bagdowlat يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 03:16 PM
لېكىن ئۇلاردا تىل يوق، ئەقىل يوق. لېكىن بىزدە يەتكۈچە ب ...
سەۋەبى شۇكى ئۇلار خۇشاللىق تاپماقچى ! ياكى بۇ جاھاندىن ئۆچ ئالماقچى !
پىسخىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ـــ ئۇلارنىڭ دوپامىنى شۇ ئىشنى قىلساڭ خۇش بولىسەن دەيدۇ ئۇ قىلىدۇ ئەمما خۇشاللىق تاپالمايدۇ ! ئۇلار پىرىنسىپنى تاشلاپ ، رېئاللىقتىن قېچىپ ، ھوزۇر ئۈچۈنلا يۈرۈۋاتقانلاردۇر !
يەنە ئۇلارنىڭ مەلۇم كىشىلەر ياكى مەلۇم ئۆتمۈشىگە قاتتىق نارازىلىقى بار ، ئۇلار زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرغاندەك ، شۇ ئىپلاسلىقلار بىلەن كۆڭلى سەل ئارام تاپقاندەك ھېس قىلىشىدۇ !
يەنە بىر چوڭ مەسىلە شۇكى ، ئۇلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىدى شۇڭا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ ! بىر قېتىم شۇنداق ئىپلاسلىق قىلىپ ھېچبىر جازا كۆرمىدى ، خەقمۇ بىلمىدى ! بۇ ھال ئىككىنچى قېتىملىقنىڭ مۇقەررەر بولۇشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ ! شۇڭا قىلىۋېرىپ بىلىنمەيدىغان ، نورمال ھادىسىدەك ھېس قىلىشىدىغان بولۇپ كېتىدۇ ، خەققىمۇ ئۆگىتىدۇ ! ئەيدىزلەرنىڭ بىر قىسمى جاھاندىكى ھەممە ئادەم ئەيدىز بولسا ، دەتنى يا تەڭ تارتىمىز ، يا دورا مەجبۇر ياسىلىدۇ دەپ قاراپ ، كۈچىنىڭ بارىچە تارقىتىدىكەن كېسىلىنى ! ماۋۇ بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقانلارمۇ ھەممە ئادەم بۇزۇق بوپ كەتسە بىز ئاپتاپقا چىقىپ قالمايمىز دەپ قاراپ تىنچ كېتىۋاتقانلارنىمۇ بۇ پاتقاققا سۆرەۋاتىدۇ !
ئۇلار شۇ مۇھىت ، شۇ ئىدارە ، شۇ ئۆزى ھەرىكەت قىلىۋاتقان دائىرىدىن چىقىپ مۇھىت ئالماشتۇرمىغىچىلىك ، ياكى يېڭى بىر ئىدىيە قوبۇل قىلمىغۇچىلىك ئوڭشىلالمايدۇ ! ھېچبولمىسا كۇڭزىنىڭ كىتابلىرىنى بولسىمۇ كۆرسە ، (باشقىنى كۆرگۈسى كەلمەيدۇ بەرىبىر ! ) ئىدىيىسىدىكى ئاچارچىلىققا پايدىسى تېگىدۇ ! بەك ئېغىرلىرى ئەلى مۇئەللىمنى ئىزدىسە ئوڭشىلىدۇ ! يا بولمىسا «گورموننى» جىق يەۋالغان كۈنى ئاشنىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆلۈپ قالسا ھەممە ئىش ئوڭشىلىدۇ !