heqqaniyet يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 08:29 PM
بىلىم ئەقىلگە تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئەقلىڭىز تۆۋ ...
ئەقىلنىڭ قىسمەن ئېرسىيەت قېلىشىغا ئىشەنسەك بولدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى كۆپ چاغلاردا چوڭلار، بەزى باللارنى دادىسىدەك(ياكى تېگىدىن) ئەقىللىق بوپتۇ دىيىشلىرى شۇ ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن دەپ قارايمەن.
لېكىن ئەقىل ئېرسىيەت قالسا، چوقۇم بىلىممۇ ئېرسىيەت قالىدۇ دىيىش توغرا ئەمەس.
چۈنكى ئەقىل ئۇ يەنىلا ئەقىل، گەرچە سىز دىگەندەك، ئەقلى تۆۋەنرەكلەر بىلىم ئارقىلىق، ئەقلىنى غىدىقلاپ، بىر تەسىرلەرگە ئېرىشتىمۇ دەيلى.
ئۇنىڭ ئېرسىيىتىدە قېلىپ قالىدىغىنى يەنىلا ئەقىل، ھەرگىز بىلىم ئەمەس.
يەنى ئەقىلدىكى بەزى ئالامەتلەر، ئاتا-ئانىسىنىڭ مىجەز-خۇلقى، قىزىقىشلىرى(ئاتا-ئانىسىدىكى قىزىقىشلار) دىگەندەك نەرسىلەر ئېرسىيەت قېلىشى مۈمكىن.
شۇنىڭ بىلەن شۇ ئېرسىيەت قالغان قىزىقىشلار تۈپەيلى، بالىلارنىڭ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دىسەك، بۇ يەردە بلىم ئېرسىيەت قالغان بولسا، ئۇ بالىلار سوئال سورىمايلا، مەن ما ئىشلارنى بىلىمەن دەپ سۆزلەپ بەرگەن بولاتتى.
شۇڭا بۇ يەردە ئېرسىيەت قالغىنى يەنىلا قىسمەن ئەقىل، ھەرگىز بىلىم ئەمەس.
شۇ ئەقىل ئېرسىيىتى قالغان بالىلار يەنىلا سوئال سوراش، ئۈگۈنۈش ئارقىلىق بىلىم ئىگەللەشكە مۇھـتاج بولدۇ.
ئەگەر بىلىم ئېرسىيەت قالىدىغان ئىش بولسا، بۇ دۇنيادا بىلىملىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ھىچنەرسە ئۈگەنمىسىمۇ بىلىملىك دىگەنلىك بوپ قالىدۇ.
شۇڭا ئەقىل بىلەن بىلىمنى ئارلاشتۇرۋالماسلىق كېرەك.
بىلىم ھەرگىز ئېرسىيەت قالمايدۇ.