naprati يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 11:19 PM
ھەيران قالغىنىم باشقىلارنىڭ مەخپىي نەرسىلىرىنى كۇرۇش ...
ياپۇنلاردا مۇنداق بىر خىسلەت بار،
ياپۇنلارنىڭ بىر داڭلىق ئالىمى بىر سەھنىدە ناھايتى ياخشى بىر نۇتۇق سۆزلەپتۇ، مۇشۇ ياخشى نۇتۇقنى بىرسى يەنە بىرسىگە يەتكۈزۈپتۇ، قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن ، ئۇ نۇتۇقىدا نىمە دەپ سأزلةپتذ دةپ سورايدىكەن. ئەمما بىز جۇڭگۇلۇقلاردا يەنى بىزلەردە مۇنداق سورايمىز. ئۇ نۇتۇقنى كىم سۆزلەپتۇ دەپ سورايمىز. ئەگەر داڭلىق ئەرباپ بولسا خاتا سۆزلىسىمۇ شۇ ئەربابنىڭ گېپى توغرا ، ئەگەر ئۇ ئادەتتىكى كىشى بۇلۇپ ئۇنىڭ گېپى قۇتادغۇبىلىكتەك ئېسىل بولسىمۇ ئۇنىڭ سۆزى بىر تىيىنغا تەڭ قىلىپ چىقىىرىمىز ، ياپۇنلار نۇتۇقدا نىمە سۆزلىنىپتۇ دەپ سورايدۇ، ياپۇنلاردا نۇتۇق سۆزلىگۈچى بىر ئادەتتىكى كىشى بولسىمۇ سۆزلىگەن نۇتۇقى ئېسىل بولسا شۇ نۇتۇقىدىن كىشىلەر پايدىلىنىدۇ، ئۇلار كىم سۆزلەپتۇ ئەمەس، نىمە سۆزلەپتۇ دەپ سورايدۇ، ئەمما بىز بولساق نىمە سۆزلەپتۇ دىمەي كىم سۆزلەپتۇ دەيمىز، كىشىنىڭ سۆزىنىڭ پايدىلىقلىقىغا قارىماي، شۇ كىشىنىڭ ئابرۇيىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قارايمىز، بىلىملىك نامراتنىڭ گېپىدىن ، بىلىمسىز باينىڭ گېپىنى توغرا دەپ قارايمىز،
بۇ گەپچە بولغاندا گەرچە ئىزدىنىش باشقىلارنىڭ مەخپىيىتىنى كۆرۈپ خاتا قىلغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ بۇ تېمىسىدا بىر ھەقىقەت بار، ئۇ بۇ تېمىدا شۇ ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ، قانداقتۇر ئۆزىنىڭ ناچار تەرپىنى سۆزلىگەن ئەمەس، ئاپلىسىننىڭ پوستى ئاچچىق، قىرتاق بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى گۆشى سۇلۇق، ھەم تاتلىق،
شۇڭا بىر سۆزلىگۈچىنىڭ نام ئابرۇيىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ئۇنىڭ سۆزلىگەن سۆزىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىكە قارىشىمىز كېرەك.
بۇ تېمىنىڭ يىزىلىشى ناھايتى ئۇرۇنلۇق، بىز ئاپتۇر بىلەنلا قالماي تېمىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزەيلى.
بىر چاغدا بىرسىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بىر مۇنبەردەئاڭلىغان، بىرسى مىڭ توغرا گەپ قىلسىمۇ ، ئەڭ ئېسىل تەبلىقلەرنى قىلسىمۇ ، ئۇنىڭ بىلىمى، ئابرۇيى ، يېشى مەندىن تۆۋەن بۇلىدىكەن ئۇنىڭ سۆزى بىر تىيىنغا تەڭ ، ئۇ ھەم ھاراقكەش تۇرۇپ ئاغزىدىن ھېكمەتلىك دۇردانىلەر چىقسىمۇ ئۇنىڭ سۆزى بىر تىيىنغا تەڭ دەپ يۈرەتتى، بۇ بىر ھاكاۋۇرلۇقتۇر خالاس، بىلىم مەيلى كىمنىڭ قۇلىدا بولسۇن ئۇ ئۆزىنىڭ قەدرىنى يوقاتمايدۇ، بىلىمنى بىر ھاراقكەش سۆزلىسىمۇ ئۇنىڭ شۇ سۆزلىگەن سۆزى خاتا بولمىسىلا بىز شۇ بىلىمدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك،
تۈن تەشۋىشى، نەپرەتى، مۇكەرەم لەر، سىلەر كىمنىڭ سۆزلىشىگىلا ئېسىلىۋالماي، تېمىدىكى ئاچچىق ھەقىقەتلەرنى قۇبۇل قىلىڭلار، بۇ ھەقىقەتلەردىن تېما ئىگىسىنى باھانە قىلىپ بۇ ئاچچىق ھەقىقەتلەردىن قاچماڭلار، نەسىھەت ئاچچىق مىۋىسى تاتلىق دىگەن گەپ بار،
تېمىدىكى ئىشلار ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بارغانسىرى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، بۇنى ھەمىمىمىز بىلىمىز، بىراق بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىپ يۈرۈيمىز، مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىرسى بۇ ئەھۋاللاتنى تېما يىزىپ ، كۆپچىلىك بىلەن بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتسە باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى كۆرگەن دەپ پۈتۈن تېمىنى خاتاغا چىقىرۋەتسەڭلار بولمايدۇ. توغرا گەپ بۇزۇقنىڭ ئاغزىدىن چىقسىمۇ ئۇ يەنىلا توغرا گەپ،
ساقچىلارمۇ جىنايەتنى پاش قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنىڭ ھەممىسىنى مەجبۇرى ئاختۇرۇپ ياكى سوراپ ئىسپات ئارقىلىق جىنايەت بېكىتىدۇ، ئىزدىنىشمۇ باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە قىززىقىپ جەمئىيىتىمىزنىڭ بۇزۇقچىلىققا تۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدى، ۋە تېما قىلىپ يوللىدى، دىمەك ئۇ بىر بۇزۇقچىلىقنى پاش قىلدى دىگەن گەپ، ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ دىمىگەندىكىن بۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش بۇلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزدىنىش ئاشۇنداق سېرىق فىلىمنى كۆرەيچۇ دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرگەن ئەمەس، شۇڭلاشقا كىچىك بىر ئىشنى پىلدەك يوغانتىپ تېمىدىكى ھەقىقەتنى ئىزدىنىشنىڭ خاتالىقىدا يېپىپ . ياخشى تېىنى يامانغا بۇراپ يۈرمىسەڭلارمۇ بۇلىدۇ،
ئاپتۇر بىلەنلا قالماي تېمىنى مۇنازىرە قىلايلى .ئەڭ ياخشىسى، ئاپتۇرمۇ ئۆزىدىكى خاتالىقلارنى تۈزەتسۇن،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nasrulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-9 04:06 PM