ھەممىمىزگە پۇرسەت بار
قاسىم سىدىق
(ناخشا تېكسىتى)
بۇ ھاياتتا ھەر كىمگە“زەپەر” ئاتلىق پۇرسەت بار،
بولسا قاتتىق ئىرادە ھەر سەپەردە نۇسرەت بار.
پۈتتۈرەلمەس بىر ئىشنى،تەلەي ئىزدەپ يۆرگەنلەر،
دىمەڭ ھەرگىز ئەجىرسىز تىلىسەڭلا شەربەت بار.
ھالال راھەت تەكتىدە تالاي جاپا-مۇشەققەت،
كىم دەيدىكەن كەتمەننى چاپماي تۇرۇپ راھەت بار؟!
ئەجىر قىلماي بىرلوقما سالساڭ ئەگەرئاغزىڭغا،
بىر كۈن زەھەر تېتىيدۇ،تاپا-تەنە، مىننەت بار.
ئەمگىكى يوق ئەركەكنىڭ شۇدۇر تىرىك ئۆلگىنى،
راھەت تۇرماق بۇ ئەرگە ھەر دۇقمۇشتا نەپرەت بار.
جاپاسىدا ئەمگەكنىڭ ئىپتىخار بار،قۇدرەت بار،
ھۇرۇنلارنىڭ قەلبىدە پايانى يوق زۇلمەت بار!.
2015.1.23
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-23 02:42 PM