Azizan يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 07:11 PM
پى ھاش دى دېگەن ئۈچ ھەرپ يولداش بىلگەجاننىڭ ئۇنۋانى ئو ...
مۇنداق ئىش: ئامېرىكىدا دوكتورلۇقنى تاماملىغانلا كىشى بولسا مەيلى ئۇ ئالىي مەكتەپتە پىروفىسور بولسۇن، تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئالىم بولسۇن، ياكى باشقا ساھەلەردە خىزمەت قىلسۇن، ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا دوكتور يەنى Doctor of Phylosophy دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتمىسى بولغان PhD (پى ئەيچ دى دەپ ئوقۇلىدۇ) نى قوشۇپ قويدۇ . بۇنى پەقەت دوكتورلۇقنى تاماملاپ بولغانلار شۇنداق قىلىدۇ، ئوقۇۋاتقانلار بولسا ئېرىشىپ بولغان ئۇنۋانى، مەسىلەن ماگىستىر ئۈچۈن MSc دەپ يېزىپ قويسىمۇ بولىدۇ، ئەمما بۇ ئۇنچىۋالا ئومۇملاشمىغان. ئامېرىكىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن كىشىگە بولغان ھۆرمەت زور بولغانلىقى ئۈچۈن بارلىق رەسمىي پائالىيەتلەردە دوكتورلارنى مەيلى مىدىيالاردا مەيلى باشقا سورۇنلاردا كىشىلەر چوقۇم دوكتور پالانىچى دەپ قوشۇپ ئاتايدۇ، پەقەت شۇ كىشىنىڭ يېقىنلىرىلا ئىسمىنى بىۋاستە ئاتىسا بولىدۇ. شۇڭا دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار كىشىمۇ دوكلات بەرگەندە خۇددى مەن يازغاندەك، ئىسمىنىڭ يېنىغا PhD دەپ قوشۇپ قويىدىغان ئادەت بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-28 12:05 AM