شۇنداق قىلىپ يىگىتلەر ،
يول قۇيۇپتۇ قىزلارغا .
يېڭىلدۇق دەپ تەن بېرىپ ،
مېڭىشىپتۇ قىرلارغا .
ئېرشات بىلەن ئەپچىلەم ،
تەن بېرىپتۇ ئاخىرى .
دەپتۇ ھەم يېڭىلگىنىمىز ،
بۇلۇپ قالسۇن دىل سىرى .
يېڭىش - يېڭىلىش دېمەي ،
ئىناق ئۆتسەك بولمامدۇ ؟
ئىناق ئۆتسەك گەر مۇنبەر ،
قىزغىنلىققا تولمامدۇ ؟
تىللاشمايمەن ھەرگىزمۇ ،
كەتسەڭلارمۇ تېرىكىپ .
بەلكى مۇڭداش بولارمەن .
گەر قالساڭلارزېرىكىپ .
شۇڭا دوستلار چاقچاقمۇ ،
ئۆز لايىقىدا بولسۇن .
شۇنىڭ بىلەن مۇنبەرمۇ ،
خۇشبۇي ھىدلارغا تولسۇن .
قىسىپ كۆزلەر تۇمارىس
بەخىت تىلەر سىلەرگە .
مەڭگۈلۈككە يار بولسۇن .
ئۆم - ئىناقلىق بىزلەرگە .
سىلىق سۆز تاشنى يارار.
قوپال سۆز يۈرەكنى يارار.
ئىناق - ئىجىل ئۆتەيلى ،
ئەمىسە شۇنداق قارار .
كىم چېچىلسا تېرىكىپ ،
قولىقىنى سوزايلى .
ئاداش - ئاداش بۇلۇشۇپ ،
ياخشى دوسلۇق قۇرايلى .
ھۇررا...باشلاندى ھۇجۇم .
ئوغۇللارنىڭ سېپىگە .
قىزلار ئوينىماڭلار ئۇسسۇل ،
ئوغۇللارنىڭ دېپىگە