yagaqqi يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 03:42 PM
ئەپەندىم ، شىىر يازدىم دەپ ۋەزىن - قاپىيىسى كەلمىگەن ...
توغرا دەيسىز قىرىندىشىم. ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەر بىر كۇبلىتى جەمئىي 4 مىسرا بولۇپ، ھەر بىر مىسراسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر ئوي - پىكىرنى ۋە ياكى مۇستەقىل بىر مەزمۇننى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە 2- مىسراسى بىلەن 4- مىسراسى ئۆز- ئارا قاپىيەداش كىلىدۇ. شۇڭا مۇتىخەسىسلەر ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ جەلىپكارلىغىنى ماختاپ: ‹‹ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ھەر بىر مىسراسىدىن بىر رومان پۈتىدۇ›› دەيدۇ. مەسىلەن:
ئەلچى قويسام ئاناڭغا،
كىچىك دەپتۇ يىشىڭنى.
كىچىك بولساڭ نىمىشقا،
قارا قىلدىڭ قېشىڭنى.
دىگەنگە ئوخشاش. مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ تەرىپىگە دىققەت قىلىشىنى سورايمەن ( ئاتىكاچىلىق قىپقويدۇم-ھە، ئۆزەمچە؟)