مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mm19910203

كاككۇك سايرىغان چاغلار(رومان،1-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99980
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-11-23
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 12:03:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم ئ‍اغىنەم ئ‍ەسىرىڭلا بەك ئ‍ېسىل چىقىپتۇ داۋامىغا تەشنا مەن  دېمىسىمۇ بىز ئ‍ىچكىرىدىكى باللا شۇنچە ئ‍ۇزۇن بولدى كاككۇك ئ‍اۋازى ئ‍اڭلىغىمىغىلى  

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4131
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 12:58:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لوپنۇرى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 11:58 PM
تېمىنى يەنە بىر ئويلىشىپ باقساڭلار بوپتىكەن، بۇ تېما م ...

ئىسىم يېقىن بوپ قالسا ھېچقىسى يوق، پەقەت روماننىڭ مەزمۇنى ئوخشاش بولمىسا،  باشقىلارنىڭ ئەسىرگە تەقلىد قىلىپ يېزىلمىغانلا بولسا ھېچقىسى يوق.
بۇ قېرىندىشمىزمۇ   ئۆز ئەسىرنىڭ نامىنى ، ئەسەرمەزمۇنىنى يىغىنچاغلاپ قويغاندۇ بەلكىم.

مەنمۇ ئادەتتە بىر نەرسە يازسسام،نىمىنى يازماقچى بولغانلىقىمنى ئەسەرنىڭ نامىدا گەۋدىلەندۈرۈشكە بەكلا ئەھمىيەت بىرمەن ، مېنىڭچە توردىشمىزنىڭ بۇ رومانىنڭ ئىسمىدىمۇ ،  مەلۇم بىر ھىسيات گەۋدىلەنگەن ، ئاپتورنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ئازتولا بولسىمۇ ئىپادىلەنگەندەك قىلىدۇ.

قوللايمىز  ،  ئەسەرنى تېزرەك پۈتكۈزۈشكە ئالدىراپ كەتمەي،  كۆپرەك ئىزدىنىپ ، باشقىلارغا يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلغۇدەك نادىر روماندىن بىرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن.

رومانىڭىز ماڭا باشقىچە يېقىشلىق بىلىندى، خۇددى كەسپى يازغۇچىلار نىڭ ئەسەرلىرنى ئوقۇغاندەك بولدۇم .
شۇڭلاشقا ئارتۇق سۆزلەپ قالدىم ،    ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 08:07:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
heslirim يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 12:58 AM
ئىسىم يېقىن بوپ قالسا ھېچقىسى يوق، پەقەت روماننىڭ مەز ...

كۆڭلىمىزدىكىنى ئىيتىپسىز، قوللىغىنىغىزغا رەخمەت!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 08:15:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


(2)



        -سەن بولساڭ قاندا قىلاتتىڭ ئاداش!!؟ قايتىمەن، بوۋامنىڭ يەتتە نەزىرسىگە چوقۇم ئۈلگۈرۈپ بېرىشىم كېرەك...
        -بولغۇلۇق بوپتۇ ئاداش ،ئەمدى ...
        -نېمە دەيدىغانلىقڭنى سېزىپ تۇرۇپتىمەن. بولدى ئاداش، سۆزلىمىگىن!
        -لىكىن......  قارا ...
        ئۇنىڭ گىپىنى يەنە بۆلىۋەتتىم :
        -ئاداش ،ئەگەر سەن مەن چوڭ بولغان شارائىتتا چوڭ بولغان بولساڭ ئېدىڭ، ھەممىنى چۈشىنەتتىڭ ، سەن مېنىڭ بوۋامغا قانچىلىك مىھرىم بارلىقىنى بىلمەيسەن ... ئۇ مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر سىردىشىم ئېدى...... بىچارە بوۋاي پۈتۈن ئۆمرىدە مېنى دەپ  نېمە جاپالارنى تارتمىدى دەيسەن، ھەي.. - كۆزۈمدىن تاشاي دەپ قالغان ياشنى ئاران ئاران تۇتىۋالدىم .
        -ھەي .......... -ئايۇپ ئېغىر بىرنى تنىۋەتكەتكەندىن كىيىن دېدى،-يەنە يېرىم سائەتتىن كىيىن چۈشىمىز ،سەن ...
        -ھەئە، پويىزدىن چۈشۈپلا  ماشىنىغا ئولتۇرۇپ  ماڭىمەن. بۈگۈن ئالتىنجى كۈنى ،تەلىيمگە ھېلىمۇ ياخشى پويىز كېچىكمىدى. بېرىپلا ماشىنىغا چىقالىسام، ئىنشائاللاھ ئەتە ئەتتىگەن مۇشۇ ۋاقىتتا بېرىپ بولىمەن ..... بولمىسا ئۈلگۈرەلمەيمەن .
        -ماقۇل ئاداش ،يەنە كونا گەپ ،كۆڭلۈڭنى بەك  يېرىم قىلىپ كەتمە ئاداش! بوپتۇ ، يولدا كۆپرەك دىققەت قىلارسەن!
        گېپىمىزنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيلا  ئايقىز كۈلگەن پېتى قېشىمىزغا كەلدى:
        -ھى ھى ھى ...ھە يىگىت، ئەزەلدىن تەمكىنغۇ ھە سىز  مۇشۇنداق ؟ كېلەيلا دەپ قالدۇق،قوپۇپ تەييارلىق قىلغاچ تۇرمامسىز مۇنداق......
        -تىخى بالدۇرغۇ......   
        چاندۇرۇپ قويۇشنى خالىمايتتىم ،بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا .  
        -ھېلى مېنىڭ چامىدىنىمنى كۆتىرىپ بېرىڭ جۇمۇ ! ھە راس ،سىلەرنىڭ سىنىپ ئۈرۈمچىدە ئوينايدىغانغا مەسلىھەت قىپتىكەنسىلەرغۇ، بۇنىڭ ئاڭلاپ بىزنىڭ سىنىپمۇ سىلەرنى دورىماقچى بولىۋاتمىز. ھىم،تازا كەلدى پۇرسەت دېگەن، ئەمدىغۇ مېنى ياخشىراق ئوينىتىدىغانسىز؟!
        بۇ قىزنىڭ گەپ قىلىشى مۇشۇنداق ئوماق ئىدى. شۇڭا ئختىيارسىز كۈلۈمسىرەپ تاشلىدىم. بىراق بوۋامنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى مەندىكى بارلىق خۇشاللق تۇيغۇلىرىنى خۇددى  قۇياشنى قارا بۇلۇت توسقاندەكلا توسىۋالغان ئىدى . شۇڭا ئۇنىڭغا ئىپادىسىزلا قاراپ قويدۇم .
        - ھە نىمە ،ياق دىمەكچىما !؟ قېچىپ قۇتۇلارمەنمىكىن دەپ خام خىيال قىلماڭ جۇمۇ سىز......
        ئۇنىڭغا نېمە دىيىشىمنى زادىلا بىلەلمىدىم. شۇڭا ماڭا ئۈمىد بىلەن تىكىلگەن ئاشۇ ئاھۇ كۆزلەرگە قاراشقا پېتىنالماي يەنە دەرىزە سىرتىغا قارىۋالدىم. ئۇنىڭ ئويماقتەك ئېغىزى،قۇمچاقتەك قارا ھەم نۇرلۇق كۆزلىرى، چىمداپ چىقارغاندەك  تىك بۇرۇنلىرى يۇملاق يۈزىگە خوپ كەلگەن بولۇپ، سول مەڭزىدىكى مەڭ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك يارىشىپ بۇ چىراينى گۈلى-گۈلى خىلى-خىلىغا كەلتۈرىۋەتكەن ئېدى. قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرى ئۇزۇنلىقىدىن قويۇۋەتسە تېقىمىغا چۈشەتتى. بىلى ئىنچىكە، زىلۋا بەدەن بۇ قىز مەندىن تۆتلىك ئىگىز ئىدى ،ناھايتى ئەپسۇس ،ئۇنىڭغا چىراينى ۋە بوينى ئايىماي بەرگەن ئىگىسى قېرىشقاندەك سالامەتلىكىگە  كەلگەندە يەتكۈچە قىسرەندىلىك  قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ سول پۇتى سەل غەيرى بولغاچقا تۇرغاندا پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن تىرەپ تۇراتتى. جىم تۇرغاندا ئاجىزلىقى ئانچە مەلۇم بولمىغىنى بىلەن ماڭغاندا خېلى بەك ئاخسايتتى. لىكىن ئۇ ئۆزى  شۇنچە ئوڭلۇق، مىجەزى ئوچۇق، شوخ ،ناھايتى چىقىشقاق ھەم كۆيۈمچان ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۆيۈمچانلىقى ھەممىدىن ماڭا بەكرەك ئايان ئىدى. چۈنكى ئىككىمىز سەل ئالاھىدىرەك مۇناسىۋەتتە  ئىدۇق.     

         ئىچكىرى تولۇققا ئۆتكەن تۇنجى يىلى بىز خەنزۇ تىلىنى پۇختىلاش ۋە ئنگىلىز تىلى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن بىر يىل تەييارلىق كۇرۇستا ئوقۇيتتۇق . سانىمىز بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا بىزنىڭ قارارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىلا  ئۈچ سىنىپقا بۆلۈنگەن ئىدۇق. مەكتەپ بىز شىنجاڭلىق ئوقوغۇچىلار ئۈچۈن بىر باشلانغۇچ مەكتەپ چوڭلۇقىدا مەكتەپ رايۇنى سالدۇرغان بولۇپ بۇ رايۇننى شنجاڭ ئوقۇتۇش رايۇنى ،بۇرۇنقى  مەكتەپ رايۇنىنى كونا مەكتەپ رايۇنى دەپ ئاتايتتى. گەرچە ياتاقلىرىمىز شىنجاڭ  مەكتەپ  رايۇنىدا بولغىنى بىلەن سنىپلىرىمىز  يەنىلا كونا مەكتەپ رايۇنىدا ئىدى. شىنجاڭ ئوقۇتۇش رايۇنى بىلەن كونا مەكتەپ رايۇنى سېمىتىرىك ھالەتتە بولۇپ ئوتتۇرسىدا بىر چوڭ يول بار ئىدى. ئىككى مەكتەپ رايۇنىنى بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈك تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، بىز ئەنە ئاشۇ كۆۋرۈكتىن بىر كۈنى كەم دىگەندە ئالتە قېتىم ئۆتەتتۇق.قارىماققا  ئىككى رايۇن بىر-بىرىگە يىراقتەك تۇيۇلغىنى بىلەن، ئەمىليەتتە پەقەت بەش مېنۇتلۇق يىراقلىقتا ئېدى. بىز ئەسلىدىكى كونا مەكتەپ رايۇنىدا يىتىپ قوپىدىغان يەرلىك خەنزۇ ئوقوغۇچىلاردىن ئەنە شۇنچىلىك يولنى ئارتۇق ماڭاتتۇق.
          پۈتۈن مەكتەپتە ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ئالتە يۈزگىمۇ يەتمەيتتى . لىكىن بىزگە نىسبەتەن بۇ سان يەنىلا كۆپ ھېسابلىناتتى .چۈنكى ئاشۇ يات جايدا شىنجاڭلىق بىرەر ئوقۇغۇچى بىلەن ئۇچرىشىپ قالساق  <ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم >دەپ ئۆز-ئارا سالاملىشىپ ئۆتۈپ كېتىشمۇ  خۇددى يېقىن تۇغقانلىرنى كۆرگەندەك خۇشاللىنارلىق ئىشتە ئەلۋەتتە.دەسلىپىدە  گەرچە ئىچكىرى تولۇققا ئۆتكىنىم ئۈچۈن ئالتۇن تېپىۋالغاندەك شۇنچە خۇشال بولغان بولساممۇ، بىراق بۇ يات جايغا كېلە كەلمەي تۇرۇپلا زىرىكىشكە باشلىغان ئىدىم. شۇ چاغدا  ئىچكىر تولۇققا باغلىغان ئۈمىدلىرىم ۋە  قىلىپ كەتكەن  شىرىن خىياللىرىمنىڭ بىرەرسىنىمۇ بۇ يەردە كۆرەلمەيۋاتاتتىم. ئەمەلىيەتتە بولسا بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۇچراشقاندا سالاملىشىش ئەمەس، كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا قىيا بېقىپ قارىشىپ قويۇشمۇ تەس ئۇچرايدىغان ئىش ئىدى.
        ھەربىي مەشق ئاخىرلىشىپلا دەرىس باشلىدۇق. مەكتەپ بىزگە يازلىق قىشلىق بولۇپ جەمىي سەككىز قۇر مەكتەپ فورمىسى تارقاتقان بولۇپ ئادەتتە مەكتەپ فورمىسىدىن باشقا كېيىملەرنى كىيشكە رۇخسەت قىلمايتتى. شۇنداق بولغاچقا يولدا بىرەرسىنى ئۇچرىتىپ قالساق قايسى قارارنىڭ ئوقوغۇچىسى ئىكەنلىكىنى خېلى بىر مەزگىلگىچە  بىلەلمەي يۈرۈشكەن ئىدۇق. مەكتەپكە كەلگەنگە ئۇزۇن بولمىغاچقا بىر-بىرىمىزدىن ياتسىراپ ئاساسەن يالغۇز يۈرەتتۇق. قىسقىسى مەن شۇنداق ئىدىم. گەرچە ئۆزۈم تاش مىجەز بولساممۇ، لىكىن بۇناتونۇش جايدا ھەممە كىشى شۇنچىلىك يات بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئاشۇ گۈزەل سەھرادا ئەركىن يايراپ كۆنۈپ قالغان بۇ كۆڭۈل ئېسىل،چوڭ شەھەرنىڭ قايناق تۇرمۇشىدىن يىتىرقاپ،تېنەپ قالغان ئىدى.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بارا-بارا  تونۇشۇپ، ئۆزئارا دوسىت تارتىشىققا باشلىدۇق.داۋاملىق ھۇۋقۇشتەك يۈرگىلى بولمايدۇ-دە ئەلۋەتتە.
         -ئىسمىڭىز نېمە؟
        -مۇختەر، سىزنىڭچۇ؟
         دەسلەپتە تونۇشقاندا مۇشۇنداق سىزلىشىپ كەتكەن ئىدۇق . ئۇ مېنىڭ ساۋاقدىشىم بولۇپ ئالدىمدىكى پارتىدا ئولتۇراتتى. بۇ بولسا بىزنىڭ مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان تۇنجى پاراڭلىشىشىمىز ئىدى. ئۇنىڭ بوي تۇرقى مېنىڭكىدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيتتى.   
        -سىز نەدىن؟-سورىدى ئۇ.
        -يەكەندىن . سىزچۇ؟
       -ھە ؟يەكەندىن ؟ھا ھا ھا ...ۋوي ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ئەكىلىڭلا قولۇڭلىنى، مەن پوسكامدىن .
        ئۇنىڭ خۇشال بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئىچكىردە يەكەن پوسكام دىگەن گەپ بىز بىر ئۆيدىن دىگەن گەپ بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئوخشاش بىر ناھىيدىن دېگەن گەپقۇ ئەسلا بىر تۇغقان دېگەن بىلەن باراۋەر بولاتتى. شۇڭا خوشلۇقتا قولۇمنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ دېدىم:
        -ۋوي ۋوي ،بىر يەردىن ئىكەنمىزغۇ ئەدېش ......
         شۇنىڭدىن باشلاپ مەنمۇ بارا-بارا ئاكتىپلىق بىلەن باشقىلارغا گەپ قىلدىغان بولدۇم .بەزىلەر بىلەن ھەتتا دوسىتلىشىپمۇ قالدۇق..
        مەن ھەركۈنى سىنىپقا ماڭغاندا بىر قىزنى كۆرەتتىم. ئەتتىگەندە بولمىسا چۈشتە،ياكى بولمىسا كەچتە، ئىشقىلىپ كۈندە كەم دىگەندە بىر قېتىم ئۇچرىتاتتىم. يەنە كېلىپ دائىم ئوخشاش بىر ئورۇندا يەنى ئۇنى ئالدىمدا كېتۋاتقان ھالىتىدە كۆرۈپ قالاتتىم. ئۇ قىز سەل ئىگىزرەك بولۇپ، نېمىشقىكىن يول ماڭغاندا ئاقساپ-ئاقساپ ماڭاتتى. مەن ئادەتتە سەل تىز ماڭىدىغان بولغاچقا دائىم ئۇنى يانداپ ئۆتۈپ كېتەتىم. شۇ جەرياندا بىر نەچچە قىتىم كۆزلىرمىز ئۇچرىشىپمۇ قالغان بولدى. ئۇ دائىم ماڭا كۇلۇمسىرەپ قارايتى. بىراق مەن خىجىل بولغىنىمدىن قايتا قايرىلىپ قاراشقىمۇ پېتىنالماي دەرھال  يولۇمغا راۋان بولاتتىم.
        دەسلىپىدە مەن ئۇنى بىزدىن يۇقىرى قاراردا ئوقۇيدۇ دەپ ئويلدىم ھەم  مۇشۇنداق كۈندە دېگۈدەك ئۇچىرتىپ تۇردۇم. ئۇ بەزىدە بىر قانچە دوستى بىلەن، يەنە بەزىدە ئۆزى يالغۇز ماڭاتتى. دوستلىرى بىلەن ماڭغاندا دائىم ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك سۆزلەرنى قىلىپ باشقىلارنى كۈلدۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ،يالغۇز ماڭغان چاغلىردا يىراق-يىراقلارغا قاراپ تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىۋاتقاندەك چىرايىدىن ئىللىق تەبەسسۇم بالقىتىپ،شۇنچىلىك ئازادە مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. ئۇ ھەر قاچان،ھەر زامان مۇشۇنداق خۇشال كەيپىياتتا ئېدى.
        بىر كۈنى مەن  كەچلىك تاماقتىن كېيىن  كونا مەكتەپ رايۇنىغا قاراپ ماڭدىم.گەرچە تەكرارغا تېخى بىرەر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت بولسىمۇ  نېمىشقىكىن ياتاققا كىرگۈم كەلمىگەنىدى. يالغۇز كېتىۋاتاتتىم. ئۆتۈشمە كۆۋرۈككە يېقىن كەلگەندە ھىلىقى قىزنىڭ ئاشۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ ئەسنادا ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇنىڭغا سەپ سېلىشقا باشلدىم. ئۇنىڭ شۇقەدەر گۈزەل، ئىگىز كەلگەن بويىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئەمگەكچىللىرنىڭ بىرى تۇپراققا نۇرمال ھالەتتە باغرىنى يېقىشتىن مەھرۇم ئېدى.شۇندىلا ئۇنىڭ ئاقساپ مېڭىشىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولۇپ، يېنىدىن تىز-تىز مېڭىپ ئوتۈپ كەتتىم.گەرچە ئۇنىڭغا ئۇدۇل قاراشقا پېتىنالمىغان بولساممۇ كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ ماڭا خۇددى كونا تونىشىنىغا قارىغاندەك يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ قاراۋاتقانلىقىنى  سېزىپ تۇردۇم.
        نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن سىنىپ مەسئۇلىمىز  مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ قالدى. ئويلىمىغان يەردىن ئىشخانا ئىشكى ئالدىدا ھېلقى قىز بىلەن دوقۇرىشىپ قالدىم. ئەقلىمگە سىغمىغىنى ئۇنىڭ ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشى بولدى. تۇرۇپلا ئىككىمىز ئىچكىرگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن كۆرۈشكەن بولغىيمىتۇق دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ قالدىم، لىكىن شۇنچە ئويلاپمۇ بۇرۇن ئۇنى بىرەر يەردە ئۇچراتقانلىقىمنى ئەسلىيەلمىدىم. كاللامدىكى سۇئال بەلگىللىرى خېلى بىر ۋاققىچە شۇ پېتى تۇرىۋەردى. شۈبھىسىزكى ئۇ ئاشۇ شوخ ھەركىتى بىلەن مېنى چەكسىز خېياللار قاينىمىغا باشلاپ قويغان ئېدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mm19910203 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 09:59 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 09:57:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
heslirim يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 12:58 AM
ئىسىم يېقىن بوپ قالسا ھېچقىسى يوق، پەقەت روماننىڭ مەز ...

بىزنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ ئۇشبۇ ئىنكاسىڭىزنى قالدۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەنمىز!  بىز يېڭى ئىزدەنگۈچىلەردىن، يەنە كېلىپ ئەدەبىياتتىن يىراق ئىككى كەسىپتىن بىلىم ئېلىۋاتقانلاردىنمىز، شۇنداقتىمۇ ئۆز قىزقىشىمىزغا ئاساسلىنىپ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىپ قالدۇق. شۇنداقتىمۇ ئىمكان بار ئەسەرنى سۈپەتلىك تاماملاشقا كۈچ چىقىرىمىز. سەۋەنلىك ۋە نۇقسانلارنى سىزدەك ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرى بىلەن تۈزەپ كەتكەيمىز! ئىلھام بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 11:07:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



(3)


                                                
        - ئۆزىڭىزگە بۇنداق زۇلۇم قىلماڭ ھەي يىگىت،ئۆلۈپ كېتدىغان جان بۇ،قاچان قارىسا تاماقنى ھاپلا-شاپىلا يەپ سىنىپقا ئالدىرغىنىڭىز ئالدىرغان ئىكەن سىزنىڭ ، بۇنچىلىك قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بىرەرسىنىڭ تېخى  سىز بىلەن ئەليۇل-ئەلالىقنى تالاشقىنى يوق. ئەسكى سوبوغا سامان تىققاندەك زىچچىدە قىلۋالماي ئەركىن-ئازادە ئورۇنلاشتۇرۇڭ مۇنداق ۋاقتىڭىزنى...ھى ھى ھى... - بۇ ئۇنىڭ ئاۋازى ئىدى، ئىتتىك كىتاپتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ  ئاۋال ئۇنىڭغا ئاندىن ئەتراپىمغا قارىدىم. ئەتراپىمدا مەندىن باشقا  ئادەم يوق ئېدى.  شۇڭا ھەيران بولغان ھالدا  ئۆزۈمنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ  ماڭا گەپ قىلۋاتامسىز دېگەن مەنىدە ئۇنىڭغا قارىدىم.  ئۇ كۈلۈمسىرەپ قويدى ۋە  قولنى يانجۇقىغا تىقىپ  بوينىنى سەل قىسىپ تۇرۇپ:
      -ھىم ...ئىشقلىپچۇ شۇنچە ئىشارەت قىلسىمۇ چۈشەنمەي گومۇشتەك قاراپ قويىدىغان، قاچان قارىسا خۇددى ئىسپانىيەنىڭ سوقاشچى كالىسىدىن ئۈركىگەندەك ئالدىراپلا  يۈردىغان، بىر كىتاپپۇرۇش  قارا كۆزگە گەپ قىلدىم. ئاۋۇ دەرەخلەر  گەپ چۈشەنمەس ھەقچان!؟-دەپ ئاغزىنى ئۈمچەيتتى.
       -ھا ھا ھا...-مەن ئۇنىڭ مېنى بۇنداق تەسۋىرلىشىدىن ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئەگىشىپ كۈلدى. ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشلىرىمۇ ئاساسسىز ئەمەس ئېدى. چۈنكى ئۇ ھېلقى كۆز قىسىشتىن كېيىن مەندىن سالام تاما قىلىپ يەنە بىر نەچچە قېتىم يەڭگىل ئىشارىلەر بىلەن دىققىتىمنى تارتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەكىسچە مەن بۇلارغا پۈتۈنلەي ئىتبارسىز قارىغان ئېدىم.
       -ئى بىچارە كىتابىڭىز بىردەم  تىنىۋالغۇچە  تۆت ئېغىز  پاراڭلىشىقا ئىجازەتمىكىن؟ ئەگەر خالىسىڭىز مەن سىزنى بىر يەرگە باشلاپ باراي!
       –ھە؟ ھە... ماقۇل... - ئۈن-تىنسىزلا ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. شۇتاپتا كاللامدىكى رەت-رەت سۇئال بەلگىللىرى يۈرۈكۈمنى قسىماقتا ئېدى. لىكىن تىلىم خۇددى بىرسى باغلاپ قويغاندەك ھېچ بىر ھەركەتكە كەلمەيۋاتاتتى. ئەجىبا بىز تونىشىدىغان بولغىيمىتۇق؟بۇ قىز نېمە ئۈچۈن ماڭا شۇنچە ئىتبار قىلدىغاندۇ؟
       -قانداق يىگىت ،ياخشى تۇرۋاتقانسىز؟ مېنى راسىت تونۇيالمايۋاتامسىز يا خۇپسەنلىك قىلىپ قەستەن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۋاتامسىز؟
       - ھە؟؟؟؟؟ بىز تۇنۇشامدۇق؟ - ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالماي يۇقرى ئاۋازدا سورىدىم.
        -چۆچۈپ كەتتىڭىز ھە!؟ ھى ھى ھى ...-بىراق سىزنىڭ ھېلىمۇ شۇ قەدەر تىرىشچانلىقىڭىزغا ھەيران بولىۋاتىمەن مەن.
       -سىز...              
   -خىڭ...مۇختەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئۆزگەرمەي شۇ پېتى تۇرغىنى بىلەن ئەينى چاغدىكى بويىدىن چوڭ جاسارىتى يوقاپتۇ. پۈتۈنلەي يوقاپتۇ. ھەتتا تاش ئېتىپ پىشانىسىنى يېرىۋەتسىمۇ بىر ئېغىز ئىنجا چىقمايدىغان  ھالەتكە يېتىپتۇ. - بۇ سىرلىق قىزنىڭ ھە دېگەندىلا مېنى تېپىشماق تاپقۇزۇشىدىن  مېنىڭ ھەيرانلىقىم ئەۋجىگە چىقماي تۇرالمىدى:
       -بىز تونۇشامدۇق؟ ئەجىبا سىز......
       -ھە، ئەجىبا مەنمۇ يەكەنلىك شۇ، ئىسمىم ئايقىز.
       -ھە ؟!!         
       -ھە نى كۆتۈرە ئېلۋالمىغانسىز بۈگۈن؟! گەپ قىلسىلا ھە دەپ ئاغزىڭىزنى كاككۇكتەك ئېچىپلا تۇرسىزيا ھەجەپ! ئەينى چاغدىكى بىر يېزىغا تونۇلغان چىچەن ئۆمۈچۈك پالۋاننى تونۇمىسام سەت تۇرار!  بىراق ھازىرقى تۇرقىڭىزغا قاراپ بۇرۇن مەكتەپداشلىرىڭىزنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، تېخى ئۇلارغا باشلامچى بولغىنىڭىزغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ جۇمۇ. ئاشۇ جەڭگىۋارلىقىڭىزنى كىملەرگە سېتىۋاتتىڭىزكىن تاڭ!
        بۇ قىزنىڭ گەپلىرىدىن بېشىم ئايلىنىپ خۇددى چۆرگىلىتىپ قويىۋەتكەندەكلا بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. ئاخىر جاسارىتىمنى يىغىپ سورىدىم:
       -يامان تولا شىفىرلىق گەپ قىلىدىكەنسىز ھەي، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئادەم چۈشەنگۈدەك گەپ قىلىپ باقسىڭىز نېمە بولار
       -ھى ھى ھى ... قارىغاندا كاللىڭىز ئوقۇشقىلا ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ سىزنىڭ.-ئۇ شۇنداق دېگەچ قولۇمدىكى كىتاپنى تارتىپ ئېلىپ مەيداندىكى بايراق سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە قويدى ۋە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى. -دەرىسلەرنى تۇتىۋېلىشقا ماھىر بولغىنىڭىز  بىلەن باشقا ئىشلارنى ئىسىڭىزدە  ساقلىيالمايدىكەنسىزغۇ سىز. ھەي  گومۇش، تولۇقسىز ئىككىجى يىللىققا چىققان يىلى يازدا 5-ئوتتۇردا ئۆتكۈزۈلگەن ھېلىقى زېھىن سىناش مۇسابىقىسىغۇ  ئېسىڭىزدە باردۇ ؟!!
       -ھە......... راس......        
       -ھە،شۇ چاغدا نامىڭىزنى ئاڭلىغان. ھەممىسى سىزنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ راسا ماختىغىلى تۇرۇپتىكەن كارامەتلىرىڭىزنى كۆپتۈرۈپ سۆزلىشىپ. كىچىكلىكىڭىزگە باقماي بىرمەكتەپ باللىرىنى سورايدىكەنسىزتۇق تېخى ئاڭلىسام. لىكىن  بىر ئىشىڭىز شۇ...... ھەي ،يامانلىقىڭىزغا قاراپ ئەقلىڭىز بىلەن مەينەتلىكىڭىز ئوڭ تاناسىپمىكىن دەپ ئويلىدىم مەن. چۈنكى سىز شۇ چاغدا  ھى ھى ھى .... باشتا ئوبۇرنىدىن ئاران ئۈلگۈرۈپ مۇسابىقىگە  كىرىپ، كىيىن مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا قولىڭىزنىمۇ يۇماي شاپتۇل غاجاپ چۈشۈپ كەتكەن ئېدىڭىز. خاتالاشمىغان بولسام  شۇ بالا سىزغۇ ھە؟
   خۇددى ئۇ ئېيىتقاندەك، تولۇقسىز، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ھەقىقەتەن يامان ئىدىم.شۇ چاغلاردا  كەپسىزلىكىم ۋە ئويۇننىمۇ دەرىسلەرنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزگىنىم ئۈچۈن ھەممىگە تونۇلۇپ كەتكەن ئېدىم.مەكتەپكىلا ئەمەس پۈتۈن كەنىتكە، ھەتتا يېزىغىمۇ تونۇلغان ئېدىم.  بۇ پاراڭ بىلەن تەڭ بىر پۇشتەك بىلەن بىر مەكتەپ باللىرىنى ئۇيان-بۇيان قىلىپ يۈرگەن مۇشتۇمزورسىمان ۋاقىتمنى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ سۆيگۈسىگە داخىل بولۇپ مەسىتخۇش بولۇپ كەتكەن گۈزەل چاغلارنى قايتا بىر ئەسلەپ ئۈلگۈردۈم. ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرى كۈلكەمنى قىستىدى:
         -ھا ھا ھا... قارىڭە دەۋاتقان گەپلىرىڭىزنى! ھە راس ،سىزمۇ قاتناشقانما ئۇ مۇسابىقىگە !؟
       -ۋىيەي، شۇنىڭغا قاتناشقىلى بارمىسام نېمىگە باراتتىم مەن ئۇ يەرگە؟! مۇسابىقە مەيدانىغا ئارتىسلىققا ياكى كۆزەتچىلىككە بارغانمىكى دېگەنما مېنى؟ بىلۋاسىلا غۇجاموي، سىلى يامان بولسىللىرىچۇ، ئۆزلەدىن قېلىشقۇچىلقىمىز يوقتى مۇنداق بىزنىڭمۇ. قانداق؟! ھى ھى ھى ...
       - سىز 5-ئوتتۇردا ئوقوغانما ؟-سورىدىم ئۇنىڭ گەپلىرىدىن بىر نەرسىنى سېزىپ.
      -ھەئەغۇ، قانداق؟ ،ئوخشىمامدىكەممە!؟؟
       -ۋاي تاڭ جۇما ،ئىشقىلىپ مەن ئايقىز دەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن .......
       -ۋوي يىگىت، سىزنى ماختاپ قويسام ئەمدى كېرىلىپ كېتىپ مېنى چۆكەرگىلى تۇردىڭىزمۇ؟ بىزمۇ خېلى نام ئېلىپ ئوقۇغان جۇمۇ ھە گەرچە مەكتەپ «زومىگىرى» بولالمىغان بولساقمۇ سىزدەك.....
       -ھا ھا ھا ... ۋاي چاقچاق قىلىپ قويدۇم ھەي، تېرىكمىڭە بولدى. ھە راس ،سىزنىڭ ئىككىنجى يىلنىسىما مەيەرگە كەلگەننىڭ ؟                       
       -چىك...بەك ھاڭۋاقتى  ئىكەنسىز جۇمۇ ھەي،ئەمدى ھەيران قالمىدىم مەن سىزگە. قولىنى يۇماي نەرسە يەيدىغان ئادەمنىڭ ئەقلى-ھوشىغۇ شۇنچىلىك بولىدۇ زادى.   - ئۇ ئاغزىنى قولى بىلەن توسۇپ تۇرۇپ بىر كۈلىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى. -مەنمۇ بۇ يىل كەلدىم ساراڭ، 3 –سىنىپتىن. سىز 1-سىنىپتىغۇ !؟
        - ۋوي ، ئەمىسە ئىككلەيلەننىڭ سىنىپى بىر قەۋەتتە ئىكەنغۇ....... مەن تىخى سىزنى گاۋ يى (تولۇق بىر)دىمىكى دەپ يۈرۈپتىمەن. –شۇنداق دەپ ئوڭايسىزلانغان ھالدە گەدىنىمنى قاشلىغىلى تۇرسام ئۇ تازا كەلتۈردى:
       -ھە ماقۇل، تولۇق بىرنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولساممۇ بولاي، لىكىن ئاچا دەڭ جۇمۇ سىز مېنى بۇندىن كېيىن! بولمىسا جازالىنىسىز؟
       -ۋاي-ۋۇي، بۇ مەكتەپتە جازادىن تولا نېمە يوقكەنغۇ ئەجەپ! ئېسىت ئارزۇلاپ كەتكىنىم، بالدۇراق بىلگەن بولسام كەلمەسكەنمەن قىزلارمۇ ئادەم بوزەك قىلىدىغان بۇ نەس جايغا. مەندىنغۇ ئەزەلدىن تەلەي دېگەن نەرسە ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەتتى زادى...
       -جازالىماي تۇرسا ئۇششۇقلۇق قىلغىنى تۇردىڭىزغۇ ئەمدى! قىززىقلا بالىكەنسىز جۇمۇ سىز، گەپ قىلمىغۇچە ئاكتىپ بىر ئېغىز گەپ قىلاي دېمەيدىكەنسىز،خەق گەپ ئېچىپ قويسا ئالدىراپ ئاغزىڭىز توختمايدىكەن. ھە دەپ قويسام مېنى مۇزاكىرىگە كىرگۈزمەيدىغان پەيلىڭىز بار سىزنىڭ، ئاستا ئۆزۈمنى سورىۋالاي.
        -نېماندا ئۆكتەم ھەي سىز، ئۆزىڭىز بىر بەلەن ئۆگۈنۈش قىلۋاتسام ئارامىمنى بۇزغانغۇ پاراڭلىشايلى دەپ، ئەمدىلىكتە سەن تاز دېگۈچەن مەن تاز دېۋالاي دەۋاتامسىز......ھەي، توختاپ تۇرۇڭ دەيمە، مېنىڭ تېخى گېپىم تۈگىمىدى. –ئۇ خۇددى سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىغاندەك تىز-تىز قەدەملەر بىلەن سىنىپىغا كىرىپ كەتتى.  
       ئۇنىڭ بىلەن مانا موشۇنداق تونۇشقان بولدۇق. تونۇمايدىغان بىرى بىلەن تۇنجى قېتىمدىلا بۇنچە قىزغىن ھەم  ئەركىن  پاراڭلىشىش ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ھەم ئۆزگىچە ئىش  ئىدى .ئۇنىڭ كەينىدىن مەنمۇ دەرھال قەدىمىمنى ئىتتىكلەتتىم.چۈنكى كەچلىك تەكرار باشلىناي دەپ قالغان ئېدى.  شۇ كۈنى بەكلا ھاياجانلاندىم، چۈنكى مۇشۇنداق بىر سۆزمەن قىز بىلەن، يەنە كىلىپ  يۇرىتدېشىم بىلەن تونۇشۇپ قالغىنىمدىن بەكلا خوش بولغان ئېدىم.
       شۇ پاراڭلىشىشتىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا باشقىچە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. لىكىن شۇنچە ئويلاپمۇ بىر ئىشنى زادىلا كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم. ئىچكىرى تولۇققا ئۆتكەن بالىلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرشى ناھايتى چىڭ ئىدى . قەشقەر ۋىلايىتىگە تەۋە رايۇنلاردىكى ئىچكىرگە ئۆتكەن ئوقوغۇچىلار قەشقەر شەھرىگە بىر تۇتاش ئاپىرىلىپ ۋىلايەتلىك چوڭ دوختۇرخانا ھېساپلىنىدىغان كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا ناھايتى قاتتق بولغان سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىلەتتۇق. ئۇنىڭ مۇشۇ ھالىتى بىلەن  بۇنىڭدىن سالامەت قۇتۇلغىنىدىن ھەيران بولاتتىم. لىكىن ئۇنىڭدىن بۇنى سورىغىلى بولمىغاچقا بۇ سىرلىق تېپىشماقلارغا پەقەت خىيالىم ئارقىلىق جاۋاپ ئىزدەشكە مەجبۇر ئېدىم.
       ئۇزۇن ئۆتمەي بىز ئايلىق ئىمتاھانغا قاتناشتۇق. ئىمتاھان نەتىجىسىنى كۆرۈپ بىرنەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇ نىڭ ئىسمى نەتىجە جەدىۋىلىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە تۇراتتى. دېمەك ئۇ بىزنىڭ قارارنىڭ چىمپىيونى بولغان  ئىدى ،ھەتتا ئىككىنجى بولغان ئوقوغۇچى بىلەن نۇمۇرى خىلى بەك پەرىقلىنەتتى. نەتىجە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە  ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم:
      -مۇبارەك بولسۇن قىزچاق، كارامەتكەنسىز،قايىل بولدۇم!
      -نېمىگە؟  
      - مېنى ئەليۇل ئەلالىقنى ھېچكىم سىزدىن تالاشمايدۇ دەپ ئېزىقتۇرۇپ قويۇپ ئۆزىڭىز بىرىنجى بولىۋاپسىزغۇ ؟!         
        ئۇ ماڭا قاراپ تاتلىق بىرنى كۈلۈ مسىرەپ قويدىى-دە، دىدى:
       -ۋىيەي، مەن بىلمەيدىغان بىرەر ئىش خۇشاللىق ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن تىخى.يەنە ئۇششۇقلۇق قىلغىلى تۇرۋاتىسىزغۇ بىسمىللا دېمەي تۇرۇپ.
       -ئۇششۇقلۇق قىلمىدىم، سىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەۋاتىمە يۇرىتداشلىقنىڭ يۈزى بىلەن.گەرچە سۈيقەسىتچى بولسىڭىزمۇ.
       -ۋوي تېخى....ھى ھى ھى...رەھمەت جۇمۇ، تۈزۈت قىلمىدىم ئەمىسە. ئەكىلىڭە ھە !؟
        ئۇ مېڭىشتىن توختاپ  تەبەسسۇم بىلەن  قىنى بەرمەمسەن دېگەندەك قولىنى ئۇزاتتى. مەن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي سورىدىم:
       -نېمىنى، نېمىنى  ئەكىلىمە ؟!
       -مىنى تەبىرىكلەۋاتاتتىڭىز ،تەبىرىك سوۋغىسى چۇ !؟
       -ھە ؟...مەن ...
       -خىڭ ،---دىدى ئۇ ئاغزىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ ،- مۇشۇنداق قۇرۇقتىن-قۇرۇقلا تەبرىكلەپ قوياي دېگەنما مېنى؟ ماڭا قاراڭ ئۇكام،بىكاغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ،ھازىر بۇنداق تەبرىكلەش ئاقمايدۇ جۇمۇ ھە!               
      -مەن شۇ... پەقەت ئويلىماپتىمەن  بۇنى ... بولمىسا  ما قېتىم مەندە ئامەنەت قېلىپ تۇرسۇن،بۇدۇ تولۇقلاپ.....
-ۋاقتى ئۆتكەن سوۋغىنىڭ ،
   بولمايدۇ ھېچ مەنىسى.
بەرگىڭ بولسا نەقلىگىن،
قېپ قالمىسۇن  ئۇ نېسى.
نىسىدىن تەلىيىم يوق مېنىڭكى .
      -مۇشۇ يەردە بەش مېنۇت ساقلاڭ ھە مېنى، بىردەمدىلا كېلىمەن. -شۇنداق دەپ كەينىمگە بۇرلىۋىدىم  ئۇ دەرھال كۆينىكىمدىن كاپپىدە تۇتۇپ تارتتى ۋە ناھايتى سۈرلۈك ھالدا:
       -نەگە؟ ماڭا نىمە بەرمەكچى ؟- دېدى ھەمدە ئىتتىك-ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئالدىمدا مېڭىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ چىرايىنىڭ  تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم.شۇڭا قاتتىق دېلىغۇل بولغىنىمدىن  نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mm19910203 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 11:25 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 11:27:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بۆلەكنىڭ مەزمۇنى ئازراق بولغاچقا ، بۈگۈن(2)(3)بۆلەك يوللاندى .ۋاقىپ بولغايسىلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99980
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-11-23
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 10:48:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىشىم بوسا بى چاققانراق يوللىساڭلا بولىتى ما ساخلاپ كەتتۇق جىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99980
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-11-23
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 10:49:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامما  لېكىن ئالامەت چىقىپتۇ جۇما غەيرەت قىلىڭلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 09:30:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



(4)



        -پەقەت ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىكەنسىز سىز، ئازراق چاقچاق قىلىپ قويغانغا ئۆزىڭىزگە ئېلۋالغىنىڭىز نېمىسى،تازىمۇ بىر! -دېىدى ئۇ  بىرخىل سۇلغۇن قىياپەتتە خۇرسىنىپ تۇرۇپ. -بىلەمسىز، مىنڭ ئەزەلدىن ياسالمىلىق،شەكىلۋازلىق قىلغان بىلەن خوشۇم يوق. شۇڭا شەكىل ئۈچۈن  رەسمىيەت يۈزسىدىن قىلىنغان، قىلچە قەدىر-قىممىتى بولمىغان تەبرىك ۋە سوۋغىلارغا ئىتبار قىلىپ كەتمەيمەن. زۈرۈرىيتى بولىمغان ئىشلارنى قىلغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق شۇنداققۇ؟!-ئۇ بىردەم  تۇرىۋېلىپ  يەنە داۋاملاشتۇردى :
        -ئەگەر خالىسىڭىز ھەم باشقا جىددى ئىشىڭىز بولمىسا مەيدانغا چىقىپ ئايلىپ كىرسەك  قانداق دەيسىز! جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن مەيدان تەرەپكە بۇرۇلغان ئۇنىڭغا گەپ-سۆزسىزلا ئەگەشتىم. چۈنكى ئۇنىڭدىن مەن قىزىقىدىغان   تېما ھەققىدە گەپ ئالالايدىغىنىمغا ئىشەنچىم كامىل ئېدى.
        -مېنىڭ  بىرىنجى بولىشىمنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. بەلكىم ھېلقى چاغدا قىلغان پاراڭلىرىمىز ئېسىڭىزدىدۇر. شۇنداق، مېنىڭ ئۈگۈنۈشۈم ياخشى ، ئەزەلدىن مۇشۇنداق مۇنەۋەر نەتىجە بىلەن ئوقۇپ كەلگەنمەن. شۇڭا ئالدىنقى قېتىم سىزگە مەيدەمگە مۇشىتىلاپ تۇرۇپ سىزدىن قالغۇچى ئەمەس دېيەلىگەن. بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنى كۆتۈرۈپ سۆزلىگىنىم ئەمەس.
        -ھە ،تۇغما تالانىتلىق مەن  دەڭە!- ماختاپ قويدۇم مەن. بىراق ئۇ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:
        -مەن مېنى ماختىغانلارنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. چۈنكى كىچىكىمدىن تا ھازىرغىچە شۇنچە ماختاشلار ئىچىدىن ھەقىقى، چىن، ھېچقانداق ساختىلىق ۋە ھېسداشلىق ئارلاشمىغان ساپراق بىرەرسىنى كۆرۈپ باققىنىم يوق. شۇڭا ئۇخىل مەدھىيلەشلەر دىتىمغا ياقمايدۇ. مەن ھېسداشلىققا ئەمەس ئۆزى بىلەن باراۋەر ئورۇندا قويۇپ ھەقىقى مۇئامىلە قىلالايدىغان دوسىتلىققا مۇھتاج.-دېدى ۋە ئاستا پۇتىغا قارىدى.
        گەرچە ئۇنىڭ  ھېسياتىنى چۈشىنىشكە ئاجىزلىق قىلساممۇ، دېگەنلىرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمىدىم. چۈنكى ئۇنىڭغا ئوخشاش جىسمانىيتى نۇرمال بولمىغان ئادەملەرنىڭ باشقىلارنىڭ ھېسىداشلىق قىلىشلىرنى ئۆزىگە بولغان كەمسىتىش دەپ بىلىدىغانلىقى، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىنى خالىمايدىغانلىقى ئېنىق ئېدى.  
        -تەندۇرۇس بولمىغىنىم ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قىلغان گەپ-سۆزى ۋە ئىش ھەركەتلىرىدە سۈنئىيلىك باردەك ھېس قىلىپ قالىمەن. شۇنداق بولغاچقا باشقىلار مېنى ماختىسا خۇددى ئۇلار مېنى بۇ ئارقىلىق روھى كۆتۈرۈلۈپ قالسۇن دەپ ئەتەي شۇنداق قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ  ئىچىمنى قۇرۇت غاجلىغاندەك شۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىمەن. ھازىرغا قەدەر مىنى چۈشنىدىغان، ماڭا ھەقىقى مۇئامىلە قىلىدىغان بىرمۇ دوستۇم يوق. گەرچە ئىچىمدە قاتتىق غېرىپسنىپ تۇرساممۇ پەقەت باشقىلارغا تېخىمۇ بىچارە كۆرۈنۈپ قالماسلىق ئۈچۈنلا ھەرۋاقىت روھىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە تىرشىمەن. ئىشقىلىپ شۇنداق.مېنىڭ بۇ يەردە ئوقۇيالىشىممۇ  پۈتۈنلەي ئۆگۈنۈشىمنىڭ ياخشى بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان. بەلكىم  سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن قانداق ئۆتكەن بولغىيتى دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. مەن تەكشۈرتىشكە بارمىغان،بولمىسا بۇ يەرگە كىلەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى .سەۋەبىنى دېمىسەممۇ بىلىپ تۇرۇپسىز. شۇ چاغدا  پۇتۇمنىڭ تەن سالامەتلىكىمگە ھىچقانداق تەسر بولمىغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن ئالغان ئالاھىدە ئىسپاتقا تايىنىپ بۇ يەرگە كەلگەن. ھەقىقى دوستۇم بولىمىغىنىنڭ سەۋەبى بولسا...-ئۇ چىرايىمغا بىرنى قارىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى:
        -بىرى، مېنىڭ نۇرمال بەدەن ساپاسىغا ئېگە بولمىغىنىم.شۇنداق بولغاچقا خەققە ھەرقانچە ياخشى تەسىر بەرسەممۇ  مەن بىلەن يەنىلا ساپ ھېسيات بىلەن ئارلاشمايدۇ. مۇئامىلىسىگە ھامان ھېسداشلىق تۇيغۇلىرى ھەمراھ بولغان بولىدۇ. مەن بۇخىل مۇئامىلىدىن بىزار.  يەنە بىر سەۋەپ بولسا مېنىڭ ئۆگۈنۈشىمنىڭ ياخشى بولغانلىقى. بۇ دوسىتلىرىم بىلەن ئارلىق پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولغان. شۇڭا ئۇلار ھەر ۋاقىت مەندىن ئىھتىيات قىلىپ، ئۆزىنى چەتكە تارتىپ تۇرىدۇ. ھەمدە ماڭا ياسالما مۇئامىلە قىلىدۇ. مەنغۇ بولمىسا كىتاپقا دۈم يېتىپ ئۆگۈنىدىغانلاردىن ئەمەس، دەرىس ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا تەكرارغا ئانچە كۈچەپ كەتمەيمەن بولمىسا. ئەمما نېمىشقىكىن  نەتىجەم يەنىلا شۇنداق ياخشى چىقىدۇ.
        -ھە راس، سىز ئىشقولدىنغۇ !؟ تۇلۇقسىز ئىككىنجى يىللىقتىكى چاغدا  مەن مەكتىپىڭىزگە بارغان. قاقاسلىقى مەكتىپىڭىزنىڭ، ھى ھى ھى ... لىكىن بەك خۇشال ئوينىغان ئۇ چاغدا. رۇقىيە  خانىمنى تونىيسىزغۇ دەيمەن؟ ئۇ مېنىڭ نەۋرە ئاچام ئېدى. ئۇ  ئېلىپ چىققان مېنى  مەكتىپىڭىزگە. شۇ چاغدا زالنىڭ ئالدىدىكى چوڭ تاختايغا بىرمۇنچە ئوقۇغۇچىنىڭ رەسىمىنى چاپلاپ قويۇپتىكەن. سىزنىڭ رەسىمىزمۇ بار ئىكەنتۇق ئۇ يەردە. لىكىن ئۇ رەسىم تاس قالغان مېنى كۈلدۈرۈپ يىقىتىپ قويغىلى. ئويلىسام ھېلىمۇ كۈلكە قىستايدۇ مېنى.يامانمۇ قاملاشتۇرۇپ چۈشۈپتىكەنسىز ئۇ رەسىمگە ھايىندالام.
   ئۇنىڭ  ئۇ  رەسىمدىكى چىرايىمنى دورىغان ھالىتىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز  كۈلۈپ تاشلىدىم:
        -ھا ھا ھا ...دەھشەت يامانكەنسىزغۇ دوراشقا، ئەجىبا ئاشۇنچىۋالا سەت چۈشۈپتىكەنمەنما ؟
       -ھەئە، ئاشۇ سەت رەسىمىڭىز ئارقىلىق تونۇۋالغان جۇمۇ مەن سىزنى. ئىشقىلىپ ماڭا سىزنى تونۇتقان رەسىم ئۇ .
        -ھېچ گەپ يوق. بەرىبىر ئۇ رەسىمنى كېلىشكەن يىگىتلەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرمىغان بولغاندىكىن.....
         -ۋوي ما گەپكە نېمە دەي ئەمدى! ھا ھا ھا ... كۈلۈپ ئۈچىيىم ئۈزىلىپ قالسا دوختۇرخانا چىقىمىمنى سىز كۆتۈرىسىز جۇمۇ ھە!
         ئۇ ھەر بىر ئىغىز گەپنى شۇنداق دەل جايىغا چۈشۈرۈپ قىلاتتى. سۆزلىرى شۇنچىلىك يېقىشلىق ھەم ئەركىن ئېدى. مەن ئۆزۈممۇ ئوچۇق مېجەزلىك بولغاچقا بۇ شوخ قىزنىڭ يۇمۇرىستىك چاقچاقلىرىنى ئاڭلاشقا بارا-بارا ھېرىسمەن بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۈلگەندە تەڭ كۈلىدىغان سول مەڭزىدىكى چىرايلىق مېڭى ۋە بىر جۈپ ئوماق زىنىقى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغايتى. مەن شۇ پۇرسەتتە  ئۇنىڭ بويىنى ئۆزۈمنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرىۋالدىم. ئۇ ھەقىقەتنمۇ مەندىن ئېگىز ئېدى.
         -ئۇف،ھەجەپ يەڭگىللەپ قالدىميا، كۆڭلۈممۇ خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى شۇ باھانىدە.ئۇزۇن بوپتىكەن بىرەرسى بىلەن بۇنداق ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلىشىپ باقمىغىلى. ھە راس ،مەن يېزىغا بەك ئامراق. ئۆزۈمنىڭ يېزىدا بولۇپ  قالمىغىنىدىن ئۆكۈنۈپمۇ قالىمەن تېخى بەزىدە.  
---ھە؟ نېمىشقا ئەمدى؟ -ھەي، ناۋادا مەن سىزگە دوسىت بولۇش تەكلىپى قويسام سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
  -قانداق قارايتىم، كۆزۈمنى راسا بىر ئۇۋلىۋىتىپ ئۇدۇل قارايمەن شۇ.  
   - ئەستايىدىلراق بولسىڭىزچۇ! -دىدى ئۇ سەل تېرىككەندەك بىر خىل قىياپەتتە .- تاغدىن گەپ سورىسا باغدىن جاۋاپ بەرگىنىڭىز نېمىسى ئادەمنى زاڭلىق قىلغاندەك. ئەگەر مەن بىلەن دوسىتلىشىشنى خالىسىڭىز قولىڭىزنى بىرىڭ ! - مەن ئۇنىڭ چىمچىلاق بارمىقىغا ئاستا بارمىقىمنى ئۆتكۈزدۈم. ئۇ باش مالتاق بارمىقىنىڭ يۈزىنى مېنىڭ باشمالتىقىمنىڭ يۈزىگە تەككۈزۈپ تۇرۇپ دېدى:
        -ئەمىسە مەن بىلەن ھەقىقى دوسىتلاردىن بولىسىز، دوسىتلىقىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلمايسىز، بۇ ئېسىڭىزدە چىڭ تۇرسۇن!  سىز مىنڭ بىرىنجى ھەقىقى دوستۇم بولدىڭىز جۇمۇ ھە، يەنە كىلىپ يات جىنىستىن. تەلىيىڭىز بار بالىكەنسىز، تۇغۇلغان ۋاقتىڭىزدا ئانىڭىز نېمىگە يۆگىگەن بولغىيتى سىزنى؟! ھى ھى ھى...
          -ھە  دەپ قويسام دەپ كەتكىنىنى ، سىز مەندەك ئېسىل بىر يىگىت بىلەن دوسىت بولىۋالغىنىڭىزدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتسىڭىز توغرا بولىدۇ  جۇمۇ تېخى.......  
        -ھا ھا ھا... ۋاي قانداق قىلاي...
        شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشتۇق .بارماق ئېلشىشىمىز گەرچە ئاددىي بىر شەكىل بولىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ  مەنىسى چۇڭقۇر ئىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئىجىل بولۇپ پات-پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردۇق. كۈنلىرىممۇ ياتسىراش، زېرىكىشتىن خالىي ھالدا تىز-تىز ئۆتۈشكە باشلىدى. بىر كۈنى كەچلىكى ئۇنى ئالايتەن سىنىپى ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم ۋە ئۇنىڭغا شەنبە كۈنى بىللە تاماق يېيىش تەكلىپى بەردىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ:
        -پاھ، يېڭىلىققۇ بۇ! تاڭسىڭ ئەپەندىم مىڭ تەستە ئاران بىر قېتىم ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتكەن تۇرسا، ئەلۋەتتە ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىمەندە! –دەپ قاقاقلاپ كۈلگەن پېتى سىنىپىغا كىرىپ كەتتى. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ مېنى ئاشۇ جۈرئەتسىز راھىپقا ئوخشاتقىنىدىن سەل خاپا بولغان بولساممۇ،لىكىن يەنلا  ئوچۇق كۆڭۈللۈك قىلىنغان بۇ چاقچاقنى قوبۇل قىلدىم. ھەش-پەش دېگۈچە ئۇ كۈنمۇ يېتىپ كەلدى. بىز دېيىشىۋالغىنىمىز بويىچە ھېلقى كۆۋرۈكتە ئۇچراشتۇق.
        -تاماق يەپ بولۇپلا كىرىپ كېتىمەن دېمەيدىغانسىز؟ -دېدى ئۇ كوپتىسىنىڭ تۈگمىسىنى ئويناپ تۇرۇپ.
        -ياقەي، شۇڭىچۇ بۇ قېتىم ماڭا نېمە توغرىلىق پاراڭ قىلىپ بېرىش  ھەققىدە ئىددىيڭىزدە ئازراق تەييارلىق بولسۇن! –شۇنداق دەپ ھەييارلىق بىلەن ئۇنىڭغا كۆزۈمنى قىسىپ قويدۇم.
        بىز قاچىلىرىمىزغا تاماقلارنى ئېلىپ ئاشخاننىڭ دېرىزە بار تەرپىدىكى بۇلۇڭغا كېلىپ ئولتۇردۇق. ئۇ چىنىنىڭ يۈزىنى ئاران يېپىپ تۇرغان شۇ بىر ئۇچۇم تامىقىنى ساناپ دېگۈدەك شۇنچە ئۇزۇن يېدى. ئۇنىڭدىن كىيىن بۇرۇنقىدەك مەيدانغا چىقتۇق. ئۇ ماڭا ئائىلىسى توغرىلىق سۆزلەپ بەرگۈسى بارلىقىنى ئېيىتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ئاز بىئارام بولغان بولساممۇ يەنىلا خۇشخۇيلۇق بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىغا تەلمۈردۈم.
          -دادام ساقچى -دېدى ئۇ گەپ باشلاپ.-شۇڭا ئۇ ئۆيگە دائىم كەچ قايتىدۇ. ئۇنداق بولغىنى بىلەن دادام ناھايتى خۇشچاقچاق، ئۇ كېلىشى بىلەنلا ئۆي قىززىپ كېتىدۇ.   دائىم :< ياش ۋاقتىمىزدا ئاپاڭلار  كەينىمگە كىرۋالغان، قاچان قارىسا مېنى ماراپ يۈرەتتى. يامانلىقىدىن ئاخىر ئەپلەپ كەتكەن مېنى. ساقچىلىقنىمۇ ئاپاڭلاردىن ئۈگەنگەن مەن.ئەينى چاغدا  ئالمايمەن دەپ شۇنچە قاچساممۇ،ئۇ ئەسكىلىك قىلىپ ،  ئۆلىۋالىمە دەپ كەينىمدىن قوغلاپ يۈرۈپ تىگىۋالغان ماڭا .> دەپ ئاپامنى تېرىكتۈرىدۇ. ئاپام  ئاڭلاپ  جىلە بولۇپ: <ۋۇ بىشىڭنى يەيدىغان ئوغرى، ئەينى چاغدا  شۇنچە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئاران قولغا كەلتۈرگىنىڭىزگە ئەمدى مۈشۈكتەك كۆزىڭىزنى يۇمىۋالماقچىما،خەپ ئەدىپىڭىزنى بىر بەرمىسەم. >دەپ دادامنى ئۆينىڭ ئىچىدە قوغلاپ يۈرۈپ  سۈر- توقاي قىلۋىتىدۇ. سىڭلىم ئىككىمىز بىر ياندا قورساقلىرىمىزنى تۇتۇپ كۈلۈشۈپ پومداقلىشىپ كېتىمىز.  ئىشقىلىپ ئۆيىمىزدىن كۈلكە-چاقچاق ئۈزۈلمەيدۇ. بەكلا بەختىيار.
         بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ بۇ جانلىق تەسۋرىرى كۆز ئالدىمغا مۇكەممەل بىر ئائىلىنى كەلتۈردى. تۇرۇپلا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك مەسىتلىكىم كېلىپ كەتتى. كۆڭلۈمدە  مىنىڭمۇ دادام بولغان بولسىچۇ  ، موشۇنداق مۇكەممەل ھەم بەخىتلىك ئائىلەم بولسىچۇ دېگەنلەرنى ئويلىدىم.خىيالىمنى باشقا ياققا بۇراش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن ئەتەي :
        -سىزنىڭ سىڭلىڭىز بارما ؟-دەپ سورىدىم خۇددى ناھايتى قىزقىۋاتقاندەك بىرخىل ئىپادە چىقىرىپ تۇرۇپ .
        -ھەئە ، ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە كېلىدىغان بولساق ئارتىسلار  بىكار قالىدۇ.يەنە كېلىپ بىر-بىرىمىزگە بەك ئامراق ھەم ناھايتى ئىناق ئۆتىمىز  ئىككىمىز.بىزدەك  ھەم چىرايلىق ھەم ئىدىتلىق ئاچا-سىڭىللاردىن يەنە بىرى تېپىلمايدۇ بۇ جاھاندا.
        - شۇندا......ق كۈزەتسەم پو ئېتىشقا خېلى ئىپىڭىز بار ئىكەن جۇمۇ سىزنىڭ. بولسا نەدە تەربىيلەنگىنىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز مەنمۇ بېرىپ ئوقۇپ باقسام ...- شۇنداق دەپ بىرخىل ئەستايىدىل قىياپەت بىلەن گەدىنىمنى قاشلىدىم.
         -ۋوي نېمىلەرنى دەيدىغاندۇ؟!  مەن راس گەپ قىلۋاتمە، پو ئەمەس.  سىڭلىم راسىت چىرايلىق، مېينۈ(ساھىبجامال ) مۇنداق مىينۈ.
         -ھى ھى ھى ئۆيۈڭلار ئەسلى چىرايلىقلار ئائىلىسى دەڭە مۇنداق!
        -ھەئە،بىزگە بۇ دېگەن ئىرسىيەت. دادام شۇنداق شۇۋەي(سۇمباتلىق) ئادەم ، ئاپاممۇ شىجيې مېينۈ(دۇنيا گۈزىلى)لىردىن دەڭە ...ھى ھى ھى...ئىشقىلپچۇ بىزنىڭكىدەك ئېسىل ئائىلىلەر كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ جۇمۇ.  
        ئۇنىڭ بۇ گېپىگە سۇسقىنە كۇلۇپ قويدۇم. كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام بىر ئاز كەيپىم ئۇچقان ئىدى. كىمنىڭ ئائىلىسى شۇنداق دۇنيادا بىر ئەمەس؟ كىمنىڭ ھەممە تەل، بەخىتلىك ئائىلىدە ياشىغۇسى يوق؟ كىمنىڭ ئائىلىنىڭ ئىللقلىقىدىن بەھىرلەنگۈسى، كىچىكلىكىنى مىھر-مۇھەببەتكە تويۇنۇپ خىرامان ئۆتكۈزگۈسى يوق؟ شۇلارنى خىيال قىلىپ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا چاندۇرماي ئائىلەمنى ناھايتى ياخشى بىر ئائىلە سۈپتىدە تەسۋىرلەپ بەردىم. ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنچە بەختىسىزمۇ ئەمەس، بوۋام-مومامنىڭ چەكسىز كۆيۈمى ئاستىدا خاتىرجەم ياشاۋاتقان ئېدىم. ئائىلە ئەھۋالىم پەقەت ئانا-دادا سۆيگۈسىگە چاڭقاق بولغىنم ئۈچۈنلا ئۇنىڭكىدىن پەرىقلىنەتتى. شۇڭا مەن ئىلاجىسىز بوۋامنىڭ سىماسىنى پۈتۈنلەي دادامنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ تۇرۇپ سۆزلىدىم.
       -نېمىشقىكىن  مەن ئۆيدىن ئايرىلساملا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك  يالغۇز ھىس قىلىمەن. بىراق... ھازىر ئۇنداق ئەمەس،چۈنكى سىزدەك دوستۇم بار بولدى ئەمەسمۇ. ھى ھى ھى ... -دادام ماڭا دائىم <زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق بالام، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزۈڭنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ يۈرۈشنى بىل. چۈنكى ئەينەككە قانداق ھالەتتە قارىساڭ شۇنىڭغا ئوخشاش نەتىجىنى كۆرىسەن ئەمەسمۇ. يەنە بىر گەپ،ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىماسلىقى كېرەك،شۇنداق بولغانىكەن سەن ھەر ۋاقىت باشقىلارغا سىلىق-سىپايىلىك بىلەن مۇئامىلە قىل. ئۇلار ساڭا قارىغىنىدا ئازادىلىك، خاتىرجەملىك ھېس قىلالايدىغان بولسۇن.> دەيتى.- دېدى ئۇ بىر خىل ئېغىر-بېسىق ھالەتتە . بىز خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشقاندىن كېيىن،ئۇ خۇشال كەيپىياتتا، مەن بىر خىل گاراڭ ھالەتتە قايتىشتۇق.
         شۇ يىلى 11-ئايدا مەكتەپتە تەنھەركەت يىغىنى ئىچىلدى .  ئىككى ھەپتە بۇرۇن تەنتەربىيە تۈرلىرگە تىزىملىتىش باشلانغان ۋاقىتتا ئايقىز مىنى ئىزدەپ كىرىپ مېنىڭ بىرەر تۈرگە قاتناشقان قاتناشمىغانلىقىمنى سورىدى. مەن يۈگرەش تۈرىدىنلا ئۈچكە تىزىملاتقانلىقىمنى ئېيىتتىم . بۇنى ئاڭلاپ خۇددى نارازى بولغاندەك:
          -نىمە؟ مۇشۇنداق مەسلىھەتمۇ سالماي، جىم-جىملا تىزىملىتىۋالدىغان گەپما؟-دېدى ۋە يەنە شوخلۇق بىلەن قۇشۇپ قويدى:- مېنى بۇنىڭغا قىزىقمايدۇ دېدىڭىز ھەقچان. ئەمسە سىزنى بىر ھەيران قالدۇرۋېتەيمۇ؟مەنمۇ تىزىملاتتىم تازا ھى ھى ھى...لىكىن ئۇيۇل توپ ئېتىشقا جۇمۇ،ۋاقتى كەلگەندە يەنە ئېزىپ-تېزىپ يۈگرەش مەيدانىدىن ئىزەپ يۈرمەڭ مېنى.
        -ھى ھى ھى....قارىڭە دەۋاتقان گېپىڭىزنى. ئەمسە غەيرەت قىلىڭ جۇمۇ.-دېدىم مەنمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
        ئۇ مېنى تاڭ قالدۇرۇپ بۇقىتىملىق تەنھەركەت يىغىنىدا  ئۇيۇل توپ ئىتىشتا بىرىنجى بولدى. مەن ئۇزۇن ئارلىققا يۈگرەشتە 7-بولدۇم. يۈگرەش جەريانىدا ئۇ مەيداندا  ئاقساقلاپ يۈرۈپ، مەن بىلەن تەڭ دېگۈدەك يۈگرەپ، تۇتۇپ تۇرۇشقا  بەرگەن چاپىنىمنى خۇددى كىچىك بالىلاردەك پۇلاڭلىتىپ قوڭغۇراقتەك زىل ھەم سۈزۈك ئاۋازى بىلەن جىۋىرلاپ ماڭا مەدەت بەرگەن ئىدى .
      كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ، چاقچاقلىشىپ، ئۆز-ئارا يېغىرىمىزنى ئېچىشىپ تېرىكىشىپ يۈرۈپ، قىشلىق تەتىلنى ئانچە-مۇنچە بىللە تەكرار قىلىشىپ  ئۆتكۈزۈپ ۋاقىتنى كۈتۈشلەر ۋە زورۇقۇشلار بىلەن مىڭ بىر جاپادا بەشىنجى ئايغا ئۇلاشتۇردۇق. بۇ جەريانىدا  مىھرىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ دوسىتتىنمۇ يېقىن دوسىتقا ئايلاندۇق. بەزى ئاخشاملىرى مەن تېخى كارۋىتىمدا يېتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزلىرىمدىن جىلە بولۇپ  ئاغزىنى ئۈمچەيتىۋالغان ئوماق ھالىتىنى خىيال قىلىپ كېتەتتىم. ئۇنىڭ يەنە ئوغۇل بالىلاردەك مۆرەمگە شاپاللاپ گەپ قىلدىغان غەلىتە قىلىقىمۇ بار ئېدى. ئەمما ماڭا ئۇنىڭ ھەربىر ھەركىتى شۇنچىلىك گۈزەل ھەم تاتلىق تۇيۇلاتتى. مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇنىڭ خۇددى سۆزمەن ناتىقلارغا ئوخشاش قەدەمدە بىر يېڭى-يېڭى تېمىلارنى ئوتتىرغا تاشلىشىغا ھەيران بولاتتىم. بارا-بارا مۇناسىۋتىمىزنىڭ يېقىنلىششىغا ئەگىشىپ بىز بىر-بىرىمىزگە قارىغاندا كۆزلىرىمىزگە چوڭقۇر مەنالارنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ قارشىدىغان بولۇشقا باشلىدۇق.
        7-ئاي يىقىنلاشقانسىرى ھەممەيلەننىڭ يۇرىتقا ۋە ئائىلىگە بولغان سىغىنىشىمىز ۋە قەلبىمىزدىكى جىددىيلىك بارغانسىرى ئېشىشقا باشلىدى. قېرىشقاندەك  ۋاقىتنىڭ چىشلىق چاقى ناھايتى ئاستا، ئېغىر-بېسىق ئايلىنىشقا باشلىدى ھەرتاڭدا مېنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۈمىد قىلدىغىنىم پەقەت كۈننىڭ پاتراق كەچ بولۇشى ئېدى. بىر كۈنى ئەتىگىنى مەن ئۇنىڭ باشقىلاردىن كىرگۈزگەن ماتىماتكا كىتابىنى ھەيرانلىق بىلەن ۋاراقلاۋېتىپ  ئارسىدىن بىر ۋاراقچىنى تېپىۋالدىم. ۋاراقچىگە:

سۆزلەشكۈم بار سىز بىلەن،                        
    ئېچىپ كۆڭۈل قېتىنى.                        
   خوپ كۆرسىڭىز كەچقۇرۇن،                       
    ئىزدەڭ كۆۋرۈك بېشىنى.     

-دەپ يېزىلىپ، يەنە ئاستىغا:« بۈگۈن ماتىماتكا دەرسى يوق.»دەپ  ئالايتەن ئەسكەرتىلىپ قويۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ بەرگەن شەپىسىنى چۈشىنىپ  كەچقۇرۇنلىقى كىتابنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىش باھانىسىدە كۆۋرۈك بېشىغا چىقتىم.
ئۇ مەندىن بۇرۇن كېلىپ بولغان ئىكەن. كېلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ئالدىغا ئىككى قەدەم ماڭدى ۋە:
        -مەن سىز بىلەن تەتىل توغرىلىق سۆزلەشمەكچىدىم. بولارمۇ؟-دېدى.
        -ھە؟ ھە...... يولدا كەتكۈچە ماڭا باۋ بىياۋ(مۇھاپىزەتچى، ياردەمچى) بولۇپ بېرىڭ دېمەكچىغۇ ھە سىز، چاتاق يو...
        - مەھەللىڭىز چىرايلىقمۇ ؟- ئۇنىڭ خۇددى گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەك باشقا تەرەپتىن سۆز ئېچىشى مېنى سەل ھەيران قالدۇردى. – بۇرۇن سىزگە دېگەنغۇ مەن يىزىغا بەك ئامراق دەپ. تەتىلدە ئۆيىڭىزگە چىقسام ئوينىتامسىز ؟
        -ھە؟؟؟؟ - مەن دەسلىپىدە ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىن قاتتىق ھەيران قالغان بولساممۇ،ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن دەرھال ئېسمنى يىغدىم ۋە: – ھە! ‎ئەلۋەتتە،ئەلۋەتتە،بۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ. سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدە... -دېدىم ۋە چاندۇرماي كۈلۈپ قويدۇم.
        ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئالدىدا چوڭ گەپ قىلىپ مەيدەمنى مۇشىتلاپ قويغىنىم بىلەن كۆڭلۈمدە بىرئاز ئارسالدى بولۇپ قېلۋاتاتتىم. چۈنكى ئۇ ئۆيۈمگە بارسا ئەپتى-بەشىرەمنىڭ ئېچىلدىغىنى ئېنىق ئىدى. ھەم ئۇنىڭغا قىلغان يالغانچىلىقىم ئاشكارىلىنىپ قالاتتى.شۇ چاغدا ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىشىم ئۆزۈمنى نوچى كۆرسىتىپ ئۇنىڭ ھېسياتىنى ئالداش ئارقىلىق دوسىتلۇق قولىنى تۇتۇش پۈرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولماستىن، ئەكىسچە  ئۇنىڭ ھېسداشلىق تۇيغۇسىدىن خالىي ھالدا سۆھبەتلىشىش، ئالاقە قىلىش ئۈچۈنلا ئېدى. چۈنكى مەن ئۆزۈمنى باشقىلارغا بىچارە كۆرسىتىشنى پەقەت خالىمايتىم. ئۇ كۈنى مەن بىر خىل بىئارامچىلىق ئىچىدە قايىتتىم ۋە  قاتتىق دېلىغۇل بولغىنىنمدىن ياتاقتىكى پاراڭلارغا قېتىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىماي بالدۇرلا يوتقانغا كىرىۋالدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mm19910203 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 09:31 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش