يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا مەن يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن مەزگىللەردە ئىدارىمىزدە دەم ئېلىشقا چىققان بىر ئادەم ئاتمىش ياشقا يېقىنلاپ قالغان بىر ئايالنى خوتۇنلۇققا ئالدى،كېيىن ئۇ ئايال بىر ئوغۇل تۇغدى.......ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىش ئىدارىمىزدا پارتلاش خاراكتىرلىق بىر ۋەقە بولۇپ قالغان....كېيىن ئاڭلىسام بۇ بالا مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇپ،تولۇق ئوتتۇرا ھەم ئالى مەكتەپنىمۇ بېيجىڭدا ناھايىتى ياخشى بىر مەكتەپتە ئوقۇپتۇ...ئاتا ئانىسىمۇ بەك ئەقىللىق ئادەملەردەك قىلمايتتى بولمىسا،ياش ۋاقتىدا تاپقان بىر قىزىمۇ مۇشۇ ئىدارىدا ئولتۇرىدۇ گومۇشراق......
شۇڭا دەيمەن ھىچقانداق ئىشنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.....ھەر قانداق ئىشتا ھەر قانداق ئېھتىماللىق بار.........ئاللانىڭ قۇدرىتى چەكسىز
قېرىغاندا تاپقان بالا ئەقىللىق بولىدۇ دىگەن گەپ ئەزەلدىن بار گەپ...........
مەنمۇ ئۈچىنچى بالامنى قېرىغاندا تۇغدۇم،دادىسىمۇ قىرىق ئالتە ياشقا كىرىپ قالدى...ئەلبەتتە ئالدىنقى ئىككى بالاممۇ بىر بىرىدىن ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ.........لېكىن ما ئۈچىنسىچى كۆزۈمگە بەكراق ئەقىللىق چوڭ بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتىدۇغۇ
ئەسكەرتىش:شەخسى غەرەز بىلەن ئىنكاسىمغا ھۇجۇم قىلماڭ،چۈنكى ئىنكاسىمنىڭ ئەلى قۇربان بىلەن ئالاقىسى يوق..................