توقماق يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 07:45 PM
رەھمەت.
مەن بۇ مۇنبەرنىڭ شېئىر تەستىقلىمەس بولغىنىدى ...
ئۇنداق گەپ يوق قاسىمكا:
بىر ياخشى شېئىرنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان بەدىئى قىممىتى نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
مىسالغا ئالساق مۇشۇ شېئىرىڭىزدا مۇنبەر باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ قىيىنلىقى، ماھىيىتىنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز. شېئىرىڭىزنى ئوقۇغان نۇرغۇن ئەزالارنىڭ كاللىسىدا مۇنبەر خىزمىتى، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ ۋە مۇنبەرنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىغا پايدىسى تېگىدۇ دەپ قارايمەن.
شۇڭلاشقا ‹‹يوللىمىساقلا بولىدۇغۇ›› دېگەن گەپنى ئىككىنچى قىلماي ، ياخشى يېزىلغان شېئىرلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-16 07:58 PM