مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

مىسرانىم مۇنبىرىگە ھەقىقىي پىكىر بېرىڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

jiksandisunapan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 02:43:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:11-قەۋەت (gulsabir) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

باشقىلىاردىن ئۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11628
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9650
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2011-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 02:45:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  دىسەم  بۇ  دىگەن مەۋھۇم  دۇنيا  بىز  پىكىر  بەرسەكمۇ  بىزنىڭ  قانداق  ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلمىگەن دىكىن  مۇنبەر  باشقۇرغۇچىلار  يەنىلا  ئۈزى بىلگەننى  قىلدۇ  بىز  ھەممىمىز  پىكىر  بەر  دىسە  بىر  مۇنچە  پىكىر  بىرمىز ھەم  بىرمەن پىكىر  دىسە مەندىمۇ  بىر  مۇنچە پىكىر  بار  لىكىن ئاڭلايدىغان ئادەم  يوق  گەپنىڭ قىسقىسى (كىشىنىڭ ئىشىنى قىلسا تۇمۇزدا قول كۈيىدۇ) ئۈزىمىز تىرىشمىساق  بىكار  
            (تىرىشچانلار ئۇزايدۇ يىراق مەنزىلگە قاراپ،
             تىرىشمىغانلار تۇزايدۇ ئىس-تۈتەكتەك تاراپ.)
مىسرانىمنىڭ تىخىمۇ تەرەققى قىلشى ئۈچۈن  بىر كىشلىك ھەسسە قۇشىمەن
ھەم مسرانىمنىڭ تەرەققى قىلشىنى تىلەيمەن ئامىن

كۆزۈڭنى يۇم،كۆز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2228
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24291
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 6606 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 02:46:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىز مىسرانىمنى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كەتسىكەن دەيمىز.تۆۋەندە مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي.
1.مۇنبەرنىڭ گەرچە ئادەم سانى جىق بولسىمۇ،تىما،ئىنكاسلارنىڭ سانى جىق بولسىمۇ لېكىن كىشىگە ياقىدىغىنى ناھايىتى ئاز،ئەلۋەتتە،ھەممە ئادەمنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ.مەن ئويلايمەن.مۇنبەردە سان بار ساپا يوق.ھەممىمىزنىڭ ئىشىمىز بار،مۇنبەرگە كۈنلەپ قاراپ ئولتۇرالمايمىز.ئانچە مۇنچە كىرگەندە بىر بەت تىمىلارنىڭ ئىچىدىن تېتىمىق تىمىدىن بىرنى تاپالماي ئۈمۈدسىزلىنىپ چىقىپ كەتكەن ئەزالار نۇرغۇن دەپ ئويلايمەن.گەرچە ئۆزىمىز يازالمىساقمۇ لېكىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل سەۋىيە كېتىدۇ،ھېچ بولمىسا شۇ يازغۇچىغا نىسپەتەن مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان.ياكى تەنقىد قىلىدىغان ئىنكاسلارنىمۇ بولسا قالدۇرالايدۇ.ئىنكاس بولسا قەلەمكەش ئۈچۈن يىڭى تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ...بۇ خىل ئەھۋالدا بەزى تورداشلارمۇ دەپ ئۆتۈپتۇ.مەنمۇ شۇنى دەيمەن.بولسا قەلىمى ئۆتكۈر.ئىدىيىسى ئىلغار ئەدىبلىرىمىزنى تەكلىپ قىلساق.يەنى سەرخىللاشقان ئەدىبلەر قوشۇنى بولسا،بۇنداق بولغاندا ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىغىمۇ زور قىزغىنلىق قوشىلاتتى دەپ ئويلايمەن.مەسىلەن.مۇشۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغان قەلەمكەشلىرىمىزمۇ نۇرغۇن.ئەزىزان،ھىجران،ئۈزۈمچى.ناز.گۈلگۈن،ھېسلىرىم،ئۇيغۇرشاھ دېگەنگە ئوخشاش.لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپى قولىغا قەلەم ئالماس بولىۋالدى،نىمە ئۈچۈن؟ئومۇمىي كەيپىيات سۇس،يا جاپا تارتىپ يازغان نەرسىسى ئاسانلا كۆمۈلۈپ قېلىۋاتقان،يا بولمىسا ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بىلەن كۆڭلى قېلىۋاتقان.شۇڭا مۇشۇنداق قەلەمكەش ئەزالارغا كۆپرەك ئىلھام بەرسەك.
2.مۇنبەرداشلار بىلەن سۆھبەت پىروگراممىسىمۇ شۇنداق ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ،شۇنىڭغا ئوخشاش ئومۇمىي مۇنبەر پائالىيتىگە ئەھمىيەت بېرىلسە.
3.باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى مەخسۇس ئىنكاسلارغا ئاجرىتىلسا،پاخپاق ،تېتىقسىز ئىنكاس بەك جىق.
4.دېسەم تىلىم كۆيىدۇ دېمىسەم دىلىم كۆيىدۇ،بەزى مەزمۇنى كىچىكلەرنىڭ كۆرىشىگە ماس كەلمەيدىغان تىمىلار قەتئىي تەستىقلانمىسا،بەك بولمىسا سېتىۋېلىپ كۆرىدىغان قىلىنسا.ئۆيدە ۋاقتىدا نەچچە قېتىم شۇنداق ئوڭايسىزلاندىم دادام بىلەن مۇنبەر كۆرۈپ ئولتۇرۇپ.مۇنبەر ساغلاملىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنسە.

" مەن قايتىلانمايمەن،ئۆمرۈم يىڭىلانمايدۇ،پەقەت قايتىلىنىدىغىنى باھار، يىڭىلىدىغىنى ئارمان!"

ئىزىڭدىن تىكەن ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1906
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12969
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6484 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 02:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقىۋاتقان چاغلىرىمدا مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان ئاتا- ئانىسىنى بەكلا قاخشاتقان،ئۆيدىن بىر چىقىپ كەتسە ھەپتە -ھەپتىلەپ ئۆيگە كىرمەيتتى. بىر قېتىم يەنە شۇنداق بولدى.شۇ قېتىم دادىسىنىڭ مۇئاشىنى  ئوغۇرلاپ يانچۇقىغا سېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ،شۇ چىقىپ كەتكۈنىچە بىر ئايچە ئۆيگە كىرمەپتۇ،بىزنىڭ ئىزلىمىگەن يېرىمىز قالمىدى.بىر كۈنى مەن ئۇنى كىچىككىنە قاۋاقتىكى ھاراق ئۈستىلىدە جوزىغا نەچچە بوتولكا ھاراق قويىۋېلىپ، ئالدىغا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىككى قازاق بالىنى ئولتۇرغۇزىۋېلىپ ،ئاتا -ئانىنى قاخشتىشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى توغۇرسىدا نەسىھەت قىلىپ ئۇ ئىككىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ يىغلىتىۋەتكەن ھالىتىنى  كۆرۈپ ھەيران قالغانتىم.  ئەپسۇس ئۇ باشقىلارغا نەسىھەت قىلىپ بولۇپمۇ يەنە كونا يولىدا مېڭىۋەردى!
    مەن مىسىرانىدا ئەشۇ دوستۇمغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدا  چاتىقى يوق، لېكىن  باشقىلارغا پەندى-نەسىھەت قىلىشقا خۇمار بولۇپ قالغان (ھەممىمىز پاك،ھېچكىمدە گۇناھ يوقتەك ئىنكاس يازىمىز. ھەممىمىز پاك بولساق شۇ نەسىھەتنى كىمگە قىلىمىز؟؟)  ئەزالارنىڭ تېما-ئىنكاسلىرىنى چەكلىسىكەن دەپ ئويلايمەن!
   مەن ئادەتتە تېما يوللىمايمەن،لېكىن ئىنكاس يازىمەن. ھازىر ئىنكاس يازغۇدەك تېمىلارمۇ ئازلاپ كەتتى.

تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر جازاسى ئۆلۈم ئەمەس، بەلكىي   لەنەت تاختىسىغا مەڭگۈلۈك  مىخلىنىش!
ھېسلىرى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 02:58:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

23-قەۋەت (shungqar) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 999
يازما سانى: 1356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107745
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 4409 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 02:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئالدىراشچىلىقتا ھازىر مۇنبەرنى بېسىپ كۆرەلمەيۋاتىمەن..... شۇڭا جىق پىكىر-تەكلىپ بېرىشكە تېگىشلىك نۇقسانلىق نۇقتىلارنى بايقىمىدىم....

ئەمما، تورداشلارغا ئوخشاش بىر قانچە ئويۇم بار:

بىرىنجىسى، مۇنبەر بانكىسىنىڭ پۇل يۆتكەش ئىقتىدارى سەۋەبسىز تاقىلىپ قالدى. بولسا، شۇ ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى ئوبورت ئايلىنىشىغا يول ئاچقان بولساڭلار.....

ئىككىنجىسى، ئىدىرىسجان دېگەندەك سوۋغات مەركىزىنى بىر ئامال قىلىپ قۇرساق بولاتتى.

ئۈچىنجىسى، بۇرۇن مۇنبەرلەردە يەر ئىگىسى ئويۇنى (斗地主) ئوينىغىلى بولاتتى،  مۇشۇنى ھازىرمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئازىراق تىرىشىپ باقساڭلار.

تۆتىنجىسى، ئۆزگىچە ئىمزا، كىيىم دېگەندەك باش سۈرەت ئەتراپىنى بېزەشكە كېرەكلىك بىر ئىقتىدارلار بولىدىغان..... مەن بۇ ئىقتىدارلارنى ھېلىمۇ سىلەردىن كۈتىمەن.

ئەڭ مۇھىمى، ماتېماتىكا ئېيتقاندەك نادىر تېما تاللاشتا، پەن-تېخنىكا ۋە تارىخىي سەھىپىلەردىكى تېمىلارغىمۇ ياخشىراق دىققەت قىلىپ قويساق.


دېھقانچىلىق مەيدانى ئېچىلىپ، مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارلىرى جەھەتتە ھازىرقى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ئالدى بولۇپ قېلىشىغا يول ئاچقان. يۇقارقى مۇنبەر پۇلىنى ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارلىرى مۇنبىرىمىزنى بۇ جەھەتتە (كۆڭۈل ئېچىش) تېخىمۇ مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلەندۈرگەن بولاتتى....

مەن ئاپامنىڭ ئاپئاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.......
ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 03:02:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بىلىم-كۈچ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7521
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10936
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 4544 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 03:04:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇسىز!مىسرانىم ئاكا!
مىسرانىمغا ئەزا بولغاندىن بېرى،مىسرانىمدىن ئۆزەمگە پايدىلىق بولغان ئۇچۇرلارنى
ئىگلەپ،مەنىۋى دۇنيارىمنى بېيىتىپ كىلىۋاتىمەن.مەن مىسرانىمدىن تولىمۇ خۇرسەن.

تەكلىپ:بايا مەن مىسرانىمغا <مىسرانىم فوندى> سەھىپىسى ئېچىلسا دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىدىم.بۇ تەكلىپنى بىر ئويلىشىپ كۆرسىڭىز.ئەزالارمۇ بۇ ئىشنىڭ بىرقەدەر تەس ئىكەنلىكىنى ئىنكاسلىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتتى. توغرا بىر ئىشنىڭ باشلانمىقى تولىمۇ تەسكە توختايدۇ.ئەمما يەنىلا بۇ يولدا بىر نۆۋەت تىرىشىپ كۆرسىڭىز،بۇ ئىش ۋۇجۇدقا
چىقسا تولىمۇ ياخشى ئىش بولاتتى.ئەگەر پەقەت بولمىدى دېگەندە مىسرانىمدا
<مىسرانىم ئىئانە ساندۇقى> سەھىپىسىنى ئىچىشنىمۇ ئويلىشىپ كۆرسىڭىز.بۇ بىر قەدەر
ئاسانراقمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.ئاخىرىدا مىسرانىمنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا
تىلەكداشمەن!

ئېتىقاد ھاياتتى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20667
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6096
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2011-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 03:05:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مۇنبەر ئەھلى ،مەن مۇنبەرگە يېڭىلا كىرگەن ئەزا بولغاچقا مۇنبەرگە بولغان چۈشىنىشىم يېتەرلىك ئەمەس،شۇڭا نېمە دەپ تەكلىپ-پىكىر بېرىشنىمۇ بىلەلمەي قالدىم.مېنىڭ ئويلايدىغىنىم ھەممىمىز بىرلىكتە مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارساق.كونىلارنىڭ "يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس،چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس"دېگەن بىر گېپى بولىدىغان، شۇڭا بىرلىكتە ئالغا باسساق دېگەن ئۈمۈدتىمەن!

ئۈمۈدۋار بولۇڭ! ئۈمۈدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى.

بىر مىللەتتە ساپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 1137
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19860
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5347 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 03:12:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىككى ئېغىز قوشۇپ قوياي.
1. مۇنبەردە ئەزا، تىما دېگەن ساماندەك، ئەمما ساپالىق ئەزا، تىتىملىق تىما بارماق بىلەن سانىۋالغىدەك. شۇڭا ئىملا جەھەتتىلا ئەمەس، مەزمۇن جەھەتتىن ياخشى چىققان تىمىلارنى ئامالنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۇرۇپ، بولمىدى دېگەندىمۇ ئۈچ كۈن مۇنبەر مۇندەرىجىسە ساقلاپ قالساق.
2. مۇنبەردىكى تىمىلارنىڭ %  50 نى  شېئىر تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا چوقۇم شېئىرغا چەك قويۇلسا. (مۇھاببەت ھەققىدىكى ھېلىقى تۆت مىسرانى تىزىپلا شېئىر دەپ يازغان شېئىرنى ئويلىسام مۇنبەرگە زادىلا كىرگىم كەلمەيدۇ).
3. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ بولغان مەخسۇس بىر ساھىپە تەسىس قىلىنسا.

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش