مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: huxhal

خۇشاللىق قوغلاشمايدىغان كىم بار ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 01:35:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئامەت دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن ، بەزىلەر ئۇنى بىر ئۆمۈر قوغلىشىپمۇ يېتەلمەيدىكەن ، بەزىلەر قوغلاشقانسېرى ئامەت ئۇنىڭدىن قاچىدىكەن ، لېكىن بەزىلەرگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىكەن ، ئۇلارنى ئەگىپ كېتەلمەيدىكەن . فەررۇخقىمۇ ئامەت كېلىۋەردى ، ئىشلىرى ئوڭغا تارتىۋەردى ، مانا ئەمدى سودىسىنى چەتئەللەرگىچە كېڭەيتتى . چەتئەلدە تۇرالغۇلىرىمۇ بار بولدى . بۇ بەزىلەر ھەتتا خىيالىغىمۇ سىغدۇرالمايدىغان ئىشلار ، لېكىن فەررۇخ ئۈچۈن ئانچە كۈچ سەرپ قىلمايدىغان ئىش . ھازىر ۋەتەنگىمۇ ئانچە كۆپ قايتمايدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ لالەگە دىيىشىچە ، ئۇنىڭ تىجارەت ئىشلىرى بەكمۇ ئالدىراش ئىكەن . بىر نەچچە دۆلەت ئارىسىدا توختىماي چېپىپ يۈرەرمىش . ئائىلە ئايالىغا ئايلانغان لالە قانچىلىغان كۈنى تۈنلەرنى ئۇنى سېغىنىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولدى . لېكىن نىمە ئامال ؟ ئۇمۇ مۇشۇ ئائىلىنى دەپ رىيازەت چېكىۋاتقان تۇرسا ، ئۇنى قوللىمىسا بولامدۇ ؟ فەررۇخقىمۇ تەس ، يات ئەللەردە بىزنى دەپ جاپا تارتىۋاتىدۇ ، مۇساپىر بولۇپ يۈرۈۋاتىدۇ ، نىمىلا دېگەن بىلەن لالە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يېرىدە مېھرىبان يۇرتداشلىرى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ياشاۋاتىدۇ ، بىراق فەررۇخچۇ ؟ ئۇ تەنھالىقتا ياشاۋاتىدۇ ....لالە ئويلىغانسېرى ئۇنى سېغىناتتى ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغۇسى ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغۇسى ، ئۇنىڭ بىلەن كۈندە بىللە بولۇپ ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇسى ، ئۇنىڭغا ئۇ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ بەرەۈسى كېلەتتى .

سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110782
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 02:34:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 12:47:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھەر بىر كۈننى سېغىنىش ، كۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان لالە ئۈچۈن كۈنلەر تولىمۇ تەستە ئۆتكەندەك قىلسىمۇ لېكىن ئەمىلىيەتتە تولىمۇ تېز ئۆتۈۋاتاتتى ، چۈنكى ۋاقىت ھامان توختىماي داۋام قىلىدۇ . ھېچكىمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ ، ئۇ گويا شامالدەك ئالدىغا قاراپ غۇيۇلداپ مېڭىۋېرىدۇ ، سەن چاچلىرىڭ ئاقىرىپ ، نالىلىرىڭ ئىڭىكىڭگە تاقاشقاندا ، ساڭا ناھايىتى ئاستا ئۆتكەندەك بىلىنگەن ھەر بىر كۈننىڭ تولىمۇ تەستە ئۆتكەنلىكىنى ھەيرانلىق بىلەن ھېس قىلىسەن .
  نەفىسەمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدى . مەكتەپكە ئۇقۇشىمۇ كىردى ، لالەنىڭ ئەمدىكى ئىشىغا نەفىسەنى ھەر كۈنى ماشىنا بىلەن مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىش قوشۇلدى ، ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدىغان خىزمەت ھاياتىدىن خوشلاشقىلى خېلى يىللار بولۇپ قالغان لالە ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۆيگە بېكىنىپ ئولتۇرۇش تولىمۇ مەنىسىز تۇيۇلاتتى ، لېكىن نىمە ئامال ؟ بۇ خىل تۇرمۇشقىمۇ كۆنمەي نە ھاجەت ؟!
  كۈنلەر شۇنداق زېرىشكىش ئىچىدە ئۆتىۋاتقان بىر كۈنى فەررۇختىن تېلفۇن كەلدى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە ، مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە فەررۇى ۋەتەنگە كەلگىدەك ، لالە بىلەن نەفىسەنى ئېلىپ ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرغۇدەك . لالە تولىمۇ شادلاندى ، چەتئەللەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىش باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭمۇ ئارزۇسى ئىدى ، بۇ دۇنيادا سەيلى - ساياھەتنى ياقتۇرمايدىغان ئادەم يوقتۇر ؟ لالە ئالدىراش تېنەش سەپەر تەييارلىقىنى باشلىۋەتتى ، نەقەدەر كۆڭۈللۈك ! _ دەپ ئويلايتتى ئۇ ، _ بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرىنى كۆرىدۇ ، بۇ ساياھەت بولۇپمۇ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتان نەفىسە ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ......   ئويلىغانسېرى لالە  ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىققا چۆمەتتى ، ئۈچەيلەن بىللە سەپەرگە ئاتلانغان ئاشۇ كۈنگە  ئىنتىزار بولاتتى ........


    لالە ئىنتىزار بولغان كۈنمۇ يېتىپ كەلدى ، فەررۇخ  ۋەتەنگە كەلدى- دە ، ئەتىسىلا ئۇلارنى ئېلىپ چەتئەلگە قاراپ ئۇچتى .

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-11-29 01:47 PM):
بىر كۈننىڭ تولىمۇ تېز

سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 01:45:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىشى ئىدى ، لالە قولىدىن ئىش كېلىدىغان ، ئەقىل - پاراسەتلىك ، ساداقەتمەن ئېرىنىڭ بولغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ،لالە تولا كۆردى ۋە ئاڭلىدى ، ئۇ تونۇيدىغان بەزى پۇلدارلار  ئۇزۇن يىل جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىللە   بولغان قەدىناس ئاياللىرىدىن يۈز ئۆرۈپ باشقا ئاياللارنى تېپىۋالدى ، بەزىلىرى ھەتتا يوشۇرۇنچە بىر نەچچە ئايال بىلەن نىكاھ ئوقۇتۇۋا
لدى ، لېكىن فەررۇخچۇ ؟ پۇل تاپقان بىلەن بەزى ۋىجدانسىزلاردەك لالەگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ باقمىدى ،مانا ئەمدى ئۇلارنى يىراق ئەللەرگە ئويناتقىلى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ ، فەررۇخ نىمە دېگەن ياخشى ئەر - ھە ؟ دوسلىرىم ئېيتقاندەك مېنىڭ ھەقىقەتەن تەلىيىم باركەن ، لالەنىڭ قەلبى ئويلىغانسېرى شادلىققا تولاتتى ............

  ئۇلار ئايرۇپورتتىن چىقىشىتى - دە ، ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان ماشىنىغا چىقىشتى
  _ دادا ، نەگە بارىمىز ؟ دېڭىز بويىغا بارامدۇق ؟ - سورىدى نەفىسە قىزىقىپ .
  _ ئالدى بىلەن ئۆيىمىزگە بارىمىز ، دېڭىز بويىغا ئەتە بارىمىز ، قوزام .
  ماشىنا بىرەر سائەتتەك يول يۈرۈپ ، بىر ئىگىز بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى .
  _دادا ، ئۆيىمىزگە كەلدۇقمۇ ؟
  _ ھەئە ، كەلدۇق ، قوزام ، ئۆيىمىزگە ھازىرلا كىرىمىز .
ئۇلار بىنانىڭ 3- قەۋىتىگە چىقىپ ، فەررۇخ بىر ئۆينىڭ ئىشىك قوڭغىرىقىنى بېسىۋىدى ، 22 ياشلار ئەتراپىدىكى تولىمۇ چىرايلىق بىر قىز ئىشىكنى ئاچتى .
  
- قېى كىرىڭلار - دىدى فەررۇخ ،- ئۆيگە كەلدۇق مانا .
  بۇ كىمدۇ ؟ ئەجابا فەررۇخ .... ياق ، ياق ، مەن چوقۇم خاتا ئويلاپ قالدىم ... شۇلارنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەن لالە كىرىسلوغا كېلىپ ئولتۇرغاچ ئەتراپقا نەزەر سالدى  ، ئۆيلەر تولىمۇ ئازادە بولۇپ ، بەكمۇ نەپىس بېزەلگەن ، دەرىزىلەرگە ئېسىل غەرپچە پەردىلەر تارتىلغان .
ئۇھ ! ئەجەپ ھېرىپ كەتتىما ! _ فەررۇخ شۇنداق دېگەچ كىرىسلودا سوزۇلۇپ ئەمدى يېتىشى بىلەن قاياقتىندۇر ئىككى ياشلار چامىسىدىكى بىر كىچىك بالا يۈگۈرۈپ چىقتى .
  _ دادا ، دادا ، دادام كەلدى ....
بالا يۈگۈرۈپ كەلگەنچە فەررۇخقا ئۆزىنى ئاتتى .
_ فىرات  كېچىدىمۇ تۈزۈك ئۇخلىمىدى ، دادام قېنى دەپ ، ئەجەپ سېغىندۇردىڭىز بىزنى جېنىم ، - دىدى لالەگە چاي سۇنۇپ بېرىۋاتقان بايىقى  ياش قىز  ئاخىرىدىكى ‹‹ جېنىم ›› دېگەن سۆزنى تولىمۇ ئۇرغۇلۇق تەلەپپۇز قىلىپ .
فەررۇخ قانداقتۇر چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئىپادە بىلەن لالەگە لاپپىدە بىر قارىدى- دە ، كۆزىنى يەنە ئىتتىكلا قۇچىقىدىكى بالىغا يۆتكىدى .


لالەنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى ، پۇت قوللىرى تىترىدى ، گويا بىرى ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ يەنە ئۇنى ئاسماندىن يەرگە  تاشلىغاندەك ، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى كۈكۈم - تالقان بولغاندەك  ، يۈرىكى  غەزەپ - نەپرەت ئوتىدا كۈيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى ، ئۇنىڭ قولىدا  ئىستاكاننى تۇتۇپ تۇرغىدەكمۇ مادار قالمىغان ئىدى ، ئىستاكان  گىلەمگە چۈشتى ، قىزىق چاي پۇتىغا تۆكۈلدى .....  ئارىدا  نىمە ئىشلار بولغىنى نامەلۇم ، بىر چاغدا ناھايىتى يىراق بىر جايدىن فەررۇخنىڭ ‹‹ لالە ، لالە ››دەپ چاقىرغان ، نەفىسەنىڭ ‹‹ ئاپا ›› ، دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك  بولدى ، لالە كۆزىنى ئاستا ئاچتى ، نەفىسىە يېنىدا يىغلاپ ئولتۇراتتى ، فەررۇى لالەنى ئىككى مۈرىسىدن تۇتۇپ ‹‹ لالە ، لالە ›› دەپ  ھەدەپ سىلكىمەكتە . لالەنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى ، شۇ دەم ئۇ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە  ، ئەڭ دۆت ئادەم دەپ ھېس قىلدى ، ئىش مۇشۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكىچە ئۇ  ھېچنىمىنى  بىلمەي يۈرۈپتۇ ، فەررۇخنى پەقەت ماڭىلا مەنسۇپ ، ئۇ زىنھار ۋاپاسىزلىق قىلمايدۇ ، دۇنيادىكى ئەڭ ۋىجدانلىق ئەرلەرنىڭ بىرى دەپ يۈرۈپتۇ ، ئەسلىدە ئۇ بىر يۈزسىز ، ئىپلاسكەن ئەمەسمۇ !؟

‹‹ چاڭ ›› قىلىپ  تۇيۇقسىز تەگكەن شاپىلاقتىن فەررۇخ چۆچۈپ كەتتى .
  _ لالە ، مەن ساڭا چۈشەندۈرەي ، _ دىدى ئۇ قىزىرىپ كەتكەن يۈزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يېلىنغاندەك تەلەپپۇزدا .
  _ چۈشەندۈرىمەن ؟ نىمىنى چۈشەندۈرىسىز ؟ ئېيتىڭە ! نىمىنى چۈشەندۈرىسىز ؟
  _ لالە ، مېنى كەچۈر ، مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن ، يۈز كېلەلمەيمەن .

  _ يوقال !  
   







  

   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-29 01:53 PM  


سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش