zebran يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 08:46 PM
قاشتىشى تورى دىمەي قاش تورى دىمەمسىز ئەڭ ئاۋال، گىپىڭ ...
بىز ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىزدا نوقۇل ھالدا خوتەن قاشلىرى ئۈستىدىلا توختالمايمىز.بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان تۈرلۇك قاش ۋە قاشتېشى ئۈستىدە يەنە قۇربىمىز يەتكەن دائىرىدە تاشگەرلىك ئۈستىدىمۇ توختىلىمىز.شۇڭا تورىمىزنىڭ نامى ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ <ئۇيغۇر قاش تېشى تورى> دىيىلىدۇ.
گېپىمىزنىڭ يېرىمى قاش،يېرىمى قاشتېشى بۇلۇشىنىڭ سەۋەبىنى بىز مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىمىزدە تەكرار چۈشەندۈرىۋاتىمىز،مېنىڭچە سىزدەك ئەقلى ئويغاق قېرىندىشلىرىمىز بۇ مەسىلىنى ھامان چۈشۈنۈپ قالىدۇ دەپ قارايمەن.
بىزنىڭ خوتەن قاشلىرى ھەققىدە تەكرار ماقالە يوللىشىمىز سىلەر بىلەن قاش بىلەن تاشنى تالىشىش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى قاشگەرلىك مەدەنىيىتىمىزنىڭ تارىخى،رىئال ئەھمىيىتى،بۇ تەبىئى بايلىقنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى،كەلگۈسى ئىستىقبالى،دۆلەتنىڭ پايدىلىق سىياسەت-ئۇچۇرلىرى....دىن ئاۋامنى خەۋەردار قىلىش ۋە بۇ مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىشقا قۇربىمىزنىڭ يىتىشىچە كۈچ چىقىرىشتۇر.مېنىڭچە بىز شەكىلگە ئەمەس،ماھىيەتكە كۆپرەك قارىشىمىز كېرەك ،دەپ ئويلايمەن.
‹قاش› ۋە ‹قاشتېشى› دەپ ئاتاش بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تەۋەرۈك سۈزى،ئەجدات ئەنئەنىسىلا ئەمەس،بەلكى بۇ كەسىپنىڭ ئەقەللىي تەلىپى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-8 10:00 PM