مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئۇتغۇر

كۆزۈم(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1476
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1215 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 04:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5


    دوستۇم گۈزەلئاي بىلەن بەكمۇ كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتىم: بۈگۈن يۈز بەرگەن ھېلىقى ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىرمۇ-بىر ‹‹دوكلات›› قىلغان ئىدىم، ئۇ خۇددى پىسخىك مەسلىھەتچىدەك كەيپىياتىمنى تۇراقلاشتۇردى؛ ئەلۋەتتە، نەمتۇل توغرىسىدىكى ئىشلارنىمۇ سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ  خۇددى قىزىغا بەخت تىلەۋاتقان كۆيۈمچان ئانىدەك بەكمۇ شېرىن سۆزلەر بىلەن ماڭا زور ئۈمىد بېغىشلىدى. نېمىلا بولمىسۇن، ھېلىقى ‹‹مودا›› قىز سەۋەبىدىن ئاچچىق بولغان ئىچىم، مېھرىبان دوستۇمنىڭ مەلھەملىك شېرىن سۆزلىرى بىلەن ئىللىپ قالدى.

    ئۆيگە كىرىشىمگىلا ئۇماق ئىنىم ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە قولىدىكى ساپسېرىق پىشقان خۇشپۇراق ئۈرۈك خوندىكىنى ماڭا تەڭلىدى:

     ــــــ بېغىمىزدىكى غورا پىشىپتۇ ئاچا، يىگىنە، بەكمۇ تاتلىق. ــــــ ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن سۆيۈنۈپ ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدۇم ۋە:

     ــــــ رەھمەت ئۇمىقىم، ھەممىسىنى يەيمەن جۇمۇ ئەمىسە. ــــــ دېدىم قولىدىكى ئۈچ تال ئۈرۈكنى كەينىمگە تىقىپ تۇرۇپ.

     ــــــ مەيلى، ــــــ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، ــــــ بېغىمىزدا بەك جىق بار، مەن يىگۈم كەلسە ئېلىپ يەيمەن.

     قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىغان دادام مېنىڭ كەلگىنىمنى بىلسىمۇ، ماڭا قاراپ گەپمۇ قىلماستىن پۈتۈن زېھنى بىلەن كىتاب كۆرىۋاتاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇزماي، ئۇكامدىن سورىدىم:

     ــــــ ئانام تېخى ئىشتىن كەلمىدىمۇ؟

     ــــــ ياق، تېخى كەلمىدى.

     ــــــ ھە، بىردەمگىچە كېلىدۇ. ــــــ دېدىم-دە، ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ ئاشخانىغا كىرىپ ئۈرۈكنى يۇيدۇم ۋە بىرنى ئېغىزىمغا سالغاچ ياتىقىمغا ماڭدىم.

     ــــــ ئاچا، بۈگۈن قايسى چۆچەكنى ئېيتىپ بېرىسەن؟ ــــــ سومكامنى قويۇپ ئولتۇرۇشىمغىلا ئۇكام ئەركىلەپ قولۇمنى تارتتى.

     ــــــ ئاۋۋال تاماق ئېتەي، تاماقنى يەپ بولۇپ ئاندىن ئېيتىپ بېرەي، بولامدۇ؟ ــــــ ئۇنىڭ مەڭزىنى يىنىك چىمدىپ قويۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە:

     ــــــ مەن كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۋالاي، ياغاچ ئېتىڭىزنى مىنىپ ئويناپ تۇرۇڭ. ــــــ دېدىم كىيىم ئىشكاۋىمنىڭ ئىشكىنى ئاچقاچ.

     ــــــ بولىدۇ، ــــــ دېدى ئۇكام ئىشكنى ئاچقاچ، ــــــ ئەمسە تاماق يەپ بولۇپ ئېيتىپ بېرىسەن جۇمۇ؟

     ــــــ ئۇقتۇم.

     ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆي ئىچىدە كىيىدىغان ھېلىقى كىيىملىرىمنى ئىشكابتىن ئالدىم ۋە ئالماشتۇرۇپ ئەينەككە قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاشخانىغا ماڭغاچ دادامدىن سورىدىم.

     ــــــ دادا، نېمە تاماق ئېتىمەن؟ ــــــ ئاڭلىمىدىمۇ جاۋاب بەرمىدى، قايتا سورىدىم: ــــــ دادا، نېمە تاماق ئېتىمەن؟

    ــــــ ھە، نېمە تاماق دەمسىنا؟ ــــــ دادام كۆز ئەينىكىنى قولىغا ئېلىپ ماڭا قارىۋەتكەندىن كېيىن، ــــــ نېمە ئەتسەڭ مەيلىغۇ؟ ــــــ دېدى كۈلۈمسىرەپ.

    ــــــ ئەمسە، ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتەي.

    ئاشخانىغا كىرىپ خېمىر يۇغۇردۇم ۋە كۆكتاتلارنى ئاقلاپ، يۇيۇپ، توغراپ بولغاندىن كېيىن، قازاننى چايقىۋېتىپ گاز ئوچاققا ئاستىم. قازان تېگىدىكى نەملەر قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ماي قۇيدۇم. ماي قىززىپ بولغۇچە گۆشنى توغراپ تەييار قىلدىم. قۇيۇق ئاچچىق ماي ئىسلىرى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قازانغا تۇز چاچقان ئىدىم، ماي بەكمۇ قىززىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يۈزۈمگە ماي چاچراپ كەتتى...

    ــــــ ۋاي كۆزۈم...

    (داۋامى بار...)

    مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 04:31 PM  


ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107180
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 05:55:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز .
ئەمما ئاشۇ داۋامىزە  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100957
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2013-12-17
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 05:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىلا تىلىۋىزيە تىياتىرى بوپ كەتتىغۇ    داۋامىغا تەشنامەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش