مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: miskin-ahu

دىلىغۇللۇق (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 12:15:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزىگە بالىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ ئاخىر. مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر...دىگەندەك ئىش بولماس ئىلاھىم.
تىز سۈرئەتتە يوللايمەن دىۋاتاتتى.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98951
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 12:14:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى
خىجىللىقتا بېشىمنىمۇ كۆتىرەلمىدىم  «رەخمەت» دىگىنىمچە كىيىملىرىمنى قېقىشتۇرۇپ ،يۇلۇمغا ماڭدىم.«ھىچقىسى يوق،يول سەل تېيىلغاق ئىكەن،دىققەت قىلىپراق مېڭىڭ »دىگەن ئاۋازىدىن  مىنى يۆلەپ تۇرغۇزغان ئادەمنىڭ ئەركىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ،تېخىمۇ خىجىل بۇلۇپ كەتتىم.چوڭ كوچىدا كىچىك بالىدەك يىقىلىپ كەتتىم دىسە،ناھايىتى ئاۋايلىغىنىمچە ماڭغاچ ئەتراپقا قاراپ رەسىمخانا ئىزدىدىم.ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر رەسىمخانىنىڭ چىرايلىق ۋىۋىسكىسى كۆزۈمگە چېلىقتى.«ھەرنىمە بولسا بەك يىراق ماڭمايلا تاپالىدىم »خۇددى يەنە يىقىلىپ كىتىدىغاندەك ئاۋايلاپ مېڭىپ رەسىمخانىغا كىردىم .رەسىمخانا ئىچكىرى-تاشقىرى ئىككى ئېغىز ئۆي بۇلۇپ،بەلكىم ماڭا ئوخشاش تەربىيلىنىشكە كەلگەنلەر بولسا كىرەك بىر قانچەيلەن تۇراتتى ،بىردەم ساقلاپ تۇردۇم .نۆۋەت ماڭا كىلىپ ،ئەمدى ئىچىدىكى رەسىمگە تارتىش ئۆيىگە كىرىپ تۇرۇشۇمغا «ئەسسالامۇئەلەيكۇيكۇم»دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.«بۇ ئاۋاز تۇنۇشلىغۇ،ئەجىبا بايىقى؟»
رەسىمگە چۇشۇپ بۇلۇپ تېشىدىكى ئۆيگە چىقتىم ۋە ئۇدۇل پۇل تاپشۇرىدىغان يەرگە بېرىپ، «رەسىمنى ئەتە ئېلىۋالاي »دەپ پۇلنى تۆلەپ چىقىپ كەتتىم.
كونىلار:«بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي چوڭقۇرى تولا »دەيدىغان. بۇندىن كىيىن كۆپرەك دىققەت قىلسام بولغۇدەك دىگەندەك ئوي-خىياللار بىلەن بىردەمدىلا ياتىقىمغا كىردىم.يېڭى ياتاقداشلار بىلەن تۇنۇشۇپ  بىللە تاماق يەپ دىگەندەك بىردەمدە كەچ بولدى.كارىۋىتىمغا چىقىپ ،ئۆيدىكىلەرگە تىلفۇن قىلدىم.ئوغلۇمدىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدىم چۈنكى بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ مەندىن ئايرىلىپ باقمىغان .ھەر كۈنى كەچتە بوينۇمغا گىرە سېلىپ ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلىرىمنى ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالاتتى.دىگەندەك بالا مىنىڭ غەلۋەمنى قىلدىمۇ تېخىچە ئۇخلىمىغان ئىدى.تىلفۇندا ئۇنىڭ چۈچۈك تىللىرى بىلەن«مەن چوڭ ئاپامنى خاپا سالمىسام پاتراق كىلىسىز ھە؟ مەن بۇگۈن تامىقىمنى ئۆزۈم يىدىم ،ئەتە كىلەمسىز»دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىگىم ئېچىشىپ كەتتى.گېلىمغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك، گەپ قىلالماي قالدىم.بالام چۇڭۇلداپ سۆزلەۋاتاتتى .ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭغا بەك ھايال بولماي بارىدىغانلىقىمنى ،جىق ئۇيۇنچۇق ئېلىپ بارىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ تىلفۇننى قويدۇم.مەن بالىنى قۇيۇپ قۇيۇپ ئۇقۇشقا كىلىپ خاتا قىلدىممۇ -قانداق دەپ ئولاپ قالدىم.بىراق ھازىرقى رىقابەت كەسكىن دەۋىردە  ھەرقانداق ئادەم بۇلۇپمۇ بالا تەربىيلىگۈچى ئۇقۇتقۇچىلار بىلىمنى يېڭىلاپ تۇرىشى كىرەك ،«ئۇقۇغۇچىلارغا بىر ئىستاكان سۇ بىرىش ئۈچۈن،ئۇقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بۇلۇشى كىرەك»تە!ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پىداگوگىكا كەسپىدە ئۇقۇمىغان بولغاچقا ،گەرچە ھەر مەۋسۈمدىكى ئۇقۇغۇچى،ئاتا-ئانىلاردىن پىكىر ئېلىشتا ماڭا ياخشى باھالار چۈشسىمۇ،بەزىدە مۇنبەردە تۇرۇپ ئۇزەمدىكى بىلىمنى بالىلارغا تۇلۇق يەتكۈزۈپ بىرەلمەيۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم .شۇڭا مۇشۇنداق تەربىيلەشلەرگە قاتنىشىپ باققۇم بار ئىدى.قانداق قىلىمەن   قۇربانلىق بەرمەي تۇرۇپ نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولمەيدۇ ئەمەسمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98951
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 12:19:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرداشلارنىڭ بەرگەن ئىنكاسلىرىغا رەخمەت ،تەكلىۋىم خۇلاسىنى ئالدىرىماي چىقارغان بولساڭلار .بۇ دۇنيادا پۇتۇنلەي ئەسكى ياكى پۇتۇنلەي ياخشى ئادەم بولمايدۇ.بۇرۇنقى كۆرگەن بىلگەنلىرىڭلارغا ئاساسەن ھىلىتىن ھىكايەمنىڭ ئاخىرىنى چۇشۇرىۋەتسەڭلار سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
سالاماەتلىكم تازا ياخشى بولمىغاچقا كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كىلىپ بولالمايۋاتىمەن .بولمىسا داۋامى چىقمىغان ،ئادەمنى تەقەززا قىلىدىغان ئەسەرلەرگە مەنمۇ ئۆچ ئىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98951
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 12:23:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kepanogrisi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 12:15 AM
كۆزىگە بالىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ ئاخىر. مانتا كۆرمىگەن قەلە ...

ئۇنداق بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98951
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 08:56:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى
مانا ئۇقۇش باشلىغىلىمۇ ھەپتە بوپ قالدى ،ھەركۈنى مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان داڭلىق يازغۇچىلار،ئوبروزچىلارنىڭ ،پىسىلوگلارنىڭ لىكسىيەلىرنى ،تەجرىبىلىك،پىشقەدەم ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي دەرسلىرىنى ئاڭلاش بىلەن كۈنۈم ئالدىراشچىلىك لىكىن ناھايىتى مەنىلىك ئۆتىۋاتاتتى.
بۇ دەرسلەرنى ئاڭلىغانسىرى ئىلگىرى مىڭەمدە پەيدا بولغان نۇرغۇن نىمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاپ تاپقاندەك بولاتتىم-دە،ئۇقۇشقا كەلگىنىم خاتا بولمىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشىنىپ،كۆپرەك بىلىم ئىگەللەش ئۈچۈن ،باشقا ساۋاقداشلارغا ئوخشاش دەرستىن قېچىپ بازار چۇرگىلمەستىن،ھەربىر مىنۇتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتاتتىم.
بۈگۈن شەنبە ،ساۋاقداشلار« ھاردۇق چىقىرىمىز،مۇئەللىملەرنى مىھمان قىلىمىز»دەپ ،بىرەر يەردە ئولتۇرۇشنى مەسلىھەتلىەشكەن ئىدى.مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمايلا سىنىپ باشلىقىمىزغا بىرىشكە تىگىشلىك پۇلنى بىرىپبىرىپ،بارالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ سىنىپتىن چىقتىم.ئەزەلدىن بۇنداق ئەر-ئاياللار ئولتۇرىشىغا قاتناشمايتىم.بۇ يولدىشىمنىڭ چىڭ تۇتقىنىدىنلا ئەمەس بەلكى ئۆزۈم توغرا تاپمايتىم.سەۋەبى خىزمەتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشتىن بەك بىئارام بولۇپ كەتكەن ئىدىم.ئەسلىدىكى سالاپەتلىك ئەرلەر بۇنداق سۇرۇندا بىر-ئىككى رومكا ئىچتىمۇ بولدى
بولدى،ئىچىملىك ئۇلارنىڭ مىڭىسىگە چىقىپ،نىرۋىسىنى غىدىقلامدۇ قانداق سۆز-ھەرىكەتتە ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي قالاتتى ،شۇڭا ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ،ئۆزۈمنى باشقىلارنىڭ «قونچىقى»قىلىپ قويغۇم يوق ئىدى.
ياتاققا كىرىپ قېلىنراق كىيىندىم-دە،مەكتىپىمىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان«غالىبىيەت كىتاپخانىسى»غا قاراپ ماڭدىم.گەرچە 3-ئاي كىرەي دەپ قالغان بولسىمۇ،سىرتتا لەپىلدەپ قار
يېغىۋاتاتتتى.كوچا چىراقلىرىنىڭ يۇرۇقىدا ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرى بەك چىرايلىق كۆرىنەتتى.بىردەمدىلا كىتاپخانىغا كەلدىم،بۇيەردا ئادەم  ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.بۇرۇن ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا ھەر ھەپتىسى قوش ئارام ئېلىش كۈنىدە بىر كۈن كۈنۈم مۇشۇ كىتاپخانىدا ئۆتەتتى .خۇددى شۇ چەغدىكى غەمسىز،شوخ ۋاقتىمغا قايتىپ قالغاندەك ئازادە كەيپىياتتا بىردەم كىتاپ كۆردۇم.بەك كەچ قالماسلىق ئۈچۈن ياقتۇرغان بىر قانچە كىتاپىنى سېتىۋېلىپ يېنىپ چىقتىم.
ئۈرۈمچىنىڭ قار ياغقاندىكى كەچلىك مەنزىرىسى بەكلا گۈزەل جۇمۇ،ھەممە ياق بىردەمدىلا ئاپئاق تونغا پۇركەنگەن ،رەڭمۇرەڭ كوچا چىراقلىرى سۇس يالتىراپ تۇراتتى ،كىشىلەر ئالدىراشچىلىق بىلەن ئۇياق-بۇياققا كىتىۋاتاتتى.تۇرۇپلا قورسىقىمنىڭ ئاچقىنىنى ھىس قىلدىم،كەچلىك تاماقنى يىمىگەن ئىدىم ،بايىدىن بېرى كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپ ھىس قىلمىغان ئىكەنمەن،«بەلكىم بۇ كەمگە مەكتەپتىمۇ تاماق قالمىدى،تاماق يەپ كىرىپ كىتەيچۇ»شۇ خىياللار بىلەن بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلدىم.ئاشخانىنىڭ ئالدى سەل تېيىلغاق بولغاچقىمۇ تۇيۇقسىز تېيىلىپ كەتتىم.كەينىمدىن بىرەيلەن چاققانلىق بىلەن كىلىپ تۇتىۋالمىغان بولسا قانچە قاتتىق يىقىلىپ چۇشەرمەنكىن-تاڭ.
-يىقىلىپلا يۇرەمسىز دەيمەن؟
-ياقەي،خېلى دىققەت قىلغان بولمىسا،سىز؟
-ھە ،قايسى كۈنى دىققەت قىلماپسىزدە؟ مەن شۇ ئۆتكەندە يىقىلىپ چۈشكەندە سىزنى يۆلەپ قويغان،قىززىق بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق بوپقالدى.
-ھە،رەخمەت سىزگە.
-قۇرۇق رەخمەت ئېيىتقانغا بولمايدۇ ،مىنىڭمۇ قورسىقىم ئېچىپ تۇراتتى،مىنى مىھمان قىلىڭ
ئەگەر باشقا گەپ قىلغان بولسا بىر باھانىلەرنى قىلىپ بىللە تاماق يىيىشنى رەت قىلغان بولاتتىم .بۇ كەچتە سىرتتا ئەر كىشى بىلەن تاماق يەپ يۇرسەم مۇۋاپىق بولمايتى.،بىراق ھازىر «ياق»دىسەم خۇددى پۇلغا چىدىمىغاندەك بولۇپ قالىدىغىننى ئويلىدىم ۋە ئارتۇق «بولىدۇ»دىدىم .بۇ تاماقخانا بەك چىرايلىق بىزەلگەن بۇلۇپ كوچىغا قارىتىلغان دېرىزىسىدىن سىرتنىىڭ مەنزىرىسى  ئۇچۇق كۇرۇنۇپ تۇراتتى .دىيىشىۋالغاندەلا ھەرئىككىمىز دېرىزىنىڭ يېنىدىكى ئۇرۇننى كۆرسىتىپتۇق،كۇلۈشۇپ كەتتۇق ،تاماق بىردەمدىلا چىقتى،ئۇ خېلى گەپدان ئادەم بۇلۇپ ،تاماق يىگەچ ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ چىقتى.ئۇنىڭ ئىسمى يالقۇن بۇلۇپ،بىر ۋىلايەتتىن ئىىكەنمىز ،ھەپتە بوپتۇ بىر سىنىپتا ئۇقىۋېتىپتۇق.مەن ئۆزەمنىڭ ئىشى بىلەن بۇلۇپ پەقەت دىققەت قىلماپتىمەن .بايا كىتاپخانىدىمۇ ئۇ مىنى كۆرۈپتۇ،ئۇنىڭ گەپلىرىگە بىر ئېغىزدىن جاۋاپ بىرىپ ئولتۇردۇم ،ئۆزۈم سەل بىئارامچىلىق ھىس قىلىۋاتاتتىم،خۇددى يولدىشىم  يېنىمدا قاراپ تۇرغاندەك ،ھېلىلا كىرىپ «نىمە قىلىۋاتىسەن»دەپ سوتلاپ كىتىدىغاندەك .يالقۇن:
نىمە بولدىڭىز؟بىرەر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟چىرايىڭىز تاتىرىپ كەتتىغۇ؟
-ياق،ھىچنەرسە بولمىدىم،ياتاقنى تاقىۋىتەرمىكى دەپ سەل جىددىيلىشىپ قېلىۋاتىمەن.
-بۇنداق بالدۇر تاقىۋەتمەيدۇ،ئەمدى سەككىز يېرىم بوپتۇ.ئۇنىڭ ئۈسستىگە بۇگۈن سىنىپتىكىلەرنىڭ ئولتۇرىشى كەچرەك ئاياغلىشارمىكى.
-ھە.
گەپنىڭ كۆپىنچىسىنى يالقۇن دەپ، مەن بىر ئېغىزدىن جاۋاپ بىرىپ دىگەندەك ئاخىرى تاماقنىمۇ يەپ بولدۇق.پۇل تۆلەيدىغان يەردە مەن ىېلى چىڭ تۇرساممۇ ،يالقۇن:«ئەر كىشى بار يەردە ئايال كىشى پۇل تۆلەپ يغرسە سەت تۇرىدۇ»دەپ تاماق پۇلىنى ئۆزى تۆلىۋالدى ،گەرچە بۇ پۇل بەك كۆپ بولمىسىمۇ ،بىراق باشقىلارغا ئادىمگەرچىلىك قەرزى بوپ قالغان ئىدىم
يولدا ماڭغاچ يالقۇن ئۆزىنىڭ كىتاپ ئۇقۇشقا ئامراق ئىكەنلىكىنى ،ئولتۇرۇشلارغا زۆرۈر بولمىسا ئانچە بېرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۆزى ئۇقۇغان كىتاپلار،پىرسوناجلار توغرىسىدا قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ بەردى ،مەنمۇ ئۇقۇغان ئەسەرلەرنى تىلغا ئالغاندا ئۆزۈممۇ بىلىپ -بىلمەيلا قىزغىن تالاش-تارتىشلارنى قىپ كىتىپتىمەن ،يالقۇن«ئەسلى گەپ خالىمايدىغان مۇرىمەسمىكىن دىسەم،گەپ قىلىدىكەنسىزغۇ»دىگەندىلا،ئۆزۈمنىڭ قىزغىن سۆزلەپ كەتكىنىنى سىزىپ،سەل خىجىل بولۇپ قالدىم بىردەمدىلا مەكتەپكە كەلدۇق.
-رەخمەت سىزگە،دىدىم.
-نىمىگە رەخمەت ،بىر يۇرتلىق ئىكەنمىز ،ياقا-يۇرتتا ياردەملىشىپ ئۆتكىنىمىز ياخشى .
-ماقۇل ئەمىسە ،خوش
-خوش
ياتاققا كىرسەم، باشقىلار تېخى كىلىپ بولالماپتۇ ،ئۇيدىكىلەر بىلەن تىلفۇندا پاراڭلىشىپ بۇلۇپلا كارىۋىتىمغا چىقىپ ئۇخلىماقچى بولدۇم،ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ىېلىغىچە ئۇخلىيالمىدىم .ئوي-پىكىرلىرىم بەك قالايمىقان ئىدى،شۇ كۈنى كىچىچە قالايمىقان چۈش كۈرۈپ چىقىپتىمەن .بىراق كۆرگەن چۈشلىرىمنىڭ بىرەرسىمۇ ئېسىمدە يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1343 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 10:27:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا ھىكايىنىڭ ئاخىرىغا نەزەر تاشلايلى.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 11:01:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ....

ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرىغا تەشنابىز...

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100568
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 781
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 01:02:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق،،،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7820
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1826 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 01:09:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق داۋامى چىققاندا بىراقلا ئوقۇي، مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1343 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 03:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشنىمۇ كۆپرەك يەپ، ھىكايىنىڭ ئاخىرىنىمۇ كۆپ يازسىڭىزچۇ؟

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش