zaghun يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 05:23 PM
uygurjan09:
ئەكبەر دالۇ ھاجىمنى بەك باي دەيدىغۇ،نېمە ئۈچۈن ...
WWW.UYHQT.COM
قاشگەرلىككە يېڭىدىن كىرىشمەكچى بولغانلار ئىشنى نەدىن باشلاش لازىم؟
ئابلىكىم ئاۋۇت
قاشگەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىققا ئىگە ئەنئەنىۋى ھۈنەر-كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ ،تارىخى سەۋەبلەردىن كىلىپ چىققان مەدەنىيەت ۋە ھۈنەر-كەسىپ ئۈزۈكچىلىكى،زامانىمىز كەسپى مائارىپىنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدىرالماسلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ كەسىپنى ئۆگىنىشنى ئارزۇلاپ ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن يىتەكچى بولغۇدەك سودا رىسالىسى ،كەسپى ماتىريال،مائارىپ شارائىتىمىز ھازىرچە يوقدىيەرلىك بۇلىۋاتىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشنى نەدىن ،قانداق باشلىشىغا ياردىمى بولسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە ئۇلارنىڭ بىزدىن سورىغان سۇئاللىرىغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تەييارلىدۇق.
1.قاشگەرلىككە كىرىشتىن بۇرۇن قاشتېشى بازىرىنىڭ ئومۇمىي بازار ئەھۋالىدىن چۇشەنچە ھاسىل قىلىش كېرەك.
قاشتېشى بازىرى قارىماققا ناھايتى ئاددى،ئەمما ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلى كۈزەتسىڭىز ناھايتى كەڭ ھەم مۇرەككەپ بىر بازار.سىز دىيارىمىزدا سودا قىلامسىز ياكى ئىچكىرى بازارلىرىغا يۈزلىنەمسىز؛يايما ئاچامسىز ياكى مەخسۇس دۇكان ئېچىپ ساتامسىز؛سىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىڭىز ۋە كەسپى ساپارىڭىز ئىشنى كىچىكىدىن باشلاشقا ماس كېلەمدۇ ياكى بىراقلا سودىنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىن ئىش باشلامسىز؛ قاشگەرلەر بۇ بازاردا نېمىنى سېتىۋاتىدۇ،قانداق سىتىۋاتىدۇ،نەدە سېتىۋاتىدۇ؟...دىگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر سىزنىڭ بۇ بازارنى ئەتراپلىق كۈزىتىپ،سوغاققانلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشىڭىزغا باغلىق.شۇڭا ئىش باشلاشتىن بۇرۇن ئالدىراقسانلىق قىلماي بىر مەزگىل بازار ئارلاپ ‹كۈزىڭىزنى پۇشۇرسىڭىز›،بازار ھەققىدە دەسلەپكى ئەمەلىي چۈشەنچە ھاسىل قىلالايسىز.قاشگەرلىكتە سىزنىڭ يىتەرلىك مەبلىقىڭىزنىڭ بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ.ئەگەر سىز بازارنى ئەتراپلىق كۈزەتمەي، بۇ ساھەنىڭ ئىپى-جىپىنى بىلمەيلا قارىغۇلارچە ئىش باشلىسىڭىز شۇنچە كۆپ مەبلىقىڭىزمۇ سىزگە پايدا ئېلىپ كېلەلمەسلىكى مۈمكىن.چۈنكى بۇ كەسىپتە پۇلىڭىز قانچە كۆپ بولسىمۇ كۆپلۈك قىلمايدۇ،ئاز بولسا ئازلىق قىلمايدۇ.گەپ سىزنىڭ بۇ بازارنى بىلىشىڭىز ۋە دىتىڭىزغا باغلىق.
2.نىشاننى ئېنىق بېكىتىش كېرەك.
قاشتېشى چوڭ ئائىلىسىگە تەۋە قاشتاشلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ،ئۇنىڭ ئالى،ئوتتۇرا،تۆۋەن دەرجىلىكلىرى بولىدۇ.خام ماتتىريال چىقىدىغان جايلارمۇ ئوخشىمايدۇ.خوتەن قاشلىرى قاشتېشى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەڭ ئىسىل بىر ئەزاسى بولۇپ،پەقەت دىيارىمىزدىنلا چىقىدۇ.ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تەۋە تۈرلىرى ،رەڭلىرى،چىقىش ئورنى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا دىيارىمىزدىن يەنە ھېقىق ،كەھرىۋا، قاراماي، ئالتاي تەرەپتىن چىقىۋاتقان رەڭلىك قاشتاشلار(جىنسىيۈ)،تۇرپان ،قۇمۇلنىڭ چۆل قاشتېشى ....قاتارلىقلار چىقىدىغان بولۇپ،ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ بازاردىكى باھاسى،سودىسى ئوخشىمايدۇ.بۇنىڭغا قۇشۇلۇپ بازاردا يەنە چىڭخەينىڭ ،كورىيەنىڭ،روسىيەنىڭ ،بېرمىنىڭ،كانادانىڭ قاشتاشلىرى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىللىرىدىن چىقىدىغان تۈرلۈك قاشتاشلار،شىپوسى،بىڭبو قاتارلىق جايلاردا ياسىلىۋاتقان تەقلىدى بۇيۇملارمۇ ناھايتى كۆپ .ھەقىقىسى بىلەن ساختىسى،ئادەتتىكىسى بىلەن ئالى دەرجىلىكى،خام ماتىريال بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بۇيۇملار گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ بازاردا ‹نىمىنى سېتىش›تىن ئىبارەت نىشاننى بېكىتىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ،بۇ سىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىڭىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرى.شۇڭا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئېنىق بىر نىشان بولسۇن .بىزچە بولغاندا -سىز ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس خوتەن قاش سودىسىنى قىلسىڭىز مۇۋاپىق.چۈنكى بىز بۇ تۈردە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە.نىشاننى ئېنىق بېكىتىۋالغاندىن كىيىن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ شۇ يەككە تۈر بۇيىچە ‹ھۇجۇم›غا ئۆتسىڭىز بولىدۇ.
3.ئۆگىنىش باسقۇچى.
سىزنىڭ بازار تەكشۈرۈش جەريانىڭىز ئۆگىنىش باسقۇچى بولسىمۇ ،لېكىن بۇ باسقۇچتىكى ئۆگىنىش تېخى يىتەرلىك بولمايدۇ.بىر كەسىپنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن چۇقۇم شۇ كەسىپكە ئائىت نەزىريەۋى ۋە ئەمەلىي بىلىملەرنى ياخشى بىلىش بۇنىڭ ئۈچۈن توختاۋسىز ئۆگىنىش كېرەك.نىمىنى ئۆگىنىمىز ،قانداق ئۆگىنىمىز ؟ دىگەن مەسىلىدە بىز تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمىز .
1>كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش. كەسپى جەھەتتە قاشگەرلىك سودىسىنىڭ كەسپى ئەخلاقى ،قاشگەرلەر رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك پىرىنسىپلارنى ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئېلىم -سېتىم جەريانىدا قاش،قاشتاش ۋە ئادەتتىكى تاشلارنى شۇنداقلا ساختا ۋە ھەقىقىلىرىنى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان؛قاشلارنىڭ چىقىش ئورنى،شەكلى،رەڭگىگە قاراپ سۈپىتىگە ھۆكۈم قىلالايدىغان بولۇش لازىم. خام ماتتىرياللارنىڭ چىقىدىغان ئورنىدىكى باھاسى،بازاردىكى باھاسى،پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىنكى باھاسى قاتارلىقلارنى بىلىش ،بۇ ھەقتىكى بازار ئۇچۇرلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلەش تېخىمۇ مۇھىم .
2>بۇ كەسىپنىڭ كەسپى خەنزۇ تىلىنى چۇقۇم ئىگىلەش كېرەك.چۈنكى خېرىدارلارنىڭ كۆپ قىسىمى خەن يولداشلار بولغاچقا ماللارنىڭ ئىسمى،تۈرى،ئالاھىدىلىكى،باھاسى قاتارلىقلارنى ئۇلارغا خەنچە چۈشەندۈرگىدەك تىل ساپاسى بولمىسا بۇ سودىنى ياخشى قىلغىلى بولماي قالىدۇ.
كەسپى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
<1> كەسپى بازارلارنى ئارىلاپ ،تەكرار كۈزىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىش.
<2> ئويغۇر كەسىپ ئەھلىلىرىدىن ،دۇكان ئاچقانلاردىن ئۆگىنىش.يەنى ئۇلارنىڭ سودىسىغا ياردەملىشىش،شاگىرت كىرىش ئۇسۇلى بىلەن تەكرار سوراش،كۈزىتىش ئارقىلىق ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆگىنىش.
<3> كەسپى تور بەتلەر،ئۇندىدار سۇپىسى قاتارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش.كەسپى تور بەتلەردىن ئانا تىلىمىزدا ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.COM ۋە ئۈندىدار سۇپىسى،خەنچە تور بەتلەردىن
http://www.cangjia.net/ ,
http://www.chinajade.cn/ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
<4>كىتاپ،ژورناللاردىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش.ھازىرغىچە ئانا تىلىمىزدا بۇ ھەقتە يېزىلغان مەخسۇس كىتاپ ياكى ژورنال يوق.شۇڭا خەنچە كۈرۈپ چۈشىنەلىسىڭىز <中国和田玉>ناملىق ژورنالنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.خەنچە كىتاپلار كۆپ بولۇپ، قۇربىڭىز يەتسە تاللاپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
<5> دىيارىمىزدىكى خوتەن قاشلىرى كەسپى موزىيخانىلىرىنى تەكرار ئېكىسكۇرسىيە ئارقىلىق ئۆگىنىش(بىزنىڭ بىلىشىمىزچە دىيارىمىزدا خوتەن قاشتېشى موزىيىدىن بەشى بار) .موزىيخانىلارغا كۆپۈنچە ھاللاردا ئۆلچەملىك ئەۋرىشكىلەر قۇيۇلىدۇ ،چۈشەندۈرۈلىشى يېزىلىدۇ ھەم بەزى موزىيخانىلاردا مەخسۇس خادىملار چۈشەندۇرىدۇ.شۇڭا بۇ جايلارمۇ نۆۋەتتە بىزنىڭ كەسپى ساپارىمىزنى ۋە نەزەر-دائىرىمىزنى كېڭەيتىشتىكى بىر ۋاستە ھىسابلىنىدۇ.
4.سودىنى باشلاش.
قاشتېشى ۋە بازارغا قارىتا مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن قۇلىمىزدىكى دەسمايىمىز،قوللىغۇچىلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئۇسۇلدىن ئۆزىمىزگە لايىق كەلگەنلىرىنى تاللىساق بولىدۇ.
<1> تىجارىتى روناق تاپقان بىرەر شىركەت ياكى تەجىربىلىك،دىيانەتلىك بىرەر قاشگەرنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل ئىشلەش.بۇ ئارقىلىق سىز بىلىم ئېلىش،تەجىربە توپلاش،ئالاقە دائىرىڭىزنى كېڭەيتىش مەقسىدىگە يىتەلەيسىز.ئىش ھەققى بىرىپ تۇرۇپ ھۈنەر ئۆگىتىپ قويىدىغان مۇنداق ئىسىل تۈرنى تاللىماسلىققا باھانىڭىز بولمىسا سىز ئالدى بىلەن بۇ ئۇسۇلنى سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
<2> يىتەرلىك ئىقتىساد بولغان ئەھۋالدا ئويغۇر قاشگەردىن ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان بىرسىگە دەسمى قۇشۇپ (شىرىك بولۇپ) ،سىزمۇ شۇ سودىغا بىۋاستە قاتنىشىپ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن پۇل تاپسىڭىز بولىدۇ.
<3> قاشگەرلىك توپ بازارلىرىنى كۈزۈتۈپ تۇرۇپ كەسپى قاشگەرلەر سودىلىشىپ توپ ئالغان مالنى شۇ سودا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە پايدىسىنى بىرىپ سېتىۋېلىپ يايما يېيىپ سېتىش ئۇسۇلى.قاشگەرلىككە دەسلەپ كىرىشكەندە قاش-تاشلارنىڭ سۈپىتى،باھاسىنى دىتلىيالماي قۇيۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم تەجىربە توپلاش ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
<4> خام ماتىريالنىڭ چىقىش ئورنىدىن مۇۋاپىق مىقتاردا توپ مال ئېلىپ خوتەن،ئۈرۈمچى،شىپوسى،سۇجۇ،ياڭجو...قاتارلىق كەسپى قاش بازارلىرىغا بېرىپ پارچە سېتىش ئۇسۇلى.
<5> ئويما مەھسۇلاتلار سودىسىنى قىلىش. بۇ خىل ئۇسۇلدا خام ماتىرياللارنى مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىپ ئويمىچىغا ئويدۇرۇپ ساتسىڭىزمۇ ياكى كەسپى بازاردىن تەييار ئويما ماللارنى ئېلىپ ئاندىن يەنە پۇل تۆلەپ تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ شۇ ماللارغا بەرگەن ئىسپاتىنى ئېلىپ ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئويما بۇيۇملارنى ساتقاندا بىزنىڭ ئېتىقادىمىز،ئۆرپادىتىمىزگە ئويغۇن بولۇشنى شەرت قىلىسىز ئەلۋەتتە.
5.دىققەت قىلىدىغان نوقتىلار
<1>مال ئېلىشتا بەك ئېھتىيات قىلىڭ.چۈنكى بۇ كەسىپنىڭ قائىدىسىدە ساتقان مال قايتۇرۇلمايدۇ.
<2> ماللارنىڭ سانىنى ئاز ،تۈرىنى كۆپ ئېلىپ بازار ئەھۋالىنى دىتلىغاندىن كېيىن دائىرنى كېڭەيتسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز.
<3> ئامال بار سۈپەتسىز ،ساختا ماللارنى ساتماڭ،ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىنى بۇزىۋالىسىز.چۈنكى قاشگەرلىكتە ئىناۋەت مالدىن مۇھىم.
<4> ئىمانى كامىل،كەسىپتە پىششىق،قاشگەرلىكتە تەرەققىي قىلغان ،سىزگە ئۇستاز بۇلالىغۇدەك كەسىپ ئەھلىدىن بىرنى ئۇستاز تۇتۇڭ ھەم داۋاملىق كۆرسەتمە ئېلىپ تۇرۇڭ.
<5> قاشگەرلىكتىكى كوھكەنلىك (ئويمىچىلىق)،قاش پىريۇمچىلىقى(قاش سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش)،ئويما چىرتىيوژچىلىقى،خام ماتىرياللارنى سىلىقلاش قاتارلىق تۈرلەردىن ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق بىر تۈرنى سودىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ تىجارىتىڭىزنى كۆلەملەشتۈرۈڭ.
<6> مەبلەغ تەقسىملەشكە ماھىر بۇلۇڭ. قاش-تاش سودىسى ئالاھىدە سودا كەسپى بولغىنى ئۈچۈن تىجارەت جەريانىدا گاھىدا كۈنلەپ،ھەپتىلەپ،ئايلاپ ھەتتا چوڭ سودا باسقۇچىغا كىرگەندە يىللاپ سودا قىلالمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كىلىشىڭىز مۈمكىن.مۇنداق چاغلاردا سىزدە مۇئەييەن نىسپەتتە زاپاس مەبلەغ بولمىسا تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالىسىز.شۇڭا مەبلەغ تەقسىملىگەندە چۇقۇم ئېھتىيات مەبلىغى ئايرىپ قۇيىشىڭىز لازىم.ئېھتىيات مەبلىقى يەنە سىزنىڭ تاسادىبى پۇرسەتتە ئۇچراپ قالغان باھاسى ئەرزان ،سۈپەتلىك ماللارنى سېتىۋېلىشىڭىزدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
<7> ياخشى بولغان پىسخىك ساپارىڭىز بولسۇن.يۇقۇردا ئېيتقاندەك كۈنلەپ،ھەپتىلەپ سودا قىلالمىسىڭىز ئىقتىسادى جەھەتتىن بەرداشلىق بىرىش بىلەن بىرگە يەنە روھى جەھەتتىنمۇ بەرداشلىق بىرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. سىز ياخشى بولغان ئاكتىپ روھى ھالەت بىلەن بازار،باھا،ماللارنىڭ سۈپىتى ،خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى قاتارلىقلارنى ياخشى ئانالىز قىلىپ سودا بولماسلىقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقسىڭىزلا كىيىنكى قەدىمىڭىزنى ئوڭۇشلۇق باسالايسىز.
تىجارەت داۋامىدا ئېنىق بولمىغان،قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان جايلىرىڭىز بولسا ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىزغا يازما شەكىلدە يوللىسىڭىز بىز ناھايىتى تېز سۈرەتتە جاۋاپ بېرىمىز.
خوتەن قاشتېشىغا ئائىت سەرخىل مەزمۇنلاردىن كۈندە بەھىرلىنەي دېسىڭىز ئۈندىدار سالونىمىزغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرغايسىز.
سالۇن ئىزدەش نۇمۇرى: UYHQT
خۇلاسە كالام،بۇ بىزنىڭ قاشگەرلىككە ئىنتايىن ئاز مەبلەغ ۋە ھىچنەرسىنى بىلمەيدىغان قۇرۇق كاللىمىز بىلەن كىرىپ قېقىلىپ-سۇقۇلۇپ،گاھ كۈلۈپ،گاھ يىغلاپ ئىلگىرلەش مۇساپىمىزدىكى تەجىربە-ساۋاقلىرىمىز ۋە بىۋاستە ھىس قىلغانلىرىمىز.بىزنىڭ دىگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزنىڭ ئەمەلىيىتىڭىزگە ماس كىلىپ كېتىشى ناتايىن.ئەمما بىر نوقتا ئېنىق ،ئۇ بولسىمۇ -تاللىغان كەسىپ ۋە كۆزلىگەن نىشاندىن ۋاز كەچمەسلىك، زىرىكمەي ئۆگىنىش،توختاۋسىز ھەركەت قىلىش،تىنىمسىز ئىزدىنىشتۇر.ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسىمى بولغان قاشگەرلىك مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش،دىيارىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەخسەتكە يىتىش جەريانى ئەنە شۇنداق پىداكارلىق،تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە.
ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدىن
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى
WWW.UYHQT.COM