تەسىرات
قاسىم سىدىق
(بىر خوتۇنغا جاۋاپ)
ئاشكارىسى بولماس سۈيقەسىتچى،
سۈيقەستچىدۇر نىقاپلانغىنى.
رىياكارنىڭ جايى جەھەننەم،
ئەسقاتمايدۇ ھېجاپلانغىنى!.
نامىزىڭنى پەش قىلما ماڭا،
ھېساپ ئاخىر مەقبۇل بولغىنى.
مۇسۇلمانمۇ سەجدىدە،ھەجدە_
ئېسۇ-يادى نەق پۇل بولغىنى؟!
گۇناھكارمەن،ئىگەملا قازى،
ئىبادەتتۇر _ قوبۇل بولغىنى.
ھاياسىزدۇر نامەھرەم تۇرۇپ،
يات ئەرلەرگە ئۇدۇل بولغىنى!....
205.4.19
مەنبە 136-قەۋەت:
http://bbs.bagdax.cn/thread-27889-17-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-20 12:25 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-20 09:07 AM):
ماۋزۇ ئۇزىنى “بىر خوتۇنغا جاۋاپ” قىلىپ ئۇزگەرتىۋاتسەم بولغىدەك.