مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mm19910203

كاككۇك سايرىغان چاغلار(رومان،1-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 12:23:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 12:27:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى يەڭگىل  ،تۇلىمۇ يېقىملىق چىقىپتۇ .  بەك ياختۇردۇم
جاپا چەكتىڭىز رەھمەت سزگە .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109197
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 12:52:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان،
ئاخىر قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109197
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 12:52:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان،
ئاخىر قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 03:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەمىل يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 12:52 PM
ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىۋاتىدۇ! كۆپ جاپا چەكتىڭلار!
...

مېنىڭ ھېسابىمچە ئىككى ئايغا  كەتمەيدۇ. بىرىنجى قىسىم جەمئىي 13 بۆلەككە بۆلۈنگەن. ھازىر شۇنداق ھېساپلىغاندا يانا يەتتە سەككىز كۈندە تاماملىنىپ بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئىككى ئۈچىنجى قىسىمغا ئىشلىۋېلىپ  پۈتۈپ قالسا تىز تىز يولايمىز. ئامال بار 12-ئاي ئاخىرلاشقۇچە تۈگىتىپ بولىمىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   花公主 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 03:02 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 09:36:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 09:40:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(5)



       تۆت كۆز بىلەن زارىقىپ كۈتكەن كۈن ئاخىرى كەلدى.گەرچە پويىزدا قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بەكلا قىينالغان بولساقمۇ ئۆيگە قايتىشنىڭ خۇشاللىقىدا بۇ جاپالارمۇ كۆزگە كۆرۈنمەي شۇنچىلىك كۆتۈرەڭگۈ ھالەتتە ماڭدۇق.  ئاخىرى شۇ سېغىنغان يۇرىتقىمۇ كەلدۇق. ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئىشەكلىك ئالدىمغا چىققان بوۋامنى، غەمكىن چىرايىدىن ھاياجانلىق ھېسلارنى تۆكۈپ ھارۋىدا ئولتۇرغان ئانامنى كۆردۈم. بوۋام مېنى كۆرۈپلا ياۋەندىن سەكرەپ چۈشۈپ ئالدىمغا كەلدى. مەن قولۇمدىكى سومكىلارنى جايىغىلا تاشلاپ بوۋامنى قۇچاقلىدىم. ئۇنىڭ ساقاللىرى، ھەتتا پۈتۈن بەدىنى تىترەۋاتاتتى. كۆزۈمدىن ئېقىۋاتقان ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم. چۈنكى ئۇ بۇ بىر يىلدا خېلىلا قېرىپ،جۈدەپ قالغانىدى. ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە  ئانامنىڭ ياشلىق كۆزلىرى قەلبىمنى ئۆرتىۋەتكەنىدى. گەرچە بۇ دېدارلىشىشتىن شۇنچىلىك سۆيۈنگەن بولساممۇ، ئانامنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپلا قايتىمەن دېگىنى بىر ئاز كۆڭلۈمگە كەلدى. قەلبىم شۇنچە ئۇزۇندا ئاران بىر قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاقراق بىللە بولۇشنى ئىزدەيتى. ئەمما ئەمەلىي ئەھۋال كۆڭلۈمگە ئايان بولغاچقا ئۇنىڭغا بېسىم قىلىشنى لايىق كۆرمىدىم. شۇڭا بوۋامغا ئاۋال ئۇنى ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن قايتىشنى ئېيىتتىم.
        تەتىلنى شۇنچىلىك خۇشال ئۆتكۈزىۋاتقان بولساممۇ كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى سىقىلىپ تۇردى. تەلىيمگە يارشا ئايقىزنىڭ كېلەلمەيدىغان بولغانلىقى مېنى تولىمۇ مەنمۇن قىلدى. ۋاقىت مەكتەپتە ناھايتى ئاستا ئۆتكەن بىلەن ئۆيدە ناھايتى تىز ئۆتىدىكەن ، شۇنداق قىلىپ ھايىت-ھۇيىت  دېگۈچە تەتىل توشۇپ بىز يانا مەكتەپكە قايتىدىغان بولدۇق. بىراق تۆت كېچە-كۈندۈزدىن ئارتۇق يولنى،  مەكتەپتىكى  كۆڭۈلسىز تۇرمۇشنى  ئويلاپ پەقەتلا قايتىپ كەتكۈم كەلمەي قالدى. ئىلاجىسىز بوينۇمدىن باغلىغاندەك قىلىپ يولغا چىقتىم.   
         تولۇق بىرغا چىققاندىن كېيىن مەكتەپ بىز مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇلارنىڭ سىنىپىغا بەشتىن،ئالتىدىن قىلىپ بۆلىۋەتتى. مېنى خۇشال قىلغىنى خۇددى  ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندەك ئىككىمىزنىڭ سىنىپىنىڭ يەنىلا قوشنا بولۇپ قېلىشى ئېدى. لىكىن مېنىڭ  ئۇنىڭغا سەل ئىچىم ئاغىرىپ قالغان ئىدى. چۈنكى كۈندە نەچچە قېتىم ئالتىجى قەۋەتكە چىقىپ چۈشۈش ئۇنىڭغا  بىر ئاز قولايسىز ئېدى. ئەمما ئۇ بۇنىڭدىن قىلچىمۇ ۋايسىمىدى. ئەكسىچە دەرىسكە بۇرۇنقىدىنمۇ جۇشقۇن ھالەتتە كىرىپ-چىقىپ يۈردى. مەن بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا ناھايتى قايىل بولدۇم.
        تەقدىرنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرىشى بىزنىڭ ئارزۇيىمىزغا تولىمۇ خوپ كەلگەنىدى. ئەتىگەندىن باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتا دائىم بىرگە ماڭاتتۇق. يەنە تېخى بەزىدە بىللە ئولتۇرۇپ دەرىس تەكرارلايتۇق. كاللىمىزدىن ئۆتمىگەن مەسلىلەرنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىشاتتۇق. مۇناسىۋىتىمىز بۇرۇنقىدىنمۇ يېقىن ھالەتتە داۋام قىلماقتا ئېدى. ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ بىر يىلنى ناھايتى كۆڭۈللۈك ھالدا تىزلا ئۆتكۈزىۋېلىپ تولۇق ئوتتىرغا چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنجى يازلىق تەتىلنى كۈتىۋالدىم.  بۇ قېتىم ئايقىز تەتىلدە مېنى چوقۇم ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆيۈمنىڭ تەپسىلىي ئادرىسى ۋە تېلفۇن نۇمۇرىنى ئالدىن خاتىرلىۋالدى. مەنمۇ كۆڭلۈمگە بەزىبىر پېلانلارنى پۈكۈپ ئالاقىلشىش نۇمۇرۇمنى ئۇنىڭغا بەردىم ۋە چوقۇم مەن بىلەن  ئالاقىلشىشنى تاپلىدىم                  
         تەبىئەتنىڭ قىران پەسلى  ھېساپلىنىدىغان يازنىڭ 7-ئاي مەزگللىرىدە  يېزام  ياشىرىپ باشقىچە گۈزەللىشىپ كېتەتتى. ئىتىزلارغا پاتماي قالغان زىرائەتلەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرەتتى.بۇ چاغدا  دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ چارچاشمۇ كىشىگە بىر خىل ھوزۇر بىلىنەتتى. ئەتىگىنى شەبنەم بىلەن تەڭ تۇرۇپ، ياخشى دەملەنگەن قىززىق چاي بىلەن قېتىپ قالغان ئۆي نېنىدا ناشتا قىلۋېلىپ، ئاندىن كەتمەننى دولامغا سېلىپ ئېتىزغا مېڭىش مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك لەززەتلىك ئىش ئېدى. ئېتىزدا زىرائەتلەر بىلەن پاراڭلاشقاچ ئىشلەش مېنىڭ ئىلھامىمنى قوزغاپ، نېمجان بولۇپ قالغان شائىرانە ھېسلىرىمغا قايتىدىن جان بېرەتتى.

سەھرا ئۆزى بىر گۈلخان،
دېھقان ئۇنىڭ ئوتۇنى.
ئارا-گۈرجەك كەتمەنلەر،
ۋاپادارى ، خوتۇنى.
                     
........
ئەتىگەندە تومۇرنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا ئىككى كۇپلېت نەرسە يېزىۋىتەي دەپ قولۇمغا قەلەم ئېلىپ شۇنداق باشلاپ تۇرشۇمغىلا  تېلفۇن سايرىدى. قاق سەھەردە كېلىپ زىھنىمنى چاچقان تېلفۇندىن بىر ئاز كەيپىم ئۇچۇپ تېلفۇننى ئاچچىق بىلەن ئالدىم:                                                            
         -ۋەي            !!!                     
         -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مۇختەرمۇ سىز؟ - يوق يەردىن مېنى ئوڭايسىز قويۇۋاتقان بۇ ئادەمگە سەل ئاچچىقىم كەلگەن بولساممۇ تونۇش ئاۋازدىن ئېسىمنى يىغىپ ئاستا ئاتاكىغا ئۆتتۈم:
        -بارىكاللا،ھە قانداراق، ياخشى تۇرۇپسىزمۇ سۆيۈملۈك قىزچاق!؟
       -ھە، ياخشى ياخشى. ئۆزىڭىزچۇ ؟!
        -سو يوققۇ بىزدە! يائاللا،باكەنسىز ھە بۇ جاھاندا!؟ بۇ قېتىم يەنە ئىزدەشمەي كېتىپ قالارمىزمىكىن دەپ ئويلىغانتىم تېخى...
        -تېلفۇننى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلەن سىلىقراق ئالمىغىنىڭىزدىن قارىغاندا بۈگۈن مېنى قارشى ئالغۇدەك رەپتارىڭىز يوق چېغى. بولمىسا باشقا كۈنى ئىزدەي مەن سىزنى.-بۇ سۆز ئارقىلىق ئۇنىڭ بۈگۈن ئۆيىڭىزگە بارسام مۇۋاپىق بولارمۇ دەپ سوراۋاتقىنىنى ھېس قىلدىم ۋە ھاپىلا-شاپىلا چۈشەندۈردۈم:
        -ياق،ياق. ئۇنداق ئەمەس. قىزغىن قارشى ئالىمەن سىزنى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۈگۈن بىكار دەڭە. لىكىنزە......... بىكار بولساممۇ سىزگە قىلغۇدەك ئىش راسلاپ قويىمە، ئالايىتەن بىر كەلگىنىڭىزدە  قۇرۇق يولغا سېلىپ قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ مېنىڭ ھى ھى ھى
     -بولىدۇ، كېلىشتۇق. ھىساپ ،گىپىمىز گەپ ئەمىسە.  ھازىر مەن بىكەتتە،تېلىفۇننى قويۇپلا يىزىڭىزغا قاتنايدىغان ماشنىغا چىقىپ ماڭىمەن. بازاغا كەلگەچ تۇرۇڭ جۇمۇ ئەمىسە. بولسا ھازىرلا مېڭىڭ. چۈنكى ئۇ يەردە مېنىڭ سىزنى ساقلىغىنىمدىن سىزنىڭ مېنى ساقلىغىنىڭىز تۈزۈك. گېپىم توغرىدۇ؟ ھى ھى ھى ... ئەمىسە خوش،سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى .                       
         تېلفۇننى قويۇپ،دەرھال بوۋامغا دوستۇم كىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتىم ۋە  ئىشەكنى ھارۋىغا قېتىپ يىزا بازىرىغا قاراپ ماڭدىم. شۇنچە تىز كەلگەن بولساممۇ ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان ئىكەنمەن. شۇڭا ناھايتى خىجل بولغان ھالدا ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم:                     
       -خاپا بولماڭ  ھە، ئىشەك ماڭغىلى ئۇنماي شۇ .......
        -ھا ھا ھا... ساق ئون مىنۇتتا كەپ بولدىڭىز. مەن بايا كېلىۋېلىپ ئاندىن سىزگە تېلىفۇن قىلغان.
        -ھە !؟ نىمىشقا ئەمدى؟ كەچۈرۈڭ ھە، تازىمۇ سەت بوپتۇ...            
        -ۋىيەي، بولدى قىلىڭە! مەنمۇ شۇ سىزنى ساقلاپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق قىلىپتىمە سىزنى توغرا چۈشنىدۇ دەپ. ئەتتىگەندىلا ئارامىنى بۇزماي دەپ خەۋەر قىلمايلا يولغا چىقىپتىكەنمەن شۇ. بۇنداق بولىشىنى بىلگەن بولسام ئالدىن دەپ قوياتتىم......
        -تازىمۇ بىر، بولدى، بولدى. بۇلارنى تەگىشىۋەرمەي كۆڭۈللۈك ئوينايدىغاننىڭ ئىشىنى قىلايلى بىز. -گەرچە ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ تۇرساممۇ، ئىچكى ھېسياتىمنى زورىغا بېسۋېلىپ يالغاندىن ئېغىر-بېسىق قىياپەتكە كىر ۋېلىپ شۇنداق دەپ قويدۇم.
        -   ماقۇ......ل . –ئۇنىڭ ئاغزىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ ئەركىلەپ قىلغان بۇ سۆزى قەلىب تارىمنى تىتتىرتىپ، بىردىنلا يۈرەك رېتىمىمنى تىزلىتىۋەتتى. ئەمما بۇ تۇيغۇلىرىمنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ دەرھال ئۆزۈمنى رۇسلاپ ئۇنى ھارۋىغا چىقىشقا ئۈندىدىم:
         -چىقىڭە ھارۋىغا قالاپ تۇرماي! كۆتۈرۈپ ئېلىپ قۇيامتىم يا؟!
        - ۋۇيىت غوجام ، بوش ھۆكىرسىلە،مەن بى ئەپ  قويغان خوتۇنلىرى بولمىغاندىكىن!
        -ئالدىرماي تۇرۇڭ  جۇمۇ ھە! نېمىلا دېگەن بىلەن ئاپىڭىزنىڭ قىزى سىز. پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر ئايلىنىپ بىر كۈنلەردە سىزمۇ مىنىڭ كەينىمدىن قوغلاپ يۈرەمسىز تېخى تېگىمەن دەپ. ۋۇ ھا ھا ھا ...
        -دەۋالدىڭىز ھە! لىكىن شۇنداقتىمۇ  ئادەم تېپىلمىغاندەك سىزنى قوغلاپ يۈرمەسمە ھەرقانچە بولسىمۇ، تولا ئۇخلىماي چۈش كۆرمەڭ جۇمۇ سىز!
        -ھە...........ياراتمايمە، ھالىم با دەڭە تېخى. – شۇنداق دەپ  يالغاندىن قېيدىغاندەك بولىۋالدىم. ۋە -چىقىڭە ھارۋىغا تولا گەپ قىلماي، مەن سىزنى ئۆيگە كۆچۈرۈپ ئېلىپ ماڭمىغاندىكىن ......
        ئۇ بىردىنلا ئىچىلىپ ، سۆزۈمگە سۆزمۇ قايتۇرماستىن :
         -ھارۋىغا سىز چىقىڭ، شوپۇرلۇقنى مەن قىلاي. –دېدى.
         -ھە؟ چاقچاق قىلمىڭە، خۇيى بار ئىشەك جۇمۇ بۇ، ئەپقاچىدۇ سىزنى. - ئەمەلىيەتتە ئىشەك ناھايتى ياۋاش ئىدى .      
        - ئەپقاچسا سىز نېمىش قىلىسىز؟ مېنى ھارۋا ھەيدىتىپ قويۇپ يېتىپ ئۇخلىمايدىغانسىز ھەرقانچە بولسىمۇ؟- بۇ سۆزلىرىدىن كۈلۈپ كېتىپ ئارغامچىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدۇم. ئۇ ناھايتى خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە:
        -ئۆيىڭىزگە ئاز قالغاندا ئۆزىڭىز ھەيدەڭ جۇمۇ،دادىڭىز كۆرۈپ قالسا باشقىچە تەسىر بېرىپ قويمىسۇن يەنە!-دەپ ئەسكەرتىپ قويدى.
        <دادىڭىز >دېگەن  بۇ سۆز  يۈرۈكۈمگە قاتتىق تەگدى ۋە ھەقىقى ئەھۋالنى دەپ سېلىشتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۋالدىم. چۈنكى مەن بۇلارنى  تىلغا ئىلىشنى، ھەتتا ئويلاشنىمۇ خالىمايتتىم. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا داۋاملىق يالغان سۆزلىدىم:
        -مەن بۈگۈن بوۋامغا ياردەملەشكىلى كەلگەن. ھەم بوۋامنىڭ ئۆيى بىزنىڭكىدىن يېقىن. شۇڭا سىزنى شۇ يەرگىلا  ئاپىراي بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ سىزنىڭ كىلىدىغانلىقىڭىزدىن خەۋەردار، ھازىر يولىمىزغا قاراپ ئولتۇرۋاتىدۇ دەڭە .
        -ۋايجا.......ن قانداق بولار؟!
        -خاتىرجەم ئىشىكىڭىزنى ھەيدەڭە سىز، تېخى  بوۋامنىڭ ئۆيىدە تارتىنماي ئەركىن ئوينىيالايسىز. ھېچنىمە بولمايدۇ. يەنە كېلىپ قېرىلار ياشلاردىن بەكرەك  ئادەم خالايدۇ ئەمەسمۇ؟!
        -قېرىلار سەزگۈر كېلىدۇ. باشقىچە چۈشۈنۈپ قالماس ھە بىزنى؟!               
      -ۋاي خاتىرجەم بولىڭە! خاتا چۈشەنىسىمۇ كېرەك يوق. بوۋاممۇ ئون يەتتە يېشىدا خوتۇن ئاپتىكەن. مەنمۇ ئون سەككىزگە كىرەي دەپ قالدىم ،پەقەت بولمىسا ماۋۇ نەۋرە كىلنىڭ دەپلا تونۇشتۇرامەن سىزنى .
         -ئىشىڭىزنى قىلىڭە مېڭىڭ، قېلىنلىقىڭىزنى قاراڭ. يۈزنىڭىزنىڭ تېرىسى ئۆلچىسە  ئىككى ئۈچ مېتىر كېلدىغان ئوخشايدۇ سىزنىڭ، بېشىنى يەيدىغان داشماق .            
      –ھا ھا ھا ....
      -نەق ئاشۇ دەشنام يىسە بەش نان يىگەندەك خوش بولدىغان مەتۇكەن بۇ.كۈلىۋەرمەي رىياسەتچىلىك قىلىپ بېرىڭە ماڭا! قايسى تەرەپكە ماڭىمىز؟
      -ئوڭغا ھەيدەڭ، ئارغامچىنى بەك تارىتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشەك يولنى بىلىدۇ ...      
           ئۆي تەرەپكە بۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن  ئۇ ماڭا  سىڭلىسى توغۇرلۇق پاراڭ قىلىپ بەردى:
      -ھە ؟سىڭلىڭىزمۇ ئىچكىردە ئوقامدا ؟قايەردە ئوقۇيدۇ؟- سورىدىم ئۇنىڭ سىڭلىم قايتىپ كەلدى دېگەن سۆزىدىن ھەيران بولۇپ. ئۇ بۇ سۆزۈمدىن تېرىكتى:
       -ھەي ،مېنىڭ سىڭلىم ئىچكىردە ئوقۇسا سىزنىڭ نېمە ئىچى تارلىقىڭىز تۇتۇپ كەتتى؟ كۆرۈڭ، بۇنىڭ چۆچۈپ كەتكىنىنى تېخى! ئۇچۇ قاراڭ،شاڭخەيدە ئوقۇيدۇ بىزدىن بىر قارارلا تۆۋەن.
      -دەيمىنا ئەمدى، ئىككىلىڭلار يىراق يەردە ئوقۇپ ئاتا-ئاناڭلارنى زار قىلغۇچە بىرىڭلار بولىسىمۇ....... ئىسمى نېمىتى راس ئۇ چىرايلىق سىڭلىڭىزنىڭ ؟
     -ئاينىگار. قاندا ق،چىرايلىقمىكەن؟
         -نېمە پەلتەتىش ئىسم ھەي ئۇ؟ ئاتانىڭىز ئىسىم قويۇشنى بىلمەمدۇ قانداق، سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئايقىز بولغاندىكىن ماسلاشتۇرۇپ  خانقىز، گۈلقىز،بىلقىز، نۇرقىز،تۇقىز يا بولمىسا كۈنقىز دەپ قىز كېلىدىغان ئىسىمنى قويمامدۇ مۇنداق.
        - ۋاي بولدىلا، سىزدەك كاللىسىنىڭ دەردى بار ئادەملەر بىلەن گەپ تالاشمايمەن مەن. ئازنىلىققا ماڭغان جۇۋاندەك مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتمەي، ما ئوننى ئۇرسا بىرنى ئوسۇرۇپمۇ قويمايدىغان مىس-مىس قوتو ئىشىكىڭىزنى ئۆزىڭىز ھەيدەڭە بولدى ! پەقەت ماڭمايدىكەن بۇ قوتا ئىشەك.
        -ھا ھا ھا ... قارىڭە ئۇششۇقلىقىڭىزنى. مۇشۇ تۇرقىڭىزدا بېرىپ ئۇششۇقلۇق پىراۋىسى ئالسىڭىزمۇ بولىدىكەن جۇمۇ سىز! –مۇشۇنداق ھېلى تېرىكىپ،  ھېلى كۈلۈشۈپ يۈرۈپ ئۆيگىمۇ كەلدۇق. ئۇ مەن چۈشۈڭ دېمەستىنلا ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشىۋالدى ۋە ماڭا ئاليىپ قويۇپ دېدى:
         -ھېلى سىزنى يەنە قالايمىقان سۆزلەپ يۈزۈمنى چۈشۈرمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى سورۋالدىمغۇ، قانداق؟ -مەن گەپمۇ قىلماي باش بارمىقىمنى چىقىرىپ كۆزۈمنى قىسىپ قويدۇم. بۇنى كۆرۈپ ئۇ ۋىللىدە قىزاردى.
1 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mm19910203 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 09:43 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111414
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 12:56:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن   ئاخرنى ساقلايمەن    تىرىشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111414
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 12:57:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 03:36:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahmatjan886 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 12:56 PM
بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن   ئاخرنى ساقلايمەن    تىرىش ...

رەھمەت!  باش سۈرەت ئۆزگىچىكەنيا سىزدە؟!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش