مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: miskin-ahu

دىلىغۇللۇق (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98951
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 10:00:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 11:54 AM
ناھىيدىكى بىر چىرايلىق خانىم، ئۆرۆمچىگە بىلىم ئاش ...

بەلكىم ئەتراپىمىزدا شۇنداقلارمۇ باردۇ،بىراق مىنىڭ ھىكايەمدىكى پىرسوناج ئۇ تىپتىكى ئايال ئەمەس ،سەل ئۆزىڭىزنى تۇتىۋالسىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1343 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 12:45:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى يىزىڭە.......................

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12506
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32528
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4541 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 02:47:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹قەيسەر بىلەنمۇ نورمال سالاملىشىپ ئۆتىۋاتاتتۇق››بۇ يەردە ‹‹يالقۇن››دېگەن ئىسىم‹‹قەيسەر››بولۇپ قالپتۇ...

ھېكايە تىلى شۇنداق چۈشىنىشلىق،جەلپ قىلارلىق چىقىۋاتىدۇ......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98951
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 02:59:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 02:47 PM
‹‹قەيسەر بىلەنمۇ نورمال سالاملىشىپ ئۆتىۋاتاتتۇق››بۇ  ...

توغرا ،ئەسلى ۋەقەلىككە كىرىپ قالغان ئوخشايمەن،بۇ رىئال ۋەقەگە ئاساسەن يېزىلغان ھىكايە ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 03:02:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تۇرمۇش قۇرۇپ بولغان ئەر ئاياللارنىڭ مۇھەببەت توغرىسىدا ئويلىشى ئارتۇقچە ئىشقۇ دەيمەن. ئەمدى ئجرىشىپ كەتكەن بويتاق بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا؟ مەنمۇ جىق بارغان ئۇنداق ئۈگىنىشلەرگە. چوڭ كىچىك پىششىق توڭنىڭ بىر سىنىپقا يىغىلىپ ئوقۇشلىرى، باشقا باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن ھەر خىل مىجەزدىكى كىشىلەرنىڭ بىرەر ھەپتىگىچە يىتىرقاشلىرى، كېيىن ئامال تېپىپ يىقىنلىشىشلار،رەسىمگە چۈشۈشلەر، كۈتىۋىلىش، خوشلىشىش ئولتۇرۇشلار، بىللە بازار ئايلىنىشلار، ئەرلەرنىڭ ھاياسىز بىقىشلىرى ، چاقچاقلىرى ،جەنۇپلۇق ئايال كورسانىتلارنىڭ ئەتىسىلا چاچ پاسۇن ، كىيىملىرىنىڭ ئۆزگىرىپ قىلىشلىرى ، بەزىدە ئاياللار تەشەببۇسكار بولۇپ كېتىشلىرى........... ھەممىسى ئوخشاش تەكرارلىنىدىغان نورمال ئىشلار. لېكىن ئۇنى توغرا چۈشۈنىش باشقا ئىش .
ئۆز ۋاقتىدا ئالى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چېغىمدا مەلۇم ئىش بىلەن مائارىپ ئىنىستۇتىغا بارغان ئىدىم. بىزنىڭ مەھەللىدىن ئوقۇشقا كەلگەن بىر چوڭراق ئايال بار ئىدى.شۇ ئايالنىڭ شۇ چاغدا قاخشاپ بېرىشلىرى مىنىڭ كۇرۇسلارغا بولغان چۈشەنچەمنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى بولۇپ قالغان ئىدى . مەن بارغان كۈنى بىر خوتەنلىك ئايال ماشىنا ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كېتىپتۇمىش، ھىلىقى ئايال « مائارىپ شۆيەنىگە كەلگەن ئايال خەقنىڭ ھەممىسىنى ھىلىقىدەك دەرمىش ، بۇ پاسكىنلارمۇ جىم ئولتۇرمايدۇ، بىر ۋاق لەغمەنگىمۇ چىقىپ كېتىپ بارغان. يىراقتا قالغان ئېرى كۆرمىگەن بىلەن ئاسماندا خۇدايىم كۆرۈپ تۇرىدۇ-غۇ، مانا بىرسى بۈگۈن بۇ مەينەتچىلىكنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.............»
    كېيىن  ئىدارىدىكى قازاق خىزمەتدىشىم دەپ بەرگەن بىر ئىشنى ئويلىساملا كۇرس دىگەنگە تىخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتىم.  
قازاق خىزمەتدىشىم كۇرۇسقا بارغاندا تۇرپانلىق بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن ياخشى ئۆتۈپتۇ. قازاق خىزمەتدىشىم بىلەن ھىلىقى ئايالنىڭ ياتىقى خوشنا ئىكەن. كېيىنچە قازاق خىزمەتدىشىمنىڭ ياتىقىدىكى يەنە بىر ئەر يۇرتىغا قايتىپ كېتىپتۇ. كېيىن ئۇ ئايال بۇ ياتاققا كۆنۈپ قاپتۇ. يېرىم يىلدەك بىللە يېتىپ قوپۇپتۇ. كېيىن ھەممىسى يۇرتىغا قايتىپ كېتىپتۇ. ئايالنىڭ ئېرى بار ئىكەن. ................... پەسلىك، مەينەتلىك، رەزەللىككە تولغان كۇرس ياتىقى. ھەييييييييي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagdowlat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 03:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98951
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 03:09:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bagdowlat يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 03:02 PM
مۇشۇ تۇرمۇش قۇرۇپ بولغان ئەر ئاياللارنىڭ مۇھەببەت توغ ...

توي قىلىپ بولغان ئەر-ئاياللارنىڭ مۇھەببەت توغرىسىدا ئويلىشىنى دۇرۇس ئىش دىگىلى بولمايدۇ،بىراق ئوي-خىيال دىگەننى قىلما دەپ تۇسۇغىلى بولمايدۇ،مىنىڭچە گەپ ئۆزىنى قانداق كونترول قىلىشتا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98951
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 03:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرداشلار ئىنكاس يازغاندا ئۆزۈڭلار كۆرگەن،ئاڭلىغان كەچۈرمىشلەرنى قىستۇرماي ،قىزغىن كەيپىياتىمغا سۇغۇق سۇ سەپمەي تۇرغان بولساڭلار،مۇھەببەتنىڭ ھەممىسى ئاخىرى بېرىپ جىنسىي ئىستەك ئۈچۈن بولمايدىغانلىقىغا ،دۇنيادا ساپ،شەخسىيەتسىز مۇھەببەتنىڭ بارلىقىغا  مەن ھىلىھەم ئىشىنىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 03:16:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئادەمغۇ ئاخىر، مۇھەببەت دىگەن روھىيەتتىكى گۈزەل بىر تۇيغۇ ئىدىغۇ؟ جىنسىيەتتىن ئىبارەت بۇ خىل ھايۋانىلىق بىلەن قەلبىدىكى گۈزەل ھىس تۇيغۇلارنى دەسسەپ چەيلىۋەتكەن ئىنسانلارغا  لەنەت ئوقۇيمەن.
10يىلنىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن. خېلى رومانتىك ئىدىم. يولۇققان مەسىلىلەرنى كىتاۋى نەزەريە بىلەن ھەل قىلماقچى بولاتتىم. باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن ئۆزەمنى ئازاپلاپ يۈرەتتىم. ھازىرقىدەك ئەقلىم بولغان بولسا ئىدى -ھە..  ..........سابىق يولدۇشۇم قەشقەرگە ساياھەتكە كېتىپ بۇرۇنقى سۆيگىنى بىلەن«888»نۇمۇرلۇق ياتاقتا يېتىپ كەپتۇ. بۇ گەپنى باشقا ۋاقىتتا ئاڭلىغان بولسام مەيلىتى، قانداق ۋاقىتتا ئاڭلىدىم دىسەڭلار دادام تۈگەپ قاتتىق مۇسىبەت ئىچىدە تۇرغان، بېشىمدا ئاق ياغلىق ھالەتتە ئاڭلىدىم. يىغلىدىم قاھشىدىم، دادام بىلەن بىللە كەتسەمچۇ دەپ ئويلىدىم. كېيىن ئۇ چوكاننىڭ نۇمۇرىنى تېپىپ «بۇرۇن بالامنىڭ دادىسىغا ئاشىقلىقىڭىزنى  سىز لىقمۇ-لىق تولدۇرۇپ بەرگەن خاتىرىڭىزدىن كۆرگەنمەن. ئەجىبا سىز ئاشۇ گۈزەل- ھىس تۇيغۇلىرىڭىزنى قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدە بىر ئۆمۈر ساقلاپ ئۆتۈشنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟.................»دەپ كېتىپتىمەن.
تۈفى ............................. ھازىر بولغان بولسام « ماڭا ۋاي رەسۋا، ماۋۇ ھەزلەك بىر بالام قەشقەردە قالدى دەۋاتىدۇ ، ئېرىڭغا دەپ شەرمەندەڭنى چىقىرىمەن» دەپ تەھدىد سالسامچۇ دەپ پۇشايمان قىلىمەن.
  قەشقا يېڭىشەھەر توغرىلىق گەپ سۆزلەر چىقىپ قالسا ھىلىقى رەسۋانى، ئۇنىڭ يۇمشاقباش ئېرىنى، ساق تۇغۇلغان بولسا بۇ يىل 12ياشلارغا كىرىپ قالغان ھارامدىن بولغان بالىسىنى ئويلاپ قالىمەن.
ئىشقىلىپ بۇ دۇنيا ئەزەلدىن مۇشۇنداق رەزىلمىتى دىگەن سوئالغا جاۋاپ تاپالماي كەلدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 03:20:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ ھېلىقى قازاق خىزمەتدىشىم بۇ ئىشلارنى خۇددى شىمىشكا چاققاندەك شۇنداق ھىسسىياتسىز سۆزلەپ بەردىكى، نىمىسىنى دەييييييييي، ئاھ ئەخمەق ئاياللار، ئەرلەرنىڭ ئولجىسى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ، مۇھەببەتكە ئېرىشتۇق دەپ بىلىدىغان قاپاق باشلار. چىچى قىسقىرىغان بىلەن ئەقلى ئۇزىرىمىغان نادانلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98951
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 04:05:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى:
ئامبۇلاتورىيەدىكى  دوختۇر تەكشۇرۈپ ،«زۇكام تەسىرىدىن كاناي ياللۇغى قوزغىلىپتۇ»دەپ دىئاگنوز قويدى.بۇرۇندىن ئاسما ئاستۇرۇشقا قېرىق بولغاچقا دورا يازغۇزۇپ يېنىپ چىقتۇق.
-چۈشلۈك تاماق ۋاقتىمۇ بولۇپ قاپتۇ،تاماق يەپ كىرىپ كىتەيلى ،دىدى يالقۇن.
-مەيلى .
كەيپىياتىم شۇنداق ناچار ئىدى ،مىجەزىم يوق بولغاچقىمۇ ياكى قاردا يول تېيىلغاق بولغاچقىمىكىن يولدا ئاران-ئاران قەدەم ئېلىپ كىتىۋاتاتتم.يېقىنلا يەردىكى بىر تىز تاماقخانىغا كىردۇق،بۇ يەردە ئادەم ناھايىتى ئاز ئىدى،تاماق بۇيرۇتۇپ چىققۇچە ۋە تاماق يىيىلگۈچە ئارتۇق گەپ بۇلۇنمىدى.ھەر ئىككىمىز خىيال بىلەن ئولتۇراتتۇق.تۇيۇقسىز كۆڭلۈم شۇنداق ئېلىشىپ كەتتى ،كۈتكۈچى قىزدىن قول يۇيۇش ئۆيىنى سورىدىم-دە ،ئاران ئۈلگۈردۇم،ئەتىگەندىن بېرى يىگەن نەرسەم يېنىپ كەتتى،بىردەم تۇرىۋېلىپ ،يۈز-كۆزۈمنى يۇيىۋېلىپ قايتىپ چىقتىم،ئۈستەلگە كىلىشىمگىلا يالقۇن:
-ئۆيىڭىزدىكىلەر تىلفۇن قىپتۇ ،دىدى .ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتكەن ئىدى.
تىلفۇننىڭ ئىكرانىغا قارىسام «ئېلىنمىغان تىلفۇن-ئوغلۇمنىڭ دادىسى»دىگەن خەت يۇرۇپ تۇراتتى .تىلفوننى قۇيۇپ قۇيۇپ،«چىقامدۇق»دىدىم،يالقۇنمۇ گەپ قىلمايلا ئورنىدىن تۇردى.يەنىلا ئۈن-تىنسىز مېڭىپ مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلدۇق،يالقۇننىڭ بىسەرەنجان چىرايىغا قاراپ «نىمە بولدىڭىز»دەپ سورىدىم.يالقۇن «بىلمەيمەن،كىيىن پاراڭلىشايلى ،خوش» دىگىنىچە كەينىگە ئۆرۈلۈپلا كىتىپ قالدى .ئۇنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن كۆڭلۈم بىر خىللا بوپ قالدى .تۇنۇشقان قىسقىغىنە مەزگىلدە ،مەن پەقەت ئۇنىڭ خۇشخۇي چىرايىنىلا كۆرگەن،قىزىقارلىق ،چوڭقۇر مەنىلىك گەپلىرنىلا ئاڭلىغان ئىدىم.بۈگۈن نىمە بولغاندۇ؟
ياتاققا كىرىپلا يولدىشىمغا تىلفون قىلدىم،ئۇ خىزمىتى يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى،ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن،»ئاۋازىڭ ئۆزگىرىپ قاپتۇ،يەنە گېلىڭ ئاغرىپ قاپتۇ-دە»دىدى ،مەن تۇرۇپلا قالدىم «توۋا مەن نىمە دىگەن ئالدىراقسان-ھە ؟بىر تىلفۇننى ئالمىسىلا  خاپا بولغىلى تۇرۇپتىمەن ،ئۇ يەنىلا ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىكەن،نىمىلا دىگەنبىلەن نەچچە يىل بىر ئۆيدە ياشىدۇق ئەمەسمۇ»
-ھەئە ،بىراق ئانچە ئېغىر ئەمەس ،ئەنسىرىمەڭ
-ھە ،تاماقنى ۋاقتىدا يە،پۇلۇڭ بارمۇ؟سېلىپ بىرەيمۇ؟
ئۇنىڭ بىر قانچە ئېغىز گىپى پۇتۇن ۋۇجۇدۇمنى ئېرىتىۋەتتى.ئۇ مەن بىلەن بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان،ياق توي قىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئەستايىدىل ۋە مىھىرلىك تەلەپپۇزدا پاراڭلىشىۋاتاتتى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۇرۇپ بەدىنىمنى كۆكەرتىۋەتكەنلىرى،قۇلۇمنى سۇندۇرىۋەتكەنلىرى،ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشكەندە چېچىمدىن سۆرەپ تالاغا ئەچىقىۋەتكەنلىرى كۆز ئالدىمدا يوق بەلكى گۇناھنى ئۆزەمدە قۇيۇپ، مەن مىھرىمنى بەرمىگەچكە،قېينئانامنىڭ يوليۇرىقى بويىچە شۇنداق قىلغان بولغىيتى دەپ ئويلاپ ئۇنى سېغىنىپ قېلىۋاتاتتىم.
بىردەم پاراڭلىشىپ تىلفۇننى قويىۋەتتىم.«ئاياللار -ئۆچكە يېغى» دىگەن شۇ بولسا كىرەك.شۇ كۈنى شۇنداق ياخشى ئۇخلاپتىمەن .ئەتىسى ئەتىگەندە سىنىپقا چىقىپلا يالقۇننى ئۇچراتتىم.
-قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
-ياخشى ،خېلى ئوڭشىلىپتىمەن ،سىزچۇ؟
-مەنمۇ ياخشى
گەرچە يالقۇن ئېغىزىدا نىمە ئىش بولغىنىنى دىمىسىمۇ،ئۇنىڭ سېلىنغان قاپاقلىرىدىن ،قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن ئۇنىڭغا بىر ئىش بولغىنىنى پەملىگەن ئىدىم .بىراق كوچىلاپ سوراشنىڭ ئورنى يوقتە؟
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ،چۈشلۈك ئارام ئېلىشتا كىتاپ ئۇقۇپ ئولتۇرۇپ  ياتاقتىكى ئاياللارنىڭ گىپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
-ھەي ،ئاڭلىدىڭلارمۇ،سىنىپىمىزدىكى ھېلىقى يالقۇن دىگەن بالا  ئاجرىشىپ كىتىپتىكەن.
-ھە،كىلىشەلمىگەن بولسا ئاجرىشىپ كەتكەندۇ؟
-ياق ،ئايالى سىرتقا قاراپ قېلىپ ئاجرىشىپتىكەن
-نىمە؟خېلى قاملاشقان ھەم ئۇچۇق-يۇرۇق بالىكەنغۇ ؟
-تاڭ،يالقۇن بىلەن بىر مەكتەپتىن كەلگەن  بىر خانىم دەپ بەردى
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم،قايسى كۈنى يالقۇن بەلكىم مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ بىئارام بولغان بولسا كىرەك.ھەي ھايات !سەن نىمە دىگەن سىرلىق -ھە؟!قارىماققا شۇنداق غەمسىز كۆرىندىغان ئادەملەرنىڭ يۈرىكىدە قانچىلىك غەملەرنىڭ بارلىقىنى بىر ئىگىسىلا بىلسە كىرەك.
شۇنىڭدىن كىيىن يالقۇن بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئۆزەمنى قاچۇرىدىغان بوپقالدىم،كىتاپخانىغىمۇ بارمىدىم.سىنىپتىمۇ ئامال بار ئۇنىڭدىن يىراق ئولتۇردۇم .گەرچە ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگۈم كۆڭلىنى ياسىغۇم ،ھايات مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى،چۇقۇم ياخشى ئايالغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيىتقۇم بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاشتىن ئۆزەمنى قاچۇردۇم،راستىنى ئېيىتقاندا ،ئۇنىڭ ئۆز كەچۈمىشلىرىنى دەپ بىرىپلا توختىماي،باشقا بىر گەپلەرنى قىلىپ تاشلىشىدىن ئەنىرەيتىم .تۇنجى قېتىم بىللە تاماق يەپ ،يولدا كەلگۈچە ئۇقۇغان كىتاپلىرىم توغرىسىدا  مۇلاھىزە قىلغاندا،ئۇ تۇرۇپ كىتىپ«بۇ دۇنيادا سىزدەك بىر قىزنىڭ بارلىقىنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن»دىگەن ئىدى.بىراق ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا مەقسەتسىزلا دىققەت قىپ قېلىۋاتاتتىم.ئۇ بۇرۇنقىدەك ھەممەيلەن بىلەن چاقچاقلاشمايتى،توختىماي بىر قارا رەڭلىك خاتىرىگە بىر نەرسىلەرنى يېزىۋاتاتتى.كۈنلەر يەنىلا تىز ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش