sefura يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 04:07 PM
بىلگەجان مەنچە سىز بۇ ئىلمى ئاساسى يوق دىگەن گەپنى بە ...
ئەگەر سىزنىڭ دېگىنىڭىزنىڭ ئاساسى بولسا سىز شۇ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى مەن مەزكۇر تېمىدا يازغاندەك تېما قىلىپ يوللاڭ ياكى ئىنكاس شەكلىدە شۇ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى كۆرسىتىڭ.
شۇ تاپتا مەن ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەردىن ئەقىللىق دېسەم كۆپ ماختاشلارغا سازاۋەر بولۇشۇم ئېنىق، ئەمما مەن بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىلمىي پاكىت بىلەن ئەمەس ئېغىزدىكى گەپ ۋە پەرەزلەر بىلەن دېيىلگەن ئۇنداق گەپنى قوللاشقا ئىلم ئەخلاقىم يوق قويمايدۇ. ئەگەر راستىنلا سىز قايىل قىلارلىق ئىلمىي پاكىت كۆرسىتەلىسىڭىز (ئىلمىي پاكىت دېگەننى چۈشىنىپ ئوقۇڭ)، مەن چوقۇم خاتا سۆزلىگىنىمنى تەن ئالىمەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇم بىر تۈردە ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە قاراپلا باشقا مىللەتلەردىن ئەقىللىق دەپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ. ئەقىلنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ھازىر ئەقىل كۆرسەتكۈچىگە تايىنىپ باھالايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈستىدە مۇشۇ خىلدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغان ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتقا ئىگە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولسا مېنى خەۋەردار قىلسىڭىز سىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن.
سىز گېپىنى قىلىۋاتقان تىل گېنلىرىدىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم بار بولۇپ، FOXP2 دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل گېننىڭ گاچا كىشىلەردە ئورتاق ھالدا توساتتىن ئۆزگەرگەنلىكى سەۋەبىدىن تىل ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك گېن ياكى «تىل گېنى» دەپ نام ئالغان. بۇ ماقالە تەبىئەت ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرگىلى بولىدۇ:
http://www.nature.com/nature/jou ... /full/413519a0.html
ئەگەر شىنجاڭدىكى تەتقىقاتچىلار مۇشۇ گېننى تەكشۈرىدىغان بىر تەتقىقات تۈرىنى ئىشلىگەن بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل گېنىدا بىرەر ئارتۇقچىلىق بارمۇ يوق ئاندىن بىلگىلى بولاتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 04:29 PM