مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mm19910203

كاككۇك سايرىغان چاغلار(رومان،1-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1340
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 07:20:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەمىل يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 12:52 PM
ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىۋاتىدۇ! كۆپ جاپا چەكتىڭلار!
...

بۇ ئەسەرنى مەن ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاتىمەن. ئاخىرى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111414
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 08:07:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
花公主 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 03:36 PM
رەھمەت!  باش سۈرەت ئۆزگىچىكەنيا سىزدە؟!!!

ھى ھى  مۇنداق لاھىلەپ قويغان ئۇنى     ............ داۋامىنى ساقلايمەن ئەسىرىڭلارنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106202
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-4-19
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 08:14:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتىمۇ ياخشى يېزىپسىلەر بۈگۈن باشتىن-ئاياق ئوقۇپ چىقتىم ، ھارمىغايسىزلەر، مەتبۇئە ئۇرۇنلىرىغا ئەۋەتىپ نەشىر قىلدۇرۇشنىمۇ ئويلىشۋاتقانسىلەر؟

تارزان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 08:36:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،غەيرەت قىلىڭلار!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 10:03:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                         (6)
      

-ۋوي بالام ،كەلدىڭلىما! ھە، تىنىچ-ئامان كەلدىڭىزمۇ قىزىم، ئۆيدىكىلەر سالامەتمۇ!؟
          ھويلىدىلا ئوغلاق سويغىلى تۇرغان بوۋام ئىشىكتىن كىرۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ شۇنداق دېگىنىچە ئالدىمىزغا كەلدى. ئايقىز بوۋامدىن سەل تارتىنىپ جىق گەپ قىلمايلا يەرگە يەرگە قارىۋالدى. ھويلىدىكى كاللىسى ئۈزۈلۈپ گۆشىنىڭ يېرىمى تېرىسىدىن ئاجراپ بولغان ئوغلاقنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە:< ما بو ۋامنىڭ ئاقسالىقىنى قاراڭ،ئۇنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىم راس ئۆسىدىغان بولدىدە ئەمدى.> دېگەنلەرنى ئويلىدىم.ئاڭغىچە ئۆگەي مۇمام يۈگرەپ چىقىپ قىزغىن ئەھۋال سوراشلار بىلەن ئۇنى ئۆيگە باشلىدى.بوۋام بىردە  كىرىپ ئايقىزغا، بىردە ماڭا قاراپ ھەييارلىق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ ئىشىغا تۇتۇندى.
       بۇۋامنىڭ بۇ ھەركىتىنى كۆرۈپ خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدىم. چۈنكى نۇرغۇن ئىسسىق-سوغوقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ تەجىربىلىك ئادەمنىڭ كۈلۈمسىرەش باھاسىغا پەقەت ئۇ بولىدىكەن دەپ قارىغان كىشلەرلا ئېرىشەلەيتى.  دېمەك ئايقىز دەل بوۋامنىڭ ياقتۇرشىغا ئىرىشكەن ئىدى .مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. ئايقىز ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن تورۇس-تاملارغا بىر قۇر سەپسېلىۋېلىپ:
      -يېزىنىڭ ئ
ۆيلىرى ھەقىقەتەن چوڭ ھەم ئازادە جۇمۇ. بۇ ئۆي بۇلدىكەن. لىكىن تىزراق ئۆيلەنمىسىڭىز  بولماپتۇ. مېنىڭچە بولغاندا توي قىلغاندىن كېيىن بوۋىڭىزنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بۇ ئۆيگە ئىشقا ئېپى بار ياش چوكاندىن بىرى تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قاپتۇ. –دېدى.
      -ۋوي شۇنداقمۇ؟ ...بولمىسا سىزلا كىلىن بولامسىز يا ؟
       - مەن بولمايمەن ھەي. سىڭلىمدەك قىزلار يارشىدۇ بۇ ئۆيگە.   
        -قارىڭە دەۋاتقان گېپىڭىزنى ھى ھى ھى - ئىككەيلەن تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق .
        -ھەجەپ جىق گەپ قىلىپ كەتتىميا!  بوۋىڭىز ئاڭلاپ قېلىپ ئوبرازىمغا دەخىلى يەتكۈزۋالماي يانا، قىز بالا بولغاندىكىن شۇڭا سەل ئۆزۈمنى بېسۋالاي جۇمۇ مەن ھەر ھالدا....
       -ۋاي ھېچنىمە بولمايدۇ.  ئاران بىر كەلگەندە ئېچىلىپ-يېلىپ ئولتۇرىڭە قورىنىۋالماي.
       -بولارمۇ؟ ھە راس بۇنچە كايىپ بوۋىڭىزغا قوي سويغۇزۇپ نىم قىلاتتىڭىز دەيمەن ئادەمنى خىجىل قىلىپ. قاچان قارىسا مۇشۇنداق كىچىك ئىشنى چوڭايتىپ ئولتۇردىكەنسىز.
       - تولا زىزودوچىڭ(ئۆزىگە ئىلىۋىلىش )بولماڭ ھوي سىز. سىزنى دەپ سويغان قوي ئەمەس ئۇ ،سىز بوممىسىڭىزمۇ سويتتۇق ھى ھى ھى...-ئۇنى قەستەن تېرىكتۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق دېدىم. بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ناھايتى خىجىل بولۇپ كەتتى. مەن چاقچىقىمنىڭ سەل ئېشىپ كەتكىنىنى ھېس قىلىپ ئوڭايسىزلىنىشقا باشلىدىم.
       شۇ ئەسنادا بوۋام كىرىپ كەلدى ۋە قازانغا گۆس سېلىپ قويغانلىقىنى، ناۋادا ئايقىز كۆڭلىگە ئالىمسا گۆش پىشقۇچە چوڭ ئانام بىلەن ئۇلاغلارغا ئوت ئەكرىۋېلىشنى  مەسلىھەتلەشكەنلىكىنى ئېيىتتى. ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ بىزمۇ چىقىپ ياردەملىشەيلى دەپ جىدەل قىلىپ تۇرۋالدى. ئامالسىز ئۇنىڭغا زىرائەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆستەڭ بويىنى ئايلاندۇرۇپ  كىرىشكە ماقۇل بولدۇم. ھويلىدىن ئەمدىلا چىقىۋىدۇق ئۇ تۇيۇقسىز بىلكىمدىن تارتىپ توختىدى:
        -ھەي بىز مۇنداق قىلايلى قاراڭ. بىكاردىن سىرىتنى لاغايلاپ يۈرگىچە ئۇلار كىرگۈچە دىككىدە تاماق قىلغاچ تۇرايلى. سىز ئوچاققا ئوت قالاپ بىرىڭ. مەن سەي قورۇپ لەغمەنگە پىلتە قىلاي.   مېنىڭ تامىقىم بەك ئوخشايدۇ.  مىڭڭە ......مىڭڭە! – ئۇنىڭ بۇ ئەركىلەشلىرىدىن سىمابتەك ئېرىپ كېتىۋاتقا بولساممۇ ئۇنىڭ ئۆيمىزنىڭ ئەزىز مېھمىنى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ قول ھۈنىرىنى تېتىپ بېقىش ئىستىكىمدىن ۋاز كېچىپ، بۇ تەلەپنى كەسكىن رەت قىلدىم. ئەمما ئۇ:
        -دېگىنمدەك قىلىمىسىزىڭىز ھازىرلا قايتىپ كېتىمەن.-دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۋالدى. ئامالسىز مەيلى دىدىم، ئۇ ماقۇل بولغىنىمنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە لازىمەتلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ تاماق ئېتىشنى باشلىۋەتتى. مەن كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ياۋاشلىق بىلەن ئوچاققا ئوت قالاشقا كىرىشتىم.
         ئۇ ھېلى  ئاشخانىدا ئوچاققا ئوت قالاپ ئاش ئەتسە بەك پەيزى بولدىكەن دەپ كۈلسە، ھېلى ئوتنى ئالدىراماي قالاڭ بىركىم سىزگە ئوتۇن كۆيدۈرۈشنى ۋەزىپە قىلمىغاندىكىن، ھەم ياغ كۆيىدۇ ھەم ئوتۇنغا زىيان دەپ ۋىچىرلاپ ماڭا ئىش ئۈگىتەتتى. ھەر بىر قىلىقى،خۇلىقى  ۋە گەپ سۆزى ماڭا تولىمۇ ياقتى.تۇرۇپلا ئۆزۈمنى شۇنچە بەخىتلىك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. چۈنكى شۇ تاپتا كىنو ۋە ھېكايىلەردىكىدەك رومانتىكلىقنى ئۆز ئەمەلىي تۇرمۇشۇمدا كۆرۈۋاتاتتىم. ھەممە ئىشلار تەل بولۇپ قازان قايناي دىگەندە ئۇ مېنى چوڭلارنى چاقىرىپ كىرىشكە بۇيرىدى. ھەمدە ئۇلار بارىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كىرسۇن، يەتمىگىنىنى سەل تۇرۇپ ئىككىمىز ئېلىپ كىرىمىز دەپ قايتا-قايتا جىكلىدى.  بەخىت مېنى مەس قىلىپ قويغانىدى.شۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ ئايالىم بولۇپ قېلىشىنى قاتتىق ئۈمىد قىلىپ كەتتىم. ئەمما ئۇنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ ئېدى.
       -ۋاي جىنىم قىزىم ، نېمانچىۋالا ئادەمنى خىجىل قىلدىغانسىز، ئاران بىر كەلگىنىڭىزدە قازاننى مەن ئاسسام بولاتتى. بۇنداق قىلدىغانلىقىڭىزنى بىلگەن بولسام بايا ئېتىزغا چىقماسكەنمەن، ھەجەپ..... – مومامنى خىجىللىقىتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ كارامىتىنى ئىشقا سالدى:         
       -ۋاي  ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئويلىمىسىلا. مېنىڭمۇ ئاران بىر كەلگەندە سىلەرگە قولۇمنىڭ تۇز تەمىنى تېتقۇم كېلىپ قالدى. مەن بۇ ئۆينى ئۆز ئۆيۈمدەك كۆرۈپ تارتىنمىغاندىكىن سىلىمۇ مېنى ئۆز قىزىم دەپ بىلىپ ھەرگىز خىجىل بولمىسىلا. ئەگەر ئەتكەن تامىقىم تېتىسا مەن شۇنىڭدىن خوش.
    ئۇ ئەمدىلىكتە پۇتۈنلەي ئىچىلىپ ئۆز ئۆيىدىكىدەك ئەركىن بولۇپ كەتكەنىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا قاراپ قىتىپلا قالغان ئىدىم
- يىمەي ھاڭۋېقىپ ئولتۇرسىزغۇ، ئوخشىماپتىما !؟
-ياق، شۇنداق  ئوخشاپتۇ.قولىڭىز تاتلىقكەن جۇمۇ، بولسا سىزنى.....ھى ھى ھى...
        مەنمۇ قىززىق، خۇددى ئۆيدە چوڭلار يوقتەك ئۇنىڭغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق چاقچاق قىلىپ كېتىپتىمەن. بوۋام ئىككمىزنىڭ گەپ سۆزلىردىن بىرنىمىلەرنى ھېس قىلدى بولغاي ماڭا قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى. تاماقتىن كىيىن مومام ئىككىسى  بىللە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.   مەن بوۋامنىڭ يىنىغا ئاستا باردىمدە يالغاندىن تۈزۈت قىلىپ :         
-ئوغلاقنى سويمىغان بوسىڭىزمۇ بولاتتى بوۋا، ئۇ بەك ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى. -دېدىم.
-بەك بەلەن، ئوڭلۇق بالىكەن ئۇ، مۇشۇنداق ياخشىلارغا ئۇچىرىغاندا تۆمۇرنى ۋاقتىدا سوققان ياخشى جۇما ھە  ئەخمەق بالام. بۇۋامنىڭ بۇ گېپى مېنى سەل خىجىل قىلىپ قويدى. نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئۇ ئاستا ئاشخانىدىن چىقتىدە، ئالدىرماي يىنىمغا كىلىپ يىنىڭ كۈلۈمسىرەپ قورسىقىڭىز تويدىمۇ دەپ سورىدى. مەن بىر خىللا كەيپىياتتا:
    -مىنى بەك خىجىل قىلىۋەتىڭىز جۇمۇ سىز.-دېدىم .            
     -پاھ ھوي، مەن قاشاڭلىق قىلىپ خىجىل بوممىسام سىزگە نېمە كەپتۇ خىجىل بولۇپ!؟  يۈز بېرىپ ئىناۋىتىڭىزنى كۆتۈرۈپ قويغىنىمغا خوش بولسىڭىز بولىدۇ تېخى...... –ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم ۋە يۈزۈمنى ئۈمچىيىپ قالغان ئاغزىغا يېقىن ئەكىلىپ تۇرۇپ بوش ئاۋازدا :«رەھمەت سىزگە ئايقىز!» دېدىم. ئۇ قولىنى تارتىۋالمىدى ئەكسىچە يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ بەدىنىمگە ئىللىق بىر سېزىم تارىدى. بوۋامنىڭ چاقىرشىدىن چۈچىگەن ئايقىز قولىنى شارىتتىدە تارتىپ يۈگۈرگەن يېتى ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بايا ھويلىدا ئىككىمىزدىن باشقا ئادەملەرنىڭ بارلىقىنىمۇ ئېسىمدىن چىقارغان ئىكەنمەن.
       -مەن چوڭ ئاناڭ  بىلەن ئۆستەڭنىڭ ئۇ قېتىدىكى كېۋەزگە دورا چىچىۋىتىپ كىرەي. سەن ئادىشىڭغا مەھەللىنى كۆرسەتكەچ ئوينىتىپ كىرگىن.
-دورىنى مەن چاچاي بوۋا،سىز كېۋەزلىكتە مىڭىپ بولالمايسىز.-ئاڭغىچە ئايقىز چىقىپ سۆزۈمنى قۇۋەتلىدى :
  -توغرا، توغرا، مۇختەر چاچسۇن ياش بولغاندىكىن. سىلى قىينىلىپ يۈرمىسىلە. ئۇ بارىدا كۈچىدىن ياخشىراق پايدىلانسىلا ئامال بار.  –ئۇنىڭ بۇ سۆزى بىزنى كۈلدۈرۋەتتى.                       
-سىز بىللە چىقامسىز يا، ئوستەڭ بويىدا ئوينىغاچ تۇرسىڭىز ...
-ياق، مەن بارمايمەن.-دېدى ئۇ مەنىلىك كۈلۈپ،خۇددى بىرەر پىلانى ئىشقا ئاشقاندەك. -مەن كۈندە چۈشتە ئۇخلاپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. شۇڭا ئۆيدە ئۇخلىغاچ تۇرايمىكى. ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بوۋام:
  -ۋوي  راسىت، قېرىغاندا كاللىسى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالامدۇ ئادەمنىڭ، ھادۇق ئىلىڭمۇ دېمەپتىمىز سىزنى كەلگەندىن بېرى.-دېدى. ۋە دەررۇ مومامنى چاقىردى:- ھەي مومىسى سىلى ما قىزىمغا ئۇرۇن راسلاپ بېرىڭلا،بىردەم  ئۇخلىۋالسۇن. مەن ئېتىزلىققا چىقىپ مۇختەرگە  ياردەملىشىپ بېرەي.  -ئايقىز ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قاراپ كۈلشىۋالدۇق.
       ئىشنى تۈگەتكىچە نۇرغۇن شېرىن خام خېياللارنى سۈرۈپ چىقتىم.بوۋاممۇ خۇددى ئىچىمدىكىنى بىلىپ قالغاندەك ھېلىدىن-ھېلىغا:
       -ھى ھى ھى، خۇدايىم بەختىڭلارنى بەرسۇن، كۆز تەگمىسۇن بالام، بىر-بىرڭلارغا شۇنچىلىك يارشىپسىلەر! مەنمۇ سەندەك چىغىمدا موشۇنداق  شوخ ئىدىم.ياشلىق دېگەن شۇنداق بولىدىغان گەپكەن، شۇڭا بۇنىڭدىن خىجىل بولۇپ يۈرمىسەڭمۇ بولىدۇ. ئۆزى شەھەرلىك بولغىنى بىلەن شۇنچىلىك ئىش ئۇقىدىغان ئوڭلۇق قىز ئىكەن. نىكاھ  دېگەن غايىپ بولىدۇ، رىزقىڭلار قوشۇلۇپ قالامدۇ تېخى. ئۆردەك گۆشنى يېمەكچى بولساڭ غازنىڭ پېيىدە بول دەپتىكەن كونىلار، شۇڭا ھەرھالدا ئۇنى چىڭ تۇتقىن. ۋاقتا كەلگەندە ئىنشائاللا،ئاتا-ئانىسىمۇ ياق دەپ كەتمەس»دەپ چاقچاق ئېتىپ تۇردى. ئويلىمىغان يەردىن بوۋامنىڭ سۆزلىرى خىيال دەريالىرىمنى تېخمۇ دولقۇنلىتىۋەتتى.
        بىردەمدىن كېيىن ئىشلار ئاخىرلىشىپ قايتىپ كەلدۇق. ئەمما پاك-پاكىز تازلانغان ئۆيدە بىر موماينىڭ قىزىنىڭ چېچىنى تاراۋاتقان سېھىرلىك كۆرۈنىشى بىزنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. ئۆيگە كىرىشىمىزگە بۇ ئېسىل سەنئەت ئەسىرىگە بىردىنلا جان كىرىپ سۈرەتتىكى ياشانغان ئايال ئالدىدا ئولتۇرغان سۇمبۇل چاچلىق ياش قىزنى ماختاشقا باشلىدى:
       -شۇنچىلىك چېچەن قىز كەن بۇ بالام، سىلەر مېڭشىڭلىغىلا توسقىنىمغىمۇ ئۇنىماي يۈگىرەپ يۈرۈپ ئۆيلەرنى تازلاپ، ئېرىقتىن سۇ ئېلىپ كىرىپ ھويلىلارغا سەپتى.ھاي دەپ ئۈلگۈرتەلمەي قالدىم.  بۈگۈن ئۇنىڭغىلا ئەمەس، ئۇنى تەربىيلىگەن ئاتا-ئانسىغىمۇ شۇنچىلىك قايىل بولۇپ كەتتىم. شۇنداق ياخشى تەربىيلەپتۇ بۇ خېنىم بالامنى،ئۆزىنىڭ، چېچىنىڭ، خۇلقىنىڭ چىرايلىقىقىغا بەختى گۈلدەك ئېچىلسۇن، كۆز تەگمىسۇن بۇ ئوڭلۇق قىزىمغا.  -  ئۇنىڭ ئاشۇ ھارغىن ئەمما شادىيانە تۇرقىغا قاراپ كۆڭلۈمدە شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتكەن بولساممۇ تېشىمدا ئۇنىڭغا قەستەن:«نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟» دېگەن مەنىدە گۆلەيدىم.  ئۇ مەخسىتىمنى چۈشەندى بولغاي ئاغزىنى كۆڭلى يېرىم بولغاندەك ئۇماق  ئۈمچەيتىپ تۇرۇپ:
   -ياتساممۇ ئۇخلىيالمىدىم، شۇڭا...... –دەپ ئاستا يەرگە قارىۋالدى. مەن دورا چاچقاندا كىيگەن ھۆل كېيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ چىققۇچە موماممۇ ئۇنىڭ چېچىنى تاراپ بولدى. ئۇ ماڭا يىراقتىن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئاستا يىنىمغا  كىلىپ كۈلۈمسىرەپ  يەر تېگىدىن بېقىپ تۇرۇپ سورىدى:           
-بېغىڭىزدا ئۈرۈك بارما؟- ئۇ ئۆزى دېمىگۈچە شۇنچىلك ئىشنىڭمۇ ئەقلىمگە يەتمىگىنىدىن خىجىل بولۇپ  ئۇنى دەرھال باغقا باشلىدىم ۋە ئۆرۈكنى يەرگە ئىرغىتىپ بەرمەي  ئۆزۈم شاختىن ئۈزۈپ بەردىم. ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ خوش بولدى. ئەسىر ۋاقتى بىلەن  ئۇ  قايىتماقچى بولدى.
       -پەقەتلا كەتكۈم كەلمەيۋاتىدۇ مېنىڭ. ھەي....... شەھەر ئىچىمۇ مۇشۇنداق باغۇ-بوستانلىق بولسىكەن كاشكى. ئۆيۈمنىڭ ئاشىخانسىغا كىرسەم تاماق ئەتكۈممۇ كەلمەي قالىدۇ بەزىدە، شۇنداق تىنجىق ...      
      -بىر نەچچە كۈن تۇرىڭە بولمىسا ...                              
      -ھى ھى ھى...ئۇنداق قىلسام قاملاشماس! ھېلىمۇ قاق سەھەردە يېنىپ چىققان ئۆيدىن.بارسام نېمە گەپ ئاڭلايمەنكىن تېخى. پۇرسەت بولسا يەنە كېلەرمەن. ئەڭ ياخشىسى يەنىلا قايتىپ كېتەي.- ئۇ قىيمىغان ھالدا بوۋام مومامغا بىرمۇنچە ئۆزىرخاھلىقلارنى ئېيىتىپ خوشلاشتى. مەن چاققانلىق بىلەن ئىشەك ھارۋىسىنى قېتىپ چىقتىم. ئەمما ئۇ بارزار يېقىنكەن، سىزنى ئاۋارە قىلماي ئەتراپنى تاماشا قىلغاچ مېڭىپلا كىرىپ كېتەي دەپ چىڭلا تۇرۋالدى. بوۋام بىلەن مومام مېنىڭ سۆزۈمنى قۇۋەتلەپ ھارۋىغا يەرلىك مەھسۇلاتلاردىن ئازراق سېلىپ  قويدى.
   ئۆيدىن چىقىپ بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن ئۇ تۇيۇقسىز گەپ باشلىدى:
   - مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. مەن بۈگۈن بەكلا خوش بولدۇم. لىكىن سىز بارغانسىرى جىملىيىپ  كېتىۋاتىسىز، ماڭا دەيدىغان گىپىڭىز باردەك تۇرامدۇ قانداق !؟                                         
       -ھىم ...كىم مېنى سىزگە گېپى بار دەيدۇ؟ «قاغا قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى شاد ئېتىدۇ.»دېگەندەك ئۆزىڭىزچە گەپ تېپىپ باقىدىكەنسىزھە تېخى.-ئاغزىمدا شۇنداق دەپ گەپ بەرمىگىنىم بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا قىلىدىغان گەپلىرىم نۇرغۇن ئېدى. بىراق نېمىشقىكىن تىلىم گەپكە كەلمەيۋاتاتتى.
      -ھە؟ راستىنلا گېپىڭىز يوقما؟ پۇرسەت غەنىمەت جۇمۇ ھە، ھازىر ناز قىلىپ ئولتۇرۇپ كېيىن پۇشمان قىلىپ قالماڭ يەنە ...        
      -ھى ھى ھى...گىپىم بار،ھەقىقەتەنمۇ  سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار مېنىڭ.
-ئوھوي،قېنى ئەمسە باشلاڭ، قۇلقىم سىزدە !
  بىردىنلا ھاياجانلىنپ تىلىم يەنە كالۋالىشىپ قالدى. ئامالسىز ئاستا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ دېدىم:
- مېنىڭ گىپىم مۇشۇ.
-ھى ھى ھى ...قىززىقتە سىز. گەپ ئەمەسلا گەپكەنغۇ بۇ! قانداق چۈشنىمەن بۇنى؟
مەن دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. شۇڭا بىز بىردەم جىمىپ قىلىشتۇق. كىيىن ئۇ قولۇمدىن قولىنى ئېلىۋېلىپ يەرگە قاراپ ئولتۇرۋالدى. مەن ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قىزرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم.  كىيىن ئۇ بىردىنلا كەسكىن ھالەتكە ئۆتتىدە ئېغىر-ئېغىر تىنىپ قويۇپ گەپ باشلىدى .
-كىچىكىمدىن باشلاپ سەھراغا تەلپۈنەتتىم.چۈنكى يېزا تۇرمۇشىلا ئادەمگە ھەقىقى ھوزۇر ۋە خۇشاللىق بېغىشلىيالايدۇ. بۈگۈن كۆڭلۈم بەكلا ئېچىلىپ قالدى. كېيىن ئاللا نېسىپ قىلسا يېزىغا توي قىلىش پېلانىممۇ بار تېخى. - ئۇ مېنىڭ ھەيرانلىقتىن ئېچىلىپ قالغان ئاغزىمغا قاراپ قويۇپ  ئاستا گىپىنى داۋام قىلدى.-خۇددى قەپەز سىرتىدىكى قۇش چىرايلىق قەپەزگە، قەپەز ئىچىدىكى قۇش كەڭرى ئاسمانغا تەلپۈنگەندەك، بىزلەر يېزىغا تەلپۈنسەك، بەزى ئەخمەق يېزا باللىرى شەھەر تۇرمۇشىغا ئىنتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە شەھەر تۇرمۇشىنىڭ ئارزۇلىغۇدەك يېرىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرنىڭ ئادەملىرى يېزىلىقلارغا ئوخشاش ساپ كۆڭۈل ئەمەس. مەن يېزىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ساددىلىقىغا، ھېچقانداق مەقسەت  ۋە يامانلىق ئارلاشمىغان ئاشۇ قوپاللىقىغا ھېرىسمەن. يېزىلىقلار توروڭ-توروڭ بولغىنى بىلەن كىشىگە قانداق كۆيۈنۈشنى، ھالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىشنى، كۆڭلى چۈشكەن ئادىمىگە ئەقىدە قىلىشنى بىلىدۇ. بىراق كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋىرەي، زامان ئالمىشىپ ھازىر مەن تەسۋىرلىگەندەك سەھرا باللىرىنى ئالدىراپ ئۇچراتقىلىمۇ بولمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. ئەلۋەتتە سىز بۇنىڭ سىرتىدا.سىز ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل يىگىت.-ئۇ شۇنداق دىدى-دە.بىردەم جىمىپ قالغاندىن كىين سوراپ قالدى:
-ھە راس مۇختەر،سىز مۇھەببەتلىشىپ باققانما؟  
  -ئۇنىڭ بۇ سۇئالى مېنى سەل تەمتىرتىپ قويدى. شۇنداقتىمۇ ئالدىراپ جاۋاپ بەردىم:  
-سىزنىڭچە قانداقتۇ !؟
بۇ گەپتى كىيىن ئۇ ھىچنىمە دىمەي ئىككى قولىنى ھارۋىنغا تىرەپ،بوينىنى قىستى-دە،يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى.
-مەن سىزگە ھىكايە ئىيتىپ بىرەيمۇ!؟ -ئارىمىزدا بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن ئۇ يەنە قايتىدىن گەپ باشلىدى. مەن ئۇنىڭغا قنى ئەمىسە قۇلاق سىزدە دىگەن مەنىدە قاراپ قويدۇم-دە،ئىشەكنى لەرزان مېڭىشىغا قويىۋىتىپ،ئۇنىڭ  ھېكايىسىگە قىزىقىپ  جىمجىت ئولتۇردۇم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mm19910203 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 10:27 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 11:56:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى بۇلۇپ مەن ئۇقۇۋاپتىمەندە بۇ ياخشى ئەسەرنى ...............

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111414
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 12:21:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى ئوقۇغانسىرى ئانا يۇرتنى بەكمۇ سىغىندىم   قاچانمۇ  بارامەن   يەكەنگە

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 04:08:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ....

جاپا چەكتىڭلار....

قەلىمىڭلارغا بەرىكەت تىلەيمەن...

داۋامىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتىمەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6188
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 491 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 05:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ بار قېرىنداشلىرىم .  ئىنكاس يازمىساقمۇ   ئەسەرنى  ئۇقۇۋاتقان ، ھارمىغايسىزلە ..

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 05:21:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بىزگە ئىنكاسلىرى بىلەن مەدەت بېرىۋاتقان بارىلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تەشەككۈر!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش