yattasu يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 06:12 PM
ھۆكۇمران ئەپەندىم سورىماقچى بولغان سۇئالىم .
1. يۇ ...
بولىدۇ، بارلىق سۇئالىڭىزغا قىسقارتىپ جاۋاب بېرەي.
1. بىر ئادەم تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن، ئەڭ ئاۋال مۇئەييەن ئىقتىسادى ئاساس ھازىرلىشى كېرەك. دەرۋەقە يوقۇرى مەلۇماتلىق بىر ئادەمگە سەۋىيە تەلەپ قىلمايدىغان ئادەتتىكى خىزمەتنى قىلىشنى بۇيرۇسا قىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇ ئۆزىچە شۇنچىلىك سەۋىيەم تۇرۇپ، مۇشۇنداق ئىشنى قىلىمەنمۇ دەپ ئويلايدۇ. ھەدەپ مەمۇرلۇقتىن ئىبارەت ‹‹تۈمۈر تاۋاق›› ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. بىراق ھازىرقى رىئاللىقنى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ. نەچچە مىڭ كىشى بىر ياكى ئىككىلا خىزمەت ئورنىنى تالىشىدىغان بۇ رىقابەتتە نۇرغۇن سىتودىنتلار شاللىنىپ قالىدۇ. شاللىنىپ قالغان كۆپىنچە سىتودىنتلار سىز ئېيتقاندەك ئاددى ئىش ئورۇنلىرىنى ياراتماي ئاتا-ئانىسىغا يۈك بولۇپ، يوقۇرى مائاشلىق خىزمەت ئورنىنى كۈتۈپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. مۇشۇنداق كۈتۈش نەتىجىسىدە ئۇلار ئۆگەنگەن نەچچە يىللىق بىلىملىرىنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
شۇڭا سىتودىنتلار مەمۇرىيلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش بىلەن بىرگە رىقابەتكە يۈزلىنىش ئېڭىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋال ئىشنى كىچىكىدىن باشلاش كېرەك. سەۋىيە تەلەپ قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىش گەرچە سىتودىنتلارغا ئېغىر كەلسىمۇ، بىراق شۇ ئاددى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق سىتودىنتلار مۇئەييەن ئىقتىسادىي كىرىمىگە ئەڭ مۇھىمى جەمئىيەتنى چۈشىنىش ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارنى ھازىرلاش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ. كېيىنكى ئىشلىرىدا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىقتىسادى ئاساس ھازىرلىيالايدۇ.
قارىسام سىز قەشقەردىن ئېكەنسىز، قەشقەردىمۇ بالىلىرى چەتئەللەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بار، شۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ موڭدىشىپ بېقىڭ! ناۋادا شۇلار سىزگە ھەقىقىي جاۋابنى بەرسە چەتئەلدىكى دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن ئالىملىرىمىزنىڭ ئوقۇش مەزگلىدىكى تۈرلۈك چىقىملارنى تېجەش ئۈچۈن قاۋاقخانىدا كۈتكۈچى، ئاشخانىدا مۇلازىم بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى ئاڭلايسىز.
داۋامى بار..................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 11:33 PM