مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: huxhal

خۇشاللىق قوغلاشمايدىغان كىم بار ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1319 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 09:43:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bagdowlat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 11:29 PM
قويىڭە رەسىم پەسىمنىڭ گېپىنى، مۇنبەرگە بىر ياردەم تې ...

رەسىمنى ماڭا يوللاپ بىرىڭ، مەن مۇنبەرگە چىقىرىپ بىرەي.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 11:04:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تېخى يېزىپ بولالمىدىڭىزما....؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103050
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2014-2-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 07:19:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك بەك بەك ساقلاپ كەتتۇق جۇمۇ

ئۆزەمگە تەئەللۇق ئاشۇ كۇنلەرنى تاپمىغۇچە يامغۇردا قىلىشقا رازىمەنكى ھەرگىز ئۆزەمگە تەئەللۇق بولمىغان كۇنلۇكتە ۋاقىتلىق يامغۇردا پاناھلانمايمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 09:53:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 11:04 PM
ئاخىرىنى تېخى يېزىپ بولالمىدىڭىزما....؟

بىرنەچچە كۈندىن بېرى بەكلا ئالدىراش بولۇپ قالدىم ،گۈلۈم ، بەكمۇ خىجىلمەن ، ئاللاھ خالىسا چوقۇم داۋاملاشتۇرىمەن .

سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 09:55:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gvzalnur2 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 07:19 PM
بەك بەك بەك ساقلاپ كەتتۇق جۇمۇ

ئۆزرىلىكمەن ،جېنىم ، بىر ئاز كۈتۈشكە توغرا كېلىدىغان بولدى ، بەكلا ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 09:57:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(شەيدا) يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 11:13 PM
قېنى ما ئەسەرنىڭ ئاخىرى؟؟؟؟
تېزراق يوللىسىڭىزچ ...

رەھمەت ئۇكام ، يازمامنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم ، سىزنى ساقلىتىپ قويغانلىقىمدىن خىجىلمەن .

سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 10:40:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لالە خېلى ئۇزۇن يىغلىغاندىن كېيىن ئاندىن يىغىدىن توختىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قانداقتۇر تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدىغان ئەلەم ئۇچقۇنلىرى چاقنىماقتا . ئۇنىڭ خۇشاللىق ۋە ئازاپقا تولغان ھېكايىسى مېنى خىلمۇ خىل خىياللارغا غەرق قىلماقتا .
                             *   *   *
  لالە ئائىلىسىدىكى بىر تاللا بالا ئىدى ، دادىسى ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا قازا قىلىپ كەتكەن بولۇپ ، تۇل ئانىسى مىڭ بىر جاپا مۇشەققەتلەرنى چېكىپ ئۇنى ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلدى .
_ قىزىم ، - دەيتتى ئانا ، _ مەن ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇيالمىغان ، سەن بولساڭمۇ ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ ، بىلىملىك ئادەم بولغىن ، داداڭنىڭ سەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ شۇ ئىدى . سەن ئالى  مەكتەپتە ئوقۇساڭ مەن تولىمۇ خۇش بولغان بولاتتىم قىزىم  ، رەھمەتلىك داداڭنىڭ  روھىمۇ  خۇش بولغان بولاتتى .
ئەلۋەتتە ، لالەنىڭمۇ ئارزسى شۇ ئىدى ، ئاجايىپ گۈزەل ئەسلىمىلەرگە ھەمراھ بولىۋاتقان مەكتەپ ھاياتىدا ئۇ ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇشنى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ، ئاشۇ گۈزەل ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەل باغلىغان ئىدى ، ‹‹ تىرىشقان تاغ ئاشار ›› دېگەندەك ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىكار كەتمىدى ، ئۇ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇرى نومۇر ئېلىپ تىببى ئۇنىۋېرىستېتقا قوبۇل قىلىندى . ئالى مەكتەپ ھاياتى ئۇنىڭ ھاياتىغا تېخىمۇ گۈزەل ، تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىلەرنى ، تېخىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىقلارنى بەخش ئەتتى ، ئۇ مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى ، ئۇنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئارزۇسى ئۆز كەسپىنى پىششىق ئىگىلەپ ، ئۆز يېزىسىغا قايتىش ، شۇ يەردە خىزمەت قىلىش ، ئۆزى ئۈچۈن سەكپارە بولغان يالغۇز ئانىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىش ئىدى .
  لېكىن ئىشلار ئۇنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك بولمىدى ، ئۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانغا ئاز قالغان كۈنلەردە تەسساپى بىر پۇرسەتتە  بىر يىگىت بىلەن يەنى يولدىشى فەررۇخ بىلەن تونۇشتى . ھايات مانا شۇنداق خىلمۇ خىل تەسسادىپىلىقلارغا تولغان ئىكەن ، مەيلى كىم بولسۇن ، ھاياتىدا ئۆزى ئويلاپمۇ باقمىغان تەسسادىپىلىقلارغا ئۇچرايدىكەن ، مانا مۇشۇ تەسسادىپىلىقلار كىشى ھاياتىغا بەزىدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىقلارنى بەخش ئەتسە ، يەنە بەزىدە پۈتمەس - تۈگىمەس ئازاپ ئېلىپ كېلىدىكەن .

    لالە فەررۇخ بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولدى ، فەررۇى ئاتا - ئانىسىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا سودا قاينىمىغا غەرق بولغان يىگىت ئىدى . ئۇ گەرچە ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ گەپ - سۆزى ، باشقىلارغا قىلغان مۇئامىلىسى ئادەمنى قايىل قىلماي قالمايتتى . بولۇپمۇ لالەنىڭ نەزىرىدە فەررۇخ لالەنى بىر ئۆمۈر بەختلىك قىلالايدىغان ، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتنىڭ خىلمۇ خىل بوران - چاپقۇنلىرىدا ھەر دائىم بىللە بولالايدىغان ئەڭ قابىل ئادەم ، شۇنداقلا كېلىشكەن قەددى - قامىتى ، ئورۇنلۇق گەپ - سۆزلىرى ئارقىلىق قىزلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋېتىدىغان  ‹ ئاق ئاتلىق شاھزادە › ئىدى .

سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100568
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 03:24:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر تولىمۇ ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ داۋامىنى ساقلاي ،،،،،،،،،،،،،بەك ئۇزاق ساقلاپ كەتمىسەمكەن دىگەن ئۈمۈدتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 05:21:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   فەررۇخنى ئويلىسىلا لالەنىڭ قەلبى يورۇپ كېتەتتى ، مۇھەببەتكە ئەسىر بولمايدىغان ، ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلانمايدىغان كىم بار ؟! چۈنكى مۇھەببەت زىمىستاندىكى بىر پارچە ئوتتەك ئىنسان ۋۇجۇدىغا تەسۋىرلىگۈسىز ھارارەت بېغىشلايدۇ ، خۇددى باھار ئاپتىپىدەك قەلبلەردە ئاجايىپ گۈزەل ھېس - تۇيغۇلارنى ئويغىتىدۇ ،گوياكى  مەيىن شامالدەك سېنى تەسەۋۋۇرۇڭدىكى ئاجايىپ گۈزەل ، سەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايلارغا ئۇچۇرۇپ بارىدۇ ، مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولغان شۇ دەملەر ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل دەملەرنىڭ بىرى ئەمەس دەپ كىم  ئېيتالايدۇ ؟!  
  
   _ فەررۇخ ، فەررۇخ ، سىز مېنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھىم ، سىز مېنىڭ  بەختىم ، سىزنى سۆيىمەن ، مەن سىزنى ئاداققىچە سۆيىمەن .............  لالە  تالاي كېچىلەر فەررۇخ بىلەن غايىۋانە مۇڭدىشاتتى ، ئۇنى  خىيالەن قۇچاقلايتتى ، سۆيەتتى ، شىرىن خىياللار ئىچىدە ئۇيقۇغا كېتەتتى ، ‹‹ چۈش رىئاللىقنىڭ ئىنكاسى ›› دېگەن گەپ راست بولسا كېرەك ، فەررۇخنى ئويلاپ ياتقان لالە تولا چاغلاردا فەررۇخنى چۈشەپ چىقاتتى ، شۇنداق چاغلاردا ئۇ ئەتىگىنى ئورنىدىن تولىمۇ روھلۇق تۇراتتى . فەررۇخمۇ مال ئېلىشنى باھانە قىلىپ ئۈرۈمچىگە پات - پاتلا كېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇراتتى ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلاتتى . ھەممەيلەن ئۇلارنى بىر بىرىگە تولىمۇ ماس كەلگەن بىر جۈپلەر دەپ تەرىپلىشەتتى .
  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە لالە  ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈردى ۋە فەررۇخ تۇرۇشلۇق شەھەردىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا خىزمەتكىمۇ ئورۇنلاشتى . فەررۇخنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ تەلىپى بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەي توينىمۇ قىلدى ، شۇنداق قىلىپ ئاق ئاتلىق شاھزادە بىلەن ساھىپجامال مەلىكە ئاشىق - مەشۇقلاردىن ئايرىلماس ئەر - خوتۇنلارغا ئايلاندى .
  فەررۇخ لالەنىڭ ئىشقا  كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن بارساممۇ بولىدۇ دېگەنلىرىگە پەرۋا قىلماي
ھەر كۈنى لالەنى ئىشقا ئاپىرىپ قوياتتى ، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا ئالغىلى باراتتى .
  _ سۆيۈملۈك خانىشىمنى ئىشقا ئاپىرىش ۋە ئەكىلىش مېنىڭ بۇرچۇم- دىدى ئۇ بىر كۈنى چاقچاق قىلىپ . لالە فەررۇخنىڭ دېگىنىنى قىلماي قويمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى ، ئۇ ھەر كۈنى لالەنى ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىمەن دېگەنىكەن شۇنداق قىلماي قويمايتتى ، ئۇ ھەر قېتىم ئىشتىن چۈشۈپ خىزمەت بىناسىدىن چىققىنىدا دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان فەررۇخنى كۆرۈپ سۆيۈنۈپ كېتەتتى .
   _ لالە ، ھەقىقەتەن تەلىيىڭ بار جۇمۇ ! - دىيىشەتتى  خىزمەتداشلىرىمۇ  ،دوستلىرىمۇ  ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ .
  راست ئەمەسمۇ ؟ _مەن نىمىدېگەن بەختلىك!_  دەپ ئويلايتتى لالە _  مېنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ،  مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىلەيدىغان ، قولىنى نەگە سۇنسا شۇ يەرگە يېتىدىغان يولدىشىم بار ، دادام بالدۇر قازا قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن ماڭا كۆيىنىدىغان ، مېنىڭ خۇشاللىقلىرىمدىن سۆيىنىدىغان ، ماڭا مۇڭداش ، سىرداش بولالايدىغان ئاپام بار ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان خىزمىتىم بار ......
  لالەنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا ئىدى ، دېمىسىمۇ ھەممىمىز ئۆلۈپ تۈگەيدىغان بۇ جاھاندا سېنى سۆيىدىغان ، سېنىڭ غېمىڭنى يەيدىغان ئادەملەرنىڭ بولىشىدىنمۇ ئارتۇق بەخت بولامدۇ ؟!

  كۈنلەر بىر بىرلەپ ئۆتمەكتە ، فەررۇخ گەرچە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ ، لېكىن لالەگە كۆيۈنۈشنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايتتى ، ئۆزى سودا ئىشى بىلەن سىرتلارغا كېتىپ قالسا ، لالەنى ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىشنى ئىنىسىغا ھاۋالە قىلىپ قوياتتى . ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ، لالە ئۆزىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان غەيرى ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ، بويۇمدا  قاپتۇ دەپ پەرەز قىلدى لالە ۋە بۇ خۇش خەۋەرنى فەررۇخقا يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى ، _ ئۆيگە بېرىپلا دەيچۇ  ، _ دەپ ئويلىدى ئۇ  يەنە -فەررۇخنىڭ بۇ خۇش خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى خۇشاللىققىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرسەم قانداق ياخشى !
   _ فەررۇخ ، جېنىم ، _ دىدى لالە كەچتە فەررۇخ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ، _ سىزگە بىر خۇش خەۋەرنى ئېيتاي ، سىز دادا بولىدىغان بولدىڭىز .
   _ ھە ، نىمە ؟ _ دادا بولىدىغان بولدىڭىز ؟ بويۇڭدا قالغان ئوخشىمامدۇ ، خانىشىم ؟
   _ شۇنداق ، فەررۇخ ، بويۇمدا قاپتۇ .
  _ مەن دادا بولىدىغان بولدۇمممم ! __ فەررۇخ شۇنداق دېگەچ لالەنى ئىگىز كۆتۈرۈپ نەچچە ئايلاندۇردى .
  _ قەدىرلىگىم ، خوشنىلار ئاڭلاپ قالمىسۇن ، بوشراق ۋاقىراڭ .
  _ خۇشال بولۇپ كېتىۋاتسام ، مېنى ۋاقىرغىلى قويمامسەن ؟ باشقىلار ئاڭلىسا ئاڭلىمامدۇ ؟ نىمە  كارىم ، تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىمىسام ، _ فەررۇخ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى ،_ مەن دادا بولىدىغان بولدۇم !!!!
   فەررۇخنىڭ بۇ قىلىقى لالەگە كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتتى ، ئىككىسى خېلى ۋاقىتقىچە كۈلۈشتى ، بەخت قاينىمىغا چۆمۈلگەن بۇ ياش ئەر - خوتۇنلارغا دۇنيا كۈلۈپ  باقماقتا ، قانداق ئىشكىن ؟ فەررۇخ ھەممە ئىشىنى ئوڭغا تارتىپلا تۇرىدىغاندەك ھېس قىلاتتى ، بۇمۇ تەڭرىنىڭ شاپائىتى ، چۈنكى بەزى ئادەملەر بىر ئۆمۈر تىرىشىپ تىرمىشىپ ئىشلىسىمۇ چاپىنى تىزىدىن ئاشماي ، راھەت كۆرمەي جاپا بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ ؟
مانا ، ئىشلار ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولۇپ ئۇ دادا بولىدىغان بولدى ، ئاللاھ خالىسا ، لالە ساق سالامەت بوشىنىپ  ، بۇدرۇققىنە بىر ئوغۇل تۇغسا ، فەررۇخ ئوغلىنى يېتىلەپ بازارلانى ئايلانسا ، ئۇنىڭغا ئۇ ياخشى كۆرىدىغان بارلىق نەرسىلەنى ئېلىپ بەرسە ، چوڭ بولغاندىن كېيىن چەتئەللەردە ئوقۇتسا ........

_ ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى مېنىڭ ئىسمىمغا يېقىنراق فىرات قويىمەن  ، _ دىدى فەررۇخ .
_ مەيلى ، فىرات چىرايلىق ئىسىمكەن ، _ ئەگەر قىز بولۇپ قالسىچۇ ؟
_ مېنىڭ بالام چوقۇم ئوغۇل بولىدۇ ، خانىشىم ، _ دىدى فەررۇخ _ خۇددى ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق ھەم قاملاشقان ، ھەم ئەقىللىق . ئاخىرقى سۆزنى فەررۇخ سوزۇپ دېۋىدى لالە كۈلۈۋەتتى .
  _ ماڭا ئوخشاش قىز بولسا بولمامدىكەن ؟ _ لالەمۇ بوش كەلمەي ئۇنىڭ بىلەن ئېيتىشتى ، _ قىز بولىدۇ جۇمۇ ، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ .
  _ قىز بولسىمۇ مەيلى .


ئىشلار بەزىدە سىز ئويلىغان نەتىجە بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ ، لالە ئاي كۈنى توشۇپ چىرايلىق قىز بوۋاق تۇغدى ، بالىنىڭ تۇغۇلۇشى بۇ ئائىلىگە زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى ، قىزغا نەفىسە دەپ چىرايلىق ئىسىم قويۇشتى ، كۈنلەر بىر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتمەكتە ، بىر كۈنى تۇيۇقسىز فەررۇخ لالە پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى .
  _ لالە ، _ دىدى فەررۇخ ، _ ئەمدى خىزمەت قىلمىغىن .
  _ نىمىشقا ئەمدى ؟ دوختۇرلۇق ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كەسپ ، يەنە كېلىپ نۇرغۇن ئادەمنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالايمەن . ئاغرىقلارنىڭ كېسىلى ساقىيىپ خۇشال بولغىنى ، ماڭا رەھمەت ئېيتقىنىنى ئاڭلىغانلىرىمدا ، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق بىر كەسپ بىلەن شوغۇللانغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن .
  _ بۇنى چۈشىنىمەن ، لالە ، _ دىدى فەررۇخ ، _ لېكىن سىلەرنىڭ خىزمەت بېسىمىڭلارمۇ يېنىك ئەمەس ، ھازىر بەزىلەر شۇ بېسىمدىن قېچىپ خىزمەتتىن چېكىنىپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ ، بەزىلەر تىجارەتنىڭ ئېپىنى ئېلىپ ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كەتتى ، بەزىلەر ھەممىدىن قۇرۇق قالدى ، مەن پەقەت ساڭا ياخشى بولسۇن ، سېنى جاپا تارتمىسۇن دەۋاتىمەن ، ئۆزۈڭ بىلىسەن ، ئائىلىمىز سېنىڭ ئۇ ئازغىنا ئىش ھەققىڭگە قاراشلىق ئەمەس ، ئائىلىمىزنىڭ يېتىپ خەجلىسەكمۇ يەتكۈدەك مال - دۇنياسى بار ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ، مەن سېنى ئىشلىتىپ نىمە قىلىمەن ؟
  _ ئۇغۇ شۇ ، فەررۇخ ، بىراق مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشمۇ بىر خىل خۇشاللىق ئىش ، چۈنكى
  _ ھە ، مۇنداق دە ، خىزمەت قىلىش خۇشاللىق دەپ قوي ، مەن سېنى خۇشال قىلالمىغان ئوخشىمامدىمەن ؟ !
  _ ، ياق ، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس ، دېمەكچىمەنكى
_ ئۇنداق گەپلىرىڭنى باشقىلارغا دەپ بەر
فەررۇخ لالەنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىماستىنلا ئىشىكنى زەردە بىلەن يېپىپ چىقىپ كەتتى . بۇ  لالە توي قىلغاندىن بېرى فەررۇخنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا مۇشۇنداق قوپاللىق قىلىشى . لالە تولىمۇ ئازاپلاندى ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ فەررۇخنىڭ دېگىنىنى قىلىپ خىزمەتتىن ئىستىپا بەرسۇنمۇ ياكى فەررۇخنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي ، خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرسۇنمۇ ؟





   

سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 08:39:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ بەزى ئاياللارنى-زە، قىش كېپ بولغىچە بۇلغۇن تېرىسىگە ئورۇنىۋالىدۇ، ياز كېپ بولغىچە يالىڭاچلىنىشقا ئاران تۇرىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش