xajarim يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 02:13 PM
مەن قېرىغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ دىگەننى ،، ...
ئەلى قۇرباننىڭ «بىلىم ئېرسىيەت قالىدۇ» «ياشانغاندا كۆرگەن پەرزەنت ئەقىللىق بولىدۇ» دېگەنلىرى ئىلمىي ئىسپاتلاردىن ئۆتمىگەن گەپ. مەن ئادەتتە ئېنىق جاۋابى چىقمىغان مەسىلە بولسا تالاش-تارتىش قىلىنۋاتىدۇ دەپ ئەسكەرتىمەن. بىئولوگىيەدە ئۇنداق قاراشمۇ، مۇنداق قاراشمۇ توغرا بولىدىغان ئەھۋاللار كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. ئېرسىيەت، ئەقىلىي ئىقتىدار دېگەنلەر پىسخولوگىيىدىن بەكرەك بىئولوگىيىنىڭ تەتقىقات دائىرىسىدە. ئېرسىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى گېنتىكا دەيمىز، بۇ ئىلىمدە ئەلى قۇربان دېگەندەك كۆز قاراشلار رەت قىلىنىدۇ.
ئەمدى يېشى چوڭ ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيەلەشتە تېخىمۇ سەۋىرچان ۋە تۇرمۇش بىلىملىرى كۆپ بولۇش ئىھتىمالىنى كۆزدە تۇتساق (مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك)، ئۇ ھالدا بۇ ئەلۋەتتە بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئائىلىسى بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما بۇ ئېرسىيەت قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ چۈنكى ئېرسىيەت دېگىنىمىز گېن ئارقىلىق ئەجدادنىڭ ئېرسىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئەۋلادقا ئۆتۈشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەجدادلار قېرىغاندا دېگەننى يۇقىرىدىكى تورداش ئېيتقاندەك 15-16 ياشنىڭ ئورنىغا 30-35 ياش دەپ چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئەجدادلارنىڭ بىلىم ئېرسىيەت قالىدۇ دېگىنىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئىلىمىي مەسىلىلەر مۇجىمەل گەپلەر بىلەن ئەمەس ئېنىق ئىپادىلىنىپ بېرىشى كېرەك ھەمدە ئېتىراپ قىلىنغان ئىلمىي پاكىتلار بىلەن دەلىللىنىشى كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا بۇ پەقەت بىراۋنىڭ خىيالىغا كەپ قالغىنى دېگىنى بولۇپ قالىدۇ.