Azizan يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 03:21 PM
مېنىڭچە يەردىن چىققان نەرسىنى تېرىپ ئېلىپ ساتقان ئادە ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!
http://www.uyhqt.com/uy/forum.php?mod=viewthread&tid=397
مۇۋاپىق كۆرسىڭىز بۇ ئۇلىنىشتىكى ماقالىنى كۆرۇپ باقارسىز.ئۆزبىڭ ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىگە سۇنغان ئۇيغۇر قاشتېشى مەدەنىيىتى ھەققىدىكى بىر ماقالىسىمۇ بار ئىدى.دەماللىققا ئۇلىنىش ئادىرىسىنى تاپالماي قالدىم.
بىزنىڭ بىر نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىمىزنىڭ قاشتېشى ۋە قاشتېشى مەدەنىيىتى ھەققىدە يېزىلغان بىر كىتابى نەشىرگە تەييارلىنىۋاتىدۇ.(پىكىر ئېلىش باسقۇچىدىن ئۈتۈپ بولدى) ئاللا بۇ كىتاپنى كۈرۈش نىسىپ بولسا سىز ئوتتۇرغا قويغان بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابىغا ئىرىشەلەيسىز.(تىلىمىزنىڭ سۆز ياساش ئادىتى،قەشقەر دىگەن نام....دىگەنلەرنىڭ جاۋابىمۇ بار)
قېرىندىشىم بىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغىلى 1000يىل بولغان بولسا قاشتېشىنىڭ بايقىلىشى ۋە بۇ مەدەنىيەتكە 10000يىلدىن ئاشتى.بۇنى دۇنيا ۋە ئېلىمىزنىڭ تاھارەت ئالغان تەتقىقاتچى،ئالىملىرى ئىسپاتلاپ بۇلۇغلۇق.
پىكىر قىلغاندا سەل سوغاققان بولساقمىكىن.خالىسىڭىز تاھارەتنى بىرگە ئالايلى.چۈنكى سىز مەيلى تىللاڭ مەيلى ماختاڭ قېرىندىشىم-ئۇيغۇرۇم بولغىنىڭىز ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈمدە!
سىزنىڭ كۆزقارىشىڭىزغا بىر-ئىككى جۈملە سۆز بىلەن جاۋاپ بىرىپ تۈگەتكىلى بولمىغاچقا كىتاپنىڭ ئۇچۇرىنى چىقىرىپ قالدىم.شۇ كىتاپنى كۈرۈش نىسىپ بولغاندىن كىيىن مۇنداق پىكىر قىلمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-12 08:48 PM