kufrat يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 09:08 AM
ئافاق غوجا مەيلى قانداقلا ئادەم بولمىسۇن ئۇنى تىللاش ۋ ...
قېرىندىشىم ، سىز مېنى جېدەل تېرىش ئۈچۈن يوللىدى دەپ تولىمۇ خاتالاشتىڭىز . ئەگەر ھەممىلا ئادەم سىزدەك ئويلىسا بۇ مۇنبەردە تېما يوللاشقا پېتىنالىغۇدەك ئادەم قالمايدۇ . شۇڭا تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تەپپەككۇر قىلسىڭىز تېما يوللىغۇچىنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن تەپپەككۇر قىلسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز .
مەن بۇ تېمىنى ئاپئاق غوجىنى تىللاڭلار ، تىرىلىپ چىقىپ قالسا چالما-كېسەك قىلىڭلار دەپ يوللىغىنىم يوق . بۇ تارىخنى ئوتتۇرغا سۆرەپ چىقىشىمدىكى مەقسەت ، ئاپئاق غوجىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە قىلغانلىرىنى بىلىۋېلىشتىن سىرت ، ئارىمىزدىكى بەزى ئاپئاق غوجىلارنى تۈپتىن تۇنۇپ ، ئۇلارنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماڭ دېمەكچى .
سىزگە مۇنۇ بىر ئابزاسنى سوۋغا قىلاي ، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ يازغان ئىنكاسىڭىزنى قايتا ئوقۇپ بېقىپ ، ئاندىن تەپپەككۇر يۈرگۈزسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز :
ئاپئاق غوجاھاكىمىيتى سۇپىزىمنى قانۇن ۋە ئەخلاق قىلغاچقا پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭنى خۇراپاتلىق، زۇلۇم ، نامراتلىق ، نادانلىق ، جەڭگى-جېدەل ، ئاچارچىلىق قاپلاپ كەتكەن . بۇ ھال ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەرەقىياتىنى بىر نەچچە ئەسىر كەينىگە چىكىندۈرۋېتىشكە سەۋەبچى بولغان .
ئەزىز قېرىنداشلار، تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ . خەلقىمىز ئاپئاق غوجا ۋەكىللىكىدىكى سۇپى-ئىشانلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى پەقەت يېقىنقى يىللاردىلا بىلىپ يەتتى ۋە يەتمەكتە . بۇ ئەقىل-ئىدرىكىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ ، ساپايىمىزنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنىڭ مەھسۇلى . شۇنداقتىمۇ ئاشۇ ئېچىنىشلىق تارىخنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى ئۈستىدە دائىم پىكىر يۈرگۈزۈپ تۇرشىمىز كېرەك .