ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى ئىنكاسىنى ئىزدەپ تاپتىم،تولۇق مەزمۇننى مەنبەدىن كۇرىۋالساڭلار بولىدۇ:
330-قەۋەت
bilimxumar
ئەركىن تېپىلگەن پۇتبولنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى
مەن بۈگۈن ئىنتېرنېتنى ئىزدەپ، ئەركىن تېپىلگەن پۇتبولنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى ھەققىدە بىر قانچە ماقالە تېپىپ كۆرۈپ باقتىم. شۇ ئارقىلىق، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ، مۇشۇ قەغەزنىڭ يۈزىگە نىسبەتەتەن، ھاۋادا بىر تەرەپتىن سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە ئايلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ مېڭىۋاتقان توپنىڭ ئوڭ تەرەپكە ئاغىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز-قارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قاسىم سىدىق ئەپەندىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.مۇنبارەك بولسۇن!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەمما قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ «29-تىئورما» دەپ ئاتاپ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قاراش تەبىئىي-پەندىكى بىر يېڭىلىق ئەمەس بولۇپ، بىر ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنى 1852-يىلى گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى گۇستاۋ ماگنۇس ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. پۇتبولنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى ھەققىدىكى ئىلمى ئىزدىنىشلەر يولغا قويۇلغىلىمۇ خېلە ئۇزۇن ۋاقىت بوپتۇ. بۇ ھەقتە مەن تۆۋەندە يەنە ئازراق چۈشەنچە بېرىمەن.
مەن مۇشۇ ھەقتە ئۆزەم كۆرگەن بىر قانچە پارچە ئىنگلىزچە ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكىنى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاستىغا تىزىپ قويدۇم.
1.توپنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى
توپنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۈچ ئىنگلىزچە «aerodynamic force» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ يۇلغۇن لوغىتىدە «ھاۋا دىنامىكىسى كۈچى» دەپ ئېلىنغان. تۆۋەندىكى 1-پايدىلىنىش ماتېرىيالىدا دېيىلىشىچە، پۇتبول توپىنىڭ يۈزى قوپال بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ئۇنىڭ يۈزىگە يېقىن بولغان ھاۋانى يۆتكەيدۇ. بۇ ھەرىكەت توپنىڭ بىر تەرىپىدىكى ھاۋانىڭ يۆتكىلىشىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىڭكىدىن تېزراق بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توپنىڭ ھاۋا تېزراق يۆتكىلىۋاتقان تەرىپىدە، توپنىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتى يۆنىلىشىگە پاراللېل ھالدا يۆتكىلىۋاتقان ھاۋانىڭ مىقتارى توپنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكىگە قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ. نەتىجىدە توپنىڭ بۇ تەرىپىدە ھاۋا زەررىچىلىرىنىڭ توپنىڭ يۈزى بىلەن سوقۇلۇشى ئازراق بولۇپ، توپ ئاشۇ تەرەپكە ئاغىدۇ.
2.قىسقا ئىزاھات
مەن ئالدىنقى قېتىم قاسىم سىدىق ئەپەندىگە جاۋاب شەكلىدە يازغان بىر يازمامدا، بىر قاتتىق جىسىمدىن تۈزۈلگەن تەكشىلىك ئۈستىدە ھەم ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ، ھەم بىر تۈز سىزىق بويلاپ مېڭىۋاتقان، قاتتىق جىسىمدىن ياسالغان، تاشقى يۈزى بىر مۇكەممەل شار شەكلىنى ھاسىل قىلغان (بۇ دېگەنلىك شارنىڭ يۈزىنىڭ سىلىقلىقى 100 پىرسەنت دېگەنلىك بولىدۇ) شار ئۇچرايدىغان كۈچلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ بىر تەرەپكە ئاغمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. مېنىڭ بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم، مېنىڭ ئۇ يازمىدا دېگەنلىرىم توغرا بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ تولۇق كۈچكە ئىگە.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108056-33-1.html
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8
______________________
ھازىر 29-تىئورمىغا ئالاقىدار تەجىربىلەر،بولۇپمۇ سىرىتقى قېپى ئايلانمايدىغان ئىلىكتىر ماتوردا ئىشلەنگەن ماياتنىڭ تەجىربىسى قاتارلىقلار ئەركىن ئەپەندىنىڭ يۇقۇرقى قاراشلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلىدى.
ئەركىن ئەپەندىم ئابىلىمىت ئەپەندىم ئۇچۇر بەرگەن "
جىسىمنىڭ ئايلىنىش كۈچى ئىشىۋاتقان ھالەتتە ئېغىش كۈچى پەيدا بۇلىدۇ، ئەمما بۇ بەك ئاجىز كۈچ"دېگەن بۇ گەپنى ھەقىقەتەن قىلغان بولسا،بۇ گەپنى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن كىيىن قىلغان ۋە ئۇنىڭ 29-تىئورمىغا بولغان قارىشىدا ئۇزگىرىش بولغان بولىدۇ.
http://bbs.bagdax.cn/thread-27334-5-1.html