مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: izdinix_nasin

مەن ئامرىكىغا قانداق كەلدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109495
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 12:55:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ تىرىشچان ئەزىزلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ھەم بەرىكەتلەر تىلەيمىز . نۆۋەتتە نۇرغۇن-نۇرغۇن قابىلىيەتلىك ياشلىرىمىز ،ئالىملىرىمىز تۈرلۈك مەتپۇئاتلاردا تونۇشتۇرىلىۋاتىدۇ .....ئاپىرىن سىلەرگە ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107995
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2014-6-23
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 07:08:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوقۇپ چىقتىم، ئاخىرى بىر دەپ نۇرغۇن ماقەلىنى ئوقۇپ بولغۇچە كۆزۈم تېشىلىپ كېتەي دېگەن، بەك تەسىرلەندىم، ئۆزۈمنىڭ ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇش خوشياقماي شوپۇرلۇقتا ئوقۇيالمىغىنىم يادىمغا كېلىپ، بەكلا خىجىل بولدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63958
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4554
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2011-11-7
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 08:51:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاستىن بىرنى يازاي ، ما مۇنبەرگە بۇرۇن يوللىغان تېمىلارنى باشقا يەرگە كۆچۈرگىلى بولمامدا؟ ھىچ بولمىغاندا كوم ئۆزگە بۇرۇن شۇنچە جىق ئىجادى تېمىلارنى بىۋاستە مۇنبەرگىلا يېزىپ يوللاپتىكەنمەن ،مانا ئەمدى لازىم بولغاندا لازىم قىلاي دىسەم ئىشلىتەلمىدىم ،ئىجادى تېمىلار بولسا بىۋاستە مىسرانىمغا يوللاشتىن ھەزەر ئەيلىسە بولغىدەك جىما ، ۋاي ئىسىت ،ھىچ بولمىغاندا باشقا مۇنبەردە بولسىمۇ ساقلىۋالسامچۇ، جىق ئىشلارنى چۈشىنىۋالدىم ،بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادى تېمىلىرىمنى ھەرگىز ........

ھەر ۋاقىت ئاخىرە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30156
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5684
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 12:28:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە قىقەتەن ياخشى تىما،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 02:20:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمتاھان سەۋەپلىك سەل ئالدىراپ قالدىم، ئىمتاھاندىن چىقىپ تەپسىلىيرەك ئوقۇي  ھازىر ئىز قالدۇرۇپ قويۇپ تۇرۇپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102582
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1379
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 11:35:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       تىما ئگىسىگە رەھمەت .
مەن ئۆزۈمنى دائىم ئەمدى تۈگەشتىممىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن ،بىراق ئىزچىل تىرىشىپ كىلىۋاتىمەن.

دەرۋىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86256
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 10:54:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەش ئايلىق مۇشەققەتلىك كۈتۈش (1)
ھازىر ئويلاپ باقسام گەرچە خېلى كۆپ چىقىمدار بولغان بولساممۇ مەن يەنىلا ناھايتى تەلەيلىك ئىدىم.  GRE ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ قاتنىشىپ يامان ئەمەس نۇمۇر ئالالىدىم، ئىلمىي ماقالەمنى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مەتبۇئاتتا ئىلان قىلالىدىم، ئىشقىلىپ قىلىمەن دىگەن ئىشىمنى قىلالىغان ئىدىم. ئۆزۈمنى تەلەيلىك دىيىشىمدە، نۇرغۇن ئەھۋال ئاستىدا قاتتىق تىرىشچانلىق، چوڭ بەدەللەر پەقەت مۇۋاپىقيەت قازىنىش ئىھتىماللىقىنى مۇناسىپ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغان بولۇپ، جان تىكىپ قىلغان تىرىشچانلىقمۇ بەزىدە شۇ ئىشنىڭ جەزمەن 100% ئوڭۇشلۇق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلالمايتى. ھەر قاچان مەغلۇپ بولۇش ئىھتىماللىقى مەۋجۈد بولۇپ تۇراتتى.  
ئىككى چوڭ ئۆتكەلنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغاندىن كىيىن مىنىڭ ئالدىمدا چوڭ ئۆتكەلدىن پەقەت ئىلتىماس قىلىشلا قەپ قالغان ئىدى. ئالدىنقى يىلىدىكىگە ئوخشاش ۋاقىت قىسلىقىدا تەمتىلەپ جىددىلىشپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن، مەن 2013-يىل ئاخىرىدىكى ئىلتىماس ئىشلىرىنى ماقالەمنىڭ ئاخىرقى ئورگىنالىنى تاپشۇرىۋەتكەن 9-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىن كىيىنلا باشلىۋەتتىم.
ئىلتىماسنى باشلاشتىن ئاۋال قايىتىدىن ئۆزۈمنىڭ ئىلتىماس شارائىتلىرىمنى دەڭسىدىم، ئوخشاش GRE، توفل نەتىجىسى، ئوخشاش تولۇق كۇرس ماگىستىرلىق نەتىجىلىرى،  ئۆتكەن يىلىغا سېلىشتۇرغاندا پەقەت بىر پارچە ماقالە ۋە يەنە بىر يىللىق تەتقىقات خىزمەت تەجرىبىسى قوشۇلغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلىشتىكى پايدىسىز ئورنۇمدا ئەمەلىيەتتە بەك چوڭ ئۆزگىرىشمۇ يوق ئىدى. ئەمما مىنىڭ روھى ھالىتىمدە كۆپ پەرق بار ئىدى. بۇ قېتىم ئالدىنقى يىلىغا قارىغان كۆپ ئېغىر بېسىقلاشقان ھەمدە مەقسەد-نىشانلار قايتىدىن ئايدىڭلاشقان ئىدى. ئىككىنجىلەپ ئۆزۈمنى ئالدىنقى يىلىدىكىدەك پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، مەن بىر قانچە جەھەتتىن ناھايتى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدىم، ۋە ھەر جەھەتتىن ئىدىيىۋى تەييارلىق قىلىپ قويدۇم.
بىرىنجى،گەرچە 2012-يىلىنىڭ بېشىدا ئۆزىچىلا ئامرىكا دەپ قاڭقىپ ھەركەتكە ئۆتۈپ مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەن بولساممۇ، مىنىڭ كىچىكىمدىن بۇيانقى ئارزۇيۇم دەسلەپتە دەپ ئۆتكەندەك دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەسىپىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش بولۇپ، مەن ئۈچۈن پەقەت ئائىلەم ۋە تۇرمۇشۇم كاپالەتكە ئىگە بولسىلا، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن ياۋرۇپا، ياپۇنيە، تۈركىيە ھەتتا دۆلەت ئىچىمۇ بولىۋىرەتتى. ئەلۋەتتە ئامرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيالىسام ھەممىدىن ياخشى بولاتتى ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ يىل ئامرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاساس قىلىنغان، ئەمما ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، ياپۇنيە، تۈركىيە ھەم دۆلەت ئىچىدىكى مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايتى كەڭ دائىرىدە ئىلتىماس قىلىش. قەيەردىن بولمىسۇن جەزمەن 2014-يىلىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشنى باشلاشنى نىشان قىلدىم.
ئىككىنجى، قايسى مەكتەپتىن بولسۇن ئامال بار تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالمىغان شارائىتتا دوكتۇرلۇقنىڭ بىرىنجى يىلىنى ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇشقا تەييارلىنىش. (ئامرىكىغا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ۋىزىسى ئىلتىماس قىلغاندا پەقەت بىرىنجى يىلىنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىگە ئىسپات چىقارسىلا بولىدۇ.) ئوقۇشقا كىرىشكەندىن كىيىن تىرىشچانلىقىمغا تايىنىپ كىيىنكى يىللىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈش. مەن ئالدىنقى مەۋسۇم ھىندىستاندىن كەلگەن ئىككى بۇرادىرىمنىڭ دەسلەپتە ئۆز خىراجىتى بىلەن كىلىپ مەۋسۇم ئاخرىغا كەلمەيلا RA لىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرگىنىنى كۆرۈپ، مىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خىيالىمنىڭ تامامەن ئەمەلگە ئېشىش مومكىنچىلىكى باركەن دەپ ئويلىدىم.
پىلان بويىچە ئالدى بىلەن ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان مەكتەپلەرنى تاللاشقا كىرىشتىم.
بىرىنجى بولۇپ ئۆزۈم ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان شاڭخەيدىكى ئالى مەكتەپنىڭ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئىلتىماس جەدىۋەللىرىنى توشقۇزۇپ، ماتىرىياللىرىمنى مەكتەپكە ئەۋەتىپ، ئىلتىماس پۇللىرىنىمۇ تۆلىۋەتتىم. توفل نەتىجىلىرىم، EI ماقالەم بار بولغاچ، ھەمدە ئىلتىماس قىلغىنىم بۇرۇن ئۆزۈم تۇرغان فاكۇلتىت ۋە تەجرىبىخانا بولغاچ مەن پەقەت 12-ئاينىڭ 20 نەچچىلىرىدىكى بىۋاستە قۇبۇل قىلىدىغان يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىن ئۆتسەملا كىيىنكى يىلى 3-ئايدا ئىمتاھان بېرىپ يۈرمەيلا دوكتۇرلۇق ئوقۇشنى باشلىسام بولاتتى. ئەمما كىيىنچە ماقالىنىڭ ئىشى ۋە تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنىڭ ئىشى ئۈچۈن نەچچە قېتىملاپ شۇ مەكتىپىمگە قاتراش جەريانىدا مەن دۆلەت ئىچىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇشتىن پۈتۈنلەي يالتىيىپ كەتتىم. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى بىر2007-يىلى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ دوكتۇرلۇق  ئوقۇشقا كىرگەن يولداش بۇرادېرىمنىڭ 2014-يىلى كىرىپ قالغۇچە تېخى ئوقۇش پۈتتۈرەلمەي يۈرگىنى بولدى. 2008-يىلى دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا كىرگەن يەنە بىر بۇرادەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا مەن ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان 2005-يىلىلا بىزگە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولغان يەنە بىر دوكتۇر بۇرادەرنىڭ 2013-يىلىنىڭ بېشىغىچە ئوقۇش پۈتتۈرەلمەي يۈرگىنىنى كۆرگەنتىم. دۆلەت ئىچىدىكى نوقتىلىق ئالى مەكتەپلەردە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا كىرىش چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا قارىغاندا كۆپ ئاسان بولغان بىلەن، پۈتتۈرمەك زىيادە قىيىن ئىدى. دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن يىتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېرىم شىركەتلەشكەن تەجرىبىخانىلىرىدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان تۆۋەن دەرىجىلىك پروجېكتلەرنى ئىشلىسە، يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بىر تەرەپتىن ئىلمىي تەتقىقاتنىمۇ ئېلىپ مېڭىپ، ماقالىلەرنى ئىلان قىلمىسا بولمايتى. IF تەسىر كۈچى مەلۇم ساندىن يۇقىرى بولغان SCIئەڭ نوپۇزلۇق جۇرناللاردا ئاز دىگەندە ئىككى پارچە ھەم ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي يىغىنلاردا ئىككى پارچە ماقالە دىگەندەك ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ، فاكۇلتىتنىڭ ئوخشىمىغان تەلەپلىرى بار بولۇپ،  بىر تەرەپتىن ئاقماس پروجېكتلەرنى ئىشلەپ ئوقۇتقۇچىغا پۇل تېپىپ بەرگەچ بۇ تەلەپلەرنى ئورۇنداشنىڭ  تەسلىكىنى دىمىسەكمۇ، مىڭ جاپادا شۇ تەلەپلەرنى ئورۇندىسىمۇ ھەر يىلى دىگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرغان سىياسەتلەردە يەنە ئوقۇش پۈتتۈرەلمەيدىغان ئىشلار ناھايتى كەڭرىچىلىك ئىدى. ياشراق ياردەمچى پرافىسورلارنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي، ئەمەلىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىدىغانلىرى، دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا تەتقىقات جەھەتتىن ھەقىقىي يىتەكچىلىك قىلىدىغانلىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم پرافىسورلارنىڭ قىلىدىغىنى پەقەت نام ئابرويىغا تايىنىپ سىرتتىن پروجېكتلارنى تېپىپ ئەكىلىش، دوكتۇر، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىنى سۈيلەپ قىلدۇرۇپ پۇل تېپىشلا بولۇپ، دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتقىقات جەھەتتىن يىتەكلىيەلەيدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز. تەتقىقات، ئاكادېمىك جەھەتتىن يىتەرلىك يىتەكلەشنىڭ بولماسلىقى،بىرىنى ئىشلەپ تۈگەتسە ئايىغىدىن يەنە تەييار بولۇپ تۇرغان زىرىكىشلىك پروجېكتلەر، ماقالە ئىلان قىلىش بېسىمى، غۇربەتچىلىك تۇرمۇش بېسىمى قاتارلىقلار ئاستىدە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق بولاتتى. زىيادە بېسىم تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلارنىڭ نىسبىتى دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا باشقا توپلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ئىدى. مەن بۇرۇن بىر تەجرىبىخانىدا تۇرغان ئۈچ دوكتۇر بۇرادەرنىڭ ھەممىسى بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىم، ھەممىسى ئوخشاش دىگۈدەك سەن بۇ يېشىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغان ئىشىڭ بولسا ھەرگىزمۇ ئېزىپ تېزىپ دۆلەت ئىچىدە ئوقۇپ قالما دىگەن تەكلىپنى بېرىشتى. 11-ئاينىڭ ئاخىرى ئەنگىليەدىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ دوكتۇرلۇق چاقىرىقىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن مەن دۆلەت ئىچىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇش خىيالىمدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتىم. چۈنكى دۆلەت ئىچىدە يەنە ئاز دىگەندە  5-6 ئوقۇپ يۈرگەندىن، ئەنگىلىيەدىكى مەكتەپنى 3.5 يىلدىلا تۈگىتىش كۆپ ئاقىلانىلىق ئىدى.
ئىلتىماس قىلىدىغان مۇۋاپىق مەكتەپ تاللاش ناھايتى موھىم ئىدى. ھىس قېلىشمچە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تاللاش ئۇسۇلى ناھايتى ئۆلۈك بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئۈنۋىرسال دەرىجىسىگىلا زىيادە ئېتىبار بېرىش ئەھۋالى ناھايتى ئېغىر ئىدى. ئەمەلىيەتتە تەتقىقات ئۈچۈن موھىم بولغىنى ئۇ مەكتەپنىڭ ئۈنۋىرسال دەرىجىسى ئەمەس، شۇ كەسىپتىكى، شۇ تەتقىقات ساھەسىدىكى ئورنى، شۇ تەتقىقات ساھەسىدىكى داڭلىق پرافىسور ، تەتقىقات گورۇپپىسى، تەجرىبىخانا، تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بار يوقلىقى قاتارلىقلار بەكرەك موھىم ئىدى. مەن مەكتەپ تاللاشتا پۈتۈنلەي CMU كارنىگ-مېلون ئۈنۋىرسىتى كومپيوتىر فاكۇلتىتى رەتلەپ قويغان ماشىنا ئادەم كۆرۈش سەزگۈسى، ماشىنىلىق ئۈگىنىش ساھەسىدىكى دۇنيادىكى داڭلىق تەجرىبىخانا ۋە تەتقىقات گورۇپپىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئاساس قىلدىم. مۇشۇ ساھەدە تەتقىقات قىلماقچى بولغان، ئىلتىماس قىلماقچى بولغان بۇرادەر، ئىنى-سىڭىللار پايدىلىنارسىلەر.
ئۇلىنىش
بۇ تىزىملىكتە پۈتۈن دۇنيادىكى مىنىڭ تەتقىقات ساھەرىمدىكى نەچچە يۈز تەجرىبىخانا، تەتقىقات گورۇپپىلىرىنىڭ تور ئادرىسى بېرىلگەن بولۇپ، مەن ھەممە تەجرىبىخانىنىڭ تور بىكىتىنى ئاز دىگەندە ئۈچ قېتىمدىن دىگەندەك ئارىلاپ چىققانتىم. ھازىرمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى داڭلىق تەجرىبىخانىلارنىڭ تور بېتىنى ئارىلاپ تۇرىمەن. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقاتلار بىلەن تونۇشۇپ تۇرۇشتىكى ناھايتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ ئويلايمەن.   
بۇ تىزىملىك مىنىڭ مەكتەپ تاللاش ئىشلىرىمنى زور دەرىجىدە ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى دىسەممۇ بولىدۇ.مەكتەپ تاللىغاندا قارىغۇلارچە مەكتەپنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن تاللاپ يۈرمەيتىم. قايسى تەجرىبىخانىدا قانداق تەتقىقاتلارنى قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ، بۇرۇن قانداق ماقالىلەرنى ئىلان قىلغان دىگەنلەرنى بىر قۇر كۆرگەندىن كىيىن مىنىڭ بۇرۇنقى تەتقىقاتلىرىمغا ئەڭ ماس كەلگەن تەجرىبىخانىلارنىڭ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلىرىغا بىۋاستە خەت يازاتتىم. ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى بىر قۇر قىسقىچىلا تونۇشتۇرغاندىن كىيىن مىنىڭ شۇ تەجرىبىخانىدا دوكتۇر ئوقۇغۇچى بولۇپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتاتتىم.شۇغىنىسى كۆپ ھاللاردا مىنىڭ يازغان خەتلىرىم ياكى جاۋابسىز قالاتتى، ياكى قانائەتلىنەرلىك جاۋاب كەلمەيتى.  
ياۋرۇپادىكى تەجرىبىخانىلاردا دوكتۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خۇددى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىشقا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى دوكتۇر ئوقۇغۇچى ئالماقچى بولسا بىكار ئورۇنلارنىڭ بارلىقىنى، قىززىققۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى دەپ مەخسۇس ئوقتۇرۇش چىقىرىپ قويدىكەن. بۇنداق ئوقتۇرۇش چىقارمىغان ئورۇنلارغا خەت يازسىمۇ شۇ بوش ئورۇن يوق دىگەن جاۋابنى ئالىدىغان ئىشكەن. مەن يۇقارقى تىزىملىكتىن ئىزدەپ يۈرۈپ بوش ئورۇن بار، دوكتۇر لازىم دىگەن تەجرىبىخاندىن ياۋرۇپادىن 5 نى تاپتىم.بىرسى شىۋىتسارىيەدە، ئىككى ئەنگىلىيەدە، بىرسى دانىيە، بىرسى گىرمانىيەدە ئىدى، ھەممىدىن موھىمى بۇ مەكتەپلەرنىڭ مىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىمدىكى تەجرىبىخانا ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى، شۇنداقلا مەن ئەڭ قىزىقىدىغان، قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار بار ئىدى. ئەمما ئىلتىماس قىلىپ بولۇپ كىيىن تەكشۈرسەم مەن بىلمەيلا ئىلتىماس قىلغان شىۋىتسارىيەدىكى EPFL، دانىيەدىكى كوپىنھاگىن ئۇنۋىرسىتى، گىرمانيەدىكى TUMميۇنخىن تېخنىكا ئۇنۋىرسىتى دىگەنلەر ئەسلىدە دۇنياغا داڭلىق ئالى مەكتەپلەر بولۇپ، دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈنۋىرسال تەرتىپىدە 40 نىڭ ئىچىدىكى مەكتەپلەركەن ئەمەسمۇ . شارائىت ياخشى بولغان بىلەن (مىسالەن،EPFLنىڭ دوكتۇرلىرىنىڭ يىللىق مۇئاشى 55مىڭ شىۋىتسارىيە فىرانكى)رىقابەتنىڭ زىيادە كەسكىنلىكىدىن مىنىڭ بۇرۇنقى نەتىجىلىرىم، ئىلان قىلغان بىرەر پارچە ماقالەم بىلەنلا كىرەلەيدىغان يەرلەر ئەمەس ئىكەنتۇق. ئەمما ئەنگىلىيەدىكى مەكتەپلەردىن جەدىۋەللەرنى توشقۇزۇپ تاپشۇرغاندىن كىيىن ناھايتى تىزلا جاۋاب كەلدى. ھەر ئىككى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار تىلفۇندا يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىيىن بىر مەكتەپتىن ھەتتا ئىككىلا جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىغا بېرىدىغان جۇڭگۇ تەرەپ تۇرمۇش، ئايرۇپىلان بېلەت چىقىملىرىنى كۆتۈرىدىغان، مەكتەپتىن ئوقۇش چىقىملىرىنى بىكار قىلىۋىتىدىغان ئوقۇش مۇكاپات تۈرىنى ماڭا بەردى. ياۋرۇپادىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى، بۇ مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىش پۈتۈنلەي ھەقسىز، كۆپلىرى ئۈچۈن ھەتتا توفل نەتجىسىنى ETS ئورگان تەرەپتىن ھەق تۆلەپ ئەۋەتمىسىمۇ بولاتتى. ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلغاچ ياۋرۇپادىن بىرنەچچە مەكتەپنى ئىلتىماس قىلىپ قويۇشنىڭ ھىچقانداق زىيىنى يوق ئىدى.
ياپۇنيە،ئاۋىستىرالىيە، كانادا، يېڭى زىللاندىيەدىكى تەجرىبىخانا مەسئۇللىرىدىن ياخشى جاۋاب ئالالمىغاچ بۇ يەرلەردىن ئىلتىماس قىلماپتىمەن. ئەمما ياۋرۇپا مەكتەپلەرگە قوشۇپ يەنە تۈركىيەدىن ئىستانبول تېخنىكا ئۈنۋىرسىتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا دادام تازا قوللاپ كەتمىگەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كائۇستنى قوشۇپ ئىلتىماس قىلغان ئىدىم.
ئاۋال ياۋرۇپا تۈركىيەلەرنى يېزىپ قويسام ئامرىكىچۇ، ئامرىكا نەگە كەتتى دەپ كەتتىڭلار ھەقاچان  . ئەڭ موھىم نىشان يەنىلا ئامرىكا ئىدى. شۇڭا مەكتەپلەرنى تەجرىبىخانىلار ئارقىلىق تاللاپ، شۇ تەجرىبىخانا تەۋە ئىنىستۇت ياكى فاكۇلتىتنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ۋە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىش شەرتلىرىنى ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرغاندىن كىيىن،ئامرىكىدىن ئۆزۈمگە ماس كەلگەن 10 مەكتەپنى بىرىنجى تۈركۈمدە تاللاپ چىقتىم. كىيىن ئامرىكىغا بېرىپ كەلگەندىن كىيىن بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ۋە لوس-ئانژىلىستىكى دوستۇمنىڭ تەشەببۇسى بويىچە يەنە 5 مەكتەپنى قوشۇپ ئىلتىماس قىلدىم. ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىش ھەقىلىق ئىدى، خېلىلا كۆپ چىقىم سەرپ بولاتتى. ئىلتىماس قىلىش ھەققىي 30 دوللاردىن 100 دوللارغىچە بولاتتى. مەن كالىفورنىيەدىن ئۈچ مەكتەپ (كالفورنىيەدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس ھەققىي 100 دوللار)، فلورىدادىن ئۈچ مەكتەپ(فلورىدادىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس ھەققى 30 دوللار، ئەڭ ئەرزان،بۇندىن كىيىن كۆپرەك ئىلتىماس قىلىڭلار جۇمۇ )، قالغان مەكتەپلەر ئامرىكىنىڭ شەرقى شىمالى، ئوتتۇرا قىسىمىدىكى شىتاتلارغا چېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئىلتىماس ھەققىدىن باشقا بۇ مەكتەپلەرگە GRE، توفل نەتىجىلىرىنى ئورگان تەرەپتىن ئەۋەتىپ بەرمىسە باشقا شەكىلدە ئەۋەتىلگەننى ئېتراپ قىلمايتى. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەربىر مەكتەپ ئۈچۈن 50 دوللار ئەتراپىدا پۇل كىتەتتى. يەنە قەغەزلىك ماتىرىياللارنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلەرگە Fedex، DHL، UPS دىگەنلەردىن ئەۋەتىشكىمۇ، ھەر بىر مەكتەپ ئۈچۈن 150 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم بولاتتى. ( مەن بۇيەردە شۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ئىككى مەكتەپتىكى 200 دوللار ئىلتىماس پۇلۇمنى تۆلەپ بەرگەن Jeck كە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئامرىكىغا چىقىپ يىغىنغا قاتنىشىمەن دەپ ھەسسىلەپ بولغان چىقىملاردىن قورسىقىم ئاغرىپ تۇرغاندا كەلگەن بۇ ئەمەلىي ياردەم مىنى بەكلا تەسىرلەندۈرگەنتى.)  
شۇنداق قىلىپ  20 گە يېقىن نىشان بىكىتىلدى. مەن 12-ئاينىڭ 6- كۈنى ئامرىكىغا يولغا چىقىشتىن ئاۋال ھەممە نىشانلىغان مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس جەدىۋەللىرىنى توشقۇزۇپ بولمىسام، قەغەزلىك ماتىرىياللارنى ئەۋەتىپ بولمىسام، GRE، توفل نەتىجىلىرىمنى پۇل تۆلەپ شۇ ئىمتاھان ئورگىنىدىن مەن ئىلتىماس قىلغان ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ بەرمىسەم بولمايتى. مىنىڭ ئەڭ ئالدىراش كۈنلىرىم مانا مۇشۇنداق تەبئىيلا باشلىنىپ كەتتى.   

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 07:09:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېرىشقان يەردە قالماس.

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 01:21:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايرۇپىلاندا بېرىپسىزغۇ ناھا يتى قۇربان تۇلۇم بېيجىڭغا ئىشەك بىلەن بېرىپتىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86256
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 10:53:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىستانبۇل تېخنىكا ئۈنۋىرسىتىگە قۇبۇل قىلىنىپتىكەنمەنتۇق
ئالدىنقى بۆلەكتە يازغىنىمدەك، لوس ئانژىلىسقا يىغىنغا بېرىشتىن ئاۋال تاللىغان ھەممە مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس جەدىۋەللىرىنى توشقۇزۇپ، ماتىرىياللارنى يوللاپ قىلىپ بولدۇم.  12-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە ناھايتى مۇرەككەپ خىياللار بىلەن شاڭخەيدىن لوس-ئانجىلىسقا قاراپ يولغا چىقتىم. ئەمما مەن تۇنجى قېتىملىق ئامرىكا ساياھىتىم ۋە كىيىن رەسمىي ئوقۇشقا كەلگەندىن كىيىنكى تەسىراتلىرىم توغرىسىدا بۇ تىمىدا ئەمەس باشقا ئايرىم تىمىدا توختىلىشنى، ئامرىكىغا چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى بۇ تىمىنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە چىقىرىۋىتىشنى قارار قىلىدىم. مۇشۇ دۈشەنبىدىن باشلاپ ئىككىنجى مەۋسۈملۈك دەرسىنى باشلاپ كەتسەك، مىنىڭ يەنە تىما يېزىپ يۈرگۈدەك ۋاقتىم چىقمايدۇ. مەنمۇ پۈتۈن زىھنىمنى ئوقۇش ۋە تەتقىقاتىمغا مەركەزلەشتۈرمىسەم بولمايدۇ.
بۇ بۆلەك ھىكايەمدە مىنىڭ ئامرىكىدىن باشقا جايلاردىن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدىكى بىر نەچچە قىزىققارلىق ھىكايىلىرىمنى سۆزلەپ باقاي دەپ قالدىم.
بۇ ھىكايىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىزىقارلىقى ئەلۋەتتە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۈنۋىرسىتى توغرىسىدىكى ھىكايە. ئەينى ۋاقىتتا ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلغاچ تۈركىيەنىڭ داڭلىق مەكتەپلىرىنىڭ تور بىكەتلىرىنىمۇ مۇنداقلا ئارىلاپ باققانتىم. كۆپلىرىنىڭ پەقەت تۈركچە تور بىكەتلىرى بولۇپ، ئېنگلىزچە تور بەتلىرى يوق ئىكەن.تۈركچە قەتئىي بىلمەيدىغان بولغاچ ئىتتىك-ئىتتىك ئۆتكۈزۈپ ئارىلاپ يۈرۈپ ئىستانبۇل تېخنىكا ئۈنۋىرسىتىنىڭ تور بىكىتىگە كىرىپ قالسام بولىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشقا ئائىت پۈتۈنلەي ئېنگلىزچە تور بەتلىرىمۇ باركەن، ۋاھ دىدىم.  قارىسام خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلار بىۋاستە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدىكەن. ئاسپىرانتلىققا كىرىشكە ئىلتىماس قىلىشقا ALES نۇمۇرىنىڭ ئورنىغا GRE ماتىماتىكا قىسمىنىڭ نەتىجىسىنى ئىشلەتسەك بولىۋىرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت 147 نۇمۇر بولسىلا كۇياپىكەن (تولۇق نۇمۇر 170، ئامرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن پەقەت بولمىدى دىگەندىمۇ 160 دىن يۇقىرى بولمىسا بولمايدۇ) . قالغان ئىلتىماس قىلىش جەريانلىرى ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىش بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن.
يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ، ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ماتىرىياللار بىلەن ئىلتىماس جەدىۋەللىرىنى توشقۇزىۋەتكىنىمنى ئۇقىمەن. كىيىن ھەم ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قاتارىدا ئىككى پارچە تونۇشتۇرۇش خېتىنىمۇ ئەۋەتكۈزگەن بولدۇم.  مەن ئىلتىماس جەريانىدا ئىلتىماسنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان، مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنى قۇبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بىرنەچچە ئىلخەت تاپشۇرۇۋالدىم. دىمەك بۇ جەريانلارمۇ ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىش بىلەن ئوخشاش ئىدى.  بۇ ئىشلارنى قىلغان ۋاقتىم 12-ئاينىڭ بېشى ئىدى. ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماسلىرىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،پرافىسورلار بىلەن توختىماي ئالاقىلىشىشتىن باشقا، يەنە كۆپ قېتىم شۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالاقىلىشىشكە توغرا كىلەتتى. ئۇلار بىردە بەزى قەغەزچە ماتىرىياللار كەم ئەۋەتىلىپ قالغاچ قايتا تولۇقلاپ ئەۋەتىشنى سورىسا، يەنە بەزىدە ئىمتاھان ئورگىنىدىن پۇل تۆلەپ ئەۋەتكەن ئىمتاھان نەتىجىلىرىنى قۇبۇل قىلالمامدۇ بىلمىدىم، يەنە قايتىدىن ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئىمتاھان ئورگىنىدىكى ئىسىم، پاسۋوردلارنى دەپ بېرىپ نەتىجىلىرىمىزنى كۆرسىتىشكە توغرا كىلەتتى.(مۇشۇ خىل ئەۋال مىنىڭ ئىلتىماس جەريانىمدە ئاز دىگەندە 4 قېتىم يۈز بەردى). ئىشقىلىپ ھەممە ئىش دىگۈدەك ئېلخەت ئارقىلىق بولاتتى. مانا شۇنداق ئېلخەتلەرگە قاراپ يۈرۈپ 2014-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىمۇ كىرىپ قالاي دىدى. بۇ ۋاقىتتا مەن ئەنگىليەدىن بىر مەكتەپنىڭ، ئامرىكىدىن بىر مەكتەپنىڭ مۇكاپاتسىز ئوقۇش چاقىرىقىنى قۇبۇل قىلىپ بولغان بولۇپ، قاچان، قانداق قىلىپ بىر مۇكاپاتلىق ئوقۇشنىڭ چاقىرىقى كىلەر دەپ ئىچىم سىقىلىپ تۇرغان ۋاقىتلار ئىدى. شۇنداق بىر كۈندە بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ تۈركىيەدىن بىر مەكتەپنى ئىلتىماس قىلغىنىم، ھازىرغىچە ھىچقانداق ئۇچۇر ئالمىغىنىم ئىسمگە كەلدى دە، دەرھال خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكىلەرگە ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈپ ئىلخەت ئەۋەتتىم.
بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كىيىن قارشى تەرەپتىن جاۋاب كەلدى. مىنىڭ بۇ مەكتەپنىڭ ئېلىكتىر ئىنجىنىرلىق كەسپنىڭ دوكتۇرلۇقىغا (ئېنگىلىز تىلىدا يىتەكچىلىك قىلىدىغان)قۇبۇل قىلىنغانلىقىمنى، ئەمما مەكتەپنىڭ دەرس باشلاپ بولغىنى ئىككى ھەپتە بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن خەۋەر مىنى بىر تۇرۇپ ھاياجانلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن جىددىلەشتۈرىۋەتتى.ھاياجانلانغىنىم تۈركىيەنىڭ ئېنجىنىرلىق كەسپىدىكى ئەڭ داڭلىق مەكتىپىدىن چاقىرىق تاپشۇرىۋالغىنىم بولسا، جىددىلىشىشىم بۇندىن كىيىن قانداق قىلىش توغرىسىدا ئىدى. خىزمەتنى قانداق قىلىمەن؟ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدىلا تۇيۇقسىزلا ئىستىپا سوراپ خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ كەتكىلى بولمايتى. ماڭدىغان ئىش بولسىمۇ ئاۋال ئايالىم ۋە بالامنى بىر ئورۇنلاشتۇرپ قويۇپ ماڭمىسام بولمايتى. يەنە تېخى تۈركىيەنىڭ ۋىزىسىنىڭ ئىشى بار ئەمەسمۇ.
شۇنداق جىددىچىلىك ئىچىدە ئاۋال ئىسىمگە بىزنىڭ رىتاقىز كەلدى. بۇرۇن گۈللۈگ دىگەن تور بەتتە ناخشا-مۇزىكا، كىنو تىلىۋىزىيە توغرىسىدا تولا تىما يازغاچ گۈللۈگتىكى ئەزالار بىلەن ئاساسەن تونۇش ئىدۇق. ئۈندىدار توپتىن رىتاقىزنى تېپىپ قوشۇۋالدىم. ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئىستانبۇل تېخنىكا ئۈنۋىرسىتىنىڭ دوكتۇرۇلۇق ئوقۇشىغا قۇبۇل بولغىنىمنى، دەرس باشلىغىنى ئاللىقاچان ئىككى ھەپتە بولغىنىنى، ۋىزا بېجىرىشكە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، ئادەتتە تۈركىيەدىكى مەكتەپلەرگە كىچىكىپرەك بارسا بولامدىغانلىقىنى      
سوراپتىمەن.ۋىزا ئېلىشقا ئادەتتە 4-5 ھەپتە ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى، ئادەتتە كىچىكىپرەك تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئالتە ھەپتە كىچىكىپ تىزىمغا ئالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ھەم بولسا شۇ ئىستانبۇل تېخنىكا ئۈنۋىرىسىتىنى پۈتتۈرگەن بىزنىڭ يەلكەندىن تېخىمۇ ئېنىقراق ئۇچۇر ئېلىشىمنى ئېيتتى. يەلكەن بىلەن ئەلۋەتتە بىلىشەتتۇق، ئۇنىڭ ITU نى پۈتتۈرگىنىنىمۇ بىلەتتىم بولمىسا، نىمە دەپ باشتىلا ئىزدىمىگەندىمەن. كاللامغا بىرنى مۇشلىۋىتىپ، مۇشۇ ئىزدىنىشتىن يەلكەننى تېپىپ، بار ئەھۋالنى دەپ ئۇچۇر قىلىۋەتتىم، ھەم ئىلخەت ئادرىسىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم.
گەرچە بۇ دوكتۇرلۇق ئوقۇشنىڭ ئوقۇش پۇلى ئالىدىغان ئالمايدىغانلىقى،ئوقۇش پۇلى ئالسا قانچىلىك ئالىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، مەن خۇددى ئەڭ دەسلەپ ئەنگىلىيەدىكى ئۈنۋىرسىتتىن، ئىككىنجى قېتىم ئامرىكىدىكى بىر ئۈنۋىرستتىن دوكتۇرلۇق چاقىرىق تاپشۇرىۋالغاندىمۇ بەكرەك خوش بولۇپ كەتكەن ئىدىم. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان دىنى ئىتقادى كۈچلۈك ئانام 'ئوغلۇم مۇسۇلمان ئېلىگە ئوقۇشقا چىقىدىكەن دەپ' تېخىمۇ بەكرەك خوش ئىدى.
نىمە دەپ مەن قۇبۇل قىلىنغىنىمدىن ھەم ئاللىقاچان دەرس باشلاپ بولغىنىدىن خەۋەرسىز قالغاندىمەن؟ ئىلخەت ئادرىسىمنى كۈندە كەم دىگەندىمۇ 50-60 قېتىم تەكشۈرەتتىم بولمىسا. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تور بەتلىرىنى قايتا ئېچىپ تۈركچىنى ھەجىلەپ يۈرۈپ بىر يەرلەرنى تاپتىم. ئەسلىدە تۈركىيەدە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئامرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئىلخەت ئارقىلىپ ئۇقتۇرۇپ يۈرمەيدىكەنتۇق ئەمەسمۇ. خۇددى جۇڭگۇدىكى ئالى مەكتەپلەر ئاسپىرانت، دوكتۇر قۇبۇل قىلغان تىزىملىكنى توردا مەخسۇس ئىلان قىلغانغا ئوخشاش، بۇ مەكتەپمۇ قۇبۇل قىلىش تىزىملىكىنى 1-ئاينىڭ ئاخىرىلا تور بەتتە ئىلان قىلىپ، قۇبۇل قىلىنغانلارنىڭ 2-ئاينىڭ بېشىدا مەكتەپكە كىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئۇقتۇرۇپ بولغان ئىكەن. مەن خيالىمدا ھەممە ئىش ئىلخەت ئارقىلىق بولىدىغۇ دەپ بۇ جەرياندا ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز يۈرگەن گەپ:lol   
يەلكەن بۇرادەردىنمۇ ناھايتى تىزلا جاۋاب كەلدى. قۇبۇل قىلىنغان دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن مىنىڭ پىنيىنچە ئۇزۇن يېزىلغان  
ئىسمىمنى ئاسانلا تېپىۋالغانلىقىنى، ITUدىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشنىڭ ئادەتتە ھەقىسز ئىكەنلىكىنى، ھەر ئايدا ئايلىق ئېلىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەن ئۈچۈن مەكتەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ تىلفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەتىسى چۈشلەردە (تۈركىيەدە ئەتىگەن) مىنىڭ ئالدىنقى كۈنى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل ئىشخانىسىدىكىلەرگە ئۆزۈمنىڭ خىزمەت ۋە ئائىلەمنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ۋىزا بېجىرىشكە بىر مەزگىل ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى، يەنە بىرنەچچە ھەپتە كىچىكىپ تىزىمغا ئالدۇرسام بولامدىغانلىقىنى سوراپ يازغان خېتىمگە جاۋاب كەلدى.  تىزىمغا ئالدۇرۇشنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا مىنىڭ ئورنۇمغا سەپلەپ باشقا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ بولغانلىقى توغرىسىدىكى جاۋاب خەتنى كۆرۈپ لەسسىدە بوشاپ كەتتىم.
دىمەك، مەن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز بولغان ئەھۋالدا ئىستانبول تېخنىكا ئۈنۋىرسىتى تەرىپىدىن دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنىپ، يەنە ئۆزۈم ھىچ ئىشنى بىلمىگەن ئەھۋالدا مەكتەپتىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنۇمغا ئادەم ئېلىنىپ بولغان، دەرسلەر باشلىنپ بولغان ئىدى.
يەلكەن بۇرادەرمۇ ئوخشاش جاۋاپنى ئۇقتۇردى. ئۇ يەنە ماڭا بۇنداقلا بولدى قىلماسلىقنى بولسا فاكۇلتىتىكى مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە  بولغان ئەھۋالنى دەپ ئۈزۈلدۈرمەي خەت يېزىپ بېقىشنى ئېيتتى.
مەن كىيىن بىر نەچچە ھەپتە ئۈزۈلدۈرمەي، ھەپتىدە ئاز دىگەندە ئىككى قېتىمدىن خەت يازغان بولدۇم. ئاۋال بولغان ئەھۋالنى دەپ، ئاندىن مەندەك تۈركچە بىلمەيدىغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركچە تور بەتتىن ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇيالمايدىقىنى، ئىلخەت ئارقىلىق ئۇقتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، مىنىڭ بۇ خىل نەتىجىنى قۇبۇل قىلالمايدىقىمنى، بولسا مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بېرىشى كىرەكلىكىنى يازاتتىم. شۇغىنىسى مىنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ جاۋابسىز قالغىنى قالغان بولدى. كىيىن مەنمۇ بولدى قىلدىم.
بۇ تىمىدا كائۇستنىڭ ھىكايىسىنىمۇ قوشۇپ يېزىۋىتەيچۇ دەپ قالدىم. بۇ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بۇ داڭلىق ئالى مەكتەپنى ئىلتىماس قىلىشىمدىكى سەۋەب، مەن قىزىققان بىر پىرافىسور مىنىڭ خېتىمگە ناھايتى قىزغىن جاۋاب قايتۇرغان، مىنى دەرھال ئىلتىماس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان ئىدى. ئاۋىستىرىيەدە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئالغان بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەتقىقات يۈنىلىشى مىنىڭ تەتقىقات تەجرىبىلىرىم بىلەن بىردەك ئىدى. مەن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ جاۋابىدىن خۇددى ئىلتىماس قىلساملا دەرھال قۇبۇل قىلىنىپ كىتىدىغاندەك ئىشەنچ بىلەن بۇ مەكتەپنى ئىلتىماس قىلغان ئىدىم. ئەمما نەچچە ئاي ئۆتۈپمۇ ھىچقانداق خەۋەر كەلمەي 3-ئايمۇ كىرىپ قالدى. مەنمۇ ساقلاشقا چىدىماي ئاخىرى بۇ پرافىسورغا يەنە خەت يازدىم.جاۋاب خېتىدە ئۇ ئۆزىنىڭ مىنىڭ ماتىرىيالىمنى كۆرمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئاللىقاچان باشقا ئوقۇغۇچىنى تاللاپ قۇبۇل قىلىپ بولغانلىقىنى، ئەمدى گورۇپپىسىدا بوش ئورۇننىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بېشىمدىن بىر چىلەك سۇ قۇيۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. يەنە مىنىڭ خەۋىرىمسىز نىمە ئىشلار بولۇپ يۈرىدىغاندۇ بۇ يەردە. بۇ مەكتەپتىنمۇ دەرھال ۋاز كەچكۈم كەلمىدى. دەرھال ئۆزۈمنىڭ تەتقىقات تەجرىبىلىرىمنى، ئىلان قىلغان ماقالىلىرىمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئوقۇش ئارزۇيۇمنى بىلدۈرۈپ يەنە بىر پرافىسورغا خەت يازدىم. ئۇمۇ دەرھال قىزىقتى، مىنى قۇبۇل قىلغۇسى بارلىقىنى، دەرھال باشقا ماتىرىياللىرىمىنى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇغىنىسى ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئوخشاش جاۋاب ئالدىم، مىنىڭ ئىلتىماس ماتىرىياللىرىمنى تاپالمىغان ئىدى. كىيىن سۈرۈشتە قىلىپ بىلسەم ئەسلى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكىلەر ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ئوقۇش نەتىجىسى، ئېنگىلىزچە تىل نەتىجىسى دىگەنلەرگە ئاساسەن بىر قېتىم شاللاپ، شۇ تاسقاشتىن ئۆتكەن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماتىرىيالىنىلا پىرافىسورلارغا بېرىدىكەن. ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانسىنىڭ تاسقىشىدىن ئۆتەلمىگەن ئادەمنى پرافىسورلارمۇ ئۆز ئالدىغا قۇبۇل قىلالمايدىكەن. گەرچە كائۇستنىڭ ئېنگىلىزچە تەلىپى توفىل 79 نۇمۇر دىگەن نەتىجە ناھايتى تۆۋەندەك كۆرۈنگەن بىلەن، تولۇق كۇرس نەتىجىسىگە قويغان تەلەپ ناھايتى يۇقىرى ئىكەن ئەمەسمۇ. قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە GPA سى 3.6 كەن. شۇڭا بۇ مەكتەپكە كىرىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. ئالدىنقى بىر نەچچە يىل نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بۇ مەكتەپنى ئىلتىماس قىلدىغۇ دەيمەن، ئەمما قۇبۇل قىلىنغانلار بەك ئاز. ئاساسلىق سەۋەبى شۇ تۆۋەن GPA بولىشى مومكىن.
كىيىن ئامرىكىغا كىلىپ بىر نەچچە تۈرك بۇرادەرلەر بىلەن دوستلاشتىم. ھەر قېتىم ئۇلارغا مىنىڭ ITU غا قۇبۇل قىلىنغان ھىكايەمنى سۆزلەپ بەرسەم كۈلۈشۈپ كىتىدۇ. بىلمەي ياخشى بوپتىغۇ ئەينا، ھازىر ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىسەن. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا قۇبۇل قىلىنغىنىڭدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولغان بولساڭ راستىنلا تۈركىيە كىلەمتىڭ؟ دەپ سورىشىپ كىتىدۇ. ھازىر ئويلاپ باقساممۇ،ئەينى ۋاقىتتا ئەگەر ھەممە ئىشتىن خەۋەردار بولغان ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىدىغان بولغىيتىم ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.
مەن بۇ يەردە شۇ ۋاقىتتا ماڭا قىزغىنلىق بىلەن مەسلىھەت بەرگەن ۋە ياردەم قىلغان رىتاقىز ۋە يەلكەن بۇرادەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىۋالىمەن.   
شۇنداق قىلىپ مىنىڭ تۈركىيەگە، سەئۇدىغا چىقىپ ئوقۇش خياللىرىىم مانا مۇشۇنداق ئۆزلىكىدىن بەربات بولدى. ئەمدى پەقەت ياۋرۇپا ئامرىكىدىكى بىرەر مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى كۈتمەكتىن باشقا چارە يوقتى. ئارقا-ئارقىدىن ئۇلىشىپ كىلىۋاتقان رەت قىلىش خەتلىرى ئارىسىدا مىنىڭ ئوقۇش مۇكاتى چاقىرىقى ئۈچۈن ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان ساقلاشلىرىم داۋاملاشماقتا ئىدى.  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش