مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: izdinix_nasin

مەن ئامرىكىغا قانداق كەلدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101369
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1450
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2013-12-26
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 12:40:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
www.alnure.com  ئەلنۇرى مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86256
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 02:50:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلىش(1)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! I, s; j& H: R- q. a( T( k
شۇنداق قىلىپ ئىلتىماس قىلىشنى بىر يىل كىچىكتۈردۈم. بۇندىن كىيىن ئىلتىماس قىلماقچى بولغان قېرىنداشلارغىمۇ تەييارلىقلار تولۇق پۈتمىگەن، ئەڭ موھىمى ئىلتىماس قىلىش شەرت-شارائىتلىرىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، تەلەي سىناپ بېقىش خىيالى بىلەن ئالدىراپ مەكتەپ ئىلتىماس قىلىشقا تۇتۇش قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى مەكتەپلەرنى تاللاش، ئىلتىماس قىلىش، يازغان خەتلەرگە ئاساسەن جاۋاب قايتۇرمايدىغان پرافىسورلار بىلەن ئالاقىلىشىش، كەم ماتىرىياللارنى تولۇقلاش، ئىلتىماس نەتىجىلىرىنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتۈش، ئارقا-ئارقىغا ئۇلىشىپ كەلگەن مەكتەپلەرنىڭ  رەت قىلىش خەتلىرىنى قۇبۇل قىلىش، بەش ئالتە ئاي سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈپ ئۈمىد شاملىرى ئۆچەيلا دەپ قالغاندا ئاندىن بىر مەكتەپنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا مىڭ تەسلىكتە ئېرىشىش كىشىدىن ناھايتى يۇقىرى پىسخىكا ساپا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەرياننى چۈشىنىپ باقماقچى بولغانلارغا بىلگىجاننىڭ تىمىسىدىكى ئىلتىماس قىلىش ۋە چاقىرىقنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەلۋەتتە مەنمۇ كىيىنكى بۆلەكلەردە ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىلىرىنى يازىمەنغۇ:lol بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 L' J4 @6 Q5 B" E5 l
ئەگەر نەتىجە ۋە تەييارلىقلار ياخشى بولمىغاندا ئەڭ ئاخىرىدا ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ ھىچقايسىسىدىن چاقىرىق كەلمەسلىك كۆزگە كۆرىنىپلا تۇرىدىغان ئىش. ئىلتىماس قىلىشقا كەتكەن ئىقتىسادى زىيانلار بىر چەتتە تۇرسۇن، نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرمىگەننى كۆرۈپ، مىڭ جاپادا تىرىشىپ تەييارلىق قىلىپ ئىلتىماس قىلىپ، نەچچە ئاي تەقەززارلىق بىلەن ئىلتىماس نەتىجىسىنى كۈتكەن ئوت يۈرەكلەرگە ھەممە ئىلتىماسىنىڭ مەغلۇپ بولىشى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پىسخىكا مۇداپىيەسىنى ۋەيران قىلىپ، بۇ ئوتلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا تامامەن يىتەرلىك ئىدى. بىرىنجى يىلى كۈچەپ ئىلتىماس قىلىپ يەنىلا مەغلۇپ بولغانلاردىن كىيىنكى يىلى يەنە ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ بەكلا ئاز بولىشى بۇنىڭ ئىسپاتى.      
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, ^: v( I3 v9 M2 S, i9 Xئۈستىدە 2013-يىلى كىرىۋەرسۇن، بۇ بۆلەكتە يەنە بىر قېتىم 2012-يىلىنىڭ بېشىغا قايتىپ كىلەيلى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 o6 o0 T) Z8 Z
ئېنگىلىزچە ئىمتاھانلارنى يىل ئاخىرىغا بېرىشكە پىلانلىغان بولغاچقا، يىل بېشىدىكى بىر نەچچە ئايدا ئىلمىي ماقالىلەرنى پۈتتۈرىۋالماقچى بولدۇم. مەن ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىمنى خۇلاسىلەپ، كەم دىگەندە ئىككى پارچە ئىلىمىي ماقالە چىقىرالايدىكەنمەن دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم. بىرسىگە ئۆزۈم بۇرۇن دۆلەت ئىچىدە ئىلان قىلغان خەنچە ئىلمىي ماقالەمنى لاھىيەنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە قىلىپ ئاندىن ئېنگىلىزچە ئىلان قىلىش. يەنە بىرسىگە تەتقىقات-ئېچىش خىزمىتى داۋامىدا پۈتتۈرگەن بىر قانچە پروجېكتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۆزۈم ئەڭ يۇقىرى ياخشى قىلدىم دىگەن بىرسىنى تاللاپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ماقالە قىلىپ چىقىرىش.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 M' X( |6 {4 O  L& g& Yبۇرۇن دۆلەت ئىچىدە ئىلان قىلغان ماقالەمنىڭ قانچىلىك سەۋىيىدە ئىكەنلىكى ئۆزۈمگە ئايدىڭ ئىدى، ھەرقانچە ئەلالاشتۇرۇپ يازساممۇ، سەۋىيىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان، شۇنىڭغا ماس تەلەپلىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان خەلقئارالىق ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلالايدىغانلىقىمغا ئانچە ئىشەنچ قىلالمايتىم. ئەمما ئۆزۈم خىزمەت داۋامىدا قىلغان پروجېكتنى ياخشى خۇلاسىلەپ ئېنگىلىزچە يېزىپ چىقالىسام جەزمەن قۇبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى. چۈنكى بىر جەھەتتىن، خىزمەت ۋە تەتقىقات ئىھتىياجى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇپ، پروگىراممىلىرىنى يېزىپ ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئېنگىلىزچە يېزىپ ئىلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ سەۋىيىسىنىڭ ھەممىسىنىڭلا بۇرۇن مەن تەسەۋۋرۇر قىلىۋالغاندەك ئۇنچىۋالا يۇقىرى بولمايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. بەزى ماقالىلەردىكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىشلەتكەن ئۇسۇللارنى ئۆزۈمنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇل بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمنى ھىس قىلاتتىم. ھەم شىركەتنىڭ پروجېكتىنى ئورۇنداش داۋامىدا ئۇچرىغان بەزى ئەمەلى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالىلەردىنمۇ ئىزدەپ تاپالماي ئۆزۈم قېتىرقىنىپ يېڭى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىققان ئىدىم. مەن ھەل قىلغان بۇ مەسلىگە ئائىت ئىلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بولىشى مەن پەقەت تەجرىبىنى ئوبدان قىلىپ ماقالىدە ئوبدان خۇلاسىلەپ يېزىپ چىقساملا جەزمەن قۇبۇل قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرەتتى.     
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 `$ s2 E+ T6 n; r) x; y1 @ كىيىن ئويلاپ باقسام، مەنمۇ بىرسى قۇبۇل بولمىسا بىرسى قۇبۇل بوپ قالار دىگەن تەمەدە ئىككى پارچە ماقالە تەييارلايمەن دەپ خاتا ئىش قىلغان ئىكەنمەن. ئەسلى ماگىستىرلىقتا ئىلان قىلغان ماقالەمنى بىر يانغا چۆرىۋىتىپ ئۆزۈم يېڭىلىق ياراتقان، قۇبۇل قىلىنىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولغان ئىككىنجى ماقالىگىلا كۈچىگەن بولسام ماقالەم 2012-يىلىلا ئىلان قىلىنىپ بولار ئىكەن. ئەپسۇس، مىنىڭ 2012-يىلىنىڭ بېشىدىكى بىر يېرىم ئاي ۋاقتىم ماگىستىرلىقتا ئىلان قىلغان خەنچە ماقالىنىڭ ئۇسۇل-مىتودلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش،تەجرىبىلىرىنى ئىشلەش شۇنداقلا ماقالىنى ئېنگىلىزچە يېزىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مىنىڭ تۇنجى ئېنگىلىزچە ماقالەم پۈتكەن بولدى. شۇ چاغدىكى ھاياجاننى دىمەيسىلەر، مەن ئۆزۈمچە ھىچ كىم قىلالمىغان چوڭ بىر ئىشنى قىلىۋەتكەندەك، ماقالەمنى ھەرقانداق يەرگە ئەۋەتسەملا ئىلان قىلىنىپ كېتىدىغاندەك ھىس قىلىپ كەتكەنتىم. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% @% J3 G1 b  O, n7 V5 ]
ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى قايسى جورنال نوپۇزلۇق، قايسىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنرەك ھىچنىمىنى بىلمەيتىم. بۇرۇن پايدىلانغان ئىلمىي ماقالىلىرىمنىڭ تولىسى IEEE (خەلقئارا ئىلىكتىرون، ئىلىكتىر ئېنجىنىرلار ئىنىستوتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپيوتىر، ئىلىكتىر ئېنجىنىرلىققا ئائىت ئىلىمىي جورناللارنى چىقىرىدىغان، خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغان ئورگان) نىڭ جورنال ۋە يىغىنلىرىدا ئىلان قىلىنغان بولغاچ  مەنمۇ IEEE نىڭ ئورگان تور بىكەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ نەچچە يۈزلىگەن جورناللىرىنىڭ ئىچىدىن Transactions on Circuits and Systems for Video Technology دىگەن جورنالنى تاللاپ ماقالەمنى ئەۋەتىۋەتتىم. راست تېخى ئەۋەتىپ بولۇپ،  يېزىپ بولغان ماقالىدىن يەنە بىر نەچچە گرامماتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق خاتالىقنى بايقاپ قېلىپ تۈزەتكەندىن كىيىن بۇ جورنالنىڭ تەھرىرلىگە خەت يېزىپ تەلەپ قىلىپ يۈرۈپ ماقالىنى نەچچە كۈندىن كىيىن يەنە بىر قېتىم قايتا ئەۋەتىپتىمەن.(مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىچە ھازىر كۈلۈپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئىشىنىمەنكى، ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلىپ بېقىش تەجرىبىسى بارلارمۇ مەن يۇقارقى قۇرلاردا يېزىۋاتقان يۇمۇرلاردىن كۈلۈپ ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك بولۇپ قالدى بولغاي. :lol )بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. o0 v5 ?9 h# q6 S. D) ~2 Y
ھازىر ئويلىسام مەن ئۇ ماقالىدە ھەل قىلغان مەسىلە ئۇنچىۋالا چوڭ موھىم مەسىلە ئەمەس ئىدى. ئىشلەتكەن مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىمۇ ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس. سەۋىيىسى شۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزىمىز پۇل خەجلەپ ئىلان قىلدۇرىدىغان يادرولۇق ئىلمىي جورناللاردىكى ئوتتۇراھال ماقالىلەرگە توغرا كىلەتتى. (ئوقۇرمەنلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدە ماقالە ئىلان قىلىشقا خاتا قاراشتا بولۇپ قالمىسىكەن دەيمەن. دۆلەت ئىچىدىمۇ سەۋىيىسى ناھايتى يۇقىرى بولغان خەنچە ئىلمىي جۇرناللار بار، ئەمما دۆلەت ئىچىدە پۇل تېپىشنىلا مەقسەد قىلغان ئاتالمىش يادرولۇق ئىلىمىي جورناللارنىڭ كۆپلىكى،دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئاۋال خەنچە ئەمەس، ئېنگىلىزچە يېزىلىپ ئاۋال خەلقئارادا ئىلان قىلىنىدىغانلىقى ئەمەلىيەت.) سەۋىيە تۆۋەن بولغاننىڭ ئۈستىگە لوگىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق خاتالىقلىرى بار ماقالىنى مەن ئۆز كەسپىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق جورناللىرىنىڭ بىرىگە قورقمايلا ئەۋەتىۋەتكەنتىم. يەنە شۇ گەپ 'يېڭى تۇغۇلغان موزاي پىچاقتىن قورقماپتۇ':lol
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 r4 w  v+ S3 ?" p1 Yبىرىنجى پارچە ماقالەمنى يولغا سېلىپ بولغاندىن كىيىن مەن دەرھال ئىككىنجى ماقالەمنى يېزىشقا تۇتۇش قىلدىم. ھە دەپ قىزغىنلىق بىلەن ئىككىنجى ماقالىنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا كەلگەن شۇم خەۋەر مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتتى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) y* W2 L  @2 y8 Z
يۇرتتىن شاڭخەيگە قايتىپ كىلىپ بىرەر ھەپتىدىن كىيىن يەنە ئېغىر ئازاپ ئىچىدە تېخى يېرىمىمۇ پۈتمىگەن ماقالەمنى قايتا قولۇمغا ئالدىم. ئالمىسام بولمايتى.  دادام 3-ئاينىڭ باشلىرىدا شاڭخەيگە مىنىڭ يېنىمغا كىلىشكە جابدۇنۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ئىدى. مەن تىلفۇن قىلسام روھلۇق ھالدا كىسىلىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپلا يەنە يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. مەن ئانام ۋە سىڭىللىرىمدىن دادامنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ رۇخسەت سوراپ يۇرتقا قايتىشنى ئېيتساممۇ ئۇلار ماڭا دادامنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى مىنىڭ بەك ئەنسىرىمەسلىكىمنى ،ئاۋارە بولۇپ كىلىپ يۈرمەسلىكىمنى ئېيتىشاتتى.  . كىيىن ئاڭلىسام دادامنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ئەسلىدە خېلىلا ئېغىر ئىكەنتۇق، ئەمما ھەر قېتىم مەن تىلفۇن قىلساملا قەستەن كۈچىنىپ چىڭ ئاۋازدا گەپ قىلىپ كىسەللىك ئەھۋالىنى ماڭا چاندۇرمايدىكەنتۇق. ئانام ۋە باشقا ئۇرۇق تۇققانلار مىنىڭ رۇخسەت سوراپ قايتىپ كىلىشىمنى مەسلىھەت قىلىشسا، دادام ئاچچىقلاپ:'جىم ئولتۇرۇڭلار، بالا ھازىر ھەدەپ ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالە يېزىش بىلەن ئالدىراش.  ماقالىسى ئىلان قىلىنسا ئوغلۇم خارۋادقا ئوقۇشقا بارالايدىكەن. بالىنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەڭلار .' دەپ قەتئىي قويماپتىكەن.  دادام بىلەن بىللە پىكىرلىشىپ تۈزۈشكەن پىلانلارنى جەزمەن ئورۇندىمىسام، دادامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمدلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسام بولمايتى.  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- E" N, {+ e  C& h* d* G8 l
مەن ماقالىنى قايتا قولغا ئېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن 2-ئايدا ئەۋەتىۋەتكەن ماقالىنىڭ خەۋىرى كەلدى. ئەلۋەتتە رەت قىلىنغان ئىدى. ئەمما مىنىڭ ماقالەمنى باھالىغان ئۈچ مۇتەخىس ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن ماقالەمگە بولغان پىكىرلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشقانكەن. ئۇلارنىڭ پىكىرى مىنىڭ كىيىنكى ماقالىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يېزىپ چىقىشىمدا يىتەكچىلىك رول ئوينىدى دىسەممۇ بولىدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) @+ G9 |* F; X! b7 W* D& c9 B, M
ئىلىم-پەنگە چاقچاق قىلغىلى بولمايتى. بىر تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىش ۋە خۇلاسىلەپ ماقالە قىلىپ چىقىرىش كىشىدىن ناھايتى ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلاتتى. مەن نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دىسەم جەزمەن ،ئۆزۈمگە تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويمىسام بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتكەنتىم. كىيىن بىر تەرەپتىن خىزمەت ئىزدىگەچ قىلغان ئاساسلىق ئىشىم بۇرۇن ئۆزۈم ئىشلەتكەن ئۇسۇللارنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسلىرى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇشۇش، بۇرۇنقى ئۇسۇللىرىمنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە پروگرامما يېزىپ تەجرىبە قىلىش بولدى. 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلۇمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىگە ئىشەندىم. ئەمما ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئەڭ موھىم قىسىمى تەجرىبە قىسمى بولۇپ، تەجرىبىدە ئاساسلىقى ئۆزىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇسۇلىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى باشقا بۇرۇن ئىلان قېلىنغان ئۇسۇللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەجرىبە قىلىپ ئىسپاتلاپ چىقىشىمىز زۆرۈر ئىدى.  ئەگەر مەن ماقالەمنى يۇقىرى سەۋىيىلىك جورنالدا ئىلان قىلدۇرىمەن دەيدىكەنمەن جەزمەن ئاز دىگەندە باشقا 4-5 خىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان لاھىيەلەر بىلەن  سېلىشتۇرمىسام بولمايتى.ئەمما بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ قولۇمدا بارى پەقەت ئۆزۈم ئوتتۇرىغا قويغان بىرلا خىل لاھىيە.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھەل قىلغان بۇ مەسىلىنىڭ ئۇ ۋاقىتتا تېخى خەلقئارادا سېلىشتۇرۇپ، سىناق قىلىشقا ئىشلىتىدىغان ئورتاق سىناق ئامبىرىمىز(data set) يوق بولغاچقا،  مەن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان ئوخشىشىپ كىتىدىغان لاھىيەلەرنىمۇ ئۆزۈم پىروگراممىسىنى يېزىپ ئىجرا قىلىپ، ئوخشاش شارائىتتا، ئۆزۈم سىناققا ئىشلىتىدىغان ئوبىكت بىلەن تەجرىبە قىلىشىم زۆرۈر ئىدى. تورلاردىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان لاھىيەلەرنىڭ پروگراممىلىرىنى ئىزدەپ بىرسىنىمۇ تاپالمىدىم. دىمەك ھەممىنى يەنە ئۆزۈم يېزىپ چىقمىسام بولمايتى.قاچاندا يېزىپ بولارمەن دەپ بېشىمغا غەم چۈشكىلى تۇردى. ئاڭغىچە GRE ئىمتاھانىغا 6 ئايلا ۋاقىت قالدى. ئەمدى رەسمىي تەييارلىقىنى باشلىمىسام ھەرگىزمۇ ئۇ ئىمتاھانغا ئۈلگۈرەلمەيتىم. شۇنىڭ بىلەن موھىم نوقتا تىل ئىمتاھان نوقتىلىرىغا يۆتكىلىپ، ماقالە شۇ پېتى قەپ قالدى. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن 6-ئايدا يېڭى شىركەتتە ئىشقا چۈشۈشتىن ئاۋال ماقالەمنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرى پۈتۈپ، ئەڭ موھىم بولغان تەجرىبە ۋە خۇلاسە قىسمىلا قالغان ئىدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ Y" H% a9 s# P# c2 R' h2 M; |  ?
ھە راست، ھېلىقى پۈتۈپ بولغان  بىرىنجى ماقالەمنى كىيىنچە دەرىجىسى تۆۋەنرەك يەنە بىر جورنالغا ئەۋەتىپ بېقىپتىمەن. كەلگەن جاۋاب ئوخشاش ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ماقالىنى قايتا قولۇمغا ئېلىپ يۈرمىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ r& \1 f; D) H9 a& E' |كىيىنكى ھىكايىلەر ئوقۇرمەنگە ئاللىقاچان تونۇش،  2012-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمى خىزمەت ۋە  ئېنگىلىز تىلى ئىمتاھانلارغا تەييارلىق قىلىش ھەلەكچىلىكىدە،كىيىن ئىلتىماس ماتىرىياللىرنى تەييارلاش ھەلەكچىلىكىدە بۇ ئەگرى توقاي، ئىگىز پەسلىكلەر بىلەن تولغان بىر يىلىم ئاخىرلاشتى.  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  c1 `) M- l; L7 d3 U, a+ V
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 s5 [7 c% m8 O" D5 Z( L6 g

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 177
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 12:44:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپرەك يوللىسىڭىزچۇ، بىر قىسمىنى ئوقۇغاندىكى ھاياجانلىق ھىسياتلار كىيىنكى بۆلەكنى ساقلاش جەريانىدا يوقاپلا كېتىدىكەن......( چاقچاق، يەنىلا ئۆزىڭىزگە قۇلاي كەلگىنى بويىچە يوللاڭ) رەھمەت!

ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5638
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2470 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 01:23:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز..........!!!!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* m- U3 u$ |' I0 f& f, d, ^
قانداق قىلسام ئوغلۇممۇ سىلەردەك مۇشۇنداق ئىرادىگە كېلەر.....بېشىم بەك قېتىۋاتىدۇ،مەن شۇنچىكى ئارزۇ قىلغانسېرى،ئۇنىڭ قىزىقىشى يۇقىرى ئەمەس ھەي

ئىشىڭنى قىل.................!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86256
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 12:07:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]‏مىنىڭ جىددىلىككە تولغان 2012-يىلىدىكى ھىكايىلىرىمنى كۆرۈپ 2013-يىلى كىرگەندىن كىيىن يەنە قانداق ئىگىز-پەسلىكلەر بولۇپ كىتىدىغاندۇ دەپ ئويلاۋاتقانسىلەر بەلكىم. ئەمەلىيەتتە 2013- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ھىچ ئىش يۈز بەرمىدى. مەنمۇ خىزمەت قىلىش ۋە ئائىلەمگە قاراشتىن باشقا ھىچ ئىش قىلمىدىم. ھەيران قېلىۋاتىسىلەر چوقۇم. مىنىڭ پۈتۈن 2012-يىلىمنى قايناۋاتقان سۇغا ئوخشاتساق يېڭى يىلنىڭ كىرىشى بىلەن بۇ ۋاراقشىپ قايناۋاتقان سۇ شىپپىدە قايناشتىن توختاپ قالغان ئىدى.ئايالىمنىڭ ئوقۇشى پۈتكەندىن كىيىن شىركىتىمگە مىترودا ئىككى بىكەتلا كىلىدىغان جايدىن 90 كۋادىرات مىتىرلىق، لىفىتلىق ئۆيگە كۆچۈپ ئاخىرى ئازادىلىككە چىققان بولدۇق.چوڭ ئۆيگە كۆچكەندىن كىيىن ئاۋال ئانامنى يېنىمىزغا ئېلىپ چىقىپ بىرەر ئاي،ئارقىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قېيىن ئانامنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ يەنە بىرەر ئاي كۈتۈپتۇق. تاكى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئايالىمنى يەڭگىپ كىلىش ئۈچۈن ئانىسى بىلەن بىللە يۇرتقا يولغا سېلىپ قويغانغا قەدەر مەن بۇ تىمىدا مەركىزى نوقتا بولۇپ تۇرۇۋاتقان دوكتۇرلۇق ئىلتىماسىمغا ئائىت ھىچقانداق بىر ھەرىكەت قىلمىغانتىم.قانداقسىگە بۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟ سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمەيتىم. بەلكىم ھەممە نەرسىنى دوغا تىكىپ قويۇپ بىر يىل جان-جەھلىم بىلەن تىرىشىپ،بەك جىق ئىشلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ چارچاپ قالغاندىمەن. ياكى بەلكىم دەل شۇ بىر يىل ئۆز ئارزۇيۇم ئۈچۈن بار كۈچۈم بىلەن تىرىشىپ پۇخادىن چىقىۋىلىپ قانائەت ھىس قېلىپ قالغاندىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ?9 H/ \3 w6 w[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]‏قىلاي دىسەمغۇ نۇرغۇن ئىش بار ئىدى.تولۇق كۇرس نەتىجىلىرىمنى بېشىمنى تاشقا ئۇرساممۇ يۇقىرى كۆتۈرىۋالغىلى بولمىغان بىلەن، تىل ئىمتاھان نەتىجىلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرسەم تامامەن بولاتتى. گ ر ئې ئىمتاھانىنى قايتا بېرىپ نۇمۇرنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەس دىسەكمۇ (بىرىنجى قېتىم ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ بىر قېتىم بېرىپ، كىيىن قايتا بەرگەنلەر خېلى كۆپ ئەھۋاللاردا ئاساسەن ئوخشاش دىگۈدەك نۇمۇر ئېلىشاتتى. بەزىلىرىنىڭ نەتىجىسى تېخى بۇرۇنقىدىنمۇ تۆۋەنلەپ كىتىدىكەن.)،15كۈنلا تەييارلىق قىلغاچ سەل تۆۋەن چىقىپ قالغان توفل نەتىجەمنى بىرەر ئاي تەييارلىق قىلىپ قايتا بېرىپ 100نۇمۇردىن ئاشۇرۇش تامامەن مومكىن ئىدى.ئەڭ موھىمى ئالدىنقى يىلى پۈتتۈرەلمەي قالغان ماقالەمنى داۋاملاشتۇرۇپ بالدۇرراق پۈتتۈرۈپ ئىلان قىلساممۇ بولاتتى.شۇغىنىسى مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھىچقسىسىنى قىلمىغانتىم. مەن بۇ چاغدا پۈتۈنلەي شاڭخەيدىكى بىر ئاق ياقىلىقنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزىۋاتاتتىم.ئىشقا بارىمەن،9سائەتنى توشقۇزۇپ قايتىپ كىلىمەن.ئۆيدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقاچ بىللە تاماق يەپ، بىللە ئولتۇرۇپ تېلىۋۇزۇر كۆرۈپ، ياكى ئايپەددە كىنو كۆرۈپ، ئويۇن ئويناپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن كۈننى كىچە قىلىمەن. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ياكى دوستلىرىمىز بىلەن يىغىلىپ پاراڭلىشىمىز،ياكى ئۆيدىكى مىھمانلارنى ئېلىپ چىقىپ شەھەر-بازارلارنى چۆرگىلىتىمىز. كۈنلىرىم خۇددى بوران-چاپقۇن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىنكى دېڭىزدەك تىپ-تىنچ ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' W0 V1 P* U1 w8 S) Z. B* h
[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]‏مەندىكى ئۆزگىرىشلەرنى تۇنجى بولۇپ بايقىغىنى ئالدىنقى يىلى مەن باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن بىلەن تەڭ باشتىن كەچۈرگەن ئايالىم بولدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 f2 B+ W% Z- V& d
[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]‏-ھەي ئەدەم،بۇرۇنقىغا قەتئىي ئوخشىماي قېلىۋاتىسىز جۇمۇ،بۇرۇن بۇنداق بىكارچى ئەمەس ئىدىڭىز،بېرىپ بۇرۇنقىدەك كىتابىڭىزنى كۆرۈڭە،ئادەم بىلەن ئايپەدنى تالاشماي.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" n( y$ y: i* c
[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]‏-ۋاي ئۇ ئىشلارنى 6-ئايدىن كىيىن قىلىشنى باشلىساممۇ ئۈلگۈرىمەن،ئەكىلىڭ ئايپەدنى دەيمەن ئاۋۇ كىنونىڭ داۋامىنى كۆرىۋىتەي.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 W+ f, A5 A0 b' A, Q) v  p0 k[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]‏يۇقارىقىدەك دىئالوگلار بىر ئەمەس بىرقانچە قېتىم بولۇپ ئۆتتى. دىمىسىمۇ يېڭى يىل كىرىش بىلەن تەڭ مەن خۇددى ئوتى ئۆچۈپ قالغان ماتۇردەك بولۇپ قالغان ئىدىم.بۇ خىل ئەھۋال تاكى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى يۇرتۇمدىكى ئەڭ يېقىن دوستۇمنىڭ تىلفۇندا دىگەن سۆزلىرى مىنى سەگىتكەنگە قەدەر داۋاملاشتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 F% q% B0 |- N# X! A6 j; R8 v& i
[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]‏-ئاداش،ئىشقېلىپ قىلماقچى چوڭ ئىشلىرىڭ بولسا بالاڭ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن قىلىۋال.بالاڭ بىر تۇغۇلدىمۇ بىر ئىش قىلىمەن دەپمۇ قىلىپ بولالمايسەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 t  l; o' Q/ a7 Q3 n
[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]‏ئويلاپ باقسام مەن قىلماقچى بولغان چوڭ ئىش باشقا ئىش ئەمەس دەل شۇ ئالدىنقى يىلى چالا قەپ قالغان ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلدۇرۇش،دوكتۇرلۇق ئىلتىماس ئىشى ئىدى. يېرىم يىل ئارام ئېلىۋالغىنىممۇ بەس يىتەر،ئەمدى مىدىرلىمىسام زادى بولمايتى.شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا يەنە قايتا مىدىرلاشقا باشلىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 S* o5 o& k, H[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]‏ئالدىنقى يىلى ھېلىقى ئەبگاھ ماقالەمنى ئۇ يەر بۇ يەرگە ئەۋەتىش جەريانلىرىدا خېلىلا تەجرىبىلىك بولۇپ قالغانتىم.بۇ ۋاقىتتا ئۈزۈمنىڭ تەتقىقات ساھەسىدىكى داڭلىق جورنال،داڭلىق ئىلمىي يىغىنلارنى بىلىدىغان، ھەم بۇ ساھەدىكى خىزمەت تەجرىبىلىرىمنىڭ توپلىنىشىغا ئەگىشىپ بىرەر ئىلمىي ماقالىنىڭ ياكى تەتقىقاتنىڭ ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى باھالىيالىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەنتىم.نۇرغۇن كەسپى جورناللارنىڭ ماقالىنى باھالاش، تەكشۈرۈش مۇددىتى ناھايتى ئۇزۇن ئىدى. كېمىدە 2-3 ئاي، ئوتتۇراھاللىرى 6 ئاي، بەزىدە ماقالىنى ئەۋەتىپ ئەڭ ئاخىرىدا رەسمىي قۇبۇل قىلىنغىچە بىر يىلدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىت كىتەتتى. يىل ئاخىرىدا ئىلتىماس قىلىشقا ئىشلىتىدىغان تەرجىمھالىمدا جەزمەن بىر پارچە ماقالىنىڭ بولالىشى ئۈچۈن مەن ماقالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مۇددىتى ئادەتتە بىر ئاي بولىدىغان ئىلمىي يىغىنلارغا ئىلان قىلىشنى ئويلاشتىم. شۇغىنىسى نۇرغۇن ئىلمىي يىغىنلاردا قۇبۇل قىلدىغان ماقالىلەرنىڭ بەت چەكلىمىسى بار ئىدى. كۆپ ھاللاردا ئەڭ يۇقىرى چەك تۆت بەت. مەن شۇنچە چۈملىلەرنى قىسقارتىپ، ئىخچام قىلىپ تەييارلىغان تېخى تولۇق پۈتمىگەن ماقالىنىڭ يېزىلىپ بولغان قىسمى ئاللىقاچان بەش بەتتىن ئاشقان، تەجرىبە-خۇلاسە قىسمىغا ئاز دىگەندىمۇ 3 بەت يازمىسام بولمايتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) S7 r0 C! b0 y/ U& t
[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)] يۇقىرى سەۋىيىلىك جورناللاردا ماقالە ئىلان قىلىشقا ھىچ قانداق چىقىم كەتمەيدۇ. ئەمما خەلقئارالىق يىغىنلار ئۈچۈن ئەگەر ماقالە قۇبۇل قىلىنىپ قالسا جەزمەن پۇل تۆلەپ تىزىمغا ئالدۇرمىسا، يىغىن ئورنىغا بېرىپ كىلىش خىراجىتىنى چىقارمىسا بولمايتى. ئالى مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى كىشىلەر بۇنداق يىغىنلارغا ماقالە ئىلان قىلسا پۈتۈن خىراجىتىنى شۇ ماقالە ئىلان قىلغان كىشى ئىشلەيدىغان ئاكادىمىك ئورگاندىن كۆتۈرەتتى. مىنىڭ ئۆزلىكىمدىن پارتىزانلىق بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ چىقارغان ماقالەم قۇبۇل قىلىنىپ قالسا بۇ خىراجەتلەرنى كىم چىقىرار؟ مەن ئىشلەۋەتقان كىچىك شىركەتمۇ؟ بۇ شىركەت ياكى ئاكادېمىك ئورۇن بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماقالەمنىڭ مەزمۇنى بىلەن بۇ شىركەتنىڭ قىلچىلىك پايدا زىيان مۇناسىۋىتى بولمىسا، نىمە دەپ مىنىڭ يىغىن چىقىملىرىمنى كۆتۈرەر.     بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! t5 _7 i/ D1 s6 a# F/ w, {3 u  u
[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]شۇنداق كۈنلەرنىڭ بېرىدە مۇشۇ يىلدىكى IEEE نىڭ تېخى ماقالە ئەۋەتىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىگەن ئىلمىي يىغىنلىرىنى تەكشۈرۈۋىتىپ يىل ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان Internatioanal Symposium On Maltimedia دىگەن يىغىنغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 8 بەتلىك ماقالىنى ئەۋەتسەك بولاتتىكەن. ۋاي ياخشىكەنغۇ دەپ ئويلاپ، يىغىن ئورنىغا قاراپ يۈرىكىم ئويناپ كەتتى. يىغىن ئورنى لوس-ئانژىلىستا ئىدى. لوس-ئانژىلىستا بۇرۇن شاڭخەيدە بىللە ئوقۇغان ئەڭ يېقىن بۇرادىرىم خىزمەت قىلاتتى. لوس ئانژىلىسقا يىغىنغا بارسام بىلىمخۇمار، تاشپولاتكاملار بىلەنمۇ كۆرۈشۈشكە پۇرسەت چىقاتتى. يىغىننىڭ ماقالە ئەۋەتىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۆھلىتىگە قارىدىم. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ، ماڭا 25 كۈندەك ۋاقىت بار ئىدى. مەن مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ماقالەمنى مۇشۇ يىغىنغا ئۈلگۈرتىمەن، پەقەت بولمىدى دىگەندە پۈتۈن چىقىملارنى ئۆزۈملا چىقىرىمەن دىگەن نىيەتكە كەلدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 x; A* |$ u$ d9 x% F( J% L" r[backcolor=rgba(255, 255, 255, 0)]شۇنىڭ بىلەن جىددى كۈنلىرىم يەنە باشلىنىپ كەتتى. 7-ئاينىڭ 25- كۈنى (ئارىلىقتا ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت يەنە ئىككى ھەپتە ئۇزاتىلغان ئىدى) تەجرىبە خۇلاسىسى ئۆزۈم رازى بولغۇدەك چىققان، نەچچە قېتىم ئىنچىكە گىرامماتىكىلىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكەن ماقالەمنى بۇ يىغىن ئۈچۈن ئەۋەتىۋەتتىم.   بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- D  n$ y, D, e; L4 l

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* H3 d% L9 U/ @( Tبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 u5 r  n5 M% K0 L

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 o4 N) K9 O1 b9 c+ y8 vتولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-31 01:08 AM):بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 o( ]% Y$ c% _) d
ئايپەددە يېزىپ ئىلان قىلغانتىم،قالايمىقان خەتلەر قوشۇلۇپ قاپتۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Ay.sadap + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7572
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7688 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 09:05:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېرىندىشىم تىرىشچانلىقىغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا ئىكەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

قىزىققان ئەزا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111164
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 617
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 07:00:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم

بىر ئېشەكنىڭ كەينىگە كىرۋالساڭ ئۆزىنى دۇبەينىڭ نەسىللىك ئېتى چاغلايدۇ!!!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101369
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1450
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2013-12-26
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 02:09:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
www.alnure.com  ئەلنۇرى مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14954
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 10:06:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىشىپىسز شۇڭا مېۋىسىنى كۆرەپىسىز .بولسا داۋامىنى تېزرەك يېزىۋېتىڭە !ماۋۇ قۇيماق خېمىرىدەك يۇمشاپ  كەتكەن ئىرادىلىرمىز ئاز -تولا ئېلھاملنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 10:06 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  c+ S6 I" }" z4 d* \# E

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; `$ h- j, u) P; n3 z

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86256
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 03:16:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېنگىلىزچە ماقالە ئىلان قىلىش(3)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; h; [8 b* g5 ^, Oئۈستىدە بىر توردىشىمىز شۈكرى قانائەت قىلىش توغرىلىق گەپ قىلىپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئىلتىماسنى كىچىكتۈرگەندىن كىيىن نۇرغۇن قېتىم شۈكرى قانائەت قىلىش توغرىلىق ئويلانغان ئىدىم. ياش 30 دىن ئېشىپ دادا بولغىلىۋاتقاندا، يۇرتتىكى ئانىلىرىمىز ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرۈۋەرمەي  قايتىپ كىلىشكە توختىماي دەۋەت قىلىۋاتقاندا بۇ ھەقتە ئويلانمايمۇ بولمايتى.ئۆزۈمدىن توختىماي سوئال سورايتىم. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ |, q) {1 T0 V' M: z
خىزمەت ۋە تەمىناتتىن رازى ئەمەسمۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 k, ?# P4 S+ r! u0 |
- قىلىدىغان خىزمەت مەزمۇنى مەن ياخشى كۆرىدىغان ئۆز كەسپىمگە ئائىت تەتقىقات ۋە ئېچىش خىزمىتى. ئايلىق مۇئاشىممۇ شاڭخەينىڭ سەۋىيىسىدە خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئايالىم خىزمەت قىلمىسىمۇ مەن بىر ئادەمنىڭ مۇئاشى بىلەن كەڭ كۇشادە خەجلەپ يەنە نۇرغۇن پۇل ئىقتىساد قىلالايتۇق. رازى بولمىغۇدەك ھىچ ئىش يوق، ھەتتا شۇ ياخشى شارائىتقا باغلىنىپ قېلىپ ئۇزۇن يىل شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغان دەرىجىدە ئىدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 f- T. B3 u! w3 G3 c
ئۇنداقتا مەندە قانائەت قىلماسلىققا سەۋەب بولغۇدەك كۆمۈلۈپ قېلىپ ئسراپ بولۇپ كىتىۋاتقان تالانت-ئىقتىدارلار بارمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- l- D$ @( {9 [7 H. |-تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىقىنى ئادەتتىكى نەتىجىلەر بىلەن ئاران پۈتتۈرىۋالغان، شۇ ۋاقىتتىكى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ ئارانلا چىقاتتىم.  شۇڭا ئۆزۈمنى ئالاھىدە تالانتلىق دەپ قارىمايتىم، ھېلىھەم شۇنداق.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 q$ k, w9 M5 n+ b: k
كەلگۈسىدە جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرمىسام بولمايدىغان ئۇلۇغۋار پىلانلىرىم بارمىتى يە؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; A5 }. J7 o* D& ]: K! a- يوق. ھېلىھەم شۆھرەتكامدەك دۇنياۋى نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىمغا، ئەركىنكامدەك يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلمىي جۇرناللاردا 60 نەچچە پارچە ماقالە ئىلان قىلالايدىغانلىقمغا كۆزۈم يەتمەيدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ s& g  ?. y( D/ T9 h. l  l
يۇقارىقى سوئاللارغا جاۋاب ېيزىۋىتپ ئىچىمدە دەپ كەتتىم، ياش چوڭ بولۇپ كەتسە نىمە بوپتۇ؟ تالانتسىز بولسا نىمە بوپتۇ؟ ئۇلۇغۋار غايە بولمىسا نىمە بوپتۇ؟ ئەمەلىيەتتە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش بىزنىڭ كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئويلىۋالغىنىدەك ئۇنچىۋالا ئالاھىدە، ئۇلۇغۋار ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. پەقەت ئامرىكىدىلا ھەر يىلى دوكتۇر، ماگىستىرلىققا ئوقۇشقا كىرىدىغانلارنىڭ سانىلا 1.74 مىليون (2012-يىلىدىكىCouncil of Graduate Schools CGS ئىلان قىلغان سىتاستىكا)، ئۇنىڭ 76 پىرسەنتى ماگىستىرنى چىقىرىۋەتسەك،ھەر يىلى پەقەت ئامرىكىدىلا 417 مىڭ يېڭى دوكتۇر ئوقۇشىنى باشلىغان ئىدى. پۈتۈن دۇنيادىكىنى يىغىپ كەلسەك يېڭىدىن ئوقۇش باشلىغان دوكترانتلارنىڭ سانىنىڭ نەچچە مىليوندىن ئېشىپ كىتەتتى. ئوقۇش پۈتتۈرسىمۇ يەنە شۇ نەچچە مىليونلىغان ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغان دوكتۇرلارنىڭ بىرسى بولىدىغان گەپ. ھەر كىشىنىڭ مەقسەد-نىشانلىرى ھەرخىل بولىدۇ دىسەكمۇ،بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى پەقەت كەسىپىگە بولغان قىزىقىش، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشىراق كۈن كۆرۈش ئىستىكىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ جاپالىق جەريانغا قەدەم بېسىشاتتى.(ئەلۋەتتە ياش، تالانتلىق، ئۇلۇغۋار غايىلىك بولسا بۇ جاپالىق جەرياننى تاماملاش كۆپ ئاسانغا چۈشىدۇ.)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ l# S1 A6 c  q- s" ~9 {: U5 iئەمەلىيەتتە شۇ كەسىپكە بولغان قىزىقىش ۋە مۇھەببەت ۋە ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئىستىكىلا دوكتۇرلۇق ئوقۇشنى تاللاش ئۈچۈن يىتەرلىك سەۋەب بولالايتى. ئۆزۈمگە كەلسەم ئۈگىنىش ۋە تەتقىقاتنى ياخشى كۆرەتتىم.ئۆزۈمنى ئىلمىي تەتقىقاتتىن باشقا خىزمەتلەرگە لايىق ئەمەس دەپ قارايتىم. ئۆز كەسپىمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىستىمىلىق ئۈگەنسەم ۋە تەتقىق قىلسام دەيتىم. شىركەتتە قىلىدىغان ۋە ئۈگىنەلەيدىغان نەرسىلەر بىر چەككە يەتكەچ، مەن بالدۇرراق ھەقىقىي تەتقىقات ۋە ئۈگىنىش ماكانلىرىغا قايتىشقا ئىنتىزار ئىدىم.كۆز ئالدىمدا مەن ئارزۇ قىلىدىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مومكىنچىلىك بار بولغان ئەھۋال ئاستىدا نىمىشقا شۈكرى قانائەت قىلىپ توختاپ قالىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 A& D. \- }& D; b% K- kبۇ قۇرلارنى يازغۇچە ئايالىمنىڭ بىر ۋاقىتتا دىگەن گېپىنى ئەسلەپ قالدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; v9 r  a  t  q4 {3 A1 q  g$ F3 ~-بەل قويىۋىتىش دىگەن بەك ئاسان، ھەم قاچانلا بولدى قىلىمەن دىسڭىز توختاپ قالالايسىز.لىكىن سىزدەك بۇنداق تىرىشماق تەس، ھامىنى تىرىشقاندىن كىيىن ئاخىرىغىچە تىرىشىپ بېقىڭ بولدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 m  Z4 J; ~- \5 [/ ^; ~. Z
شۇ ئەمەسمۇ، شۈكرى-قانائەت قىلىپ توختاپ قېلىش بەك ئاسان، كۆز ئالدىدىكى بىر نىشان ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىش قىيىن.ھەر قېتىم بىر ئىشنى قىلماقچى بولۇپ تىرىشىپ، قىيىن كىلىپ ئوتتۇرىدا بەل قويىۋىتەي دىگەندە، مەن داۋاملىق ئۆز-ئۆزۈمدىن سورايتىم:'  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( }5 p4 a" U$ K$ B& M7 ]" wمىنىڭ قىلغانلىرىم يىتەرلىك بولدىمۇ؟ يەنىمۇ بەك ياخشىراق قىلالامدىم يوق؟ '.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 b9 E. H, p7 c; J: t6 z$ gئەلۋەتتە كۆپ ھاللاردا مىنىڭ جاۋابىم ياق بولۇپ چىقاتتى. مەن نىشان ئۈچۈن يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپلا ئالدىراپ بەل قويىۋىتىشكە، بارغا شۈكرى-قانائەت قېلىپ توختاپ قېلىشقا ھېلىھەم بەك قارشى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ V$ [" j. x6 r$ s3 X/ c0 cبۇ يەردە يەنە شۇ ۋاقىتلاردا شىركەتتىكى خوجايىنىم بىلەن بولغان يەنە بىر پاراڭ ئېسىمگە كەپ قالدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& P6 Q" X& Q4 D
- سەن ئەمدى دادا بوپ قالاي دەۋاتىسەن، يېشىڭمۇ بىر يەرگە باردى. ئەمدى ئوبدانراق ئىشلەپ كۆپرەك پۇل تېپىپ، ھەر ئايدا ھەرخىل سۇغۇرتىلارنى تولۇقلاپ كۆپرەك تۆلەپ، كىيىنلىك ئۆمرۈڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشنى باشلىمىساڭ بولمايدۇ، دىدى خوجايىن ماڭا نەسىھەت قىلىپ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ [& X  S: R, I0 M  U* [2 d
- ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت. مەن ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ئاۋال پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بىر تىرىشىپ باقاي دەيمەن.ئەگەر بۇ يىل ئىلتىماس قىلىپ مەغلۇپ بولسام جەزمەن يۇۋاشلىق بىلەن پۈتۈن زىھنىم بىلەن خىزمەتكە كۈچەيمەن. شۇ ۋاقىتلاردا سەن دىگەن ئىشلارنى قىلساممۇ كىچىكمەسمەن.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 V5 Y0 ^( a% [, Y$ eبۇ مۇرەككەپ پاراڭلارنى ئەمدى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ سۆزلەش ئاسانراق بولغان ھىكايىسىگە قايتاي ئەمدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( l$ v" C( X8 }/ s
ئالدىنقى بۆلەكتە يازغاندەك،ماقالەمنى ئەۋەتىۋەتتىم. ئەمدى قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ، ھەر كۈنى يۇرتتىن خوش-خەۋەر كەپ قالارمىكىن دەپ تىڭ-تىڭلايدىغان گەپ. دىگەندەك 8-ئاينىڭ بېشىدا ئوغلۇم تۇغۇلدى، يېڭى مىھماننى كۈتىۋالدۇق. ھەممەيلەن ئالەمچە خۇشاللىققا تولدۇق. مەنمۇ خىزمەتنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىپلا يۇرتقا قاراپ چاپتىم. ھاياجان ئىچىدە بالامنى قولۇمغا ئېلىپ يېنىشلاپ تويماي قاراپ كەتتىم. تۇنجى قېتىم دادا بولغاندىكى ھاياجان ۋە خۇشاللىق تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" G5 s5 D2 W% ]3 tئون نەچچە كۈندىن كىيىن خىزمەت ئورنۇمغا قايتتىم. خۇشاللىق ئۈستىگە قوش خۇشاللىق دىگەندەك 9-ئاينىڭ بېشىدا ئەۋەتكەن ماقالەمنىڭ قۇبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرى كەلدى. بۇ يىغىننىڭ ماقالىلەرنى قۇبۇل قىلىش نىسبىتى 25% بولۇپ، بۇ دىگەنلىك ھەر تۆت پارچە ماقالىنىڭ پەقەت بىرىنىلا قۇبۇل دىگەنلىك ئىدى. بىرىنجى بولۇپ ئانامغا تىلفۇن قىلدىم. ئالدىنقى يىلى دادام بىلەن دىيىشكەن ماقالىنىڭ ئاخىرى قۇبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېيتىم. ئانام ھەم مەنمۇ كۆز يېشى قىلىشقان بولدۇق. 20 ئاي ئاۋال ئۆزۈممۇ ئوڭۇشلۇق قىلالىشىمدىن  دەرگۇمان قىلغان GRE ئىمتاھانى بېرىش، IEEE دا ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلىش دىگەن پىلانلارنى بۇ ۋاقىتتا ئاخىرى تاماملىغان ئىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) p& F( N% n, \9 Z: K0 T6 X) |ماقالە قۇبۇل قېلىنغاندىن كىيىن يەنە 20 كۈندەك ۋاقىت بېرىلىپ ماقالىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ ئەڭ ئاخىرقى ئورگىنالنى تەييارلاشقا بۇيرۇلاتتى.مەن شۇ ئاخىرقى ئورگىنالنى تەييارلىغاچ يىغىن چىقىملىرى توغرىلىق ئويلىنىشقا باشلىدىم. بۇرۇن قۇبۇل قىلىنسا بىر گەپ بولار دەپ كۆپ ئويلاشمىغان بىلەن ئەمدى يىغىننىڭ تىزىملىتىش ھەققى، ئامرىكىغا بېرىشقا ۋىزا ئېلىش، ئامرىكىغا بېرىپ كىلىش يول چىقىمى، ئامرىكىدىكى ياتاق-تاماق، ساياھەت چىقىملىرىنى رەسمىي ئەستايىدىل ئويلاشمىسام بولمايتى. ئاۋال شىركەت لىدىرىمىزغا مىنىڭ ئىلمي ماقالەمنىڭ ئامرىكىدىكى IEEE نىڭ خەلقئارلىق يىغىنىغا قۇبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتىم.  قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۆزى بىر قوللۇق تىما يېزىپ شىركىتىمىزنىڭ ئىچكى BBS تورىدا پۈتۈن خىزمەتچىلەرگە بۇ خوش خەۋەرنى تارقاتتى. تارقاتتى يۇ، شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلدى. بولمىسغۇ مەن يىغىنغا تەخمىنەن 15 مىڭ ئەتراپىدا چىقىم كىتىدىغانلىقىنى، قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە بېشىم قېتىۋاتقانلىقىنىمۇ دىگەن ئىدىم. يەنە شۇ BBS تە بىر نەچچە ياخشى كۆڭۈل خىزمەتداشنىڭ مەندىن يىغىن چىقىملىرىنى قانداق ھەل قىلماقچى بولغىنىمنى سورىشىپ، پەقەت بولمىسا ئۆزۈمنىڭ ھەممە چىقىمنى شەخسى كۆتۈرمەكچى بولغىنىمنى ئۇقۇشۇپ بىر قىسىم چىقىملارنى شىركەتتىن كۆتۈرىۋىتىش توغرىسىدىكى بەرگەن تەكلىۋىمۇ جاۋابسىز قالدى. ياكى بۇ شىركەت تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان، ماقالە ئىلان قىلىش خىزمەتنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئاكادېمىك ئورگان بولمىسا، شىركەت بىلەن قىلچىلىك پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى يوق بىر ئىش ئۈچۈن ئۇلاردىن يەنە باشقا ئىشنى تەمە قىلغىلى بولاتتىمۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" k% X( ^0 \5 F2 T- m- X' ^شۇنىڭ بىلەن ئويلىنىپ ئالاقىلاشمىغىلى 2 يىلدىن ئاشقان ماگىستىرلىقتىكى يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇمغا تىلفۇن قىلدىم. ماقالىنىڭ ئىشىنى  دىدىم. ئۇ ماڭا مەكتەپكە كىلىپ تەپسىلى پاراڭلىشىشنى ئېيتتى.رۇخسەت سوراپ ئىككى يېرىم سائەت مىترودا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە باردىم. قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرسەتتىم. ماقالە مەزمۇنىنى تونۇشتۇردۇم.   قىززىقىپ ئاڭلىدى. يىغىن چىقىملىرى توغرىسىدا بېشىم قېتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئوقۇتقۇچۇم چىقىملارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى خالىسا ئوقۇتقۇچۇم بىلەن بىرلىكتە شۇ مەكتەپتىكى تەجرىبىخانا نامىدىن ماقالىنى ئىلان قىلىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئوچۇقلا ئېيتتىم. چۈنكى ماقالىدە قىلغان ئىشىم، مىنىڭ ماگىستىرلىقتىكى تەتقىقاتىمغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مىنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا كىرىششىمدىكى تۆھپىسىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.ئىككىنجى ئاپتۇر بولۇشقىمۇ تامامەن ھەقىلىق ئىدى. ئوقۇتقۇچۇم دەررۇ قوشۇلدى. ئەمما ئارقىدىن ئاپتۇرلۇققا ئامرىكىغا ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان يەنە بىر ماگىستىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىسمىنىمۇ قوشۇپ قويۇشنى ئېيتتى. قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ماگىستىر، دوكتۇر ئاسپىرانتلار يالغۇز قىلسا ئىلان قىلغاندا 4-5، بەزى ھەتتا ئۆزلىرى كۆرۈپمۇ باقمىغان كىشلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلان قىلىدىغان ئىش جۇڭگۇچىلىقتا ناھايتى ئوموميۈزلۈك ئەھۋال ئىدى. دوست-بۇرادەر، تونۇش بىلىشلەر ئۆز ئارا ماقالىلىرىنىڭ ئىككىنجى، ئۈچىنجى ئاپتۇرلىقىنى سوۋغا قىلىشىپ، ماقالە سانىنى كۆپەيتىپ،نۇرغۇن ماقالە ئىلان قىلغان دەپ تەرجىمھالىغا يېزىۋالىدىغان ئىش جۇڭگۇدا ناھايتى ئادەتتىكىچە ئىش ھىسابلىناتتى. شۇڭا مەنمۇ مەبلەغ ھەل بولغاننىڭ خوشلىقىدا دەرھال ماقۇل بولدۇم.   ئوقۇتقۇچۇم يەنە ماڭا ئامرىكىغىلا قاراپ تۇرۇۋالماي دۆلەت ئىچىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشنى، ھازىر مەكتەپنىڭ دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىرىدىغان ئايلىق تەمىناتى 4 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى دىدى. مەنمۇ ئويلىشىپ بېقىشنى ئېيتىپ خۇشال ھالدا قايتتىم. شۇغىنىسى مەن لەۋزىمدە تۇرغىنىم بىلەن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەدە قىلغان مەبلىغى تاكى ھازىرغىچە ئەمىلىلەشمىدى. بەلكىم شۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى دوكتۇرلۇققا قۇبۇل يۈز تۇرانە ئىمتاھانىغا تىزىملىتىپ قويۇپ(يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىن ئۆتسەملا يەنە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا دوكتۇر ئوقۇيدىغان ئىشتى)، ئەمەلىيەتتە قاتناشمىغىنىمغا خاپا بولدىمۇ، ياكى باشتىن ئاخىر مىنىڭ مەبلەغ ئىشىمنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ باقماي مىنى قۇرۇق ئىمىزگە بىلەن گوللاپ يۈردىمۇ بىلمىدىم، ھەر قېتىم تىلفۇندا ياكى ئىككى يېرىم سائەتلىك ئۇزۇن يولنى بېسىپ مەكتەپكە بېرىپ يۈز تۇرانە پاراڭلاشقاندا بولسۇن بىر-ئىككى ئايغا قالماي پۇلنى بېرىدىغانلىقىنى، ياكى تەجرىبىخانىنىڭ ياللانغان خادىمى سۈپىتىدە بىر نەچچە ئايغا بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كاتىپلىرىغا خاتىرىلىتپ يازدۇرۇپ قوياتتىيۇ، ئەڭ ئاخىرغىچە بىر موچەنمۇ ئەمەلىلەشمىدى. مەنمۇ قەلەندەردەك قاتناپ يۈرۈشتىن زېرىكىپ، تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنى پۈتكۈزىۋالغاندىن كىيىن قايتا ئىزدەپمۇ يۈرمىدىم. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% J! C! C- j" ?% o/ F+ J
12-ئاينىڭ بېشىدا ئامرىكىغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا شىركەتتىن رۇخسەت بەرمەي تۇرۇۋالغىنى قىززىق تېخى. ئانىلىرىمىز كەلگەندە ھەمراھ بولۇپ شەھەر چۆرگىلىتىمىز دەپ، بالام تۇغۇلغاندا يۇرتقا قايتتىم دەپ شۇ يىللىق دەم ئېلىشلارنى پۈتۈنلەي تۈگىتىپ بولغان ئىكەنمەن. ئەمما مەن 2014-يىلى كىرگەندىن كىيىن شۇ يىل ئىچىدە 10 كۈندەك دەم ئالسام بولاتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ ھامىنى 2014-يىلى شىركەتتە تولۇق ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىمنى، بولسا شۇ 10 كۈنلۈك دەم-ئېلىشىمنى 12-ئايدا ئالدىنئالا ئىشلىتىۋىلىشنى دىدىم. شىركەتنىڭ مەمۇرى ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، لېدىرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە رەت قىلىنسا بولىدۇ. سەۋەبىنى سورىدىم. جاۋابى، پىرىنسىپ بويىچە ئىش قىلمىسا بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز مۇئاش ۋە مۇكاپاتنى پۈتۈنلەي تۇتۇۋالىدىغان ئىش رۇخسىتى بىلەن ئامرىكىغا يولغا چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇنداق قىلىپ مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى كىشىلەر ھەممە چىقىمىنى ئاتچوت قىلدۇرۇپ ھىچقانچە چىقىم قىلمايلا ئىلان قىلىدىغان ماقالە ئۈچۈن مەندىن يېرىم ئايلىق مۇئاش، شۇ ئايلىق مۇكاپات، يىللىق مۇكاپاتنىڭ خېلى بىر قىسمى، يىغىنغا تىزىملىتىش ھەققى، ۋىزا بېجىرىش ھەققى، بېرىپ كىلىش ئايرۇپىلان بىلەتلىرى ۋە ئامرىكىدىكى چىقىملار دىگەنلەر قوشۇلۇپ نەچچە تۈمەنگە يېقىن چىقىم بولغان بولدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 r( X6 S1 I, `2 z1 t* m" o  z" _- Jئۇ ۋاقىتلاردا تاساددىپى دوكتۇرلۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەي، ئۆز خىراجىتى بىلەن دوكتۇرلۇق ئوقۇش چاقىرىقى ئەپ قالسام، بىرىنجى يىللىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجەتلىرىمنى ئۆزۈملا تۆلەپ چىقساممۇ چىقاي دەپ ھە دەپ ئىقتىساد توپلاۋاتقان ئىدىم. چۈنكى نەچچە يىللىق خىزمەت ۋە تەتقىقات تەجرىبلىرىم بىلەن دوكتۇرلۇقتا قىينالماي، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇپ كىتەلەيدىغانقىمغا، كىيىنكى يىللرىنىڭ ئوقۇش مەبلىغىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. ھە دەپ ئىقتىساد توپلاۋاتقاندا ھەسسىلەپ بولغان چىقىملار قورسىقىمنى ئاز-تولا ئاغرىتقانمۇ بولدى.ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ، ئەينى ۋاقىتتا يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچىلاردىن ئەگەر ئالاھىدە سەۋەب بولمىسا يىغىنغا جەزمەن بىرەر ئاپتۇرنىڭ قاتناشمىسا بولمايدىغانلىقىنى بولمىسا ماقالىنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئامرىكا ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس قىلدىغان  ۋىزا ئىلتىماسىمنىڭ بىر-ئىككى ئايلىق ئۇزۇن ئارقا كۆرىنىش تەكشۈرۈشلىرىگە چۈشۈپ قېلىشىنى، شۇنى باھانە قىلىپ ئامرىكىغا بارمايلا ماقالىنى ئىلان قېلىۋىلىشنى ئۈمىد قىلىپ كەتكەنتىم.شۇنداق بولغاندا نۇرغۇن چىقىم تىجىلىپ قالاتتى دە.  شۇغىنىسى، نەدىكىنى، ئامرىكا ئەلچىخانىسىدىكى يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىن بىر مىنۇت ئىچىدە ئۆتۈپ، بىر ھەپتە ئىچىدىلا ۋىزىنى قولۇمغا ئالغاندا، 2013-يىلى ئامرىكىغا بىر بېرىشىمنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلۈپ كەتكىنىگە ئىشەندىم. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; J  V. c/ i5 [& n- m3 ^

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش