bilgejan يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 02:47 PM
سالام، بۇ ماقالە ئىلمىي يىغىندا دوكلات قىلىپ سۆزلەنگە ...
ئەسسالام تۇرسۇنجان سىزنىڭ بۇ ئىلمى ئەمگەكلىرىڭىز ئۇيغۇر بىئولوگىيە تارىخىغا يېزىلىدۇ ،سىز ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئۈچۈن يۇرەك قېنىڭىزنى ھەقىقەتەن ئۈن تىنسىز سەرپ قىلىۋاتىسىز، بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ يەنە بىر قېتىم ھاياجانلاندىم ۋە مىللىتىمنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىدلەندىم، يەنىمۇ تىرىشىڭ، خەلقىمىز سىزدىن چوڭ ئۈمدلەرنى كۈتىۋاتىدۇ.
مۇمكىن بولسا پروبركىدا تۆرەلمە يېتىشتۈرۇپ ئانىنىڭ قورسىقىغا كۆچۈرۈپ ھەرخىل ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىدە يېتىلىپ تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن تەبىئى قورساقتا قېلىپ تەبئى تۇغۇلغان بوۋاق ئوتتۇرىسىدىكى پەرق توغرىسىدا ئۆزىڭىزنىڭ تونۇشلىرىڭىزنى بىر تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان بولسىڭىز. چۇنكى بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بالا ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ سانىمۇ مېنىڭ بىلىشىمچە يىلىغا 3000دىن كام ئەمەس،شەخسەن بىزمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ ئايالىم ھامىلدار بولۇپ تۆت ئاي بولاي دىدى، گەرچە يەرلىك دوختۇرلار داۋاملىق كۆڭلىمىزدە باشقا خىيال بولماسىلىق،ھەم بۇخىل ئۇسۇل بىلەن بالا ئېلىشنىڭ تەبىئى قوساقتا قېلىپ تەبىئى تۇغۇلغان بالىنىڭ ھىچقانداق پەرقى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ سايىسى داۋاملىق ئادەمنىڭ كۆڭلىدە ئەگىپ يۈرۇيدىكەن،شۇڭا بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزغا سەمىمى تەشنامىز.