balik يوللىغان ۋاقتى 2014-8-24 01:54 AM
بۇ ماقالىنى 2008 - يىلىنىڭ بېشىدا بىر قېتىم ئوقۇۋالغان بو ...
قىزىڭىزغا ۋارقىرىغىنىڭىز تازا قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ. سولخاي بولۇش ئېرسىيەت قالىدىغان ئىش، ئۇنى زورلاپ ئوڭخاي قىلىمەن دېيىشتىكى چىقىش نۇقتىڭىزنى چۈشەنسەممۇ، ئەمما بۇنداق قىلىپ قىزىڭىزغا زور روھىي بېسىم ئىلىپ كەلسىڭىز ياخشى بولمايدۇ. قىزىڭىزنى ئەمدى ئاۋارە قىلماڭ، مەيلىگە قويۇۋىتىڭ. ئەگەر ئامېرىكىدا شۇنداق قىلسىڭىز، بەلكىم قىزىڭىزنى بېقىش ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن ئىدى... ئەڭ ياخشىسى ئېرسىيەتتىن بولىدىغان بۇنداق ئىشلاردا ھەرگىز بالىلارنى زورلاشقا بولمايدۇ چۈنكى بالىنىڭ مەيلى ئەمەس، بەلكى تۇغۇلۇشىدىن شۇنداق تۇغۇلغان دېگەن گەپ.
ئىلگىرى بىر پىروفىسورۇمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، 2011-يىلى ئامېرىكا ساغلاملىق ئېنىستىتۇتى تەكلىپ قىلغان، ئالىملارنىڭ تەتقىقات فوندى ئىلتىماسىغا قاراپ چىقىپ كىمگە مەبلەغ بېرىشنى بېكىتكۈچى كومىتېت (ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ) ئەزالىرى ئىچىدىكى 70% كىشى سولخاي ئىكەنتۇق. مەن سولخاي كىشىلەرنىڭ ئوڭخاي كىشىلەردىن بەكرەك ئەقىللىقمۇ دېگەن سوئالغا كېسىپ جاۋاب بېرەلمەيمەن، ئەمما ھېچبولمىسا سولخاي كىشىلەر ئوڭخايلاردىن قىلىشمايدۇ دېگەنگە شەكسىز ئىشىنىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-24 10:03 AM