nasrulla يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 03:50 PM
ياپۇنلاردا مۇنداق بىر خىسلەت بار،
ياپۇنلارنىڭ بىر د ...
تېمىنىڭ ئۆزى بىر ياخشى چىقسا نەسىرۇللاھنىڭ ئىنكاسى تېخىمۇ ياخشى چىقىپتۇ .
دىمىسىمۇ بىر ئەسكى ئىشنى بايقاش ئۈچۈن ئۇ ئىشتىن خەۋەر تاپمىسا قانداقمۇ بايقاپ چىققىلى بولىدۇ . ئەسكى ئىش قاپلىغان مۇھىيىت ئىچىدە تۇرغان ئادەم بىلەن ئەسكى ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادەمنىڭ پەرقى بار مۇنبەرداشلار. بەزى كىشىلەر بار دەريا بويىغا بىرىپ سۇ ئىچمەي كىلدىغان بەزى كىشىلەر بار سەھرايى كەبىر چۆللىگىدىن تىرناقلىرىنى قان قىلىپ يەر كولاپ سۇ چىقىرىپ ئىچىدىغان .
مىنىڭ ياتىقىمدا ئىچىدە تېما ئىگىسى تىلغا ئالغان ھىلىقى شوپۇر ئاداشتىن مىڭگە دەرىس بىرىدىغان ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرى ھىلىقى شوپۇردىن نەچچە ھەسسە ئىشىپ كەتكەن بىر ياتاقدىشىم بار . ئۇنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ئاڭلسا كىشى ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيدۇ كىشى . خىزمەتتىن چۈشتىمۇ تېلېفۇننى كۆتۈرۈپ بالكۇنغا بىر كىرىۋالسا سائەتلەپ-سائەتلەپ ئىغىزىدىن ساپلا شۇ ئىغىزغا ئالغۇسىز پاراڭ چىقىدۇ . بىرسى ئۇخلاپ قالسا يەنە بىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ بۇ ئۇخلاپ قالسا يەنە بىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ . باشلىقلار ياتاققا ئورنىتىپ بەرگەن ۋايفاينىڭ راھىتىنى مۇشۇ ياتاقدىشىملا كۆرەمدىكن دەيمەن . پات-پات ياتاقنى ج خ نىڭ ئادەملىرى تەكشۈرۈپ تۇردۇ . ئۇنىڭ جىزا ،قول تېلېفۇنللىرىدا ساپلا شۇ ناچار ۋىدىيو ۋە ناچار سۈرەتلەر بىلەن تولغان . نىمە دەيدۇ . جىزىغا ۋە قول تېلېفۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا قالايمىقان نەرسە قاچىلما دەپ قويدۇ تېخى . ئايلىق دەم ئىلىش كۈنىنى ساقلاپ ھەر ئايدا ئىش ھەققى چىقسىلا دەرھال ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ قۇشقاچلىرى بىلەن كۆرۈشۋىلىپ ئۈچ كۈنگە قالماي دەرھال خىزمەت ئورنىغا نەدە بولمىسا ئۇنۇپ بولىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-10 12:04 AM