3
يول بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چوڭ ئىككى سۆگەت ئارىلىقىدىكى، تۆمۈر نەقىشلەر چىقىرىلىپ چىرايلىق سىرلانغان كۆك دەرۋازىلىق ئىشكنى ئاستا ئېچىپ ئۆيگە كىردىم. گېزىتتىكى قىززىق ھېكايىنى ئۇكامغا ئوقۇپ بېرىۋاتقان غەمگۈزار دادام كۆز ئەينىكىنى ئېلىۋېتىپ ئەركىلەتكەچ نەگە بارغانلىقىمنى سورىدى، مەن ‹‹ئاچا!›› دەپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلگەن بەش ياشلىق ئۇماق ئۇكامنى ئەركىلەتكەچ گۈزەلئاي بىلەن كۆرۈشكىلى بارغانلىقىمنى ئېيتتىم. دادام:
ــــــ ھە، شۇنداقمۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيگە كۆز كۆرى قايتىپ كېلىڭ جۇمۇ قىزىم. ــــــ دېدى كۆز ئەينىكىنى تاقاپ گېزىتكە قارىغاچ.
ــــــ بۇلىدۇ دادا، ئەنسىرىگىنىڭىزنى بىلىمەن. ــــــ دېدىم ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مۆرىسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ.
ــــــ مېنى ئوينىتە ئاچا، بولمىسا ماڭا چۆچەك ئېيتىپ بېرە.
قارا كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، قۇچىقىمدا ئارقىچە تۇرىۋالغان ئۇكامنىڭ تاتلىق گەپلىرىگە، دادامنىڭ مۆرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ تۇرغاچ جاۋاب بەردىم:
ــــــ ماقۇل ئۇمىقىم، ئېيتىپ بېرەي. راست، ئانام قېنى؟
ــــــ تاماق ئېتىۋاتىدۇ، ئاشخانىدا. ئەمىسە تېز ئېيتىپ بېرە.
ئۇكام ئەركىلەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى. ئۇ ھەر ئەركىلىگىنىدە مەڭزىنى ئېزىپ تۇرۇپ سۆيگۈم كېلەتتى.
ــــــ بولىدۇ ئاپپاق ئۇكام. ــــــ ئۇنى سۆيۈپ قويغاچ ئانامنىڭ قېشىغا كىرىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم، ــــــ تاماق يەپ بولۇپ ئېيتىپ بېرەي، بولامدۇ؟
ــــــ ياق، ھازىرلا...
ئۇ بەدىنىنى ئۇيان-بۇيان تولغاپ ماڭا دۆمسەيدى.
ــــــ تاماق يەپ بولۇپ، يېنىدا ئۇخلاتقاچ ئېيتىپ بەرسۇن، ماقۇلمۇ قۇزام؟
ئانامنىڭ ئەركىلىتىپ ئېيتىلغان بۇ سۆزى بىلەن ئۇ ماقۇل بولدى.
ــــــ سىز ئارام ئېلىڭ ئانا، تاماقنى مەن ئېتەي. ــــــ يەڭلىرىمنى تۈرۈپ شۇنداق دېدىم.
ــــــ بولدى بالام، پىشايلا دەپ قالدى، قاينىسىلا پىشىدۇ. ــــــ ئانام شۇنداق دېدى-دە، يەنە، ــــــ گۈزەلئاي بىلەن كۆرۈشكىلى بارغىنىڭىز بوپتۇ، لېكىن كەچ قالغىنىڭىز بولماپتۇ. دادىڭىز ئارتۇق گەپ قىلمىغاندىن كېيىن مېنىڭمۇ گېپىم يوق، بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆيگە بۇرۇن قايتىڭ. بۇلامدۇ قىزىم؟ ــــــ دېدى ئاشخانىدىن چىققاچ كۆيۈمچانلىق بىلەن كۆزۈمگە قاراپ.
شۇ تاپتا بەكمۇ خىجىل بولىۋاتاتتىم. ئانامغا ئارتۇق چۈشەنچە بەرمەيلا بۇنىڭدىن كېيىن يورۇقتا ئۆيگە كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ۋە:
ــــــ ئەمىسە ئاشنى ئۇسۇپ ئاچىقىشىپ بېرەي. ــــــ دىدىم ئاشخانىغا ماڭغاچ.
ــــــ قۇزام، داستىخاننى سېلىڭ، تاماق يەيمىز. ــــــ ئانام شۇنداق دەپ بولۇپلا ئاشخانىغا كىردى. ئانام ئاشنى ئۇستى، مەن داستىخانىغا ئاچىقتىم.
ــــــ ۋىيەي ماۋۇ ئۇمىقىمنى، تەتۈر سېلىپسەنغۇ؟
ئاشنى جاۋان ئۈستىدە قويۇپ داستىغاننى قايتىدىن سالدىم ۋە دادامغا ‹‹تاماق كەلدى، دادا.›› دېگەچ ئاشنى ئەكەلدىم. ھەممەيلەنگە ئاچىقىپ بولغاندىن كېيىن ئۇكامنىڭ قىززىق سوئاللىرىغا بىلگىنىمىزچە جاۋاب بەرگەچ ئوخشىغان ئۈگرە ئىچتۇق.
تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ ياغاچ جاۋان ئىچىگە رەتلىك تىزدىم. قازان-چۆمۈچلەرنى يۇيۇپ تۈنلۈككە ئېسىپ قويۇپ ئۈستىگە دائىم قازانغا ياپىدىغان داستىخاننى يېپىپ قويدۇم. ئەمدى قولۇمنى يۇيۇپ ھۇجرامغا مېڭىۋاتسام ئۇكام ئالدىمنى توستى:
ــــــ ئەمدى، يېنىڭدا يېتىپ چۆچىكىڭنى ئاڭلايمەن. ــــــ دېدى ئەركىلەپ تۇرۇپ.
ــــــ بولىدۇ مېھمىنىم، قېنى ھۇجرامغا مەرھەمەت.
ئۇنى تېخىمۇ ئەركىلىتىپ ئېگىلىپ تۇرۇپ ھۇجرامنى كۆرسەتتىم. ئۇ خۇشال بولۇپ ‹‹بەكمۇ ياخشى! دېگىنىچە يۈگرەپ ئىشكنى ئاچتى. مەن ئۇنىڭ يەنە توختىماي سورالغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەچ ئورۇن سالدىم. ئۇ يۇمشاق يوتقان ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپ ‹‹تىز بول!›› دەپ مېنى ئالدىرىتاتتى. مەن ئۇنى تۇرغۇزۇپ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ قايتىدىن ياتقۇزدۇم ۋە چۆچىكىمنى باشلىماقچى بولدۇم. لېكىن، تېخىمۇ قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىش ئۈچۈن كىتاب ئىشكاۋىمدىن ‹‹كەنجى باتۇر››نى ئىزدىدىم. قولۇمغا ھېلىقى يۇلتۇزلۇق قەغەز چىقىپ قېلىشى بىلەن خىيالىم بۆلۈندى: ئۇنىڭ بۇ ھېسسىياتلىق سالام خېتىگە جاۋاب يازماق بولدۇم...
ــــــ ئاچا، تېزرەك بولساڭچۇ؟
ئۇكامنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ چۆچۈگەندەك ئارقامغا قارىدىم ۋە ‹‹ھە، مانا!›› دېگنىمچە چۆچەكنى ئېلىپ ئورنۇمغا قايتتىم. باياتىن بېرى ئۇماق ئۇكام بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا جۈر بولۇپ چۆچەك ئوقۇماقچى بولغان كاللامنى بىردىنلا تاتلىق خىيال ــــــ جاۋاب خەت يېزىش قاپلىغان ئىدى. ئىشقىلىپ ئۇكامغا چۆچەك ئوقۇپ بەرگىنىمنى بىلىمەن، لېكىن ئاللىبۇرۇن تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئۇكامغا دىققەت قىلماستىن قولۇمغا قەلەم ئالغۇچە ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن...
كىتابنى ئىشكاۋىمغا سېلىپ قويدۇم ۋە ئاق قەغەز ئېلىپ ‹‹سالام نەمتۇل ئاكا! ...›› دەپ يېزىشنى باشلىدىم.
(داۋامى بار...)
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.