپ ئولتۇرمايدىغان بولدۇم ،مىنىڭ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى .
مەن ئارقىدىنلا پاقىرباشتىن سىز قانداق ھىسياتقا كەلدىڭىز دەپ سورىدىم :ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ دىدى:نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە مۇداپىلىنىدىغان ئىشىك ياساپ باققان ،لىكىن ئەينى ۋاقىتتا ئانچە ياخشى ياسىيالمىغان ئىدىم ،شۇنىڭ بىلەن تا ھازىرغىچە ياساپ باقمىغان .بۇ قىتىم ،مەن چوقۇم ياسىيالايمەن دەپ ئويلىدىم ،نەتىجىدە راستىنلا ياخشى ياساپ چىقتىم .نۇرغۇن ئادەملەر سىز مۇشۇنداق چىرايلىق ئىشىكلەرنىمۇ ياسىيالايدىكەنسىز دەپ  مىنى ماختاپ كەتتى.
مەن نامرات كىشلەرگە دىدىم :بۇ ئەپەندىمنىڭ كەچۈرمىشى بىر ياخشى مىسال .بۇ مىسال شۇنى ئىسپاتلايدۇكى بىزنىڭ ئارزۇيىمىز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ .كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىزنىڭ قابىليىتىمىز يوق ئەمەس ،بەلكى بۇ قابىليىتىمىزنى پىچەتلەپ قويىمىز ،ياكى بولمىسا سىناپ بىقىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز .
مەن يەنە 5 يىل ئۆتكەندىن كىيىن بۇ ئادو يىزىسىغا قايتىپ تەكشۈرگىنىمدە ،ئەينى ۋاقىتتىكى 25 نامرات كىشىدىن ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىز 6 مىيىپ كىشى يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋنلىقى ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ .قالغان 19 ئادەم ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەپ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋىتىپتۇ .
تۇل خوتۇننىڭ تىجارىتى ياخشى راۋاجلىنىپتۇ ،ھىلىقى پاقىرباش شۇ يەردىكى داڭلىق ياغاچچى ئۇستامغا ئايلىنىپتۇ .ھىلىقى ئىگە چاقىسىز ئايال كىچىك يەسلىدىن بىرنى ئىچىپتۇ ،ھىلقى يالغۇز ئانا ئاليى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شىركەتتىن بىرنى ئىچىپ كۆپچىلىكنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ .
ئەمەليەتتە ،بۇ دۇنيادا ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغان بايلىقنى ھازىرلىغان ،بىراق ،بىز بۇ زور بايلىقتىن پايدىلنىشقا سەل قارىدۇق ،ھەتتا بىز ئۆز ئۆزىمىزگە ئىشەنمىدۇق .
ئۆزىڭىزگە ئىشنىڭ ،ئۆزىڭىىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزغا ئىشىنىڭ ،سىز چوقۇم قىلالايسىز ،سىز چوقۇم ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز .

  
  25.ئىنسانلارنىڭ تارىخى ئارزۇ ئارمان ئەمەلگە ئاشىدىغان تارىخ


بىز ئىنسانلارنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ،ئەمەليەتتە بىز ئىنسانلارنىڭ تارىخى ئارزۇ ئەمەلگە ئاشىدىغان تارىخ . ئارزۇ بولسا يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلانغان ھەقىقى ئىنتىلىش ،بىر كۈچلۈك ئىھتىياج.
ئۇ ئىختىيارسىز بارلىق يوشۇرۇن كۈچنى قوزغىتىدۇ ،ئىنسانلار ياراتقان بارلىق مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسى ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئاشقاننىڭ نەتىجىسى ،ئىنسانلار قۇشلارنىڭ ئاسماننىڭ قەھرىدە ئۇچقانلىقىدىن ئىلھام ئىلىپ ئايرۇپىلاننى ئىجاد قىلىپ چىقتى ،يەنە نۇرغۇن ئىنسانلار  ياراتقان كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ كۈچلۈك ئىنتىلىشتىن كەلمىدىمۇ ؟لىكىن بۇ كەشپىياتچىلار مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن كىشلەر بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىق كىلىشگە ئىشىنەمدۇ ؟
ئارزۇ بار بولۇپ ،ئەگەر سىز ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە مۇقىم نىشان تىكلىمىسىڭىز شۇنداقلا ئۇنى ئۆز ھەركىتىڭىزدە كۆرسەتمىسىڭىز ،سىزنىڭ ئۇ ئارزۇلىرىڭىز خام خىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
بىز ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ،ئازۇ بىلەن پوزىتسىيە 90 پىرسەنىتنى ئىگەللەيدۇ ،تىخنىكا ۋە بىلىم ئاران 10 پىرسەنىتنى ئىگەللەيدۇ .سىز ئۆزىڭىزنىڭ داچىڭىز،ماشىنىڭىز بولىشىنى ئويلامسىز ؟دۇنيانى ساياھەت قىلىشنى ،پەرزەنىتلىرىڭىزنىڭ ياخشى تەربىلىنىش پۇرسىتىگە ئىرىششنى ئويلامسىز ؟ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلامسىز ؟باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ ئويلامسىز ؟پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىنمۇ غىرىپلىق ھىس قىلماي داۋاملىق باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە قوللىشىغا ئىرىششنى ئويلامسىز ؟ئۆزىڭىز ياخىش كۆرگەن تۇمۇش ئۇسۇلى بويىچە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى،مەڭگۈلۈك كاپالەتكە ئىگە بولۇشنى ئويلامسىز ؟
ئۆزىڭىزدىن سوراپ بىقىڭ ،ئويلامسىز ئويلىمامسىز ؟ئەگەر سىز ئويلىمىسڭز ئۇنداقتا ھىچكىم سىزگە ياردەم قىلالمايدۇ ،مۇۋاپىقىيەت ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالمايدۇ ،مۇۋاپىقىيەت قازىنىش قازىنالماسلىقىڭىز پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق،ئەگەر سىز ئىرىىشىشنى ئويلىسىڭىز چوقۇم ئىرىشەلەيسىز ،ئارزۇيىڭىزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز .
ئىنتايىن ئەپسۇس ،كۆپىلىگەن كىشلەر تۇرمۇشىدا زادى نىمە كىرەكلىكىنى ئاڭقىرىپ يىتەلمەيدۇ .سىزگە كىرەكلىك بولغان بارلىق نەرسىلەرنى تەپسىلي يىزىپ چىقىڭ ،سىزگە زادى نىمە كىرەك ؟زادى قانچىلىك ؟قايسى ۋاقىتتا لازىم ؟بۇلارنى يىزىپ بولغاندىن ئۆزىڭىزگە نىشان بىكىتىڭ ،بىكىتكەن نىشانىڭىز چوقۇم كونكىرت بولىشى كىرەك ،ئەڭ ئاخىرغا نىشانىڭز ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقىتنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ ،ئارزۇيىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئىشىشى ئەنە شۇ بىردىن بىردىن كىچىك نىشانىڭىزغا يىتىشىڭىزنىڭ نەتىجىسى ،ئەڭ ئاخىردا ئۆز ئەمەلىيىتڭىزدە كۆرسىتىڭ ،ئەگەر بۇ ئويلىغانلىرىڭىزنى ئۆز ئەمەلىيىتڭىزدە كۆرسەتمىسىڭىز سىزنىڭ بارلىق ئارزۇيىڭىز قۇرۇق خىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ ،ئاكتىپ ھالدا ھەركەتلەنسىڭىز ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنالايسىز .
قەدىمكى گىرىكلەرنىڭ ئەپسانەلىرىدە،جوڭگونىڭ قەدىمكى كىچىك ھىكايىلىرىدە ،بەزى كىشلەرنىڭ قۇشلارغا ئوخشاش كۆك ئاسماندا ئۇچقانغا دائىر ھىكايىلەر سۆزلىنىدۇ .لىكىن ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم پەن تەرەققىياتىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى ،كىشلەرنىڭ قۇشلارغا كۆك ئاسماندا ئۇچۇش باشتىن ئاخىر بىر گۈزەل ئارزۇ بولۇپ كەلگەن ئىدى .بىر ئارزۇ بولغان ئىكەن ،ئەلۋەتە ئۇنىڭ ئەمەلگە ئىشىىش مۇمكىنچلىكى بار.

ۋېبو رايىت 1867-يىلى 4-ئاينىڭ 16 -كۈنى تۇغۇلغان ،ئۇنىڭ ئىنىسى ئاۋىر 1871-يىلى 8-ئاينىڭ 19 -كۈنى تۇغۇلغان .بۇ ئىككەيلەن ئامىركىدا تۇغۇلغان بولۇپ 20 -ئەسىردىكى داڭلىق كەشپىياتچىلاردۇر .ئۇلار ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ خوشنىلىرنىڭ دۇكىندىكى بۇزۇلۇپ كەتكەن ھارۋىلارنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان يۈك توشۇش ھارۋسى قىلىپ  ياساپ چىققان .1894 -يىلى ئۇلار ۋەلىسپىت دۇكىنى ئىچىپ ،ۋەلىسپتنى قوراشتۇرۇش ،رىمۇنىت قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.لىلىندارنىڭ پىلانىرنى  سىناق ئۇچۇرۇش مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىق خەۋىرى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى ئۇرغۇتقان .
1896 -يىلى لىلىندارنىڭ سىناق ئۇچۇشى مەغلۇپ بولىشى  بۇ ئاكا ئۇكا رايىتلارنىڭ ئايرۇپىلاننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى رول سۇپىسىغا قارىتىشىغا تۈرتكە بولغان .ئۇلار قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلغان،شۇنداقلا ئاۋىئاتسىيە ئىلمىگە دائىر كىتاپلارنى يىغىپ نەزەريىۋى بىلىملەر ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدەنگەن .بۇ ۋاقىتتا ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرى ئىغىر تالاپەتكە ئۇچۇرغان .ئايرۇپىلان تىخنىك پىر ئايرۇپىلان پارتىلاپ كىتىىش سەۋەبىدىن  ئۆلۈپ كەتكەن ،ئىغىر پىلىموت كەشپىياتچىسى ماكىبىننىڭ سىناق ئۇچۇشى مەغلۇپ بولغان ،   
      
ئاۋىئاتسىيەشۇناس لەنلىلىيەن ئايرۇپىلانغا ئادەم ئىلىپ ئۇچۇپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن.كۆپلىگەن كىشلەر ،ئايرۇپىلان ئۆزىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە تايىنىپلا ئۇچقاندا بىخەتەر بولمايدىكەن دەپ ئويلىغان .ئەمما بۇ ئاكا ئۇكا رايىتلار داۋاملىق تىرىشپ ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچمىگەن .1900-يىلدىن 1902 -يىلغىچە ،بۇ قىسقىغىنا 2 يىل .ئىچىدە بۇ ئاكا ئۇكا پىلانىرنى 1000 قىتىمدىن ئارتۇق سىناق ئۇچۇرۇشتىن سىرت يەنە ئۆزى ياساپ چىققان 200 دىن ئارتۇق  ئوخشاش بولمىغان ئايرۇپىلان قانىتىغا ھاۋا تونىلى تەجىربىسىنى ئىلىپ بارغان ،لىندانىڭ بەزى خاتا سانلىق مەلۇماتلىرنى تۈزەتكەن ،تىخمۇ زور  كۆتۈرلۈش كۈچىگە ئىگە بولغان ئايرۇپىلان قانىتىنىڭ شەكلىنى لاھىلەپ چىققان .1903-يىلى ،بۇ ئاكا ئۇكا  رايىتلار ئۆز ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە تايىنىپ ئادەم ئىلىپ ئۇچالايدىغان «ئۇچقۇچى 1-نۇمۇر»نى ياساپ چىققان. 12-ئاينىڭ 14 -كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە «ئۇچقۇچى 1-نۇمۇر » 4 قىتىم سىناق ئۇچۇرۇلغان ،سىناق ئۇچۇش ئامىركىنىڭ شىمالى كارۇلنا شىتاتىدىكى بىر قوملۇقتا ئىلىپ بىرىلغان . 1- قىتىملىق سىناق ئۇچۇرۇشتا ئۇكىسى ئاۋىر ئايرۇپىلاننى ھەيدىگەن ،جەمىئى 36 مىتىر ئۇچقان ،بوشلۇقتا 12 سىكۇنىت تۇرغان.4-قىتىملىق سىناق ئۇچۇشتا ۋىبو ئايرۇپىلاننى ھەيدىگەن ،جەمئى 260 مىتىر ئۇچقان ،بوشلوقتا 59 سىكۇنىت تۇرغان .
بۇ ئايرۇپىلان ئاۋىئاتسىيە تارىخدىكى ئەڭ داڭلىق ئايرۇپىلان ھىساپلىنىدۇ ،بۇ ئايرۇپىلان ھازىر ئامىركىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئايرو -بوشلۇق مۇزىيخانسىدا ساقلاقلىق .ئامىركىلىق بۇ ئاكا ئۇكا رايىتلارنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ئادەملىك ئالەم قاتنىشىنى بارلىققا كەلتۈردى .
بۇ ئامىركىلىق ئاكا ئۇكا ھەقىقى تۈردە ئىنسانلارنڭ  كۆك ئاسمانغا ئۇچۇش چوڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى .
شۇڭلاشقا بۇ ئامىركلىق  ئاكا ئۇكا رايىتلار كىشلەر تەرىپىدىن ئايرۇپىلان ئاتىسى دەپ ئاتالدى .




26.مۇۋاپىقىيەت ۋە بايلىقنىڭ ھەممىسى ئارزۇ قىلىشتىن كىلىدۇ .


ناپالىئۇن مۇنداق بىر  ھىكمەتلىك سۆزنى قىلغان :بارلىق مۇۋاپىقىيەت ۋە بارلىق بايلىقنىڭ ھەممىسى شۇ بىر مۇستەققىل قاراش ۋە بىر ئارزۇدىن كىلىدۇ .،بىز بۇ ھىكمەتلىك سۆزدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى ،ئەڭ ئۇلۇغۋار مۇۋاپىقىيەت ئەنە شۇ ئۇلۇغۋار ئارزۇدىن كىلىدۇ .
ئەگەر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بولسا ،ئۇنداقتا مۇۋاپىقيەت ئانچە يىراقتا ئەمەس.شىئىر ئەپەندى ئارزۇغا مۇناسىۋەتلىك ھىكمەتلىك سۆزدىن يەنە بىرنى قىلغان:،ھەر قانداق بىر ئىشنى پەقەت مىڭىڭىز ئويلاشقا جۈرئەت قىلالىسىلا ،سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز قەتئى ئۆزگەرمەيدۇ ،سىز چوقۇم قىلالايسىز ،سىز چوقۇم مۇۋاپىقىيەت قازىنالايسىز .مۇۋاپىقىيەت قازەانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئەمەسمۇ ؟
بىز بىرلىكتە خوئىرسى ئەپەندىنىڭ ئىش ئىزلىرىغا قاراپ باقايلى .ئۇ 24 ياش ۋاقتىدا ،تۇيۇقسىز شىركەتتە ئىشتىن بوشىتىلغان ،،گەرچە ئۇ ئەسلىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچىسى بولسىمۇ،لىكىن  بۇ قىتىمقى ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار ئىلپ كەلگەن،تەڭىردىن ئاغرىنغان .لىكىن خوئىرسى ئۆزدىن ئاغرىنىۋەرسە ھىچ ئىشنى ۋوجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى .شۇڭلاشقا ئىشتىن بوشىتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ،ئۇ بىكار ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلنىپ ئۆزىنىڭ كىشلىك ھاياتىنى ياخشى پىلانلىدى .خوئىرسى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىق ئارزۇلىرنى قەغەزگە يىزىپ چىقتى ،جەمىئى 107 ئارزۇ ،بۇلار ئاساسەن تۇرمۇش ،شان شەرەپ كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى .ئۇ ئەڭ ئاخىردا ئەڭ چوڭ ئەڭ مۇھىم  بولغان مۇنداق ئىككى ئارزۇسىنى ئارزۇ تىزىملكىنىڭ ئەڭ ئۈسىتىگە يازدى ،زەيتۇن توپ كوماندىسىنىڭ تىرنىرى بولۇش ۋە كوماندىنى ياخشى يىتەكلەپ دۆلەتلىك چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش .ئۇ ئارزۇلىرنى تىزغان ۋاقىتتا قايسىلىرنى ئەمەلگە ئاشۇرالامەن ،قايسىلىرنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسمەن دىگەنلەرنى ئويلاشمىدى .ئۇ ئۆزىگە ئارتۇقچە يۈك ئارتىۋىلىشنى خالىمىدى .ئۇ ئۆزىگە زەربە ئىلىپ كەلگەن بارلىق ئۈمۈدسىزلىكنى يىراقلارغا تاشلىۋىتىپ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىرىشىپ كەتتى .
نەچچە يىل  ئىچىدىلا كىشلەر ئويلاپ يەتمىگەن ئەھۋاللار يۈز بەردى .خوئىرسى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماستىن بەلكى ئەينى ۋاقىتتا يازغان 107 ئارزۇنىڭ 93 نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولدى ،ئۇنىڭ پۈتۈن ئارزۇيىنىڭ 87 پىرسەنتى ئىشقا ئاشتى دىگەن گەپ .
ئويلاپ بىقىڭ ،خو ئىرسىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغىنى ئارزۇنىڭ سىھرى كۈچىنىىڭ ئىىسپاتى ئەمەسمۇ ؟
ئەمەليەتتە ئامىركىغا قارايدىغان بولساق ،ھەممىلا يەردە ئازۇنىڭ سىھرى كۈچنى بايقاپ يىتەلەيمىز .
ئەگەر ئۇلار ئويلاشقا جۈرئەت قلالمىسا ،سىز ھازىرقى مۇستەققىل بولغان ئامىركىنى كۆرەلەمتىڭىز ؟
ئەگەر ئۇلار ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولسا، ئامىركا يەنىلا ئەنگىليەنىڭ مۇستەھكەملىكىدە تۇراتتى .بۇرۇنقىدەكلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىكىنزارلىقنى تىراتتى .
ئامىركا ۋاشىگىتوننىڭ يىتەكچىلىكىدە ئاندىن ئويلاشقا جۈرئەت قىلالىغان ،شۇڭلاشقا ئامىركا ھازىرقىدەك شانلىققا ئىرىشكەن .
دوستۇم ،ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ ،ئارزۇنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن زوردۇر !سىز يەنە نىمىگە ساقلايسىز ؟ئويلاڭ ،ئارزۇلىرىڭىزنى تىزدىن يىزىپ چىقىڭ ،چۈنكى مۇۋاپىقىيەت ۋە بايلىقنىڭ ھەممىسى شۇ ئارزۇدىن كىلىدۇ .







27. سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى باشقىلار ئوغۇرلاپ قاچمىسۇن           

ئۇ بىزنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئەمدىلا قەدەم قويغاندىكى بىرىنجى سائەتلىك دەرسىمىز ئىدى .بىزنىڭ سىنىپ مۇدىرىمىز ــ  دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بىزگە مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بەردى :


ئىككى يىلنىڭ ئۇ مائارپ كومتىتىنىڭ تەشكىللىشىدە بىر نەچچە مۇنەۋۋەر  ئوقۇتقۇچى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئۈگۈنۈش جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇردى .بىر كۈنى ،ئۇلار ۋە بىر توپ بالىلار ئامىركىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدا پائالىيەت قىپتۇ .ئۇلار ئويۇن ئويناۋاتقاندا ،چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى ئۇلارنىڭ يىنىغا كەپتۇ ،ۋە بالىلارغا دەپتۇ :مىنىڭ نىمىشقا سىلەرنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلغىنىمنى بىلەمسىلەر؟
مەن سىلەرگە بىر ھىكايە سۆزلەپ بىرىش ئۈچۈن بۇ يەرگە تەكلىپ قىلدىم  ،بۇ ھىكاينىڭ باش پىرسۇناژى يەنىلا بىر كىچىك بالا .
بۇ بالىنىڭ دادىسى بىر سەييارە ئات كۆندۈرگۈچى .بۇ ئات كۆندۈرگۈچى ئۆمۈر بويى ئالدىراشچانلىق ئىچىدىلا يۈرىدىكەن ،بىر ئاتخانىدىن يەنە بىر ئاتخانىغا ،بىر بە★يگە مەيدانىدىن يەنە بىر بەيگە مەيدانىغا ،چارۋىچىلىق مەيدانىدىن يەنە بىر چارۋىچىلىق مەيدانىغا يۆتكىلىپ يۈرۈپ ئاتلارنى تەربىلەيدىكەن .نەتىجىدە ،ئوغىلىنىڭ تولۇقسىزدىكى ئوقۇشى توختىماي قالايمىقانچىلىقا ئۇچراپتۇ .ئوغلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقىتتا ،مۇئەللىم ئۇنىڭغا چوڭ بولغاندىن كىيىن قانداقراق ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقنى ،قايسى ئىشلارنى كۆرۈشنى ياخىش كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر پارچە ماقالە يىزىشنى تەلەپ قىپتۇ .ئۇ كۈنى كەچتە ئات كۆندۈرگۈچىنىڭ ئوغلى ئۆزىنىڭ نىشانىنى تەسۋىرلەپ 7 بەتلىك ماقالە يىىزىپ چىقىپتۇ .ئوغلى بىر  كۈنى ئۆز ئالدىغا بىر چارۋىچىلىق مەيدانى بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن .ئۇ ماقالىسىنىڭ بىر بىتىگە 200 ئاكىر (بىر ئاكىر تەخمىنەن  4046.86 كۋادىرات مىتىرغا توغرا كىلىدۇ) كىلىدىغان بىر چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ سىخمىسىنى سىزىپ چىقىپتۇ ۋە ئۈسىتىگە بارلىق ئۆي ،ئاتخانا ۋە يۈگرەش مەيدانىنى بەلگە قىلىپتۇ .ئاندىن كىيىن 4000 كۋادىرات فۇت(بىر كۋادىرات فۇت تەخمىنەن 0.093 كۋادىرات مىتىرغا توغرا كىلىدۇ) كىلىدىغان ئۆينىڭ لاھىيەلىرنى سىزىپ چىقىپتۇ ،بۇ ئۆي دەل 200 ئاكىر كىلىدىغان ئارزۇ چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئىكەن .ئۇ پۈتۈن قان تەرىنى ئۇنى پىلانلاشقا سەرپ قىلىپتۇ .ئىككىنجى كۈنى ئۇ ماقالىسىنى مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بىرىپتۇ .ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن مۇئەللىم ماقالىنى كۆرۈپ بولۇپ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بىرىپتۇ .ئۇ ماقالىنىڭ بىرىنجى بىتىگە مۇئەللىمنىڭ قىزىل قەلەمدە يوغان قىلىپ
ھەرپىنى يىزىپ قويغانلىقىنى بايقاپتۇ (ماقالە ئەڭ ياخشى يىزىلسا  ``F``
ھەرپ قويۇلىدۇ ،ئەگەر ماقالە ئەڭ ناچار يىزىلسا ``A``
ھەرپى قويۇلىدۇ ).يەنە مۇنداق بىر ئەسكەرتىش يىزىپ قويۇپتۇ :ھەممە ``F``
   دەرس ئاخىرلاشقاندا سەن قىلىپ قال ،ساڭا دەيدىغان گىپىم بار .
قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇنى پۈككەن بۇ ئوغۇل بىر كۈنلۈك دەرس ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مۇئەللىمنى ئىزدەپ سوراپتۇ :مۇئەللىم نىمىشقا مەن يازغان ماقالىنى ئەڭ ناچار دەپ باھالاپ قويدىڭىز ؟
مۇئەللىم دەپتۇ :سەندەك بۇ كىچىك بالىغا  بۇلار بىر ئەمەليەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئارزۇ .سىنىڭ پۇلۇڭ يوق .سەن ھەممە يەردە لەيلەپ يۈرىدىغان مۇقىم ئولتۇراق ئۆيى يوق بىر ئائىلىدىن كەلگەن .سەن ئارزۇ قىلغان بۇ چاۋىچىلىق مەيدانىنىڭ پۈتۈشى ئىنتايىن كۆپ پۇلغا ئىھتىياجلىق ،سەن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ  يەر سىتىۋىلىشىڭ ،نەسىللىك ئات سىتىۋىلىشىڭ كىرەك ،يەنە كۆپلىگەن پۇل خەجلەپ ئۇلارنى تەربىيىلىشىڭ كىرەك .لىكىن سىنىڭ ئۇنچىلىك ئىقتىسادى مەنبەيىڭ يوق ،شۇڭلاشقا بۇ بارلىق  ئارزۇلىرىڭ ئىشقا ئاشمايدۇ .
مۇئەللىم كەينىگە يەنە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قوشۇپ قويۇپتۇ :ئەگەر بۇ ماقالىنى قايتا يازساڭ ،بىكىتكەن نىشانلىرىڭ ئەمەليەتكە ئۇيغۇنراق بولسا ،سىنىڭ ماقالەڭگە يۇقىرى نۇمۇر قويۇشنى ئويلىشىپ باقسام بولىدۇ .بۇ بالا ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن قايغۇلۇق ئىچىدە يەنە ئۇزاق ۋاقىت ئويلىنىپتۇ .ئۇ دادىسىدىن قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى سوراپتۇ .
دادىسى:بالام ،بۇ ئىشنى سەن ئۆزۈڭ قارار قىلغان .بىراق مىنىڭ نەزىرىدە سىنىڭ بۇ دىگەنلىرىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر قارارنى چىقارغانلىقىڭدۇر .
بۇ بالا ئۆزى يازغان ماقالىنى بىر قايتا كۆرگەندىن كىيىن ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەي ئەسلدىكى ماقالىنى مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بىرىپتۇ .ئۇ مۇئەللىمگە بىلدۈرۈپتۇ :مۇئەللىم ،سىز يەنىلا
ھەرپىنى خاتىرلەۋىرىڭ ،مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ ئارزۇلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇۋىرەي .``F``
   سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ،بۇ چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دەپتۇ :سىلەر ئاللىقاچان پەرەز قىلىپ يىتىپ بولدۇڭلار ،بۇ ھىكايىدىكى باش پىرسۇناژ بالا دەل مەن بولىمەن .سىلەر ھازىر دەل 200 ئاكىر كىلىدىغان چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ مەركىزىدە ئولتۇرۋاتىسىلەر ،4000 كۋادىرات فۇت كىلىدىغان ئۆي مانا بۇ يەردە .مەن ھىىلىقى ئوقۇغۇچىلىق دەۋىرىمدە يازغان ماقالەمنى تاكى ھازىرغىچە ياخشى ساقلاپ كەلدىم .ئۇ قوشۇپ يەنە مۇنداق دەپتۇ : بۇ ھىكاينىڭ ئەڭ قىزىق يىرى بولسا ،ئككى يىلنىڭ ئالدىدىكى يازدا ،ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇتقۇچۇم 30 بالىنى باشلاپ مىنىڭ بۇ چارۋىچىلىق مەيدانىغا يىتىپ كەلدى ۋە بۇ يەردە بىر  بىر ھەپتە دالا پائالىيىتى قىلدى .
   مۇئەللىم بۇ يەردىن ئايرىلىش ئالدىدا ماڭا مۇنداق دىدى : ئەينى ۋاقىتتكى ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى مەن ساڭا دەپ بىرەي ،مەن سىنىڭ ئوقۇتقۇچۇڭ بولغان ۋاقىتتا ،مەن  ئۆزۈمنى بىر «ئارزۇ ئوغۇرسى» دىسەممۇ بولىدۇ .مەن ئەينى يىللىرى نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئارزۇلىرنى ئوغۇرلاپ قاچتىم .بەخىتكە يارىشا ،سەن يىتەرلىك جۈرئەت ۋە يۈكسەك ئىنتىلىش قىزغىنلىقىڭغا تايىنىپ ،ئاخىرغىچە بەل قويۇۋەتمەي بارلىق ئارزۇيىڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ .مەن ئەينى ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ئىرادىسىنى سىناش بۇ مەسىتىدە شۇ ماقالىنى يىزىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ،مەنمۇ سىنىڭ ماقالەڭنى مەقسەتلىك ناچار قىلىپ باھالىغان .
   شۇڭلاشقا ،باشقىلار سىزگە قانداق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بىرىشىدىن قەتئنەزەر سىز چوقۇم يۈرىكىڭىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىڭ  ،ھەر گىزمۇ باشقىلار سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئوغۇرلاپ قاچمىسۇن .
   بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەر بىزنىڭ ئارزۇيىمىزغا تاجاۋۇز قىلىدۇ ،نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىزنى ئاداشتۇرۋاتىشقا يۈزلىنىدۇ .ئەتراپىىمىزدىكى كۆپىلىگەن كىشلەر بىزنىڭ ئارزۇيىمىزنى  ئەمەلگە ئاشۇرىشىمزىغا قاتتىق زەربە بىرىدۇ :سىنىڭ بۇ ئارزۇيۇڭ ئەمەلگە ئاشمايدۇ ،سىنىڭ ئارزۇيىڭ ئەمەلگە ئۇيغۇنراق بولسۇن .
   سىز ھەرگىزمۇ سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى باشقىلارغا ئوغۇرلىتىپ قويماڭ .كەسىپتە مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممسى ئارزۇشۇناسلاردۇر .كۈندىلىك ئۇششاق -چۈششەك ئىشلاردىمۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇيىنى كۆرەلەيدۇ .بەزى كىشلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇلىرنى يوقىتىپ قويۇۋاتىدۇ ،يەنە بەزى كىشلەر ھەر خىل جاپا مۇشەققەت ۋە ئىزىقتۇرۇشلاغا باش ئەگمەي ئۆزنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇلىرنى قوغداپ كىلىۋاتىدۇ ،ۋە بۇ ئارزۇلىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئىزدىنىدۋاتىدۇ .
   ئەلۋەتتە ،ئەڭ ئاخىرقى مۇۋاپىقىيەت ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇلىرنى ساقلاپ قالغان ۋە شۇ ئۇلۇغۋار ئارزۇلرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشقان كىشلەرگە مەنسۇپتۇر.
   ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىن سۇئال سورىماقچى بولساق ئۇ سۇئال چوقۇم مۇنداق بولىشى كىرەك :مەن، قايسى تەرەپكە ماڭىمەن ؟
   ئەگەر سىز بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى شۇ ۋاقىتتىلا تاپالىسىڭز،ئۇنداقتا سىز ناھايتىمۇ تەلەيلىككەنسىز .سىز باشقىلارغا قارىغاندا تىخمۇ بەخىتلىك ئىكەنسىز .لىكىن سىزنىڭ ئىھتىيات قىلىدىغىنىڭىز شۇكى :باشقىلار سىزنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار ئارزۇيىڭىزنى ئوغۇرلاپ قاچمىسۇن .
   ئەگەر سىز راستىنلا قىلالىسىڭىز ،مەن سىزنى تەبرىكلەيمەن ،يەنە بىر قەدەم ماڭسىڭىزلا مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشەلەيدىكەنسىز .مىڭىڭ ،تۈز مىڭىڭ ،سىرتقى مۇھىتنىڭ ھەر قانداق ئىزىقتۇرىشىغا ئۇچۇرماي ،بىكىتكەن نىشانىڭزغا قاراپ تۈز ماڭالىسىڭىزلا چوقۇم مۇۋاپىقىيەت قازىنالايسىز .
   ئەڭ ئاخىردا يەنە ئەسكەرتىدىغىنىم بەكلا ئىھتىيات قىلىڭ !باشقىلار سىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇيڭىزنى ئوغۇرلاپ قاچمىسۇن .
   
   

28.ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىسىز ؟

1. ئارزۇيىڭىزنى راۋانلاشتۇرۇڭ                                   
   ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈڭ ،كەلگۈسىدە سىز قايسى ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ئويلاشتىڭىز ؟ئاندىن بارلىق ئىشلارنى رەت تەرتىپى بويىچە يىزىپ چىقىڭ .مۇشۇنداق قىلغاندا ھەر بىر ئارزۇيىڭىزنى ئىنىق ئەستە تۇتۇشىڭىزغا بەك پايدىسى بولىدۇ .مىنىڭ تەكلىپىم ئارزۇيىڭىزنى يەنىلا رەتلىك يىزىپ چىققىنىڭىز ياخشى ،ئەگەر قەلەم تەۋىرتىشكە ھورۇنلۇق قىلسىڭىز ،ئۇنداقتا ئۆزىڭىزدىن سۇئال سوراش ئارقىلىق ئارزۇيىڭىزنى رەتلەپ چىقىڭ .مەسىلەن:
``ئەگەر مەن ........ئۇنداقتا ``دىگەندەك .مۇشۇنداق ئۆزىدىن سۇئال سوراش ئۇسۇلى سىزنىڭ تەپەككۇر كۈچىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ .يەنە ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سۇئاللارنى سوراپ بىقىڭ :ئەگەر مەن دۇنيادىكى ھەر قانداق كەسىپنى خالىغىنىمچە تاللىيالىسام ،ئۇنداقتا مەن قايسى خىزمەتنى تاللايمەن ،قايسى خىزمەت ماڭا ئەڭ ماس كىلىدۇ؟ئەگەر مىنىڭ يىتەرلىك پۇلۇم بولسا ،مىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشىم قانداق ئۆتەر ؟
سىز بۇ سۇئاللىرڭىزغا جاۋاپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز تىخمۇ ئۇرغۇپ تاشىدۇ .
     2 . ئارزۇنىڭ كۆرۈش سىزىمىنى ئىنىق بولغان كىلەچەكتىكى مەنزىرگە  قارىتىڭ .         

ئارزۇنى كۆرۈش سىزىمىگە ئايلاندۇرۇش بولسا ئوي خىيالىنى ئىنىق بولغان كەلگۈسىگە  كۆرەك قىلىشتۇر .بۇ يەردە تىلغا ئالغان كەلگۈسى ئەنە شۇن ئىرىلاندىيە يازغۇچىسى سىۋىفۇنىڭ دىگىنىگە ئوخشاش .كەلگۈسىنى كۆرۈش باشقىلار كۆرەلمىگەن نەرسىلەرنى كۆرۈش ئۇسۇلىدۇر .ئۇ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى تىخمۇ روشەنلەشتۈرىدۇ ،ھەر قانداق سىزنىڭ بۇ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ ،ھىچقانداق ئادەم سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئوغۇرلاپ قاچالمايدۇ .
بەزى ئارزۇ ئىنىق بولماسلىقى مۇمكىن ،لىكىن كەلگۈسى چوقۇم ئىنىق بولىدۇ .سىز كەلگۈسىڭىزنى بىكىتكەندىن كىيىن سزىنڭ ئىلگىرلەيدىغان ★يۆنىلىشىڭىز ،كۈرەش قىلىدىغان نىشانىڭىز بولىدۇ .كەلگۈسى ئەنە شۇ قويۇلماقچى بولغان كىنونىڭ مۇقەددىمىسىگە ئوخشايدۇ .ئەگەر سىز كەلگۈسىڭىزنى بىكىتىپلا قالسىڭىز ،سىزنىڭ ئويلىنىدىغىنىڭىز ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئىشىش ئاشماسلىقى ئەمەس بەلكى ئارزۇنىڭ قاچان ئەمەلگە ئاشىدىغانلىق مەسىلىسى .
كەلگۈسى مەنزىرە بولسا كىشلەرنىڭ مىڭىسىدە ساقلانغان ئۆزىنى ئۆزى ئىلھاملاندۇرىدىغان كۈچ ،ئەگەر كەلگۈسىنىڭ بۇ ئىنىق مەنزىرسى بولمايدىكەن ،ئۇنداقتا سىز دىڭىزدا نىشانسىز يۈرگەن كىمىگە ئوخشاپ قالىسىز .

3. ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزۈڭ           
بۇ باسقۇچ بولسا   ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلانىنى تۈزۈش ،پەقەت ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلانىنى تۈزگەن ۋاقىتتىلا ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇيىڭىزغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىسىز .
بۇ پىلان ئىغىزىڭىزدا مۇنداقلا دەپ قۇيۇش ئەمەس بەلكى ھەقىقى باش چوكۈرۈپ شۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتۇر .
ئارزۇنىڭ پىلانىنى تۈزۈش بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشدىكى ئەھمىيىتى ناھايتىمۇ زور .
ئەگەر سىز بانكىدىن بىر مىليۇن قەرز ئىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىگىلىكىڭىزنى ياراتماقچى بولسىڭىز ،بانكا خادىمى سىزدىن ئىگىلىك ياراتماقچى بولغان پىلانىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ ،چۈنكى بانكا خادىمى، ئەگەر ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئەتراپلىق پىلانى بولمىسا ياراتقان ئىگىلكنىڭ ناھايتىمۇ تەستە مۇۋاپىقىيەت قازىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ .بۇ ئەنە شۇ بىياجىنىڭ دىگىنىگە ئوخشاش،بىياجى مۇنداق دىگەن :ئەگەر سىز قەيەرگە بىرىشنى بىلمىسىڭىز ،ئۇنداقتا سىز مەڭگۈ نىشانىڭىزغا يىتەلمەيسىز .




29.ئارزۇ پىلانى تۈزۈشنىڭ ئۈچ چوڭ باسقۇچى


                    
ئازۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قانداق پىلان تۈزۈش كىرەك ؟بۇ پىلان ئادەتتە مۇنداق ئۈچ  باسقۇچقا بۆلىنىدۇ .

1.باسقۇچ:كىشلىك ھايات نىشانىڭىزنى تىزىپ چىقىڭ         
كىشلىك ھايات نىشانىنى تىزىپ چىقىش ،ئەمەليەتتە ئۆزىنىڭ كىشلىك ھاياتىنى قەغەزگە يىزىپ رەتلەپ چىقىشتۇر .
بۇ ئارزۇ تىزىسىغا كىشىنى ئلھاملاندۇرۇش كۈچى بولغان سۆزلەرنى يىزىپ قويۇڭ .
بۇ ئۆزىنى ئۆزى ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ كۈچى زادى قانچىلىك؟
بىز بىرلىكتە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى .
500 كۈچلۈك شىركەتنىڭ بىرى بولغان ئامىركا ئۇنىۋىرسال ئاپتۇمبىل شىركىتى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن ،دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا ،ئىلھاملاندۇرۇش كۈچى ئەڭ زور بولغان مۇنداق بىر شۇئارنى ئىشلەتتى .پەقەتلا 3 خەتلىك شۇئار ،بۇ ئۇنىۋىرسال ئاپتۇمبىل شىركىتىنى قۇتقۇزۇپلا قالماي يەنە بۇ شىركەتتىكى ھەر بىر ئەزانىڭ جۇشقۇنلىقىنى ئۇرغۇتتى .ئۇلار بۇ شۇئار ئۈچۈن ،مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپتىنى تىخمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن ،كۈچلۈك ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن تارىختىكى ئەڭ ياخشى مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئاپتۇمبىل سۈپەت تەشۋىقات ئۇرۇشىنى ئىلىپ باردى .شۇنداقلا بۇ ئىس تۈتەكسىز جەڭدە ئۇلار ياخشى نەتىجىگە ئىرىشتى .بۇ قىسقا ئەمما ئۇلۇغۋار بولغان شۇئار زادى نىمىدۇ ؟
بۇ شۇئار بولسا:«تاشقا ئوخشاش چىدامچان بولۇش»بۇ خىل ئىددىيە بىزنىڭ دىلىمىز ئۈچۈن ،ئاپتۇمۇبىل ياساش ئۈچۈن،شىركەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .«تاشقا ئوخشاش چىدامچان روھ» ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ .
2.باسقۇچ :ئارزۇنى كونكىرت نىشانغا بۆلۈش                     
ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان كىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى يازما نىشانى يوق كىشلەردۇر ،ئۇلار ھەر دائىم ئۆزىگە ئەسكەرتىدۇ ئەمما بۇ يازما نىشاننى قانداق يىزىشنى بىلمەيدۇ .بەزى ئىشلاردا ھەر دائىم ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتسىيىدە بولىدۇ .
ئۇلار قانداق يىزىشنى بىلمەسلىكىنىڭ ھەقىقى سەۋەبى شۇكى ئۇلار يىزىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ ،ياكى بولمىسا يازغاندىن كىيىن ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ ،شۇڭلاشقا ئۇلار يازمايدۇ ،شۇنداق قىلىپ مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تىتىپ كۆرۈشكە  سىناپ باقمايدۇ .
سىز ئەستايىدىل ئويلىنىپ بىقىڭ ،ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇيىڭىزغا مەسئۇليەتچان بولمىسىڭىز يەنە كىم سىزنىڭ كىشلىك ھاياتىڭىزغا مەسئۇل بولىدۇ ،سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزگە مەسئۇل بولىدۇ .شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتلىق شۇئارىڭىزنى چوقۇم يىزىپ چىقىشىڭىز ،شۇنداقلا بۇ ئارزۇيىڭىزنى كونكىرت نىشانلارغا بۆلۈپ چىقىشىڭىز ،ئۇنىڭىدىن كىيىن بۇ نىشانىڭىزغا يۈكسەك مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسىدا بولىشىڭىز لازىم .
پەقەت سىز مۇشۇنداق قىلالىسىڭىزلا ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز ،كىشلىك ھاياتتا تىخمۇ ياخشى مۇۋاپىقىيەتلەرنى قازىنالايسىز .
تۆۋەندە بىز بىرلىكتە ئارزۇنى كونكىرت نىشانلارغا بۆلۈپ چىقايلى         .
سىز ئەڭ ئالدى بىلەن بەش ۋاراق قەغەز ئىلىپ بەش ۋاراق قەغەزگە ئايرىم -ئايرىم ھالدا مۇنداق بەش سۆزنى يىزىڭ .
ئىتىقاد Faith
ئائىلە Family
دوسىت Friend
بايلىق Finances
ساغلاملىق Fitness
بۇلارنى يىزىپ بولغاندىن كىيىن ھەربىر ۋاراق قەغەزنىڭ ئوڭ تەرىپىگە مۇنۇ مەزمۇنلارنى يىزىڭ .
ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشان (3يىلدىن 5 يىلغىچە )
ئوتتۇرا دەۋىرلىك نىشان (6 ئايدىن 1 يىلغىچە )
قىسقا مۇددەتلىك نىشان (1 ئايلىق )
ئۈسىتىدىكى مەزمۇنلارنى يىزىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىڭىزنى بىكىتسىڭىز بولىدۇ .لىكىن بۇ نىشان چوقۇم كونكىرت ،ئەمەليەتچانلىقى يۇقىرى ،شۇنداقلا ئۆزىڭىزگە جەڭ ئىلان قىلالايدىغان ۋە ئىجادچانلىق روھىڭىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان بولىشى كىرەك .
سىز ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىىڭىزلا چوقۇم قىلالايسىز ،سىز توغرا تاللىيالىسىڭىزلا چوقۇم ياخىش مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشەلەيسىز .

3.باسقۇچ :ھەر كۈنلۈك ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرڭ   

ئارزۇنى كونكرت  نىشانلارغا بۆلگىلى بولغانغا ئوخشاش نىشانىنىمۇ كۈندىلىك كونكرت ۋەزىپىلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ .
سىز كۈندىلىك ۋەزىپە تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىسىڭىز شۇنداقلا بۇ ۋەزىپە تىزىملىكى بويىچە ئەستايىدىل ئىش بىجىرسىڭىز ،ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ سىز چوقۇم ھەيران بولغان ھالدا بۇ ۋەزىپە تىزىملىكى رولىنىڭ ناھايتىمۇ زور ئىكەنلىكىنى بايقايسىز .چۈنكى ۋەزىپە تىزىملىكى سىزنى مۇۋاپىقىەتكە ئۈندەپلا قالماي يەنە تىخى سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ .
بىر داڭلىق شەخىس مۇنداق دىگەن :ۋەزىپە تىزىملىكى سودىىنى ياخشى ئىلىپ بىرشنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى ،ئۇنىڭ تەسىر كۈچى تىلفۇن ۋە تور دۇنياسىنىڭ تەسىر كۈچىدىن بىىسپ چۈشىدۇ .يەنە بەزىلەر مۇنداق دىگەن :ئەگەر،سىزدە تىلفۇن،كومپىيوتىر ،فوتو تىلىگىراف ،ۋەزىپە تىزىملىكى بولسىلا دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلالايسىز ،ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى ئىستىلا قىلالايسىز .
بۇ ئادەمنىڭ دىگەنلىرىدىن شۇنى ھىس قىلىشقا بولىدۇكى ۋەزىپە تىزىملىكىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ،ۋەزىپە تىزىملىكىنى ياخشى تۈزۈپ چىقسىڭىز سىز نىڭ تۇرمۇش ،خىزمەت ئىشلىرىڭىزنىڭ يۈرۈششى تىخمۇ ئەتراپلىق ،مۇكەممەل بولىدۇ .


30.ئارزۇ قوللانمىڭىزنى  لاھىلەپ چىقىڭ     3

ھازىر سىزنىڭ ئارزۇ قوللانمىڭىزنى لاھىلەيدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى ،مەن سىزگە ئارزۇ قوللانمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر كىتاپنى ئالاھىدە تەۋىسيە قىلاي .
«مۇۋاپىقىيەت ئىنجىلى »،بۇ كىتاپ سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇ قوللانمىڭىز بولالايدۇ ،بۇ كىتاپنىڭ ئارزۇغا مۇناسىۋەتلىك مۇل ساۋاتلار سىز ئۈچۈن تەييارلانغان .مەن سىزنىڭ بۇ كىتاپقا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئەمدى سىز ئارزۇ قوللانمىڭىزنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە لاھىلەپ چىقىڭ .
1.ئارزۇ تىزىملىكىنى يىزىپ چىىقىڭ                 
2.مۇھىملىق دەرىجىسىنى تەرتىپكە تىزىڭ            
3.يازغانلىرىڭز ئىچىدىن چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان 5 نىشانىڭىزنى تاللىۋىلىڭ
     4.ھەر بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مۆھلىتىڭىزنى ئەسكەرتىڭ           5.ئارزۇيىڭىزنى يىزىق شەكلى ،رەسىم ،ئاۋاز ئارقىلىق تەسۋىرلەڭ            
ئارزۇ قوللانمىڭىزنى ھەر ئىچىپ ۋاراقلاپ كۆرۈڭ،مىڭىڭىزدە ھەر دائىم ئەكىس ئىتىپ تۇرسۇن .   
ئەڭ مۇھىم بولغان نىشانىڭىزنى ئەتتىگىنى كەچتە 10 قىتىمدىن يىزىپ چىقىڭ 8.نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەسىر قىلىدىغان ئەڭ چوڭ توسقۇنلۇقنى تىپىپ چىقىڭ .
كىم سىزنىڭ بۇ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ ؟
سىز نىمە ئۈچۈن ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدىڭىز ؟
بۇ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ ؟
سىز بۇ ئارزۇلارنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىشىڭىز كىرەكمۇ ؟نىمە ئۈچۈن؟
مەن نىمە ئۈچۈن بۇنى ئۆزۈمگە نىشان قىلىۋالدىم ؟
مەن قانداق قىلىپ بۇ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن ؟

سىز بۇ يۇقىردا تىلغا ئالغان سۇئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاپ بىرەلىسىڭز ،سىز چوقۇم ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز ،كىشلىك ھاياتىڭىزدا تىخمۇ زور بولغان مۇھۋاپىقيەتلەرنى قازىنالايسىز .

             31. ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىڭ
بىر ئادەمنىڭ قازانغان مۇۋاپىقىيىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى شۇ ئادەمنىڭ ئارزۇيىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
سىزنىڭ ئىددىيىڭىز   كىشلىك ھاياتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ . لىكىن ،سىزنىڭ ئىددىيە جەھەتتە تەييارلىق كۆرگىنىڭىز يىتەرلىك ئەمەس ،چوقۇم ئۇنى ئەمەليەتتە يۈرگۈزىشىڭىز لازىم .پەقەت سىز بىلىم بىلەن ھەركەتنى بىرلەشتۈرەلىسىڭىز ئاندىن       مۇۋاپىقىيەتكە  ئىرىشەلەيسىز .
ئەگەر سىز مۇۋاپىقىيەت قازانماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنداق بىر نوقتىنى           ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇشىڭىز كىرەك : سىز چوقۇم مەغلۇپ بولغۇچىلار ئەزىمەس     دەپ قاراپ قىلمىغان ئىشلارنى قىلىڭ .
ھازىر ،سىز ئۆزىڭىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن يۈزلىنىڭ ،تۇرمۇشىڭىزنى كۈزىتىڭ ،  سىز  ھازىرقى ھالىتىڭىز بىلەن مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كىيىنكى تەسەۋۋۇر          ھالىتىڭىزنى سىلىشتۇرۇپ باھالاپ كۆرۈڭ .ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز ۋە كەمچىلىكىڭىزنى ئىنىق تونۇڭ ،ئاندىن كەمچىلىكىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە قىلىڭ ،چوقۇم ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ كەمچىلىكنى تۈزۈتىدىغان ئادەم بولۇڭ .بىز     ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولالمايمىز ،لىكىن ،سەمىمىيىلىك بىلەن   كەمچىلىكىمىزنى ئىتراپ قىلىمىز .
باشقىلارنڭ بىزنى قانداق باھالىشى بىلەن پەرۋا قىلىپ كەتمەي ،ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇيىممىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاتلىنىشمىز ،كەمچىلىكىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىشىمىز لازىم .
ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىشلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان       ئىشەنچىسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ،ئۆزىنى ھەر دائىم خۇشال خورام تۇتىدۇ ،ئەگەر سىز مۇۋاپىقىيەت قازانماقچى بولسىڭىز ئەڭ ئاۋۋال سىز مۇشۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىشلەرگە ئوخشاش تۇرمۇشقا مۇئامىلە قىلىشىڭز كىرەك .
مەن  مەڭگۈ ئىشىنىمەن ،ھەر بىر ئادەمنىڭ ئارزۇيى بولىدىكەن ،شۇنداقلا شۇ     ئارزۇيىغا ئىتلىپ كۈرەش قىلىكەن ،ھەر بىر ئادەم چوقۇم ئارزۇيىنى ئەمەلگە         ئاشۇرالايدۇ .
                                                               

خاتىمە : مۇۋاپىقىيەت بولسا بىر خىل قارار چىقىرىش

تاغنىڭ ئۈسىتىدىكى مەنزىرلەردىن خەۋەردار بولاي دىسىڭىز ،تاغقا چىقىپ باقىمغان كىشلەردىن سورىماي بەلكى تاغدىن چۈشىۋاتقان كىشلەردىن سورىشىڭىز ياكى بولمىسا ئۆزىڭىز تاغقا چىقىپ كۆرۈشىڭىز كىرەك .
يىڭىدىن بىر ھاياتلىق ياكى بىر ئىش پەيدا بولغان ۋاقىتتا ،سىز 10 ئادەمدىن سورىسىڭىز توققۇزى ئىتراپ قىلماسلىقى ،چۈشەنمەسلىكى ،قوللىماسلىقى ھەتتا سىزگە زەربە بىرىپ مەسخرە قىلىشى مۇمكىن .بۇ ۋاقىتلار سىز ئۈچۈن بىر پۇرسەت ھىساپلىنىدۇ .
ئەگەر بىر ئەھۋالنى پەقەت 20 پىرسەنىت ئادەم ئىتراپ قىلسا ،ئۇنداقتا ئۇنىڭ 80 پىرسەنتى بوشلۇق بولىدۇ ،خىيىم -خەتىرى  20 پىرسەنىت بولىدۇ .ئەگەر بىر ئەھۋالنى 80 پىرسەنىت ئەدەم ئىتراپ قىلسا ئۇنىڭ بوشلۇقى ئاران 20 پىېسەنىت بولىدۇ ،ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۇچرايدىغان خىيىم -خەتىرى 80 پىرسەنىت بولىدۇ ،سىز بۇنداق ئىشنى ئەڭ ياخشىسى قىلماسلىقىڭىز كىرەك ،چۈنكى بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ پۇرسىتىڭىز كۆپ قالمىدى .
پۇرسەتنى ئازراق بوش قۇيۇۋەتسىلا يوقىلىپ كىتىدۇ ،سىز پۇرسەتنى تونۇپ يەتتىڭىزمۇ ؟سىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىدىڭىزمۇ ؟
سىز بەلكىم پۇرسەت يوقلىقىدىن ئاغىرنىشىڭىز مۇمكىن ،ئەگەر پۇرسەت بولغان     بولسا     مەن بۇ ھالىتىمدە تۇرمايتتىم دەپ ئويلىشىڭز شۇنداقلا پۇرسەت بولغان بولسا مەن ئۇنىڭدىن كۈچلۈك بولغان بولاتتىم ،پۇرسەت بولغان بولسا ماشىنا      سىتىۋالغان ،ئۆي سىتىۋالغان بولاتتىم دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن .
سىز  ھەقىقەتەن پۇرسەتكە ئىرىشەلمىدىڭىزمۇ ياكى پۇرسەتنى تونۇپ يىتەلمىدىڭىزمۇ ؟ياكى بولمىسا پۇرسەتكە ئىرىشىپ ئۇنى قولىڭىزدا چىڭ تۇتماي ،ئۇنى ئەمەليەتتە يۈرگۈزمەي پۇرسەتنى يوقىتىپ قويدىڭىزمۇ ؟
بۇرۇن بىرەيلەن لاتارىيەگە بەكمۇ قىزىقىپ قاپتۇ ،ئۇ بىر قىتىممۇ مۇكاپاتقا        ئىرىشىپ باقماپتۇ ،ئۇ ھەر كۈنى مىليۇنلۇق مۇكاپات چىقىشنى ئويلاپ ساراڭ بولايلا دەپ قاپتۇ ،ئەمما ئۇنىڭ ئارزۇسى پەقەتلا ئىشقا ئاشماپتۇ .شۇنىڭ بىلەن تەڭىردىن ئاغىرنىپتۇ ،تەڭىرگە بىر قىتىملىق پۇرسەت برىشىنى يالۋۇرۇپتۇ،مىھرىبان تەڭرى  ئۇنىڭ بۇ يالۋۇررىشىدىن تەسىرلىنىپ بىر قىتىملىق پۇرسەت بىرىشكە ماقۇل         بولۇپتۇ ،بۇ كىشى بەكمۇ خۇشال بولغان ھالدا ھەر كۈنى ئۆيىدە مىليۇنلۇق مۇكاپاتنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ .ھاياتى ئاخرلاشقىچە تەڭرى ماقۇل بولغىندەك مۇكاپاتقا ئىرىشەلمەپتۇ .مۇشۇنداقلا بۇدۇنيادىن كىتىپ قاپتۇ .بۇ كىشى تەڭىرنىڭ دەرگاھىغا بارغاندا ئەجەپلەنگەن ھالدا سوراپتۇ ،سىز نىمىشقا ماقۇللۇقنى بىلدۈرۈپ مۇكاپاتنى كەلتۈرمىدىڭىز ؟
مىھرىبان تەڭرى كۈلۈپ دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ :مەن ساڭا پۇرسەت بىرىشنى ئۇزاق يىللار كۈتتۈم ،ئەمما سان بىر مۇ لاتارىيە بىلىتى سىتىۋالمىدىڭ ،ھەر كۈنى ئۆيۈڭدە كۈتۈپ ئولتۇردۇڭ ،مۇشۇنداق قىلساڭ قانداقمۇ مۇكاپاتقا ئىرىشەلەيسەن ؟
مۇۋاپىقىيەت بولسا بىر خىل بۇرچ ،مۇۋاپىقىيەت بولسا بىر خىل ئىخلاس ،مۇۋاپىقىيەت بولسا بىر خىل ئادەت ،مۇۋاپىقىيەت بولسا دەرھال ھەركەتلىنىش .
بىز پۇرسەتكە يۈزلەنگەن ۋاقتىمىزدا ،نۇرغۇن كىشلەر پەقەت مىڭىسىدىلا ئويلايدۇ ،لىكىن ئەمەليەتكە يۈرگۈزمەيدۇ .
بىز بىرلىكتە يەنە بىر ھىكايە كۆرۈپ باقايلى .
ئىلگىرى ،سچۇەن چىگرا رايۇنىدا ئىككى راھىپ ياشىغان ئىكەن .بىر راھىپ كەمبەغەل ،بىر راھىپ باي ئىكەن .بىر كۈنى ،كەمبەغەل راھىپ باي راھىپقا دەپتۇ :مەن جەنۇبى دىڭىزغا بىرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن ،سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟
باي  راھىپ كمبەغەل راھىپقا دەپتۇ :بۇ يەردىن جەنۇبى دىڭىزغا نەچچە كىلومىتىر تۇرىدىغان تۇرسا ،سىز قانداق بارىسىز ؟
كەمبەغەل راھىپ دەپتۇ :مەندە پەقەت بىر سۇ بوتۇلكىسى بار ،بىر تاماق قاچىسىلا بولدى .
باي راھىپ سەل خىجىل بولغان ھالدا دەپتۇ :مەن نەچچە يىل ئىلگىرى شۇ جەنۇبى دىڭىزغا بىرىشنى ئويلىغان ئىدىم ،لىكىن ھازىرغىچە بارالمىدىم ،سىز يەنىلا بارماڭ .نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن كەمبەغەل راھىپ جەنۇبى دىڭىزدىن قايتىپ كەپتۇ ،ۋە جەنۇبى دىڭىزنىڭ ئەھۋاللىرنى باي راھىپقا ئىيتىپ بىرىپتۇ ،باي راھىپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپتۇ ،چىرايىدا خىجللىق ،مەيۈسلۈك ئەكىس ئىتىپتۇ .
بۇ ھىكاينى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ،بەلكىم سىز ھىلىقى باي راھىپنى ئىچىڭىزدە مازاق قىلىشىڭىز مۇمكىن ،لىكىن سىزمۇ ئۆزىڭىزنى قايتا بىر قىتىم تەكشۈرۈپ بىقىڭ ،سىزدىمۇ مۇشۇ باي راھىپقا ئوخشاش ئەھۋاللار يۈز بەرگەنمۇ يوق ؟
كىشلىك ھاياتتا سان ساناقسىز پۇرسەتلەر بولىدۇ ،لىكىن سىز شۇ پۇرسەتكە ئىرىشكەن ۋاقتىڭىزدا ئۇنى ياخشى قەدىرلىمەي ،ئۇنى ئەمەليى ھەركىتىڭىزدە يۈرگۈزمەي بۇ ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن كەتتۈرۈپ قويىسىز ،سىز زادى نىمىگە ساقلاپ تۇرماقچى ؟
سىز كىشلىك ھاياتىڭىزدا تىرىشىپ ئىزدەنمەي ئۈن تۈنسز بۇدۇنيادىن كىتىپ قالماقچىمۇ؟ياكى ھەر پتە 40 سائات خىزمەت قىلىپ ،40 يۈەنلىك قول سائىتىنى تاقاپ ،تۇمۇشنىڭ 40 پىرسەنتىدىن بەھىرلىنىپ ،40 يىل خىزمەت قىلغاندىن كىيىن ياشانغاندا بىقىش پۇلىسىنى ئىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى كۈتۈپ ئولتۇرماقچىمۇ ؟
مەن بۇ يەردە سىزگە ئەسكەرتەي ،سىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىڭىز مانا مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈردى ،ئەجىبا سىز بۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىمىدڭىزما؟ئەجىبا ئەۋلادلىرىڭىزغا مەسئۇل بولمامسىز ؟بىز باي كىشلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس،ئەجىبا بىز باي كىشلەرنىڭ ئەجدادىغا ئايلىنالماسمىزمۇ ؟بىز يەنە بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرىمىزمۇ ؟


شۇڭلاشقا سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا قارار چىقىرىڭ !
كەلگۈسىڭىزگە قارار چىقىرىڭ ،دەرھال ھەركەتلىنىڭ !

ئەگەر بۈگۈن سىز ئويلىغىنىڭىزنى   ئەمەليى ھەركىتىڭىزدە يۈرگۈزمىسىڭىز ،
ئەتە سىز يەنىلا مۇشۇ ئاددى ھالىتىڭىزدە تۇرىۋىرىسىز .
ئەگەر بۈگۈن سىز ئويلىغىنىڭىزنى ئەمەليەتتە يۈرگۈزسىڭىز ،
ئەتە سىزنىڭ ئىشلىرىڭىز تىخمۇ ياخشى يۈرۈشۈپ كىتىدۇ ،تىخمۇ پارلاق بولغان     كەلگۈسگە ئىرىشەلەيسىز .

ئەگەر   سىز مەن ئۆزىڭىزدىن :قانداق قىلغاندا مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولىدۇ دىگەن سۇئاللارنى سورىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا بۇ كىتاپنى ئوقۇڭ .بىر سائەت ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ بۇ كىتاپنى ئوقۇسىڭىز ،بۇ كىىتاپ سىزنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىڭىزغا تەسىر قىلغۇسى .سىزنىڭ بەزى ئوي پىكىرلىرىڭىز مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئۆزگەرگۈسى ،سىزنىڭ ھاياتىڭىز مۇشۇ يەردىن باشلاپ  تىخمۇ پارلاق بولغۇس.


                                                                  تۈگىدى


2013-يىلى 4 -ئايدىن ،2014-يىلى 5-ئاينىڭ 10 كۈنگىچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-14 09:45 AM  


بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

人生最重要的不是所站的位置,而是

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23806
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6202
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 12:55:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ھەم ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىۋېتىپسىز. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!
بۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى ئۇندىدار سالونىمىزدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ، بۆلەكلەرگە بۆلۈپ بېرىپ سىزگە ئەگەشكىم بار ئىدى. بىراق كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدىغانلىغىنى ئەسكەرتىپسىز.
بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم. بۇنداق ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلاردىن تېخىمۇ كۆپ دوستلار تەڭ بەھىرلەنسە بەك ياخشى بولغان بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104553
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 06:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بوپتۇ....

ئويۇڭ يەتكەن يەرگە قولۇڭمۇ يېتىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش