samuray0902 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 11:07 PM
12 مۇقام دىگەن ئىپلاسنى تىرىلدۈرگەن خانلىقنى يوقۇتۇپت ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ، بۇ ئىنكاسىڭىزدىكى بەزى سۆزلەر سەل ئوشۇقچە بولۇپ كىتىپتۇ، مەن ئۆزۇم ناخشا-مۇزىكا دىگەننى بەك ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ لىكىن ھەربىر ئىشقا ئادىل باھا بەرمىسەك بولماس.
12مۇقامنى سەئىدىيە خانلىقى تىرىلدۇرمىدى، بەلكى ئاماننىساخاننى دىمەكچى بولسىڭىز ئاماننىساخانمۇ خەلقىم توختىماي مۇقام تولاپ بەزمە -مەشرەپ قىلسۇن دەپ ۋەسىيەت قالدۇرمىدى ھەم ئاماننىساخان نوقۇل مۇقام ئۈچۇنلا قەلەم تەۋرەتمەي خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقىي جەمىلە›› (گۈزەل ئەخلاق) «شۇرۇھۇل قۇلۇپ»(قەلبلەر سۆھبىتى) قاتارلىق ئەسەرلەرنىمۇ يازغان .
سۇلتان ئابدۇرىشىتخان دەۋرى خانلىقنىڭ ئەڭ گۇللەنگەن مەزگىلى ئىدى شۇنداق بولغان ئىكەن ئىلىم-مەرىپەت بىلەن بىرگە مەدىنىيەت-سەنئەتنىڭمۇ تەرەققىي قىلىشى ئىنىق. شۇ ناخشا-تىكىستلەر ئاماننىساخان توپلىماستىمۇ خەلىق ئىيتىپ كىلىۋاتقان ھەممىسى ئاماننىساخاننىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، پەقەت توپلاپ رەتلىدى خالاس.
بەزىلىرىمىز تىخى خاندانلىقنىڭ مۇنقەرىز بولىشىنى ئاماننىساخاننىڭ مۇقامنى يىغىپ توپلىغانلىقىغا دوڭگەپمۇ ئۇلگۇردى، ئاماننىساخان ئالەمدىن ئۆتۇپ 120نەچچە يىلدىن كىيىن مۇنقەرىز بولغان خانلىقنىڭ يىقىلىشىنى ئۇنىڭغا باغلاش بۇ ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ئۇنداقتا مۇقام ئىجات قىلمىغان مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسى نىمىشقا يوقالدى؟ مەڭگۇلۇك ھاياتلىق بولمىغاندەك مەڭگۇلۇك ھاكىمىيەتمۇ يوق.
سىز قارغىغان خانلىقنىڭ قانداق ئۇلۇغ ئىشلارنى خان-سۇلتانلىرىنىڭ قانداق ئۇرۇشلارنى قىلغانلىقىنى ‹‹ تارىخى رەشىدىيە ›› ‹‹تارىخى رەشىدى زەيلى›› ‹‹ سەئىدىيە خانلىقىغا دائىر ماتىرىياللار›› ....قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارىخ كىتاپلاردىن ئىزدىنىپ بىقىپ قارغىسىڭىزمۇ ئۇلگۇرىسىز.
مەن ئاپپاق خوجا توغرۇلۇق بىر نەسە دىمەيمەن ھەم ئەيىپلىمەيمەن چۇنكى ئۇ توغرۇلۇق بىلىدىغىنىم يۇزەكى ياكى توردىكى قىسقا ماقالىلەردىنلا ئۇنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىدىن خەۋەردار بولغان ھەم كۆرگەن ، ياخشى بولسا نەتىجىسىنى كورىۋاتىدۇ يامان بولسىمۇ ھەم جاۋابىنى بىرىۋاتىدۇ (ئاللاھ ھەممىنى بىلگۇچىدۇر)
ھەم ئۆزىنى مۇسۇلمان ھىسپلىغان كىشى بىراۋنى (بولۇپمۇ ئۆلگەن كىشىنى ) قارغىمايدۇ بۇ توغرىسىدا ئىنىق ھەدىس بار. ھەم سىزنىڭ باشتا دىگەن ‹‹ 12 مۇقام دىگەن ئىپلاسنى تىرىلدۈرگەن خانلىقنى يوقۇتۇپتۇ›› دىگەن سۆزىڭىزنىڭ ئۆزىلا 160نەچچە يىل ھۆكۇم سۇرگەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىغا قىلغان ھاقارەت، مۇشۇ سۆزىڭىزلا مىنى ئىنكاس يىزىشقا مەجبۇر قىلىپ قويدى، ئەگەر سىز خوجىلار تەرەپتارى بولسىڭىز شۇلارنىڭ ياخشى ئىش ھەركەتلىرىنى پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇڭ، بولمىسا قالايمىقان گەپ قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ ھىسياتى بىلەن ئويناشماڭ.