4
كېچىدىن بەكمۇ تاتلىق ئۇخلىغاچقا بۈگۈن كەيپىياتىم بەكمۇ ياخشى ئىدى. ئەتتىگەندە ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆڭۈللۈك ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن رەتلىك ياسىنىپ ئىشقا ماڭدىم: ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش مېڭىۋاتقان كىشىلەر توپىغا مەنمۇ قوشۇلدۇم...
ئىدارىگە كېلەي دېگەندە دوستۇم گۈزەلئاي بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم.
ــــــ ئەسسالام، گۈزەل.
ــــــ ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام، ئاخشام نېمىشقا تېلفۇن قىلمايسەن؟
نەمتۇلغا جاۋاب خەت يېزىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلمىغانلىقىمنى ئېسىمگە ئېلىپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم. لېكىن ئىشقا كېچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇكامدەك ئۇماق قىلىق بىلەن ماڭا دۆمسىيىپ قاراۋاتقان گۈزىلىمگە قىسقىغىنە جاۋاب بەردىم:
ــــــ ساڭا كەچتە چۈشەندۈرۈپ قوياي. ھازىر ئىككىلىمىز ئالدىراشقۇ؟ ــــــ ئەركىلەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم.
ــــــ بولىدۇ ئەمسە، كەچتە پاراڭلىشايلى.
ــــــ بىلدىم.
ئىككىلىمىز ئالدىراش يولىمىزغا مېڭىشتۇق.
بۈگۈنمۇ كۈندىكىدەك نورمال خىزمەت قىلدىم، لېكىن كۈندىكىدەك چارچاپمۇ كەتمىدىم. نېمىشقىدۇر كەيپىياتىم ناھايىتى روھلۇق ۋە تېتىك. ئۆيگە قايتىش يولىدا ئاخشام يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇپ يازغان جاۋاب خەتنى دائىم نەمتۇل ئىككىمىزنىڭلا خېتىنى يەتكۈزىدىغان ھېلىقى يىگىتنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم ۋە تېخىمۇ روھلىنىپ قەدىمىمنى ئىتتىكلەتتىم، يۈرۈكۈممۇ ئىتتىكلىدى...
ــــــ ۋېيەي! كۆزىڭىز يوقمۇ سىزنىڭ؟!
پۈتۈن خىيالىم بىلەن نەمتۇلنىڭ ماڭا يازىدىغان جاۋاب خېتىنى پەرەز قىلىپ، ئەتراپىمغا دىققەت قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۈسسىۋالغان ئىدىم. ئالدىمدا سول بېلىكىنى تۇتقىنىچە ماڭا سېرىق قېشىنى يىمىرىپ تۇرغان زامانغا لايىق مودا ياسىنىۋالغان بۇ ياغلىقسىز قىزغا مەنمۇ قاپىقىمنى تۈرۈپ دېدىم:
ــــــ چىرايىمغا ئوبدان قاراڭ، كۆزۈم بارمىكەن-يوق؟! ئۆزىڭىزنىڭ كۆزى يوقمۇ نېمە؟
ــــــ ۋېيەي، ئەجەپقۇ سىز؟ ئۆزىڭىز ئۈسسۈپ بولۇپ...
ئۇنىڭ يۇمشاق تەلەپپۇزدا ئېيتىلغان بۇ سۆزىدىن، ئۇنىڭ تازا ئەركە، ئۆيىدە يالغۇز بالا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈردۈم ۋە مەنمۇ يۇمشاپ:
ــــــ كەچۈرۈڭ، بىر يېرىڭىز ئاغرىمىغاندۇ؟ ــــــ دېدىم ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاچ.
ــــــ ياقەي، ــــــ دېدى ئۇ مېڭىشقا تەمشىلىپ، ــــــ بۇنىڭدىن كېيىن قاراپراق ماڭارسىز-ھە!
خىجىللىقتا يەرگە كىرگۈدەك بولدۇم ۋە تال-چىۋىقتەك ئىنچىكە بېلې ئاستىدىكى گۆشسىز كاسىسىنى ئۇيان-بۇيان ئېتىپ مېڭىۋاتقان بۇ ئەدەبلىك مودا قىزنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالدىم. تېلفۇننىڭ سايرىشى بىلەن بۇ قىز توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقان مېڭەمنى يىغىپ تېلفۇننى ئۇلىدىم:
ــــــ ئىشتىن چۈشتىڭمۇ جېنىم؟ ــــــ گۈزەلئاينىڭ زىل ئاۋازىنى ئاڭلاپ قايتىدىن روھلاندىم...
(داۋامى بار...)
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-31 06:10 PM