تارىمى يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 12:15 AM
ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۈن كۆرگىسى ، نەچچە مىليۇنلۇق كىي ...
مەنمۇ پىكىرىڭىزەە قوشۇلىمەن . ئىقتىسادى كۆپلەر ھەشەمەت قىلسۇن ، ئىقتىسادى ئازىراقلا ئىقتىسادىغا چۇشلۇق ئاددىي-ساددا قىلسۇن . نىمە قىلىمىز ئۆزىنىڭ پۇلىنى خاتىرجەم چىقىم قويغىلى قويماي . ئۇلارنىڭ پۇلنىڭ زاكىتنى ئايرىۋەتسە قالدى پۇلىنى تىجەپ باشقىلارغا ياردەم قىلىش مەجبۇريىتى يوق . ئاللاھ مۇشۇنداق گۈزەل زىمىننى بەرسە .مۇشۇ زىمىنغا يارىشىملىق ئېسىل ئۆيلەرنى سىلىپ پاكىز-ئېسىل كىيىنىپ يۈرمەي . ئىندىئانلارغا ئوخشاش ئۈچ تال ياغاچنىڭ بىر بىشنى چىتىپ ئايغىنى يول پىلانلاش خادىملىرى ئىشلىتىدىغان دۇربۇننىڭ پاقىچدەك كەرىپ ئۈستىنى پاخال بىلەن يىپىپلا ياپرىغى يوغانراق يوپۇرماق بىلەن ئەۋرەتلەرنى توسۋىلىپ ياشاپ ئۆتەرنىڭ ئورنى يوقتە . ئىنسان بولغانكەن ئېسىل تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ بىقشىنىڭ ئورنىغا ئاددىي-ساددىلىقنى باھانە قىلىپ ئۈجمە پىش ئىغىزىمغا چۈش دەپ يۈرسەك ھايۋاندىن نە پەرقىمىز ئەمدى !
....ئانچە-مۇچنە كۆرۋاتىمىز گېرىتسيەنىڭ ، ياپۇنيەنىڭ . شېۋىتسارىيەنىڭ سەھرالارغا سىلىنغان كاتتا-كاتتا داچىللىرىنى .قورغالىرىنى . ئەتىراپى ياپيىشىل شۇنداق ھەيۋەتلىك . تىنىچ. گۈزەل كۆرنىدۇ . دۇبەينىڭ . مولداۋانىيە . مالايشىيا ....قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مىھامان سارايلارنىڭ سىلنىش ئۇسلىبى . ئاستىغا ۋە تاملىرىغا چاپلانغان فار-فۇر چاقچۇقلىرىدىن بىر خىل مۆتىۋەرلەرچە سىما چىقىپ تۇرغان . قىز-ئاياللارنىڭ ئۈستى-بىشىدىكى كىيىملەرنىڭ شۇنداق ياراشقانلىقىچۇ تېخى .شۇنداق تەنناز ،شۇنداق جەلىپكار كۆرنىدۇ . ئارزۇ قىلغان نەرسىگە ئىرىشىش باشقا گەپ . ئىرىشەلمىسمۇ كۆرۈپ ھۆزۈر ئىلىشنىڭمۇ ئۆزى بىر خىل ھوزۇر . نەچچە يىل تىرىشىپ ئىشلەپ شۇلاردەك بولالمىساقمۇ بۇ قىيىنچىلىق دىگەن ئۆلگەندە تۈگەيدۇ . بەزىدە نەچچە ئون مىڭ يۈۋەننى ئوغىر ئالسىمۇ ئىلۋالىدۇ . ئەينى ۋاقتىدا شېڭسسەي ئاتا-وۋىللىرىمىزنىڭ كۆزىگە مىلتىقنىڭ ئۇچىنى نوقۇپ تۇرۇپ كۆزىگە كۆرسۈت تۇرۇپ ۋەزىيەتنىڭ مۇقۇمسىزلىقدىن خاتىرجەم خەجلىيەلمەي ئەبجەق ساندۇقلىرىغا تىقىپ قويغان خالتا-خالتا ئالتۇنلىرىنى كونكىسغا كۆتە-كۆتە قىلىپ بىسىپ كىتىپتىكەن . شۇ ۋاقتىدىمۇ ئامالسىز چىدساپتىكەن بوۋىلار .شۇڭا ھىچ بولمىغاندا ئادەم دىگەن ھاياتىدا يا دەككىكام بىر تاشلىق قىمارنىڭ پۇلى يۈرە بىششڭنى يەيدىغان خوتۇن تالاي يىل خىزمىتىمنى قىلغانتىڭ . يۈرە كوت-كوت ئانا . يۈرە مەندىن بىر ئومۇر قاخشاپ رازى بولماي ئۆتىدىغان دادا....دەپ ئونبەش-يىگىرمە مىڭ يۈۋەننى بىر-ئىككى ئاي چوڭراق شەھەرلەردە سورۇپ خەجلەپ جاھاننىڭ رەپتارىنى كۆرۈپ باققانغا نىمە يىتىدۇ . ئەنە شۇ بەك تاپقانلار پۇلى گۆرىگە ئىلىپ كىتەلىدىمۇ . مۇشۇ كۈنگە شۈكۈر دىگەنلەرنىڭ پۇلى توپىلىشىپ بىشى بىلەن تەڭ بولدىمۇ ؟ ئۇنداق بولغىنى يوق . ھۆكۈمەت باي بولۇپ چوڭ-چوڭ خەجلەپ چوڭ-چوڭ چىچڭلار ئوغۇت بولسا بېڭتۇۋەننىڭ يەرلىرىگە يېشىل ئوغۇت قىلىپ يېشىل دۇنيا قۇرىمىز دەپ تولا تەشۋىق قىلىپ ئىغىزدىن ماغزاپ ئىقىپ كەتتى . بىرسى باي بولۇپ ئىنساندەك غۇرىرىمىزنى تىك تۇتۇپ ياشايلى دەۋاتقان . بىرسى چوڭچىلىق قىلماي چۈمىلدەك ئاز يەپ قوتازدەك كۈچەپ ئىشلەپ . كەمتەرلىكتتە تاشپاقدىن ئۈگىنىپ ياشايلى دەۋاتقان . بىرسى مەنمەنچىلىك قىلماي ياشايلىي دەۋاتقان چىرايلىق كەيگەن. ئېسىل يۈرگەن مەنمەنچىلىك بولسا . ئەسلىدىن كالتا ئىشتان لىبىر بىلەن يۈرگەنلەر نىمە دىگەن ئاددىي-ساددا ۋە نىمە دىگەن قانائەتچان ھە !