مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: izdinix_nasin

مەن ئامرىكىغا قانداق كەلدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86256
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 09:02:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mamatkurban يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 01:21 AM
ئايرۇپىلاندا بېرىپسىزغۇ ناھا يتى قۇربان تۇلۇم بېيجىڭغ ...

ئەسلى راكىتا بىلەن باراي دىگەن، ئوباما دىگەن ئاداش مەندىن تالىشىپچۇ، ئامال يوق شۇ ئايرۇپىلان بىلەن بېرىپ قالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86256
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 10:34:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەش ئايلىق مۇشەققەتلىك كۈتۈش (3)
3-ئايمۇ كىرىپ قالدى. ماڭا كەلگەن دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىش چاقىرىقى ئەنگىلىيەدىن بىر مەكتەپ، ئامرىكىدىن ئىككى مەكتەپ بولدى. ئەمما ھەممىسىلا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇش ئىدى. بۇ ۋاقىقىچە ياۋرۇپا ۋە ئامرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەردىن 6 گە يېقىن رەت قېلىش خېتى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بولغانتىم. ئەڭ تىز رەت قىلىش خېتى ئەۋەتكىنى تېننىسى ئۇنۋىرىسىتى بولدى. 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىلتىماس جەدىۋەللىرىنى توشقۇزۇپ، ئىلتىماس پۇللىرىنى تۆلەپ بولۇپ، تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنى ئەۋەتكۈزۈپ، ئەتىسىلا كەچتە (ئامرىكا ۋاقتى ئەتىگەندە) بۇ مەكتەپتىن كەلگەن رەت قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. خەت قىسقىلا يېزىلغان بولۇپ، كىيىنكى باشقا مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئاۋال بىر توقاي چىرايلىق، ياخشى گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ ئاندىن 'ئەپسۇسكى' دەيدىغان ئىشمۇ يوق، بىۋاستىلا مىنىڭ تولۇق كۇرس نەتىجەمنىڭ تۆۋەنلىكىنى، شۇڭا مەكتەپكە قۇبۇل قىلالمايدىغانلىقنى ئېيتقان ئىدى.  خەپ، ماۋۇ گۇيلىنى، نىمانداق قىلىدۇ دەپ كۆڭلۈمنى غەش قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ رېدىڭ ئۇنۋىرسىتى University of Reading نىڭ كومپيوتىر كەسپىنىڭ دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىش چاقىرىقىنى قۇبۇل قىلىپ يەنە ئىشەنچىم ئېشىپ، روھلىنىپ كەتتىم.
ئادەتتە پىرافىسورلار ۋە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كومتىتىدىكىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر دەپ قارىغان ئوقۇغۇچىلاردىن يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئېلىپمۇ يۈرمەي بىۋاستە قۇبۇل قىلىش ۋە ئوقۇش مۇكاپاتى ئۇقتۇرۇشلىرىنى ئەۋەتىشىدۇ. ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىگە تولۇق ئىشەنچ قىلالمىسا ئادەتتە تىلفۇندا ياكى سكايپىدا يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىكى ئىپادىسىگە قاراپ قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق قارارىنى چىقىرىشىدۇ. ئۆزۈمنىڭ مۇنەۋۋەرلەر قاتارىغا كىرەلمەيدىغانلىقىم ئۆزۈمگە ئايدىڭ بولغاچقا ئىلتىماسنى تۈگىتىپ بولۇپلا يۈز تۇرانە ئىمتاھاننىڭ تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتىم. ماگىستىرلىق ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ۋە 2012-يىلى شىركەت ئالماشقان ۋاقىتلاردا يۈز تۇرانە ئىمتاھان دىگەنلەرنى بىرەر يۈز قېتىم  باشتىن ئۆتكۈزۈپ بولغان، نەچچە قېتىم بىۋاستە ئېنگىلىزچە ئېلىنغان يۈز تۇرانە ئىمتاھانغىمۇ قاتنىشىپ باققان بولغاچقا يۈز تۇرانە ئىمتاھاننى ياخشى قىلالايدىغانلىقىمغا بەك ئىشىنەتتىم. شۇغىنىسى يېرىم يىلغا يېقىن سوزۇلغان پۈتۈن ئىلتىماس جەريانىمدا مەن پەقەت ئىككىلا قېتىم يۈز تۇرانە ئىمتاھانغا چاقىرىلدىم.
بىرىنجى قېتىملىق يۈز تۇرانە ئىمتاھان ۋاقتى مەن لوس-ئانجىلىستىكى ئىلمىي يىغىنغا قاتىنىشۋاتقان ۋاقىتتا مەن تۇرۇۋاتقان مىھمانخانىدىكى تىلفۇن ئارقىلىق بولدى. شۇ كۈنى كۈندۈزى يېرىم كۈن ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئىشىمنىڭ خۇلاسە دوسكىسى (Poster) نى كۆرگەزمە قىلىپ، كۆرگىلى كەلگەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، كەچتە يەنە شۇ يىغىننىڭ زىياپىتىدە ئۆز كەسپى ساھەرىمىزدىكى چوڭاملارنىڭ ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئاڭلاپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر ماقالىلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنى كۆرۈپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراشلا ئۆتۈپ  كەتتى. بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم بولغاچقا بۇ يىغىننىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ ھىچقايسىسىدىن قۇرۇق قالغۇم كەلمىگەن ئىدى. نەتىجىدە بۇ قېتىملىق يۈز تۇرانە ئىمتاھانغا تەييارلىقنى پۇختا قىلالمىغان ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىمگە ئىشىنىپ بىر گەپ بولار دەيتىم. يۈز تۇرانە ئىمتاھان لوندون ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11گە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ لوس ئانجىلىس ۋاقتى يېرىم كىچە سائەت 3 كە توغرا كىلەتتى. يىغىننىڭ زىياپىتىدىن يېنىپ كىلىپلا سائەتنى توغرىلاپ قويۇپ بىر نەچچە سائەت ئۇخلىۋالغان بولدۇم. سائەت 2 يېرىملار بىلەن ئويغىنىپ يۈز كۆزلىرىمنى سوغۇق سۇدا بىر يۇيىۋىتىپلا ياتاقتىكى تىلفۇننىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم.نەچچە كۈن ئاۋاللا بۇ ياتاقنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى ئەۋەتىپ بەرگەنتىم. كاللامدا بۇرۇنقى يۈز تۇرانە ئىمتاھانلاردا كۆپ ئۇچرىغان سوئاللارنى قايتىدىن بىر مانىۋىر قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغان جاۋابلارنى بىر قۇر كاللامدا پىشۇرىۋىلىپ سائەتنى 3 قىلدىم. كۆزۈم ھەم قۇلىقىم تىلفۇندا، يۈرىكىم دۈپ-دۈپ، ھەربىر مىنۇت ۋاقىت شۇنچىلىك تەسلىكتە ئۆتۈۋاتاتتى. شۇ تەرىقىدە 10 مىنۇتنى 10 سائەتتەك تەسلىكتە ئۆتكۈزدۈم، نىمانداق تىلفۇن كەلمەيدىغاندۇ دەپ تۇرغاندا تىلفۇن جىرىڭلىدى. قارشى تەرەپ ئەنگىليەدىكى يورك ئۇنۋىرسىتىنىڭ بىر نەچچە پرافىسورلىرى ئىدى. يۈز تۇرانە ئىمتاھاننىڭ ئالدىنقى 20 مىنۇتى مەن ئۆزۈم ئويلىغان تەرىقىدە ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، بۇرۇن قىلغان تەتقىقات ۋە خىزمەتلەرنى، ئىلان قىلغان ماقالەمنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ دىگەندەك ناھايتى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلدى. شۇ ئارىدا قارشى تەرەپتىكى بىر پرافىسور ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كىيىن (ئەمەلىيەتتە مىنى قۇبۇل قىلماقچى بولغان پرافىسور شۇ ئىدى)، گەپنى ئوچۇقلا قىلدى.
-سىنىڭ تولۇق كۇرس نەتىجەڭ بەكلا تۆۋەنكەن. ماگىستىر نەتىجەڭ سەل ياخشىراقكەنيۇ، ئەمما يەنە مۇنەۋۋەر دەرىجىدە ئەمەسكەن. مىنىڭ بۇ يۈز تۇرانە ئىمتاھاننى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى سەۋەبىم سىنىڭ ئىلتىماس خېتىڭنى ئوقۇپ سەندە چوڭ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش مومكىنچىلىكىڭ باركەن دەپ قارىغانلىقىمدىن. سەن ئۆزۈڭنىڭ مەكتەپكە دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن قانداق كونكىرت تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارماقچى سۆزلەپ باققىن.
مەن ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئىلان قىلغان ماقالەمدە تېخى تولۇق ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش پىلانىم بارلىقىنى ئېيتتىم. راست گەپ قىلسام تەتقىقات دىگەننى دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن يىتەكچى پرافىسورنىڭ يىتەكلىشى بىلەن بولىدىغۇ دەپ ئويلاپ، كىيىن نىمىنى، قانداق تەتقىق قىلىش توغرىلىق ئونچە كۆپ ئويلاشمىغان ئىدىم.  
-  سەن قىلىمەن دەۋەتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە مەلۇم بىر ئەمەلى مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى. بۇنداق ئىشلارنى ئادەتتە ماگىستىر ئاسپىرانتلار قىلسا بولىدۇ. سىنىڭ بىرلا مەسىلىنى ئەمەس، سانسىزلىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان، ئاساسنىڭ ئاساسى بولغان نەزىرىيە جەھەتتىن بىرەر ئىش قىلغۇڭ يوقمۇ؟ دوكتۇر دىگەن ئاشۇنداق نەرسىلەرنى تەتقىق قىلمامدۇ؟، دىدى پرافىسور.
تىلىم گاچىلاشقىنى باشلىدى. نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەيتىم.شۇنداق بولسىمۇ دەرھال بۇرۇن بۇ پرافىسورنىڭ تەجرىبىخانىسى ئىلگىرى قىلغان قىلغان ماقالىلەر ۋە  شۇ ۋاقىتتا قىلىۋاتقان پروجېكتلەرنى ئىسىمگە ئېلىپ، شۇ ئاساستا دۇدۇقلاپ يۈرۈپ مەن قىلماقچى دەپ بىر ئىشلارنى دىدىم.  
يەنە بىر نەچچە سوئال-جاۋابتىن كىيىن، قارشى تەرەپ ماڭا باشقا بىر نەچچە ئىلتىماس قىلغۇچىلارغىمۇ يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ھەممە يۈز تۇرانە ئىمتاھانلار ئاخىرلاشقاندىن كىيىن قايتىدىن كاندىداتلارنى سېلىشتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىپ ئىلخەت ئارقىلىق ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ يۈز تۇرانە ئىمتاھانمۇ ئاخىرلاشقان بولدى. سائەتكە قارىدىم، ئەمدى تېخى 3تىن 40 مىنۇت ئۆتكەن ئىدى. ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ ئىمتاھاننى ئوڭۇشلۇق بەردىم دىيەلمەيتىم. دىگەندەك بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن، بۇ مەكتەپنىڭ رەت قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. خەتتە ئوچۇق قىلىپ مىنىڭ نەتىجىلىرىمنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھەم كىيىنكى يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىمۇ ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك مۇنەۋۋەر بولۇپ چىقمىغانلىقىمنى، شۇڭا ئاخىرى قۇبۇل قىلمىغانلىقىنى يازغانتى.
بۇ قېتىملىق مەغلۇپ بولغان يۈز تۇرانە ئىمتاھان مەن ئۈچۈن چوڭ ساۋاق بولدى. مەن بۇ يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىكى سوئاللارنى قايتىدىن ئەسلەپ يېزىپ چىقىپ، كىيىن قانداق جاۋاب بىرىش توغرىسىدا قايتىدىن تىزىس يېزىپ كىيىنكى يۈز تۇرانە ئىمتاھانلاردا ھەرگىزمۇ قايتا دۇدۇقلاپ قالماسلىققا تەييارلىق قىلدىم. بۇ يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئېلىنغان ۋاقىت 12-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر ئىدى. مىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئۈچۈن قىلىپ كەتكەن شۇنچە تىرىشچانلىقىمغا تاكى كىيىنكى يىلى 3-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە بولغان تۆت ئاي جەريانىدا ماڭا ھىچقانداق يۈز تۇرانە ئىمتاھان بېرىش پۇرسىتى كەلمىدى. 4- ئاي كىرىپ قالاي دىگەن بۇ كۈنلەردە قولۇمدىكى چاقىرىق ئەنگىلىيەدىن بىر، ئامرىكىدىن ئىككى بولۇپ جەمئىي ئۈچ بولغان، ئەمما ھەممىسى مۇكاپاتسىز ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ئىدى. گەرچە ئۇ ۋاقىتتا يەنە 6 مەكتەپتىن ھىچقانداق ئۇقتۇرۇش كەلمىگەن بولسىمۇ، باشقا مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى رەت قىلىش خېتى ئەۋەتىپ بولغان ئىدى. كۈندە يۈز قېتىملاپ ئىلخەت ساندۇقىنى ئېچىپ تەكشۈرۈپ، بىكار ۋاقىت بولسىلا TheGradCafe دىگەن خەلقئارالىق تورغا چىقىپ مەن ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرەتتىم. ئوقۇش مۇكاپاتى چاقىرىقىنى كۈتە-كۈتە تاقەتسىزىلىنىپ، ئاخىرى ھەممىسى رەت قىلسىمۇ رەت قىلسا، شۇ رەت قىلىش نەتىجىسىنىمۇ ئىتتىكرەك چىقارسا بولمامدۇ دەپ ھىچقانداق ئۇقتۇرۇش كەلمىگەن مەكتەپلەرنى تىللاپ كىتەتتىم. 11-ئايدىلا رەت قىلىۋەتكەن تېننىسى ئۈنۋىرىسىتىدەك قىلسىمۇ ياخشى بولىدىكەن ئەسلى دەپ ئويلاپ كەتكەنتىم.      
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماسساچۇستا شىتاتىدىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ پرافىسورىدىن مەندىن يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئالماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئىلخەتنى تاپشۇرىۋالدىم. ۋاقىتنى بىكتىۋىتىپلا، جىددى تەييارلىقنى باشلىۋەتتىم. قىلىدىغان تەييارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتتۈرۈپ كەچتە (ئامرىكا ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن)ئۆيدە ساقلاپ تۇرغاندا، قولۇمدىكى يانفۇنۇم سايراپ قالدى. قارىسام نامەلۇم نۇمۇردىن كەلدى دەپ چىقتى، كىيىن ئۇقسام سكايپىدىن تىلفۇن قىلسا بەزىدە ئاشۇنداق چىقىدىكەن. تىلفۇننى ئالدىم. يەنە ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇردۇم. قارشى تەرەپ مىنىڭ كەچۈرمىشلىرىمگە بەكرەك قىززىقتىمۇ قانداق، شۇنى ئاساس قىلىپ سوئاللارنى سورايتى. مەن ئۆزۈمنىڭ نىمە سەۋەبتىن، قانداق قىلىپ تەتقىقات خىزمىتىنى تاللىغانلىقىمنى، قانداق قىلىپ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ، ئېنگىلىزچە ئىمتاھانلارنى بەرگەنلىكىمنى، ماقالىلەرنى قانداق تەييار قىلىپ ئىلان قىلغانلىقلىرىمنى، پۈتۈنلەي ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئامرىكىدىكى يىغىنغا بېرىپ كەلگەنلىكلىرىمنى بىربىرلەپ سۆزلەپ بەردىم. كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان ئىشلار توغرىسدا نەچچە مىڭ قوللىنىشلارغا ئاساس بولىدىغان، ئاساسنىڭ ئاساسى بولغان نەزىرىيە ساھەسىدە چوڭ تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى ئىكەنلىكىمنى ھەم كونكىرت تەتقىقات پىلانلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم. . قىسقىسى ئالدىنقى قېتىملىق يۈز تۇرانە ئىمتاھاندا ياخشى قىلالماي قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ قېتىمقى يۈز تۇرانە ئىمتاھاندا ئاشۇرۇپراق قىلغان ئىدىم.
دىگەندەك بىر ھەپتە ئۆتكەندە بۇ ئوقۇتقۇچىدىن يەنە بىر قېتىم بىۋاستە تىلفۇن كەلدى. ئۇ ماڭا مىنىڭ بۇ يىللاردىكى تىرىشچانلىقلىرىمدىن ناھايتى تەسرلەنگەنلىكىنى، تەتقىقات پىلانىمدىنمۇ ناھايتى رازى بولغانلىقىنى، شۇڭا ماڭا ياردەمچى تەتقىقاتچىلىق ئورنىنى بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئاغزاكى ئۇقتۇردى. ياردەمچى تەتقىقاتچىلىق بولسا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئوقۇش پۇلى تولۇق كەچۈرۈم قىلىنىپلا قالماي، ھەر ئايدا يەنە تۇرمۇشقا يىتىپ ئاشقۇدەك مۇئاش بېرىلەتتى. شۇغىنىسى بۇ ئارىلىقتىكى بىر ھەپتە ئىچىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولۇپ، مەن بۇ ئارىلىقتا ئامرىكىدىكى يەنە بىر ئالى مەكتەپنىڭ ياردەمچى ئوقۇتقۇچلىققا(بۇمۇ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ بىر تۈرى، ئوخشاشلا ئوقۇش پۇلى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىنىپ، ھەر ئايدا مۇئاش بېرىلەتتى) قۇبۇل قىلىنغانلىق ئاغزاكى ئۇقتۇرۇشىنى، ئەنگىلىيەدىكى رېدىڭ ئۈنۋىرسىتىنىڭ شۇ يىلى ئىككىلا جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىغا بەرمەكچى بولغان مەكتەپ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدىغان، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىدىن ئايرۇپىلان كىراسى ۋە تۇرمۇش چىقىملىرىنى كۆتۈردىغان (公派) مۇكاپاتنىڭ نامزاتلىقىنى بەرگەنلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بولغان ئىدىم. شۇڭا  بۇ كەلگەن يېڭى خەۋەر ئەمەلىيەتتە ماڭا خۇشاللىقتىن بەكرەك باش قېتىنچىلىقىنى ئېلىپ كەلگەنتى .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Ay.sadap + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86256
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 02:25:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەش ئايلىق مۇشەققەتلىك كۈتۈش(4)
ۋاقىتنى يەنە بىر-ئىككى ھەپتە كەينىگە قايتۇرۇپ تۇرايلى.
ئەمەلىيەتتە مەن ئىلتىماسنى رەسمىي باشلىغاندىن بۇيان مىنىڭ شىركەتتىكى ئورنۇمدا ناھايتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ كەتكەن ئىدى. گەرچە ئىلتىماس ئىشلىرىمنى دەپ ھەرگىزمۇ خىزمەتكە دەخلى قىلمايمەن دىگىنىم بىلەن، ئەمەلىيەتتە 2013-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ مىنىڭ كۆپ قىسىم زىھنىم مەكتەپ تاللاش، پرافىسورلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تەييارلاش، ئىلتىماس قىلىش، ئامرىكىغا يىغىنغا چىقىش ۋىزىسى بىجىرىش، مەبلەغ ئىزدەپ ھەم تونۇشتۇرۇش خېتې يازدۇرىمەن دەپ كونا مەكتەپكە قاتراپ يۈرۈش دىگەن ئىشلار بىلەن ، 12-ئايدا يەنە ئىككى ھەپتىدە لوس-ئانجىلىستا بولۇپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن يىل ئاخىرىغىچە تۈگىتىش پىلانلانغان پروجېكتلەرنى تاماملىيالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر پارچە تونۇشتۇرۇش خېتىنى شۇ شىركەتتىكى لىدىرىمىزغا ئەۋەتكۈزىۋاتقان بولغاچ مىنىڭ قاچان، قايسى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىۋاتقىنىم، نىمە ئىشلارنى قېلىۋاتقىنىم خوجايىنغا ناھايتى ئايدىڭ ئىدى. بۇنىڭغا خىزمەت ئۈنۈمۈمدىكى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش ھەم مىنىڭ بۇ شىركەتتىن ھامان ئايرىلىدىغانلىقىمدەك پاكىتلار قوشۇلۇپ مەن بۇرۇنقىدەك ئەتىۋارلىنىشلاردىن پۈتۈنلەي قالغان ئىدىم.  12-ئاينىڭ ئاخىرى ئامرىكىدىن قايتىپ كەلگەندە بولسا بۇرۇن مەندىن 5 ئاي كىيىن شىركەتكە كىرگەن، مەن دەسلەپتە يىتەكلەپ يىتىشتۈرۈپ، كىيىن بىللە ھەمكارلىشىپ پروجېكتلەرنى ئىشلەپ يۈرگەن بىر خىزمەتدىشىمنى مىنىڭ باشلىقىم قىلىپ ئۆستۈرۈپ قويغان، يەنە مىنىڭ ئورنۇمغا يېڭىدىن ئىككى ئادەم قۇبۇل قىلماقچى بولۇپ نامزاتلارنى بىكىتىپ بولغان ئىكەن. مەنمۇ شىركەتنىڭ ئەڭ قىيىن، ئۇزاق مۇددەتلىك پروجېكتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان ئىدىم. تۇيۇقسىزلا پرىنسىپچان بولىۋىلىپ، مىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىمنى ئالدىن ئىشلىتىۋىلىشمنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىمۇ سەۋەبسىز ئەمەس ئىدى.
مەن ئەسلى ئىلتىماسنى تاماملاپ بولساملا يەنە بۇرۇنقىدەك نورمال خىزمەت قىلالەيمەنغۇ دەپ خاتا ئويلىۋالغان ئىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە ئىلتىماس جەدىۋىلىنى توشقۇزۇش، ماتىرىيال، نەتىجىلەرنى ئەۋەتىش ئەمەلىيەتتە ئاسانلا بولۇپ، ئادەمنى ئەڭ قىينايدىغىنى شۇ ئىلتىماسلارنى تاماملىغاندىن كىيىنكى نەچچە ئايلارغا سوزۇلىدىغان ئىلتىماس نەتىجىسىنى كۈتۈش جەريانى ئىكەن ئەمەسمۇ. 1-ئايدا خۇددى ئارزۇ قىلغان مەكتەپتىن جەزمەن چاقىرىق كىلىپ كىتىدىغاندەك تاتلىق خىياللار بىلەن ئۆتۈپ كىتەتتى.  ئىككىنجى ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ باشقىلارغا قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشلىرى كىلىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىددىلىشىپ رەت قېلىش خېتى تاپشۇرۇۋالسام قانداق قىلارمەن دەپ دەككە-دۈككىدە بىر ئاي ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئاڭغىچە بىرەر ئىككى مەكتەپتىن ئۇنداق-مۇنداق خەۋەرلەر كىلىدۇ. نىمانداق باشقا مەكتەپلەردىن ھازىرغىچە خەۋەر كەلمەيدىغاندۇ، رەت قىلىنغان ئوخشىمامدىمەن دەپ ئىچ پۇشىقىدا ئۈچىنجى ئايمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ. تۆتىنجى ئايغا كەلگەندە رەت قىلىش خېتى بولسىمۇ ئىتتىكرەك چىقسا بولمامدۇ دەيدىغان بولۇپ، ئىلتىماس نەتىجىلىرىنىڭ قانداق بولۇپ چىقىشى بەرىبىردەك بولۇپ قالىدىغان گەپكەن. بۇ روھى بىسىملەر ئاستىدا مەن ھەرگىزمۇ بۇرۇنقىدەك خىزمەت قىلالمىغان ئىدىم. شۇڭا 3-ئاينىڭ ئاخىرى شىركەت خوجايىنى مىنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ، يېڭىدىن قۇبۇل قىلغان ئىككى خادىمنىڭ ئاللىقاچان يىتىشىپ بولغىنىنى، ھامىنى كىتىدىغان بولغاندىن كىيىن بولسا مىنىڭ بالدۇرراق شىركەتتىن ئايرىلىشىمنى ئېيتقاندا مەن گەرچە خالىمىساممۇ كىيىنكى ئايدىن باشلاپ خىزمەتتىن ئايرىلىشقا قوشۇلدۇم.
خالىماسلىقىمدىكى سەۋەب، بۇ ۋاقىتتا مەن تېخى ھىچقايسى مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى ئۇقتۇرۇشىنى ئالمىغان، ئۆز خىراجىتىم بىلەن بىرىنجى يىلىنىڭ چىقىمنى كۆتۈرۈپ ئوقۇيدىغان ئىش بولۇپ قالسا مەن كۆپرەك پۇل يىغمىسام بولمايتى. ئەسلى پىلانىمدا 7-ئايغىچە  ئىشلىمەكچى ئىدىم. بىراق بۇ شىركەتنىڭ بۇرۇن تىل ئىمتاھانى بەرگۈچە نەچچە ئاي خىزمەت ئورنۇمنى ساقلاپ قويغىنىنى، بۇرۇنقى ئەتىۋارلىغانلىرىنىنى ئويلاپ، مەنمۇ كۆپ تالاشمايلا ئىستىپانەمنى تاپشۇردۇم. ئەمەلىيەتتىمۇ تونۇشتۇرۇش خېتىنى بۇ شىركەتتىكى خوجايىنغا ئەۋەتكۈزگىنىمدىلا بۇ خىل نەتىجىگە تەييارلىق قىلىپ قويۇشۇم كىرەك ئىدى.
شۇنداق قىلىپ  3-ئاينىڭ 29-كۈنى يەنە بىر قېتىم خىزمەتتىن ئايرىلغان بولدۇم. بۇرۇنقى ئىككى قېتىمغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇرۇن مەن ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىستىپا سورىغان بولسام، بۇ قېتىم ماھىيەت جەھەتتىن شىركەتتىن ھەيدەلگەن ئىدىم. شۇغىنىسى خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كىيىن بىردىنلا يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. ئەمدى نىشان ۋە ۋەزىپە پەقەت بىر، مەيلى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈش. مىنىڭ بۇ نىشان ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقلىرىم دەل مەن خىزمەتتىن تولۇق ئايرىلغاندىن كىيىن باشلاندى.
شاڭخەي بىلەن ئامرىكىدىكى كۆپ قىسىم جايلار بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى 12 سائەتتىن 9 سائەتكىچە بولۇپ، شاڭخەيدە كىچە بولسا، ئامرىكىدا كۈندۈز ئىدى. مەن ئالدىنقى بىر نەچچە ئايدىكى ئىلخەت بىلەن ئالاقىلىشىش تەجرىبەمنى خۇلاسىلەپ، يازغان خەتلەرنى ئامرىكىدىكى كۈندۈزلۈك خىزمەت ۋاقتىغا توغرىلاپ ئەۋەتىشنى توغرا تاپتىم. جاۋاب كىلىش نىسبىتى يوقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم كىچىدە جاۋاب كەلسە دەرھال قايتۇرۇپ جاۋاب يازغىلى بولاتتى. بۇرۇنقىدەك ئەتىگەندە بىر ئىلخەت قۇبۇل قىلىپ دەرھال جاۋاب يازساقمۇ(چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئىشتىن چۈشۈپ بولغان بولىدۇ)، قايتۇرما جاۋاب ئۈچۈن يەنە بىر كۈن ساقلايدىغان ئىشلاردىن خالى بولغىلى بولاتتى. خىزمەتتىن ئايرىلغاننىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى، مەن پۈتۈنلەي ئامرىكا ۋاقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئامرىكىنىڭ ھەرقايسى ۋاقىت رايۇنلىرىدىكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بولدى.
4-ئاي كىرگەندىن كىيىن، مەن تېخى چاقىرىق كەلمىگەن 6 مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا يەنە داۋاملىق خەت يېزىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، موھىم نوقتىنى شۇ ۋاقىتتا يۈز تۇرانە ئىمتاھانسىزلا دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىش چاقىرىقى ئەۋەتكەن ئامرىكىدىكى ئىككى مەكتەپكە يۆتكىدىم. بۇرۇن تەجرىبىخانا مەسئۇلى بولغان ئوقۇتقۇچىلارغىلا خەت يازغان بولسام، بۇ قېتىم مەن كىرمەكچى بولغان ئىنىستوتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى تەپسىلى كۆرۈپ، تەتقىقات جەھەتتىن مەن بىلەن ئازراق مۇناسىۋەتلىك بولسىلا ھەممىسىگە دىگۈدەك خەت يازدىم. خەتتە ئاساسلىقى مىنىڭ ئاللىقاچان دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىنىپ بولغانلىقىمنى، ئەمما شۇ ۋاقىتقىچە Fellowship (تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ بىر تۈرى ھەم ئەڭ ياخشىسى، بۇ مۇكاپاتنى ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇللىرى تولۇق كەچۈرۈم بولغاننىڭ ئۈستىگە ھىچ ئىش قىلمىسىمۇ ئايلىق مۇئاش ئېلىپ خاتىرجەم ئوقۇيتى، ئالدىدا تونۇشتۇرغان ياردەمچى تەتقىقاتچى ۋە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى دىگەنلەردە ھەپتىدە 20 سائەت خىزمەت قىلمىسا بولمايدۇ.) ئالالمىغانلىقىمنى، شۇڭا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى بولۇش ئارزۇسىدا بۇ خەتنى يازغانلىقىنى ئېيتاتتىم. بۇ ئۇسۇل ناھايتى تىزلا ئۈنۈم بەردى. بەزى ئوقۇتقۇچىلار قولىدا مەبلەغنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى(ياردەمچى تەتقىقاتچىنىڭ مۇئاشىنى پرافىسور ئۆزى چىقىرىدۇ) يېڭى دوكتۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى دىسە، بەزىلىرى ئۆزلىرى ئىلتىماس قىلغان مەبلەغ ھەل بولسىلا مىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى دىيىشەتتى، يەنە بەزىلىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئۆزلىرىنىڭ دەرسىنى تاللاپ ئاڭلاپ، دەرسىتىكى ئىپادىسى مۇنەۋۋەر بولغانلارنىلا ياردەمچى تەتقىقاتچىلىققا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىشاتتى. كىيىن ئويلاپ باقسام مىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرەلىشىمدە شۇ ۋاقىتتىكى خىزمەتتىن تولۇق ئايرىلىپ پۈتۈن زىھنى كۈچۈمنى شۇ ئىشقا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىم موھىم رول ئوينىغان ئىدى.
4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخشام سائەت 10 لار ئەتراپىدا، مەن بۇرۇن ئالاقىلىشىپ باقمىغان، يېقىندىلا يېڭىدىن خەت يازغان پىرافىسوردىن خەت كەلدى. ئۇ خېتىدە مىنىڭ ئىلتىماس خېتىمدىن ناھايتى تەسىرلەنگەنلىكىنى، مىنىڭ تىرىشچان، ياخشى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمگە ئىشەنگەنلىكىنى ئەمما مىنىڭ شاڭخەيدىكى تولۇق كۇرس نەتىجىلىرىم بىلەن ياردەمچى تەتقىقاتچى ۋە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى، شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن بىر ھەركەت قىلىپ باقىدىغانقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەنمۇ دەرھال مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈپ جاۋاب يېزىۋىتىپ بىر ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىگەن سائەت 4 لەر بىلەن ئايپەددە يېڭى ئىلخەت كەلگەندە چىقىدىغان يېقىملىق ئاۋاز بىلەن دەرھال ئەندىكىپ ئويغىنىپلا دەررۇ ئىلخەتنى ئاچتىم. خەت Mubarak Bolsun دەپ باشلانغان ئېدى. ۋوي دەپ خەتنىڭ داۋامىغا قارىسام، ئىنىستوتنىڭ ماڭا ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىقنى بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. كىيىن سورىسام مىنىڭ ئىلتىماس خېتىمدىن يۇرتۇمنى بىلىپ، توردىن سۈرۈشتە  قىلىپ يۈرۈپ،  مۇبارەك بولسۇن دىگەن گەپنى تاپقان ئىكەن.
بۇ خەت بىلەن بېشىم ئاسمانغا تاقاشقۇدەك شادلىققا تولدۇم. ئىككى يىلدىن ئارتۇقراق تىرىشچانلىقلىرىم، بەدەللىرىم ئاخىرى مىۋە بەرگەن ئىدى.دەرھال ئايالىم ۋە بالام ياتقان ئۆيگە كىرىپ ئايالىمنى تۈرتۈپ ئويغىتىپ بۇ خوش خەۋەردىن ئۇنىمۇ بەھرىمان قىلدىم. ئۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقتىن قاق سەھەردە داققا-دۇمباق چېلىپ ئۇسۇل ئوينىغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئىدۇق.
مىنىڭ بەش ئايلىق مۇشەققەتلىك كۈتۈشلۈرۈم ئاخىرى ئاياغلاشقان ئىدى. ئەمدى رەسمى چاقىرىقنى، ئوقۇش مۇكاپاتنى قۇبۇل قىلسام، مەكتەپتىن ۋىزا ئىلتىماس قىلىشقا ئائىت جەدىۋەللەرنى ئەۋەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئامرىكىغا مېڭىپ كەتسەملا بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86256
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 03:17:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتىمە
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەن مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدىن ھازىرقى مەكتەپنى قانداق تاللىغانلىقىم، ۋىزا ئۈچۈن 50 كۈن ئەندىشە ئىچىدە ساقلىغانلىرىم (ئەمدى ۋىزام ئىتتىكرەك چىقسا بولاتتى دىگەن ۋاقىتتا تەكشۈرۈشكە چۈشۈپ قېلىپ مۇشۇنداق سوزۇلۇپ كەتسە بولىدۇ:lol )، يۇرتقا قايتىپ ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەرلەر بىلەن قانداق خوشلاشقىنىم دىگەندەك نۇرغۇنلىغان ھىكايىلەرنى قىسقارتىۋەتتىم.
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتە قەشقەر ئايرىدۇرىمىدا مەن مىنى ئۇزاتقىلى كەلگەنلەر بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاقلىشپ خوشلاشتىم. ئانام بىلەن ئېسىلىشىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا تۇرۇشۇپ كەتتۇق، ئانامنىڭ  شۇ ۋاقىتتىكى يىغلاپ تۇرۇپ' ئاللاھقا ئامانەت بالام،ئىككى سىڭلىڭغا مىنىڭدىن كىيىن ئاتىدارچىلىق قىلارسەن' دىگەن سۆزىنى ئەسلىسەم ھازىرمۇ يۈرىكىم جىغىلدايدۇ. مەن ئامرىكىنىڭ بۇرۇنقى شاڭخەيدىن پەقەت ئازراقلا يىراقلىقىنى، قاچانلا بولسا قايتىمەن دەپلا قايتىپ كىلەلەيدىغانلىقمنى ئېيتىپ ئانامنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشاتتىم. ئارقىدىن ئوغلۇمنى قولۇمغا ئېلىپ باغرىمغا مەھكەم بېسىپ، تويماي سۆيۈپ كەتتىم. ئايالىم بىر ياندا كۆزلىرىدىن تارام ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇراتتى. ئايالىم بىلەن بىر نەچچە سىكۇنت گەپ سۆزسىز بىر-بىرىمىزگە تىكىلىپ قاراشتۇق، بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى خوشلىشىشىمىز بولۇپ قالدى. مەن ئاخىرقى قېتىم مىنى ئۇزاتقىلى كەلگەنلەر بىلەن خوشلىشىپ ئايردۇرۇمنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم. ئايرۇپىلان قوزغالدى، ئەزىزانە قەشقەرگە ئايرۇپىلان دېرىزىسىدىن ئاخىرقى قېتىم قىيالماسلىق بىلەن نەزەر تاشلىدىم.
8-ئاينىڭ 8-كۈنى پۇدۇڭ خەلقئارالىق ئايردۇرۇمدىن مەن ئۆزۈم 11 يىل ياشىغان، تالايلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ شەھەر بىلەنمۇ خوشلاشتىم. 10 نەچچە سائەتلىك ئۇزۇن ئۇچۇشلاردىن كىيىن يەنە بىر قېتىم ئامرىكىغا قەدەم باستىم.         
ھىكايەمنى مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇرۇشنى قارار تاپتىم.ئۆزۈمگە ناھايتى ئېنقكى، مەن تېخى يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقاتنىڭ ئىشىكىنى ئەمدى چىكىشكە باشلىغان بىر ئاددى ئوقۇغۇچى، بىرەر چوڭ نەتىجە ياراتقان يېرىممۇ يوق. ئۆزۈمنىڭ قايسى ئىشقا زىھنىمنى مەركەزلەشتۈرۈشۈم كىرەكلىكىنى مەن بەك ئوبدان بىلىمەن. مەن پەقەت مىنىڭ باسقان يوللىرىمنىڭ شۇ يوللارغا قەدەم باسماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بولسىكەن، ھەريىلى ئامرىكىغا دوكتۇرلۇق ئۈچۈن ئوقۇشقا يېڭىدىن كىلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەن ئەڭ دەسلەپتە دىگەندەك 1000غا بارالمىسىمۇ، بىرەر يۈزدىن بولسىمۇ ئاشسىكەن دىگەن ئۈمىد ئىچىدە بۇ تىمىنى يېزىپ چىقتىم. بۇندىن كىيىنكى نەچچە يىللارغىچە بۇنداق چوڭ ھەجىملىك تىمىلارغا قول تىقماسلىقىم ئېنىق.
ئەمما كونا ئادىتىم بويىچە ئاندا-ساندا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى ئارىلاپ تۇرىشىم ئېنىق. چەتئەلدە يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانداق سوئالى ياكى ياردەم ئىھتىياجى بولسا كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياردەم بېرىشكە مەن ھەر دائىم تەييار.
(تۈگىدى)



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1863
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 932 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 02:25:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ يولدىكىلەر ئۇچۇن ياخشى تەجىربە-ساۋاقلاردىن ئۇچۇر تەمىنلەپسىز،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 03:39:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە بىلىمز نىمىشقا بارغانلىرىنى بىزگە دەپ قۇيۇپ كەتىسىلە يە.(چاخچاق) ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 03:40:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىۋاتىسىز بىز ئۈچۈن رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23181
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6177
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 01:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل يازما ئىكەن، قېرىندىشىم. سىزنىڭ بېشىڭىزدىن ئۆتكەن كەچمىچلەر ئارقىلىق نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارغا، ئىلھاملارغا ئېرىشتۇق. قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلشىرىڭىز ئاسايىلشىق بولسۇن!

قەدرىسىز بىلىنەر قۇلىمىزدا بارى،
بىز پەقەت يوق نەرسىنىڭ قەرزدارى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114254
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2015-2-11
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 12:19:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئۇيلايتتىم ئالىي مەكتەپتەپنىڭ تولۇق كۇرىسىنى ئوقوپ بولۇپ ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلەرمەن دەپ. يىقىندا قولۇمغا كورىيەلىك بىر ئېلان لاھىيلىگۈچىنىڭ ‹没有翅膀所以努力奔跑》 دىگەن كىتابى چىقىپ قالدى،ھەم مۇنبەردىن بۇ تېمىنى كۆرۈپ قالدىم ، شۇنى چۈشەندىمكى ئادەم چوقۇم ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىكى كېرەككە . گەرچە ھازىر ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرمىگەن ،جەمىيەتكە چىقمىغان بولساممۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئىشلارنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ مەن ئويلىغىندەك ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلدىم.
راست گەپنى قىلغاندا مەن ئېنگىلىز تىلىنى بىلمەيمەن ، تۈرۈكچىنى ئاز تۇلا ئۆگەنگەن ، بىراق مېنىڭ ئاۋىستىرالىيەگە بېرىپ ئوقۇش خىيالىم بار ئىدى،سىدنىي ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ يىللىق ئۇقۇش پۇلىنى  كۆرۈپلا قالغىنىنى ئويلاشقا پېتىنالمىدىم.......يىراق بولمىغان كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر ئاللا ئۆزى بىلمىسە.......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش